يېڭى گېئوپولىتىكىلىق رېئاللىق ۋە تەمىنلەش زەنجىرى كىرىزىسى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
مەزكۇر ئانالىز ئەنگلىيە خان جەمەتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورنى (Chatham House) نىڭ تەتقىقاتچىسى يۈ جيې (Yu Jie) تەرىپىدىن 2026-يىلى 13-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ بەش يىللىق پىلانى ئىقتىسادىي چىدامچانلىق يېتىشتۈرۈشكە بەل باغلىدى : ئىران ئۇرۇشى يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلىدى» ناملىق ماقالە ئاساسىدا تەييارلاندى. بۇ ماقالە نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كېلىۋاتقان گېئوپولىتىكىلىق خىرىسلارنى ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى چۈشىنىش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر سىستېمىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى ئۆزگىرىش ۋە تەۋرىنىش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. يەرشارىلىشىش مۇساپىسى ئۆتكەن ئون يىللاردا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ كەلگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۆلەتلەر ئارا ئىشەنچ كىرىزىسى ۋە قوراللىق توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن زور خىرىسقا دۇچ كەلدى. بۇ خىرىسلار يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قانچىلىك ئاجىز ۋە نازۇك ئىكەنلىكىنى ئوپئوچۇق كۆرسىتىپ بەردى.
مەنبە ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئوتتۇرا شەرقتىكى داۋالغۇشلار، بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدە پارتلىغان ئىران ئۇرۇشى يەرشارى ئېنېرگىيە بازارلىرىنى ۋە تەمىنلەش لىنىيەلىرىنى جىددىي ۋەزىيەتكە چۈشۈرۈپ قويدى . بۇ رايوندىكى مۇقىمسىزلىق پەقەتلا ھەربىي توقۇنۇش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەرشارىۋى ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ تومۇرىغا قىلىنغان بىۋاسىتە زەربە سۈپىتىدە گەۋدىلەندى. دۇنيادىكى ئاساسلىق ئېنېرگىيە ئىستېمالچىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىرى بۇ تەۋرىنىشنىڭ دەھشەتلىك زەربىسىگە ئۇچرىماقتا.
دەل مۇشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتىپ چىقتى. خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى خەلقئارادىكى بۇ داۋالغۇشلارغا قارىتا ئۇزۇن مۇددەتلىك تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزىگەن بولۇپ، مەزكۇر پىلان دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان .
ئاپتور يۈ جيېنىڭ بايان قىلىشىچە، 2026-يىلى 5-مارت كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ ئېلان قىلغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن مەلۇمات» ۋە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان 15-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئىجرائىيە خۇلاسىسى دۇنيا سىياسەت ۋە ئىقتىساد ئانالىزچىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى . گەرچە بۇ پىلان سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ئادەتتىكى بىر ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرۇشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ ماھىيىتىدە دۇنياۋى كىرىزىسلارغا بېرىلگەن سىستېمىلىق جاۋاب يوشۇرۇنغان.
ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئىستراتېگىيەلىك ھۆججەتتە خىتاينىڭ دۇنيا سىستېمىسىدىكى ئورنىنى قايتىدىن بېكىتىش ۋە غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە بارلىققا كەلگەن بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. خىتاي رەھبەرلىكى ئىقتىسادىي چىدامچانلىق ۋە تېخنىكىلىق ئۆزىگە تايىنىشنى پەقەتلا نۆۋەتتىكى بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس، بەلكى يېڭى دەۋردىكى دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ يادرولۇق سىياسىتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى .
بۇ سىياسىي ئانالىز ماقالىسىدە، خىتاينىڭ 15-بەش يىللىق پىلانىدىكى يادرولۇق ئۆزگىرىشلەر، ئىران ئۇرۇشىنىڭ يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كۆرسەتكەن ۋەيران قىلغۇچ تەسىرى، ئامېرىكا-خىتاي تېخنىكا رىقابىتى ۋە بۇ يېڭى ئىستراتېگىيەنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئېھتىماللىقلىرى ئىلمىي نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
15-بەش يىللىق پىلاننىڭ يادروسى: ئىقتىسادىي چىدامچانلىق ۋە قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىش
خىتاينىڭ 15-بەش يىللىق پىلانى (2026-2030) دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىدە تارىخىي خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش ياسىغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. ئاپتورنىڭ قارىشىچە بولغاندا، بۇ پىلاندا سىرتقا تايىنىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىدىن ۋاز كېچىلىپ، ئاساسىي مۇددىئا سۈپىتىدە «ئىقتىسادىي چىدامچانلىق» ۋە «دۆلەت خەۋپسىزلىكى» ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان. يەنى يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، يەنى دېڭ شياۋپىڭنىڭ 1978-يىلىدىكى «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتىدىن تارتىپ يېقىنقى مەزگىللەرگىچە، خىتاينىڭ بارلىق بەش يىللىق پىلانلىرىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە بايلىق يارىتىش ئەڭ ئالىي نىشان قىلىنغان ئىدى . ئەمما، يېڭى پىلان بۇ ئەنئەنىگە خاتىمە بېرىپ، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەگە كۆتۈردى.
