خىتاينىڭ بىرما ئىستراتېگىيەسى: «باشقۇرۇلىدىغان پارچىلىنىش» ۋە گېئو-سىياسىي مەنپەئەت

2025-يىلى 27-دېكابىر

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار

2021-يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، بىرما (مىيانمار) دا قۇرۇلما خاراكتېرلىك تۈپ ئۆزگىرىش ۋە سىياسىي پارچىلىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. نۆۋەتتە بىرمادىكى ئىچكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن زور كۆلەمدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى يۈز بەرمەكتە، تەخمىنەن 18 مىليون كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج بولۇپ، 3.5 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە ماكانلىرىدىن ئايرىلدى. بۇ جەرياندا، بىرمانىڭ ئەڭ مۇھىم قوشنىسى بولغان خىتاينىڭ بۇ دۆلەتكە قاراتقان دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى ئەنئەنىۋى «دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە پۈتۈنلۈكىنى ھۆرمەت قىلىش» پىرىنسىپىدىن ھالقىپ، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ۋە مۇرەككەپ بولغان «باشقۇرۇلىدىغان پارچىلىنىش» (Managed Fragmentation) ئەندىزىسىگە ئۆتتى. تۆۋەندە بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ كونكرېت قاتلاملىرى ئانالىز قىلىنىدۇ.

1. سىياسىي پارچىلىنىشنى ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش

2021-يىلىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇرۇن، خىتاي بېرمىدا مۇقىم مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بولۇشىنى ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دەپ قارايتتى ۋە بۇنى قوللايتتى. ئەمما نۆۋەتتە، بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت زېمىنىنىڭ %50 تىن كۆپرەكىدە ئەمەلىي كونتروللۇقنى يوقىتىشى، بولۇپمۇ «1027-ھەرىكىتى» (Operation 1027) نەتىجىسىدە شىمالىي شان ئىشتاتى قاتارلىق خىتاي بىلەن چېگرالىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم رايونلارنىڭ مىللىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولدى. خىتاي تەھلىلچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بىرمانىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە قايتىدىن بىرلىككە كېلىشى ناتايىن بولۇپ، بېيجىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق تاللاش – بۇ «قالايمىقانچىلىق»تىن ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھالدا پايدىلىنىش ۋە بۇ پارچىلىنىش ئىچىدە ئۆزىنىڭ تەسىرى ۋە  رولىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت.

بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ يادروسى تەڭپۇڭلۇق ساقلاش بولۇپ، خىتاي بىر تەرەپتىن ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ پۈتۈنلەي يىمىرىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. چۈنكى ھەربىي ھاكىمىيەت يىقىلسا، ئورنىغا غەرب دۇنياسىنىڭ (بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ) قوللىشىغا ئېرىشكەن «مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى» (NUG) كېلىشى مۇمكىن، بۇ بېيجىڭنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىگە زور تەھدىت دەپ قارىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىتاي خەلقئارا سەھنىدە ھەربىي ھاكىمىيەتنى دىپلوماتىك جەھەتتىن قوغدايدۇ، ئۇلارنى قورال-ياراغ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە ئىقتىسادىي ياردەمنى ئۈزۈپ قويماي تۇرىدۇ. خىتاينىڭ مەقسىتى ھەربىي ھاكىمىيەتنى ھاكىمىيەت بېشىدا ساقلاپ قېلىش، ئەمما ئۇنىڭ مۇتلەق كۈچىيىپ كېتىپ، خىتاينىڭ ئالقىنىنىڭ ئاستىدىن قۇتۇلۇپ كېتىشىگىمۇ يول قويماسلىقتۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ئۆزىنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي كارىدورلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، «ۋا بىرلەشمە ئارمىيەسى» (UWSA) ۋە «ئاراكان ئارمىيەسى» (AA) قاتارلىق كۈچلۈك مىللىي قوراللىق تەشكىلاتلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدۇ. بۇ ئۆكتىچى  قوراللىق كۈچلەر  ھەرىكەت داۋامىدا خىتاينىڭ  تېلېگراف تورى، خىتاي پۇلى ۋە بانكا سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تولۇق بېقىنىپ قالغان. خىتاي بۇ بېقىندىلىقتىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر قوراللىق كۈچلەرنى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈرلىرىگە زىيان يەتكۈزمەسلىككە مەجبۇرلايدۇ، ھەتتا بەزى ھاللاردا مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىشتە ئاستىرىتتىن قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ.

