قانۇن تونىغا ئورانغان ئىدېئولوگىيە قەپىسى: شەرقىي تۈركىستاندا دىجىتال ساھەنىڭ قايتا تەرتىپكە سېلىنىشى
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار
بۇ ماقالىدە، 2026-يىلى رەسمىي يولغا قويۇلىدىغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى نىزامى» ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىدۇ. ماقالىدە، «قانۇن» تېكىستىنىڭ تېخنولوگىيە بەلگىلىمىسى بولۇشتىن ھالقىپ، قانداق قىلىپ ئىدېئولوگىيە قەپىسى سۈپىتىدە رول ئويناۋاتقانلىقى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئاتالمىش «تور مەدەنىيىتى» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» ئۇقۇملىرى ئارقىلىق، دىجىتال ساھەدىكى كۆپ تىللىقلىقنىڭ ۋە بايان كۆپ خىللىقىنىڭ قانداق قىلىپ بىر مەركەزلىك،بىر ھۆكۈمرانلىق قۇرۇلمىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى ئانالىز قىلىنىدۇ. ماقالىدە ، 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «گۇاڭمىڭ گېزىتى»دىكى خەۋەرلەر ئاساسلىق مەلۇمات مەنبەسى قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچ سۆزلەر: دىجىتال ساھە باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق، تىل سىياسەتلىرى، تور مەدەنىيىتى
- كىرىش سۆز: دىجىتال ساھەنىڭ سىياسىيلىشىشى ۋە «تور ئىگىلىك ھوقۇقى» قىسقۇچى
رەقەملىك ساھەنى تەرتىپكە سېلىش، 21-ئەسىردىكى زامانىۋى مىللىي دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىنىڭ ماددىي چېگرالاردىن تور بوشلۇقىغا كېڭىيىشىنى بىلدۈرىدۇ. ، غەربنى مەركەز قىلغان «ئوچۇق ئىنتېرنېت» قارىشىنىڭ ئەكسىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بۇ جەريان دۆلەتنىڭ دىجىتال چېگرالار ئۈستىدىكى مۇتلەق كونتروللۇقىنى ئىپادىلەيدىغان «تور ئىگىلىك ھوقۇقى» (Wangluo Zhuquan) ئىدىيەسى بىلەن شەكىللەنمەكتە. بۇ ئىدىيە، ئىنتېرنېتنى پەقەتلا تېخنىكىلىق ئۇل ئەسلىھە سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئىدېئولوگىيەلىك بىخەتەرلىك (Yishixingtai Anquan) كاپالەندۈرۈلۈشى كېرەك بولغان بىر «جەڭ مەيدانى» سۈپىتىدە بەرپا قىلىپ چىقىدۇ.
بۇ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشنىڭ ئەڭ يېڭى ۋە رادىكال مىسالى، 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى نىزامى» تېكىستىدۇر ( [1](Wang & Guan, 2025 . ج ك پ 2026 -يىلىنىڭ بېشىدا يولغا قويۇلىدىغان بۇ يەرلىك قانۇننى، «تور مەدەنىيىتى» (Wangluo Wenming) ئۇقۇمىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك سىياسەتلىرىگە ماس كېلىدىغان بىر دىجىتال پۇقرالىق مودېلىنى بەرپا قىلىپ چىقىشتا مۇھىم قورال قىلىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقتى.
