ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئاخىرلىشىشىمۇ ياكى يېڭىدىن قۇرۇلۇشىمۇ؟

2026-يىلى 27-ئاۋغۇست

ترامپ زەربىسى، خىتاي–رۇسىيە خەتىرى ۋە «ئىتتىپاقداشلار كۆلىمى»نىڭ كەلگۈسى

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالە ترامپنىڭ ئىككىنچى ھاكىمىيەت مەزگىلىدە كۈچەيگەن ئامېرىكا–ئىتتىپاقداش ئىشەنچ كىرىزىسىنى، خىتاي ۋە رۇسىيە پەيدا قىلىۋاتقان يېڭى گېئوپولىتىكىلىق بېسىمنى، ئىقتىساد، تېخنولوگىيە، مۇداپىئە ساھەلىرىدىكى ئۆزئارا بېقىندىلىقنى ۋە Campbell–Doshi ئوتتۇرىغا قويغان «allied scale / ئىتتىپاقداشلار كۆلىمى» ئۇقۇمىنى بىر گەۋدە سۈپىتىدە تەھلىل قىلىدۇ. مەركىزىي يەكۈن شۇكى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنىڭ قىسقا مۇددەتتە يىمىرىلىشىدىن بەكرەك قايتا تەشكىللىنىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ كونا بىر تەرەپلىك ھىمايە مودېلىنىڭ داۋام قىلىشى قىيىن. يېڭى مودېل ئىشەنچنى قانۇن ۋە ئورگانلارغا باغلاش، شېرىكلەرنى قوغدىلىدىغان دۆلەتتىن ئورتاق كۈچ ئىشلەپچىقارغۇچىغا ئايلاندۇرۇش ۋە بازار، سانائەت، سۈنئىي ئەقىل، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، مىنېراللار، تەمىنات زەنجىرى ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئىككى تەرەپلىك پايدا ئاساسىدا بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئامېرىكا، ترامپ، ئىتتىپاقداشلىق، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، خىتاي، رۇسىيە، ھىندى–تىنچ ئوكيان، ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق، سۈنئىي ئەقىل، مۇداپىئە سانائىتى، ئىتتىپاقداشلىق كۆلىمى

كىرىش: ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئاخىرلىشىشىمۇ ياكى قايتا قۇرۇلۇشىمۇ؟

دونالد ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئاقسارايغا قايتىشى بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىغا قارىتا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە چوڭ بىر سوئال قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى: ۋاشىنگتوننىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى پەقەت ۋاقىتلىق سىياسىي كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرۈۋاتامدۇ؟ ياكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۆزى قۇرۇلمىلىق چېكىنىش باسقۇچىغا كىردىمۇ؟ گىرېنلاندىيەگە قارىتىلغان تەھدىت، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن چېكىنىش توغرىسىدىكى باياناتلار، گېرمانىيەدىكى ئامېرىكا قوشۇنىنى قىسقارتىش، ئىتتىپاقداشلارغا تاموژنا بېجى قويۇش ۋە دوست دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بۇ سوئالنى نەزەرىيەۋى مۇنازىرىدىن كۈندىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئەندىشىگە ئايلاندۇردى.

Kurt M. Campbell ۋە Rush Doshi نىڭ «How Alliances Survive؟ ئىتتىپاقداشلىق قانداق ھاياتتا قالىدۇ؟» ناملىق ماقالىسى دەل مۇشۇ ئۈمىدسىزلىككە قارشى يېزىلغان. ئۇلارنىڭ ئاساسىي قارىشى شۇكى، سىياسىي ئىشەنچ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنىڭ تۈپ ئوبتيېكتىپ ئاساسى بولغان ئورتاق خەتەر، بازار، تېخنولوگىيە، مۇداپىئە سانائىتى، ئىستىخبارات ۋە كۆپ يىللىق تۈزۈلمىۋى باغلىنىش قاتارلىق مۇھىم ئامىللار تېخى يوقاپ كەتكىنى يوق. ئەكسىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە پەيدا قىلىۋاتقان قوش بېسىم، سۈنئىي ئەقىل ئىنقىلابى ۋە قايتا قوراللىنىش دەۋرى بۇ باغلىنىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭچە، مەسىلە «ئىتتىپاقداشلىقلار ھاياتتا قالامدۇ؟» دېگەن سوئالدىن كۆرە، «ئۇلار قانداق شەكىلدە قايتا قۇرۇلىدۇ؟» دېگەن سوئالغا يۆتكەلدى.

لېكىن بۇ قاراشنى تولۇق قوبۇل قىلىشتا ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئىتتىپاقداشلىق پەقەت قورال، سودا ۋە تېخنولوگىيە ئالماشتۇرۇش تورى ئەمەس. ئۇ كەلگۈسىدىكى خەتەرگە قارشى بىر-بىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە تەييار بولۇش توغرىسىدىكى سىياسىي ۋە پسىخولوگىيەلىك ۋەدىدۇر. ماددىي باغلىنىش كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەگەر ھۆكۈمەتلەر ۋاشىنگتوننىڭ ھەر تۆت ياكى سەككىز يىلدا ئۆز ۋەدىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشىدىن ئەنسىرىسە، ئون يىللارغا سوزۇلىدىغان يادرو، سانائەت، قورال سېتىۋېلىش ۋە تەمىنات زەنجىرى قارارلىرىدا «ئامېرىكاغا تايىنىشنى ئازايتىش» تەبىئىي تاللاشقا ئايلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ماقالىنىڭ مەركىزىي تېزىسى مۇنداق: ھازىرقى كىرىزىس ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنىڭ تۈگىشىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ كونا، بىر تەرەپلىك ئامېرىكا ھىمايىسىگە تايانغان مودېلىنىڭ داۋام قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كەلگۈسىنىڭ ھاياتىي كۈچى «ئىتتىپاقداشلار كۆلىمى»نى ھەقىقىي ئۆزئارا تايىنىدىغان كۈچ ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىغا ئايلاندۇرالايدىغان-ئايلاندۇرالمايدىغانلىقىغا باغلىق.

1. «يېڭى ئۈمىدسىزلىك»: ئىشەنچ كىرىزىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى

كامپبېل ۋە دوشى ترامپنىڭ ئىككىنچى ھاكىمىيەت مەزگىلىدىكى زەربىنى بىرىنچى قېتىمقىدىن ئېغىر دەپ باھالايدۇ. بۇنىڭ بىر سەۋەبى بىرىنچى ترامپ دەۋرىدە تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئىچىدە مەلۇم «توسما» رولىنى ئوينىغان خەلقئاراچىلارنىڭ ھازىر ئاجىزلىشىشىدۇر. تېخىمۇ مۇھىمى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئەمدى ترامپنىڭ قىلغانلىرىنى بىر قېتىملىق سىياسىي پۇتلىشىش دەپلا قاراپ بولالمايدۇ. بىرىنچى قېتىم «ھادىسە» دەپ قارالغان نەرسە ئىككىنچى قېتىم تەكرارلانغاندا، ئۇ ئامېرىكا ئىچكى سىياسىتىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر ئېقىمنىڭ ئىپادىسى دەپ ئوقۇلۇشقا باشلايدۇ.

بۇ نۇقتا ئىتتىپاقداشلىقنىڭ پسىخولوگىيەلىك مەركىزىگە زەربە بېرىدۇ. ياۋروپا «ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق»نى تېخىمۇ جىددىي مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە ياۋروپا ئۈچۈن يادرو قالقىنىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئاسىيا ئىتتىپاقداشلىرىمۇ ئامېرىكانىڭ كېڭەيتىلگەن يادرو مۇداپىئە ۋەدىسىنىڭ يېتەرلىك ياكى ئەمەسلىكىنى قايتا سورىماقتا. بۇنىڭغا ياۋروپا، ھىندىستان، ياپونىيە، لاتىن ئامېرىكاسى قاتارلىق ئوتتۇرا كۈچلەر ئارىسىدىكى يېڭى سودا ۋە بىخەتەرلىك تورلىرى قوشۇلغاندا، «ئامېرىكاغا تايىنىشنى ئازايتىش» بىر شوئار ئەمەس، بەلكى دۆلەت سىياسىتىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ.

شۇنداقتىمۇ، «ئامېرىكاغا تايىنىشنى ئازايتىش» بىلەن «ئامېرىكادىن ئايرىلىش»نى ئوخشاش بىر نەرسە دەپ قاراش خاتا. ئىتتىپاقداشلارنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلارنى ئۆزى قۇرۇشى، يېڭى شېرىكلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى ياكى واشىنگتونغا بولغان سىياسىي بېقىندىلىقنى ئازايتىشى ئىتتىپاقنىڭ زەئىپلىشىشىگىمۇ، كۈچىيىشىگىمۇ ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ قەدەملەر ئامېرىكانىڭ ئورنىنى بېسىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئورتاق ئىقتىدارغا يېڭى تۈگۈنلەر قوشۇش ئۈچۈن بولسا، ئۇلار ئىتتىپاقداشلىق تورىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىدۇ. ئەمما ئەگەر بۇ قەدەملەرنىڭ ئارقىسىدا «ئامېرىكا ۋاقتى كەلگەندە يوق» دېگەن چوڭقۇر ئىشەنچسىزلىك تۇرسا، ئۇ ھالدا ماددىي ھەمكارلىقنىڭ كۆپىيىشىمۇ سىياسىي پارچىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالماسلىقى مۇمكىن.

