سۈنئىي ئەقىل ھۆكۈمرانلىقى ۋە يۇمشاق كۈچ رىقابىتى

2025-يىلى 11-دېكابىر

خىتاينىڭ «ئوچۇق كودلۇق» ئىستراتېگىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا يەتكۈزىدىغان خەۋپلىرى ۋە ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە

سۈنئىي ئەقىل ھۆكۈمرانلىقى ۋە يۇمشاق كۈچ رىقابىتى

خىتاينىڭ «ئوچۇق كودلۇق» ئىستراتېگىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا يەتكۈزىدىغان خەۋپلىرى ۋە ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار

2025-يىلى 25-ئىيۇل ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە ۋە تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى «تاشقى ئىشلار» (Foreign Affairs) دا ئېلان قىلىنغان، جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە زامانىۋى تېخنىكا مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئوۋېن ج. دانىيېلس (Owen J. Daniels)  بىلەن خەننا دومېن (Hanna Dohmen) يازغان « سەل قارالغان خىتاي سۈنئىي ئەقىل ئىستراتېگىيەسى: بېيجىڭنىڭ يۇمشاق كۈچ ئارقىلىق دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىقنى قولغا كەلتۈرۈشى» ناملىق ئىلمىي ماقالىدە، بۈگۈنكى كۈندە دۇنياۋى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ قانداق قىلىپ قاتتىق ھەربىي كۈچتىن رەقەملىك يۇمشاق كۈچكە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر يورۇتۇپ بېرىلگەن. مەزكۇر ماقالىدە خىتاينىڭ «DeepSeek» ۋە «Moonshot AI» قاتارلىق شىركەتلىرى ئارقىلىق، ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۆزەك (Chip) ئېمبارگوسى  ئاستىدىمۇ، ئەرزان ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك «ئوچۇق كودلۇق» (Open-source) سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى دۇنياغا تارقىتىش ئارقىلىق، يەر شارى جەنۇبى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە قانداق قىلىپ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى ئانالىز قىلىنغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇ پەقەت تېخنىكىلىق تەرەققىياتنىلا ئەمەس، بەلكى بۇ تېخنىكىلارنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى «قورال» (Weaponization of Software) غا ئايلىنىش جەريانىنى ئاشكارىلايدۇ. دەل مۇشۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن بۇ تېخنىكىلىق بۆسۈشلەرنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى، بۇ تېخنىكىلارنىڭ زۇلۇمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇش ئېھتىماللىقى ياكى ئەكسىچە، مىللىي ئازادلىق كۈرىشىدە بىر قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلىش مۇمكىنچىلىكى بار-يوقلۇقىنى ئىلمىي نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىش جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى «ئەرزان ۋە ئوچۇق» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ماھىيىتى

خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى تەرەققىياتى يېقىنقى يىللاردا غەرب دۇنياسىنىڭ مۆلچەرىدىن ھالقىپ كەتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئۆزەكلەرنى ئېكسپورت قىلىشنى قاتتىق كونترول قىلغان بولسىمۇ، خىتاي شىركەتلىرى بۇ چەكلىمىلەرنى ئايلىنىپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزگىچە يولىنى تاپتى. «DeepSeek»  شىركىتىنىڭ R1 ناملىق مودېلى ۋە «Moonshot AI» نىڭ Kimi K2 مودېلىنىڭ ئېلان قىلىنىشى، خىتاينىڭ ئاز سەرپىيات ۋە تۆۋەن تەننەرخ بىلەن ئامېرىكانىڭ OpenAI غا ئوخشاش ماگناتلىرىغا رىقابەت ئېلان قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ يەردىكى ھالقىلىق نۇقتا شۇكى، خىتاي ئۆزىنىڭ مودېللىرىنى «يېپىق» (Closed) ئەمەس، بەلكى «ئوچۇق» (Open) ھالەتتە دۇنياغا سۇندى. بۇ ئىستراتېگىيە ئارقىلىق خىتاي  تېخنىكىلىق توسالغۇنى بۆسۈپ ئۆتۈشنىلا ئەمەس، بەلكى يەر شارى مىقياسىغا سىياسىي تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ «ئوچۇق مودېل» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئارقىسىدا ئىنتايىن ئىنچىكە گېئو-سىياسىي ھېسابلار يوشۇرۇنغان. 2025-يىلىنىڭ بېشىدا، DeepSeek R1 نىڭ ئايلىق ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىسى 33 مىليون بولغان بولسا، ئاپرېل ئېيىغا كەلگەندە بۇ سان ئۈچ ھەسسە ئېشىپ 97 مىليونغا يەتكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ مودېلنىڭ ھەرخىل  ئۆزگەرتىپ ياسالغان نۇسخىلىرى (Derivative versions) ئەسلى مودېلدىن بەش ھەسسە كۆپ چۈشۈرۈلگەن. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاي تېخنىكىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار، شىركەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھەسىگە سىڭىپ كىرمەكتە. بۇ خىل «تېخنىكىلىق بېقىنىش» شەكىللەنگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەر ئۈستىدىكى نوپۇزى تەبىئىي ھالدا ئاشىدۇ.