ۋاڭ چىڭسۇڭ ۋە گۇەن ياچاۋ تەرىپىدىن يېزىلغان خەۋەرنىڭ ئومۇمىي رامكىسىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەش مۇمكىن: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوبۇل قىلىنغان ۋە 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلىدىغان ‹تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى نىزامى›، جۇڭگو مىقياسىدا بۇ ساھەدە ئۆلكە دەرىجىلىك چىقىرىلغان تۇنجى قانۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، دىجىتال ساھەنى باشقۇرۇشنىڭ قانۇنلىشىشى مۇساپىسىدىكى ھالقىلىق بىر قەدەمدۇر. بۇ بەلگىلىمە، ئاساسىي يۆنىلىشىنى ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش› ئۈستىگە قۇرۇپ، دىجىتال دۇنيادا ئىدېئولوگىيەلىك بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى، دۆلەت بىرلىكىنى قوغداشنى ۋە ‹شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش›نى نىشان قىلىدۇ. نىزام، مەسئۇلىيەتلەر ئېنىق تەقسىم قىلىنغان بىر ئىجرا قىلىش جەريانىنى كۆزدە تۇتىدۇ. پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھۆكۈمەت ئىجرا قىلغۇچى، پۇقرالار جەمئىيىتى ۋە خەلق قاتناشقۇچى سالاھىيىتىدە بولغان بۇ قۇرۇلمىدا؛ دۆلەت ئورگانلىرىغا، ئىنتېرنېت سۇپىلىرىغا ۋە ئىشلەتكۈچىلەرگە چۈشىدىغان مەسئۇلىيەتلەر تەپسىلىي بەلگىلەنگەن. رىغبەتلەندۈرگۈچى ۋە چەكلىمە قويغۇچى ئامىللار بىرلىكتە سۇنۇلغان. «شىنجاڭ»نىڭ تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان «ئىجابىي» مەزمۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولسا؛ يالغان خەۋەر، ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە قانۇنسىز ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىغا قارشى قەتئىي چەك-چېگرالار سىزىلغان. بولۇپمۇ MCN (كۆپ قاناللىق تور) ئورگانلىرى ۋە ئىجادىي سۈنئىي ئەقىل مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچىلەرگە ئوخشاش يېڭى ئەۋلاد ئاكتىيورلارغا قارىتا ئالاھىدە قانۇنىي مەجبۇرىيەتلەرنىڭ يۈكلىنىشى دىققەتنى تارتىدۇ.
بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك ئامىللىرىدىن بىرى، بىۋاستە تارقاتقۇچىلار ۋە قىسقا سىن مەزمۇنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىش ۋە ئىجادىيەتلىرىدە «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى»نى ئاساسلىق ئالاقە قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلۈشىدۇر. بۇ ھەرىكەت، مەدەنىيەت جەھەتتىن جۇڭخۇا مىللىتى بولۇپ بىرىكىش ۋە ئورتاق جوڭخۇا كىملىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ قارالماقتا. ئۇندىن باشقا، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىلىرى، پاش قىلىش مېخانىزملىرى، مۇكاپات ۋە جازا تەدبىرلىرى بىلەن قوللىنىلىدىغان بۇ مودېل، «شىنجاڭ يولى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزگىچە بىر دىجىتال باشقۇرۇش چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
خەۋەر تېكىستىدە، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ «شىنجاڭنىڭ تور بوشلۇقىنى باشقۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇش يولىدا تاشلانغان ھالقىلىق بىر قەدەم ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇ ئىبارە ئارقىلىق، تۇنجى قاراشتا مەزكۇر قانۇن مەمۇرىي بىر زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىدەك كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق ۋە تەنقىدىي قانۇن نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئەھۋال تامامەن باشقىچىدۇر. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «قانۇنلىشىش» (Fazhihua-法治化)، ھەرگىزمۇ بىتەرەپ، ئۇنىۋېرسال ۋە ھاكىممۇتلەقلىقنى چەكلەيدىغان «قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى» (Rule of Law) جەريانى ئەمەس. ئەكسىچە بۇ جەريان،يەنى، دۆلەت بەلگىلىگەن «بىردىبىر توغرا» تىل، تارىخ ۋە ھەرىكەت قېلىپلىرىنىڭ قانۇن كۈچى بىلەن دىجىتال ساھەگە تېڭىلىشى «قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش» (Rule by Law /依法治国) ئەمەلىيىتىنىڭ كونكرېتلاشقان ھالىتىدۇر.
بۇ نۇقتىدىن مەزكۇر نىزامنامە، رەقەملىك سۇپىلاردىكى تىل كۆپ خىللىقى ۋە بايان (دىسكۇرس) كۆپ خىللىقىنى تەرتىپكە سېلىشتىن بەكرەك؛ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»中华民族共同体意识) )غا ئوخشاش ئۈستىقۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىدېئولوگىيەلىك بايانلارنى قانۇنىي بىر مەجبۇرىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق قانۇننى قوراللاشتۇرماقتا. شۇڭلاشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىجتال ساھە باشقۇرۇش، بىر تور قالايمىقانچىلىقىنى تىزگىنلەش مېخانىزمىلا ئەمەس، شەخسلەرنىڭ قايسى تىلنى تاللىشىنى ۋە تارىخىي خاتىرىلىرىنى قايتا شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر «ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشى» تۈرىدۇر.