باش مىنىستىر لى چياڭنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالاقىدار سىياسىي ھۆججەتلەر شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ئىچكى ئىستېمالنى ئاشۇرۇشنى ئەمدى بىرىنچى دەرىجىلىك ۋەزىپە دەپ قارىمايدۇ . گەرچە نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ئىقتىسادشۇناسلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جانلىنىشى ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بېيجىڭ بۇ تەۋسىيەلەرنى رەت قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلارنى يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىققا مەركەزلەشتۈرۈشنى تاللىدى.
ماقالىدە ئوتتۇرا قويۇلىشىچە، بۇ تاللاشنىڭ ئارقىسىدىكى لوگىكا ئىنتايىن ئېنىق: خىتاي رەھبەرلىرى يەرشارىلىشىشقا تايىنىشنىڭ ئەمدىلىكتە بىر ئارتۇقچىلىق ئەمەس، بەلكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان «ئاجىزلىق مەنبەسى» گە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تونۇپ يەتتى . بۇرۇنقى ئوچۇق بازار سىياسىتى دۆلەتنى تاشقى دۇنيادىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپىگە بىۋاسىتە ئاشكارىلاپ قويغان ئىدى. بۇ يەردە دۇنيا دۇچ كېلىدىغان تۇنجى چوڭ خىرىس شۇكى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشتىن ئىچكى مۇداپىئەگە بۇرۇلۇشى، يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىتاينىڭ «دۇنيا زاۋۇتى» دىن «يېپىق قورغان» غا ئايلىنىشى، بولۇپمۇ ئىمپورت ئېھتىياجىنىڭ سىستېمىلىق تۆۋەنلىشى، نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مالىيە كىرىمىگە زەربە بېرىشى مۇمكىن.
شۇ سەۋەبتىن، 15-بەش يىللىق پىلاندا، تەتقىقات ۋە ئېچىش (R&D) ساھەسىگە سېلىنىدىغان ئومۇمىي دۆلەت مەبلىغىنى ئالدىنقى بەش يىلغا (2021-2025) سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن %7 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش ئېنىق كۆرسىتىلدى . بۇ غايەت زور مەبلەغ سېلىنمىسى پۈتۈنلەي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكىلارنى ئىقتىسادنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئاپتورنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رەقەملىك يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىقنى ئىقتىسادىي كۈنتەرتىپنىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى تاشقى كۈچلەرنىڭ تىزگىنىدىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئاساسلىق قەدەم ھېسابلىنىدۇ . بۇ خىل ئىقتىسادىي ئۆزگىرىش، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، دۇنياۋى كىرىزىسلارغا قارشى دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش جەريانىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى يۆنىلىشى پەقەت سانائەت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان «چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى» نى باشقۇرۇشتىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تاكتىكا قوللانمىسىدۇر. ئۆتكەن يىللاردىكى سودا سۈركىلىشلىرىدىن ئېلىنغان ساۋاقلار ئەمدىلىكتە سىستېمىلاشقان دۆلەت سىياسىتىگە ئايلاندۇرۇلدى .
بۇ پىلاننىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى شۇكى، ئۇ خىتاينىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپتىكى ئورنىنى پاسسىپ ماسلاشقۇچىدىن ئاكتىپ قوغدانغۇچىغا ئۆزگەرتتى. يەرشارىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش ئېھتىماللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بېيجىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى تەمىنلەش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ۋە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى مونوپول قىلىشقا كۈچ چىقارماقتا.
