ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
بۇ ماقالە ئانىكا پاندا (Anika Panda) تەرىپىدىن يېزىلىپ، 2025-يىلى 20-نويابىردا خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق سۇپا بولغان «زامانىۋى دىپلوماتىيە» (Modern Diplomacy) ناملىق تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان «نېرۋىنىڭ قورالغا ئايلاندۇرۇلۇشى : نېرۋا تېخنولوگىيەسى ھەربىي ساھەدە ئىنسانىيەتنىڭ چەك–چىگرىلىرىنى قانداق خىرەلەشتۈرۈۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىنى مۇھاكىمە قىلىش ئاساسىدا يېزىلغان بىر تەھلىل ۋە تەنقىدىي باھادىن ئىبارەتتۇر. مەزكۇر ماقالە نېرۋا تېخنولوگىيەسىنىڭ ھەربىي ساھەدىكى قوش مەقسەتلىك (dual-use) ئىشلىتىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەخلاقىي، قانۇنىي، ئىستراتېگىيەلىك ۋە گېئوپولىتىكىلىق مەسىلىلەرنى كۆپ قەۋەتلىك نۇقتىدىن يورۇتۇپ بېرىشى بىلەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتور مېڭىنىڭ 21-ئەسىرنىڭ يېڭى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نېرۋا-مودۇلياتسىيەسى، مېڭە-ماشىنا ئارايۈزى ۋە نېرۋا زەھەرلىك ماددىلىرى (نېروتوقسىن) قاتارلىق ئىلغار تېخنولوگىيەلەرنىڭ ئىنسان بولۇشنىڭ مەنىسىنى، ھەربىي خادىملارنىڭ ئەخلاقىنى ۋە ئاپتونومىيە ئۇقۇملىرىنى ھەمدە خەلقئارالىق كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى قانداق قىلىپ تۈپتىن ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئانالىزنىڭ مەقسىتى پاندا خانىمنىڭ ماقالىسىدىكى نېگىزلىك پىكىرلەرنى سىستېمىلىق شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىش، نېرۋىنىڭ قورالغا ئايلاندۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئارالىق بىخەتەرلىك ۋە سىياسەت پەلسەپەسى نۇقتىسىدىن ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەتلىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە كەلگۈسىدىكى ئۇرۇش تېخنولوگىيەلىرى ئالدىدا ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان مەۋجۇتلۇق خاراكتېرلىك خىرىسلارنى ئەتراپلىق باھالاشتىن ئىبارەت.
نېرۋا قورالغا ئايلاندۇرۇلۇشى ئۇقۇمى: ئېنىقلىمىسى، دائىرىسى ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى
ئانىكا پاندا ماقالىسىنى دوكتور جېيمىس گىئوردانونىڭ (Dr. James Giordano) «مېڭە 21-ئەسىرنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدۇر» دېگەن كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھۆكۈمى بىلەن باشلاپ، مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى دەسلەپتىلا نامايان قىلىدۇ. بۇ ھۆكۈم ئۇرۇشنىڭ ئەمدى پەقەت فىزىكىلىق ۋە جۇغراپىيەلىك ماكانلاردىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسان ئەقلىنىڭ ئەڭ مەخپىي قەۋەتلىرىدە، يەنى نېرۋا قاتلىمىدىمۇ يۈز بېرىدىغان يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويۇلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. نېرۋىنىڭ قورالغا ئايلاندۇرۇلۇشى ئەڭ ئومۇمىي ئېنىقلىمىسى بويىچە، نېرۋا سىستېمىسىنى نىشان قىلغان ياكى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ھەربىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان تېخنولوگىيە، ئۇسۇل ۋە ماددىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمدە ئىشلىتىش جەريانىدۇر. پاندا خانىم تەكىتلىگەندەك، بۇ نېرۋا-مودۇلياتسىيەسى، بەدەنگە ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان مېڭە-ماشىنا ئارايۈزى، ئورگانىك نېرۋا زەھەرلىك ماددىلىرى (نېروتوقسىن) ۋە نانو-نېرۋا تېخنولوگىيەلىرى قاتارلىق كۆرۈنمەس ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كۆرۈنمەس چېگرالاردىن ھالقىغان مەخپىي ھەرىكەتلەر دېگەنلىكتۇر. بۇ ئەھۋال ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتىنى، جەڭچىنىڭ كىملىكىنى ۋە توقۇنۇش ئەخلاقىنى تۈپ يىلتىزىدىن تەۋرىتىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.
