ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار
يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرنىڭ بىخەتەرلىك پارادىگمىسى (ئەندىزىسى)، تېررورىزمنىڭ ئەنئەنىۋى چېگرالىرىدىن ھالقىپ رەقەملىك دۇنياغا يۆتكىلىشى بىلەن تۈپتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. تارىخىي جەرياندا تېررورىزم؛ بومبا ھۇجۇملىرى، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە گۆرۈگە ئېلىۋېلىش قاتارلىق زوراۋانلىق ئۇقۇملىرى بىلەن تەسۋىرلىنىدىغان فىزىكى بىر ھادىسە دەپ قوبۇل قىلىناتتى. ھالبۇكى، ئۇچۇر تېخنىكىلىرى، ئىنتېرنېت ۋە سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئەقىلنى لال قىلغۇدەك دەرىجىدىكى تەرەققىياتى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈش، پۇل-مۇئامىلە سىستېمىلىرىنى كونترول قىلىش ۋە جەمئىيەتلەرنى پىسخىكىلىق جەھەتتىن ۋەيران قىلىش ئىقتىدارىنى تەمىنلەيدىغان يېڭى بىر «جەڭ مەيدانى» ئاچتى. بۇ يېڭى مەزگىلدە، بىر كۇنۇپكىنىڭ بېسىلىشى، بىر بومبىنىڭ پارتلىشىدىنمۇ بەكرەك كەڭ كۆلەملىك ۋە مەڭگۈلۈك زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.
رەقەملىشىش جەريانى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى قايتىدىن بەلگىلىشىگە سەۋەب بولدى. ئەمدىلىكتە تېررورىزم پەقەت مەلۇم بىر جۇغراپىيەدە يۈز بېرىدىغان ھەرىكەتلەر توپلىمى ئەمەس، بەلكى چېگرالار ئەھمىيىتىنى يوقاتقان، زامان ۋە ماكان چەكلىمىسى يوقالغان يەر شارى خاراكتېرلىك بىر تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ھىبرىد (ئارىلاشما) ئۇرۇشتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا،« دىجىتال ساھەدىكى تېررورىزم» (Terrorism in the Digital Age) ئۇقۇمى، پەقەت بىر تېخنىكىلىق تەرەققىياتنىلا ئەمەس، بەلكى تېررورچى تەپەككۇرىنىڭ ۋە مېتودولوگىيەسىنىڭمۇ تەرەققىياتىنى ئىپادىلىمەكتە. دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرى بولسا، كۆپىنچە ھاللاردا «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دەۋرىدىن قالغان تەبىقىلىك قۇرۇلمىلار ۋە قىياسلاش (analog) قېلىپلىرى بىلەن بۇ ئۆزگىرىشچان تەھدىتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشماقتا. بۇ ئەھۋال، دۆلەتلەر بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا خەتەرلىك بىر ئىستراتېگىيەلىك يوچۇقنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولماقتا.
بۇ ماقالە، دىجىتال تېررورىزمنىڭ ئونتولوگىيەلىك مەۋجۇتلۇقىدىن باشلاپ، شەخسلەرنىڭ تور مۇھىتىدا قانداق رادىكاللاشقانلىقىغا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى يېتىلدۈرگەن يېڭى ئەۋلاد «tradecraft» (تېخنىكىلىق ماھارەت) ئىقتىدارلارغا ۋە دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەھدىتلەر ئالدىدىكى ئىستراتېگىيەلىك يېتەرسىزلىكلىرىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئانالىز تەمىنلەنگەن بىرىنچى قول مەنبەلەر ياردىمىدە، دىجىتال تېررورىزمنىڭ پەقەت بىر «تور جىنايىتى» ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپكە تەھدىت سالىدىغان مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ماقالە داۋامىدا نەزەرىيەۋى مۇنازىرىلەر ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار بىلەن دەلىللىنىدۇ ۋە كەلگۈسىگە ئائىت مۆلچەرلەر سۇنۇلىدۇ.
دىجىتال تېررورىزمنىڭ ئونتولوگىيەسى ۋە ئۇقۇم چېگرالىرى
دىجىتال تېررورىزم ياكى تور تېررورىزمى (Siber terörizm) ئۇقۇمى، ئىلمىي ئەدەبىياتتا ۋە خەلقئارا قانۇندا تېخىچە ئېنىق بېكىتىلمىگەن، چېگرالىرى مۈجمەل بىر مۇنازىرە ساھەسىدۇر. دونالد ل. بۇرىشنىڭ «دىجىتال تېررورىزم راستتىنلا مەۋجۇتمۇ؟» (Does Digital Terrorism Really Exist?) ناملىق تەتقىقاتى، بۇ ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقىنىڭ مەركىزىگە چۆكۈپ، دىجىتال ھەرىكەتلەرنىڭ قاچان «تېررورىزم» دەپ ئاتىلىشى مۇمكىنلىكىنى تەھلىل قىلىدۇ. ئەنئەنىۋى تېررورىزم زوراۋانلىقنىڭ سىستېمىلىق قوللىنىلىشىنى، پۇقرالارغا قارىتا قورقۇنچ يارىتىش مەقسىتىنى ۋە سىياسىي بىر نىشانغا يېتىش نىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھالبۇكى، دىجىتال دۇنيادا «زوراۋانلىق» ئۇقۇمى فىزىكىلىق ئۇچرىشىشتىن خالىي بولغاچقا، بىر تور ھۇجۇمىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى ھېسابلىنىپ-ھېسابلانمايدىغانلىقى مەسىلىسى، ھۇجۇم پەيدا قىلغان «تەسىر» ئارقىلىق باھالىنىشى كېرەك.
بىر ھەرىكەتنىڭ دىجىتال تېررورىزم دائىرىسىدە باھالىنىشى ئۈچۈن، ھۇجۇم پەقەت بىر كومپيۇتېر سىستېمىسىغا رۇخسەتسىز كىرىش ياكى سانلىق مەلۇمات ئوغرىلاشلا بولماسلىقى كېرەك. دىجىتال تېررورىزم قاتارىدا سانىلىشى ئۈچۈن نىشان قىلىنغان دۆلەتنىڭ ياكى ئورگاننىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە (ئېلېكتىر تورلىرى، سۇ سىستېمىلىرى، ھاۋا قاتناش كونتروللۇقى، يادرو ئەسلىھەلىرى) زىيان يەتكۈزۈپ، ئۆلتۈرۈش ۋە يارىلاندۇرۇش، زور ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىققا ياكى ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىققا يول ئېچىش نىيىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى لازىم. بۇرىشنىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر بىر تور ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئىنسانلار ئۆلسە ياكى يارىلانسا، ياكى جەمئىيەتتە بىر ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ كەيپىياتى (تېررور) كەڭ تارقالسا، بۇ ھەرىكەت مۇتلەق ھالدا رەقەملىك تېررورىزم ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدا، نىيەتنىڭ سىياسىي ياكى ئىدېئولوگىيەلىك بولۇشى، ھەرىكەتنى ئاددىي تور جىنايەتلىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر.
ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئارقىلىق«خاكتىۋىزم» (hacktivizm) بىلەن «تور تېررورىزمى» ئوتتۇرىسىدىكى ئىنچىكە چىگرامۇ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ .تور بەتنى بۇزۇۋېتىش (defacement) ياكى زىيارەتنى چەكلەش (DDoS)، ئادەتتە خاكتىۋىزم ياكى تور بۇزغۇنچىلىقى دەپ ئاتالسا؛ بىر دوختۇرخانىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇلۇپلاپ بىمارلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولالايدىغان بىر يۇمشاق دېتالى (ransomware) ھۇجۇمى، تېررورىزم دەپ باھالاشقا تېخىمۇ ئۇيغۇندۇر. دىجىتال تېررورىزم، مەۋھۇم قوراللارنى ئىشلىتىپ فىزىكىلىق نەتىجىلەرنى پەيدا قىلىش ھەرىكىتىدۇر. شۇڭا، تور بوشلۇقىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ فىزىكىلىق دۇنيادىكى تەسىرى ۋە كۆلىمى تېررورنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئۆلچەمدۇر.
تارىخىي مەلۇماتلار تەكشۈرۈلگىنىدە، رەقەملىك تېررورىزمنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت. ئېستونىيە (2007)، گىرۇزىيە (2008) ۋە ئۇكرائىنا (2015) مىساللىرىدىن دۆلەت سىرتىدىكى ئاكتىيورلارنىڭ ياكى دۆلەت قوللىشىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ، تور ۋاسىتىسى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قانداق تەھدىت سالالايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۇكرائىنا ئېنېرگىيە تورىغا قىلىنغان ھۇجۇم، تور ھۇجۇملىرىنىڭ پەقەت سانلىق مەلۇمات ئوغرىلاشلا ئەمەسلىكىنى، فىزىكىلىق دۇنيادا يورۇتۇش، ئىسسىتىش سىستېمىلىرىنىڭ توختاپ قېلىشىغا ۋە ھاياتنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ ۋەقەلەر، دىجىتال تېررورىزمنىڭ نەزەرىيەۋى بىر سېنارىيە بولۇشتىن تەرەققى قىلىپ، ئاللىبۇرۇن ئەمەلىي بىر ئۇرۇش قورالىغا ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇۋاتماقتا .
يەنە بىر تەرەپتىن، دىجىتال تېررورىزمنىڭ ئېنىقلىمىسىدىكى مۇجمەللىك، دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەھدىتكە قارشى ئورتاق بىر قانۇنىي ئاساس يارىتىشىغا توسالغۇ بولماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، تېررورىزمنىڭ ئېنىقلىمىسىدا «فىزىكىلىق زوراۋانلىق» تەكىتلىمىسىنى ساقلاپ قېلىۋاتقان بولۇپ، رەقەملىك ھۇجۇملار پەيدا قىلغان «سىستېمىلىق زوراۋانلىق» نەزەردىن ساقىت قىلىنماقتا. ھالبۇكى، بىر دۆلەتنىڭ بانكا سىستېمىسىنىڭ گۇمران قىلىنىشى، بومبىلىق ھۇجۇمدەك قانلىق ۋەقە بولمىسىمۇ، پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي زىيان ۋە مۇقىمسىزلىق جەھەتتىن تەڭداش، ھەتتا تېخىمۇ ۋەيران قىلغۇچ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، تېررورىزم ئەدەبىياتىنىڭ «دىجىتال زوراۋانلىق» ئۇقۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىلىشى زۆرۈردۇر.
خۇلاسىلىگەندە، دىجىتال تېررورىزم مەۋجۇت ۋە ئەنئەنىۋى تېررورىزمدىن تېخىمۇ مەككار، تېخىمۇ تېز ۋە بايقاش تېخىمۇ تەس بىر تەھدىت سۈپىتىدە ئالدىمىزدا تۇرماقتا. بۇ تەھدىت، پەقەت دۆلەتلەرنىڭلا ئەمەس، خۇسۇسىي ساھەنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭمۇ بىخەتەرلىكىنى نىشان قىلغان ئاسىمېترىك بىر قۇرۇلمىغا ئىگە. كەلگۈسىدە، بۇيۇملار ئىنتېرنېتى ( ئەڭ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇيۇملارنىڭ – مۇزلاتقۇ، سائەت، ماشىنا، تېرموستات قاتارلىقلار- سېنزور ۋە يۇمشاق دېتاللار ۋاسىتىسى بىلەن ئىنتېرنېتقا ئۇلىنىپ، ئۆزئارا ياكى بىز بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىدۇر، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئادەمنىڭ ئارىلىشىشىسىز «سۆزلىشىشى»گە ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قارارلارنى چىقىرىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ) ۋە ئاپتوماتىك سىستېمىلارنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن بىرگە، رەقەملىك تېررورىزمنىڭ تەسىر دائىرىسى ئۆيلىرىمىزدىن ماشىنىلىرىمىزغىچە كېڭىيىدۇ ۋە «تېررور» ئۇقۇمى ھاياتنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىگە سىڭىپ كىرىشى مۇمكىن.
دىجىتال «Tradecraft» ماھارەت ۋە تېررورنىڭ تېخنىكىلىق قورال-ياراق ئامبىرى
زامانىۋى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى، پەقەت ئىدېئولوگىيەلىك تۈرتكە بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان گۇرۇپپىلار بولۇپلا قالماي،ئاللىبۇرۇن يۇقىرى تېخنىكىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان، مۇرەككەپ بىرەر تور تەشكىلاتىغا ئايلاندى. «The Hindu» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «Digital Tradecraft» ئانالىزى ۋە UNICRI دوكلاتلىرىدا، تېررورچىلار ئىشلەتكەن دىجىتال قوراللار ۋە ئۇسۇللارنىڭ، دۆلەت ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىدارلىرى بىلەن رىقابەتلىشىدىغان ھالغا كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «Tradecraft» (ھۈنەر/تېخنىكىلىق ماھارەت) ئۇقۇمى، ئەمدىلىكتە پەقەت فىزىكىلىق دۇنيادا يوشۇرۇنۇش، ئىزىنى يوقىتىش ياكى بومبا ياساش ماھارەتلىرىنىلا ئەمەس؛ شىفىرلىق ئالاقە، نامسىز مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە تور ھۇجۇمى ئىقتىدارلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا.
تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىجىتال قورال ئامبىرىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللاردىن بىرى، ئۇباشتىن بۇ باشقا شىفىرلاش (end-to-end encryption) تېخنىكىلىرىدۇر. Telegram, Signal, WhatsApp قاتارلىق ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەپلەر بىلەن بىرگە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرى لايىھەلىگەن مەخسۇس يۇمشاق دېتاللارنى ياكى «Dark Web» (قاراڭغۇ تور) دىكى يېپىق مۇنبەرلەرنى ئىشلىتىپ ئالاقىلىرىنى دۆلەت نازارىتىدىن قاچۇرماقتا. RAND دوكلاتىدا تەكشۈرۈلگەن ۋەقە ئانالىزلىرى (مەسىلەن A1 ۋە A2 كودلۇق ۋەقەلەر)، تېررورچىلارنىڭ رەقەملىك ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس سانلىق مەلۇمات يوقىتىش يۇمشاق دېتاللىرى ئىشلەتكەنلىكىنى، IP ئادرېسلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن TOR تورلىرىدىن ۋە VPN مۇلازىمەتلىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ «كۆرۈنمەسلىك يېپىنچىسى» بولغاچقا، ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ «سىگنال ئىستىخباراتى» (SIGINT) دا كۆرۈنمەيدۇ ۋە ئالدىنى ئېلىشنى قىيىنلىشىدۇ.
مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەرىپى، دىجىتال ماھارەتنىڭ يەنە بىر ھالقىلىق تۈۋرۈكى بولۇپ، ئەنئەنىۋى بانكا سىستېمىلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان تېررورلۇق مەبلىغىنىڭ ئىز قوغلىنىشى كۈچەيتىلگەن بىر پەيتتە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى Bitcoin, Monero غا ئوخشاش KRİPTO (شىفىرلىق) پۇل بىرلىكلىرىگە يۈزلەندى. شىفىرلىق پۇللار، مەبلەغلەرنىڭ نامسىز، تېز ۋە نازارەتسىز بىر شەكىلدە چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىنى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ «mixer» ياكى «tumbler» دەپ ئاتىلىدىغان مۇلازىمەتلەر ئىشلىتىلىپ، پۇل يۆتكەش ئىزلىرى قالايمىقانلاشتۇرۇلۇپ ، مەنبەنى بېكىتىش مۇمكىنسىز ھالغا كەلتۈرۈلمەكتە. بۇ ئەھۋال، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى بولغان «پۇلنى ئىز قوغلاش» (follow the money) ئىستراتېگىيەسىنى چارىسىز ۋەزىيەتكە چۈشۈرۈپ قويماقتا.
تور ھۇجۇمى قوراللىرىنىڭ ئومۇملىشىشى، تېررورچىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرماقتا. «Malware-as-a-Service» (مۇلازىمەت سۈپىتىدىكى زىيانلىق يۇمشاق دېتال) ئەندىزىسى سايىسىدا، تېخنىكىلىق بىلىمى چەكلىك بولغان گۇرۇپپىلارمۇ Dark Web ئارقىلىق ئىلغار تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى ئىجارىگە ئالالاۋاتىدۇ ياكى سېتىۋالالاۋاتىدۇ. بۇرىشنىڭ تەتقىقاتىدا تەكىتلەنگەن «مۇلازىمەتنى رەت قىلىش» (DDoS) ھۇجۇملىرى، botnet (ماشىنا ئادەم تورى) لار ئىشلىتىلىپ نىشان قىلىنغان سىستېمىلارنى مۇلازىمەت قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. مەسىلەن، GitHub قا قىلىنغان سېكۇنتىغا 1.3 تېرابايتلىق ھۇجۇم ، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ كۆلىمىنىڭ غايەت زورايغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا ئەكىلەلەيمىز .
سۈنئىي ئەقىل (AI)، دىجىتال تېررورىزمنىڭ ھەسسىلىگۈچى تەسىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، UNICRI دوكلاتى، سۈنئىي ئەقىلنىڭ تېررورچىلار تەرىپىدىن يامان غەرەزدە ئىشلىتىلىش مۇمكىنلىكىگە ئائىت قورقۇنچلۇق سېنارىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان . سۈنئىي ئەقىل قوللىشىدىكى ئاپتوماتىك ئۇچقۇلار (drones)، چىراي تونۇش سىستېمىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان ئالگورىزملار ۋە بىخەتەرلىكتىكى يوچۇقلىرىنى ئىنسانلاردىن ھەسسىلەپ تېز بايقىيالايدىغان ھەمدە ھۇجۇم تەشكىللىيەلەيدىغان يۇمشاق دېتاللار سەۋەبىدىن، تېررورنىڭ تېخنىكىلىق ماھارەتلىرى يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، «Deepfake» تېخنىكىسى، سىياسىي لىدېرلارنىڭ ساختا سىنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ ساختا ئۇچۇر تارقىتىش، ئىجتىمائىي قۇتۇپلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىق يارىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك بىر ئاسىمېترىك ئۇرۇش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە.
تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى، ئوچۇق مەنبەلىك ئىستىخباراتنىمۇ (OSINT) ئۈنۈملۈك بىر شەكىلدە قوللانماقتا. Google Earth، ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئورۇن كوئوردىناتى ۋە ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرى ئارقىلىق تېررورچىلار ئولتۇرغان يېرىدىلا نىشان ئانالىزى، ھۇجۇم پىلانى ۋە رازۋېتكا ئېلىپ بارالاۋاتىدۇ. فىزىكىلىق رازۋېدكا قىلىشنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان تۇتۇلۇپ قېلىش خەۋپى، دىجىتال رازۋېدكا قوراللىرى ۋاسىتىسىدە ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەچكە، تېررورچىلارنىڭ ئوپېراتسىيە بىخەتەرلىكى ئېشىپ، ھۇجۇملارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى بولۇۋاتماقتا.
خۇلاسىلىگەندە دىجىتال كۆرۈنمەسلىك تاكتىكىسى تېررورىزمنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتتى ۋە ئۇنى تېخىمۇ جۈرئەتلىك، تېخىمۇ يوشۇرۇن ۋە تېخىمۇ ئەجەللىك ھالغا كەلتۈردى. دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرالىشى ئۈچۈن، پەقەت قانۇنىي جەھەتتىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىش يېتەرلىك ئەمەس؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخنىكىلىق ئىقتىدارلىرىنى ئاشۇرۇشى، سۈنئىي ئەقىل قوللىشىدىكى مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە تور ئىستىخبارات ئىقتىدارلىرىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، دىجىتال دۇنيانىڭ قاراڭغۇ كارىدورلىرىدا يوشۇرۇنغان بۇ يېڭى ئەۋلاد تېررورچىلار، ھەر دائىم بىر قەدەم ئالدىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئالاقە جەريانى سۈپىتىدە رادىكاللاشماق ۋە يوقىتىلغان ئەپسانىلەر
رەقەملىك دەۋردە تېررورىزم مۇنازىرىلىرىنىڭ ئەڭ قىزىق تېمىلىرىدىن بىرى «توردا رادىكاللىشىش» جەريانىدۇر. كەڭ تارقالغان قاراش شۇكى، ئىنتېرنېت شەخسلەرنى پاسسىپ بىر قوبۇل قىلغۇچى سۈپىتىدە زەھەرلەيدۇ ۋە ئۇلارنى تېررورچى «يەككە بۆرە » گە ئايلاندۇرىدۇ. بىراق، كىرىستىنا ئارچېتتىنىڭ «تېررورىزم، ئالاقە ۋە يېڭى تاراتقۇ» (Terrorism, Communication and New Media) ناملىق تەتقىقاتى ۋە RAND Europe نىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈشلىرى، بۇ بەلگىلىمىچىلىك (determinist) قارىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، رادىكاللىشىشنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئالاقە دىنامىكىلىرىغا تايىنىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا. مەۋجۇت «ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە» ۋە «قارشى بايان» (counter-narrative) ئۇسۇللىرى، تېررورىزمنى بىر «ئۇچۇرلىشىش مەسىلىسى» سۈپىتىدە سەل قارىغىنى ئۈچۈن مەغلۇپ بولماقتا.