2. ئۇقۇم رامكىسى: ئىدېئولوگىيە، ھۆكۈمرانلىق ۋە «رازىلىق» قۇرۇلۇشى
مەزكۇر ماقالىدە، دىجىتال ساھە تېخنىكىلىق ئۇل ئەسلىھە سۈپىتىدە ئەمەس؛ مەنالار، كىملىك ۋە ھاكىمىيەت مۇناسىۋەتلىرى ئۈزلۈكسىز مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ۋە قايتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بىر « ئەركىن بايان ساھەسى» سۈپىتىدە تەھلىل قىلىنىدۇ. ماقالىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى نىزامنامىنى ئانالىز قىلىش ئۈچۈن، قانۇن تېكىستىنىڭ قۇرلىرى ئارىسىدا يوشۇرۇنغان ئىدېئولوگىيەلىك مېخانىزملارنى يېشىش مەقسىتىدە ئىككى ئاساسلىق نەزەرىيەۋى يول ئاساس قىلىنىدۇ:
- مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىقى ۋە «رازىلىق» قۇرۇلۇشى: «مەدەنىيلەشتۈرۈش» تاكتىكىسى
ئانتونىيو گرامشىنىڭ مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىقى (Cultural Hegemony) نەزەرىيەسى، دۆلەتنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پەقەتلا ساقچى ۋە ئارمىيەگە ئوخشاش «زورلاش ئاپپاراتلىرى» غىلا ئەمەس، بەلكى مائارىپ، تاراتقۇ ۋە مەدەنىيەتكە ئوخشاش ساھەلەردە خەلقنىڭ «رازىلىقى»نى بەرپا قىلىدىغان مېخانىزملارغىمۇ ئېھتىياجى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ (Gramsci, 1971). خىتاي ۋەزىيىتىدە ئاتالمىش «تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى» (Wangluo Wenming Jianshe)، ئۇيغۇرلارنىڭ «رازىلىق»نى بەرپا قىلىشنىڭ دىجىتال دەۋردىكى ئەڭ مۇرەككەپ قورالىدۇر.
نىزامنامىدە تىلغا ئېلىنغان «مەدەنىيەت» (wenming) ئۇقۇمى،ئەسلى مەنىسىنى ئەمەس، دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك سىياسەتلىرىگە ماس كېلىدىغان بىر مەنىنى بىلدۈرىدۇ. گرامشىنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ بەلگىلىمە، قوللانغۇچىلارنى دۆلەتنىڭ قوراللىرى بىلەن قورقۇتۇشتىن بەكرەك؛ «مۇسبەت ئېنېرگىيە» (Zhengnengliang) تارقىتىدىغان، «بىردىنبىر توغرا» قىممەت قاراشلارنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە سىستېمىنى ھەزەم قىلالايدىغان سۇبىكىتلارغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزملىرىنى قوللانغان بۇ جەريان، بېسىمدىن بەكرەك بىر «ئەخلاقىي ۋە سىياسىي تەربىيە» قۇرۇلۇشىدۇر. نەتىجىدە، تەستىقلاش سىرتتىن كەلگەن بىر بېسىملىق چەكلەش ھەرىكىتىگە بويسۇنۇش ئەمەس، قوللانغۇچىنىڭ «مەدەنىيەتلىك بولۇش» ئارزۇسى ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى ئىنتىزامغا سالىدىغان (auto-discipline) بىر جەريان قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ.
