ئامېرىكا ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى ۋە كەلگۈسى تېخنولوگىيەلەر ئۈچۈن قىلىنىدىغان كۈرەش

2025-يىلى 18-نويابىر

(تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى خىزمەت گۇرۇپپىسى دوكلاتىغا باھا)

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى (Council on Foreign Relations – CFR) تەرىپىدىن 2025-يىلى 30-ئۆكتەبىردە «83-نومۇرلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى دوكلاتى» نامىدا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى: كەلگۈسىدىكى تېخنولوگىيەلەر مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلىش» (U.S. ECONOMIC SECURITY: Winning the Race for Tomorrow’s Technologies) سەرلەۋھەلىك دوكلات، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 21-ئەسىردىكى ھەل قىلغۇچ تېخنولوگىيەلىك رىقابەتتىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان بىر ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك ھۆججەتتۇر. بۇ دوكلات ئامېرىكانىڭ سابىق سودا مىنىستىرى گىنا م. رايموندو، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى جاستىن گ. مۇزىنىچ ۋە لوكھىد مارتېن شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېيمىس د. تايكلېت قاتارلىق ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي ساھەنىڭ نوپۇزلۇق شەخسلىرىنىڭ ئورتاق رىياسەتچىلىكىدە، تۈر دىرېكتورى جوناتان ئې. ھىلماننىڭ باشقۇرۇشىدا تەييارلانغان. 2025-يىلى نويابىردا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقاتتا، ئامېرىكانىڭ يەرشارىۋىي رەھبەرلىكىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل  (AI)، كىۋانت تېخنولوگىيەلىرى ۋە بىيوتېخنولوگىيە ساھەلىرىدە قانداق قەدەملەرنى ئېلىشى كېرەكلىگى جىددىي شەكىلدە مۇھاكىمە قىلىنغان. دوكلاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى — ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنى دۆلەت بىخەتەرلىك تەلىماتىنىڭ مەركىزىگە قويۇش ۋە بۇ ساھەدە دۇچ كەلگەن ئاجىزلىقلار، مەبلەغ  يېتەرسىزلىكى ۋە تەمىنات زەنجىرى خەۋپ-خەتىرىنى تۈگىتىدىغان كونكرېت سىياسەت تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت.

بۇ دوكلات سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دەۋردىكى لىبېرال ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ ئورنىنى گېئوسىياسىي ئۈستۈنلۈك تالىشىشلار شەكىللەندۈرگەن يېڭى بىر پارادىگما(ئۈلگە)  ئالغانلىقى تېزىسىدىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ يېزىلغان. بۇ تەتقىقاتتا، ئامېرىكا – خىتاي كۆپ قاتلاملىق رىقابىتىنىڭ پەقەت ھەربىي ياكى دىپلوماتىك كۈرەشلا ئەمەسلىكى، ئەكسىچە ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيەلىك ئۈستۈنلۈكى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان بىر مەۋجۇتلۇق كۈرىشىگە ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن. COVID-19 يۇقۇمى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرلىك سانائەت سىياسەتلىرى قاتارلىق يەرشارىۋىي زەربىلەرگە قارىتا تەييارلانغان بۇ دوكلات، ئامېرىكا سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرىگە مۇداپىئە خاراكتېرلىك (دېفەنسىپ) ۋە ھۇجۇم خاراكتېرلىك (ئوفېنسىپ) ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنى قانداق قىلىپ بىرلىكتە قوللىنىشقا دائىر سىستېمىلىق بىر يول خەرىتىسى سىزىپ بېرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، بۇ ھۆججەت ئاكادېمىك چوڭقۇرلۇق بىلەن ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقنى بىرلەشتۈرگەن قۇرۇلمىسى بىلەن، كەلگۈسى ئون يىللىق ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق مەنبەلەرنىڭ بىرى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت

