ئىران نېمىشقا تېخىچە بوي ئەگمىدى؟

2026-يىلى 26-ئاۋغۇست

«ئەڭ زور بېسىم»، ھاكىمىيەتنىڭ چىدامچانلىقى ۋە ۋاقىت ئۇرۇشى

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتتىكى تىركىشىشنى پەقەت ھەربىي كۈچ، يادرو مەسىلىسى ياكى ئېمبارگو ئارقىلىقلا چۈشەندۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس. ئاتلانتىك كېڭىشىدە (Atlantic Council)  2026-يىلى 20-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان «ئىران نېمىشقا تېخىچە بويۇن ئەگمەيدۇ؟» «Why Iran Has Not Folded Yet» ناملىق ماقالىدە، ئىراننىڭ ئامېرىكا بېسىمىغا نېمىشقا تېخىچە بوي ئەگمىگەنلىكى ھاكىمىيەتنىڭ تارىخىي ئەسلىمىسى، بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى ئۇيۇشچانلىقى، نېفىت كىرىمى، قاتتىق پۇل زاپىسى ۋە جەمئىيەتتىكى نارازىلىقنىڭ خاراكتېرى قاتارلىق ئامىللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن. مەزكۇر ماقالىنى ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ سكوۋكروفت ئىستراتېگىيە ۋە بىخەتەرلىك مەركىزىدىكى ئاندرېۋ ل. پىك (Andrew L. Peek) بىلەن جوناتان پانىكوف (Jonathan Panikoff) بىرلىكتە يېزىپ چىققان.

ئاندرېۋ ل. پىك نۆۋەتتە ئاتلانتىك كېڭىشىدىكى «ئادرىئېن ئارشت دۆلەت بىخەتەرلىكى چىدامچانلىقى تۈرى»نىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىن شەرق ئىشلىرى ئىدارىسىدە ئىران ۋە ئىراق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىر بولۇپ خىزمەت قىلغان. جوناتان پانىكوف بولسا سكوۋكروفت ئوتتۇرا شەرق بىخەتەرلىكى تۈرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇدىرى. ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كېڭىشىدە يېقىن شەرق ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن دۆلەتلىك ئاخبارات ئەمەلدارى بولغان. بۇ كەسپىي ئارقا كۆرۈنۈش مەزكۇر ماقالىدە نېمە ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ بېسىم سىياسىتى، ھاكىمىيەتنىڭ ئىچكى مۇقىملىقى ۋە رايونلۇق كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئاساسىي مەركەزگە قويۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ماقالىنىڭ ئاساسىي يەكۈنى ناھايىتى ئېنىق: ئىراننىڭ بۈگۈنكى رەھبەرلىك قاتلىمىنى «بېسىم ئاشسا تېزلا مۇرەسسەگە كېلىدىغان ھۆكۈمەت» دەپ قاراش خاتا. ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ چىدامچانلىقى ئۈچ ئاساسقا تايىنىدۇ: بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ پارچىلىنىپ كەتمەسلىكى، رايوندىكى تەسىر كۈچىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويماسلىقى ۋە كەڭ كۆلەملىك خەلق نارازىلىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نېفىت ئېكسپورتى ۋە قاتتىق پۇل زاپىسى ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىلىرى دەپ قارىلىدۇ.