2.2. جامائەت ساھەسىنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى ۋە «يەككە مەركەزلىك ھەقىقەت»
يۇرگېن خابېرماس، جامائەت ساھەسى (Öffentlichkeit) ئۇقۇمىنى، كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ئاممىۋى ھوقۇقنى تەنقىدىي ئەقىل ئارقىلىق نازارەت قىلىدىغان، كۆپ خىللىققا ئىگە بىر مۇزاكىرە مەيدانى دەپ تەرىپلەيدۇ (Habermas, 1989). بىراق «شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى نىزامنامىسى»، بۇ تەرىپنىڭ دەل ئەكسىچە يۆنىلىشتە، جامائەت ساھەسىنى «يەككە مەركەزلىك تۈزۈم» بىلەن ئالماشتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.
نىزامنىڭ 4-ماددىسىدىكى «توغرا تارىخ قارىشى» (正确的历史观) تەكىتلىمىسىنى، خابېرماسنىڭ «بۇرمىلانغان ئالاقە» (distorted communication) ئۇقۇمى بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. دۆلەت، تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقنى مونوپول قىلىۋېلىپ، پەرقلىق ياكى ئالتېرناتىف بايانلارنى (مەسىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت خاتىرىلىرىنى ياكى پەرقلىق مىللەت تارىخ چۈشەنچىلىرىنى) مۇنازىرە مەيدانىنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىدۇ. بۇ بايانلارغا، «ھىچچىلىكتۇر» ياكى «زىيانلىق ئۇچۇردۇر» دەپ بەلگە قويۇلۇپ قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. دىجىتال مۇنبەرلەر ۋە جامائەت ساھەسى، پەرقلىق پىكىرلەر ئۇچرىشىدىغان بىر سورۇن (agora) بولۇشتىن چىقىپ، دۆلەت بەلگىلىگەن «ئورتاق ئاڭ» ياڭرايدىغان بىر شوئار مەيدانىغا (echo chamber) ئايلاندۇرۇلىدۇ.
3. مۇھاكىمە
1.3. ئۈستىقۇرۇلما سۈپىتىدە «ئورتاق كىملىك» ۋە تارىخىي مەشرۇتىيەت
نىزامنىڭ 4-ماددىسى، مىللىتى«جۇڭخۇا ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى(以铸牢中华民族共同体意识为主线)بەلگىلىمىنىڭ «ئاساسىي ئوقى» قىلىپ بەلگىلەيدۇ. «جۇڭخۇا ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»دېگەن ئىبارە ،تېخنىكا باشقۇرۇشقا ئائىت بىر قانۇن تېكىستىنى ئاددىي بىر مەمۇرىي بەلگىلىمە بولۇشتىن ھالقىتىپ، دۆلەت قوللىغان بىر ئېتنىك-مىللىي كىملىك قۇرۇلۇشى تۈرىگە ئايلاندۇرغان. بۇ يەردە «ئاساسىي ئوق» دېيىلگىنى قىزىل سىزىق بولۇپ، رەقەملىك ساھەدىكى بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ بۇ ئىدېئولوگىيەلىك سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.
بۇ ئىدېئولوگىيەلىك رامكىنىڭ تارىخىي ئاساسى، 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى « گۇاڭمىڭ گېزىتى » دە چڭ فېڭچىڭ تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىدە ئېنىق گەۋدىلىنىدۇ. بۇ ئاپتور، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش نەزەرىيىسىنى «دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى»غا باغلاپ تۇرۇپ، بۈگۈنكى «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» سىياسەتلىرىنى تارىخىي بىر «ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش» (持久战) نىڭ داۋامى سۈپىتىدە چۈشەندۈرىدۇ. يەنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى رەقەملىك نازارەتنى، دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر «ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكى» (意识形态安全) مەسىلىسى سۈپىتىدە كودلايدۇ. نەتىجىدە، دىجىتال ساھەدە پەرقلىق كىملىك تەلەپلىرى «فاشىست» ياكى «بۆلگۈنچى» دۈشمەن كاتېگورىيىسىگە كىرگۇزۇلۇپ قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىنالايدۇ؛ دۆلەتنىڭ قاتتىق نازارىتى «تارىخىي بىر مەجبۇرىيەت» سۈپىتىدە قانۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ.