ئارچېتتىنىڭ تەنقىدىنىڭ مەركىزى ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تېرە ئاستى يىڭنە» (hypodermic needle / سېھىرلىك ئوق ئالاقە ئەندىزىسى بولۇپ، بۇ ئەندىزىگە كۆرە، تاراتقۇ (ياكى تېررورچى تەشۋىقاتى) بىر شىپىرىسقا ئوخشاش كۆرۈرمەنگە ئوكۇل قىلىنىدۇ ۋە كۆرۈرمەن بۇ ئۇچۇرنى ئەينەن قوبۇل قىلىپ ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىدۇ. ھالبۇكى، دىجىتال دەۋردە كۆرۈرمەن ئاكتىپ بىر ئاكتىيوردۇر. شەخسلەر، دۇچ كەلگەن ئۇچۇرلارنى ئۆز كىملىكلىرى، ئىجتىمائىي مۇھىتلىرى ۋە ھايات تەجرىبىلىرى ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزۈپ ئىزاھلايدۇ. شۇڭلاشقا، ئىنتېرنېتتىكى بىر جىھاد ۋىدېيوسى ياكى ئاشقۇن ئوڭچىل بىر خىتابنامە، ھەممە ئادەمنى رادىكاللاشتۇرمايدۇ؛ پەقەت بۇ ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىشقا «تەييار» بولغان ۋە ئۇنى ئۆز دۇنيا قارىشىنى دەلىللەش ئۈچۈن «ئىزدەپ يۈرگەن» شەخسلەر ئۈستىدە تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
RAND دوكلاتىنىڭ 15 تېررورلۇق ۋەقەسى ئۈستىدىكى تەپسىلىي ئانالىزى، ئىنتېرنېتنىڭ رادىكاللىشىش جەريانىغا بىر «سەۋەب» بولالمايدىغانلىقىنى، بىر «قولايلاشتۇرغۇچى» (facilitator) ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. ئىنتېرنېت، رادىكاللىشىش پىلتىسىگە ئوت يېقىشتىن بەكرەك، شەخسنىڭ ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت بولغان مايىللىقلىرىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان، تېزلىتىدىغان ۋە ماتېرىيال ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر مۇھىتتۇر. ئىنتېرنېت، شەخسلەرگە فىزىكىلىق دۇنيادا تاپالمايدىغان «ئوخشاش پىكىردىكى» ئىنسانلارنى تېپىش ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش پۇرسىتى بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال، «ئەكس سادا» (echo chamber) ئۈنۈمىنى يارىتىپ، شەخسنىڭ رادىكال قاراشلىرىنىڭ بىر گۇرۇپپا ئىچىدە نورماللىشىشىنى ۋە مۇستەھكەملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
«ئۆزلۈكىدىن رادىكاللىشىش» (self-radicalization) ئۇقۇمى، RAND ۋە ئارچېتتى تەرىپىدىن بىر قۇرۇق ئەپسانە دەپ سۈپەتلەنمەكتە. مودا تاراتقۇلارنىڭ ئەكسىچە، شەخسلەر پەقەت كومپيۇتېر ئېكرانىغا قاراپلا تېررورچى بولۇپ قالمايدۇ. رادىكاللىشىش، تەبىئىتى بىلەن ئىجتىمائىي بىر جەرياندۇر. RAND تەكشۈرگەن ۋەقەلەرنىڭ دېگۈدەك ھەممىسىدە (مەسىلەن A1, A6, A10 ۋەقەلىرى)، شەخسلەرنىڭ مەۋھۇم ياكى فىزىكىلىق دۇنيادا باشقا ئىنسانلار بىلەن ئالاقىدە بولغانلىقى كۆرۈلگەن. بىر «بايان»نىڭ (narrative) كۈچى، ھېكايىنىڭ ئۆزىدىن ئەمەس، شۇ ھېكايىنى سۆزلەيدىغان ۋە ھەمبەھرلەيدىغان ئىجتىمائىي توردىن كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، «يەككە بۆرە» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن تېررورچىلارمۇ، زېھنىي جەھەتتىن يەر شارى خاراكتېرلىك بىر «مەۋھۇم جامائەت»نىڭ پارچىسىدۇر ۋە ئۆزىنى مۇشۇ جامائەتكە ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ.
ئېنتېرنىتتا فىزىكىلىق توسالغۇلارنىڭ يوق بولغانلىقى رادىكاللىشىشنى قولايلاشتۇرىدۇ. ئىلگىرى رادىكال بىر گۇرۇپپا بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن خەتەرلىك رايونلارغا سەپەر قىلىش ياكى يوشۇرۇن يىغىنلارغا قاتنىشىش كېرەك بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئىنتېرنېت بۇ زىيارەتنى «ياتاق ئۆي»گىچە ئېلىپ كەلدى. بۇ زىيارەت قولاي ۋە تېررورىزمنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يېيىلىشىنى (دېموكراتىكلىشىشىنى) تەمىنلىگەن بولسىمۇ،لىكىن فىزىكىلىق ئالاقە مۇھىملىقىنى پۈتۈنلەي يوقاتقىنى يوق. نۇرغۇن ۋەقەلەردە، ئىنتېرنېت ئارقىلىق باشلانغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ فىزىكىلىق ئۇچرىشىشلارغا ئايلانغانلىقى ياكى فىزىكىلىق دۇنيادا باشلانغان تونۇشۇشلارنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلغانلىقى كۆرۈلمەكتە. يەنى توردا (online) ۋە تورسىز (offline) رادىكاللىشىش جەريانىدا بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بىر چەمبەر ھاسىل قىلماقتا.
دۆلەتلەرنىڭ «قارشى بايان» (counter-narrative) ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، نىشان قىلىنغان كىشىلەر توپىنىڭ ئىشەنچىسىنى قازانماي تۇرۇپ ئۇچۇر بېرىشكە ئۇرۇنۇشىدۇر. رادىكاللاشقان بىر شەخسنىڭ مېڭىسىگە دۆلەت، «دۈشمەن» ياكى «بېسىم قىلغۇچى ئورگان» دەپ كودلانغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەتتىن كەلگەن ھەر تۈرلۈك ئۇچۇر – نەقەدەر لوگىكىلىق ياكى توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر – رەت قىلىنىدۇ. ئارچېتتى تەكىتلىگەندەك، «بىز بايانىمىزنى قايتا يازالمايمىز؛ ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن سۆزلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى بىردەكلىك ئاساستۇر». گۇانتانامو، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمى ياكى تاشقى سىياسەتتىكى قوش ئۆلچەملەرگە ئوخشاش ھەرىكەتلەر، دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلار داۋرىڭىنىڭ قۇرۇق گەپتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا ۋە تېررورچى تەشۋىقاتىغا مەيداننى بوشىتىپ بەرگەنلىك بولىۋاتماقتا .
