ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار
مەزكۇر تەتقىقات ماقالىسىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سىياسىي خەتەرلەرنى ئانالىز قىلىش ئورگىنى «ياۋروئاسىيا گۇرۇھى» (Eurasia Group) تەرىپىدىن 2026-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلىنغان «2026-يىللىق ئاساسلىق خەتەرلەر» ناملىق ئىستراتېگىيەلىك دوكلاتنى ئاساس قىلىنىدۇ. دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 2026-يىلى يەر شارى خاراكتېرلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىكى چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، دۇنيا دۆلەتلىرى «G-Zero» نۆل قۇتۇپلۇق مۇھىتتا بۆلۈنۈش جەريانىنى تېزلىتىدۇ[2-بەت]. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى سىياسىي قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تېخنىكا بىلەن گېئو-سىياسىينىڭ ئۆزئارا كىرىشىپ كېتىش مېخانىزمى يەر شارى مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ[3-بەت].
1. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى سىياسىي تۈزۈلمە ئۆزگىرىشى ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك كىرىزىس
دوكلاتتا تەھلىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2026-يىلىغا كەلگەندە بىر مەيدان چوڭقۇر سىياسىي تۈزۈلمە ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. نۆۋەتتە پىرىزېدېنت دونالد ترامپنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىستراتېگىيەسى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى سىياسىي مېخانىزمى بولغان «تەكشۈرۈش ۋە تەڭپۇڭلۇق» (Checks and Balances) سىستېمىسىنى قايتا شەكىللەندۈرۈشكە قارىتىلغان بولۇپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ مەشغۇلات مۇستەقىللىقىنى چەكلەپ، ئۇلارنى ئاق ساراينىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىغا بويسۇندۇرماقتا[4-بەت].
بۇ خىل تۈزۈلمە ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرى پەقەت دۆلەت ئىچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى خەلقئارالىق خاراكتېرگە ئىگە بولماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇنياۋى تەرتىپنىڭ كاپالەتچىسى بولۇشتىن چېكىنىپ، ئۆزى قۇرۇپ چىققان كۆپ تەرەپلىمىلىك تۈزۈلمىنى بىر تەرەپلىمىلىك مەنپەئەتلەر ئاساسىدا قايتا تۈزۈشكە كىرىشكەن؛ بۇ ئەھۋال خىتاي ۋە باشقا رايون خاراكتېرلىك كۈچلەرگە گېئو-سىياسىي مەيدان بوشىتىپ بەرگەنلىك دېمەكتۇر [3-بەت]. تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ سىياسىي يۆنىلىشنىڭ نەتىجىسى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئامېرىكا تۈزۈلمىسىگە يەتكۈزگەن زىيىنى ئۇزۇن مەزگىللىك بولىدۇ، كېيىنكى ھۆكۈمەتلەر ئاجىزلاشقان تۈزۈلمە ۋە كېڭەيگەن ئىجرائىيە ھوقۇقىنىڭ مۇرەككەپ ئاقىۋەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ[7-بەت].
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، «ترامپىزم» نىڭ سىياسىي ئاساسى جەمئىيەتتىكى تۈزۈلمىگە بولغان چوڭقۇر نارازىلىققا تايىنىدۇ؛ 2024-يىللىق سايلامدا ترامپقا بېلەت تاشلىغان 77 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ كۆپىنچىسى ھازىرقى سىستېمىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، بۇ جەمئىيەتتىكى تۈزۈلمە خاراكتېرلىك يىمىرىلىشنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر[4-بەت]. 2026-يىلىغا كەلگەندە، فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى سىياسىيلاشتۇرۇش جەريانى تېزلەشگەن، سىياسىي پوزىتسىيەسى ئاق ساراي بىلەن ماسلاشمىغان كەسپىي خادىملارنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئىقتىدارىغا بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە[6-بەت].