نەتىجىدە، خىتاي بىرما زېمىنىدا ھەم «قانۇنلۇق ھۆكۈمەت» بىلەن، ھەم «ئەمەلىي ھاكىمىيەتلەر» بىلەن تەڭلا ئالاقە قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنى ۋەزىيەتنىڭ بىردىنبىر باشقۇرغۇچىسىغا ئايلاندۇرماقتا. بۇ خىل «پارچىلىنىشنى باشقۇرۇش» مېخانىزمى، بىرما ئىچىدىكى ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ خىتايغا قارشى چىقالايدىغان دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. خىتاي بۇ ئارقىلىق، بېرمىدا تىنچلىق ئورنىتىشتىن كۆرە، تەرەپلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان بېقىنىشچانلىقىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم دەپ بىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

2. گېئو-ئىقتىسادىي مەنپەئەت: بايلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يول

خىتاينىڭ بىرمادىكى سىياسىي ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈپ ئاساسى ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تۇتىشىدۇ. بېيجىڭنىڭ بۇ دۆلەتتىكى مەۋجۇتلۇقى پەقەت قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تېخنىكا رىقابىتى ۋە ئېنېرگىيە يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى لىنىيەسىدىكى «خىتاي-مىيانمار ئىقتىسادىي كارىدورى» (CMEC) بۇ نىشاننىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

بۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ بىرىنچى ھالقىسى «سىيرەك مەدەنلەر» (Rare Earth Elements) مەسىلىسىدۇر. خىتاي گەرچە يەر شارى تەمىناتىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما ئالىي دەرىجىلىك ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، ئېلېكتىرونلۇق ماشىنىلار ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان «دىسپروزىي» ۋە «تېربىي» قاتارلىق ئېغىر سىيرەك مېتال رۇدىسىنى ئاساسەن بىرمادىن ئىمپورت قىلىدۇ. 2023-يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ئىمپورت قىلغان بۇ خىل رۇدىلارنىڭ %90 تىن كۆپرەكى بىرمانىڭ شىمالىدىكى قوراللىق كۈچلەر كونتروللۇقىدىكى رايونلاردىن كەلگەن بولۇپ، بۇ خىتاي سانائىتى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىككىنچى مۇھىم نۇقتا بولسا «مالاككا بوغۇزى قىيىنچىلىقى»نى ھەل قىلىش ئىستراتېگىيەسىدۇر. خىتاي نېفىت ئىمپورتىنىڭ %80ىنى ۋە دېڭىز سودىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تار ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن كاشال بولغان مالاككا بوغۇزى ئارقىلىق توشۇيدۇ. ئەگەر كەلگۈسىدە تەيۋەن بوغۇزىدا ياكى جەنۇبىي دېڭىزدا توقۇنۇش يۈز بەرسە، ئامېرىكا ياكى باشقا رەقىب كۈچلەرنىڭ بۇ بوغۇزنى قامال قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. شۇڭلاشقا، بېيجىڭ بىرمانى ھىندى ئوكيانغا بىۋاسىتە چىقىدىغان، مالاككا بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان بىر «يانغىن پەلەمپىيى» سۈپىتىدە كۆرىدۇ.

بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ كونكرېت ئىپادىسى سۈپىتىدە، خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىن باشلىنىپ بىرما زېمىنىنى كېسىپ ئۆتىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى ھەمدە كياۋكپيۇ (Kyaukphyu) چوڭقۇر سۇ پورتى قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. كياۋكپيۇ پورتى تۈرىدە خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىسى CITIC %70 پايغا ۋە 50 يىللىق تىجارەت ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، قالغان %30 پاي ئۈچۈن بىرما تەرەپ چىقىرىدىغان مەبلەغمۇ خىتاي بانكىلىرىدىن يۇقىرى ئۆسۈمدە قەرزگە ئېلىنغان. بۇ خىل «قەرز تۇزىقى» خاراكتېرىدىكى كېلىشىم، بىرمانى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا مەھكەم باغلاپ قويغان.

بۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاي يەرلىك قوراللىق كۈچلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىدۇ. مەسىلەن، گەرچە كياۋكپيۇ پورتى ۋە تۇرۇبا يوللىرى ئاراكان ئارمىيەسى (AA) قاتارلىق ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىدە بولسىمۇ، خىتاي بۇ گۇرۇپپىلارنى مەزكۇر تۈرلەرگە ھۇجۇم قىلماسلىققا كۆندۈرگەن. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ قوراللىق گۇرۇپپىلار خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات ۋەدىلىرىگە تايىنىدىغان بولۇپ، خىتاي مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «ھاياتلىق يولى»نى كەسمەسلىكنى تاللىغان.

3. كۆپ قاتلاملىق دىپلوماتىيە ۋە بىيۇروكراتىك مېخانىزم

خىتاينىڭ بىرمادىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى باشقۇرۇشىدا، مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىق ۋەزىپە تەقسىماتى ۋە كۆپ قاتلاملىق دىپلوماتىيە مېخانىزمى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بېيجىڭنىڭ بۇ ئۇسۇلى، بىر دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشىمىغان گۇرۇھلار بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەرگەن. بىرىنچى قاتلامدا، بېيجىڭدىكى مەركىزىي ئورگانلار، جۈملىدىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى (MFA) ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى (PLA)، بىرمانىڭ پايتەختى نەيبىدۇدىكى ھەربىي ھاكىمىيەت رەھبەرلىرى بىلەن رەسمىي، دۆلەت دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ.

بۇ مەركىزىي قاتلام دىپلوماتىيەنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى – ھەربىي ھاكىمىيەتنى خەلقئارالىق سورۇنلاردا قوللاش ۋە چوڭ تىپتىكى ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا قانۇنىي ئاساس يارىتىشتىن ئىبارەت. ئۇلار «لەنساڭ-مېكوڭ ھەمكارلىقى» قاتارلىق رايونلۇق تەشكىلات دەرىجىلىك كېلىشىملەر ئىمزالاپ، خىتاي دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بىرمادىكى مەۋجۇتلۇقىنى قانۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق خىتاي بىرما ھۆكۈمىتىگە سىياسىي جەھەتتىن مەدەت بېرىپ، غەربنىڭ جازالىرىغا قارشى قالقان رولىنى ئوينايدۇ.

ئىككىنچى قاتلامدا، يۈننەن ئۆلكىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى چېگرا رايونلىرىدىكى «ئەمەلىي دىپلوماتىيە»گە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ يەرلىك ئورگانلار بېيجىڭدىكى دىپلوماتلاردىن پەرقلىق ھالدا، مىللىي قوراللىق تەشكىلاتلار بىلەن بىۋاسىتە ۋە كۈندىلىك ئالاقىدە بولىدۇ. ئۇلار ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىملىرىگە ۋاسىتىچىلىك قىلىدۇ، چېگرا سودىسىنى باشقۇرىدۇ ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا توك، سۇ، ئىنتېرنېت ياكى ئەشيا تەمىناتىنى ئۈزۈپ قويۇش ئارقىلىق بۇ قوراللىق كۈچلەرگە بېسىم ئىشلىتىدۇ. بۇ خىل يەرلىك مېخانىزم خىتايغا ۋەزىيەتنى مىكرو سەۋىيەدە كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى بېرىدۇ.

