«كۈرەش سەنئىتى» ۋە چوڭ كۈچلەر رىقابىتى

2025-يىلى 20-دېكابىر

خىتاينىڭ «ترامپ 2.0» دەۋرىدىكى سىياسىي ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە مۇلاھىزە

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار

ياۋروپادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق خىتاي ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (MERICS) نىڭ ئالىي ئانالىزچىسى كىلاۋۇس سوڭ (Claus Soong) تەرىپىدىن 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىنغان «كۈرەش سەنئىتى ۋە چوڭ كۈچلەر رىقابىتى: بېيجىڭنىڭ ترامپ 2.0 غا تۇتقان پوزىتسىيەسى» ناملىق ماقالە، نۆۋەتتىكى خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەتنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش (ترامپ 2.0) دەۋرىدىكى خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى تونۇپ يېتىشتە ئىنتايىن يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. مەزكۇر ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە «پىراگماتىك بىيۇروكراتلىق» بىلەن «مۇستەھكەم دۆلەت ئىدىئولوگىيە»سىنى قانداق بىرلەشتۈرۈپ، مۇرەككەپ رىقابەت ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ بېرىلگەن بولۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن بېيجىڭنىڭ كەلگۈسى قەدەملىرىنى مۆلچەرلەشتە مۇھىم ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

دونالد ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىشى بىلەن باشلانغان «ترامپ 2.0» دەۋرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاشىنگتونغا قارىتا قوللانغان سىياسىي ئاھاڭى ۋە تاكتىكىسىدا كۆرۈنەرلىك  مۇرەككەپلىك ۋە قوش يۈزلىمىلىك شەكىللەندى. ماقالىدە تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگىنىدەك، خىتاينىڭ دىپلوماتىك باياناتلىرىدا قارشىلىشىش بىلەن ھەمكارلىق بىرلا ۋاقىتتا، ھەتتا بىر جۈملىنىڭ ئىچىدە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. مەسىلەن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بىر تەرەپتىن «خىتاي ئامېرىكا بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا تەييار» دەپ جاكارلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن دەرھاللا خەلقئارا تاراتقۇلارغا «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ» دەپ ئەسكەرتىدۇ. سىرتتىن قارىغاندا زىتلىقتەك كۆرۈنىدىغان بۇ خىل بايانلار، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئۆزىنى ئامېرىكا بىلەن تەڭ ئورۇندىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ ۋە شى جىنپىڭنىڭ «شەرقنىڭ يۈكسىلىشى، غەربنىڭ چېكىنىشى»[1] دېگەن ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىدۇر. يەنى، خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇقىملىقنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىشتىن ۋە توقۇنۇشۇشتىن قورقمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىشقا تىرىشماقتا.

خىتاينىڭ بۇ خىل «يۇمشاق» ۋە «قاتتىق» تاكتىكىلارنى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشىدىكى تۈپ مەقسەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن، شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىلەن بولغان تۇنجى ئۇچرىشىشىغا ھەمراھ بولغان ئەمەلدارلار تەركىبىنى ئانالىز قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئاپتورنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، ئىجرائىيە مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جاۋشۈ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭ، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې ۋە سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇ شەخسلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد، سودا ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى «ئەمەلىيەتچىل بىيۇروكراتىك لوگىكىسى» غا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىلا، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان كونكرېت مەسىلىلەردە، مەسىلەن، تاموژنا بېجى، تېخنىكا چەكلىمىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى قاتارلىق ساھەلەردە «سودىلىشىش» (Transactional) ۋە ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيە تۇتۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئەمەلدارلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەركىبى، خىتاينىڭ ترامپنىڭ سودىگەرچە خاراكتېرىگە ماسلىشىپ، مەلۇم دەرىجىدە جانلىق سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ، «TikTok» قا ئوخشاش نىسبەتەن تۆۋەن دەرىجىلىك مەسىلىلەردە مەلۇم دەرىجىدە يول قويۇش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە چوڭ ۋەيرانچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بىراق، مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدىكى ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئەزا شى جىنپىڭنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان سەي چى بولۇپ ، ئۇ مەزكۇر  ماقالىدە تەھلىل قىلىنىدىغان يادرولۇق نۇقتا. سەي چى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەتتە ئەزاسىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ خىتايدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئەمەلدارلارنىڭ بىرى ۋە شى جىنپىڭدىن قالسىلا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك شەخس ھېسابلىنىدۇ. ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ بىرىنچى باشلىقى ۋە مەركىزىي كومىتېت باش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەمەلىيەتتە پارتىيە ئىچىدە شى جىنپىڭنىڭ «باش ئىشتاب باشلىقى» رولىنى ئوينايدۇ ۋە سادىقلىقتا سىناقتىن ئۆتكەن شەخس دەپ قارىلىدۇ. ئادەتتە تاشقى سىياسەت سەھنىسىدە كۆپ كۆرۈلمەيدىغان، ئەكسىچە پارتىيە تەشكىلاتى، ئىنتىزام، ئىدىئولوگىيە ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان سەي چىنىڭ بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىچىدە  بولۇشى، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ پەقەت ھۆكۈمەت بىيۇروكراتلىرى تەرىپىدىنلا ئەمەس، بەلكى پارتىيەنىڭ ئىدىيولوگىيە يادروسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سەي چىنىڭ رولى شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە-دۆلەت ئاپپاراتى ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن بەزى مەسىلىلەردە مۇداپىئە خاراكتېرلىك پوزىتسىيە تۇتسا، يەنە بەزى مەسىلىلەردە ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قارىتا تېخىمۇ ھۇجۇمچان سىياسەتلەرنى ۋە قوراللارنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

