قىسقىچە مەزمۇنى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
بۇ ماقالىدە، 2026-يىلى ئاپرېلدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىي كاپالىتى دوكلاتى (2024)»[1] ناملىق كۆك تاشلىق كىتابى پەلسەپە، سىياسەت بىلىملىرى، جەمئىيەتشۇناسلىق، جەمئىيەت تىلشۇناسلىقى ۋە مۇخبىرلىق ئەخلاقى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىدۇ. «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» بىلەن غەربىي جەنۇب سىياسەت ۋە قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بىرلىكتە تەييارلانغان بۇ ھۆججەت، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي بايانلىرىنى قوللايدىغان ئون توققۇز ئىلمىي ماقالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماقالىنىڭ ئاساسىي ئىددىئاسى شۇكى، دۆلەت مەنبەلىك تەرەققىيات بايانلىرى بىلەن خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر مېتودولوگىيەلىك ۋە ئېپىستېمولوگىيەلىك بوشلۇق، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ دوكلاتنىڭ، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق باھالاش دوكلاتى (OHCHR, 2022)، شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى (Zenz, 2022)، ئادرىيان زېنزنىڭ نوپۇس تەتقىقاتلىرى (Zenz, 2020)، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty International, 2021) ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتلىرى (HRW, 2021) بىلەن بىرگە «ئەركىنلىك مەركىزى» (Freedom House, 2024) ۋە «چېگراسىز مۇخبىرلار» (RSF, 2024-2025) كۆرسەتكۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق ھۆججەتلەرنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىشى، بۇ دوكلاتنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتتىن بەكرەك سىياسىي تەشۋىقات ھۆججىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شىنجاڭ، شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرلار، ئىنسان ھەقلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئىلمىي ئەركىنلىك، ئېپىستېمولوگىيە، تېررور كاپىتالىزمى.
- كىرىش: مەسىلىنى رامكىغا ئېلىش
-2026يىلى 12-ئاپرېلدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان كۆك تاشلىق كىتاب، سىياسىي ھوقۇق، ئىقتىسادىي ھوقۇق، مەدەنىيەت ھوقۇقى ۋە ئالاھىدە جەمئىيەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھوقۇقى قاتارلىق تېمىلار ئاستىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىنى سىستېمىلىق ئاقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ھۆججەت ب د ت تەرەققىيات پىلانىنىڭ «ئىنسانىي تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى» (HDI) نى ئاساسىي مېتودولوگىيەلىك قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ ۋە رايوننىڭ 1982-2021-يىللىرى ئارىسىدا بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىنى «ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەش»نىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ.
بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى، ئادەتتىكى ئىلمىي تالاش-تارتىشتىن ھالقىپ كەتكەن جىددىي ۋەزىيەتنى ئاشكارىلىماقتا. بىر تەرەپتە، ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان بىر-بىرىدىن ئايرىم – ئايرىم مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ب د ت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن سىستېمىلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ دەلىللىرى تۇرماقتا. يەنە بىر تەرەپتە بولسا، خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە رايوندا ئالاھىدە تەرەققىياتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىستېمىلىق قارشى بايانلىرى ئورۇن ئالماقتا. بۇ زىددىيەت ۋە بوشلۇق پەقەتلا پاكىت خاراكتېرلىك تالاش-تارتىش بولۇپ قالماستىن، بەلكى «ئىنسان ھەقلىرى» ئۇقۇمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە بولغان تۈپ پەلسەپىۋى كۆز قاراش پەرقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
ماقالە تۆت ئاساسىي تەتقىقات سوئالىغا جاۋاب ئىزدەيدۇ: (1) خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى چۈشەنچىسى غەربچە لىبېرال ئەنئەنىدىن قايسى نۇقتىلاردا ئايرىلىدۇ؟ (2) كۆك تاشلىق كىتابنىڭ مېتودولوگىيەسى خەلقئارالىق ئاكادېمىك ئۆلچەملەر بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا قايسى ئاجىزلىقلارغا ئىگە؟ (3) خەلقئارالىق ھۆججەتلەر كۆك تاشلىق كىتابنىڭ دەۋالىرىغا قانداق سوئال قويىدۇ؟ (4) بۇ تېكىستنىڭ بايان قۇرۇلمىسى، سىياسىي ئاقلاش بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانى قانداق قىلىپ مۈجمەللەشتۈرۈۋەتتى؟
. 2نەزەرىيەۋى رامكا: ئىككى ئىنسان ھەقلىرى پارادىگمىسى
1.2. تەبىئىي ھەق ھوقۇق ئەنئەنىسى ۋە نېگاتىپ ھوقۇقلار
غەرب لىبېرال ئىنسان ھەقلىرى تەپەككۇرىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان تەبىئىي ھوقۇق ئەنئەنىسى، جون لوك1689/1988))نىڭ «ھۆكۈمەت ھەققىدە ئىككى پاراڭ» (Two Treatises of Government) ناملىق ئەسىرىدىن بۇيان، ھەق ھوقۇقلارنىڭ دۆلەتتىن ئىلگىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە دۆلەت تەرىپىدىن تارتىۋېلىنالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى بۇ ھەق ھوقۇقلارنى ئېتىراپ قىلىش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر، ئۇنى بەرپا قىلىش ئەمەس. ئىسايا بېرلىن (Isaiah Berlin, 1958) نىڭ « ئىككى ئەركىنلىك ئۇقۇمى»دا ئوتتۇرىغا قويغان مەنپىي ئەركىنلىك ئۇقۇمى بۇ رامكىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرىدۇ: شەخسىي ئەركىنلىك شەخسنىڭ باشقىلارنىڭ — بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ — ئارىلىشىشىدىن مۇستەقىل ھالدا ھەرىكەت قىلالايدىغان ساھەسىدۇر( بېرلىن 1958, 7-19-). 1948- يىللىق ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي خىتابنامىسى ھەر ئىككى ئەنئەنىنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، 1-ماددىسىدا ھەق ھوقۇقلارنىڭ بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن باراۋەر ۋە ئايرىلماس ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ.