ئاپتور نېرۋا قوراللىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ئويلىغاندەك يېڭى بىر ھادىسە ئەمەسلىكىنى، بەلكى مەلۇم تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئانالىزىغا مۇھىم بىر چوڭقۇرلۇق قوشىدۇ. خىمىيەلىك نېرۋا گازلىرىنىڭ دەسلەپتە ناتسېست گېرمانىيەسىدە ياسىلىشى، 1980-يىللاردا ئىران-ئىراق ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلىشى، ياپونىيە ئاۋم شىنرىكيو (Aum Shinrikyo) مەزھىپى تەرىپىدىن مېترو ھۇجۇملىرىدا ئىشلىتىلىشى ۋە كىم جوڭنامنىڭ (Kim Jong-nam) قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشى قاتارلىق مىساللار نېرۋا سىستېمىسىنى نىشان قىلغان قوراللارنىڭ ئۆتمۈشتىكى پاجىئەلىك ئاقىۋەتلىرىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ. كۇبادىكى ئامېرىكالىق دىپلوماتلار ئۇچرىغان ۋە «ھاۋانا ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» دەپ ئاتالغان سىرلىق ھۇجۇملارنىمۇ بۇ تۈرگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. بۇ تارىخىي نۇقتىئىنەزەر، بۈگۈنكى نېرۋا تېخنولوگىيەسى تەرەققىياتلىرىنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك بىر مىراس ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ۋە بۇ تېخنولوگىيەلەردىن قالايمىقان پايدىلىنىلغان ئەھۋالدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئاپەتلەرنىڭ كۆلىمىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.
بىراق، پاندا خانىم بۈگۈنكى تەرەققىياتلارنىڭ تارىخىي مىساللاردىن ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنىمۇ ئۇستىلىق بىلەن تەكىتلەيدۇ. ئىلگىرى نېرۋا سىستېمىسىنى «ۋەيران قىلىش»نى مەقسەت قىلغان قوراللار، ھازىر ئورنىنى ئۇنى «ياخشىلاش»، «يېتەكلەش» ۋە «كونترول قىلىش»نى مەقسەت قىلغان تېخنولوگىيەلەرگە بوشاتماقتا. ماقالىدە خانلىق جەمئىيىتى (Royal Society) نىڭ بىر دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىنىپ، بۇ يېڭى تېخنولوگىيەلەرنىڭ ھەربىي ئىشلاردا قوللىنىلىشىنىڭ ئىككى ئاساسلىق يۆنىلىشتە كېتىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ: ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش ۋە ئىقتىدارنى تۆۋەنلىتىش (قوراللاشتۇرۇش). ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش ئەسكەرلەرنىڭ ھارغىنلىق، قورقۇنچ قاتارلىق ئىنسانىي ئاجىزلىقلىرىنى يوقىتىشنى، بىلىش ئىقتىدارىنى ۋە تەدبىر بەلگىلەش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلسا؛ ئىقتىدارنى تۆۋەنلىتىش دۈشمەن خادىملىرىنىڭ ئەقلىي فۇنكسىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ئىرادىسىنى سۇندۇرۇش ياكى ئۇنى ئۈنۈمسىز ھالەتكە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ «قوش مەقسەتلىك» ماھىيەت، داۋالاش ياكى خەلق ئىشلىرى مەقسىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بىر تېخنولوگىيەنىڭ ئىنتايىن ئاسانلا ھەربىي قورالغا ئايلاندۇرۇلۇش خەۋپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئەھۋال قورال-ياراغ كونتروللۇقى ۋە خەلقئارالىق بەلگىلىمىلەر جەھەتتە غايەت زور تىزگىنلەش يوچۇقى ۋە ئېغىر بىر خىرىس پەيدا قىلماقتا.