2.3. دىجىتال قوش تىللىقلىق ھادىسىسى ۋە تىل پىلانى: ئىناۋەت ۋە چەتكە قېقىش
مەزكۇر نىزامنامە، ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئەڭ رادىكال سىياسەتنى تىل پىلانى (language planning) ساھەسىدە يۈرگۈزىدۇ. 27-ماددا، ، ئىنتېرنېت ئۇچۇر مەزمۇنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا قارىتا مۇنداق بىر ھۆكۈمنى ئېلىپ كېلىدۇ:
«ئىنتېرنېت ئۇچۇر مەزمۇنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىش، قىسقا سىن ئىشلەش قاتارلىق پائالىيەتلەردە سۆزلەش ۋە يېزىق تىلى سۈپىتىدە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى (国家通用语言文字) ئىشلىتىشى رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.» (Wang & Guan, 2025).
بۇ ھۆكۈم، شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش تۈركىي تىللار سۆزلىشىلىدىغان بىر رايوندا، رەقەملىك بىر دىگلوسسىيە (قوش تىللىق دەرىجىلىك قاتلام) پەيدا قىلىدۇ:
ئىناۋەتلىك تىل (H-Language): ئۆلچەملىك خىتايچە (Putonghua)بولۇپ، «مەدەنىيەتلىك»(Wénmíng)، زامانىۋى، جامائەت ساھەسىدە ئىقتىسادىي پايدىسى بولغان تىل سۈپىتىدە كودلىنىدۇ.
يەرلىك تىللار (L-Language): ئۇيغۇرچە ياكى قازاقچىغا ئوخشاش تىللار ئوچۇق-ئاشكارە چەكلەنمىسىمۇ، «رىغبەتلەندۈرۈلمەيدىغان» ۋە شۇ سەۋەبتىن رەقەملىك كۆرۈنۈشچانلىقى ئازايتىلغان تىللار كاتېگورىيىسىگە ئىتتىرىلىدۇ.
بۇ ئىستراتېگىيە، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» (文化润疆) سىياسىتىنىڭ رەقەملىك قەدىمىدۇر. تور چولپانلىرى ۋە MCN ئورگانلىرى، ئالگورىزىملىق مەزمۇنلاردىن ۋە ئىقتىسادىي رىغبەتلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئانا تىللىرىنى تاشلاشقا ياكى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا مەجبۇرلانماقتا. بۇ ئەھۋال، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي تىللارنىڭ جامائەت ساھەسىدىن سۈپۈرۈلۈپ، پەقەتلا ئۆي ئىچى (دومېستىك) دائىرىسىگە قامىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئاسسىمىلياتسىيە بېسىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
3.3. «مۇسبەت ئېنېرگىيە» ۋە بايان قاتلىمى
نىزامنامىدە، رەقەملىك مەزمۇنلار «رىغبەتلەندۈرۈلگەن » ۋە «چەكلەنگەن» دەپ قاتلامغا ئايرىلىدۇ. رىغبەتلەندۈرۈلگەن مەزمۇنلار، دۆلەت «پوزىتىپ ئېنېرگىيە» (正能量) دەپ تەرىپلىگەن تۆۋەندىكى تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى»(新时代党的治疆方略)
«شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى.»
بۇ خىل تۈرلەرگە ئايرىش، خابېرماسچە مەنىدە ئېنتېرنىت ساھەسىنى دۆلەت تەرىپىدىن «تەستىقلانغان بايانلار» بىلەن تولدۇرۇلۇشىغا ، تەنقىدىي پىكىرلەرنىڭ قەتئىي كۆزگە چېلىقماس بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. رىغبەتلەندۈرۈلگەن مەزمۇنلار ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگىنى بىلەن، «يالغان ئۇچۇر»(虚假信息) ياكى «كىشىلىك ھوقۇققا دەپسەندىچىلىك قىلىش»قا ئوخشاش ئۇقۇملارنىڭ كاتىگورىيەسىنىڭ قەستەن مۈجمەل قالدۇرۇلۇشى، قوللانغۇچىلارنى چوڭقۇر بىر قانۇنىي ئېنىقسىزلىققا ئىتتىرىدۇ. «يالغان ئۇچۇر» نىڭ چېگرىسى ئېنىق بىكىتىلمەستىن، رەسمىي بايانغا قارشى كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك ئۇچۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە خالىغانچە كېڭەيتىلىشكە بولىدىغان بوشلۇق قالدۇرۇلغان. نەتىجىدە، چەكلەش مېخانىزملىرى پەقەتلا دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئەمەس، قوللانغۇچىلارنىڭ قورقۇش ۋە ئېنىقسىزلىق سەۋەبىدىن قوللىنىدىغان «ئۆزىنى تەكشۈرۈش/ئۆز ئۆزىنى چەكلەش»自我审查) ئەمەلىيىتى بىلەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك شەكىلدە ئىشلەيدۇ.