2.2. خىتاينىڭ دۆلەت مەركەز قىلىنغان ئىنسان ھەقلىرى چۈشەنچىسى
خىتاينىڭ رەسمىي ئىنسان ھەقلىرى بايانى بىر قانچە ئاساسىي شەرتكە تايىنىدۇ: كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەخسىي سىياسىي ھوقۇقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە دۆلەت پۈتۈنلۈكى شەخسىي ئەركىنلىكلەرنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر؛ ئىنسان ھەقلىرى مەزمۇنغا يەنى شارائىتقا باغلىقتۇر؛ ھەق ھوقۇق دۆلەت تەرىپىدىن پۇقرالارغا بېرىلگەن بىر ئىلتىپاتتۇر (ج خ ج ئۇچۇر ئىشخانىسى، 2021). بۇ ئۇسۇل، ھېگېل (1820/1991) نىڭ دۆلەت پەلسەپىسى بىلەن قۇرۇلمىلىق ئوخشاشلىققا ئىگە. كۇڭزى ئەنئەنىسىدىكى «لى» (قائىدە-يوسۇن) ۋە «رېن» (ئىنسانىيەت) ئۇقۇملىرى بولسا شەخسىي ھەق ھوقۇقلارنىڭ كوللېكتىپ مەجبۇرىيەتلەردىن كېيىن تۇرىدىغان بىر ئەخلاقىي چۈشەنچىنى قوللايدۇ.
دونېللى (Donnelly, 2013, 48) نىڭ ئىپادىسى بىلەن ئېيتقاندا، «دۆلەت بەرمىگەن نەرسە ھەق ھوقۇق ئەمەس، بەلكى بىر مەرھەمەتتۇر.» ليۇ شياۋبو (Liu Xiaobo, 2012, 147-)بولسا مۇنداق سوئال قويغان: «دۆلەت ھەم قائىدىلەرنى قويغۇچى، ھەم قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى تەكشۈرگۈچى بىردىنبىر تەرەپكە ئايلىنىپ قالغاندا، بۇ ئەمدى قانۇن دۆلىتى ئەمەس، بەلكى قانۇن تونىغا ئورالغان مۇستەبىت كۈچ دېمەكتۇر.»
3.2. ئامارتيا سېننىڭ ئىقتىدار ئۇسۇلى ۋە HDI (ئىنسانىي تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى)[2] نىڭ قۇرۇلمىلىق يېتەرسىزلىكى
كۆك تاشلىق كىتابنىڭ ئاساسلىق مېتودولوگىيەلىك تايانچىسى HDI دۇر: «شىنجاڭنىڭ HDI قىممىتى 1982-يىلدىكى 0.431 دىن 2021-يىلى 0.752 گە ئۆرلىگەن.» ئەمما بۇ مېتودولوگىيەلىك تاللاش ئېغىر بىر ئۇقۇم خاراكتېرلىك مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامارتيا سېن (Amartya Sen, 1999, 3-11، 35-53-بەتلەر)، ئىنسان تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىقتىدارلىق ئەركىنلىكلەر بىلەن ئۆلچەيدۇ: تەرەققىيات قۇللۇقنىڭ ئاخىرلىشىشىنى، سىياسىي قاتنىشىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ HDI. ئۆلچەيدىغان ئۈچ ساھە — ئوتتۇرىچە ئۆمۈر، مائارىپ ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم — سىياسىي ئەركىنلىكنى، يىغىلىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى ياكى دىنىي ئەركىنلىكنى ئۆلچىيەلمەيدۇ. (UNDP, 2020) نۇسبائۇم (Nussbaum, 2011, 33بەت) نىڭ «مەركىزى ئىنسانىي ئىقتىدارلار» تىزىملىكىدىكى سىياسىي كونتروللۇق ۋە ئەمەلىي ئەقىلنى ئىشلىتىش قاتارلىق ساھەلەر بۇ كۆرسەتكۈچتە پۈتۈنلەي كۆرۈنمەيدۇ.
4.2. داررېن بايلېرنىڭ «تېررور كاپىتالىزمى» رامكىسى
داررېن بايلېر (Darren Byler, 2022) نىڭ «تېررور كاپىتالىزمى» (Terror Capitalism) ناملىق تەتقىقاتى، «ئىقتىسادىي تەرەققىيات» بايانى سەل قارىغان بىر تۈپ ساھەنى يورۇتۇپ بەرمەكتە: ئېتنىك ئىرقىيلەشتۈرۈش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن ھەمدە ماكانلاشقۇچى مۇستەملىكىچىلىكنى قوللايدىغان بىر ئىقتىساد-سىياسىي قۇرۇلما(Byler, 2022, 1-18بەتلەر). ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI, 2020) بۇ رامكىنى قوللايدىغان شەكىلدە، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىۋاتقان 82 خەلقئارالىق شىركەتنى ئېنىقلاپ چىققان، شېففىلد خاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (Sheffield Hallam University, 2023) تەتقىقاتى بولسا 2022-يىلىغا كەلگەندە دۇنيا پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %35 نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تامامەن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان (Coalition to End Forced Labour, 2023).