ھەربىي ئىشلاردا قوللىنىلىشى ۋە ئىنسانىيەت چېگرالىرىنىڭ يىمىرىلىشى
ماقالىنىڭ ئەڭ جانلىق قىسىملىرىنىڭ بىرى، نېرۋا تېخنولوگىيەسىنىڭ كونكرېت ھەربىي قوللىنىشچانلىقىنى ۋە بۇ قوللىنىشلارنىڭ «ئىنسان بولۇش» ئۇقۇمى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلغان بۆلىكىدۇر. پاندا خانىم ئەسكەرلەرنىڭ يېرىم ئاپتوماتىك ماشىنا ئادەملەر بىلەن بىلىش جەھەتتىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلەلەيدىغانلىقى، «نېرۋا دانچىلىرى» (neurograins) دەپ ئاتالغان تۇز دانچىسى چوڭلۇقىدىكى مىكرو ئۆزەكلەرنىڭ نېرۋولوگىيەلىك پائالىيەتنى خاتىرىلەپ ۋە قايتا يازالايدىغانلىقى، قورقۇش تۇيغۇسىنىڭ دورا-دەرمەك ئارقىلىق يوقىتىلىشى مۇمكىن بولغان بىر قاباھەتلىك مەنزىرىنى سىزىپ بېرىدۇ. بۇ تېخنولوگىيەلەر جەڭچىنى بىيولوگىيەلىك چەكلىمىلەردىن خالىي، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئاز خاتالىشىدىغان ۋە تېخىمۇ ئاز «ئىنسانىي» بولغان بىر ئۇرۇش ماشىنىسىغا ئايلاندۇرۇشنى ۋەدە قىلماقتا. باش سۆڭىكى ھالقىغان توغرا توك غىدىقلاش ئۇسۇلى (tDCS) ۋە باش سۆڭىكى ھالقىغان ماگنىتلىق غىدىقلاش ئۇسۇلى (TMS) قاتارلىق قول تەككۈزمەيدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ ھەربىي خادىملارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى، بۇ يۆنىلىشتە بېسىلغان تۇنجى قەدەملەردۇر. ئەمما ئاپتور بۇ ئۇسۇللارنىڭمۇ نامەلۇم قوشۇمچە تەسىرلىرىنىڭ بارلىقىغا، سىگناللارنىڭ مېڭىدە كۆزلەنمىگەن رايونلارغا تارقىلىپ كېتىشى مۇمكىنلىكى قاتارلىق ئېنىقسىزلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىغا دىققەت ئاغدۇرىدۇ.
ئانالىزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولسا، بولۇپمۇ قوش يۆنىلىشلىك مېڭە-كومپيۇتېر ئارايۈزى (BCIs – Brain-Computer Interfaces) دۇر. بۇ ئارايۈزلەر پەقەت مېڭىدىن سىگنال قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىپلا قالماي، يەنە بىۋاسىتە مېڭىگە بۇيرۇق يەتكۈزەلەيدۇ. «نېۋرالىنك» (Neuralink) قاتارلىق خەلق ئىشلىرى تۈرلىرىنىڭ ئوي-خىيال كۈچى بىلەن ئۈسكۈنىلەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى، ھەربىي ساھەدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ (İHA) كونترول قىلىنىشىدىن تارتىپ، قىسىملار ئارا سىمسىز ئالاقىگىچە بولغان يوشۇرۇن كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق پاندا خانىم بۇ يوشۇرۇن كۈچنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنىمۇ كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ: بۇ ئارايۈزلەر بىر ئەسكەرنىڭ ئوي-خىياللىرىنى، ھېس-تۇيغۇلىرىنى ۋە كەيپىياتىنى پەقەت ئوقۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇلارنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئالگورىزملارغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال «مەن كىم؟» دېگەن سوئالنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدۇ. بىر ماشىنا ئادەم سىستېمىسى جانلىق ئەسكەرنىڭ نېرۋا سېستىمىسى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەندە، بىر ئەسكەرنىڭ ئوي-خىياللىرى ۋە ھېسسىياتلىرىنىڭ قانچىلىك قىسمى ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ؟ ئۇنىڭ قارار ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ئىرادە كىمگە مەنسۇپ؟ بۇ ئارايۈزلەر ئەگەر دۈشمەن تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان (hacklenmesi) ئەھۋالدا يۈز بېرىدىغان ئاپەتلىك سىنارىيەلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلسىچۇ؟