پەلسەپەنىڭ قىسقىچە تارىخى 4- باب تەرجىمىسى

2020-يىلى 11-دېكابىر

4- باب

باغچىغا بارىدىغان يول – ئېپىكىرۇس

 

 

ئۆزىڭىزنىڭ  دەپنە مۇراسىمىڭىزنى خىيال قىلىپ بېقىڭ. كىملەر كېلەر؟ نېمە گەپلەر بولار؟ قانداق تەزىيە، مەرسىيەلەر يېزىلار؟ تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى بۇ ئ‍ىشلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ نۇقتىنەزىرىڭىزدىن

چىقىۋاتىدۇ. خۇددى سىز ئاسماندا تۇرۇپ ياكى مۇراسىمغا كەلگەنلەر ئارىسىدا تۇرۇپ كۆرۈۋاتقاندەك . بەزى كىشىلەر دەل مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىغا، يەنى بىز ئۆلگەندىن كېيىن روھىمىز بەدىنىمىزدىن ئايرىلىپ، بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ دەپ ئىشىنىدۇ. «ئۆلۈم بىلەن ھەممە ئاخىرلىشىدۇ» دەپ بۇنداق بولۇشىغا ئىشەنمەيدىغانلار بىر زىددىيەتكە دۇچ كېلىدۇ. يەنى ئۇلار «ئۆلۈم بىلەن ھەممە ئاخىرلىشىدۇ» دەپ تەسەۋۇر قىلىشقا باشلىغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، پۈتۈن بۇ ئىشلارنى ئۇلارنىڭ مەۋجۇد بولۇپ ئاندىن تەسەۋۋۇر قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.  يەنى بىز يوق بولغان بىر ھالەتنى يەنە بىز بار بولۇپ تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز كېرەك .

 

مەيلى بىز ئۆز ئۆلۈمىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلالايلى ياكى قىلالمايلى، ھەر ئىككىلىسىدە يوق بولۇپ كېتىشتىن ئىبارەت بىر ئەندىشە غىل – پال كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. كىممۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلمىسۇن؟  ئەگەر ئەندىشە قىلىشقا تېگىشلىك نەرسە بار دېيلسە، ئۇ دەل مۇشۇ ئىشتۇر. ئۆزىمىزنىڭ ئۆلۈمىدىن، يەنى بىر قانچە يىلدىن كېيىن بولسىمۇ، بۇ دۇنيادا مەۋجۇد بولماسلىقىمىزدىن ئەندىشە قىلىش بىمەنىلىك ئەمەس،  بەلكى ئەقىلگە ئۇيغۇن، تەبىئىيلىكتۇر. بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويلانمايدىغان ئىنسان بەلكىم يوق دېيەرلىك.

 

قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپى ئېپىكىرۇس (مىلادىدىن بۇرۇنقى 270-341) ئۆلۈمدىن ئەندىشە قىلىش ۋاقىت زايە قىلىش ۋە مەنتىقىسىزلىك دەپ قارىغان. «بۇ بىز يېڭىشىمىز كېرەك بولغان بىر ئەندىشە (ياكى بىر پىسخىكىلىق بىر ھالەت) بولۇپ، ئەگەر بۇ ھەقتىكى تەپەككۇرىڭىز سۈزۈك ھەم توغرا بولسا، ئۆلۈم قورقۇنچلۇق بولماسلىقى كېرەك؛ سىز بۇ ھەقتە توغرا ئويلىيالىسىڭىز بۇ ھاياتلىقنى قەدىرلەپ ياشايسىز».  ئېپىكىرۇس ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمى مۇشۇ ئىدى.  ئۇنىڭ قارىشىچە پەلسەپەنىڭ  غايىسى ھاياتنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىش بولۇپ، بەزى كىشىلەر ئۆلۈم ھەققىدە ئويلىنىش قورقۇنچلۇق بىر ئىش دەپ قارىسا، ئېپىكىرۇسچە بۇ ھاياتنى تېخىمۇ مەنىلىك قىلىشنىڭ يولى ئىدى.

 

 

تەرجىمان: ئابدۇلھەفىز مەخسۇم

تەرجىمە تەھرىرى: ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

 

كىتابنىڭ 4-بابىنىڭ تەرجىمىسىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*