خىتاينىڭ ترامپنىڭ بىرىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىلەن ئىككىنچى مۇددىتىگە بولغان مۇئامىلىسىدىكى پەرقلەر، بېيجىڭنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ماقالىدە تەكىتلەنگەندەك، ترامپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدە، خىتاي «بىرىنچى باسقۇچلۇق» سودا كېلىشىمى قاتارلىق زور يول قويۇشلارغا مەجبۇر بولغان ۋە ئامېرىكىدىن مىلياردلارچە دوللارلىق مەھسۇلات سېتىۋېلىشقا ۋەدە بەرگەنىدى. بىراق بۈگۈنكى كۈندە، شى جىنپىڭ ئۆز ھوقۇقىنى تولۇق مۇستەھكەملىدى ۋە بېيجىڭدىكى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ترامپنىڭ مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىگە قارشى تۇرۇشتا تېخىمۇ دادىللاشتى. بۇنىڭ ئەڭ روشەن مىسالى سۈپىتىدە، خىتاينىڭ سىيرەك توپا مەدەنلەرنى (Rare-earth) ئېكسپورت قىلىشنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ پەقەت مۇداپىئە كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا قارشى «قايتۇرما زەربە» بېرىش ئىقتىدارىغا ۋە ئىرادىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. خىتاي تەھلىلچىلىرى بۇ خىل مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى «كۈرەش قىلىش، ئەمما مۇناسىۋەتنى بۇزۇۋەتمەسلىك» (斗而不破) دەپ تەرىپلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئىبارە رىقابەتنىڭ مۇقەررەرلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقنى، مۇناسىۋەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغۇدەك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

ماقالىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئاپتور بىر مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ،يەنى، خىتاي ترامپنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن، ئەمدى ئىككى تەرەپلىك كۈنتەرتىپنى بەلگىلەشتە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينامدۇ-يوق؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدىگەن. شى جىنپىڭنىڭ 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى بۇ جەھەتتە بەزى مۇھىم ئىشارەتلەرنى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. بېيجىڭ ئېلان قىلغان سۆھبەت خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ ترامپقا «تەيۋەننىڭ خىتايغا قايتىپ كېلىشى ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى» دەپ تەكىتلىگەن[2]. بۇ جۈملە، خىتاينىڭ پەقەت ئىنكاس قايتۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئۆزىنىڭ سىياسىي كۈنتەرتىپىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،  خىتاينىڭ بۇ يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى2026-يىلى 4-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان شى جىنپىڭ بىلەن ترامپنىڭ كېلەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، كىلاۋۇس سوڭنىڭ بۇ ماقالىسى خىتاينىڭ «ترامپ 2.0» دەۋرىدىكى مۇرەككەپ ۋە كۆپ قاتلاملىق ئىستراتېگىيەسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك ئىلمىي كۆزنەك بىلەن تەمىنلىگەن.ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى «شەخسلەر ئامىلى» غا، بولۇپمۇ سەي چى قاتارلىق ئىدىيولوگىيە ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا مەسئۇل ئەمەلدارلارنىڭ دىپلوماتىيەگە ئارىلىشىشىنى ئالاھىدە تەھلىل قىلىش بىلەن، كۆپىنچە غەرب تەھلىلچىلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان نۇقتىنى تۇتۇۋالغان. شۇنداقلا، خىتاينىڭ «يۇمشاق» (بىيۇروكراتىك ھەمكارلىق) ۋە «قاتتىق» (ئىدىيولوگىيەلىك كۈرەش) ۋاسىتىلەرنى قانداق بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ بەرگەن. ھالبۇكى، ماقالىدە مەلۇم دەرىجىدە تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان تەرەپلەرمۇ يوق ئەمەس؛ مەسىلەن، ماقالە ئاساسلىقى خىتاينىڭ نۇقتىئىنەزەرى ۋە ھەرىكىتىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ، بولۇپمۇ ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى «قاتتىق قوللار» نىڭ خىتاينىڭ بۇ خىل تاكتىكىسىغا قارىتا قانداق قايتۇرما زەربە بېرىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە يېتەرلىك توختالمىغان. شۇنداقلا، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىچكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنىڭ (مەسىلەن، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى، ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى ۋە قېرىلىشىش مەسىلىسى) ئۇنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى «قاتتىق قوللۇق» ئىقتىدارىنى ئەمەلىيەتتە قانچىلىك دەرىجىدە چەكلەپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇشمۇ مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئامىل. شۇنداقتىمۇ، مەزكۇر ئەسەر ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلىرى ئۈچۈن خىتاينىڭ پىلانلىرى ۋە تاكتىكىلىق ئۆزگىرىشلىرىنى چۈشىنىشتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم مەنبە ھېسابلىنىدۇ.

ئىزاھاتلار:

[1] بۇ يەردە شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەشھۇر ھۆكۈمى «شەرق شامىلى غەرب شامىلىنى بېسىپ چۈشىدۇ» ياكى «شەرقنىڭ يۈكسىلىشى، غەربنىڭ چېكىنىشى» (Dong sheng xi jiang) نەزەردە تۇتۇلغان بولۇپ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ دۇنياۋى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

[2] «تەيۋەننىڭ خىتايغا قايتىپ كېلىشى» دېگەن ئىبارە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنى «ئۇرۇشتىن كېيىنكى (يەنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى) خەلقئارا تەرتىپ» نىڭ بىر قىسمى دەپ داۋا قىلىشى، خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە تارىخنى ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ قايتا ئىزاھلاشقا (Revisionism) ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مەنبە ماقالە:

Soong, C. (2025, December 17). Art of the struggle meets great power competition: Beijing’s approach to Trump 2.0. MERICS. https://merics.org/en/comment/art-struggle-meets-great-power-competition-beijings-approach-trump-20

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*