3. كۆك تاشلىق كىتابنىڭ مېتودولوگىيەلىك ۋە ئېپىستېمولوگىيەلىك مەسىلىلىرى
1.3. ئورگان مۇستەقىللىقى مەسىلىسى
كۆك تاشلىق كىتابنى تەييارلىغان ئورگانلارنىڭ ھەممىسى بىۋاسىتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىدۇر. خىتايدا ئاكادېمىكلار ئۈستىدىكى بېسىم پەقەت نەزەرىيەۋى بىر تەھدىت ئەمەستۇر، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ (HRW, 2019) دوكلاتى شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت تەتقىقاتلىرى سەۋەبىدىن كەسپىي جازاغا ئۇچرىغان ئاكادېمىكلارنىڭ دېلولىرىنى دەلىل – پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئەركىنلىك مەركىزى (Freedom House, 2025) نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسىتېت نىزامنامىلىرىدىن «پىكىر ئەركىنلىكى» ئىپادىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنى «ج ك پ غا سادىق بولۇش» قەسىمى بىلەن ئالماشتۇرغانلىقىنى پاش قىلغان.
2.3. مەنبە تاللاش: سىستېمىلىق تەرەپبازلىقنىڭ ئاناتومىيەسى
كۆك تاشلىق كىتابتا مەنبە قىلىنغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئورگانلىرى ياكى دۆلەت تاراتقۇلىرىدىن تۈزۈلگەن. مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ خەلقئارالىق ئىلمىي ماقالىلىرى، ب د ت ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بايقاشلىرى بۇ ھۆججەتتە يا پۈتۈنلەي تىلغا ئېلىنمىغان، ياكى بىۋاسىتە «چەتئەللىك دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئويدۇرمىسى» سۈپىتىدە رەت قىلىنغان. يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا ئېلىنغان بايانلار ئاساسلىق سانلىق مەلۇمات سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال «جەمئىيەتنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىش تەرەپبازلىقى» (social desirability bias) نۇقتىسىدىن جىددىي سوئاللارنى تۇغدۇرىدۇ (Tourangeau ۋە باشقىلار, 2000, 228-259-بەتلەر).
3.3. پوپپېرنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاش پىرىنسىپى ۋە يېپىق ئېپىستېمىك دەۋرىيلىك
كارل پوپپېر (Karl Popper, 1959, 17-20، 78-92-بەتلەر) نىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاش (falsifiability) پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بىر ئىددىئا پەقەت پرىنسىپ جەھەتتىن خاتالىقىنى ئىسپاتلاش مۇمكىن بولغاندىلا ئىلمىي سالاھىيەتكە ئىگە بولالايدۇ. كۆك تاشلىق كىتاب بۇ ئۆلچەمنى سىستېمىلىق ھالدا بۇزماقتا: تەنقىدلەر مۇقەررەر رەۋىشتە «چەتئەللىك دۈشمەن كۈچلەرنىڭ خاتا بايانى» دەپ ماركىلانغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل ھەر قانداق قارشى دەلىلنى ئالدىن ئۈنۈمسىز قىلىۋېتىشنى ھەقلىقلەشتۈرىدۇ. شۇڭا خىتاي مېدىياسىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتى «غەرب تەسىرىنىڭ مەھسۇلى»، شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى «ساختا ئويدۇرما»، لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققانلارنىڭ بايانلىرى بولسا «قۇتراتقۇلارنىڭ توقۇلمىسى» سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە. بۇ قۇرۇلما ئىلمىي دەلىللەش ئەمەس، بەلكى ئىدېئولوگىيەلىك قوغداش مېخانىزمىدۇر.
4. خەلقئارالىق دەلىللەر جەدۋىلى
1.4. ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىتېتىنىڭ (OHCHR) 2022-يىللىق باھالىشى
-2022يىلى 31-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلىنغان دوكلاتنىڭ ئاساسىي قانۇنىي يەكۈنى شۇكى، «بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە ئائىت دەلىللەر نۇقتىسىدىن […] خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن دەپ باھالانماقتا» (OHCHR, 2022, 47). دوكلات يەنە دىنىي ئەركىنلىك ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە قويۇلغان كەڭ كۆلەملىك چەكلىمىلەرنى، قىيناش ۋە ناچار مۇئامىلە دەۋالىرىنى ھەمدە جىنسىي زوراۋانلىق دېلولىرىنى ھۆججەتلىك ئوتتۇرىغا قويدى (OHCHR, 2022, 38-46-). ب د ت ئالىي كومىسسارى باچېلېت (Bachelet) – 2022يىلى مايدا خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە، دۆلەتنىڭ نازارىتىدىن مۇستەقىل ھالدا ھېچقانداق تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر بىلەن كۆرۈشەلمىدى (Amnesty International 2022). خىتاي ھۆكۈمىتى دوكلاتنى دەرھال «تولۇق قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز» دەپ سۈپەتلىدى ۋە ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ «ئىشىكىنى تاقاش» تەھدىتىدە بولدى (ICIJ, 2022).