ئۈچىنچى قاتلامدا، يېقىنقى مەزگىللەردە يېڭى بىر يۈزلىنىش سۈپىتىدە خۇسۇسىي بىخەتەرلىك شىركەتلىرىنىڭ رولى كۈچەيمەكتە. ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ئۆزىنىڭ تۈرلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بىرماغا بىرلەشمە بىخەتەرلىك شىركەتلىرىنى كىرگۈزۈشكە باشلىدى. بۇ شىركەتلەر ھازىر كياۋكپيۇ پورتى ۋە مۇسې چېگرا رايونى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ بىرمادىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ «قوراللىق» تۈس ئېلىشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئۈچ قاتلاملىق قۇرۇلما خىتاينىڭ بىرما سىياسىتىنىڭ جانلىقلىقى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

4. 2025-يىللىق سايلام ۋە ھاكىمىيەتنىڭ قېلىپلىشىشى

خىتاي 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان بىرما سايلىمىنى دېموكراتىك ئۆزگىرىش جەريانى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى رەسمىيلەشتۈرۈش پۇرسىتى دەپ قارىماقتا. گەرچە غەرب كۆزەتكۈچىلىرى ۋە يەرلىك ئۆكتىچىلەر بۇ سايلامنىڭ ئادىل ۋە ئەركىن بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، خىتاي بۇ جەرياننى ئاكتىپ قوللاشنى تاللىدى. بېيجىڭنىڭ نەزىرىدە، «سايلام» ئارقىلىق ھەربىي فورمىنى سېلىۋېتىپ، كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن، ئەمما يەنىلا ھەربىيلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى بىر ھۆكۈمەتنىڭ بارلىققا كېلىشى، خەلقئارالىق بېسىمنى يېنىكلىتىش ۋە ئىچكى ۋەزىيەتنى مەلۇم دەرىجىدە تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

خىتاينىڭ پىلانى بويىچە، سايلامدىن كېيىن نۆۋەتتىكى ھەربىي ھاكىمىيەت رەھبىرى مىن ئاڭ خىلايڭنىڭ ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قېلىشى، ئەمما ھوقۇقنىڭ يەككە شەخسنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى بىر گۇرۇپپا يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار ئارىسىدا تەقسىم قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بېيجىڭ بۇ ئارقىلىق بېرمىدا ھېچقانداق بىر رەھبەرنىڭ مۇتلەق ھوقۇققا ئىگە بولۇۋالماسلىقىنى، نەتىجىدە خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىدىغان «كۈچلۈك شەخس»نىڭ پەيدا بولماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى. خىتاي ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ۋەزىيەت – بىر-بىرىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان كوللېكتىپ ھەربىي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدۇر.

بۇ سايلام يەنە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تۈرلىرى ئۈچۈن قانۇنىي مۇقىملىق يارىتىپ بېرىدۇ. ھەربىي بۇيرۇقلار ھاكىمىيەت ئالمىشىش بىلەن ئاسانلا بىكار قىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما «سايلانغان پارلامېنت» تەستىقلىغان توختاملار خەلقئارا قانۇن رامكىسىدا ۋە دۆلەت ئىچى قانۇنلىرىدا تېخىمۇ كۈچلۈك قوغدىلىشقا ئىگە بولىدۇ. شۇڭلاشقا، خىتاي سايلامنى پەقەت سىياسىي جەريانلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلىغىنى قوغدايدىغان «قانۇنىي قالقان» ياساش قۇرۇلۇشى دەپ قارايدۇ.