ئىراننىڭ «بوي ئەگمەسلىك» روھى: ئىران-ئىراق ئۇرۇشىدىن قالغان سىياسىي مىراس

ماقالىدىكى ئەڭ مۇھىم تەھلىللەرنىڭ بىرى، ئىران رەھبەرلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى پەقەت دىنىي ئىدېئولوگىيە ئارقىلىقلا چۈشەندۈرۈشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىدۇر. ئاپتورلار ئىران ھاكىمىيىتى ھەققىدە غەربتە شەكىللەنگەن «دىنىي جەھەتتىن ئەقىلگە سىغمايدىغان، شېھىتلىككە مەپتۇن تۈزۈم» دېگەن تەسۋىرنىڭ قىسمەن توغرا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، بۈگۈنكى رەھبەرلەرنىڭ ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئەڭ چوڭ تەجرىبىنىڭ 1980-يىللاردىكى ئىران-ئىراق ئۇرۇشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئاپتورلارنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، بۈگۈنكى كۈندە ھاكىمىيەتنىڭ يادروسىدا تۇرۇۋاتقانلار «بوي ئەگمەسلىككە كۆنۈككەن قاتتىق قول كىشىلەر»دۇر. بۇ جۈملە ماقالىنىڭ پۈتكۈل مەنتىقىسىنى يىغىنچاقلايدۇ. ئىران-ئىراق ئۇرۇشى سەككىز يىلغا يېقىن داۋاملىشىپ، ئالدىنقى سەپ بىر نەچچە يىل دېگۈدەك ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ ئېغىر ئادەم كۈچى ۋە ئىقتىسادىي زىيانغا قارىماي ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان. ئاپتورلار بۇ تارىخىي تەجرىبىنى نۆۋەتتىكى ئىران رەھبەرلىرىنىڭ «ئازابقا بەرداشلىق بېرىش چېكى»نى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى دەپ قارايدۇ.

ماقالىدە، مۇھەممەد باقىر قالىبافنىڭ ئىران-ئىراق ئۇرۇشى جەريانىدا 19 ياش ۋاقتىدا ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قوماندانى بولغانلىقى، مەسئۇد پەزەشكىياننىڭ بولسا ئەينى ۋاقىتتا ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى سېپىدە ئەسكەر ۋە دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇنداقلا ئەھمەد ۋاھىدى ۋە مۇھسىن رىزائىيغا ئوخشاش نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك سىياسىتىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭمۇ دەل شۇ ئۇرۇش تەجرىبىسىدىن ئۆتكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ. ئاپتورلار بۇ ئارقا كۆرۈنۈشنى ھازىرقى ئىراننىڭ بېسىم ئاستىدا نېمىشقا «تېز چېكىنىش» ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە قايتۇرما زەربە بېرىش يولىنى تاللايدىغانلىقىنىڭ ئاساسى دەپ كۆرىدۇ.

بۇ قاراشنىڭ كۈچلۈك تەرىپى شۇكى، ئۇ سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ نىيىتىنى پەقەت ماددىي كۈچ بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تارىخىي ئەسلىمە ۋە شەخسىي تەجرىبە بىلەنمۇ باغلايدۇ. بىر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىلگىرى نەچچە يىللىق ئۇرۇش، ئېمبارگو ۋە ئېغىر تالاپەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ سىياسىي جەھەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان بولسا، بۈگۈنكى بېسىمنىمۇ قىسقا مۇددەتلىك بەرداشلىق بېرىشكە بولىدىغان كىرىزىس دەپ قارىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، «ئىقتىساد ناچارلاشتى، تېھران دەرھال كېلىشىمگە كېلىدۇ» دېگەن تۈز سىزىقلىق پەرەز ئىراننىڭ سىياسىي پىسخولوگىيەسىنى بەكلا ئاددىيلاشتۇرۇۋەتكەنلىك بولىدۇ.

ئەمما، بۇ تەھلىلنىڭمۇ چەكلىمىسى بار. ئىران-ئىراق ئۇرۇشىغا قاتناشقان بىر ئەۋلادنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى بىلەن بۈگۈنكى ئىران دۆلىتىنىڭ بارلىق قارارلىرىنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. بۈگۈنكى ئىراننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى، جەمئىيەتنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان پوزىتسىيەسى، ئىقتىسادىي بېسىم، ياشلارنىڭ تەلىپى ۋە رايونلۇق كۈچ سېلىشتۇرمىسى 1980-يىللاردىكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ئۇرۇش تەجرىبىسى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ روھىي چىدامچانلىقىنى چۈشەندۈرەلىسىمۇ، تۈزۈمنىڭ چەكسىز چىدامچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.