2.4. شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى (2022)
-2022يىلى 24-مايدا ئون تۆت خەلقئارالىق تاراتقۇ ئورگىنىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا، رايوندىكى ساقچى كومپيۇتېر مۇلازىمېتىرلىرىدىن سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئون گىگابايتتىن ئارتۇق سانلىق مەلۇماتنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىدى (ICIJ, 2022). ئارخىپلاردىكى بايقاشلار تۆۋەندىكىچە: قېچىشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق كىشىگە «نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاش» بۇيرۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەتلەر؛ سابىق شىنجاڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو (Chen Quanguo) نىڭ ئىمزاسى قويۇلغان «دىنىي ئېتىقادچىلارنى قاتتىق نازارەت قىلىڭلار» دېگەن كۆرسەتمىسى؛ سوراق ئورۇندۇقىدا كويزا-كىشەنلەنگەن تۇتقۇنلارنى كۆرسىتىدىغان سۈرەتلەر؛ ۋە كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى چوڭلارنىڭ %12 تىن كۆپرەكىنىڭ مەلۇم بىر شەكىلدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ستاتىستىكىلار (Zenz, 2022, 1-25-). ب ب س (BBC) يۈزلەرچە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرغا سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ دەلىللىگەن؛ 150 دىن ئارتۇق ساقچى خادىمىنىڭ كىملىكى ۋە ۋەزىپىسى بىۋاسىتە جەزملەشتۈرۈلگەن (VOA, 2022).
3.4. ئادرىيان زېنزنىڭ نوپۇس تەتقىقاتلىرى
زېنز (Zenz, 2020)، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىچكى ھۆججەتلىرىگە ۋە رەسمىي ستاتىستىكا يىلنامىلىرىغا تايىنىپ تۆۋەندىكى بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئەڭ چوڭ ئىككى ئۇيغۇر ۋىلايىتىدىكى تەبىئىي نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتى 2015-2018-يىللىرى ئارىسىدا %84 تۆۋەنلىگەن؛ 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە بالىياتقۇغا ساقلىق ساقلاش ئۈسكۈنىسى (IUD) ئورنىتىشنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان نىسبىتى شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەت ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ تەخمىنەن 45 ھەسسىسىگە تەڭ بولغان؛ 2019-يىلىغا كەلگەندە جەنۇبتىكى تۆت ۋىلايەت-ئوبلاستتىكى 18 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان ئاياللارنىڭ ئاز دېگەندە %80 نى مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىگە بويسۇندۇرۇش پىلانلانغان. (Zenz, 2020) بۇ ئەھۋال، 1948-يىللىق ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ II(d) ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «گۇرۇپپا ئىچىدىكى تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتىلغان تەدبىرلەر» ئۆلچىمىگە ئۇيغۇندۇر (Zenz, 2020, 18-20-). خىتاينىڭ بۇ بايقاشلارنى مېتودولوگىيەلىك ئەمەس، بەلكى شەخسىي ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق رەت قىلىشى، خىتاينىڭ ئۆز نوپۇس خاتىرىلىرىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنىمۇ ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
4.4. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە پارلامېنت قارارلىرى
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (2021, 4-9-بەتلەر)، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى يەكۈنىگە كەلگەن. 2025-يىللىق يېڭىلانغان دوكلاتىدا ب د ت دوكلاتىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ تېخىچە جاۋابكارلىققا تارتىش مۇساپىسىنىڭ باشلانمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن (Amnesty International, 2025). ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (2021) مۇ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش، قىيناش ۋە دىنىي ھەم مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقىنى قەستەن يوقىتىش قىلمىشلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرگەن.
كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، لىتۋا ۋە فىرانسىيە پارلامېنتلىرى مەجبۇرىي كۈچكە ئىگە بولمىغان بېلەت تاشلاشلار ئارقىلىق بۇ ئەھۋالنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتتى. ئامېرىكا 2021-يىلى رەسمىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن چىقىرىلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) دائىرىسىدە 2022-يىلى ئىيۇندىن 2023-يىلى ئاخىرىغىچە تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللارلىق مالنىڭ ئىمپورت قىلىنىشى چەكلەندى (PV Magazine, 2024).
5. بايان ئانالىزى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەزمۇن
1.5. فۇكوچە رامكا ۋە تىل ئىستراتېگىيەلىرى
فۇكو (Foucault, 1975, 27-30-) نىڭ ھوقۇق-بىلىم نەزەرىيەسىگە ئاساسەن، بىلىم ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئورگان خاراكتېرلىك شارائىتلىرى بايانلارنىڭ مەزمۇنىنى بىۋاسىتە شەكىللەندۈرىدۇ. «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» (تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ ئورنىغا)، «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمگەك كۈچى يۆتكەش» (مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئورنىغا) ۋە «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش پىلانى» (نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئىنژېنېرلىقىنىڭ ئورنىغا) قاتارلىق ئىپادىلەر بۇ ھوقۇق مۇناسىۋەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بايان شەكىللىرىدۇر. دىققەتكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، خىتاي باشتا – خەلقئارا بېسىم كۈچەيگۈچە – بۇ يەرلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈنلەي رەت قىلدى، ئاندىن ئۇلارنى «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەربىيەلىنىش مەركەزلىرى» دەپ قايتا بېكىتتى(ICIJ, 2022) . بۇ تەسۋىر ئۆزگىرىشىنىڭ ئۆزىلا ئىستراتېگىيەلىك بىر بايان خاراكتېرلىك ئارىلىشىشتۇر.
كۆك تاشلىق كىتابتا قايتا-قايتا تىلغا ئېلىنغان «ھوقۇقلار بېرىلدى / ئاتا قىلىندى» دېگەن ئىپادە ئىگىدارلىق مۇناسىۋىتىنى تەتۈر قىلىپ قويىدۇ: ھوقۇق ئىگىسى ئەركىن شەخس ئەمەس، بەلكى ھوقۇقنى «تارقاتقۇچى» دۆلەتتۇر (Fairclough, 2003, 2130-). ئەگەر ھوقۇقلار دۆلەت تەرىپىدىن «بېرىلىۋاتقان» بولسا، شۇ دۆلەت تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنىشىمۇ مۇمكىن. بۇ لوگىكا بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىشى بىر «ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ئەمەس، بەلكى دۆلەت سۇنغان ئىلتىپاتنى قايتۇرۇۋېلىشىدۇر.