خۇلاسىلىگەندە، مەزكۇر پىلان بىر دۆلەتنىڭ پەقەت بايلىق توپلاشتىن ھالقىپ، ھەرقانداق رادىكال گېئوپولىتىكىلىق بوران-چاپقۇنلاردىمۇ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان قۇرۇلمىلىق كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ، خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى كەلگۈسى ئون يىللىق ئورنىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسىي رامكا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئىران ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى ۋە يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ نازۇكلۇقى
ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن ئۇرۇش ۋە مۇقىمسىزلىق دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن پەقەتلا يىراق بىر رايوندىكى سىياسىي كىرىزىس بولۇپلا قالماي، بەلكى يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تومۇرىنى كېسىپ تاشلايدىغان ئېغىر زەربىدۇر . بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدە پارتلىغان ئىران ئۇرۇشى يەرشارى ئېنېرگىيە بازارلىرىنىڭ قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى تولۇق ئاشكارىلاپ قويدى.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلغۇچى ۋە دۇنيا ياسىمىچىلىق تورىنىڭ مەركىزىي تۈگۈنى بولغان خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، پارس قولتۇقىدىكى بۇ داۋالغۇشلار ئىنتايىن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ . ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى يالغۇز زاۋۇتلارنىڭ توختاپ قېلىشىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ بۇ كىرىزىسكە قاراتقان ئىنكاسى دۇنيا ئۈچۈن يېڭى بىر گېئوپولىتىكىلىق خىرىسنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە. خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن باشقا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى، مەسىلەن رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى بايلىقلارنى مونوپول قىلىش تىرىشچانلىقى، خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىدىكى رىقابەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
خىتاينىڭ «ئىقتىسادىي دۆلەت باشقۇرۇش سەنئىتى» نىڭ رېئال ئۈنۈمى ئامېرىكىنىڭ ئىران ۋە ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىلغان ھۇجۇمى ۋە جازالىرى تۈپەيلىدىن جىددىي سىناققا دۇچ كەلدى . بۇ ۋەقەلەر گېئوپولىتىكىلىق كىرىزىسلارنىڭ يەرشارى بازارلىرىدا قانچىلىك تېز دولقۇن پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى تەجرىبە جەھەتتىن ئىسپاتلاپ بەردى. ئىلگىرى كۆپلىگەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئانالىزچىلار تەرىپىدىن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئالتۇن كۆۋرۈكى سۈپىتىدە تەرىپلەنگەن يەرشارىلىشىش تورى، يېقىنقى يىللاردىكى رېئاللىق ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى نامايان قىلدى. خىتاي سىياسەتچىلىرىگە نىسبەتەن، كوۋىد يۇقۇمى (COVID-19)، خەلقئارالىق توقۇنۇشلار ۋە تېزلىشىۋاتقان گېئوپولىتىكىلىق رىقابەتلەر يەرشارى تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ ئىنتايىن نازۇك ئىكەنلىكىنى تولۇق دەلىللىدى .
ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئىران ئۇرۇشىنىڭ يەرشارى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز توشۇش لىنىيەلىرىدە پەيدا قىلغان توسالغۇلىرى ئىقتىسادىي زەنجىردىكى ھالقىلارنىڭ بىر-بىرىگە قانچىلىك بېقىندى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىر رايوندىكى توقۇنۇش مىڭلىغان كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سانائەت رايونلىرىدا خام ئەشيا يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەھۋال بېيجىڭنىڭ سىرتقا بېقىندىلىقنى تېزرەك تاشلاش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى . دېمەك، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ نازۇكلۇقى پەقەت ئەشيا ئوبوروتى مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىسىگە ئايلاندى. دېڭىز يوللىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى، ئېمبارگو ۋە جازالار، ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشى قاتارلىق ئامىللار خىتايدەك ئېكسپورت ۋە ئىمپورتنى ئاساس قىلغان دۆلەتلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رايونلاردىكى ھەربىي ۋە سىياسىي تەسىرى ئارقىلىق خەلقئارا سۇ يوللىرىنى ۋە سودا ئېغىزلىرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى خىتاي ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر خەۋپتۇر. شۇڭا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر بىر پارتلاش ئاۋازى بېيجىڭدىكى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قورغانلىرىنى تېخىمۇ ئېگىز ۋە قېلىن قىلىپ قۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىران ئۇرۇشى خىتاينىڭ 15-بەش يىللىق پىلانىدىكى ئىستراتېگىيەلىك بۇرۇلۇشنىڭ پەقەت بىر باھانىسى ئەمەس، بەلى ئۇنىڭ تېزلىتىش قوزغاتقۇچىسىدۇر. كىرىزىس قەيەردە ئېغىرلاشسا، شۇ يەردىن ئېلىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ساۋاقمۇ شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ.
يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بۇ خىل نازۇكلۇقى ئالدىدا، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى بىردىنبىر ئاقىلانە تاللاشتۇر. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى قەدىمى دەل مۇشۇ خەلقئارالىق مۇقىمسىزلىق ۋە ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا بېرىلگەن سىستېمىلىق ئىنكاس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تېخنىكىلىق ئۆزىگە تايىنىش ۋە چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى
ئاپتورنىڭ قارىشىچە بولغاندا، گېئوپولىتىكىلىق رىقابەت پەقەت ھەربىي ۋە زېمىن ساھەلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى تېخنىكا، مىنېرال بايلىقلار ۋە خەلقئارا سودا ساھەلىرىدىمۇ كەسكىنلەشمەكتە. بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت پۈتكۈل يەرشارى تېخنىكا ئېكولوگىيەسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈۋاتقان ئەڭ چوڭ ئامىلغا ئايلاندى .
خىتاينىڭ تېخنىكىلىق ئۆزىگە تايىنىش پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى دۇنيا تېخنىكا بازىرىدا «رەقەملىك تۆمۈر پەردە» نىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ، دۇنيا تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ ئۆز-ئارا ماسلاشمايدىغان ئىككى چوڭ لاگېرغا پارچىلىنىشىنى، نەتىجىدە يەرشارىۋى يېڭىلىق يارىتىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنى ۋە تېخنىكا تەننەرخىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېغىر خىرىستۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 15-بەش يىللىق پىلانىدا «تېخنىكىلىق ئۆزىگە تايىنىش» نى باش نىشان قىلىشى نوقۇل ئىقتىسادىي ئېھتىياجدىن كەلگەن بولماستىن، بەلكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقان تېخنىكا چەكلىمىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر . تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىشى بېيجىڭنى تەخىرسىز بىر رېئاللىققا يۈزلەندۈردى.
بۇ رېئاللىق شۇكى، چەتئەلنىڭ زاپچاسلىرىغا ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىغا بېقىندى بولۇش مىللىي تەرەققىياتنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەيدىغان كىشەن بولۇپ قالىدۇ . ئۆزەك (چىپ)، سۈنئىي ئەقىل ۋە ئىلغار ماتېرىياللار ساھەسىدە باشقىلارنىڭ ئېغىزىغا قاراپ قېلىش، يېڭى دەۋردىكى ئۇرۇشتا قورالسىز قېلىش بىلەن باراۋەردۇر. شۇڭا، خىتاي رەھبەرلىكى بارلىق كۈچىنى يىغىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكىلارنى ئۆز ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىغا تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا . بۇ تىرىشچانلىق دۆلەتنىڭ مەركىزىي پىلانلاش مېخانىزمى ئارقىلىق، زور مىقداردىكى تەتقىقات خىراجەتلىرىنى يادرولۇق تېخنىكا تۈرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ.
گەرچە بۇ سىياسەت دۆلەت ئىچىدە يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خەلقئارالىق ئاقىۋەتلىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۆزىنىڭ تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىنى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرماقتا، بۇ بولسا دۇنيا تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىپ قېلىشىنى كېلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. تېخنىكىلىق ئۆزىگە تايىنىش ئىستراتېگىيەسى دۆلەتنى تاشقى تەھدىتلەردىن مەلۇم دەرىجىدە قوغدىيالىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىراجىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ھەممە ساھەدە مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلىش دۇنياۋى ھەمكارلىق ئېلىپ كېلىدىغان تەننەرخ ئەۋزەللىكىدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىكتۇر. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسىدە دۆلەتنىڭ كېيىنكى ئون يىللىق تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان زور زىددىيەتلەر مەۋجۇت .
بۇ زىددىيەتلەر بىر تەرەپتىن دۆلەتنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىياجى، يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئىشىكلەرنى قىسمەن تاقاشقا مەجبۇر بولۇش رېئاللىقى ئارىسىدا گەۋدىلىنىدۇ. تېخنىكا پەردىسى ئارقىسىدىكى بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچقۇچلۇق مىنېرال بايلىقلارغا بولغان كونتروللۇق تالىشىش كۈرىشىمۇ بۇ رىقابەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار، شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئاز ئۇچرايدىغان مىنېراللار بۇ چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسلىق قورالغا ئايلاندى .