ئىقتىسادىي كۈچنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى تارىخىي بىر ھەقىقەت بولسىمۇ، بۈگۈنكى شارائىت بۇ ھەقىقەتنى مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر سەۋىيەگە ئېلىپ چىقتى. ئۆتمۈشتە ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە ئۈنۈمدارلىقنى مەركەز قىلىىش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە دۆلەتنىڭ سىجىل بەرداشلىق كۈچى ۋە بىخەتەر تەمىنات زەنجىرلىرى ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. يۇقۇم جەريانى يەرشارىۋىي تەمىنات زەنجىرلىرىدىكى ئاجىزلىقلارنى ۋە مەلۇم دۆلەتلەرگە ھەددىدىن زىيادە بېقىنىشنىڭ بەدىلىنى ئاچچىق بىر شەكىلدە ئاشكارىلىغان بولسا، رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە كوزىرىنى ئىشلىتىشى ۋە خىتاينىڭ تېخنولوگىيەلىك ھۆكۈمرانلىق ئىزدەش ئۇرۇنۇشلىرى، ئىقتىسادنىڭ بىر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك قورالىغا ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. دوكلاتتا بۇ ئۆزگىرىش «ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك» ئۇقۇمىنىڭ باش كۆتۈرۈشى دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، دۆلەتلەرنىڭ بازارلارغا ئارىلىشىشىنىڭ ئەمدىلىكتە بىر تاللاش ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيەلىك بىر زۆرۈرىيەتكە ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ يېڭى دەۋردە ھۆكۈمەتلەرنىڭ بازار مېخانىزمىغا ئارىلىشىشى، بولۇپمۇ «بازار مەغلۇبىيەتلىرى» دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان ئەھۋاللاردا قانۇنلۇق ئاساسقا ئىگە بولماقتا. ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان، ئەمما تىجارەتلەشتۈرۈش جەريانى ئۇزۇن ۋە خەتەرلىك بولغان تېخنولوگىيەلەرگە قارىتا خۇسۇسىي ساھە سەرمايىسىنىڭ يېتەرسىز قېلىشى بۇ يەردە دېيىلگەن بازار  مەغلۇبىيەتلىرىنىڭ بېشىدا تۇرىدۇ. كىۋانت كومپيۇتېرلىرى ياكى ئىلغار بىيوتېخنولوگىيە تەتقىقاتلىرىغا ئوخشاش ساھەلەر يۇقىرى تەننەرخى ۋە ئېنىقسىز كىرىم نىسبىتى سەۋەبىدىن خۇسۇسىي مەبلەغلەرنى جەلپ قىلىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ رەقىبلىرى دۆلەت قوللىشىدىكى فوندلار بىلەن بۇ بوشلۇقنى تېزلىكتە تولدۇرماقتا. شۇڭلاشقا، دوكلاتتا دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سالغۇچى رولىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى ۋە بۇ ئارىلىشىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە ئېكو سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماستىن، ئەكسىچە ئۇنى كۈچەيتىدىغان شەكىلدە لايىھەلىنىشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنىڭ يەنە بىر ھالقىلىق تەرىپى بولسا، ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە تەمىنات زەنجىرلىرىنىڭ دوست بولمىغان دۆلەتلەردە ياكى گېئوسىياسىي جەھەتتە خەتەرلىك رايونلاردا ھەددىدىن زىيادە مەركەزلىشىپ قېلىشىدۇر. يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەردىن تارتىپ سىيرەك مىنېراللارغىچە، دورا خام ماتېرىياللىرىدىن ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە خىتايغا بولغان بېقىندىلىق، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقىنى چەكلەيدىغان ئەڭ چوڭ خەتەر ئامىلىدۇر. دوكلاتتا بۇ بېقىندىلىقلارنىڭ كىرىزىس پەيتىدە تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىپ، تەمىنات زەنجىرلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنىڭ ۋە «دوست دۆلەتلەردىن تەمىنلەش» (friend-shoring) ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئىپادىلەنگەن. بۇ دائىرىدە، تاموژنا بېجى، مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈش ۋە ئېكسپورتنى كونترول قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ تەشەببۇسكار ۋە ماسلاشقان ھالدا ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

كەلگۈسىدىكى تېخنولوگىيەلەر ئۈچۈن مۇسابىقە

ئامېرىكا ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىنىڭ ئاخىرقى نىشانى، كەلگۈسىدىكى دۇنيانى شەكىللەندۈرىدىغان ئۈچ ئاساسلىق تېخنولوگىيە ساھەسىدە مۇنازىرىسىز رەھبەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت: سۈنئىي ئەقىل (AI)، كىۋانت تېخنولوگىيەلىرى (ھېسابلاش، سېزىش ۋە ئالاقە) ۋە بىيوتېخنولوگىيە. دوكلاتتا بۇ ئۈچ ساھەنىڭ تاللىنىشىنىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكى، چۈنكى بۇ تېخنولوگىيەلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ھەم پۇقرالارنىڭ پاراۋانلىقىنى ئاشۇرىدىغان غايەت زور ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچكە، ھەم ئۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان بۇزغۇنچىلىق كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. بۇ تېخنولوگىيەلەرنىڭ 2040-يىلىغىچە يەرشارى ئىقتىسادىغا 29 تىرىليون دوللارلىق تۆھپە قوشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. شۇڭا بۇ مۇسابىقىدە ئارقىدا قېلىش، ئامېرىكا ئۈچۈن پەقەت ئىقتىسادىي زىيانلا ئەمەس، بەلكى يەرشارىۋىي نورما ۋە ئۆلچەملەرنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش دېگەنلىك بولىدۇ.

بۇ تېخنولوگىيەلەرنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى، ئۇلارنىڭ «قوش ئىشلىتىش» (dual-use) خاراكتېرىدۇر. سۈنئىي ئەقىل، كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇشتا بۆسۈش يارىتالايدىغان بولۇش بىلەن بىرگە، تور ھۇجۇملىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرالايدۇ ياكى قورال سېستىمىلىرىنى ئاپتوماتىك باشقۇرالايدۇ. كىۋانت تېخنولوگىيەلىرى يېڭى دورىلارنىڭ بايقىلىشىنى تېزلىتەلەيدىغان بولۇش بىلەن بىرگە، ھازىرقى سېستىمىلارنىڭ شىفرىسىنى بۇزۇپ، يەرشارىۋىي پۇل-مۇئامىلە بىخەتەرلىكى ۋە ئىستىخبارات تورلىرىغا خەۋپ ئېلىپ كېلەلەيدۇ. بىيوتېخنولوگىيە بولسا، كېسەللىكلەرنى داۋالاش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا گېن ئىنژېنېرلىقى ئارقىلىق مەلۇم نوپۇسلارنى نىشان قىلغان بىيولوگىيەلىك قوراللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ. دوكلاتتا بۇ خەتەرلەرنى كونترول قىلىشنىڭ پەقەت ئامېرىكىنىڭ تېخنولوگىيەلىك ئۈستۈنلۈكنى قولىدا تۇتۇشى بىلەنلا مۇمكىن بولىدىغانلىقى، ئەكسىچە بولغاندا بۇ كۈچلۈك ۋاسىتىلەرنىڭ  ئامرىكىنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا تەھدىت سالىدىغان ئاكتىيورلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.

تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ تېخنولوگىيەلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى (convergence)، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا. كەلگۈسىدىكى مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك سىستېمىلىرى بۇ ئۈچ تېخنولوگىيەنىڭ بىرلىشىشىگە ئاساسلىنىدۇ. مەسىلەن، بىيولوگىيەلىك تەھدىتلەرنى بايقايدىغان بىر سىستېما، كىۋانت سېنزورلىرىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان سۈنئىي ئەقىل ئالگورىزملىرىنى ۋە گېن ئانالىزى قىلىدىغان بىئوتېخنولوگىيەلىك ۋاسىتىلەرنى بىرلىكتە ئىشلىتىدۇ. بۇ ئۈچ تېخنولوگىيەدىكى بۇخىل ماسلىشىش، بەزىلىرىگە ئەمەس ، بەلكى ھەممىسىگە قارىتا تېخنولوگىيە رەھبەرلىكىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى تەقەززا  قىلىدۇ. دوكلاتتا، ئامېرىكىنىڭ پەقەت يېڭىلىق يارىتىش باسقۇچىدىلا ئەمەس، بەلكى بۇ تېخنولوگىيەلەرنىڭ كۆلەملەشتۈرۈلۈشى، تىجارەتلەشتۈرۈلۈشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ قۇرۇلۇشى باسقۇچلىرىدىمۇ رەھبەر بولۇشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

رىقابەتتە غەلىبە قىلىشنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولسا ۋاقىتتۇر. دوكلاتتا، بولۇپمۇ كىۋانت ھېسابلاشقا ئوخشاش ساھەلەردە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىنلىكى بولغان بىر ئاساسلىق بۆسۈشنىڭ (breakthrough)، ھازىرقى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى بىر كېچىدىلا ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. كىۋانت كومپيۇتېرلىرىنىڭ ھازىرقى شىفىرلارنى يېشەلەيدىغان كۈنى كەلگەندە — يەنى «Q-Day» (كىۋانت كۈنى) دە، مۇداپىئەسىز تۇتۇلۇپ قالغان بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى تولدۇرغۇسىز زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن. شۇڭا دوكلاتتا، ئامېرىكىنىڭ رېئاكسىيەلىك پوزىتسىيەنىڭ ئورنىغا، تېخنولوگىيەلىك كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنى ئالدىن پەرەز قىلىدىغان  تەشەببۇسكار بىر ئىستراتېگىيە يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي ساھەنىڭ ماسلىشىپ ئىشلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ « كۆرۈنگەن قولى»: دۆلەت قوللىشىدىكى رىقابەت

دوكلاتتا، ئامېرىكىنىڭ تېخنولوگىيە جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە قارىتا ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇرەككەپ تەھدىتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىۋاتقانلىقى سانلىق مەلۇماتلار ۋە كونكرېت مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي، «كۆرۈنمەس قول» پىرىنسىپىغا ئاساسلانغان ئەركىن بازار ئىگىلىكىنىڭ ئەكسىچە، دۆلەتنىڭ «كۆرۈنگەن قولى» بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەرگە بىۋاسىتە يۆنىلىش كۆرسەتمەكتە ۋە ئۇلارنى مالىيە جەھەتتىن قوللىماقتا. ئۆتكەن ئون يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل، كىۋانت ۋە بىيوتېخنولوگىيە ساھەلىرىگە تەخمىنەن 900 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ رەقەم، ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ھۆكۈمەت خىراجىتىدىن ھەسسىلەپ يۇقىرى. خىتاي، «خىتايدا ئىشلەنگەن 2025» (Made in China 2025)  دېگەن پاكىتلىق ھۆججەت ئارقىلىق يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلاردا تاشقى دۇنياغا بېقىنىشنى ئازايتىشنى ۋە يەرشارى بازارلىرىدا ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىشنى ئوچۇق-ئاشكارا نىشان قىلماقتا.

خىتاينىڭ بۇ تاجاۋۇزچىل ئىستراتېگىيەسى، ئاكادېمىك ماقالىلەردىن پاتېنت سانىغىچە، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىدىن بازار ئۈلۈشىگىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە كونكرېت نەتىجىلەرنى بېرىشكە باشلىدى. دوكلاتتا، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى ماقالە ۋە پاتېنت سانىدا دۇنيادا چوققا  ئورۇنغا چىققانلىقى، خىتايدا ئىشلەنگەن AI مودېللىرىنىڭ ئامېرىكا مودېللىرى بىلەن بولغان ئىقتىدار پەرقىنى تېزلىكتە قىسقارتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي كىۋانت ئالاقىسىدە  قۇرغان 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئۇزۇنلۇقتىكى تورى ۋە قويۇپ بەرگەن كىۋانت سۈنئىي ھەمراھلىرى بىلەن ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتتى. بىيوتېخنولوگىيە ساھەسىدە بولسا، دۇنيا مىقياسىدىكى دورا خام ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مەركىزىي بازىسىغا ئايلاندى ۋە گېن سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاش ئىقتىدارىنى غايەت زور دەرىجىدە كېڭەيتتى. دوكلاتتا، خىتاينىڭ بۇ ئىلگىرىلىشىنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتلا ئەمەس، بەلكى ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ تېخنولوگىيەلىك يۈكسىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەرشارىۋىي تەمىنات زەنجىرلىرى ئۈستىدىكى كونتروللىقى بىلەن تېخىمۇ خەتەرلىك بىر ھالەتكە كەلمەكتە. دوكلاتتا، خىتاينىڭ سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى، دورا تەركىبلىرى ۋە ھالقىلىق تېخنولوگىيەلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشلەر جەھەتتىكى مونوپول ئورنىنى، گېئوسىياسىي بىر قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىش نىيىتى ۋە ئىقتىدارىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. 2010-يىلى ياپونىيەگە يۈرگۈزۈلگەن سىيرەك توپا ئېلېمېنتى ئېمبارگوسى ۋە يېقىنقى يىللاردا ھەر قايسى دۆلەتلەرگە قارشى قوللىنىلغان سودا چەكلىمىلىرى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بېقىندىلىقلارنى بىر بېسىم ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئەگەر خىتاي كەلگۈسىدىكى تېخنولوگىيەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرلىرىنىمۇ كونتروللۇقىغا ئالسا، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئىستراتېگىيەلىك قارارلارنى چىقىرىشتا بېيجىڭنىڭ تەستىقىغا موھتاج بولىدىغان بىر ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.