2.5. مۇستەقىل كۆرسەتكۈچلەردە ئەكس ئەتكەن مەنزىرە
«ئەركىنلىك مەركىزى» (Freedom House) نىڭ 2024-يىللىق دوكلاتى خىتايغا 100 نومۇردىن 9 نومۇر بېرىپ، دۆلەتنى «ئەركىن ئەمەس» تۈرىدىكى 210 دۆلەت ئىچىدە 189-ئورۇنغا قويدى. تىبەت 0/100 نومۇر بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىنلىكى بوغۇلغان رايونلارنىڭ بىرى، شياڭگاڭ بولسا 2017-يىلدىكى 61 نومۇردىن 40 نومۇرغا چۈشۈپ قالدى (Freedom House, 2024; 2025). «چېگراسىز مۇخبىرلار (RSF) نىڭ 2025-يىللىق مەتبۇئات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچىدە خىتاي 180 دۆلەت ئىچىدە 178-ئورۇندا تۇردى. (RSF, 2025) تىبەت، شياڭگاڭ، تيەنئەنمېن (1989) ۋە «709 دېلوسى» (2015-يىلى يۈزدىن ئارتۇق ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنىشى) غا ئوخشاش ئوخشىمىغان جۇغراپىيە ۋە دەۋرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ سىستېمىلىق ئەھۋال، شەرقىي تۈركىستاننى بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بىر تۈزۈملەشكەن سىياسەتنىڭ پارچىسى سۈپىتىدە باھالاشنى مۇمكىن قىلىدۇ.
6. قانۇنىي ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن باھالاش
1.6. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش رامكىسىنىڭ چەكلىمىلىرى
ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ (ب د ت، 1948، 2-ماددا) II(d) تارمىقى «گۇرۇپپا ئىچىدىكى تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتىلغان تەدبىرلەر»نى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دائىرىسىدە بەلگىلىگەن. زېنز (2020) نىڭ نوپۇسقا ئائىت بايقاشلىرى ئاز دېگەندە مۇشۇ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. گرېگورى ستانتون (Gregory Stanton, 2021) بۇنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆلچەملىرىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېنىق شەكىلدە كۆرۈلگەن دېلولارنىڭ بىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كۆك تاشلىق كىتاب بۇ قانۇنىي رامكىنى ھېچقانداق شەكىلدە تىلغا ئالمايدۇ، مەسىلىنى پەقەت «تەرەققىيات» ۋە «مۇقىملىق» بايانلىرى ئىچىدىلا باھالايدۇ.
خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى، ھەتتا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇھىتىدىمۇ ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان چەك-چېگرالارنى بېكىتكەن: قىيناشنى چەكلەش (قىيناشقا قارشى ئەھدىنامە، 2-ماددا)، ياشاش ھوقۇقى، دىن ئەركىنلىكى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى (ICCPR، 6، 18، 27-ماددىلار). ب د ت قىيناشقا قارشى تۇرۇش كومىتېتى 2018-يىلى «1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا» دائىر ئىشەنچلىك ئۇچۇرلاردىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ دەرھال تاقىلىشىنى تەلەپ قىلغان (ب د ت، 2018).
2.6. قۇرۇلمىلىق زوراۋانلىق، تامغىلاش ۋە مەدەنىيەتنىڭ قايتا ئىشلەپچىقىرىلىشى
يوھان گالتۇڭ (Johan Galtung, 1969, 167-191)، پەقەتلا پاراۋانلىقنىڭ ئېشىشىنىڭ تۈزۈلمىۋى زوراۋانلىقنىڭ يوقالغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ: بىر جەمئىيەت ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى شارائىتتا ياشاۋاتقان تۇرۇپمۇ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئېرۋىڭ گوفمان (Erving Goffman, 1963, 1-40-) نىڭ تامغىلاش (stigmatization) نەزەرىيەسى دائىرىسىدە، مۇسۇلمان كىملىكىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا «ئاشقۇنلۇق خەۋپى» بىلەن باغلىنىشى، مەسىلەن، سېرىق يۇلتۇز بىلەن بەلگە قويۇلغان ئىشىكلەر، ئېتنىك كىملىك ئاساسىدىكى DNA ئامبىرى ۋە ياشقا ئاساسەن دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىقلار (Byler, 2022, 43-55) ئۇيغۇر كىملىكىنى نورمال ھاياتتىكى بىر تەھدىت سۈپىتىدە تامغىلايدۇ.
مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن پاكىتلار تۆۋەندىكىچە: ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنىڭ چەكلىنىشى ۋە خىتاي تىلىنىڭ بىردىنبىر ئوقۇتۇش تىلىغا ئايلاندۇرۇلۇشى؛ 18 ياشتىن تۆۋەنلەرگە دىنىي مائارىپنىڭ چەكلىنىشى؛ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك ۋە تاشقى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئاممىۋى ساھەدە چەكلىنىشى؛ مەسچىتلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىلىشى قاتارلىقلار (Byler, 2022, 60-72 ؛ HRW, 2021). پيېر بوردىيۇ (Pierre Bourdieu, 1991, 230-251-) نىڭ «مەدەنىيەت كاپىتالى» ئۇقۇمى دائىرىسىدە، بىر جەمئىيەتنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى ئارقىلىق مەدەنىيەت كاپىتالىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزەلمەسلىكى، باراۋەر پۇقرالىقنىڭ تۈزۈلمىۋى ئالدىنقى شەرتىنى ۋەيران قىلىدۇ.