4.3. سۇپا باشقۇرۇش ۋە «پارتىيە رەھبەرلىكى»
نىزامنامە، بولۇپمۇ MCN ئورگانلىرى (网络信息内容多渠道分发服务机构) ۋە ئىجادىي سۈنئىي ئەقىل (生成式人工智能) تەمىنلىگۈچىلىرىگە كەڭ مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلەپ، دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە دائىرىسىنى بۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن چەكسىز كېڭەيتمەكتە.
خەۋەر تېكىستىدە تىلغا ئېلىنغان «پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكى» (党委统一领导) پرىنسىپى، باشقۇرۇش مودېلىنىڭ قاتلاملىق تەبىئىتىنى ئاشكارىلايدۇ. گەرچە «ئورتاق باشقۇرۇش» (共治) سۆزى ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، سۇپىلار دۆلەتنىڭ بىرەر «رەقەملىك قاراۋۇلى» سالاھىيىتىگە ئىگە. نىزامنامىنىڭ 30- ۋە 31-ماددىلىرىدىكى جازا تەدبىرلىرى ۋە «جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش» (问责)، سۇپا باشقۇرغۇچىلىرىنى «خەتەردىن قېچىش» رېفلىكىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا ئىتتىرىدۇ. بۇ ئەھۋال، سۇپىلارنىڭ مەزمۇن سۈزگۈچلىرىنى قانۇنىي تەلەپلەرنىڭمۇ سىرتىدىمۇ قاتتىق تۇتۇشىغا (over-compliance) سەۋەب بولىدۇ. نەتىجىدە، رەقەملىك ساھە، قوللانغۇچىلار بىر-بىرىنى نازارەت قىلىدىغان ۋە سۇپىلار ساقچىلىق قىلىدىغان غايەت زور بىر رەقەملىك تۇرمە (Panoptikon) گە ئايلىنىدۇ.
خۇلاسە
بۇ ماقالىدە، 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلىدىغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى نىزامنامىسى» ، ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق ۋە قانۇن تەنقىتچىلىكى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىپ؛ تېكىستنىڭ مەمۇرىي بىر بەلگىلىمە بولۇشتىن ھالقىپ، كەڭ كۆلەملىك بىر ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش (social engineering) تۈرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چىقىرىلغان خۇلاسە تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچىدىن، تەھلىل قىلىنغان نىزامنامە، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى (Rule of Law) پىرىنسىپىدىن بەكرەك، قانۇن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىدېئولوگىيە ماشىنىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن «قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ كونكرېت بىر مىسالىدۇر. «تور مەدەنىيىتى» ئۇقۇمى، ئېنتېرنىت ساھەسىنى بىتەرەپ بىر ئالاقە مۇھىتى بولۇشتىن چىقىرىپ، دۆلەت بەلگىلىگەن «بىردىنبىر توغرا تارىخ» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى» بايانلىرى قايتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان، سەپلىمە ياكى پەرقلىق بايانلارنىڭ بولسا «قانۇن سىرتى» دەپ ئېلان قىلىنىپ چەتكە قېقىلىدىغان بىر مەيدانغا ئايلاندۇرماقتا.
ئىككىنچىدىن، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» ئۇقۇمىنىڭ قانۇنىي بىر مەجبۇرىيەت (ئاساسىي ئوق) ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈشى ۋە ئۆلچەملىك خىتايچىنىڭ رەقەملىك ئىشلەپچىقىرىشتا رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، رايوندا كەسكىن بىر «رەقەملىك دىگلوسسىيە» (تىل تەڭسىزلىكى) ياراتماقتا. بۇ ئەھۋال، تۈركىي تىللارنى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە قاتارلىقلار) جامائەت ساھەسىدىن ۋە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشتىن چەتكە قېقىپ، پەقەتلا ئۆي ئىچى دائىرىسىگە قاماپ قويماقتا؛ رەقەملىك سۇپىلارنى ئاسسىمىلياتسىيە خاراكتېرلىك تىل سىياسەتلىرىنىڭ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن بىرخىللاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئىقتىدارلىق قورالىغا ئايلاندۇرماقتا.