5. غەرب بوشلۇقى ۋە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكى

خىتاينىڭ بېرمىدا بۇنداق چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىدا، غەرب دۇنياسىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندا قالدۇرغان گېئو-سىياسىي بوشلۇقى مۇھىم ئامىل بولدى. 2021-يىلىدىكى ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش ۋە دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. غەربنىڭ بىرمادىكى دېموكراتىك كۈچلەرگە، جۈملىدىن «مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى» (NUG) گە بەرگەن ياردىمى كۆپىنچە سۆز بىلەن چەكلىنىپ، ئەمەلىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك قوللاش يېتەرسىز بولدى. بۇ خىل پاسسىپلىق خىتايغا رايوندىكى تەسىر كۈچىنى توسالغۇسىز كېڭەيتىش ئۈچۈن ئالتۇندەك پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئېغىر كىرىزىسقا پېتىپ قالغان بولۇپ، پۇل پاخاللىقى ۋە خەلقئارا پېرېۋوت يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ئېغىرلاشقان. ئامېرىكا تەرىپىدىن بىرما مەركىزىي بانكىسىنىڭ مەبلىغىنىڭ توڭلىتىلىشى ھەربىي ھاكىمىيەتنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تايانچىغا ئايلاندى. خىتاي پۇلى (يۈەن) نىڭ بىرما سودىسىدىكى رولىنىڭ ئېشىشى ۋە خىتاي بانكىلىرىنىڭ ھەربىي ھۆكۈمەتكە مالىيە يوللىرىنى ئېچىپ بېرىشى، غەرب جازالىرىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتتى.

سىياسىي جەھەتتە، خىتاي ئۆزىنىڭ «غەربكە قارشى» تۇرۇش مەيدانىدىن چىقىپ، دېموكراتىك كۈچلەر ۋەكىلى بولغان NUG نى سىستېمىلىق ھالدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتىن چەتتە قالدۇرۇپ كەلدى. خىتاي چېگرا رايونلاردىكى مىللىي قوراللىق كۈچلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ NUG بىلەن ھەمكارلىشىشىنى چەكلىدى ۋە ئۇلارنى ھەربىي ھاكىمىيەت بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئۈندىدى. خىتاينىڭ نەزىرىدە، غەرب قىممەت قارىشىدىكى دېموكراتىك بىر تۈزۈمنىڭ بېرمىدا ئورنىتىلىشى، خىتاينىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا ئامېرىكانىڭ تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا بېيجىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

ئاخىرىدا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ساھەسىدىمۇ خىتاي غەربتىن بىر قەدەم ئىلگىرىلىدى. 2025-يىلىدىكى تەبىئىي ئاپەتلەر، جۈملىدىن يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندە، غەرب ئەللىرى  يۈرگۈزۈۋاتقان جازالار تۈپەيلى  ۋە ئەشيا ئوبوروتى قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ياردەم بېرىشتە ئاستا ھەرىكەت قىلدى. ئەكسىچە، خىتاي دەرھال ياردەم ئەترەتلىرىنى ۋە بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىپ، ئاپەت رايونلىرىدا «يۇمشاق كۈچ»ىنى نامايان قىلدى. بۇ خىل ئەمەلىي ھەرىكەتلەر، يەرلىك خەلق ۋە ھاكىمىيەت قاتلىمىدا خىتاينىڭ ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. نەتىجىدە، غەربنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سەل قارىشى خىتاينىڭ بىرمانى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە تولۇق كىرگۈزۈۋېلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى.

پايدىلانغان مەنبەلەر

Thiha, A. (2025, December 26). How China Carved Up Myanmar: Beijing’s Strategy to Create Stability Through Dependence. Foreign Affairs. https://www.foreignaffairs.com/asia/how-china-carved-myanmar

Swift, D., & Turnell, S. (2025, September 30). The Chance to Save Myanmar: U.S. Economic Tools Can Counter Both the Junta and China. Foreign Affairs. https://www.foreignaffairs.com/china/chance-save-myanmar

Hein, Y. M. (2025, April 17). China’s Double Game in Myanmar: How Beijing Is Manipulating Civil Conflict to Secure Regional Dominance. Foreign Affairs. https://www.foreignaffairs.com/china/chinas-double-game-myanmar

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*