2. «ئالتۇن دەۋر» ئەسلىدە بولمىغان: تارىخ نېمىنى دەيدۇ؟

ئاپتورلار بۈگۈنكى ئۈمىدسىزلىكنىڭ بىر قىسمى «ئۆتمۈشتە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى مۇقىم ۋە ئىشەنچلىك ئىدى» دېگەن رومانتىك خاتىرىگە تايانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىق تارىخى بىر قاتار ئېغىر كىرىزىسلار بىلەن تولغان.

1956-يىللىق سۇۋەيش كىرىزىسىدا ۋاشىنگتون ئەنگلىيەگە ئىقتىسادىي بېسىم ئىشلىتىپ ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشقا مەجبۇرلىغان؛ 1960-يىللاردا فىرانسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە قوماندانلىق قۇرۇلمىسىدىن چېكىنىپ، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسمىنى چىقىرىۋەتكەن؛ 1970-يىللاردا Mansfield Amendment ياۋروپادىكى ئامېرىكا قوشۇنىنى تەخمىنەن يېرىمغا قىسقارتىش خەۋپىنى تۇغدۇرغان.

ئاسىيادىمۇ ئوخشاش زەربىلەر بولغان. نىكسوننىڭ 1969-يىللىق Guam Doctrine گۇئام دوكتىرىنى سىياسىتى ئىتتىپاقداشلارنى ئۆز مۇداپىئەسىنىڭ ئادەم كۈچىنى تېخىمۇ كۆپ ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرغان؛ جەنۇبىي كورېيەدىن 20 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ چىقىرىلىشى سېئۇلدىكى ئىشەنچسىزلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرغان؛ 1972-يىلى ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭ بىلەن تۇيۇقسىز يېقىنلىشىشى توكيو بىلەن تەيبېينى ھەيران قالدۇرغان؛ ۋىيېتنام ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرى ۋە سايگوننىڭ يىقىلىشى ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ۋەدىسىگە سوئال قويغان.

1971-يىللىق «Nixon Shock» ۋە 1985-يىللىق Plaza Accord بولسا، ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي قوراللارنى ئىتتىپاقداشلارغا قارشى ئىشلىتىشىنىڭ ترامپ دەۋرىدىن بۇرۇنلا بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تارىخىي مىساللار مۇھىم، چۈنكى ئۇلار ئىتتىپاقداشلىقنىڭ «تولۇق ئىشەنچ»تىن ئەمەس، بەلكى دائىملىق مەنپەئەت مۇساپىسى، زىددىيەت، مۇزاكىرە ۋە قايتا تەڭشەشتىن تەركىب تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن «بۇرۇنمۇ كىرىزىس بولغان، شۇڭا بۇ قېتىممۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دېگەن خۇلاسە ئىلمىي جەھەتتە يېتەرلىك ئەمەس. تارىخىي سېلىشتۇرما پەقەت ئوخشاشلىقنى ئەمەس، پەرقنىمۇ كۆرسىتىشى كېرەك. بۇرۇنقى كىرىزىسلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئامېرىكا سىستېمىنىڭ ئۆزىنى رەت قىلمىغان، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى يۈك تەقسىماتى ياكى ئىقتىسادىي شەرتلەرنى تالاشقان. بۈگۈن بولسا ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئۆزىنىڭ بەزى ئىتتىپاقداشلىق ۋەدىلىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشكارا سوئالغا قويۇشى سۈپەت خاراكتېرلىك پەرق پەيدا قىلىۋاتىدۇ.

3. ئىشەنچتىن چوڭراق نەرسە: ماددىي مەنپەئەت ۋە تۈزۈلمىۋى بېقىندىلىق

كامپبېل ۋە دوشىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نەزەرىيەۋى دەلىلى شۇكى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ساقلىنىشى، كۆپىنچە «ئورتاق قىممەت، دوستلۇق، تۈزۈم، خاتىرە ۋە ئىشەنچ» بىلەن چۈشەندۈرۈلۈپ كەلدى. ئەمما ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئەسلى ھاياتلىق مەنبەسى بۇ «يۇمشاق» ئامىللارلا ئەمەس. ئۇلارنى ھايات تۇتقان نەرسە بىخەتەرلىك، سودا، تېخنولوگىيە، مالىيە، سانائەت ۋە جۇغراپىيەدىن كېلىدىغان قاتتىق مەنپەئەتلەر. بۇ مەنپەئەتلەر ھازىر يوقالغان ئەمەس، بەلكى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ روشەنلىشىۋاتىدۇ.

بۇ قاراش رېئالىزم بىلەن ئورگانچىلىق ئارىلىقىدىكى بىر نۇقتىنى ئىگىلەيدۇ. ئىتتىپاقلار پەقەت سۆز ۋە قىممەت بىلەنلا ساقلانمايدۇ، ئەمما پەقەت خەتەر ۋە قورال بىلەنمۇ ئىدارە قىلىنمايدۇ. ئورتاق خەتەر دۆلەتلەرنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ، ئورگانلار، تۈزۈملەر بۇ ھەمكارلىقنىڭ چىقىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، تېخنولوگىيە ۋە سانائەت باغلىنىشى ئايرىلىشنىڭ بەدىلىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.  سىياسىي ئىشەنچ بولسا بۇ باغلىنىشقا ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنە بېرىدۇ. شۇڭا ئىتتىپاقداشلىقنىڭ مۇقىملىقىنى بىرلا ئۆلچەم  – مەسىلەن، خەلقئارا قىممەت ياكى ھەربىي خەتەر — بىلەن چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئەمەس.

ھازىرقى پارادوكس شۇ يەردە: سىياسىي ئىشەنچ تۆۋەنلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي، تېخنولوگىيەلىك ۋە ھەربىي باغلىنىشنىڭ كۆپ قىسمى كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى يۆنىلىش بىر-بىرىنى بىكار قىلمايدۇ. قىسقا مۇددەتتە ماددىي باغلىنىش ئىتتىپاقنى ساقلاپ قالالايدۇ، لېكىن ئۇزۇن مۇددەتلىك سىستېما ئۈچۈن سىياسىي ئىشەنچ قايتا قۇرۇلمىسا، دۆلەتلەر «بىرلا مەركەزگە باغلىنىش»نى تەۋەككۈلچىلىك دەپ قاراپ، قوشۇمچە تاللاشلارنى ئىزدەشنى داۋام قىلىدۇ. شۇڭا ترامپ زەربىسىنى ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئاخىرى ئەمەس، بەلكى «ئۆزئارا بېقىندىلىققا تايانغان يېڭى مۇناسىۋەت شەكلى»نى تەلەپ قىلىۋاتقان سىستېما كىرىزىسى دەپ قاراش توغرىراق.

4. خىتاي ۋە رۇسىيە: ئاتلانتىك بىلەن ھىندى–تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرغان خەتەر

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خەتەر تونۇشى بىر-بىرىدىن زور دەرىجىدە پەرق قىلدى. ياۋروپا رۇسىيەنى بارغانسېرى بىخەتەرلىك مەسىلىسى دەپ قارىغان بولسا، خىتاينى ئۇزۇن مەزگىل بازار، ياسىمىچىلىق مەركىزى ۋە سودا پۇرسىتى دەپ كۆردى. ئاسىيا دۆلەتلىرى بولسا خىتاينىڭ ھەربىي ۋە دېڭىز كۈچىدىن ئەندىشە قىلدى، ئەمما رۇسىيەنى كۆپىنچە ئېنېرگىيە ۋە دىپلوماتىيەلىك ھەمكارلىق مەنبەسى دەپ قارىدى. بۇ پەرق بېيجىڭ بىلەن موسكۋانىڭ بىر رايوندىكى بېسىمىنىڭ باشقا رايوندا تولۇق سىياسىي ئىنكاس قوزغىماسلىقىغا شارائىت ياراتتى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمى بۇ پەرقلىق خەتەر تونۇشلىرىنى يېقىنلاشتۇردى. ياۋروپا ئۈچۈن، بېيجىڭنىڭ رۇسىيەگە مالىيە، سانائەت ۋە قوش قوللىنىشچان تېخنولوگىيە جەھەتتە ياردەم بېرىشى «خىتاي ياۋروپا بىخەتەرلىكىدىن يىراق سودا شېرىكى» دېگەن قاراشنى ئاجىزلاتتى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خىتاينى رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ «ھەل قىلغۇچ قوللىغۇچىسى» دەپ ئاتىشىمۇ مۇشۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئىپادىسى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي مەسىلىسى ياۋروپادا تەيۋەن ياكى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىن ئىبارەت يىراق رايون مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىنى قايتا قۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىدىغان بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلاندى.