7. مۇخبىرلىق ئەخلاقى ۋە بىلىم ئېپىستېمولوگىيەسى
مۇستەقىل مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشى سىستېمىلىق ھالدا چەكلەنگەن. كوۋاچ (Kovach) ۋە روزېنستىئېل (Rosenstiel) (2014, 77-100-بەتلەر) ئوتتۇرىغا قويغان پىرىنسىپ ئېنىقتۇر: مۇستەقىل دەلىللەش مۇمكىن بولمىغان بىر مۇھىتتا، دۆلەت مەنبەلىك ئۇچۇرلارنى تالاش-تارتىشسىز ھەقىقەتلەردەك سۇنۇش مۇخبىرلىق ئەمەس، بەلكى تەشۋىقات ۋاسىتىچىلىكىدۇر.
خىتاي 2018-يىلدىن بۇيان «تەكلىپلىك مۇخبىرلىق» نامىدا دۆلەت قوللىغان تاراتقۇ زىيارەتلىرىنى تەشكىللەپ كېلىۋاتىدۇ. 2021-يىلىغىچە يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتىن 1200 دىن ئارتۇق دىپلومات، مۇخبىر ۋە دىنىي زات بۇ زىيارەتلەرگە قاتناشقان (VOA, 2024). «چېگراسىز مۇخبىرلار» (RSF) غا ئاساسەن، قاتناشقۇچىلارنىڭ پاسپورتلىرى بارغاندا تاپشۇرۇۋېلىنىدۇ ۋە زىيارەت دۆلەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئالدىن بېكىتىلگەن لىنىيەلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ . (RSF, 2026)بۇ ئەھۋال دۆلەت نازارىتى ئاستىدا ئىشلەپچىقىرىلغان «بىرىنچى قول» كۆزىتىشلەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى مۇقەررەر ھالدا ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
ئىلمىي تەتقىقات مېتودولوگىيەسىنىڭ دەلىل سۈپىتى قاتلىمىغا ئاساسەن، كۆك تاشلىق كىتاب پەقەت ئەڭ تۆۋەن ئىشەنچلىك دەرىجىسىگە ئىگە دۆلەت ئورگىنى سانلىق مەلۇماتلىرىنى (5-تۈر) ئىشلەتمەكتە. بۇ مۇستەقىل ئىلمىي تەتقىقاتلارنى، جەزملەشتۈرۈلگەن ئىچكى ھۆججەتلەرنى، لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققانلارنىڭ بايانلىرىنى ۋە ب د ت دوكلاتلىرىنى (1-4-تۈرلەر) كۆزگە ئىلمايۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تارىخىي بىر دەرسنىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ: سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «غولودومور» خەۋەرلىرىنى يوشۇرغان «پراۋدا» (Pravda) گېزىتى ۋە گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ «ستاسى» (Stasi) ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن «يېڭى گېرمانىيە» (Neues Deutschland) گېزىتىگە ئوخشاش دۆلەت تاراتقۇلىرىغا، بۈگۈن تارىخنىڭ قانداق ئورۇن بېرىلگەنلىكى تالاش-تارتىشسىزدۇر.
خۇلاسە
بۇ ماقالە بىر قانچە ئاساسىي يەكۈنگە ئىگە:
بىرىنچىدىن، كۆك تاشلىق كىتاب خەلقئارالىق ئاكادېمىك ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئورگان مۇستەقىللىقىنىڭ يوقلۇقى، بىر تەرەپلىمە مەنبە تاللاش، خاتالىقىنى ئىسپاتلاش مۇمكىن بولمىغان بايان رامكىسى ۋە كەڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق دەلىللەرنىڭ سەل قارىلىشى بىرلىكتە باھالانغاندا، بۇ ھۆججەتنى سىياسىي ئاقلاش ھۆججىتى دەپ ئاتاش تېخىمۇ توغرىدۇر.
ئىككىنچىدىن، خەلقئارالىق دەلىللەر جەدۋىلى كۆپ قاتلاملىق، كەڭ كۆلەملىك ۋە مۇستەقىلدۇر. ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق باھالىشى، «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى»، زېنزنىڭ نوپۇس تەتقىقاتلىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتلىرى، ئەركىنلىك مەركىزى ۋە چېگراسىز مۇخبىرلار كۆرسەتكۈچلىرى، نۇرغۇن دۆلەت پارلامېنتلىرىنىڭ رەسمىي قارارلىرى ۋە UFLPA غا ئوخشاش قانۇنىي بەلگىلىمىلەر — بىر-بىرىدىن مۇستەقىل دەلىل يوللىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا كۆرسىتىۋاتقان بۇ مەنزىرىسى — «چەتئەللىك دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئويدۇرمىسى» دېگەن ئىددىئا بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۈچلۈكتۇر.
ئۈچىنچىدىن، ئىككى ئىنسان ھەقلىرى پارادىگمىسى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر پەلسەپىۋى ھاڭ ھەقىقەتتۇر، ئەمما بۇ ھاڭدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى چەكلەيدىغان ھەر قانداق سىياسەتنى ئاقلاش ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولمايدۇ. چارلېس تايلور (Charles Taylor, 1999, 138-) نىڭ ئىپادىسى بىلەن ئېيتقاندا، ھەم غەرب ھەم كۇڭزىچە قانۇن ئەنئەنىسى قانۇنىي تەرتىپسىز ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى قانۇنسىز دەپ قارايدۇ.
