ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
قىسقىچە مەزمۇنى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا كۆرۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ كۆپىيىشى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار، رايوننىڭ تەرەققىيات جەريانىغا ئائىت رەسمىي بايانلارنىڭ مەركىزىدە تۇرماقتا. «سەھەر گېزىتى» نىڭ 2026-يىلى مارتتا ئېلان قىلغان «چېگرادىن ئىشقا ئورۇنلىشىش مەركىزىگە: شىنجاڭدا ياشلار پۇرسەت ۋە ئەندىشىنى بىللە باشتىن كەچۈرمەكتە» ناملىق خەۋىرى بۇ بايانلارنىڭ تىپىك بىر ئۈلگىسىدۇر (زاۋباۋ، 2026). [1]مەزكۇر تېكىست بىر تەرەپتىن ياشلارنىڭ ئىش تېپىشىدىكى قولايلىقنى ۋە رايوننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن نوپۇس كۆچۈرۈش، كۈچىيىۋاتقان رىقابەت ۋە كەسىپ ساھەسىدىكى ئېنىقسىزلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگىمۇ قىسمەن ئورۇن ئاجراتقان. بۇنىڭغا قارشى، بۇ بايانلارنىڭ مەركىزىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ باشتىن كەچۈرۈۋاتقان قۇرۇلمىلىق كەچۈرمىشلىرى يا يۈزەكى تىلغا ئېلىنغان ياكى پۈتۈنلەي كۆرۈنمەس قىلىنغان. بۇ ماقالە مەزكۇر تەشۋىقاتتىن ھالقىپ، ئىقتىسادىي ئېشىش بىلەن مىللىي تەڭسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سىياسىي ئىقتىساد، مەدەنىيەت كاپىتالى نەزەرىيەسى ۋە ئېتنىك رىقابەت قارىشىدىن ئىبارەت ئۈچ نەزەرىيىۋى نۇقتىدىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن رامكا ئىچىدە ئانالىز قىلىدۇ. ماقالىدىن چىققان يەكۈن شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئىقتىسادىي ئېشىش بىر خىل شەكىلدىكى پاراۋانلىق پەيدا قىلالمايدۇ، ئەكسىچە، ئېتنىك ئاساستىكى بايلىق تەقسىماتى، تىل جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق، ئورگانلارنىڭ تاللىمىچىلىقى ۋە ئىجتىمائىي قاتلاملار ئارا يۆتكىلىشنىڭ چەكلىك بولۇشى قاتارلىق تۈزۈلمىۋى نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ماقالىدە «ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ كۆپىيىشى» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنىڭ ھەم ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشنى، ھەم بۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان تەڭسىز كەچۈرمىشلەرنى قانداق يوشۇرغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان، تەرەققىيات «مۇۋەپپەقىيىتى» ياكى چەتكە قېقىلغان رايون دەپلا قارالماستىن، كۆپ قاتلاملىق بىر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ماكانى سۈپىتىدە تەھلىل قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق ئۇقۇملار: شەرقىي تۈركىستان، ئىشقا ئورۇنلىشىش بايانى، مىللىي تەڭسىزلىك، ئۇيغۇر ياشلار، مەدەنىيەت كاپىتالى، بايان ئانالىزى، سىياسىي ئىقتىساد.
- كىرىش سۆز
خىتايدا ئومۇملىشىۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرىزىسقا دائىر خەۋەرلەر، يېقىنقى مەزگىللەردە بىر قىسىم رايون خاراكتېرلىك بايانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا زېمىن ھازىرلىماقتا. بۇ نۇقتىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نىسپىي جەھەتتىن قولايلىق بىر ئىش پۇرسىتى مەيدانى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار بارغانچە گەۋدىلەنمەكتە. «زاۋباۋ» (Zaobao) نىڭ 2026-يىلى 19-مارتتىكى خەۋىرى بۇ بايانلارنىڭ تىپىك بىر ئۈلگىسىدۇر. «چېگرادىن ئىشقا ئورۇنلىشىش قىزىق نۇقتىسىغا: شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ پۇرسىتى ۋە ئەندىشىسى بىللە مەۋجۇت» سەرلەۋھىلىك بۇ خەۋەرنى «چېگرادىن ئىشقا ئورۇنلىشىش مەركىزىگە: شىنجاڭدا ياشلار پۇرسەت ۋە ئەندىشىنى بىللە باشتىن كەچۈرمەكتە» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ (زاۋباۋ، 2026). مەزكۇر تېكىستتە ياشلارنىڭ رايوندا ئاسانلا ئىش تاپالايدىغانلىقى، رايوننىڭ كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي جەلپكارلىقى سەۋەبىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ياش نوپۇسنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ كۆپ خىللاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەۋەردە رىقابەتنىڭ كۈچىيىشى، تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى ۋە خىزمەت تېپىش ئەندىشىلىرىگىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلىپ، قىسمەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ئەھۋاللار تىلغا ئېلىنىدۇ. بىراق، بۇ بايانلار ئۈستىدە سىستېمىلىق تەھلىل ئېلىپ بېرىلغاندا مۇنداق مۇھىم بىر بوشلۇقنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئوخشاش بىر ئىش بازىرىدىكى كەچۈرمىشلىرى تېكىست ئىچىدە ئىنتايىن چەكلىك ئورۇن ئالغان. بۇ بوشلۇق دەل بۇ ماقالىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. چۈنكى ئىقتىسادىي ئېشىش سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ كۆپىيىش رەقەملىرىنىڭ ئۆزىلا بۇ ئېشىشنىڭ قايسى گۇرۇپپىلار يەنى مىللەتلەر ئارىسىدا ۋە قانداق تەقسىم قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