بۇ،ھەربىي ئىستراتېگىيەچىلەرنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدىغان تۈردىندۇر. ئۆز نېرۋىسىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقاتقان بىر ئەسكەر، بۇ سەۋەبلىك تۇيۇقسىزلا ئۆز دۆلىتىگە قارشى بىر قورالغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ ئېلېكتىروئېنسېفالوگرامما (EEG) ۋە مېڭە-كومپيۇتېر ئارايۈزى (BCI) تېخنولوگىيەسى ئارقىلىق ئەسكەرلەرنىڭ ئوق ئېتىش ماھارىتىنى ئاشۇرغانلىقىغا دائىر 2022-يىلدىكى تەتقىقاتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى ئىلغار تەتقىقات تۈرلىرى ئىدارىسى (DARPA) نىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۈرلىرى، بۇ تېخنولوگىيەلەرنىڭ ئەمدى بىر ئىلمىي فانتازىيە ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئەمەلىيەتتە ھەربىي تەلىماتلارغا سىڭدۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇرۇشنىڭ ئەخلاقى ۋە قانۇنىلىقىغا كەسكىن بىر سۇئال تاشلايدۇ: ھەرىكىتىنىڭ كونتروللۇقى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي بىر ئالگورىزمغا تاپشۇرۇلغان بىر ئەسكەرنى، ئۇرۇش جىنايەتلىرى ئۈچۈن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش مۇمكىنمۇ؟ «جىنايى نىيەت» (Mens rea) پىرىنسىپى،ۋىجدانى، ئىرادىسى تېخنولوگىيە تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان بىر شەخس ئۈچۈن كۈچكەئىگە بولامدۇ؟ پاندا خانىمنىڭ ماقالىسى بۇ سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق، نېرۋىنى قورالغا ئايلاندۇرۇشنىڭ پەقەت بىر تېخنولوگىيە مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چوڭقۇر بىر پەلسەپەۋى ۋە قانۇنىي كىرىزىس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
رازىلىق، ئەخلاق ۋە قانۇن بوشلۇقى مەسىلىسى
ماقالە ھەربىي ساھەدە نېرۋا تېخنولوگىيەسىنى ئىشلىتىشنىڭ ئەڭ سەزگۈر ۋە تالاش-تارتىشلىق تەرەپلىرىنىڭ بىرى بولغان «رازىلىق» (consent) مەسىلىسىگە ئالاھىدە بىر بۆلۈم ئاجراتقان. ھەربىي قۇرۇلما ماھىيىتى ئېتىبارى بىلەن قاتتىق بىر بۇيرۇق-قوماندانلىق زەنجىرىگە تايىنىدىغان بولۇپ، شەخسنىڭ ئەركىنلىكى پۇقرالار ھاياتىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا چەكلىك بولغان بىر ساھەدۇر. بۇ قاتلاملىق قۇرۇلما ئىچىدە، بىر ئەسكەرنىڭ ئۆز نېرۋولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان، ئەقلىي مەخپىيەتلىكىگە دەخلى قىلالايدىغان بىر تەجرىبىگە ياكى قوللىنىشقا «ئەركىن» ھالدا رازىلىق بىلدۈرۈشى قانچىلىك مۇمكىن؟ ئاپتور ئەسكەر رازىلىقىنىڭ «ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىقى» ۋە «تولۇق ئىختىيارلىق» تەڭپۇڭلۇقىغا ئاساسلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ھەربىي مۇھىتنىڭ بۇ ئىككى شەرتنى ھازىرلاشتىن يىراق ئىكەنلىكىنى ئورۇنلۇق ھالدا ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىنسان مېڭىسىنىڭ ھېلىھەم ئەڭ ئاز چۈشىنىلگەن ۋە ئەڭ مۇرەككەپ بىيولوگىيەلىك سىستېما ئىكەنلىكى نەزەرگە ئېلىنغاندا، نېرۋا سېستىمىسىنىڭ تەبىئىي فۇنكىسسىيەسىگە سىرىتتىن ئارىلىشىشلارنىڭ پەقەت داۋالاش ۋە بىيولوگىيەلىك خەتەرلەرنىلا ئەمەس، بەلكى شەخسنىڭ ئەخلاقىي ۋە كىملىك ئېڭىدىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى ئېنىقتۇر. بىر ئەسكەرنى نېرۋا ئۆزگەرتىشىگە ئۇچرىتىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان بولۇشنىڭ مەنىسىنى قايتىدىن بېكىتىش دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ئەخلاقىي قىيىنچىلىق، ھازىرقى قانۇنىي رامكىلارنىڭ يېتەرسىزلىكى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا. تېبابەتچىلىك ساھەسىدە نېرۋا-ئەخلاق قائىدىلىرى ۋە قانۇنلىرى مەۋجۇت تۇرۇقلۇق، بۇ تېخنولوگىيەلەرنىڭ ھەربىي ساھەدىكى قوش مەقسەتلىك قوللىنىلىشى ئۈچۈن ياكى تەجرىبە خاراكتېرلىك تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن بىر قانۇنىي رامكىنىڭ يوقلۇقى ۋە بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلىمەكتە. بۇ ئەھۋال ئەسكەرلەرنى ھەربىي سىستېما ئىچىدىكى بېسىم ۋە مەجبۇرلاشقا قارشى ئاجىز بىر ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۇلارنى بىر خىل «تەجرىبە ھايۋانى» ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويۇش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ. ھەربىي سېستىما كەبى ئۇچۇرغا ئېرىشىش چەكلەنگەن ۋە ئەسكەرنىڭ شەخسىي رازىلىقى نەزەرگە ئېلىنمايدىغان يېپىق بىر سىستېما، ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلاردىن بىرى بولغان ئخىتىيارلىق ۋە مۇستەقىل قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا دەخلى قىلىدۇ.