بۇ سېنارىيە ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردە، يەرشارىۋىي تەرتىپنىڭ مۇستەبىتلىشىش يۈزلىنىشىگە كىرىشى مۇقەررەر. خىتاي تەرەققىي قىلدۇرغان كۆزىتىش تېخنولوگىيەلىرى، سۈنئىي ئەقىلگە ئاساسلانغان تەكشۈرۈپ-چەكلەش سىستېمىلىرى ۋە رەقەملىك كونترول مېخانىزملىرى، خىتاي تېخنولوگىيەسى بىلەن بىرلىكتە دۇنياغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ. دوكلاتتا، بۇ ئەھۋالنىڭ پەقەت شەخسىي ئەركىنلىكلەرگە تەھدىت سېلىپلا قالماي، بەلكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنىمۇ ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ (PLA) پۇقراۋى تېخنولوگىيەلەرنى ھەربىي ئىقتىدارىغا بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارى (پۇقراۋى-ھەربىي بىرىكىش)، كەلگۈسىدىكى توقۇنۇشلاردا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تېخنولوگىيەلىك ئۈستۈنلۈكىنى يوقىتىش خەۋپىنى تۇغدۇرماقتا.

رىقابەتتەغەلىبە قىلىش: 1. سۈنئىي ئەقىل (AI)

سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە ئۈستۈنلۈكنى ساقلاش ۋە مۇستەھكەملەش، ئامېرىكا ئۈچۈن پەقەت بىر نوپۇز مەسىلىسىلا بولۇپ قالماستىن ، بەلكى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى ئۈچۈن بىر زۆرۈرىيەتتۇر. دوكلاتتا، ئامېرىكىنىڭ ھازىرچە سۈنئىي ئەقىل يېڭىلىقلىرى ۋە سۈنئىي ئەقىل  مودېللىرى تەرەققىياتىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەممە بۇ  ئۈستۈنلۈكنىڭ ئاجىز ئاساسلارغا قۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي، بولۇپمۇ سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ۋە قوللىنىش ساھەسىدىكى ئەۋزەللىكلىرى بىلەن رىقابەتتىكى  پەرقنى تىز قىسقارتماقتا . ئامېرىكىنىڭ بۇ مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈكنى ساقلىشى ئۈچۈن، پەقەت يۇمشاق دېتال ۋە ئالگورىزىم تەرەققىي قىلدۇرۇشقىلا ئەمەس، بەلكى سۈنئىي ئەقىلنىڭ فىزىكىلىق ئۇل ئەسلىھەسى بولغان قاتتىق دېتال ۋە ئېنېرگىيە سىستېمىلىرىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

سۈنئىي ئەقىل ئېكو سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئاجىز نۇقتىسى، قاتتىق دېتال تەمىناتىدا ئىمپورتقا بېقىنىشدۇر. دوكلاتتا، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىلغار سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنى لايىھەلەش جەھەتتە ئۈستۈن بولسىمۇ، بۇ ئۆزەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوراش جەھەتتە تەيۋەن ۋە جەنۇبىي كورېيەگە ئوخشاش شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە، ئۆزەكلەرنىڭ خام ماتېرىيالى بولغان خىمىيەلىك ماددىلار ۋە ئاز ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلار جەھەتتە بولسا خىتايغا بېقىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشدا بولمىسا بولمايدىغان ساپلىقى يۇقىرى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىنى قۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان پىرىسلانغان توك يولى تاختىلىرى (PCB)، تور ئۈسكۈنىلىرى ۋە سوۋۇتۇش سىستېمىلىرىدىمۇ خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر توقۇنۇشنىڭ ياكى ئېمبارگونىڭ، ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ئەقىل ئۇل ئەسلىھەسىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۇپ قويالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