تۆتىنچىدىن، كىرىش چەكلىمىسى مەسىلىسى بىر تۈپ ئېپىستېمىك سوئالنى تۇغدۇرىدۇ: مۇستەقىل تەكشۈرۈش مۇمكىن بولمىغان يېپىق سىستېمىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان «ھەممە ئىش ياخشى كېتىۋاتىدۇ» دېگەن دوكلاتلارغا بېرىلىدىغان بىلىم قىممىتى قۇرۇلمىلىق جەھەتتىن چەكلىك بولىدۇ.
ئاخىرىدا، تارىخىي بىر دەرس: ستالىن دەۋرىدىكى «گۇلاگ»لارنى، ناتسىست لاگېرلىرىنى ۋە كامبودژا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ھۆججەتلەشتۈرگەن دەۋرلەردىن كېيىن ئۆتمۈشكە نەزەر سالغاندا، بۇ دەۋرلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان رەسمىي بايانلارنىڭ بىلىم قىممىتى نۆلگە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئەكسىچە، مۇستەقىل شاھىتلارنىڭ، سىرتقا چىقىپ كەتكەن ھۆججەتلەرنىڭ ۋە قۇتۇلۇپ چىققانلارنىڭ بايانلىرىنىڭ تارىخىي ھەقىقەتنى ئەڭ توغرا يەتكۈزىدىغان مەنبەلەر بولۇپ قالىدىغانلىقى روشەن ھەقىقەتتۇر. بۇ مېتودولوگىيەلىك دەرسنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆججەتلەشتۈرۈلۈش مۇساپىسىدىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.
پايدىلانمىلار
Amnesty International. (2021). «Up Against the Wall»: Violations of the rights to freedom of expression, association and peaceful assembly in China. London: Amnesty International Ltd.
Amnesty International. (2022, 31 Ağustos). China: Long-delayed UN report must spur accountability for crimes against humanity in Xinjiang. https://www.amnesty.org/en/latest/news/2022/09/china-long-delayed-un-report/
Amnesty International. (2025, 28 Ağustos). China: Still no accountability for crimes against humanity in Xinjiang, three years after major UN report. https://www.amnesty.org/en/latest/news/2025/08/
Asia Freedom Institute. (2024, 7 Mart). Freedom House Freedom in the World 2024 Report Finds China is Pursuing an Aggressive Policy of Altering the Demographics in East Turkistan, Southern Mongolia and Tibet. https://asiafreedominstitute.org/news/
ASPI [Australian Strategic Policy Institute]. (2020). Uyghurs for sale: «Re-education», forced labour and surveillance beyond Xinjiang. Canberra: ASPI.
Barthes, R. (1957). Mythologies. Paris: Seuil. (İngilizce çeviri: Mythologies. Paladin, 1972, ss. 109-159.)
Berlin, I. (1958). Two concepts of liberty. Oxford: Clarendon Press. (Baskı: Liberty. Oxford University Press, 2002, ss. 166-217.)
BM Haber. (2022, 1 Eylül). China responsible for «serious human rights violations» in Xinjiang province: UN human rights report. UN News. https://news.un.org/en/story/2022/08/1125932
Birleşmiş Milletler. (1948). İnsan Hakları Evrensel Beyannamesi. BM Genel Kurul Kararı 217 A (III).
Birleşmiş Milletler. (1948). Soykırımın Önlenmesi ve Cezalandırılması Sözleşmesi. BM Genel Kurul Kararı 260 A (III).
BM Komite on the Elimination of Racial Discrimination (CERD). (2018). Concluding observations on the combined fourteenth to seventeenth periodic reports of China. CERD/C/CHN/CO/14-17. Cenevre: BM.
Bourdieu, P. (1991). Language and symbolic power. Cambridge: Polity Press. (ss. 230-251.)
Byler, D. (2022). Terror capitalism: Uyghur dispossession and masculinity in a Chinese city. Durham: Duke University Press.
Coalition to End Forced Labour in the Uyghur Region. (2023). Solar Industry FAQ. https://enduyghurforcedlabour.org/about/solar-industry-faq/
ÇHC Bilgi Ofisi [People’s Republic of China, State Council Information Office]. (2020, 15 Eylül). Responding to Adrian Zenz’s lies on Xinjiang’s birth control. http://english.scio.gov.cn/m/xinjiangfocus/2020-09/14/content_77200391.htm
ÇHC Bilgi Ofisi. (2021, Mart). Human rights in Xinjiang. Beyaz Kitap. Pekin: State Council Information Office.
Donnelly, J. (2013). Universal human rights in theory and practice (3. baskı). Ithaca: Cornell University Press. (ss. 37-58.)
Fairclough, N. (2003). Analysing discourse: Textual analysis for social research. London: Routledge. (ss. 21-30.)
Foucault, M. (1975). Surveiller et punir: Naissance de la prison. Paris: Gallimard.
Freedom House. (2024). Freedom in the World 2024: China. Washington D.C.: Freedom House. https://freedomhouse.org/country/china/freedom-world/2024
Freedom House. (2025). Freedom in the World 2025: China. Washington D.C.: Freedom House. https://freedomhouse.org/country/china/freedom-world/2025
Galtung, J. (1969). Violence, peace, and peace research. Journal of Peace Research, 6(3), 167-191.
Goffman, E. (1963). Stigma: Notes on the management of spoiled identity. Englewood Cliffs: Prentice Hall. (ss. 1-40.)