پاندا خانىم يۇنېسكو (UNESCO) نىڭ 2025-يىلى مايدا «نېرۋا تېخنولوگىيەسى ئەخلاقى تەۋسىيەسى» لايىھەسىنى تاماملىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكتە بىر ئاڭلىقلىقنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. بۇ لايىھە نېرۋا تېخنولوگىيەسىنىڭ قانۇنسىز سوراق قىلىش ۋە مەجبۇرىي ھەرىكەتكە ماسلىشىشتا ئىشلىتىلىشىنى چەكلەيدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارىلىقىنى، سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىكىنى ۋە تور بىخەتەرلىكى ئۆلچەملىرىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەمما ئاپتور بۇ تەۋسىيەنىڭ تېخى رەسمىي قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى ۋە ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇشتىن خېلى يىراق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشنىمۇ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال تېخنولوگىيەنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ، قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي بەلگىلىمىلەرنىڭ بىكىتىلىش سۈرئىتىدىن كۆپ تېز ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئارىلىقتىكى قانۇنىي يوچۇقنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يوچۇق، ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەت ۋەكىشىلىك ئەركىنلىكنى قوغداشقا يۈزلەنگەن جىددىي خەلقئارالىق بەلگىلىمىلەر ۋە كېلىشىملەرنىڭ نەقەدەر ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
گېئوپولىتىكىلىق ئاقىۋەتلەر ۋە يەرشارى تەڭسىزلىكى
ماقالىدە نېرۋىنىڭ قورال قىلىنىشى رىقابىتىنىڭ گېئوپولىتىكىلىق ئاقىۋەتلىرى ۋە يەرشارى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىمۇ ئانالىز قىلىنىش ئارقىلىق، مەسىلىنى شەخسىي ۋە ئەخلاقىي قاتلامدىن خەلقئارالىق سىستېما قاتلىمىغا يۆتكەيدۇ. چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بۇ ساھەگە سالغان غايەت زور مەبلەغلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ئاساسلىق لوگىكا، «رىقابەتچى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ساھەدە ئەۋزەللىككە ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،تاقابىل تۇرۇش ۋە كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش» دەپ كۆرسىتىلمەكتە. ئەمما پاندا خانىم بۇ «تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» لوگىكىسىنىڭ، رېئاللىقتا دەل ئەكسىچە بىر نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چۈنكى بۇ ساھەدىكى تېخنىكىلىق كۈچ ۋە بىلىم پەقەت بىر قانچە دۆلەتنىڭ مونوپوللۇقىدا. 2000-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نېرۋا تېخنولوگىيەسى ساھەسىدىكى بارلىق IP5 پاتېنتىنىڭ %87 نىڭ ئامېرىكا، خىتاي، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەتتىن كەلگەنلىكى، بۇ تېخنولوگىيەدىكى مونوپوللۇقنىڭ ئەڭ كونكرېت ئىسپاتىدۇر.
بۇ ئەھۋال نېرۋىنى قورالغا ئايلاندۇرۇش تېخنولوگىيەلىرىنىڭ، ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيەلىك جەھەتتە ئارقىدا قالغان دۆلەتلەرنى گېئوپولىتىكىلىق سېنارىيەدە ئېغىر دەرىجىدە پايدىسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەنئەنىۋى ھەربىي كۈچ (تانكا، ئايروپىلان، ئەسكەر سانى) مەلۇم دەرىجىدە تەڭپۇڭلاشتۇرۇلسا، بىر دۆلەت ئەسكەرلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان ياكى دۈشمەننىڭكىنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرىدىغان بىر تېخنولوگىيە ئالدىدا باشقىلارنىڭ رىقابەتلىشىش پۇرسىتى نۆلگە يېقىنلىشىدۇ. بۇ پەقەت ئۇرۇش مەيدانىدىلا ئەمەس، بەلكى دىپلوماتىك سۆھبەتلەردە، ئىستراتېگىيەلىك سودىلىشىشلاردا ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەر بىر ساھەسىدە كۈچ ئاسسىممېترىكلىكىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. پاندا خانىم ئالدىنئالا پەرەز قىلغىنىدەك، يەرشارى تەڭسىزلىكى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ۋە ئىستراتېگىيەلىك كۈچ، ھازىرقى بىر قانچە چوڭ دۆلەتنىڭ قولىدا پۈتۈنلەي مونوپوللىشىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ يېڭى قوراللىنىش رىقابىتى پەقەت دۆلەتلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى بۇ تېخنولوگىيەلەرگە ئېرىشەلەيدىغان «تەرەققىي قىلدۇرۇلغان» ئىنسانلار بىلەن ئېرىشەلمەيدىغان «تەبىئىي» ئىنسانلار ئارىسىدىمۇ يېڭى ۋە خەتەرلىك بىر ئايرىمىچىلىقنى پەيدا قىلىش خەۋپىگە ئىگە.