خۇلاسىلىگەندە، رەقەملىك رادىكاللىشىش بىلەن كۈرەش قىلىش، ئىنتېرنېتتىن مەزمۇن ئۆچۈرۈش ياكى «توغرا ئۇچۇر» بېرىش ئارقىلىق غەلىبە قىلغىلى بولىدىغان بىر كۈرەش ئەمەس. ئاساسلىق كۈرەش، شەخسلەرنىڭ رادىكال تورلارغا قاتنىشىشىغا سەۋەب بولغان ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە پىسخىكىلىق تۈپ سەۋەبلەر نى يوقىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنتېرنېت پەقەت بىر ۋاسىتىدۇر؛ ئاساسلىق مەسىلە، بۇ ۋاسىتىنى ئىشلەتكەن ئىنسان زېھنىدە ۋە شۇ زېھىننى شەكىللەندۈرگەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر تورىدا. شۇڭا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئىستراتېگىيەلىرى تېخنىكىنى مەركەز قىلىشتىن، ئىنسان ۋە جەمئىيەتنى مەركەز قىلغان بىر ئۇسۇلغا ئۆزگىرىشى شەرت.
ئېستونىيەدىن ئۇكرائىناغا قەدەر دىجىتال ئۇرۇشنىڭ تارىخىي ئىزلىرى
رەقەملىك تېررورىزمنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىگىرمە يىلدا يۈز بەرگەن ۋە تور بوشلۇقىنىڭ بىر توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلىغان تارىخىي ۋەقەلەرنى ئانالىز قىلىش بەكمۇ مۇھىم. دونالد ل. بۇرىشنىڭ تەتقىقاتىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئېستونىيە، گىرۇزىيە ۋە ئۇكرائىنا ۋەقەلىرىدىن، دىجىتال ھۇجۇملارنىڭ پەقەت مەۋھۇم دۇنيادا قالمايدىغانلىقىنى، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى، ئىقتىسادنى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنى بىۋاسىتە نىشان قىلغان بىرەر «قورال» سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ۋەقەلەر، دۆلەت سىرتىدىكى ئاكتىيورلارنىڭ (ياكى دۆلەت قوللىشىدىكى خاككېر گۇرۇپپىلىرىنىڭ) ئاسىمېترىك كۈچ ئىشلىتىپ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنى قانداق تىز پۈكتۈرەلەيدىغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىسپاتىدۇر.
2007-يىلىدىكى ئېستونىيە تور ھۇجۇملىرى، تارىختىكى تۇنجى «دۆلەت كۆلىمىدىكى تور ئۇرۇشى» دەپ خاتىرلەندى. ئېستونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، پايتەخت تاللىندىكى سوۋېت دەۋرىدىن قالغان مىس ئەسكەر ھەيكىلىنى ئېلىۋېتىش قارارىنى ئېلىشى، رۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك بىر كىرىزىسقا سەۋەب بولدى ۋە دەرھال ئارقىدىنلا ئېستونىيەنىڭ رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەسىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم باشلاندى. «Distributed Denial of Service» (DDoS) ھۇجۇملىرى، ئېستونىيەنىڭ بانكا سىستېمىسىنى، ئاممىۋى ئورگانلىرىنى، تاراتقۇ ئورگانلىرىنى ۋە جىددىي ئەھۋال لىنىيەلىرىنى نىشان قىلدى. ئىنتېرنېت بېقىندىلىقى يۇقىرى بولغان ۋە «ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت» (e-devlet) ئەپلىرىنى قوللىنىشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئېستونىيە، كۈنلەرچە دىجىتال بىر قاراڭغۇلۇققا كۆمۈلدى. بۇ ۋەقە، تور ھۇجۇملىرىنىڭ بىر ھەربىي مۇداخىلە بولماي تۇرۇپمۇ بىر دۆلەتنى پالەچ قىلالايدىغانلىقىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
2008-يىلىدىكى رۇسىيە-گىرۇزىيە ئۇرۇشى، تور ھۇجۇملىرى ئادەتتىكى ھەربىي ھەرىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى «ھىبرىد ئۇرۇش» مىسالىدۇر. رۇسىيە تانكىلىرى جەنۇبىي ئوسېتىيە چېگراسىدىن ئۆتكەندە، گىرۇزىيەنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرى، خەۋەر تورلىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە سىستېمىلىرى تور ھۇجۇملىرى بىلەن گۇمران قىلىندى. بۇ ھۇجۇملارنىڭ مەقسىتى، گىرۇزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈش، خەلق ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىش ۋە ھەربىي قوماندانلىق كونترول سىستېمىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئىدى. دىجىتال تېررورىزم، بۇ ۋەقەدە، پىسخىكىلىق ئۇرۇش ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيەنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى سۈپىتىدە قوللىنىلدى. بۇرىشنىڭ ئانالىزىدا، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ئېنىق ئىسپاتلىنىشىنىڭ قىيىنلىقىغا دىققەتلەر جەلب قىلىنغان ۋە تور بوشلۇقى تەمىنلىگەن «رەت قىلالايدىغان بولۇش» ئەۋزەللىكىنى قوللىنىش تەكىتلەنگەن.