ئاپتورلارنىڭ يەنە بىر مۇھىم قارىشى شۇكى، ئىنقىلابىي تۈزۈملەر ئادەتتە سىرتتىن كۆزەتكۈچىلەر پەرەز قىلغاندىنمۇ چىداملىق كېلىدۇ. ئۇلار كۆپىنچە قايسى ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلارنىڭ تۈزۈمنى قوللايدىغانلىقىنى، قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ ھەقىقىي خەتەر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ۋە قايسى چەككە يەتكەندە باستۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ماقالىدە ئىراننى پەقەت تېھراندىكى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى تەبىقە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياكى دىئاسپورانىڭ كۆزى بىلەنلا چۈشىنىشكە قارشى تۇرۇلغان.

بۇ يەردىكى تېخىمۇ چوڭقۇر سىياسىي يەكۈن شۇكى، ھاكىمىيەتنىڭ كۈچى پەقەت ئۇنى قانچىلىك ئادەمنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى قوغداش ئۈچۈن تەشكىلىي ۋە ماددىي جەھەتتە مەنپەئەتدار بولغان كىشىلەرنىڭ سانى بىلەنمۇ ئۆلچىنىدۇ. ئىراندا ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى، بەسىج قىسىملىرى، بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارغا باغلانغان ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تورلار تۈزۈمنىڭ مۇداپىئە سېپىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا، ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ھەقىقىي ئاجىزلاشقانلىقىنى ئۆلچەشتە كوچىدىكى نارازىلىق نامايىشلىرىدىن كۆرە، تۈزۈم ئىچىدىكى مۇشۇ سادىق كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ مۇھىم كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ.

ھاكىمىيەت قاچان تەۋرىنىدۇ؟ نارازىلىق، بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋە نېفىت كىرىمى

ماقالىدە، ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى ئۆلچەشتە نامايىشچىلارنىڭ سانىدىن بەكرەك، نامايىشنىڭ قەيەردە، كىملەر تەرىپىدىن ۋە نېمە سەۋەبتىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان. ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، ھاكىمىيەت ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تېھراندىكى شەھەرلىك ئوتتۇرا تەبىقە، ئوقۇغۇچىلار ۋە تۈزۈمگە قارشى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىجتىمائىي قاتلاملارنىڭ نارازىلىقىنى كونترول قىلىشقا كۆنۈك. شۇڭا، پەقەت مۇشۇ گۇرۇپپىلارنىڭ نارازىلىقىلا ھاكىمىيەتنىڭ يىمىرىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولالمايدۇ.

ئاپتورلار ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك سېنارىيە — ئىقتىسادىي نارازىلىقنىڭ ئۆلكىلەرگە، تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك قاتلاملارغا، بولۇپمۇ ھاكىمىيەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي بازىسىنى تەشكىل قىلىدىغان گۇرۇپپىلارغا كېڭىيىشىدۇر. ئۇلار «مۇشۇ كىشىلەر نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىغاندا، بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ پارچىلىنىش خەۋپى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ» دېگەن يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ، ماقالىنىڭ ھاكىمىيەت مۇقىملىقى توغرىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كۆز قاراشلىرىنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى، ئىنقىلابىي تۈزۈملەرنى يىمىرىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل كۆپىنچە كوچىدىكى ئادەم سانى ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ باستۇرۇش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغان كۈچلەرنىڭ بۇيرۇققا داۋاملىق بويسۇنۇش-بويسۇنماسلىقىدۇر. بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئىچكى جەھەتتىن ئۇيۇشۇپ تۇرسىلا، زور كۆلەملىك نامايىشلارمۇ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالماسلىقى مۇمكىن. ئەكسىچە، ئىقتىسادىي كىرىزىس دۆلەت خادىملىرى، ئەسكەرلەر ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغىچە تەسىر كۆرسەتكەندە، سىياسىي بېسىم خاراكتېر جەھەتتىن باشقا بىر باسقۇچقا كۆچۈشى مۇمكىن.