ئاسىيا ئىتتىپاقداشلىرىمۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن ئۆزىگە خاس خۇلاسە چىقاردى: ئەگەر ھەربىي تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلسا، چوڭ كۈچ چېگرانى زورلۇق بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، تەيۋەن، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىكىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈچىيىشى مۇشۇ سەۋەبتىن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاتلانتىك بىلەن ھىندى–تىنچ ئوكيان بارغانسېرى ئايرىم ئىككى ئىستراتېگىيەلىك سەھنىدىن كۆرە، بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر گەۋدىلىشىش مەيدانغا ئايلىنىۋاتىدۇ. بىراق بۇ «خىتاي–رۇسىيە بىرلەشمە خەتىرى»نىڭ بارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئوخشاش دەرىجىدە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇكرائىنا، تەيۋەن، سودا ۋە ئېنېرگىيەگە بولغان دۆلەتلىك مەنپەئەتلەر يەنىلا پەرقلىق.

5. «ئىككىنچى خىتاي زەربىسى»: بىخەتەرلىكتىن سانائەت رىقابىتىگە

خىتايغا بولغان قاراشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ پەقەت ھەربىي ياكى گېئوپولىتىكىلىق رىقابەتچى ئەمەس، بەلكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ سانائەت ئاساسىغا بىۋاسىتە بېسىم قىلىدىغان ئىقتىسادىي كۈچ دەپ قارىلىشىدۇر. ياۋروپا رەھبەرلىرى «ئىككىنچى خىتاي زەربىسى China Shock» توغرىسىدا سۆزلەۋاتقاندا، مەقسەت 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى تۆۋەن باھالىق ئىمپورتنىڭ ئىشچى بازارلىرىغا بولغان زەربىسىنىلا قايتا تەكرارلاش ئەمەس.

بۈگۈنكى خىتاي ئېكسپورتى ئېلېكتىر ماشىنا، باتارېيە، قۇياش ئېنېرگىيەسى، ماشىنا-ئۈسكۈنە، روبوت ۋە باشقا يۇقىرى قىممەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدە ياۋروپا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش سانائەت كۈچلىرى بىلەن بىۋاسىتە رىقابەتلىشىدۇ.

كامپبېلل ۋە دوشى نەقىل قىلغان سانلار بۇ يۆنىلىشنى ئالاھىدە روشەن كۆرسىتىدۇ: يېقىنقى بەش يىلدا ياۋروپا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ھىندىستاننىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتى تۆۋەنلىگەن، ئەمما ئامېرىكا بازىرىغا قىلغان ئېكسپورتى كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ مۆلچەرىچە، ئامېرىكا بازىرى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئېكسپورتىنىڭ تەخمىنەن 20–30 پىرسەنتىنى قوبۇل قىلىدىغان چوڭ «بىخەتەر بازار»غا ئايلىنىۋاتىدۇ. بۇ يەردە بىر مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەنە بار: خىتاينىڭ ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ياۋروپا ۋە ئاسىيا سانائىتىگە بېسىم قىلىۋاتقاندا، ئامېرىكا بازىرى ئىتتىپاقداشلارغا تېخىمۇ مۇھىم چىقىش يولى بولۇپ قالىدۇ.

لېكىن بۇ ھادىسە ئىككى قىرلىق. بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ باغلىنىشىنى كۈچەيتىپ، خىتايغا قارشى سانائەت تەڭپۇڭلۇقى قۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر ۋاشىنگتون بازارغا كىرىشنى تاموژنا بېجى، سىياسىي شەرت ياكى ئىككى تەرەپلىك بېسىم قورالىغا ئايلاندۇرسا، ئىتتىپاقداشلار «خىتايغا بولغان بېقىندىلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئامېرىكاغا بولغان يېڭى بېقىندىلىققا چۈشۈپ قالماسلىق»قا تىرىشىدۇ. دېمەك، ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى بازارنىڭ چوڭلۇقىغا ئەمەس، شۇ بازارنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان قائىدىگە تايىنىشىغا باغلىق.

6. تېخنولوگىيە ۋە سۈنئىي ئەقىل: «رەقەملىك مۇستەقىللىق»نىڭ چېكى

ياۋروپادا «digital sovereignty» ( رەقەملىك ئىگىلىك ھوقۇقى ) سىياسىتى كۈچىيىۋاتىدۇ. بەزى ھۆكۈمەتلەر ئامېرىكا بۇلۇت مۇلازىمىتى، مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە خەۋەرلىشىش سۇپىلىرىدىن مۇستەقىل بولۇشنى خالايدۇ. بۇ ئارزۇنىڭ ئارقىسىدا پەقەت سودا رىقابىتى ئەمەس، سانلىق مەلۇمات، قانۇن، بىخەتەرلىك ۋە سىياسىي كونترول توغرىسىدىكى ئەندىشە بار. ترامپ دەۋرىدىكى مۇناسىۋەت كىرىزىسى بۇ ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئەمما سۈنئىي ئەقىل ئىنقىلابىنىڭ ئىقتىسادىي رېئاللىقى ياۋروپانىڭ تېز مۇستەقىللىشىشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ.

ئاپتورلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، Amazon، Google ۋە Microsoft دۇنيا بۇلۇت ھېسابلاش بازىرىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ياۋروپادىكى ئوخشاش مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلەر ئۆز بازىرىدا تەخمىنەن 15 پىرسەنت بىلەنلا چەكلىنىدۇ. 2026-يىلى ئامېرىكالىق چوڭ بۇلۇت ۋە سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرىنىڭ AI ئۇل ئەسلىھەسىگە 700 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشى مۆلچەرلەنگەن ۋاقىتتا، ياۋروپانىڭ ھۆكۈمەت دەرىجىلىك مەبلەغ سېلىشى بۇنىڭ ناھايىتى كىچىك قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ پەرق پەقەت پۇل پەرقى ئەمەس. ھېسابلاش كۈچى، مودېل، سانلىق مەلۇمات، ئېنېرگىيە، تالانت ۋە بازار چوڭلۇقىنىڭ بىر-بىرىنى كۈچەيتىدىغان ئېكوسىستېما پەرقىدۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ «ياۋروپا ئامېرىكاغا بىر تەرەپلىك بېقىندى» دېگەن ئاددىي خۇلاسىمۇ ئەمەس. ئامېرىكانىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كۈچىمۇ گوللاندىيەنىڭ ئىلغار lithography ئۈسكۈنىسى، گېرمانىيەنىڭ ئوپتىكا ۋە لازېر تېخنىكىسى، ياپونىيەنىڭ خىمىيە ماتېرىياللىرى ۋە تەيۋەننىڭ ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشىغا تايىنىدۇ. بۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، زامانىۋى تېخنولوگىيە سىستېمىسىدا «تولۇق مۇستەقىللىق» نىڭ بەدىلى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى قىممەت، بەلكى بەزى ساھەلەردە مۇمكىن ئەمەس. كەلگۈسى ئىتتىپاقداشلىقنىڭ مۇقىملىقى شۇڭا بېقىندىلىقنى يوقىتىشقا ئەمەس، ئۇنى تەڭپۇڭ ۋە ئىككى تەرەپلىك قىلىشقا باغلىق.

7. قايتا قوراللىنىش: ئامېرىكادىن مۇستەقىللىشىشمۇ ياكى تېخىمۇ چوڭقۇر باغلىنىشمۇ؟

ياۋروپا ۋە ئاسىيا بۈگۈن بىر ئەۋلاد ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ مۇداپىئە كېڭىيىشىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. سىرتقى كۆرۈنۈشتە بۇ ئۆزگىرىش ئامېرىكادىن مۇستەقىل مۇداپىئە قۇرۇش ئارزۇسىغا ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا يېڭى چىقىملارنىڭ زور بىر قىسمى ئىتتىپاقداشلارنى ۋاشىنگتونغا تېخىمۇ چوڭقۇر تېخنىكىلىق ۋە مەشغۇلات باغلىنىشىغا ئېلىپ كىرىۋاتىدۇ.

ياپونىيە F-35 جەڭ ئايروپىلانى ۋە Tomahawk باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى سېتىۋېلىپ، قوماندانلىق قۇرۇلمىسىنى ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرمەكتە؛ تەيۋەن ئامېرىكانىڭ يېڭى قوراللىرىغا تېخىمۇ چوڭ تەلەپ بىلدۈرۈۋاتىدۇ؛ ھىندىستان ئامېرىكا ئايروپىلان موتور تېخنىكىسىغا تېخىمۇ كۆپ تايانماقتا؛ جەنۇبىي كورېيە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە تىرىشماقتا.