2. ئېلېكتىر ئىستراتېگىيەسى ۋە خىتاينىڭ تېخنىكىلىق ئۈستۈنلىكى
دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، 21-ئەسىر ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى بولغان ئېلېكتىرونلۇق تېخنىكا زەنجىرىدە خىتاي مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ «ئېلېكتىر دۆلىتى» (Electrostate) غا ئايلىنىپ، باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %75 نى، ماگنىتلىق ماتېرىياللارنىڭ %90 نى كونترول قىلماقتا[10-بەت]. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولسا ئۆز ئىقتىسادىنى قېزىلما يېقىلغۇ ئېكسپورتىغا تاياندۇرۇپ، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشكە سۇسلۇق قىلماقتا، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆمۈر ۋە تەبىئىي گازنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى ئامېرىكانى يەر شارى خاراكتېرلىك يېڭى ئېنېرگىيە رىقابىتىدە ئارقىدا قالدۇرماقتا[10-بەت].
خىتاينىڭ تېخنىكىلىق جەلپكارلىقى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك تاللاش بولۇۋاتماقتا؛ خىتاينىڭ ئەرزان ۋە كۆلەملەشكەن ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى بېيجىڭنىڭ تېخنىكا ئۆلچەملىرىگە باغلىماقتا [11-بەت]. بۇ جەرياندا، ۋاشىنگتون دۇنياغا 20-ئەسىرنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى سېتىۋېلىشنى تەكلىپ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بېيجىڭ 21-ئەسىرنىڭ ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بىلەن بازارنى كونترول قىلماقتا [11-بەت].
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى رىقابەتمۇ ئېنېرگىيە بايلىقىغا تايىنىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى مودېللارنى كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىشتا زور ئەۋزەللىك ياراتتى. خىتاينىڭ ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشى ئامېرىكانىڭ 2.5 ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، بۇ فىزىكىلىق سىستېمىلارنىڭ رەقەملىك تېخنىكا بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنى تېزلەتتى [11-بەت].
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گەرچە سۈنئىي ئەقىلنىڭ يادرولۇق تەتقىقاتىدا ئالدىدا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان فىزىكىلىق سىستېمىلاردا خىتايغا تايىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. بۇ خىل بېقىنىشچانلىق ئۇزۇن مەزگىلدە ئامېرىكانىڭ تېخنىكا مۇستەقىللىقىغا ۋە گېئو-سىياسىي رىقابەت كۈچىگە جەڭ ئېلان قىلماقتا [11-بەت].
3. ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى گېئو-سىياسىي قايتا قۇرۇلۇش
دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى لاتىن ئامېرىكاسىدا «دونرو دوكترىنى» (The Donroe Doctrine) نامىدا بىر تەرەپلىمىلىك تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى قوللانماقتا؛ ۋېنېزۇئېلا پىرىزېدېنتى نىكولاس مادۇرونى ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق قولغا ئېلىش، بۇ دوكترىننىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى [13-بەت]. گەرچە مادۇرونى تەختتىن چۈشۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ۋېنېزۇئېلانىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئاپپاراتىدىكى كونا كۈچلەر يەنىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ بۇ دۆلەتگە بولغان ھەربىي بېقىنىشچانلىقى كۈچەيمەكتە [14-بەت].
ئامېرىكانىڭ كۇبا، نىكاراگۇئا، مېكسىكا ۋە كولومبىيەگە بولغان بېسىمى رايون خاراكتېرلىك كىرىزىسلارنىڭ پارتلىشىغا يول ئاچماقتا. ئامېرىكانىڭ نېفىت جازاسى كۇبا ئىقتىسادىنى تۇراقسىزلاشتۇرۇپ يېڭى كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى شەكىللەندۈرسە، مېكسىكىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە قارىتا بىر تەرەپلىمە ھەربىي زەربە تەھدىتى مېكسىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى [14-15-بەتلەر].
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا 2026-يىلىدا ھەم ئىچكى سىياسىي قۇتۇپلىشىش، ھەم رۇسىيەنىڭ ھىبرىد ھۇجۇملىرىنىڭ قوش بېسىمى ئاستىدا قالغان. ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوتتۇرا يولچى سىياسىي كۈچلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي بىرلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى [17-18-بەتلەر]. رۇسىيە بۇ سىياسىي بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، تور ھۇجۇملىرى، ئېنېرگىيە سىستېمىلىرىغا سۇيىقەست قىلىش ۋە سىياسىي سايلاملارغا دەخلى قىلىش ئارقىلىق، ياۋروپانىڭ ئىچكى مۇقىملىقىغا جەڭ ئېلان قىلماقتا [20-بەت].
ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ياۋروپانىڭ ئۇكرائىناغا بولغان ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلاشتۇر؛ ئۇ جەمئىيەتتە ۋەھىمە يارىتىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم ئىشلەتمەكتە [21-بەت]. 2026-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەگە تېخىمۇ ئاكتىپ جاۋاب قايتۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ بىۋاسىتە ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرماقتا [22-بەت].
ھەتتا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان تەقدىردىمۇ، رۇسىيەنىڭ ياۋروپانى تۇراقسىزلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى توختاپ قالمايدۇ؛ ياۋروپا كەلگۈسىدە تېخىمۇ مۇرەككەپ گېئو-سىياسىي خىرىسلارغا ۋە كۆچمەنلەر كىرىزىسىگە دۇچ كېلىدۇ [23-بەت]. بۇ ئەھۋال ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشىنى تەقەززا قىلماقتا.
4. دۆلەت كاپىتالىزمى ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىشى
دوكلاتتا تەھلىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «ئامېرىكاچە دۆلەت كاپىتالىزمى» شەكىللىنىپ، سىياسىي سادىقلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتكەن؛ بۇ كاپىتالنىڭ ناتوغرا تەقسىملىنىشىگە ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۇسلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ [25-26-بەتلەر]. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم شىركەتلەرگە پاي ھوقۇقى ئارقىلىق دەخلى قىلىشى، ئەركىن بازار ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىگە تۈپتىن زىتتۇر.
خىتاي ئىقتىسادى بولسا سىستېمىلىق بىر پۇل پاخاللىقىنىڭ ئەكسىچە چېكىنىش (Deflation) قىلتىقىغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە ئىچكى ئىستېمالنىڭ ئاجىزلىشىشى ئۆسۈش سۈرئىتىنى چەكلەپ قويغان [28-بەت]. شى جىنپىڭ ئىستېمالنى كۈچەيتىش ئورنىغا، داۋاملىق يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائەتكە مەبلەغ سالماقتا. بۇ خىل «بىخەتەرلىككە زىيادە ئەھمىيەت بېرىش» سىياسىتى خىتاي ئىقتىسادىنى ئۇزۇن مەزگىللىك تۇراقسىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ [29-بەت].
خىتاي ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەرزان باھادا ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنماقتا، بۇ بولسا غەرب دۆلەتلىرى بىلەن سودا توقۇنۇشىنى كەسكىنلەشتۈرمەكتە [29-بەت]. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى سودا بېجى سىياسىتىمۇ بىر تەرەپلىمىلىك خاراكتېر ئالدى. ترامپ سودا بېجىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ۋە سىياسىي تالاپەت تارتتۇرۇش قورالى قىلىپ ئىشلەتمەكتە. بۇ خىل ئېنىقسىزلىق دۇنيا سودا سىستېمىسىنى پارچىلىۋەتتى [35-بەت].
5. سۈنئىي ئىدراك ۋە بايلىق كىرىزىسىنىڭ پارتلاش نۇقتىلىرى
تېخنىكا ساھەسىدە، سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرىنىڭ پايدا قوغلىشىش بېسىمى ئاستىدا قوللانغان پىلانلىرى جەمئىيەتنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقى ۋە دېموكراتىك ئاساسىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە [31-بەت]. سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىنى پىروگراممىلاپ، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن بولۇپ، ئامېرىكادا بۇ ساھەدە نازارەتنىڭ بولماسلىقى يالغان ئۇچۇرلارنىڭ قۇتۇپلىشىشنى ئېغىرلاشتۇرۇشىغا يول ئاچتى [32-33-بەتلەر].
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۈنئىي ئىدراك كۆپۈكىنىڭ يېرىلىشى دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بېرىش ئېھتىماللىقىغا ئىگە. نۇرغۇن شىركەتلەر سۈنئىي ئىدراكقا غايەت زور مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئۇنىڭ پايدا قايتۇرۇش نىسبىتى كۈتكەندەك چىقمىسا، بازاردا ۋەيرانچىلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن [34-بەت]. بۇ خىل خەتەر پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىغا جەڭ ئېلان قىلماقتا.