دوكلاتتا،  بۇ خەتەرلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تاجاۋۇزچىل بىر سانائەت سىياسىتى يۈرگۈزۈشى تەكلىپ قىلىنغان. بولۇپمۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ خىمىيەلىك ماددىلىرى ۋە پىرىسلانغان  بىرىكمە توك يولى تاختىلىرىغا ئوخشاش مۇھىم سەپلىمىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنىڭ ئامېرىكىغا ياكى ئىشەنچلىك ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشى ئۈچۈن ياردەم پۇلى بېرىلىشى  ۋە  ياكى باجدا ئىتىبار  بېرىلىشى كېرەك. دوكلاتتا، 2030-يىلىغىچە مۇھىم خىمىيەلىك ماددىلار ئىشلەپچىقىرىشى «دۆلەت ئىچىگە يۆتكەش» (onshoring) ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە PCB ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلار بىلەن ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى قۇرۇلۇشى تەۋسىيە قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنىڭ ئاساسلىق توشۇغۇچىسى بولغان IC ئۇل ئەسلىھەسىگە (IC substrates)  مەبلەغ سېلىش كرېدىتلىرىنىڭ كېڭەيتىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا ئېكسپورت كونتروللۇقىنىڭ ئۈنۈمىدۇر. دوكلاتتا، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىلغار سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىگە ئېرىشىشىنى توسۇش مەقسىتىدە يولغا قويغان ئېكسپورت چەكلىمىلىرىنىڭ، ئەمەلىيەتتە كۈتۈلگەن ئۈنۈمگە تولۇق ئېرىشەلمىگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەتكەسچىلىك، نىقابلىق شىركەتلەر ۋە ئۈچىنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق قىلىنىۋاتقان سودا، كونتروللۇقنى بۇزماقتا. شۇڭا دوكلاتتا، سودا مىنىستىرلىقىغا سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ (BIS) تېخنىكىلىق ئىقتىدارى، ئىستىخبارات قابىلىيىتى ۋە سانلىق مەلۇمات ئانالىز ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ كۈچەيتىلىشى تەكلىپ قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېكسپورت قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ توسۇش رولىنى ئوينايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزۈلۈشى ۋە پۇل-مۇئامىلە ۋاسىتىچىلىرىنىڭمۇ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا، سۈنئىي ئەقىل ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىدە ئىشلىتىلگەن چەت ئەل ئىشلەپچىقارغان قاتتىق دېتاللارنىڭمۇ قاتتىق تەكشۈرۈلۈشى تەلەپ قىلىنغان. بولۇپمۇ خىتايدا ئىشلەنگەن تور ئۈسكۈنىلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ھالقىلىق سانلىق مەلۇمات ئۇل ئەسلىھەلىرىدە جاسۇسلۇق ياكى بۇزغۇنچىلىق مەقسىتىدە ئىشلىتىلىش خەۋپىدىن، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق مۇداپىئە قىلىنىشى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا چەكلىنىشى كېرەك. بۇ تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى، ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى، بىخەتەر ۋە چىداملىق بىر ئىشلەپچىقىرىش ئۇل ئەسلىھەسى ئارقىلىق قوللاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

رىقابەتتە غەلىبە قىلىش: 2. كىۋانت تېخنولوگىيەلىرى

كىۋانت تېخنولوگىيەلىرى، سۈنئىي ئەقىلگە سېلىشتۇرغاندا تېخى دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىدا بولسىمۇ، يوشۇرۇن تەسىرى جەھەتتىن ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭدەك ئۆزگەرتىش ياسىغۇچى كۈچكە ئىگە. دوكلاتتا، كىۋانت رىقابىتىدە غەلىبە قىلىشنىڭ، پەقەت ئىلمىي ماقالە سانىدا ئالدىغا ئۆتۈشلا ئەمەس، بەلكى «قوللىنىشچان (utility-scale) ۋە كىۋانت كومپيۇتېرلىرىنى تۇنجى بولۇپ ئىشلەپچىقارغان دۆلەت بولۇش دېگەنلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ھازىرقى ئەھۋالدا ئامېرىكا، كىۋانت ھېسابلاش ۋە سېزىش ساھەلىرىدە ئۈستۈنلۈكنى ساقلاۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ كىۋانت ئالاقىسى ۋە شىفىرلاش ساھەلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلىشى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. خىتاي، دۆلەت بىخەتەرلىكىدىكى ئالدىنقى شەرتلىرىگە ئاساسەن كىۋانت تېخنولوگىيەلىرىگە غايەت زور ھۆكۈمەت مەبلىغى ئاجرىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ساھەدە ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشۈش نىشانىنى يوشۇرمايۋاتىدۇ.

بۇ ساھەدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق، خۇسۇسىي ساھەنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىشتىياقىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدۇر. كىۋانت تېخنولوگىيەلىرى،  تىجارەتلەشتۈرۈلۈش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە تېخنىكىلىق خەتەرلىرىنىڭ چوڭلۇقى ىسەۋەبلىك، قىسقا مۇددەتلىك كىرىم قوغلىشىدىغان تەۋەككۈلچى مەبلەغلەرنى  قاچۇرۇپ قويىدىغان بولۇپ،دوكلاتتا، خىتاينىڭ كىۋانت ساھەسىگە ئاجراتقان ھۆكۈمەت خىراجىتىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي ساھە خىراجىتىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىگە دىققەتنى تارتىپ، بۇ مەبلەغ سېلىش پەرقىنى پەقەت دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئارىلىشىشى بىلەنلا يوقاتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خۇسۇسىي ساھە يالغۇز ئۈستىگە ئالالمايدىغان بۇ خەتەرلىك تەتقىقات-تەرەققىيات جەريانىنى قوللاش، دۆلەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ۋەزىپىسى ئىكەنلىكى  تەكىتلەنگەن.  ئامىرىكىنىڭ تېخنولوگىيەلەر ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان تەمىنات زەنجىرىمۇ ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، مەلۇم دۆلەتلەرگە بېقىنىدۇ. كىۋانت كومپيۇتېرلىرىنىڭ ئىشلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان سۇيۇلدۇرۇش توڭلاتقۇلىرى، لازېرلار، ئالاھىدە كابېللار ۋە ئىزوتوپلار دۇنيا مىقياسىدا ئىنتايىن ئاز ساندىكى تەمىنلىگۈچىلەر تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. مەسىلەن، ئۆتكۈزگۈچ كىۋانت بىتلىرى (qubit) ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بەزى سىيرەك توپا قېتىشمىلىرى ۋە ھېلىي ئىزوتوپلىرى ئىكىسپورتىدا خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر مۇھىم بازار ئۈلۈشىگە ئىگە. دوكلاتتا،  بۇ تەركىبىي قىسىملارنى تەمىنلەش زەنجىرىدە يۈز بېرىدىغان بىر ئۈزۈلۈشنىڭمۇ ئامېرىكانىڭ كىۋانت تەتقىقاتىنى يىللارچە ئاقسىتىپ قويىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.

بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن، دوكلاتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زور سوممىلىق  بىر ھۆكۈمەت راسخوتى بىلەن سېتىۋېلىش پىلانىنى باشلىشى كېرەكلىگى تەكلىپ قىلىنغان. مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ (DOD)، خۇسۇسىي ساھەگە بىر دانە پايدىلىنىش كۆلىمىدىكى كىۋانت دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرى ۋە بىر دانە ئارىلاشما دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر زاكاز قىلىپ، بازاردا ئېھتىياج يارىتىشى تەۋسىيە قىلىنغان. 1.3 مىليارد دوللارلىق خامچوت بىلەن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىنىدىغان بۇ ھەرىكەت، ھەم تېخنولوگىيەنىڭ يېتىلىشىنى تېزلىتىدۇ، ھەم خۇسۇسىي ساھە مەبلىغىنى قوزغىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلەتلىك كىۋانت تەشەببۇسىنىڭ (NQI) مۇددىتىنى ئۇزارتىش ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئاكادېمىك تەتقىقاتلار بىلەن سانائەتتە قوللىنىش ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكنى كۈچەيتىدۇ.

دوكلاتتا، كىۋانت تېخنولوگىيەلىرىدە ئىتتىپاقداشلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. ھېچقانداق بىر دۆلەت، كىۋانت تەمىنات زەنجىرىنىڭ ھەممىسىنى يالغۇز كونترول قىلالمايدىغان بولغاچقا، ياپونىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋە ئاۋسترالىيەگە ئوخشاش شېرىكلەر بىلەن بىخەتەر تەمىنات زەنجىرلىرى قۇرۇلۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىدىكى تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ خىتايغا ئوخشاش رەقىب دۆلەتلەردىن كىۋانت ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇ ساھەدىكى تېخنولوگىيە يۆتكىلىشىنى قاتتىق نازارەت قىلىش كېرەك. ئېكسپورت كونتروللۇقى، تېخنولوگىيەنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە ماسلىشالايدىغان دەرىجىدە ئىلاستىكىلىق بىر قۇرۇلمىدا لايىھەلىنىشى ۋە ئىتتىپاقداشلار بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

رىقابەتتە غەلىبە قىلىش: 3. بىيوتېخنولوگىيە

بىيوتېخنولوگىيە، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىدىن تارتىپ دېھقانچىلىققىچە، ماتېرىيال ئىلمىدىن ئېنېرگىيەگىچە بولغان كەڭ دائىرىدە بۆسۈش خاراكتىرلىك يوشۇرۇن كۈچگە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك بىر ساھەدۇر. دوكلاتتا، ئامېرىكىنىڭ ئەزەلدىن بىيوتېخنولوگىيە ۋە دورا تەرەققىياتىدا دۇنيا رەھبىرى ئىكەنلىكى، ئەمما بۇ رەھبەرلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە خىتاينىڭ يۈكسىلىشى سەۋەبىدىن تەھدىت ئاستىدا قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بىيوتېخنولوگىيە مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلىش، پەقەت يېڭى دورىلارنى بايقاشلا ئەمەس، بەلكى بۇ دورىلار ۋە بىيولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى بىخەتەر، تېز ۋە يەرلىك ئىمكانىيەتلەر بىلەن ئىشلەپچىقىرالىماق دېمەكتۇر. يۇقۇم جەريانى، ئامېرىكىنىڭ ھەتتا ئاساسلىق دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ تاشقىرىغا بېقىنىدىغانلىقىنى ئاچچىق بىر شەكىلدە كۆرسىتىپ بەردى.

دوكلاتنىڭ يەكۈنلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دورا سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە ئون يىللاردىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىشنى ئاسىياغا يۆتكىگەن. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدا ئىشلىتىلىدىغان ئانتىبېيوتىكلار، ئاغرىق پەسەيتكۈچىلەر ۋە باشقا مۇھىم دورىلارنىڭ ئاكتىپ تەركىبلىرى (API) ۋە ئانا ماتېرىياللىرىنىڭ (KSM) ناھايىتى زور بىر قىسمى خىتاي ۋە ھىندىستاندىن كېلىدۇ. ھىندىستاننىڭمۇ خام ماتېرىيال جەھەتتە خىتايغا بېقىنىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغىنىدا بولسا، ئامېرىكىنىڭ دورا بىخەتەرلىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، ئامېرىكا بىيوتېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش  ئۈچۈن توختاملىشىلغان خىتاي شىركەتلىرى(  CRO  ۋە   CDM) گە بارغانسېرى بېقىنىپ قېلىشىدۇر. بۇ ئەھۋال، ئامېرىكىنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىيولوگىيەلىك سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ خىتايغا يۆتكىلىش خەۋپىنى تۇغدۇرماقتا.

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىيو-ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىزلىكى، بۇ ساھەدە ياراتقان يېڭىلىقلىرىنىڭ  تىجارەتلەشتۈرۈلۈشىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلماقتا. يېڭى بىر بىيو-ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇشنىڭ تەننەرخى ۋە ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان بىيۇروكراتىك جەريانلارسەۋەبلىك،  كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى بىيوتېخنولوگىيە شىركەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىشكە مەجبۇر بولماقتا. دوكلاتتا، بۇ پاسسىپ دەۋرىيلىكنى بۇزۇش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىشى تەكلىپ قىلىنغان. دۆلەت مىقياسىدا، ھۆكۈمەت-خۇسۇسىي ساھە ھەمكارلىقى بىلەن قۇرۇلىدىغان ئىلغار بىيو-ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىرى تورى، شىركەتلەرنى تۆۋەن تەننەرخلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇل ئەسلىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، بىيوتېخنولوگىيە ساھەسىدە يارىتىلغان يېڭىلىقلارنىڭ ئامېرىكا چېگراسى ئىچىدە قېلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، دوكلاتتا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەمما سودا كىرىمى تۆۋەن بولغان بىيوتېخنولوگىيە ساھەلىرىگە (مەسىلەن، بىيولوگىيەلىك مۇداپىئە، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر) قارىتا ئالاھىدە بىر مەبلەغ سېلىش فوندى قۇرۇلۇشى تەۋسىيە قىلىنغان. بۇ فوند، دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى سەرمايە بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھالقىلىق بولغان تېخنولوگىيەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ، مەلۇم بىيوتېخنولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن «ئالدىنئالا سېتىۋېلىش كاپالىتى » بېرىشىمۇ خۇسۇسىي ساھەنىڭ خەتەر ھىس قىلىشىنى ئازايتىش ئارقىلىق، مەبلەغ سېلىشنى جانلاندۇرىدۇ.