2015-يىلى ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن ئېنېرگىيە تورى ھۇجۇمى، دىجىتال تېررورىزمنىڭ يېتىپ بارالىغان خەتەرلىكلىك دەرىجىسىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ، «Black Energy 3» ناملىق ۋىرۇسلۇق يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتكەن ھۇجۇمچىلار، ئۇكرائىنانىڭ غەربىدىكى Prykapattyaoblenergo توك تارقىتىش شىركىتىنىڭ SCADA (تەكشۈرۈپ كونترول قىلىش ۋە سانلىق مەلۇمات توپلاش) سىستېمىلىرىغا سىڭىپ كىردى. ھۇجۇمچىلار، يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىق توك ئېقىمىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، تەخمىنەن 225،000 ئابۇنتنىڭ توكىنى ئۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زاپاس توك مەنبەلىرىنى ئىشتىن توختاتتى ۋە شىركەتنىڭ ئالاقە مەركەزلىرىنى DDoS ھۇجۇملىرى بىلەن قۇلۇپلاپ ئابونتلارنىڭ كاشىلا شىكايەت قىلىشىنى توسۇپ قويدى. بۇ ھەرىكەت، بىر تور ھۇجۇمىنىڭ فىزىكىلىق ئۇل ئەسلىھەگە (Cyber-Physical Systems) بىۋاسىتە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پۇقرالارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالالايدىغانلىقىنى، ئىسسىنىش ۋە يورۇتۇشقا ئوخشاش ئاساسىي ئېھتىياجلارنىڭ تەمىناتىنى ئۈزۈپ تاشلاپ بىر «تېررور» مۇھىتى يارىتالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
بۇ دۆلەت سەۋىيەسىدىكى ھۇجۇملار بىلەن بىرگە، RAND دوكلاتىدا ئانالىز قىلىنغان يەككە ۋەقەلەر (A1, A4, B2 قاتارلىقلار)، دىجىتال تېررورىزمنىڭ مىكرو سەۋىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، «A4» ۋەقەسىدە، ئىجتىمائىي مۇھىتىدا رادىكال بىر يېتەكچى تاپالمىغان بىر شەخسنىڭ، ئىنتېرنېتنى بىر «ئوچۇق ئۇنىۋېرسىتېت»تەك ئىشلىتىپ بومبا ياساش، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش جىلىتكىسى تەييارلاش ۋە ئىدېئولوگىيەلىك تەلىم-تەربىيە تېمىلىرىدا ئۆزىنى تەربىيەلىگەنلىكى كۆرۈلگەن. «A10» ۋەقەسىدە بولسا، ئىنتېرنېت، فىزىكىلىق دۇنيادا (مەسچىتتە) باشلانغان بىر مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەشيا- تەمىنات پىلانلىرىنى تۈزۈش ۋە ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىشنى تەرتىپلەش سورۇنى سۈپىتىدە رول ئوينىغان. بۇ يەككە ۋەقەلەر، ماكرو سەۋىيەدىكى تور ھۇجۇملىرى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنتېرنېتنىڭ شەخسلەرنى ئەجەللىك بىرەر قورالغا ئايلاندۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
خۇلاسىلىگەندە، تارىخىي مەلۇماتلار رەقەملىك تېررورىزمنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ھۇجۇملار بارغانسېرى تېخىمۇ مۇرەككەپ، تېخىمۇ نىشانلىق ۋە تېخىمۇ ۋەيران قىلغۇچ ھالغا كەلمەكتە. ئېستونىيەدىكى ھۇجۇم بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى، گىرۇزىيەدىكى ھۇجۇم بىر سىناق ئىدى، ئۇكرائىنادىكى ۋەقە بولسا رەسمىي بىر كۈچ كۆرسىتىش ئىدى. كەلگۈسىدىكى ھۇجۇملار، پەقەت سىستېمىلارنى قۇلۇپلاش بىلەنلا قالماي، سۇ توسما قاپقاقلىرىنى ئېچىۋېتىش، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ سوۋۇتۇش سىستېمىلىرىنى بۇزۇش ياكى ئاپتوماتىك ماشىنىلارنى يولدىن چىقىرىۋېتىشكە ئوخشاش تېخىمۇ قورقۇنچلۇق نەتىجىلەرنى تۇغدۇرۇشى مۇمكىن. يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، دىجىتال دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە، فىزىكىلىق دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئايرىپ قارىماسلىق كېرەكلىكىنى ئاچچىق تەجرىبىلەر بەدىلىگە ئۆگەتمەكتە.
كونىراپ قالغان دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرى ۋە بىيۇروكراتىك ھۇرۇنلۇق
«Modern Diplomacy» (زامانىۋى دىپلوماتىيە) ماقالىسىدا تەكىتلەنگەن «كونىراپ قالغان دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرى» (Outdated State Strategies)، رەقەملىك تېررورىزم بىلەن كۈرەش قىلىشتا ئەڭ ئاجىز ھالقا بولۇپ، دۆلەتلەر، 21-ئەسىرنىڭ تورنى ئاساس قىلغان، تېز ۋە ئۆزگىرىشچان تەھدىتلىرىگە قارشى، 20-ئەسىرنىڭ تەبىقىلەشكەن، ئاستا ئىشلەيدىغان بىيۇروكراتىك قۇرۇلمىلىرى بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشقا تىرىشماقتا. بۇ ئىستراتېگىيەلىك ماسلاشماسلىق، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە ھەر دائىم بىر قەدەم ئالدىدا تۇرۇش ئەۋزەللىكىنى بەرمەكتە. دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىزىسى، جۇغراپىيەلىك چېگرالارغا، فىزىكىلىق كونتروللۇققا ۋە دۆلەتنى مەركەز قىلغان تەھدىت قورالىغا تايىنىدۇ ،ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە دىجىتال تېررورىزم چېگراسىز، مەۋھۇم ۋە دۆلەت سىرتىدىكى ئاكتىيورلار ھۆكۈمران بولغان بىر ساھەدۇر.
مەۋجۇت دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى، ئىنتېرنېتنى كونترول ئاستىغا ئالغىلى بولىدىغان ياكى سېنزۇر قىلغىلى بولىدىغان تۇراقلىق بىر ۋاسىتە دەپ قارىشىدۇر. RAND دوكلاتىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، تېررورلۇق مەزمۇنلىرىنى ئىنتېرنېتتىن ئۆچۈرۈش (take-down) ياكى تور بەتلىرىنى تاقاش تىرىشچانلىقلىرى، «مۈشۈككە ئويۇن،چاشقانغا قىيىن»بولۇۋاتىدۇ (whack-a-mole) . بىر تور بېكەت تاقالغاندا، مىنۇتلار ئىچىدە پەرقلىق بىر نام بىلەن يېڭىسى ئېچىلماقتا ياكى مەزمۇن Dark Web قا ئوخشاش زىيارەت قىلىش تەس بولغان سەھىپىلەرگە يۆتكەلمەكتە. دۆلەتلەرنىڭ بۇ چەكلىمىچى ئۇسۇلى، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، تېررورچىلارنىڭ «دۆلەت بىزنى جىمىقتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەن دەۋاسىنى كۈچەيتىپ، مەزلۇمىيەت تۇيغۇسىنى ئوزۇقلاندۇرۇرۇپ ،رادىكاللىشىشنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، زىيادە نازارەت قىلىش ۋە سېنزۇر قىلىش ، دېموكراتىك جەمئىيەتلەردە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك مۇنازىرىسىنى قىزىتماقتا ۋە دۆلەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزمەكتە.
بىيۇروكراتىك ھۇرۇنلۇق، دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكىدىكى سۈرئەتكە يېتىشىۋېلىشىغا توسالغۇ بولماقتا. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى، يېڭى چىققان بىر شىفىرلىق ئۇچۇرلىشىش ئەپىنى، بىر شىفىرلىق پۇلنى ياكى سۈنئىي ئەقىل قورالىنى دەرھال ھۇجۇم ھەرىكەت پىلانلىرىدا قوللىنالايدۇ؛ ھالبۇكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ يېڭى تېخنىكىلارغا قارشى قانۇنىي بەلگىلىمە چىقىرىشى، خامچوت ئايرىشى ۋە خادىم تەربىيەلىشى ئايلار، ھەتتا يىللارغا سوزۇلماقتا. بۇ «ۋاقىت پەرقى»، تېررورچىلارغا كەڭ ۋاقىت،پۇرسەت تەمىنلىمەكتە. مەسىلەن، دائېشنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىسى بىلەن مىڭلىغان چەت ئەللىك جەڭچىنى قوبۇل قىلغان مەزگىلىدە، دۆلەتلەر تېخىچە ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ بىر مىللىي بىخەتەرلىك تەھدىتى ياكى ئەمەسلىكىنى مۇنازىرە قىلىۋاتاتتى.
دۆلەتلەرنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە» تىرىشچانلىقلىرىمۇ كۆپىنچە ھاللاردا نىشانغا تەگمەيۋاتىدۇ. ئارچېتتىنىڭ ئانالىزىغا كۆرە، دۆلەتلەر تېررورىزمنى بىر «سېتىش مەسىلىسى» (Marketing problem) دەپ قارىماقتا ۋە «قارشى بايان» سەپەرۋەرلىكلىرى بىلەن ياشلارنى قايىل قىلىشقا تىرىشماقتا. ئەمما بۇ سەپەرۋەرلىكلەر، نىشان قىلىنغان كىشىلەر توپىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقىغا ماس كەلمەيدىغان، نەسىھەتۋاز ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى مەركەز قىلغان بىر ئۇسلۇب بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا. رادىكاللىشىشقا مايىل بىر شەخس ئۈچۈن دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرى ئاللىقاچان «ئىشەنچسىز» دەپ كودلىنىپ بولغان بولىدۇ. دۆلەتلەر، ئۆز ھەرىكەتلىرى بىلەن (تاشقى سىياسەت، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، كەمسىتىش قاتارلىقلار) زىددىيەتلىك «دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك» ۋەزىيىتى پەيدا قىلغانسېرى،خەلقنى ئىشەندۈرۈش كۈچىنى يوقاتماقتا ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ «دۆلەت ساختىپەزدۇر» دېگەن تەشۋىقاتىنى ھەقلىق چىقارماقتا.
خەلقئارالىق ھەمكارلىقتىكى يېتەرسىزلىكلەر ۋە قانۇنىي بوشلۇقلارمۇ دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا. دىجىتال تېررورىزم چېگرا تونۇمايدۇ، ئەمما قانۇن سىستېمىلىرى مىللىي چېگرالار ئىچىدىلا كۈچكە ئىگە. بىر دۆلەتتىن قىلىنغان تور ھۇجۇمىنىڭ جىنايەتچىسى باشقا بىر دۆلەتتە بولسا، سوتلاش ۋە قايتۇرۇپ بېرىش جەريانلىرىنى مۇمكىنسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، تور ھۇجۇملىرىنىڭ «ئۇرۇش سەۋەبى» (casus belli) ھېسابلىنىپ-ھېسابلانمايدىغانلىقى مەسىلىسىدىكى ئېنىقسىزلىق، NATO غا ئوخشاش مۇداپىئە ئىتتىپاقلىرىنىڭ توسۇش كۈچىنى ئازايتماقتا. رۇسىيە ياكى خىتايغا ئوخشاش ئاكتىيورلارنىڭ تور بوشلۇقىنى بىر «دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ساھەسى» دەپ ئېنىقلىما بېرىشى، ئىنتېرنېتنىڭ پارچىلىنىشىغا (splinternet) ۋە دىجىتال تېررورىزمغا قارشى يەر شارىۋى كۈرەشنىڭ قىيىنلىشىشىغا سەۋەب بولماقتا.
خۇلاسىلىگەندە، دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئىستراتېگىيەلىرى، دىجىتال دەۋرنىڭ رېئاللىقلىرى بىلەن ماسلاشمايدۇ. «قىياسەن» (Analog) زېھنىيەت بىلەن «رەقەملىك» بىر دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلىش مۇمكىن ئەمەس. دۆلەتلەرنىڭ، پىرامىتسىمان قۇرۇلمىلاردىن تورنى ئاساس قىلغان قۇرۇلمىلارغا ئۆتۈشى، خۇسۇسىي ساھە بىلەن ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشى ۋە پەقەت «بىخەتەرلىك»نىلا كۆزدە تۇتۇپ ئەمەس، «ئىجتىمائىي چىدامچانلىق» نى كۆزدە تۇتۇپ ئىستراتېگىيەلەر تۈزۈش كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، دۆلەتلەر تېخىچە ئۆتمۈشتىكى قورال بىلەن غەلىبە قىلىشقا تىرىشىۋاتقاندا، كەلگۈسىنىڭ ئۇرۇشلىرىدا مەغلۇپ بولۇشقا مەھكۇم بولىدۇ.
كەلگۈسىنىڭ ئۇپۇقى، سۈنئىي ئەقىل ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر
دىجىتال تېررورىزمنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى يىتەرلىك ئەندىشە پەيدا قىلسىمۇ، بۇرىش ۋە UNICRI دوكلاتلىرىدا ئىشارەت قىلغان كەلگۈسى مۆلچەرلەر تېخىمۇ قاراڭغۇ بىر مەنزىرىنى سىزماقتا. ئالدىمىزدىكى 5 يىلدىن 20 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، تېخنىكىدىكى پارتلاش خاراكتېرلىك ئىلغارلىشىش، تېررورنىڭ ئېنىقلىمىسىنىڭ ۋە قوللىنىش شەكىللىرىنىڭ تەسەۋۋۇرۇرىمىز يېتىپ بولالمايدىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.بۇيۇملار تورى، بىيو-تېخنىكا، نانو-تېخنىكا ۋە سۈنئىي ئەقىل (AI) قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتلار، تېررورچىلارغا ئىلگىرى پەقەت دۆلەتلەرنىڭ مونوپوللۇقىدا بولغان كۈچلەرنى سۇنىدۇ.
بۇيۇملار تورى ئىنقىلابى، مىلياردلىغان ئۈسكۈنىنىڭ ئىنتېرنېتكە ئۇلىنىشى دېمەكتۇر. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي سىستېمىلىرىدىن ئاپتوماتىك ماشىنىلارغا، يۈرەك رىتىمىنى تەڭشىگۈچلەردىن ئىنسۇلىن شىپرىسلىرىغىچە ھەر نەرسىنىڭ بىر IP ئادرېسى بولغان بىر دۇنيادا، تور ھۇجۇمى دائىرىسى (attack surface) غايەت زور دەرىجىدە كېڭىيىدۇ. بۇرىشنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا كۆرە، بىر تېررورچىنىڭ كىلومېتىرلارچە يىراقتىن بىر ئاپتوماتىك ماشىنىنى خاككېرلاپ كىشىلەر توپىنىڭ ئۈستىگە ھەيدىشى ياكى بىر بىمارنىڭ يۈرەك رىتىمىنى تەڭشىگۈچىنى توختىتىپ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشى، ئەمدىلىكتە ئىلمىي فانتازىيەلىك سېنارىيە ئەمەس. «Stuxnet» ۋىرۇسىنىڭ يادرو مەركەزدىن قاچۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى (santrifüj) فىزىكىلىق جەھەتتىن بۇزغىنىغا ئوخشاش، كەلگۈسىنىڭ ۋىرۇسلۇق يۇمشاق دېتاللىرىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەرلەرنى، قاتناش تورلىرىنى ۋە ساغلاملىق سىستېمىلىرىنى فىزىكىلىق قوراللاردەك ئىشلىتەلەيدۇ.