ماقالىدە، مەزكۇر سىياسىي چىدامچانلىقنىڭ ماددىي ئاساسى قاتتىق پۇل زاپىسى بىلەن باغلىنىدۇ. ئىران دوللار، ياۋرو، يېن ۋە ئالتۇن قاتارلىق زاپاسلار ئارقىلىق ئىمپورتنى تەمىنلەيدۇ، رىيالنىڭ قىممىتىنى قوغدايدۇ ۋە رايوندىكى شېرىك كۈچلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ قاتتىق پۇلنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەسى نېفىت ئېكسپورتى بولغاچقا، ئاپتورلار ئامېرىكا ئېمبارگوسىنىڭ ئىران ئېنېرگىيە ئېكسپورتى ۋە پۇل تۆلەش تورىغا قارىتىلغان قىسمىنى ئەڭ كۈچلۈك بېسىم ۋاسىتىسى دەپ قارايدۇ. ماقالە بۇ نۇقتىنى تارىخىي سانلىق مەلۇماتلار بىلەن دەلىللەيدۇ. 2011-يىلى ئىراننىڭ كۈندىلىك نېفىت ئېكسپورتى تەخمىنەن 2.2 مىليون ۋارىل بولغان بولسا، خەلقئارالىق ئېمبارگولار ئاستىدا 2013-يىلى بىر مىليون ۋارىلدىن تۆۋەنگە چۈشكەن. بىرىنچى نۆۋەتلىك ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەڭ زور بېسىم» سىياسىتى مەزگىلىدە بولسا تەخمىنەن 440 مىڭ ۋارىلغىچە تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭغا ماس ھالدا، ئىشلىتىشكە بولىدىغان چەت ئەل پۇل زاپىسىمۇ زور دەرىجىدە قىسقارغان.

شۇ سەۋەبتىن ئاپتورلار «ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتتە ۋاقىت ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق بولۇۋاتىدۇ» دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ مەنتىقىسى ئاددىي: ئەگەر ئىران يېتەرلىك مىقداردا نېفىت ساتالمىسا، قاتتىق پۇل زاپىسى ئازىيىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىمپورت قىلىش، ئىچكى پۇلنى قوغداش، بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى خىراجەت بىلەن تەمىنلەش ۋە رايونلۇق تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇ يەكۈن لوگىكىلىق بولسىمۇ، «ئىقتىسادىي ئاجىزلىشىش سىياسىي تەسلىم بولۇشقا تەڭ» دەپ قاراش يەنىلا خەتەرلىك. ئىران ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئېمبارگوغا ماسلىشىش، غەيرىي رەسمىي سودا يوللىرى، چېگرا سودىسى ۋە ۋاسىتىچى تورلار ئارقىلىق بېسىمنى قىسمەن يۇمشىتىپ كەلدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ھاكىمىيەتنىلا ئەمەس، پۈتۈن جەمئىيەتنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا، ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ سىياسىي نەتىجىسى ئۇنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى زىياننىڭ قايسى قاتلامغا قانداق تارقالغانلىقى بىلەنمۇ بەلگىلىنىدۇ.

ماقالە ئاپتورلىرىمۇ بۇ ئېنىقسىزلىقنى پۈتۈنلەي يوشۇرمايدۇ. ماقالىدە ئامېرىكانىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تارتىپ ئىراققىچە بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىي دىنامىكىسىنى ئالدىن پەرەز قىلىش رېكورتىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكى ئېتىراپ قىلىنىدۇ. بۇ ئېتىراپ ماقالىنىڭ ئەڭ ئوبيېكتىپ نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتورلار ھاكىمىيەتنىڭ ئاجىزلىق ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قاچان ۋە قانداق «بوي ئېگىدىغانلىقى»نى ئېنىق پەرەز قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئاخىرىدا قوبۇل قىلىدۇ.

ۋاقىت كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟ «ئەڭ زور بېسىم»، ھورمۇز ۋە رايونلۇق قايتا تەڭشىلىش

ماقالىدە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى بىرىنچى نۆۋەتلىك «ئەڭ زور بېسىم» سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك نۇسخىسى دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. چۈنكى بۇ قېتىم ئىقتىسادىي ئۇرۇش ۋە يالغۇزلاشتۇرۇش تەھدىتى بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ قايتىدىن بىۋاسىتە ھەربىي ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار. ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى خىل بېسىم بىرلەشتۈرۈلسە نەتىجە بېرىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك.

ئىراننىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسى بولسا ۋاقىتتىن دەل ئەكسىچە پايدىلىنىشقا قارىتىلغاندەك تەسۋىرلىنىدۇ. ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، تېھران قىسقا مۇددەتتە ئامېرىكاغا يېتەرلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي ياكى ھەربىي بەدەل تۆلىتىپ، ۋاشىنگتوننى ئىران ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق كېلىشىمگە مەجبۇرلاشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىرانغا قارشى سەپ ھاسىل قىلىشىنى توسۇشنى خالايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا «ئۇزۇن مۇددەتلىك خورىتىش»قا، ئىران بولسا «قىسقا مۇددەتتە بەدەلنى ئېغىرلاشتۇرۇش»قا تايانماقتا.

ھورمۇز بوغۇزى مەزكۇر ۋاقىت ئۇرۇشىدىكى مەركىزىي كوزىرلارنىڭ بىرىدۇر. ئاپتورلار، ھورمۇزنى قايتا ئېچىش ئۈچۈن ئىرانغا پاراخوتلاردىن ھەق ياكى ئۆتۈش پۇلى يىغىش ئىمكانىيىتى بېرىدىغان بىر كېلىشىمنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى، بۇ پۇللارنى نورمال بانكا يوللىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئىراننىڭ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىگە قويۇلغان بەزى ئېغىر يادرو ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. بۇ بولسا يادرو مەسىلىسىدە كونكرېت كېلىشىم بولماي تۇرۇپلا تېھرانغا مۇھىم ئىقتىسادىي مەنپەئەت يەتكۈزۈش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ.

بۇ ئەھۋال ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم بىر دىپلوماتىك قىيىنچىلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ: ئېنېرگىيە باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن ئىرانغا بولغان ئىقتىسادىي بېسىمنى ساقلاپ قېلىش ھەمىشە بىر يۆنىلىشتە ماڭمايدۇ. ئەگەر ۋاشىنگتون دۇنيا بازىرىدا نېفىت ئېقىمىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېھرانغا زور ئىقتىسادىي يول قويۇشقا مەجبۇر بولسا، ئۆزىنىڭ ئاساسلىق بېسىم مېخانىزمىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر يول قويمىسا، ئۇزاققا سوزۇلغان ئېنېرگىيە كىرىزىسى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئېغىر يۈك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ھورمۇز پەقەت ھەربىي بوغۇز بولۇپلا قالماي، بەلكى سىياسىي سەۋر-تاقەتنى سىنايدىغان بىر ئىقتىسادىي مەيدانغا ئايلانغان.

ئاپتورلار ئىراننىڭ ھازىرقى كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئىقتىدارىنى ئۈچ ئامىلنىڭ بىرلا ۋاقىتتا قايسى يۆنىلىشكە، قانداق تەرەققىي قىلىشىغا باغلايدۇ: بىرىنچىدىن، نېفىت ئېكسپورتى يېتەرلىك دەرىجىدە توسۇلۇپ، قاتتىق پۇل زاپىسىنىڭ داۋاملىق قىسقىرىشى؛ ئىككىنچىدىن، ھاكىمىيەتنىڭ ئىچكى ئۇيۇشچانلىقىنىڭ پارچىلىنىپ، بۇنىڭ رايوندىكى ھەربىي كۈچىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى؛ ئۈچىنچىدىن، يۇقىرى پۇل پاخاللىقىنىڭ كەڭ كۆلەملىك، ئۈزلۈكسىز ۋە كۆپ قاتلاملىق خەلق نارازىلىقىنى پەيدا قىلىشى. بۇ ئۈچ ئامىل بىر-بىرىدىن ئايرىم ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا كۈچەيتىدىغان بىر سىستېما سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ.