خىتاي تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى «ئاممىۋى پاراۋانلىق» نامىدا سۈنئىي ئەقىل مودېللىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئامېرىكانىڭ «بىخەتەرلىك ۋە كونترول»نى ئاساس قىلغان ئۇسۇلىغا قارشى بىر قۇتۇپ شەكىللەندۈرمەكتە. ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكاسى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قىممەت باھالىق ئامېرىكا تېخنىكىسىغا ئەمەس، بەلكى ئەرزان ۋە ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان خىتاي مودېللىرىغا تايىنىشقا مەجبۇرلىقى  خىتاي كومپارتىيەسى   (CCP)    نىڭ  تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشتىكى «يۇمشاق كۈچ» (Soft Power) دىپلوماتىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ كۈچلۈك پۇرسىتىگە ئايلاندى.

خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىلىق ھۇجۇمى پەقەت بازارنى ئىگىلەش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ماقالىدە كۆرسىتىلگەندەك، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇننىڭ ئېيتقىنىدەك، خىتاي «سۈنئىي ئەقىلنىڭ پايدىسىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى» خالايدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى «ئورتاقلىشىش» ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ قىممەت قارىشى، سانلىق مەلۇمات ئۆلچىمى ۋە رەقەملىك ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنىڭ دۇنياغا كېڭىيىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر دۇنيادىكى كۆپ قىسىم رەقەملىك سىستېمىلار خىتاينىڭ R1 ياكى Kimi K2 مودېللىرىنىڭ ئۇلىغا قۇرۇلسا، كەلگۈسىدىكى ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى خىتاينىڭ كۆزىتىشى ۋە كونتروللۇقى ئاستىغا چۈشۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.

تېخنىكىلىق نۇقتىدىن ئالغاندا، خىتاي مودېللىرىنىڭ «كىچىكلىتىلگەن ۋە ئۈنۈملۈك» (Smaller, more efficient)  بولۇشى، ئۇلارنىڭ تۆۋەن سەپلىمىلىك قاتتىق دېتاللاردىمۇ راۋان يۈرۈشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن ئۆزەك ئىمبارگوسىنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن قوللانغان تاكتىكىسىدۇر. يەنى،خىتاي شىركەتلىرى ئەڭ كۈچلۈك سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلارنى كۆزلەشنىڭ ئورنىغا، بار بولغان ئىمكانىيەتتىمۇ ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈم ئالغىلى بولىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق،  ئۆزىنىڭ «سۈنئىي ئەقىل مۇستەقىللىقى»نى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا.

بۇ بۆلەكتە شۇنى خۇلاسىلەش مۇمكىنكى، خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ئىستراتېگىيەسى پەقەت تېخنىكىلىق مۇسابىقە ئەمەس، بەلكى يەنە مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە ئۇرۇشىدۇر. خىتاي ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىنى «ئوچۇق» دەپ ئاتىغان بىلەن، ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مەقسەت — خەلقئارا جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ غەربتىن باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ رەقەملىك ئېكولوگىيەسىگە باغلاپلىۋېلىش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يوشۇرۇش ياكى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق مۇھىت ھازىرلاشتىن ئىبارەتتۇر.