سۇ بايلىقىنىڭ قوراللىشىشىمۇ بىر جىددىي خەتەر سۈپىتىدە تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، نىل ۋە ھىندۇس دەريالىرىدىكى سۇ قۇرۇلۇشلىرى رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇش پارتلاش خەۋپىنى ئاشۇرماقتا [37-38-بەتلەر]. خىتاينىڭ تىبەتتىكى غايەت زور سۇ قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئافرىقىنىڭ ساھېل رايونىدىكى سۇ كىرىزىسى گېئو-سىياسىي تۇراقسىزلىقنىڭ يېڭى مەنبەلىرىدۇر [39-بەت].
ئافرىقىنىڭ ساھېل رايونىدا سۇ كىرىزىسى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى كونترول قىلىشىغا يول ئاچتى. بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر سۇ كىرىزىسىنى ھەل قىلالمىسا، تېخىمۇ چوڭ تۇراقسىزلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن [39-بەت]. بۇ كىرىزىسلارنىڭ تەرەققىياتى يەر شارى بىخەتەرلىك سىستېمىسىغا قارىتا بېسىمنى كۈچەيتمەكتە.
خۇلاسىلىگەندە، 2026-يىلى دۇنيا بىر قاتار ئېنىقسىزلىقلارغا تولغان بۇرۇلۇش يىلى بولىدۇ. ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ رىقابىتى، سۈنئىي ئىدراك ئىنقىلابى ۋە بايلىق كىرىزىسى دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىللاردۇر [45-بەت]. بۇ خەتەرلەرنى چۈشىنىش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىراتېگىيەسىنى تۈزۈش خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈردۇر.
خۇلاسە
«ياۋروئاسىيا گۇرۇھى» نىڭ 2026-يىللىق دوكلاتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىكى گېئو-سىياسىي خەتەرلەرنى مۆلچەرلەشتە بىر قاتار ئاكادېمىك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. بىرىنچىدىن، دوكلات ئەنئەنىۋى سىياسىي ئانالىز بىلەن زامانىۋى تېخنىكىلىق (AI، ئېنېرگىيە زەنجىرى) ئامىللارنى سىستېمىلىق بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ پارچىلىنىشىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك نۇقتىدىن شەرھلەپ بەرگەن. ئىككىنچىدىن، دوكلاتتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىنى «سىستېماتىك ئىنقىلاب» سۈپىتىدە خاراكتېرلەندۈرۈشى، گېئو-سىياسىيدىكى ئاساسلىق تەھدىتنىڭ تاشقى كۈچلەرلا ئەمەس، بەلكى قۇرۇلمىۋى ئىچكى يىمىرىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئانالىز چوڭقۇرلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئاكادېمىك نۇقتىدىن قارىغاندا، دوكلاتنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى چەكلىمىلىرىگىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. بىرىنچىدىن، تەھلىل ئۇسلۇبىدا ئامېرىكانى مەركەز قىلىش كەيپىياتى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىي مېخانىزملىرىنىڭ مۇرەككەپلىكىگە بولغان باھا بىر قەدەر يۈزەكى بولۇپ قالغان. ئىككىنچىدىن، دوكلات خەلقئارالىق كىرىزىسلارنى تەسۋىرلەشتە بەزىدە ئوبيېكتىپ مۇقىملىق ئامىللىرىدىن بەكرەك، خەتەرنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى بەكرەك گەۋدىلەندۈرۈپ قويغان بولۇپ، خەلقئارالىق تۈزۈملەرنىڭ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا بولغان تەھلىل يېتەرلىك ئەمەس.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇ دوكلات 2026-يىلىدىكى يەر شارى خەۋپ-خەتەرلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن قىممەتلىك بىر خەرىتە بولۇپ، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە [45-بەت]. دوكلات كەلگۈسىدىكى ئېنىقسىزلىقلار ئالدىدا سىياسىي ئاڭ ۋە ئىستىراتېگىيەلىك تەييارلىقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.
دوكلات مەنبەسى:
Bremmer, Ian, and Cliff Kupchan. Eurasia Group Top Risks 2026. New York: Eurasia Group, 2026.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