ياۋروپادا ئەھۋال تېخىمۇ زىددىيەتلىك. بىر تەرەپتىن «ياۋروپا قورالنى ياۋروپادىن سېتىۋېلىشى كېرەك» دېگەن سىياسىي بېسىم بار. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ئامېرىكا سانائىتىنىڭ تېز ۋە كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئورنىنى ئالغىلى بولماس قىلىۋەتتى.

ئاپتورلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋېلىش سوممىسىدا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۈلۈشى 2019–2021 مەزگىلىدىكى تەخمىنەن 28 پىرسەنتتىن 2022–2024 مەزگىلىدە 51 پىرسەنتكە چىققان. بۇنىڭ ئۈستىگە، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇرۇشتا زۆرۈر بولغان تاکتىكىلىق سانلىق مەلۇمات ئۇلىنىشى، ئالەم بوشلۇقىدىكى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئىستىخبارات، نازارەت ۋە رازۋېدكا ئىقتىدارلىرىدا ياۋروپانىڭ ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان مۇكەممەل بىر تاللاشنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇشى قىيىن.

شۇڭا ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقى بىلەن ئاتلانتىك ئىتتىپاقداشلىقىنى بىر-بىرىگە قارشى قويۇش توغرا ئەمەس. تېخىمۇ مۇۋاپىق مودېل «تېخىمۇ كۈچلۈك ياۋروپا، تېخىمۇ تەڭپۇڭ ئاتلانتىك» بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ياۋروپا ئۆز قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىشى، ئوق-دورا، ھاۋا مۇداپىئەسى، ھەربىي ھەرىكەتچانلىق ۋە قوماندانلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرسا، بۇ ئامېرىكانىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. لېكىن بۇ ئىقتىدارلار ئامېرىكا سىستېمىسى بىلەن ماسلىشىشچان ۋە ئۆزئارا بىر بىرىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان بولسا، مۇستەقىللىق پارچىلىنىش ئەمەس، بەلكى ئىتتىپاقنىڭ چىدامچانلىقىغا ئايلىنىدۇ.

8. ئوتتۇرا كۈچلەر تورى: ئايرىلىشنىڭ باشلىنىشىمۇ، قوشۇمچە تۈگۈنلەرمۇ؟

ترامپ دەۋرىدە ياۋروپا، ياپونىيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق ئوتتۇرا كۈچلەر بىر-بىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ بىۋاسىتە ھەمكارلىق قۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدا مۇداپىئە سانائىتى، ھالقىلىق مىنېراللار، تەمىنات زەنجىرى، دېڭىز بىخەتەرلىكى، سۈنئىي ئەقىل ۋە سودا كېلىشىملىرى بار. بىرىنچى قاراشتا بۇ ھەمكارلىق «ۋاشىنگتونسىز ئىستراتېگىيە»گە ئوخشايدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ ئۆزى تاموژنا بېجى ياكى سىياسىي بېسىم بىلەن ئىتتىپاقداشلارغا خەتەر مەنبەسى بولۇپ قالغاندا، بۇ خىل تورلارنىڭ مۇداپىئە خاراكتېرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئاپتورلار بۇنى باشقىچە ئوقۇغان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، يېڭى ئوتتۇرا كۈچ ھەمكارلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكانىڭ رىقابەتچىلىرى بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئامېرىكانىڭ باشقا شېرىكلىرى ئارىسىدا قۇرۇلۇۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ يېڭى تۈگۈنلەر ئۇزۇن مۇددەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كەڭ تورنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ياپونىيە–ئاۋسترالىيە، ياۋروپا–ھىندىستان ياكى كورېيە–ياۋروپا مۇداپىئە سانائەت ھەمكارلىقى ۋاشىنگتوننىڭ ھەر بىر مۇناسىۋەتتە يالغۇز مەركەز بولۇشىنى ئازايتىدۇ، لېكىن بىرلەشمە ئىقتىدارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنى چوڭايتىدۇ.

بۇ يەردە ئىككى ئېھتىماللىقنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈش كېرەك. ئەگەر ئوتتۇرا كۈچلەر تورى ئامېرىكاغا قارشى «زاپاس سىستېما» سۈپىتىدە قۇرۇلسا، ۋاقىت ئۆتكەنچە ۋاشىنگتوننىڭ مەركىزىي رولى تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر ئۇلار ئورتاق ئۆلچەم، ئۆزئارا مەشغۇلاتچانلىق ۋە تەمىنات زەنجىرى ئارقىلىق كەڭ ئىتتىپاقداشلىققا باغلانسا، بۇ تور «مەركىزى بىر، شاخلىرى كۆپ» كونا مودېلدىن «كۆپ تۈگۈنلۈك، ئۆزئارا باغلانغان» يېڭى مودېلغا ئۆتۈشنىڭ ئالامىتى بولىدۇ. بۇنىڭ سىياسىي قىممىتى شۇكى، بىر پايتەختتىكى سىياسىي ئۆزگىرىش پۈتۈن سىستېمىنى بىرلا ۋاقىتتا پالەچ قىلمايدۇ.

9. «ھەقىقىي چوڭقۇر دۆلەت»: ئىتتىپاقداشلىقنىڭ كۆرۈنمەيدىغان ئۇل ئەسلىھەسى

كامپبېل ۋە  دوشى (ھەقىقىي چوڭقۇر دۆلەت)«The Real Deep State» دېگەن ئىبارىنى سىياسىي ھەيۋە ئۈچۈن ئەمەس، تۈزۈلمىنىڭ داۋاملىشىشچانلىقنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ھەربىي پىلانلىغۇچىلار، ئىستىخبارات خادىملىرى، ئېكسپورت كونترول مۇتەخەسسىسلىرى، جازا سىياسىتى خادىملىرى، مەركىزىي بانكا، سودا مۇزاكىرىچىلىرى، ئىنژېنېرلار ۋە ئۆلچەم بەلگىلىگۈچىلەر نەچچە ئون يىلدا بىر-بىرىگە باغلانغان كۈندىلىك ھەمكارلىق تورىنى قۇرغان.

بۇ تورلارنىڭ كۆپ قىسمى سىياسىي رېتورىكىدىن يىراق، تېخنىكىلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەتتىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىدىن، بىر پىرېزىدېنتنىڭ قاتتىق باياناتى ياكى بىر قېتىملىق سودا توقۇنۇشى نەچچە ئون يىلدا قۇرۇلغان ئۆزئارا مەشغۇلاتچانلىقنى دەرھال يوق قىلالمايدۇ.

2025-يىلى ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى يېڭى ئون يىللىق مۇداپىئە رامكىسىنىڭ سودا جىددىيلىكىگە قارىماي داۋاملىشىشى، AUKUS نىڭ ھۆكۈمەتلەر ئالماشقان بولسىمۇ ساقلىنىشى، فىلىپپىندىكى Balikatan مانېۋىرىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، AUKUS ۋە Quad قاتارلىق سىستېمىلارغا بولغان ئىككى پارتىيەلىك قوللاش بۇ تۈزۈلمىۋى چىدامچانلىقنى كۆرسىتىدۇ.

لېكىن تۈزۈلمە ۋە ئورگانلارنىڭ «ئاستا بۇزۇلۇشى» ئۇلارنىڭ «بۇزۇلمايدىغانلىقى»نى بىلدۈرمەيدۇ. كەسپىي تورلار سىياسىي قوغداش، خامچوت، قانۇن ۋە رەھبەرلىك ۋەدىسىگە موھتاج. ئەگەر سىياسىي سەۋىيەدە ئۇزۇن مۇددەت «ئىتتىپاقداشلار يۈك» ياكى «ۋەدىلەر شەرتلىك» دېگەن قاراش ئۈستۈنلۈككە ئېرىشسە، مۇتەخەسسىسلەر تورى بىر مەزگىل سىستېمىنى تۇتۇپ تۇرالايدۇ، ئەمما يېڭى تۈرلەرنى قۇرۇش، ئورنىنى تولدۇرۇش ۋە ئەۋلاد ئالماشتۇرۇش قىيىنلىشىدۇ. شۇڭا «ھەقىقىي چوڭقۇر دۆلەت» ئىتتىپاقداشلىقنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئالمايدۇ، ئۇ پەقەت سىياسىي بوراندا ۋاقىت سېتىۋالىدۇ.