سۈنئىي ئەقىل (AI)، تېررورچىلار ئۈچۈن بىر «كۈچ ھەسسىلىگۈچى» (force multiplier) بولىدۇ. UNICRI دوكلاتى، سۈنئىي ئەقىلنىڭ تېررورچىلار تەرىپىدىن تەشۋىقاتنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، تور ھۇجۇملىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىش ۋە ھەتتا ئاپتوماتىك قورال سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى، «Deepfake» تېخنىكىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ساختا سىنلار ئارقىلىق ، بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرىنىڭ ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنى ياكى بىر دىنىي رەھبەرنىڭ كۈفرى سۆزلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ، مىنۇتلار ئىچىدە ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق ۋە ئىچكى ئۇرۇشنى قوزغىتىشى مۇمكىنلىكىنى. سۈنئىي ئەقىل قوللىشىدىكى ماشىنا ئادەملەر (botlar)، ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئىنسان ھەرىكەتلىرىنى تەقلىد قىلىپ، رادىكال ئىدېئولوگىيەلەرنى بايقىغىلى بولمايدىغان بىر شەكىلدە تارقىتالىشى ۋە شەخسلەرنى كونترول قىلالىشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلماقتا.
تېخىمۇ يىراق بىر كەلگۈسىدە، نانو-تېخنىكا ۋە ئىنسانلاشقان كومپيۇتېر (Human-Computer Interface)، تېررورىزمنىڭ ئىنسان بەدىنىگە ۋە زېھنىگە بىۋاسىتە مۇداخىلە قىلالىشىغا يول ئېچىشى مۇمكىن. بۇرىشنىڭ دىستوپىك (قورقۇنچلۇق كەلگۈسى) مۆلچەرى شۇكى، ئىنسان بەدىنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆزەكلەرنى ياكى نانو-ماشىنا ئادەملەر نى خاككېرلاش ئارقىلىق، شەخسلەر ئىرادىسى سىرتىدا ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلىنىشى ياكى بىيولوگىيەلىك ئىقتىدارلىرى توختىتىلىشى مۇمكىن. بۇ سېنارىيە، «بىيو-دىجىتال تېررورىزم» ئۇقۇمىنى تۇغدۇرىدۇ ۋە ئىنسان بىخەتەرلىكىنىڭ ئېنىقلىمىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدۇ.
بۇ تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زامانىۋىي دىپلوماتىيە «Modern Diplomacy» ۋە باشقا مەنبەلەر، رېئاكسىيەلىك (ئىنكاس قايتۇرىدىغان) ئەمەس، پىرۇئاكتىپ (ئالدىنى ئالىدىغان) بىر ئۇسۇلنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا. سۈنئىي ئەقىل قوللىشىدىكى تېررورلۇققا قارشى، يەنە سۈنئىي ئەقىل قوللىشىدىكى مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە ئەينى ۋاقىتتا بۇ تېخنىكىلىق مۇسابىقە، ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي چېگرالارغا دەخلى- تەرۇز قىلمايدىغان يوسۇندا بولۇشى كېرەك. كەلگۈسىنىڭ بىخەتەرلىكى، پەقەت تېخنىكىنى كونترول قىلىشتىن ئەمەس، شۇ تېخنىكىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىي ئېڭىنى ئاشۇرۇشقا باغلىقتۇر.
خۇلاسە
دىجىتال تېررورىزم، زامانىۋى دەۋرنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ ئاسىمېترىك ۋە ئەڭ مەڭگۈلۈك تەھدىتى سۈپىتىدە ئالدىمىزدا تۇرماقتا. ئېستونىيەنىڭ تور مۇھاسىرىسىدىن دائېشنىڭ رەقەملىك خەلىپىلىكىگە، ئۇكرائىنانىڭ قاراڭغۇلاشقان شەھەرلىرىدىن شىفىرلىق پۇللار بىلەن تەمىنلەنگەن نامسىز ھۈجەيرىلەرگىچە سوزۇلغان بۇ جەريان، تېررورىزمنىڭ تولۇق بىر «مېتامورفوز» (شەكىل ئۆزگىرىشى) نى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. ئەمدىلىكتە تېررور، پەقەت بىر بومبىنىڭ پارتلىشى ئەمەس، بىر كودنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدۇر؛ پەقەت بىر جاننىڭ يوقىتىلىشى ئەمەس، بىر ھەقىقەتنىڭ بۇرمىلىنىشىدۇر.
مەۋجۇت دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ «كونىراپ قالغان» بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، دىجىتال تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتىنى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىدىندۇر. دۆلەتلەر، مەسىلىنى پەقەت ساقچى ۋە ھەربىي تەدبىرلەر بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشقانسېرى، دىجىتال دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىغا يېتىشەلمەي قېلىۋاتماقتا. بۇ كۈرەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن، «ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە»نىڭ ئورنىغا «ئىستراتېگىيەلىك تىڭشاش»، سېنزۇرنىڭ ئورنىغا «ئىجتىمائىي چىدامچانلىق»، بيۇروكراتىيەنىڭ ئورنىغا « چاققانلىق» دەسسىتىلىشى كېرەك.
دۆلەتلەر ۋە جەمئىيەتلەر، رەقەملىك تېررورىزمنى پەقەت بىر «IT (ئۇچۇر تېخنىكىسى) مەسىلىسى» دەپ قاراشنى داۋاملاشتۇرغان مۇددەتتە، 21-ئەسىرنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى گۇمران بولۇشقا مەھكۇمدۇر. كۈرەش ماھىيەتتە، تور بوشلۇقىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ئەمەس، شۇ بوشلۇقنى قۇرغان ۋە ئىشلەتكەن ئىنسان زېھنىدە . شۇنداقلا بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە، ئەڭ كۈچلۈك قورالغا ئىگە بولغانغا ئەمەس، ئۆزگىرىشنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن ۋە ئەڭ تېز ماسلاشقانغا مەنسۇپ بولىدۇ.
پايدىلانمىلار:
1. Archetti, C. (2015). Terrorism, Communication and New Media: Explaining Radicalization in the Digital Age. Perspectives on Terrorism, 9(1), 49-59. Vienna, Austria: Terrorism Research Initiative.
2. Buresh, D. L. (2020). Does Digital Terrorism Really Exist? Journal of Advanced Forensic Sciences, 1(1), 18-32. Zion, IL: Open Access Pub. https://doi.org/10.14302/issn.2692-5915.jafs-20-3405
3. Modern Diplomacy. (2025, November 30). Terrorism in the Digital Age: New Threats and Outdated State Strategies. Retrieved from https://moderndiplomacy.eu/2025/11/30/terrorism-in-the-digital-age-new-threats-and-outdated-state-strategies/
4. The Hindu. (n.d.). The threat of digital tradecraft in terrorism explained. Chennai, India: Kasturi & Sons Ltd. Retrieved from https://www.thehindu.com/news/national/the-threat-of-digital-tradecraft-in-terrorism-explained/article70298646.ece
5. UNICRI. (2021). Countering Terrorism Online with Artificial Intelligence. Turin, Italy: United Nations Interregional Crime and Justice Research Institute. Retrieved from https://unicri.org/Publications/Countering-Terrorism-Online-with-Artificial-Intelligence-%20SouthAsia-South-EastAsia
6. von Behr, I., Reding, A., Edwards, C., & Gribbon, L. (2013). Radicalisation in the digital era: The use of the internet in 15 cases of terrorism and extremism. Cambridge, UK & Brussels, Belgium: RAND Europe.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