مەزكۇر دوكلاتتا، تەمىناتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھالقىلىق دورا تەركىبلىرى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلاش تەكلىپ قىلىنغان. ئامېرىكا دورا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئالتە ئايلىق جىددىي ئەھۋال API ۋە KSM زاپىسى قۇرۇلۇشى ۋە بۇ زاپاسلارنىڭ ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن تەمىنلىنىشى قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈلۈشى كېرەك. ئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ بىيوتېخنولوگىيە ساھەسىدىكى سەرمايە ۋە ئۇچۇر ئېقىشىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، رەقىب دۆلەتلەرگە سېلىنغان مەبلەغلەر ھەققىدە دوكلات بېرىش مەجبۇرىيىتى يولغا قويۇلۇشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۈلۈكلىرى ۋە گېن سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ رەقىبلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بارلىق ساھەلەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان مەسىلىلەر: سىيرەك مىنېراللار ۋە ئەمگەك كۈچى

دوكلاتتا، سۈنئىي ئەقىل، كىۋانت ۋە بىيوتېخنولوگىيە ساھەلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ، ئىككى ئاساسلىق تۈۋرۈك ئۈستىدە يۈكسىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن: خام ماتېرىيالغا ئېرىشىش ۋە سۈپەتلىك ئىنسان كۈچى. بۇ ئىككى ساھە، تېخنولوگىيەلىك مۇستەقىللىقىنىڭ بولمىسا بولمايدىغان ئالدىنقى شەرتلىرى بولۇپ، ئىككى تۈۋرۈك ھەر ئۈچ تېخنولوگىيە ساھەسى ئۈچۈن ئورتاق  ئاساس يارىتىدۇ.

سىيرەك مىنېراللار مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالى جىددىي. يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇل تېشى بولغان سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى، گالىي، گېرمانىي، لىتىي ۋە كوبالىت قاتارلىق مىنېراللارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساپلاشتۇرۇشتا خىتاي يەرشارىۋىي مونوپول ئورۇنغا ئىگە. دوكلاتتا، ئامېرىكىنىڭ بۇ مىنېراللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەمىناتىدا %100 گە يېقىن نىسبەتتە تاشقىرىغا بېقىنىدىغانلىقى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان (46-بەت). دوكلاتتا، بۇ بېقىندىلىقنى بۇزۇش ئۈچۈن، دۆلەت مۇداپىئە زاپىسىنىڭ (NDS) دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە خامچوتىنى ئاشۇرۇش تەكلىپ قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى كان بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق خەرىتىلەش، كانچىلىققا ئىجازەت بېرىش جەريانلىرىنى تېزلىتىش ۋە قايتۇرۇپ ئىشلەش تېخنولوگىيەلىرىگە مەبلەغ سېلىش كېرەك. دوكلاتتا، پەقەت كانچىلىققىلا ئەمەس، بەلكى بۇ مىنېراللارغا بولغان ئېھتىياجنى ئازايتىدىغان ئورۇنباسار ماتېرىيال تېخنولوگىيەلىرىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىش تەۋسىيە قىلىنغان.

ئىشچى كۈچى بازىرى بولسا يەنە خالتا كوچىغا كىرىپ قالغان تۇرغۇن ھالەتتىدۇر . دوكلاتتا، تېخنولوگىيەلىك .  ئۈستۈنلۈكنىڭ   پەقەت تەجرىبىخانىلاردىكى ئالىملار بىلەنلا ئەمەس، بەلكى زاۋۇتلاردىكى تېخنىكلار، سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىدىكى ئېلېكتىر ئىشچىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئامېرىكىدا STEM (ئىلىم-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق، ماتېماتىكا) ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلار بوشلۇقى بارغانسېرى چوڭىيىپ بارماقتا. بولۇپمۇ تېخنىك خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى كېچىكتۈرمەكتە. دوكلاتتا، فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ ئىشتاتلار، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە خۇسۇسىي ساھە بىلەن ھەمكارلىشىپ، نىشانلىق مائارىپ پىلانلىرى، كەسپىي كۇرسلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ئىستراتېگىيەلىرىنى تۈزۈپ چىقىشى تەكلىپ قىلىنغان. سۈپەتلىك ئىشچى كۈچى بولمىسا، سېلىنغان مىلياردلارچە دوللارلىق مەبلەغنىڭ بىكارغا كېتىش خەۋپى بار.