دۇنيا دۇچ كېلىدىغان يەنە بىر خىرىس بولسا، خىتاينىڭ ئاز ئۇچرايدىغان مىنېرال بايلىقلارنى ئىستراتېگىيەلىك قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ يېشىل ئېنېرگىيەگە ئۆتۈش مۇساپىسىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدۇر. بۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى بىر بېقىندىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. قىسقىسى، تېخنىكىلىق مۇستەقىللىق پەقەت بىر ئىقتىسادىي شوئار بولۇپلا قالماي، 21-ئەسىردىكى دۆلەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ يادرولۇق شەرتى بولۇپ قالدى. خىتاينىڭ 15-بەش يىللىق پىلانىدىكى بۇ جىددىي تەدبىرلەر، ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا دۆلەتنى كۈچلۈك بىر كۈچ سۈپىتىدە مۇستەھكەملەيدۇ، ئەمما مەغلۇپ بولسا دۇنيا تېخنىكا كارۋىنىدىن ئارقىدا قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.
يەرشارىلىشىشتىن چېكىنىش: كىرىزىسلار ۋە يېڭى خىرىسلار
مەنبە ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، خىتاينىڭ 15-بەش يىللىق پىلانى دۇنياغا يەنە بىر مۇھىم سىگنالنى بەردى: يەرشارىلىشىش ئەمدىلىكتە بېيجىڭ ئۈچۈن شەرتسىز ئەگىشىدىغان يول ئەمەس. بۇ ئىستراتېگىيەلىك چېكىنىش ياكى قايتا تەڭشەش جەريانى پەقەت غەرب بىلەن بولغان سۈركىلىشلەرنىلا كۈچەيتىپ قالماستىن، بەلكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەنمۇ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنى پەيدا قىلماقتا.
بۇ يەردىكى كىرىزىسلىق نۇقتا شۇكى، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى دۆلەت ئىچى ئىستېمالىغا تايانماي، زىيادە ئاشۇرۇپ كۆپەيتىشى، دۇنيا بازارلىرىدا يەنە بىر قېتىم «ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلار تەشكىللىك ھۇجۇمى» نى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانائەتلىشىش قەدىمىنى بوغۇپ قويۇپ، دۇنيا سودا سىستېمىسىدىكى زىددىيەتلەرنى يەنە بىر قېتىم پارتلىتىشى مۇمكىن.
ئىلگىرى، خىتاي يەرشارىلىشىشنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى دۇنيا بازىرىنىڭ ئوچۇقلۇقىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى . ئەمما ھازىر، گېئوپولىتىكىلىق رىقابەت، خەلقئارالىق توقۇنۇشلار ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئاجىزلىقى خىتاينى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچىنى دۆلەت ئىچىگە قارىتىشقا مەجبۇر قىلدى. يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىققا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىش خەۋپىگە ئىگە . ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ دۆلەت ياردەم پۇلىغا تايىنىپ دۇنيا بازىرىنى ئەرزان ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تولدۇرۇۋېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ، تاموژنا بېجى تېمىنى تېخىمۇ ئېگىزلىتىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى شېرىكلىرى بولغان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭمۇ قارشىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن . چۈنكى، ھىندىستان، بىرازىلىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى ئۇلارنىڭ سانائەتلىشىش پىلانىغا زەربە بېرىدۇ.
بۇ ئەھۋاللار خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت ۋە سودا ئاكتىپ بالانسىنى باشقۇرۇشتىكى بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ . نۇرغۇنلىغان غەرب ئىقتىسادشۇناسلىرى خىتاينىڭ ئۆز بازىرىنى ئېچىۋېتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى، لېكىن 15-بەش يىللىق پىلان بۇ ئۈمىدلەرنى پۈتۈنلەي يوققا چىقاردى.
ئىستېمالنى ئەمەس، بەلكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە خەۋپسىزلىكنى ئاساس قىلىش، قىسقا مۇددەتلىك خەلق پاراۋانلىقى بەدىلىگە دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈچ-قۇدرىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر سىياسىي قىمار ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت بايلىقىنى كەڭ كۆلەمدە تەتقىقاتقا ھەمدە ھەربىي ۋە سانائەت بىخەتەرلىكىگە ئاجرىتىش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ قويۇشى مۇمكىن.