خۇلاسە: چېگرالارنى قايتىدىن سىزىش ۋە ئىنسانىيەتنى قوغداش
ئانىكا پاندانىڭ «نېرۋىنى قورالغا ئايلاندۇرۇش» ناملىق ماقالىسى 21-ئەسىرنىڭ ئەڭ ھالقىلىق بىخەتەرلىك ۋە ئەخلاقىي مەسىلىلىرىنىڭ بىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن، دەل ۋاقتىدا يېزىلغان ۋە قوزغىتىش خاراكتېرلىك بىر ئەسەردۇر. بۇ ئانالىز نېرۋا تېخنولوگىيەسىنىڭ ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلىشىنىڭ پەقەت يېڭى بىر قورال تۈرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنسان كىملىكى، ئىرادە، كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت قاتارلىق تۈپ ئۇقۇملارنى يىلتىزىدىن تەۋرىتىدىغان مەۋجۇتلۇق خاراكتېرلىك بىر خىرىس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇرۇشنىڭ ئىنسان مېڭىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يۆتكىلىشى، ئىنسانىيەت ھازىرغىچە دۇچ كەلگەن ھېچقانداق تېخنولوگىيەلىك ئىنقىلابقا ئوخشىمايدۇ. بۇ تېخنولوگىيەلەر بىر تەرەپتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ كېيىنكى روھىي بېسىم كېسەللىكى (TSSB) نى داۋالاشنى ياكى بىئونىك سۈنئىي ئەزالار (biyonik protezler) قاتارلىق ساھەلەردە بۆسۈش خاراكتىرلىك ياخشىلىنىشلارنى ۋەدە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنساننى ئۇرۇش ماشىنىسىنىڭ بىيولوگىيەلىك بىر ئۇلانمىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش خەۋپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پاندا خانىم ئېيتقاندەك، جەمئىيەت ۋە تېخنولوگىيە تەرەققىي قىلغانسېرى، تەرەققىيات بىلەن ۋەيرانچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كېتىشنى چەكلەش ئۈچۈن ۋە ئاساسىي ھوقۇق ھەمدە باراۋەرلىك زامانىۋىلىشىشنىڭ سۈرئىتىگە يېتىشەلەيدىغان بىر دۇنيا يارىتىش ئۈچۈن بىزنى قوغدايدىغان قائىدە-قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىشقا مەجبۇرمىز. نېرۋىنى قورالغا ئايلاندۇرۇش رىقابىتى كونترولسىز قويۇپ بېرىلگەندە، پەقەت يەرشارى مۇقىمسىزلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئىنساننىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىگە دائىر ئەڭ ئەقەللىي چۈشەنچىمىزنىمۇ يىمىرىپ تاشلايدۇ. شۇڭلاشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، ئالىملارنىڭ، ئەخلاقشۇناسلارنىڭ ۋە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ جىددىي ھالدا بىر يەرگە كېلىپ، ئىنسان مېڭىسىنىڭ بىر ئۇرۇش قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، ئەقلىي مەخپىيەتلىك ۋە بىلىش ئەركىنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كىشىلىك ھوقۇق سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغان، پۇختا ۋە سىجىل يولغا قويۇشچانلىققا ئىگە خەلقئارالىق مىزانلار ۋە كېلىشىملەرنى تۈزۈپ چىقىشى، ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان بىر ۋەزىپىدۇر.
تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار
پايدىلانغان مەنبە:
Panda, Anika. (2025, 20 Kasım). «Neuro-Weaponisation: How Neurotechnology is blurring Humanity in the Military Arena». Modern Diplomacy.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