Hegel, G. W. F. (1820/1991). Elements of the philosophy of right (A. W. Wood, Çev.). Cambridge: Cambridge University Press. (§§ 257-260.)
Human Rights Watch. (2019). «Suppress the Spreading of Harmful Information»: Glossary of terms used to target lawful behavior in Xinjiang. New York: Human Rights Watch.
Human Rights Watch. (2021). «Break their lineage, break their roots»: China’s crimes against humanity targeting Uyghurs and other Turkic Muslims. New York: Human Rights Watch.
ICIJ [International Consortium of Investigative Journalists]. (2022, 24 Mayıs). The faces of China’s detention camps in Xinjiang. https://www.icij.org/investigations/china-cables/xinjiang-police-files-uyghur-mugshots-detention/
Ignatieff, M. (2001). Human rights as politics and idolatry. Princeton: Princeton University Press. (ss. 3-52.)
ISS Governance. (2023, 8 Ağustos). Forced labor in the solar supply chain: Concerns about the transition to renewables. https://insights.issgovernance.com/posts/forced-labor-in-the-solar-supply-chain-concerns-about-the-transition-to-renewables/
Kovach, B. ve Rosenstiel, T. (2014). The elements of journalism (3. baskı). New York: Three Rivers Press. (ss. 77-100.)
Liu, X. (2012). No enemies, no hatred: Selected essays and poems (P. Link ve diğerleri, Çev.). Cambridge: Harvard University Press. (s. 147.)
Locke, J. (1689/1988). Two treatises of government (P. Laslett, Yay. Haz.). Cambridge: Cambridge University Press. (ss. 269-278.)
Nussbaum, M. C. (2011). Creating capabilities: The human development approach. Cambridge: Harvard University Press. (ss. 20-45.)
OHCHR [Office of the UN High Commissioner for Human Rights]. (2022, 31 Ağustos). OHCHR Assessment of Human Rights Concerns in the Xinjiang Uyghur Autonomous Region, People’s Republic of China (s. 47). Cenevre: OHCHR. https://www.ohchr.org/en/documents/country-reports/ohchr-assessment-human-rights-concerns-xinjiang-uyghur-autonomous-region
OHCHR. (2008). Human rights, terrorism and counter-terrorism. Fact Sheet No. 32. Cenevre: OHCHR.
Popper, K. R. (1959). The logic of scientific discovery. London: Hutchinson & Co. (ss. 17-20, 78-92.)
PV Magazine USA. (2024, 28 Mart). Solar panel production is struggling to stay clear of forced labor. https://pv-magazine-usa.com/2024/03/28/solar-panel-production-is-struggling-to-stay-clear-of-forced-labor/
RSF [Reporters Without Borders / Sınır Tanımayan Gazeteciler]. (2024-2025). Press Freedom Index: China. https://rsf.org/en/country/china
Schabas, W. A. (2009). Genocide in international law: The crime of crimes (2. baskı). Cambridge: Cambridge University Press. (s. 263.)
Sen, A. (1999). Development as freedom. Oxford: Oxford University Press. (ss. 3-11, 35-53.)
Stanton, G. (2021, Aralık). Uyghur genocide: An examination of China’s breaches of the 1948 Genocide Convention. Genocide Watch. https://www.genocidewatch.com/single-post/uyghur-genocide-an-examination-of-chinas-breaches-of-the-1948-genocide-convention
Taylor, C. (1999). Conditions of an unforced consensus on human rights. In J. R. Bauer ve D. A. Bell (Yay. Haz.), The East Asian challenge for human rights (ss. 124-144). Cambridge: Cambridge University Press.
Tourangeau, R., Rips, L. J. ve Rasinski, K. (2000). The psychology of survey response. Cambridge: Cambridge University Press. (ss. 228-259.)
UNDP [United Nations Development Programme]. (2020). Human Development Report 2020: The next frontier. New York: UNDP.
VOA [Voice of America]. (2022, 25 Mayıs). Leaked Xinjiang Files Are Not Just «Lies and Rumors.» https://www.voanews.com/a/fact-check-leaked-xinjiang-police-files-not-lies-and-rumors/6743380.html
Wikipedia. (2025a). UN Human Rights Office report on Xinjiang. https://en.wikipedia.org/wiki/UN_Human_Rights_Office_report_on_Xinjiang
Wikipedia. (2025b). Xinjiang papers. https://en.wikipedia.org/wiki/Xinjiang_papers
Wikipedia. (2025c). Xinjiang Police Files. https://en.wikipedia.org/wiki/Xinjiang_Police_Files
Wolfe, P. (2006). Settler colonialism and the elimination of the native. Journal of Genocide Research, 8(4), 387-409.
Zenz, A. (2020). Sterilizations, IUDs, and mandatory birth control: The CCP’s campaign to suppress Uyghur birthrates in Xinjiang. Washington D.C.: Jamestown Foundation. https://jamestown.org/product/sterilizations-iuds-and-mandatory-birth-control
Zenz, A. (2021). Coercive labor and forced displacement in Xinjiang’s cross-regional labor transfer program: A process-oriented evaluation. Journal of Political Risk, 9(7).
Zenz, A. (2022). The Xinjiang Police Files: Re-education camp security and political paranoia in the Xinjiang Uyghur Autonomous Region. Journal of the European Association for Chinese Studies, 3, 1-52.
[1] 《新疆人权法治保障报告》(2024)蓝皮书发布 出版日期:2026-04-12 https://xjrb.ts.cn/xjrb/20260412/256458.html
[2] Human Development Index
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