دەل مۇشۇ نۇقتا ماقالىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكىدۇر. ئۇ ئىراننىڭ كەلگۈسىنى پەقەت نامايىش، رىيالنىڭ قىممىتى ياكى نېفىت ئېكسپورتىغا ئوخشاش بىرلا كۆرسەتكۈچ بىلەن پەرەز قىلمايدۇ. ھاكىمىيەتنىڭ ھەقىقىي كىرىزىسى ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي بېسىملار بىر-بىرىگە باغلانغاندا پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، نېفىت كىرىمىنىڭ ئازىيىشى بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ مالىيە ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرسا، بۇ يەنە ئىقتىسادىي نارازىلىقنى باستۇرۇش ئىقتىدارىنىمۇ تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رايوندىكى شېرىك كۈچلەرنى قوللاشتىمۇ قىيىنچىلىق كۆرۈلىدۇ.

لېكىن، ئاپتورلارنىڭ «ۋاقىت ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق بولۇۋاتىدۇ» دېگەن قارىشىنىڭ مۇھىم بىر شەرتى بار: ئامېرىكا ئۆز بېسىمىنى سىياسىي جەھەتتىن ئۇزاققىچە ساقلاپ قالالىشى كېرەك. ماقالىدە بۇنىڭ ئون يىل ئىلگىرىكىدىنمۇ قىيىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار، ئېنېرگىيە باھاسى، ئامېرىكانىڭ ئىچكى سىياسىي بېسىمى ۋە رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى كېلىشىملەرگە يۈزلىنىشى ۋاشىنگتوننىڭ ۋاقىت ئەۋزەللىكىنى چەكلەيدۇ.

ماقالىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۈركىيە ۋە پاكىستان بىلەن يېڭى بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىشى، رايون دۆلەتلىرىنىڭ «ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئىران» ئەتراپىدا ئۆز بىخەتەرلىكىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ پىكىرنىڭ كەڭ مەنىسى شۇكى، ئىرانغا چۈشۈرۈلگەن بېسىم پەقەت ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىلا ئۆزگەرتمەيدۇ. ئۇ پارس قولتۇقى ۋە كەڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئىتتىپاقداشلىق ۋە بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنىمۇ قايتا شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.

بۇ يەردە ئامېرىكا ئۈچۈن يەنە بىر پارادوكس مەۋجۇت. ئېغىر بېسىم ئىراننى ئاجىزلىتىش بىلەن بىرگە، ئۇنى قىسقا مۇددەتتە تېخىمۇ خەتەرلىك ھەرىكەتلەرگە ئىتتىرىشى مۇمكىن. ئاپتورلار «ئىران ئاچلىقتىن ئۆلۈشتىن بۇرۇن جىددىيلىكنى ئاشۇرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. يەنى بېسىم سىياسىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەل ئەڭ خەتەرلىك ئۆتۈش باسقۇچىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئاز قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا، قولىدىكى رايونلۇق، ھەربىي ۋە ئېنېرگىيە كوزىرلىرىنى تېخىمۇ تاجاۋۇزچانلىق بىلەن ئىشلىتىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.