10. ئىشەنچ بىلەن قۇرۇلما ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت

ئىتتىپاقداشلىق نەزەرىيەسى ئۈچۈن ئەڭ قىيىن سوئال شۇكى، دۆلەتلەرنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان ئاساسىي كۈچ ئىشەنچمۇ ياكى ماددىي مەنپەئەت ۋە قۇرۇلمىلىق بېقىندىلىقمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككىسى بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى باسمايدۇ. ماددىي مەنپەئەت دۆلەتنى ھەمكارلىققا ئىتتىرىدۇ، ئىشەنچ بولسا ئۇنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەدىگە ئايلاندۇرىدۇ. شۇڭا ھازىرقى ترامپ دەۋرىدىكى پارادوكس — سىياسىي ئىشەنچ تۆۋەنلىگەندە سودا، تېخنولوگىيە ۋە ھەربىي باغلىنىشنىڭ كۈچىيىشى — ۋاقىتلىق مۇقىملىق بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك خەۋپنى بىرلا ۋاقىتتا پەيدا قىلىدۇ.

مەسىلەن، بىر دۆلەت F-35 سېتىۋالغاندا، ئۇ پەقەت ئايروپىلان سېتىۋالمايدۇ. ئون يىللارغا سوزۇلىدىغان زاپچاس، يۇمشاق دېتال، مەشىق، سانلىق مەلۇمات، ئوق-دورا ۋە قوماندانلىق ئېكوسىستېمىسىغا كىرىدۇ. بۇ باغلىنىش ئايرىلىشنىڭ بەدىلىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. لېكىن شۇ دۆلەت ۋاشىنگتوننىڭ كەلگۈسىدە قورال زاپچاسلىرىنى سىياسىي بېسىم قورالى قىلىشىدىن ئەنسىرىسە، ئىككىنچى بىر سىستېمىغا مەبلەغ سېلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى تولۇق ئايرىلىش ئەمەس، بەلكى قىممەت، كۆپ قاتلاملىق «ساقلاش سىياسىتى» بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئىتتىپاقداشلىقنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىدا ئەڭ مۇھىم نەرسە ۋاشىنگتوننىڭ «ئىشەنچ بىزگە قايتىپ كېلىدۇ» دەپ كۈتۈشى ئەمەس، ئىشەنچنى قانۇن، ئۆزئارا نەپ ۋە كۆپ تەرەپلىك ئىقتىدار ئارقىلىق قايتا بەرپا قىلىشتۇر. ئىجرا بۇيرۇقى بىلەن قۇرۇلغان ۋەدىنى كېيىنكى پىرېزىدېنت بىر ئىمزا بىلەن بىكار قىلالايدۇ. پارلامېنت قانۇنى، بىرلەشمە كارخانا، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، كۆپ دۆلەتلىك تەمىنات زەنجىرى ۋە ئۆزئارا مەشغۇلاتچانلىق بولسا ۋەدىنى بىر شەخسنىڭ سۆزى بولۇشتىن يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرىدۇ. بۇ پەقەت ئورگان، تۈزۈم قۇرۇش ئەمەس، سىياسىي ئىشەنچنى ماددىيلاشتۇرۇشتۇر.  

11. ئىتتىپاقداشلىقسىز دۇنيانىڭ تۆت ناچار تاللىشى

ئاپتورلار «Après Moi» قىسمىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان تۆت خىل دۇنيا تەرتىپىنى سېلىشتۇرىدۇ. بىرىنچىسى، قائىدىسىز كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا: مۇقىم ئىتتىپاق يوق، ھەر دۆلەت ئۆزى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاجىزلىشىدۇ، ئوتتۇرا كۈچلەر يادرو قورالىغا ئېرىشىشنى ئويلىشىدۇ، چوڭ كۈچلەر قوراللىنىش مۇسابىقىسىگە كىرىدۇ. تارىخ بۇ خىل تەڭپۇڭلۇقنىڭ تىنچلىق پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچى مودېل: تەسىر دائىرىلىرىگە بۆلۈنگەن دۇنيا. بۇ يەردە چوڭ كۈچلەر ئۆز يېقىن رايونىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ، ئامېرىكا غەربىي يېرىم شارغا چېكىنىدۇ. سىرتقى كۆرۈنۈشتە بۇ مودېل قائىدىسىز كۆپ قۇتۇپلۇقتىن مۇقىمراق. ئەمما ئۇ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى چوڭ كۈچلەرنىڭ كېلىشىمىگە قۇربان قىلىدۇ، تەسىر دائىرىلىرىنىڭ چېگراسىدىلا توختىمايدىغان رىقابەت پەيدا قىلىدۇ ۋە تەمىنات زەنجىرى، سۈنئىي ئەقىل، كىلىمات، دېڭىز قاتناش يولى قاتارلىق چېگرا ھالقىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ.

ئۈچىنچى مودېل: چوڭ كۈچلەر كونسېرتى بولۇپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى بىر قانچە پايتەختنىڭ كېلىشىمى ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۆزلەيدۇ، لېكىن بۈگۈنكى چوڭ كۈچلەرنىڭ ئەڭ ئاددىي مەسىلىلەردىمۇ بىرلىككە كېلەلمەيۋاتقانلىقى بۇ مودېلنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

تۆتىنچى ۋە ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە ئەڭ رېئال خەۋپ خىتاينىڭ قىسمەن ئۈستۈنلۈكى. ئۇلار خىتاينىڭ ياسىمىچىلىق كۆلىمى، سېتىۋېلىش كۈچى بويىچە چوڭ ئىقتىسادى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيەسى، زور سودا ئېشىنچىسى ۋە ئېلېكتىر ماشىنا–روبوت قاتارلىق ساھەلەردىكى كۈچىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «خىتاي پەقەت كۆپ قۇتۇپلارنىڭ بىرى» دېگەن قاراشنى سوئالغا قويىدۇ. بۇ دەلىل كۈچلۈك، لېكىن خىتاينىڭ كۆلىمىنى ئۇنىڭ سىياسىي جەلپ قىلىش كۈچى، ئىتتىپاقداشلار تورى، مالىيە سىستېمىسى ۋە تېخنولوگىيەلىك ئىقتىدارى بىلەن تەڭلەشتۈرۈش توغرا ئەمەس. كۆلەم غايەت زور ئەۋزەللىك، ئەمما ئۇ ھەر ساھەدە ئۈستۈنلۈككە تەڭ ئەمەس.

12. «ئىتتىپاقداشلار كۆلىمى»: كوللېكتىپ كۈچ ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى

كامپبېل ۋە دوشىنىڭ ماقالىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇم «allied scale» — «ئىتتىپاقداشلار كۆلىمى»دۇر. بۇ پەقەت ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ ئەزالىرى سانىنى كۆپەيتىش ياكى مۇداپىئە خامچوتلىرىنى قوشۇش ئەمەس. ئۇ بىرلەشمە بازار، كاپىتال، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، تەمىنات زەنجىرى، ئېنېرگىيە، ھالقىلىق مىنېراللار، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، سۈنئىي ئەقىل، پەن-تەتقىقات، مۇداپىئە سانائىتى ۋە ھەربىي كۈچنى بىر-بىرىگە باغلانغان بىر «كوللېكتىپ كۈچ ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى»غا ئايلاندۇرۇشنى كۆزلەيدۇ.

بۇ مودېلنىڭ كونا ئىتتىپاقداشلىق چۈشەنچىسىدىن پەرقى چوڭ. كونا مودېلدا ئامېرىكا كۆپىنچە بىخەتەرلىك ۋە بازار بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىتتىپاقداشلار قوغدىنىشنىڭ مەنپەئەتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن «يۈك تەقسىماتى» توختىمايدىغان تالاشقا ئايلىنىدۇ. «ئىتتىپاقداشلار كۆلىمى»دا بولسا شېرىكلەر قوغداشقا ئېرىشىدىغان پەقەت ئىستېمالچىلار ئەمەس، ئورتاق كۈچ ياراتقۇچىلار بولۇشى كېرەك.

ياپونىيەنىڭ باتارېيە ۋە ماتېرىيال تېخنىكىسى، كورېيەنىڭ كېمە ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشى، ياۋروپانىڭ ئىلغار ماشىنا-ئۈسكۈنە ۋە دورا سانائىتى، ئاۋسترالىيەنىڭ مىنېرال بايلىقى، تەيۋەننىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشى، ئامېرىكانىڭ كاپىتال، بازار، AI ۋە ھەربىي كۆلىمى بىر-بىرىگە قوشۇلغاندا، يەككە دۆلەت قۇرالمايدىغان كۆلەم پەيدا بولىدۇ.