ئۈچىنچىدىن، MCN ئورگانلىرى ۋە سۈنئىي ئەقىل تەمىنلىگۈچىلىرىگە يۈكلەنگەن كەڭ مەسئۇلىيەتلەر بىلەن «پارتىيە رەھبەرلىكى» پرىنسىپىنىڭ بىرىكىشى، ئېنتېرنىت ساھەسىنى باشقۇرۇشنى قاتناشقۇچى بىر مودېلدىن بەكرەك، بىر «رەقەملىك پانوپتىكون»غا ئايلاندۇرماقتا. مۈجمەل قالدۇرۇلغان «يالغان ئۇچۇر» تەرىپلىرى ۋە ئېغىر جازا تەدبىرلىرى، چەكلەش مېخانىزمىنى دۆلەتنىڭ قولىدىن ئېلىپ قوللانغۇچىلارنىڭ ۋە سۇپىلارنىڭ « ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش ياكى نازارەت قىلىپ تۇرۇش» رېفلىكىسلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ «رازىلىقى»نى بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.
«شىنجاڭ يولى» مودېلى، تېخنىكا، قانۇن ۋە مىللەتچى ئىدېئولوگىيەنى بىرلەشتۈرۈپ شەرقىي تۈركىستاندا بىر خىللاشقان ۋە ئىتائەتچان بىر جەمئىيەت قۇرۇشنى نىشان قىلغان ئارىلاشما بىر باشقۇرۇش شەكلىدۇر. بۇ سىستېما، ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە بولۇپ تۈركىي تىللارنى رەقەملىك ساھەدىن چەتكە قېقىپ تىل ئاسسىمىلياتسىيەسىنى تاڭماقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈپ ئورنىغا دۆلەت يېتەكچىلىكىدىكى بىر تارىخ ئېڭىنى تىكلىمەكتە. « دىجىتال تۈرمە » ۋە پاش قىلىش مېخانىزملىرى بىلەن جەمئىيەتنى « ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش ياكى نازارەت قىلىپ تۇرۇش» ۋە تىلنى يىتىم قالدۇرۇشقا سۆرەپ كىرىۋاتقان بۇ قۇرۇلما، يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيەنى مەزكۇر نىزامنامە ئارقىلىق قانۇنلاشتۇرۇپ، خەلقئارالىق تەنقىدلەرگە قارشى قوغدىنىش زېمىنى ھازىرلىماقتا.
پايدىلانمىلار:
- Habermas, J. (1989). The Structural Transformation of the Public Sphere. Cambridge, MA: MIT Press.
- Wang, F. (2025, 3 Aralık). Dünya Anti-Faşist Savaşı Perspektifinden Çin Komünist Partisi’nin Direniş Savaşı Teorisinin İnşası. Guangming Daily (Guangming Ribao),
- Wang, Q., & Guan, Y. (2025, 3 Aralık). Hukukun Gücüyle Yeni Bir Ağ Medeniyeti Rüzgarı Yaratmak: «Sincan Uygur Özerk Bölgesi Ağ Medeniyeti İnşası Yönetmeliği» Yorumu-5. Xinjiang Daily (Xinjiang Ribao). 以法治力量涵养网络文明新风-新疆维吾尔自治区网络文明建设条例,解读之五, https://xjrb.ts.cn/xjrb/20251203/251119.html, Erişim: 5 Aralık 2025.
- Zhao, S. (2016). The Ideological Pragmatism of the Xi Jinping Leadership. Eurasian Geography and Economics.
[1] 以法治力量涵养网络文明新风-新疆维吾尔自治区网络文明建设条例解读之五, https://xjrb.ts.cn/xjrb/20251203/251119.html
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