گەرچە بېيجىڭ مەزكۇر سىياسەتلەرنى مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىك تاشقى مۇھىتقا قارىتا ئەڭ مۇۋاپىق چارە دەپ ھېسابلىسىمۇ، بۇ يۆنىلىش ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن دۆلەتنى بىر خىل «قورشاۋ ئىچىدىكى قورغان» ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. يەرشارىلىشىشتىن چېكىنىش جەريانى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىدۇ.
بۇ پىلاننىڭ يەنە بىر خەۋپلىك تەرىپى، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بازار يېتەكچىلىكىدىكى يېڭىلىق يارىتىشقا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈلىدىغان ئۈنۈم مەسىلىسىدۇر. تارىخ شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، تېخنىكىلىق بۆسۈشلەر پەقەت سىياسىي بۇيرۇق ۋە دۆلەت مەبلىغى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بەلكى ئوچۇق پىكىر ۋە خەلقئارالىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، مەزكۇر بەش يىللىق پىلان دۇنيا تارىخىدىكى بىر ھالقىلىق تەجرىبە سۈپىتىدە قالىدۇ: بىر دۆلەت يەرشارىلىشىش سىستېمىسىدىن تەدرىجىي ئۆزىنى تارتىپ، مەخسۇس دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۆزىنىڭ تېخنىكىلىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزەلەمدۇ-يوق؟ بۇنىڭ جاۋابىنى پەقەت كەلگۈسىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرىلا بېرەلەيدۇ.
خۇلاسە
ئومۇملاشتۇرغاندا، خىتاينىڭ 15-بەش يىللىق پىلانى (2026-2030) يەرشارىۋى داۋالغۇشلارغا، جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىران ئۇرۇشى قاتارلىق كىرىزىسلار پەيدا قىلغان تەمىنلەش زەنجىرىدىكى خىرىسلارغا بېرىلگەن ئېنىق، كەسكىن ۋە ئىستراتېگىيەلىك جاۋابتۇر. سىياسىي ئانالىزلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، بۇ پىلان بىر ئىقتىسادىي ئۆسۈش پروگراممىسىدىنمۇ كۆپرەك، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئىقتىسادىي ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئۇللۇق لايىھەسىدۇر .
ئىران ئۇرۇشى ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنېرگىيە بازىرىدىكى تەۋرىنىشلەر بېيجىڭ رەھبەرلىكىنىڭ يەرشارىلىشىشنىڭ ئاجىزلىقىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ «ئىقتىسادىي چىدامچانلىق» ۋە «تېخنىكىلىق ئۆزىگە تايىنىش» تىن ئىبارەت ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىرادىسىنى تېخىمۇ قەتئىيلەشتۈردى . بۇ خىل تونۇش دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىپ، رەقەملىك يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىقاتنى مەركەزگە قويغان يېڭى ئەندىزىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.
ئاخىرقى خۇلاسە ئورنىدا شۇنى تەكىتلەش لازىمكى، خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك بۇرۇلۇشى پەقەتلا بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پىلانى ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ كەلگۈسى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپىگە تاشلانغان غايەت زور پەلەي. پىلان ئەمەلگە ئاشسا، دۇنيا تېخىمۇ پارچىلانغان، رىقابەت تېخىمۇ قۇتۇپلاشقان ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ ئورنىنى بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى ئىگىلىگەن بىر يېڭى «سوغۇق ئۇرۇش» دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ.
دۇنيا سىياسىتى نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، دۆلەتلەر كىرىزىس مەزگىلىدە ئۆزىنى قوغداش مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىشقا مايىل بولىدۇ. بېيجىڭنىڭ نۆۋەتتىكى قەدىمى دەل بۇ خىل قوغدىنىش ئېڭىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە سىستېمىلىق ئىپادىسى بولۇپ، يەرشارىلىشىشنىڭ ئالتۇن دەۋرىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بىخەتەرلىك مەركەز قىلىنغان يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى جاكارلايدۇ.
ئاخىرىدا شۇنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، 2026-يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ تارىخىي بەش يىللىق پىلان پەقەت خىتاينىڭلا ئەمەس، بەلكى يەرشارى سودا تەرتىپىنىڭ، خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ۋە دۇنياۋى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بىز نۆۋەتتە يەرشارىلىشىش بىلەن ئۆزىگە تايىنىش، ئوچۇق بازار بىلەن ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەشنىڭ مەركىزىدە تۇرماقتىمىز.
مەنبە:
Yu, J. (2026, March 13). China’s Five-Year Plan commits to economic resilience – as the Iran war exposes the fragility of global supply. Chatham House.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