ئاپتورلار بۇ بىرلەشمە كۈچنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ خىتاينىڭ GDP سىدىن ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق، ھەربىي چىقىمىدا ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق، دۇنيا ياسىمىچىلىقىدا تەخمىنەن يېرىم ئۈلۈش، پاتېنت ۋە ئەڭ كۆپ نەقىل قىلىنىدىغان پەن-تەتقىقاتتا ئالدىنقى ئورۇن، كۆپ دۆلەتلەر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سودا تورى بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ سانلار «خىتاينىڭ كۆلىمىگە بىر دۆلەت بىلەن جاۋاب بېرىش مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىنى كۈچەيتىدۇ. ئەمما بۇ پەقەت پوتېنسىيال كۈچتۇر. GDP لارنى قوشۇش، خامچوتلارنى جەمئىي قىلىش ۋە پاتېنت سانىنى بىرلەشتۈرۈش ئۆزلۈكىدىن بىرلىككە كەلگەن ئىرادە ياكى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى پەيدا قىلمايدۇ.

13. نەزەرىيەۋى توپلام كۈچ بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ پەرقى

«ئىتتىپاقداشلار كۆلىمى»نىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىز نۇقتىسى ئۇنىڭ ماتېماتىكىلىق توپلام كۈچ بىلەن سىياسىي بىرلىك ئارىسىدىكى پەرقنى ئاسان يوشۇرۇپ قويۇشىدۇر. ياۋروپا، ياپونىيە، كورېيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى بىر جەدۋەلگە قوشۇش ئاسان، ئەمما خىتايغا قارشى سودا سىياسىتى، تەيۋەن كىرىزىسى، رۇسىيە، سانائەت تولۇقلىمىسى ياكى تېخنولوگىيە ئېكسپورتىدا ئوخشاش قارارغا كېلىش قىيىن. دۆلەتلەرنىڭ خەتەرگە چىدامچانلىقى، ئىچكى سىياسىي قۇرۇلمىسى، سايلام دەۋرى، ئىشچى گۇرۇپپىلىرى ۋە سانائەت مەنپەئەتى پەرقلىق.

بۇ مەسىلە مۇداپىئە سانائىتىدىمۇ روشەن. ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھەممىسى مۇداپىئە ئىشلەپچىقىرىشىنى كۆپەيتىشنى خالايدۇ، ئەمما ھەر بىرى زاكاز، خىزمەت ئورنى، تېخنولوگىيە ۋە تولۇقلىمىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش نەزەرىيە جەھەتتە تېجەشلىك بولسىمۇ، دۆلەتلەرنىڭ سانائەت سىياسىتى بىلەن توقۇنۇشى مۇمكىن. سۈنئىي ئەقىل ۋە ئۆزەك ساھەسىدە تېخىمۇ قىيىن: ئامېرىكا بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئەڭ ئىلغار تېخنولوگىيەنى چەكلەشنى خالايدۇ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بولسا ئۆز شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىدىن پايدا ئېلىشىنى قوغداشنى خالايدۇ.

شۇڭا «ئىتتىپاقداشلار كۆلىمى» ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە، ئۇ بۈيۈك بىر كېلىشىم بىلەن ئەمەس، تاللانغان ساھەلەردە تەدرىجىي «ئورتاق ئىقتىدار ئاراللىرى» قۇرۇش بىلەن باشلىنىشى مۇمكىن. دورا تەمىنات زەنجىرى، ئوق-دورا، ھالقىلىق مىنېراللار، دېڭىز كېمىسى، باتارېيە، ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى ياكى AI ھېسابلاش ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق ساھەلەر بۇنىڭغا ماس كېلىدۇ. بۇ يەردىكى مەقسەت «ھەممە نەرسىنى بىرلا ۋاقىتتا بىرلەشتۈرۈش» ئەمەس، بەلكى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىچىك تۈرلەر ئارقىلىق ئىشەنچ، پايدا ۋە سىياسىي قوللاشنى بىر-بىرلەپ كۆپەيتىش.

14. خىتاينىڭ ئىتتىپاقداشلارنى پارچىلاش ئىستراتېگىيەسى

چوڭ كۈچلەرگە قارشى قۇرۇلغان ئىتتىپاقنى پارچىلاش تارىختا كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن ئىستراتېگىيە. كامپبېل ۋە دوشى بېيجىڭنىڭ تەمىنات زەنجىرى، بازار، سودا جازاسى ۋە تاللانما ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئارقىلىق دۆلەتلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىم كېلىشىم قىلىشقا ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. خىتاي چوڭ بازار، خام ئەشيا، ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى ۋە ئىستېمالچىلارغا كىرىش پۇرسىتىنى «مۇكاپات»، ئېكسپورت چەكلىمىسى ياكى سودا بېسىمىنى «جازا» سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ مەقسىتى ئىتتىپاقداشلارنىڭ خىتايغا قارشى بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي سىياسەت قۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى پەرقنى چوڭايتىش ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىنى «بىخەتەرلىك جەھەتتە ئامېرىكاغا، ئىقتىساد جەھەتتە خىتايغا» باغلانغان ئىككى قۇتۇپلۇق تايىنىش ھالىتىدە تۇتۇش بولۇشى مۇمكىن. بۇ مودېل بېيجىڭغا پايدىلىق، دۆلەتلەر خىتايغا قارشى قاتتىق بىخەتەرلىك سىياسىتى قوللىنىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ سودىدا تارتىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان زىياننى ئويلايدۇ، بىر دۆلەت جازاغا ئۇچرىغاندا باشقىلار ئۇنىڭ بازىرىنى ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. لېكىن خىتاينىڭ بۇ پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنالماسلىقىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ترامپ ئىتتىپاقداشلارغا بېسىم قىلغان بولسىمۇ، بېيجىڭنىڭ رۇسىيەگە ياردىمى، خىتاي سانائەت ئېكسپورتىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا بولغان بېسىمى ۋە تەمىنات زەنجىرىنى سىياسىي قورالغا ئايلاندۇرۇش ئەندىشىسى كۆپ دۆلەتلەرنى خىتايغا تېخىمۇ ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتىدىغان قىلدى.

بۇ يەردە بىر چوڭ پارادوكس بار: ۋاشىنگتون ئىتتىپاقداشلىرىنى ئىتتىرىۋاتقاندا بېيجىڭ ئۇلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشقا ئەڭ ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى، بىراق خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىتى بۇ جەلپ قىلىش كۈچىنى چەكلىدى.

15. «ھاياتتا قېلىش» تىن «كۆلەم» گە: قايتا قۇرۇشنىڭ يول خەرىتىسى

ئىتتىپاقداشلىقنىڭ تىرىك قېلىشى ئۆزلۈكىدىن «ئىتتىپاقداشلار كۆلىمى»گە ئايلانمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن Campbell ۋە Doshi بىر قاتار ئەمەلىي قەدەملەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىرىنچىسى، ئورتاق خەتەر باھالاش. ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەگە بولغان قارىشى يېقىنلاشقان بولسىمۇ، سىياسەت پەرقى يەنىلا چوڭ. شۇڭا «نېمىدىن قورقىمىز؟» دېگەن سوئالغا يېقىن جاۋاب بولماي تۇرۇپ، «نېمە قىلىمىز؟» دېگەن سوئالغا بىرلەشمە جاۋاب چىقمايدۇ. ئىككىنچى قەدەم، ئىشەنچنى شەخسكە ئەمەس، قانۇن ۋە ئورگانغا باغلاش. ئاپتورلارنىڭ توغرا تەكىتلىگىنىدەك، ئىجرا بۇيرۇقى تېز ئۆزگىرىدۇ، قانۇن بولسا بىر پىرېزىدېنتنىڭ ئىمزاسى بىلەن يوقاپ كەتمەيدۇ.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن چېكىنىشنى پارلامېنتنىڭ تەستىقىغا باغلاشقا ئوخشاش قانۇنىي توسالغۇلار ئىتتىپاقداشلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن سىياسىي كاپالەت بېرىدۇ. ئەمما قانۇنمۇ يېتەرلىك ئەمەس. ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئىتتىپاقداشلارنى پەقەت «بىز قوغدايدىغان دۆلەتلەر» دەپ ئەمەس، ئورتاق كۈچنىڭ زۆرۈر ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى دەپ تونۇشى كېرەك.

ئۈچىنچى قەدەم،  كىچىك، كونكرېت ۋە نەتىجىسى تېز كۆرۈلىدىغان تۈرلەر. دورا، ئوق-دورا، ھالقىلىق مىنېراللار، كېمە ياساش، ئۆزەك ئۈسكۈنىسى ياكى تەمىنات زەنجىرىدىكى بىر بوغۇننى تاللاپ، بىر قانچە «ئىختىيارى شېرىك» بىلەن ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇش،  چوڭ، ئەمما قۇرۇق سىياسىي باياناتتىن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈر ھەر دۆلەتتە خىزمەت ئورنى، سانائەت مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىك قىممىتى پەيدا قىلىپ، ئىتتىپاقداشلىقنى ھەر پايتەختنىڭ ئىچكى سىياسىتىدە قوغدايدىغان گۇرۇپپىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ.