شەرقىي تۈركىستاندىكى «رەقەملىك مۇستەملىكە» ۋە تېخنىكىنىڭ زۇلۇم قورالىغا ئايلىنىشى

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتكە بىۋاسىتە ۋە ۋەھىمىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە. خىتاينىڭ «ئوچۇق» ۋە «ئۈنۈملۈك» مودېللىرىنىڭ تەرەققىياتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى نازارەت سىستېمىسىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ۋە ئېنىقلىق دەرىجىسىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئىلگىرى يۇقىرى تەننەرخلىق  ئىقتىدارنى تەلەپ قىلىدىغان يۈز تونۇش، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش ۋە ھەرىكەت ئانالىزى قاتارلىق سىستېمىلار، ئەمدىلىكتە DeepSeek R1 غا ئوخشاش ئەرزان ۋە كىچىكلىتىلگەن مودېللار ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ۋە تۆۋەن تەننەرختە ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىن. بۇ دېگەنلىك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھەرىكىتىنى، سۆزىنى ۋە ھەتتا تور ئالاقىسىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن  سەرپىياتى ئازايغاچقا، زۇلۇمنىڭ «سىجىللىقى»نى تېخىمۇ ئاشۇرالايدۇ.

سۈنئىي ئەقىلنىڭ «يۇمشاق كۈچ» سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى خەلقئارالىق بايانلارنى (Narratives) بۇرمىلاشتا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدۇ. خىتاينىڭ ھاسىللىغۇچى سۈنئىي ئەقىل (Generative AI) مودېللىرى، خىتايچە سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرى بىلەن تەربىيەلەنگەن بولغاچقا، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىغا ئۇيغۇن جاۋابلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ مودېللار دۇنيا مىقياسىدا تارقالغاندا، چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار ياكى نورمال ئىشلەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات ئىزدىگەندە، سۈنئىي ئەقىل ئۇلارغا خىتاينىڭ «بەختىيار شىنجاڭ» ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشى مۇمكىن. بۇ، تارىخنى قايتا يېزىش ۋە ھەقىقەتنى  ئۆچۈرۈۋېتىشنىڭ زامانىۋى شەكلىدۇر.

بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىلارنى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم» نامىدا ئېكسپورت قىلىشى، خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇر دەۋاسىغا نىسبەتەن دىپلوماتىك قورشاۋنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، خىتاي ئوتتۇرا شەرق ياكى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئەرزان باھالىق سۈنئىي ئەقىل ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ بەرسە، بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ سىياسىي مەيدانىنى قوللاشقا تېخىمۇ مايىل بولىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، خىتاينىڭ «رەقەملىك يىپەك يولى»دىن مەنپەئەتلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى قوللاپ بېلەت تاشلىشى، دەل مۇشۇ تېخنىكىلىق بېقىنىشنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ.

شۇنداقلا، بۇ تېخنىكىلارنىڭ «قوش مەقسەتلىك» (Dual-use) خۇسۇسىيىتى، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئۈچۈنمۇ خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. خىتاينىڭ ئىلغار تىل مودېللىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ھەرىكەتلىرىنى ئاپتوماتىك ئانالىز قىلىش، ئۇلارغا قارشى ساختا ئۇچۇر تارقىتىش (Disinformation campaign)  ۋە تور ھۇجۇملىرىنى تەشكىللەشتە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ياسالغان ساختا سىنلار (Deepfake) ۋە ئاۋازلار ئارقىلىق پائالىيەتچىلەرنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە تەھدىت سېلىش قاتارلىق پىسخىك جەڭلەر تېخىمۇ ئىلغار ۋە ئىزىنى تېپىش تەس بولغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن.