ئىقتىسادىي ئۇرۇش دەۋرىدە رىقابەت: ئورگان ۋە ۋاسىتە ئىسلاھاتى

دوكلاتنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، ئامېرىكا دۆلەت مېخانىزمى ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ۋاسىتىلىرىنىڭ، 21-ئەسىرنىڭ مۈشكۈل رىقابەت شارائىتىغا ماسلىشىدىغان شەكىلدە قايتىدىن قۇرۇلۇشى مۇھاكىمە قىلىنغان. ھازىرقى بىيۇروكراتىك قۇرۇلما، تارقاق ھوقۇقلار ۋە ماسلىشىش يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن، تېز ۋە ئۈنۈملۈك قارار چىقىرىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا. ئىقتىساد ئۇرۇشى بىر ر ېئاللىققا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ كونا دەۋرنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

بۇ ئورگان ئاجىزلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، دوكلاتتا سودا مىنىستىرلىقى قارمىقىدا بىر ئىقتىساد بىخەتەرلىكى مەركىزى قۇرۇلۇشى تەكلىپ قىلىنغان. بۇ مەركەز، ئىقتىساد بىخەتەرلىكى سىياسەتلىرىنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولىدىغان مەركىزىي بىر مېڭە ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.قۇرۇلىدىغان بۇ مەركەزنىڭ ۋەزىپىلىرى ئىچىدە، ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىي ساھە ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇر ئېقىمى ئۈزلۈكسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، تەمىنات زەنجىرىدىكى خەتەرلىرىنى نازارەت قىلىش، تاشقى زەربىلەرگە قارشى سېنارىيە ئانالىزلىرى قىلىش ۋە سانائەت سىياسەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىقلار بار. بۇ قۇرۇلما، ئىقتىسادىي قارارلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن چىقىرىلىشىنى ئورگان جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

دوكلاتتا، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ۋاسىتىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىمۇ رادىكال تەكلىپلەر بېرىلگەن. ئېكسپورت كونتروللۇقى ئېلىپ بېرىش ،يەنى،  ھەممە نەرسىنى كونترول قىلىشقا چات كېرىۋېلىشنىڭ ئورنىغا، ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن ئەڭ ھالقىلىق تېخنولوگىيەلەرگىلا مەركەزلىشىش، ئەمما بۇ مەركەزلەشكەن ساھەلەردە «ھالقىغىلى بولماس سېپىللەر» قۇرۇش كېرەك. قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا بېرىلىدىغان جازا، شىركەتلەرنىڭ تەننەرخ-پايدا ئانالىزىنى ئۆزگەرتىدىغان دەرىجىدە يۇقىرى بولۇشى كېرەك. سانائەت سىياسىتى جەھەتتە بولسا، ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى (DFC) ۋە ئېكسپورت-ئىمپورت بانكىسى (EXIM) غا ئوخشاش ئورگانلارنىڭ ھوقۇقىنى ئاشۇرۇپ، خۇسۇسىي مەبلەغلەرنى ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەرگە يېتەكلەيدىغان پۇل-مۇئامىلە ۋاسىتىلىرى كۆپ خىللاشتۇرۇلۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلىشى، بىيۇروكراتىك توسالغۇلار تازىلىنىپ (مەسىلەن، ئىجازەتنامە ئېلىش شەرتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش) تېخىمۇ راۋان ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك.

دوكلات، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرگە يول كۆرسىتىش بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ،  ھەر قاچان ئىقتىسادقا ئارىلاشقاندا ۋە بۇ جەھەتتە قارار چىقارغاندا، تۆۋەندىكى سوئاللارنىڭ سورىلىشى تەكلىپ قىلىنغان:  بۇ ئارىلىشىش ھەقىقىي بىر بازار مەغلۇبىيىتىگە ياكى دۆلەت بىخەتەرلىكى خەۋپىگە قارىتىلغانمۇ؟ نىشانلار ئېنىقمۇ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان نىشانلارمۇ؟ ئامېرىكىنىڭ بۇ مۇداخىلە ئېلىپ كىلىدىغان ئاقىۋەتلەرگە بەرداشلىق بېرىش  ئىقتىدارى بارمۇ؟ ۋە ئەڭ مۇھىمى، تاشلىنىدىغان بۇ قەدەمنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى، تۆلەيدىغان بەدەلگە (ئىقتىسادىي زىيان، ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئىنكاسى قاتارلىقلار) باققاندا ئەرزىمدۇ؟ بۇ پىرىنسىپلار، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى خالىغانچە ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيەلىك ۋە ھېسابلىق بىر شەكىلدە ئىشلىتىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

خۇلاسە

تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ 83-نومۇرلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى دوكلاتى، ئامېرىكىنىڭ تېخنولوگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن ۋاقتىنىڭ قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىغا دائىر كۈچلۈك بىر ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. سۈنئىي ئەقىل، كىۋانت ۋە بىيوتېخنولوگىيە ئىنقىلابلىرىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتقان دۇنيا، چوڭ بىر كۈچ سىنىشىشقا سەھنە بولماقتا. خىتاينىڭ دۆلەت كاپىتالىزمى مودېلى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئەركىن بازار پىرىنسىپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، مىللىي مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان يېڭى بىر ئىقتىسادىي دۆلەت باشقۇرۇش سەنئىتىنى (economic statecraft) قوبۇل قىلىشىنى تەقەززا قىلماقتا. بۇ دوكلات، ئامېرىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، پۇل-مۇئامىلە چوڭقۇرلۇقى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ تۇرۇپ بۇ مۇسابىقىدىن غالىب چىقالايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن قەتئىي، ماسلاشقان ۋە ئىستراتېگىيەلىك بىر ئىرادىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا .

تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار

پايدىلىنىش مەنبەسى:

Muzinich, J. G., Raimondo, G. M., & Taiclet, J. D. (2025). U.S. Economic Security: Winning the Race for Tomorrow’s Technologies (Task Force Report No. 83). Council on Foreign Relations. https://www.cfr.org

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*