16. بىر تەرەپلىك ھىمايەدىن ئىككى تەرەپلىك ئىقتىدار ئالماشتۇرۇشقا

كەلگۈسى ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىشى «ئامېرىكا بېرىدۇ، ئىتتىپاقداشلار ئالىدۇ» دېگەن بىر تەرەپلىك ھىمايە لوگىكىسىدىن «ھەممە تەرەپ بىر نەرسە بېرىدۇ، ھەممە تەرەپ بىر نەرسە ئالىدۇ» دېگەن ئۆزئارا ئىقتىدار ئالماشتۇرۇشقا ئۆتۈش بولۇشى كېرەك. بۇ پەقەت ترامپنىڭ يۈك تەقسىماتى تەلىپىگە جاۋاب ئەمەس. خىتاينىڭ سانائەت كۆلىمى، سۈنئىي ئەقىل ۋە زامانىۋى ئۇرۇشنىڭ چىقىمى ئالدىدا ئامېرىكانىڭ ئۆزى يالغۇز بارلىق زۆرۈر ئىقتىدارنى ئىشلەپچىقىرىپ، بارلىق رايوندا بىرلا ۋاقىتتا ئۈستۈنلۈك ساقلىشى قىيىنلىشىۋاتىدۇ.

ئۆزئارا ئىقتىدار مودېلىدا ياپونىيە ۋە كورېيە كېمە ياساش ۋە ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش؛ ياۋروپا دورا، ماشىنا-ئۈسكۈنە ۋە مۇداپىئە تېخنىكىسى؛ ئاۋسترالىيە ھالقىلىق مىنېراللار؛ كانادا ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا؛ تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ؛ ئامېرىكا كاپىتال، بازار، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقىل ۋە ھەربىي قوماندانلىق ئىقتىدارى بىلەن ئورتاق سىستېمىغا تۆھپە قوشىدۇ. بۇنداق سىستېمىنىڭ كۈچى پەقەت توپلام كۆلەمدە ئەمەس، بەلكى بىر بوغۇن زەربىگە ئۇچرىغاندا باشقا بوغۇنلارنىڭ ئۇنى تولۇقلاش ئىقتىدارىدا.

بۇ مودېلنىڭ سىياسىي پايدىسىمۇ بار. ئىتتىپاقداشلىق پەقەت ئامېرىكانىڭ خەزىنىسىدىن چىقىدىغان چىقىم دەپ كۆرۈلسە، ئامېرىكا ئىچكى سىياسىتىدە ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىق ئاسان كۈچىيىدۇ. ئەگەر ئىتتىپاقداشلار ئامېرىكانىڭ كېمە ياساش، مىنېرال، ئۆزەك، مۇداپىئە ئىشلەپچىقىرىش ياكى بازار ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تۆھپە قوشسا، ئىتتىپاقداشلىق «قوغداش تەننەرخى»دىن «ئورتاق كۈچنىڭ مەنبەسى»گە ئايلىنىدۇ. بۇ پەقەت ئىستراتېگىيەلىك ئەمەس، ئامېرىكا سايلىغۇچىلىرىغا چۈشەندۈرگىلى بولىدىغان ئىچكى سىياسىي مودېل بولۇشى مۇمكىن.

17. ئىتتىپاقداشلىق پەقەت «خىتايغا قارشى» تۇرۇش بىلەنلا مەۋجۇت بولالامدۇ؟

«ئىتتىپاقداشلار كۆلىمى»نى پەقەت خىتاينى توسۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان مۇداپىئە سېپىگە ئايلاندۇرۇش ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك جەلپ قىلىش كۈچىنى چەكلەيدۇ. بىر دۆلەت خىتاينى بىخەتەرلىك خەتىرى دەپ قارىشى مۇمكىن، ئەمما خىتاي بىلەن سودا قىلىشنى خالايدۇ. يەنە بىر دۆلەت رۇسىيەدىن كۆپ ئەندىشە قىلىدۇ، ئۈچىنچى بىر دۆلەت بولسا چوڭ كۈچلەر ئارىسىدا تاللاش قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەگەر يېڭى تەرتىپنىڭ بىردىنبىر ئورتاق نۇقتىسى «بېيجىڭغا قارشى تۇرۇش» بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەنپەئەت پەرقى تۇنجى چوڭ كىرىزىستا ئاشكارىلىنىدۇ.

شۇڭا ئىتتىپاقداشلىقنىڭ مۇنداق بىر مۇسبەت تەرتىپ تەسەۋۋۇرى بولۇشى كېرەك: ئوچۇق ۋە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ئىقتىساد، تېخنولوگىيەلىك يېڭىلىق، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت، قائىدىگە تايانغان سودا، كىچىك ۋە ئوتتۇرا دۆلەتلەرگە تاللاش پۇرسىتى، مەبلەغ ۋە بازارغا كىرىش، پەن-تەتقىقات ۋە ئىنسان كاپىتالىنىڭ ئەركىن ئالماشتۇرۇشى. بۇنداق تەرتىپ خىتايغا قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزى جەلپ قىلارلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك بولىدۇ.

بۇ يەردە ئامېرىكانىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان تەلەپمۇ ئېغىر. ئەگەر ۋاشىنگتون بىر تەرەپتىن قائىدىگە تايانغان سودا ۋە ئىتتىپاقداشلىقنى تەشۋىق قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىغا تاموژنا بېجى، بازار بېسىمى ياكى سىياسىي شەرت قويۇشنى داۋام قىلسا، ئۇ ئۆزى تەشۋىق قىلغان تەرتىپنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئاجىزلىتىدۇ. يېڭى ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم سىناقلىرىنىڭ بىرى «ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلارنى ھەقىقىي شېرىك، يەنى، ھەمكار قۇرغۇچى co-creator دەپ قوبۇل قىلالامدۇ؟» دېگەن سوئالدۇر.

18. تەنقىدىي باھا: كامپبېل ۋە دوشىنىڭ زاكونىنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرى

كامپبېل ۋە دوشىنىڭ ماقالىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەرىپى ئۈمىدسىزلىككە قارشى تارىخ، سانائەت ۋە تۈزۈلمىۋى باغلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر. ئەمما ئۇلار ماددىي بېقىندىلىقنىڭ كۈچىنى سەل ئارتۇقچە، سىياسىي ئىشەنچنىڭ يوقىلىشىنى سەل تۆۋەن باھالىغان بولۇشى مۇمكىن. ئىتتىپاقداشلىقنىڭ مەنىسى پەقەت «ئايرىلىش قىممەتكە توختايدۇ» دېگەن ئىقتىسادىي ھېساب ئەمەس، جىددىي كىرىزىستا شېرىكنىڭ ھەقىقەتەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچتۇر. بۇ ئىشەنچ تېخىمۇ كۆپ F-35 سېتىۋېلىش ياكى بۇلۇت مۇلازىمىتىگە تايىنىش بىلەن ئۆزلۈكىدىن قايتا قۇرۇلۇپ قالمايدۇ.

ئىككىنچى ئاجىز نۇقتا: ترامپنى زىيادە شەخسىيلەشتۈرۈش خەۋپى. ئاپتورلار بۈگۈنكى زەربىلەرنىڭ بىر قىسمىنى پىرېزىدېنتنىڭ شەخسى بىلەن باغلايدۇ ۋە ئامېرىكا جامائەت پىكرىنىڭ ئىتتىپاقداشلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك قوللىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇھىم. لېكىن «ئاۋال ئامېرىكا» ئېقىمى، ئۇرۇشلارغا بولغان ھاردۇق، يەرلىكلەشتۈرۈلگەن سانائەت سىياسىتى، تاموژنا قوراللىرى ۋە «باشقىلار ئامېرىكادىن پايدىلىنىۋاتىدۇ» دېگەن قاراشنىڭ ترامپتىن كېيىنمۇ سىياسىي بازاردا قېلىش ئېھتىمالى بار. ئەگەر بۇ تۈزۈلمىۋى بىر ئېقىم بولسا، كېيىنكى ھۆكۈمەت «بۇرۇنقى ھالەتكە قايتىش» بىلەنلا ئىشەنچنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ.

ئۈچىنچى ئاجىز نۇقتا: خىتاي بىلەن رۇسىيەنى بەك يېقىن بىر گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك بىلوك دەپ قاراش خاتالىقى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تەرتىپكە بولغان نارازىلىقى ۋە ھەربىي–سىياسىي ھەمكارلىق ئېھتىياجى بىلەن ھەقىقەتەن يېقىنلاشتى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى، رايونلۇق مەنپەئەتى، تارىخىي ئىشەنچسىزلىكى ۋە كۈچ تەڭپۇڭلۇقى پەرقلىق. ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھەممىسىمۇ موسكۋا بىلەن بېيجىڭغا ئوخشاش سىياسەت قوللانمايدۇ. شۇڭا «ئورتاق خەتەر باھالاش»نىڭ ئۆزى «ئورتاق سىياسەت» بىلەن تەڭ ئەمەس.