بۇ بۆلەكتە ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەك بولغان يەنە بىر نۇقتا، «ئالدىن پەرەز قىلىدىغان ساقچى سىستېمىسى» (Predictive Policing) دۇر. خىتاينىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقىل مودېللىرى، سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا تېخىمۇ ئەقىللىك بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى «تېررورىزم ئالامىتى» دەپ بېكىتىش ۋە كىشىلەرنى تېخى جىنايەت ئۆتكۈزمەستىن تۇرۇپلا تۇتقۇن قىلىش سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بۇ، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرىدۇ.

قارشى ھۇجۇم — ئۇيغۇرلارنىڭ سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ ھەق-ھوقۇق قوغداش ئىمكانىيەتلىرى

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خەتەرلەرگە قارىماي، تېخنىكىنىڭ خاراكتېرى شۇكى، ئۇ بىر قورالدۇر ۋە ئۇنى كىمنىڭ قانداق ئىشلىتىشىگە قاراپ نەتىجىسى ئۆزگىرىدۇ. «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە تەكىتلەنگەن «ئوچۇق كودلۇق» (Open Source) ئالاھىدىلىكى، ئەگەر توغرا ئىشلىتىلسە، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈنمۇ بەزى ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن بۇ تېخنىكىلار، خىتاينىڭ ئۇچۇر قامالىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقنى قوغداشتا مۇھىم ۋاسىتە بولالايدۇ.

بىرىنچىدىن، سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ۋە دەلىل توپلاش: خىتاينىڭ ئوچۇق كودلۇق مودېللىرى ياكى غەربنىڭ (مەسىلەن Meta نىڭ Llama مودېلى) ئوچۇق مودېللىرىدىن پايدىلىنىپ، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئاپتوماتىك ئانالىز قىلىش، خىتاي تور دۇنياسىدىكى ئاشكارا ھۆججەتلەرنى (تېندېر ئېلانلىرى، ھۆكۈمەت دوكلاتلىرى) كەڭ كۆلەمدە سۈزۈپ چىقىش ۋە لاگېرلارنىڭ ئورنى، تۈرمىلەرنىڭ كېڭىيىشى ھەققىدىكى دەلىللەرنى تېخىمۇ تېز ۋە سىستېمىلىق توپلاش مۇمكىن. سۈنئىي ئەقىل ئىنسان كۈچى يېتەلمەيدىغان مىليونلىغان بەتلىك ماتېرىياللارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇپ، ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئۇچۇرلارنى تاپالايدۇ. بۇ ئارقىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يېڭى دەلىللىرىنى خەلقئارا سوتلارغا سۇنۇش جەريانى تېزلىشىدۇ.

ئىككىنچىدىن، تىل ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش: سۈنئىي ئەقىل تىل مودېللىرىنى (LLMs) ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتېرىياللار بىلەن مەخسۇس تەربىيەلەش (Fine-tuning) ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلىنىڭ رەقەملىك دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ. ھازىرقى نۇرغۇن مودېللاردا ئۇيغۇرچە مەزمۇن كەمچىل ياكى خىتايچە مەنبەدىن تەرجىمە قىلىنغان بولغاچقا، غەلەتلىك كۆپ. ئەگەر ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ «ئوچۇق كودلۇق» مودېللىرىنى (مەسىلەن، خىتاينىڭ DeepSeek نىڭ ئاساسىي رامكىسىنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى ئۆزگەرتىپ) ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە دىنىي ماتېرىياللىرى بىلەن قايتا تەربىيەلىسە، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ساپ ئۇيغۇرچە بىلىم مەنبەسى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، تەشۋىقات ۋە دىپلوماتىيە: سۈنئىي ئەقىل قوراللىرى تەرجىمە ۋە مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىشتا ئىنتايىن تىز. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇ تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى، گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى ۋە دوكلاتلارنى دۇنيادىكى ئونلىغان تىللارغا بىرلا ۋاقىتتا، يۇقىرى سۈپەتتە تەرجىمە قىلىپ تارقىتالايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىنى پەقەت غەرب دۇنياسىغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي تەشۋىقاتى كۈچلۈك بولغان ئەرەب، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكاسى دۇنياسىغىمۇ ئۆز تىلىدا ئاڭلاتقىلى بولىدۇ.