يەكۈن: ئىراننىڭ چىدامچانلىقى كۈچنىڭمۇ ۋە ئاجىزلىقنىڭمۇ بەلگىسى

ئاتلانتىك كېڭىشى ماقالىسىنىڭ يەنە بىر يەكۈنى شۇكى، «ئىران نېمىشقا تېخى بوي ئەگمىدى؟» دېگەن سوئالغا پەقەت بىرلا سەۋەب بىلەن جاۋاب بەرمەيدۇ. بۇ چىدامچانلىقنىڭ ئارقىسىدا ئىران-ئىراق ئۇرۇشىدا شەكىللەنگەن رەھبەرلىك روھىيىتى، كۈچلۈك بىخەتەرلىك ئاپپاراتى، ھاكىمىيەت بىلەن مەنپەئەت جەھەتتە باغلانغان ئىجتىمائىي قاتلاملار، باستۇرۇش ئىقتىدارى ۋە تېخى تۈگەپ كەتمىگەن ئىقتىسادىي ۋە رايونلۇق كوزىرلار بار. شۇڭا، بېسىمنىڭ كۈچىيىشى دەرھال تەسلىم بولۇشقا ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن قارشىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ئەمما بۇ چىدامچانلىقنى ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەھكەملىكى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ماقالىنىڭ ئۆزىدىمۇ كۆرسىتىلگەندەك، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتى، قاتتىق پۇل زاپىسى، دۆلەت پۇلىنىڭ قىممىتى ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئۇيۇشچانلىقى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان. ئەگەر كىرىم ئازىيىپ، ئىقتىسادىي نارازىلىق ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزى تايىنىدىغان تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا قاتلاملارغا كېڭەيسە، تۈزۈمنىڭ ئەڭ مۇھىم قوغداش قەۋىتى بولغان بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ سادىقلىقى سىناققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇ دەل ئاپتورلارنىڭ ھاكىمىيەت ئۈچۈن ھەقىقىي «قىزىل چىراغ» دەپ قارىغان نۇقتىسىدۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش فورمۇلاسىمۇ ئاددىي ئەمەس. «ئەڭ زور بېسىم»نىڭ نەتىجە بېرىشى ئۈچۈن، ئېمبارگو پەقەت ئېلان قىلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى، نېفىت كىرىمى ۋە پۇل-مۇئامىلە يوللىرى ئەمەلىيەتتە ئۈزۈپ تاشلىنىشى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېنېرگىيە بازىرى، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىچكى سىياسىي سەۋر-تاقىتى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ شەرتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر ۋاقىتتا ساقلاپ قېلىش، تېھراننى بېسىم ئاستىدا تۇتۇشنىڭ ئۆزىدەكلا قىيىن بولۇشى مۇمكىن.

شۇڭا، كەلگۈسىدىكى ئەڭ مۇھىم سوئال «ئىران ئاجىزلاۋاتامدۇ؟» ئەمەس، بەلكى ئىراننىڭ ئاجىزلىشىش سۈرئىتى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ بېسىمنى ساقلاپ قېلىش سۈرئىتىدىن تېزمۇ؟ دېگەن سوئالدۇر. ئەگەر تېھران ئىقتىسادىي جەھەتتە پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشتىن بۇرۇن، رايوندىكى بەدەلنى يېتەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئامېرىكا ياكى ئۇنىڭ شېرىكلىرىنى كېلىشىمگە مەجبۇرلىيالىسا، ھاكىمىيەت يەنە بىر قېتىم ۋاقىت ئۇتۇۋېلىشى مۇمكىن. ئەكسىچە، ئەگەر ئېنېرگىيە كىرىمى، قاتتىق پۇل زاپىسى ۋە بىخەتەرلىك ئۇيۇشچانلىقى بىرلا ۋاقىتتا ئاجىزلىسا، ھاكىمىيەتنىڭ مانېۋىر بوشلۇقى تېز تارىيىشى مۇمكىن.

شۇ ۋەجىدىن، ماقالىنىڭ ئاخىرىدىكى ئېھتىياتچانلىق ناھايىتى ئورۇنلۇق: ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ زەئىپلىشىش ئالامەتلىرىنى كۆرۈش بىلەن ئۇنىڭ يىمىرىلىش ۋاقتىنى بىلىش پەرقلىق ئىش. ئاپتورلارنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ «ئەتە يىمىرىلىشىمۇ»، «يەنە نەچچە ئون يىل داۋاملىشىشىمۇ» مۇمكىن. بۇ ئىككى خىل چېكىدىن ئاشقان سېنارىيەنىڭ ئارىسىدا چىقىرىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇۋاپىق سىياسىي يەكۈن شۇكى، ئىران ھاكىمىيىتىگە سەل قاراش خەتەرلىك، ئەمما ئۇنىڭ چىدامچانلىقىنى چەكسىز دەپ قاراشمۇ ئوخشاشلا خاتادۇر.

مەنبە:

Peek, Andrew L., and Jonathan Panikoff. “Why Iran Has Not Folded Yet.” Atlantic Council, August 20, 2026.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*