تۆتىنچى ئاجىز نۇقتا: «ئىتتىپاقداشلىق كۆلىمى» نىڭ ئىچكى سىياسىي چىقىمى. ئورتاق بازار ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى چوڭ كۈچ پەيدا قىلىدۇ، ئەمما خىزمەت ئورنى قايسى دۆلەتكە بېرىلىدۇ؟ تولۇقلىمىنى كىم تۆلەيدۇ؟ تېخنولوگىيەنى كىم بىلەن ئورتاقلىشىدۇ؟ چەتئەل شىركىتى دۆلەت مۇداپىئەسىدە قانچىلىك رول ئوينايدۇ؟ قورال ئېكسپورتىغا قايسى قانۇن قوللىنىلىدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بولمىسا، «كوللېكتىپ كۆلەم» دۆلەتچىلىك ۋە سانائەت رىقابىتىگە سوقۇلىدۇ. دېمەك، ئۇقۇم ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتە كۈچلۈك، ئەمما ئەمەلىيەتتە يۇقىرى دەرىجىدىكى سىياسىي سودا-سېتىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

بەشىنچى ئاجىز نۇقتا: يادرو مەسىلىسى. ئەگەر ئاسىيا ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكانىڭ يادرو كېڭىيىشىنى توسۇۋالالىشىغا ئىشەنمىسە ۋە ئۆز يادرو قورالىغا ئېرىشىشنى جىددىي ئويلاشقا باشلىسا، بۇ پەقەت ئىتتىپاقداشلىق ئىچىدىكى «يۈك كۆتۈرۈش»نىڭ كۆپىيىشى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن رايون بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنىڭ سۈپەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى بولىدۇ. يادرو مۇستەقىللىقى بىر تەرەپتىن ئامېرىكاغا تايىنىشنى ئازايتىشى، يەنە بىر تەرەپتىن قوراللىنىش مۇسابىقىسىنى كۈچەيتىشى، شۇنداقلا، مۇقىملىقنى ناچارلاشتۇرۇشى مۇمكىن. بۇ خەۋپ ماقالىدىكى «تۈزۈلمىۋى كۈچلەر ئىتتىپاقنى ساقلايدۇ» دېگەن ئۈمىدۋارلىقنى سىنايدىغان ئەڭ چوڭ سىناق تاشلارنىڭ بىرى.

19. مۇستەقىل يەكۈن: كونا ھىمايە تەرتىپىدىن ئۆزئارا تايىنىدىغان كۈچ تورىغا

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنى «يىمىرىلىش باسقۇچىدا» دەپ ھۆكۈم قىلىش ھازىرچە بالدۇر. تارىخىي چىدامچانلىق، خىتاي–رۇسىيە خەتىرىنىڭ يېقىنلىشىشى، ئامېرىكا بازىرىنىڭ مۇھىملىقى، سۈنئىي ئەقىل ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچتە ئۆزئارا بېقىندىلىق، ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ قايتا قوراللىنىشى، ھەمدە كەسپىي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ داۋاملىشىشچانلىقى بۇ سىستېمىنى كۈچلۈك تۇتۇپ تۇرماقتا. شۇڭا قىسقا ۋە ئوتتۇرا مۇددەتتە «پارچىلىنىش»تىن كۆرە «قايتا تەشكىللىنىش» ئېھتىمالى يۇقىرى. لېكىن، ترامپ دەۋرىنى پەقەت ۋاقىتلىق شوك  دەپ قاراشمۇ خاتا. ئۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى سانائەت، سودا، ئۇرۇش، يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە خەلقئارا مەسئۇلىيەت توغرىسىدىكى چوڭقۇر سوئاللارنى سۇ يۈزىگە چىقاردى. كېيىنكى ھۆكۈمەت ترامپنىڭ تىلىنى تاشلىشى مۇمكىن، ئەمما ئىتتىپاقداشلارنىڭ «ئامېرىكا سىياسىتى قايتا ئۆزگىرىپ قالامدۇ؟» دېگەن ئەندىشىسى پات يېقىندا يوقالمايدۇ. شۇڭا قايتا قۇرۇلۇشنىڭ مەقسىتى 2016-يىلدىن بۇرۇنقى دەۋرنى كۆچۈرۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەمەس، سىياسىي داۋالغۇشقا چىداملىق يېڭى قۇرۇلما قۇرۇش بولۇشى كېرەك.

ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقى بىلەن ئاتلانتىك ئىتتىپاقداشلىقى بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولالايدۇ، ئەگەر «مۇستەقىللىق»نىڭ مەنىسى ئامېرىكانى چىقىرىۋېتىش ئەمەس، ياۋروپانىڭ ئۆز كۈچىنى ئاشۇرۇش بولسا. ئوخشاشلا، ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان ۋە ياۋروپانىڭ ئۆزئارا يېڭى تور قۇرۇشىمۇ ۋاشىنگتوندىن ئايرىلىشنىڭ ئالامىتى بولۇشى زۆرۈر ئەمەس.  ئەكسىچە، ئۇلار ھەر بىر تۈگۈننىڭ قىممىتى بار، بىر مەركەزنىڭ خاتالىقىغا قارشى چىداملىق «تور شەكىللىك ئىتتىپاقداشلىق»نىڭ ئاساسى بولالايدۇ.

خىتاينىڭ غايەت زور سانائەت كۆلىمى ئالدىدا «ئىتتىپاقداشلار كۆلىمى» ھازىرچە ئەڭ رېئال تەڭپۇڭلاشتۇرۇش يوللىرىنىڭ بىرى. بىر دۆلەتنىڭ يالغۇز خىتاينىڭ بازار، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرى ۋە تېخنولوگىيە كۆلىمىگە ئۇزۇن مۇددەت جاۋاب بېرىشى قىيىن. ئەمما بۇ مودېلنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جەمى سانغا ئەمەس، سىياسىي ماسلىشىشقا باغلىق. ئىتتىپاقداشلار بازار، تېخنولوگىيە، سانائەت ۋە قورال ئىشلەپچىقىرىشنى قانچىلىك ھەقىقىي ئورتاقلاشتۇرسا، توپلام كۈچ شۇنچىلىك رېئال كۈچكە ئايلىنىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا، بۈگۈنكى كىرىزىسنى «ترامپ ئىتتىپاقداشلىقنى ئاجىزلاتتى، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئۇنى قايتا بىرلەشتۈردى» دېگەن ئاددىي فورمۇلا بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. تېخىمۇ چوڭقۇر رېئاللىق شۇكى، سىياسىي ئىشەنچ ئاجىزلاۋاتقان بىر پەيتتە قۇرۇلمىلىق بېقىندىلىق كۈچىيىۋاتىدۇ. ئىتتىپاقداشلار ئامېرىكاغا تايىنىپ قېلىشنى ئازايتىشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا بازىرى، تېخنولوگىيەسى ۋە ھەربىي ئۇل ئەسلىھەسىگە تېخىمۇ باغلىنىۋاتىدۇ. ياۋروپا مۇستەقىللىشىشنى خالاۋاتقان بىر پەيتتە، قايتا قوراللىنىش ئۇنى ئاتلانتىك سىستېمىسىغا تېخىمۇ زىچ باغلاۋاتىدۇ. بۇ پارادوكسنىڭ ھەل قىلىنىشى كەلگۈسى تەرتىپنى بەلگىلەيدۇ.

شۇڭا يېڭى دەۋرنىڭ مەركىزىي سوئالى «ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرامدۇ؟» بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ھەقىقىي سوئال شۇكى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى بازار، سانائەت، پەن-تېخنىكا ۋە ھەربىي كۈچنى بىر-بىرىگە باراۋەر پايدا يەتكۈزىدىغان شەكىلدە ئورتاق ئىشلەپچىقىرالايدىغان سىياسىي ۋە تۈزۈلمىۋى تەرتىپ قۇرالامدۇ؟ ئەگەر جاۋاب «شۇنداق» بولسا، ترامپ دەۋرى كونا ئىتتىپاقداشلىقنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئەمەس، ئۇنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ ۋە كۆپ تۈگۈنلۈك شەكىلگە ئۆتۈشىنى تېزلەتكەن زەربە دەپ خاتىرىلىنىشى مۇمكىن. ئەگەر جاۋاب «ياق» بولسا، ماددىي باغلىنىش بىر مەزگىل مەۋجۇت سىستېمىنى ساقلىغان بىلەن، ئىشەنچسىزلىك، دۆلەتچىلىك ۋە سودا رىقابىتى ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ سىياسىي مەنىسىنى يوقىتىدۇ.

مەنبە:

1. Kurt M. Campbell and Rush Doshi, “How Alliances Survive: The Case Against Pessimism and the Path to a New Allied Order,” Foreign Affairs, September/October 2026; published August 18, 2026.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*