تۆتىنچىدىن، تور بىخەتەرلىكى ۋە قارشى تۇرۇش: خىتاينىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئارقا ئىشىكى (Backdoor)  ۋە بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى بايقاشتا، يەنىلا سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئوچۇق كودلۇق مودېللار كودلارنى ئانالىز قىلىشقا ماھىر بولغاچقا، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ نازارەت ئەپلىرىنىڭ (مەسىلەن، تېلېفونلارغا مەجبۇرىي قاچىلىنىدىغان ئەپلەر) قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى يېشىپ، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ياكى ئۇنى قايمۇقتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقالايدۇ.

بۇ بۆلەكتە شۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەككى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچىدىكى خەلق ئۈچۈن بۇ تېخنىكىلاردىن بىۋاسىتە پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى نۆلگە يېقىن. چۈنكى ئىنتېرنېت ۋە قاتتىق دېتاللار تامامەن خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا. ئەمما، «خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش» كۈرىشى پەقەت  بەلكى يەر شارى مىقياسىدىكى بىر كۈرەش بولغاچقا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تېخنىكىلىق قوراللارنى قانچىلىك پىششىق ئىگىلىشى، كەلگۈسىدىكى مىللەت تەقدىرىنى بەلگىلەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

خۇلاسە

خۇلاسىلىگەندە، «تاشقى ئىشلار» ۋە «زامانىۋى دىپلوماتىيە» (Modern Diplomacy) ژۇرناللىرىدا بايان قىلىنغان خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ئىستراتېگىيەسى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئېغىر بىر سىگنالدۇر. خىتاينىڭ DeepSeek ۋە Moonshot AI قاتارلىق شىركەتلىرى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن تېخنىكىلىق بۆسۈشى ۋە يۇمشاق كۈچ دىپلوماتىيەسى، خىتاينىڭ زۇلۇم سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئەقلىي، تېخىمۇ ئەرزان ۋە تېخىمۇ يوشۇرۇن ھالەتكە كەلتۈرمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ يەر شارى جەنۇبىنىڭ خىتاي تېخنىكىسىغا بېقىنىشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق قوللاشقا ئېرىشىشىنى قىيىنلاشتۇرۇشى مۇمكىن.

بىراق، مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئۈمىد نۇرىمۇ يوق ئەمەس. «ئوچۇق كود» (Open Source) دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئۆزى بىر قوش بىسلىق خەنجەر دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ ھاكىمىيەتنىڭ قولىدا زۇلۇم قورالىغا ئايلانسا، ئەركىنلىك ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىدا ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاش قورالىغا ئايلىنالايدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدىشى ۋە زېمىنىنى ئىشغالدىن قۇتۇلدۇرۇشى ئۈچۈن، ئەنئەنىۋى سىياسىي كۈرەش مىتودىدىن ، «رەقەملىك كۈرەش» (Digital Resistance) ساھەسىگە قەدەم قويۇشى شەرت. بۇ تېخنىكىلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى بار، ئەمما  يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلمىي تەتقىقات، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە خەلقئارالىق تېخنىكا ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلىپ بېرىش زۆرۈر.

شۇڭا، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ۋەزىپە — پەقەت خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئەيىبلەشلا بولماستىن، بەلكى خىتاي ئىشلىتىۋاتقان شۇ «يۇمشاق دېتال» ۋە «سۈنئىي ئەقىل» قوراللىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنى خىتاينىڭ ئۆزىگە قارشى ئىشلىتىدىغان يېڭى بىر «تېخنىكىلىق ئاقىللىق»نى يېتىلدۈرۈشتۇر. زامانىۋى دۇنيادا ھۆرىيەتكە ئېرىشىشنىڭ يولى، تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈك ياكى ھېچ بولمىغاندا تېخنىكىلىق تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشكە باغلىقتۇر.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1.  Daniels, O. J., & Dohmen, H. (2025, July 25). China’s Overlooked AI Strategy: Beijing Is Using Soft Power to Gain Global Dominance. Foreign Affairs.

2.  Modern Diplomacy. (2025, December 02). When software becomes a weapon: SolarWinds is our final warning. Modern Diplomacy.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*