بۇ ماقالە مەزكۇر خەۋەر تېكىستىنى بىرىنچى قول بايان ماتېرىيالى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ئۈچ ئاساسلىق سوئالغا جاۋاب ئىزدەشنى مەقسەت قىلىدۇ: بىرىنچىدىن، ئىقتىسادىي ئېشىش مىللەتلەر ئارىسىدا قانداق تەقسىم قىلىنماقتا؟ ئىككىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ كۆپىيىشى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار تۈزۈلمىۋى تەڭسىزلىكلەرنى يوشۇرۇش ياكى نورماللاشتۇرۇش رولىنى ئويناۋاتامدۇ؟ ئۈچىنچىدىن، تىل سىياسىتى، مائارىپ سىستېمىسى ۋە بىخەتەرلىك تۈزۈملىرى خىزمەت ياكى ئەمگەك بازىرىنى قانداق شەكىللەندۈرمەكتە؟
بۇ سوئاللار پەقەت ئىلمىي سوئاللارلا بولۇپ قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتتىنمۇ بەلگىلىگۈچى ئەھمىيەتكە ئىگە. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا دائىر بايانلار ۋە خەۋەرلەر، كىملىك سىياسىتىنىڭ كېسىشكەن تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە ئانالىز تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ماقالە مەزكۇر تېكىستكە پەقەت تەرەققىياتقا دائىر بايان سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بەلگىلىك بىر ئىجتىمائىي تەرتىپنى قانۇنلاشتۇرىدىغان تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە بۇ جەھەتتە تەنقىدىي باھا بېرىدۇ.
- نەزەرىيىۋى رامكا
- سىياسىي ئىقتىساد نەزىرىيەسى
سىياسىي ئىقتىساد نەزىرىيەسى ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ پەقەت بازار دىنامىكىسى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى دۆلەت سىياسەتلىرى، ئورگانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ۋە كۈچ مۇناسىۋەتلىرى بىلەن شەكىللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ كۆز قاراش شەرقىي تۈركىستان كونتېكىستىدە ئالاھىدە چۈشەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە، چۈنكى رايوندىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسى، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىلىرى، بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ۋە نوپۇس باشقۇرۇش بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن جەريانلاردۇر.
دۆلەت قوللىغان سېلىنمىلار، ھۆكۈمەت ئىش ئورۇنلىرى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىلىرى ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى بىۋاسىتە خىزمەت ۋە ئەمگەك بازىرىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە، شۇڭا، رايوندىكى ئىقتىسادىي ئېشىشنى تەبىئىي «ئەركىن بازار كېڭىيىشى» دەپ ئەمەس، دۆلەت يېتەكچىلىك قىلغان ۋە كۈچ مۇناسىۋەتلىرى شەكىللەندۈرگەن بىر ئۆزگىرىش جەريانى دەپ باھالاش كېرەك. بۇ رامكا نېمە ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئېشىش رەقەملىرىنىڭ ئىجتىمائىي باراۋەرلىككە ئاپتوماتىك ئايلانمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: ئېشىش ياكى گۈللىنىش كىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۇۋاتقان بولسا، ئەمگەك ۋە خىزمەت بازىرىنىڭ سىياسىي نەتىجىسىمۇ شۇ بويىچە شەكىللىنىدۇ.
- مەدەنىيەت كاپىتالى نەزەرىيەسى
پيېر بوردىيۇنىڭ مەدەنىيەت كاپىتالى ئۇقۇمى، شەخسلەرنىڭ مائارىپ، تىل ۋە مەدەنىيەت ئادەتلىرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئەۋزەللىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى ياكى ئەۋزەلسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ (بوردىيۇ، 1986). شەرقىي تۈركىستاندا بۇ ئۇقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە سەۋىيەسىنى، شەھەرلىك تۇرمۇش نورمىلىرىغا ماسلىشىشنى ۋە مەركىزىي مائارىپ سىستېمىسى بىلەن ماسلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزكۇر ئامىللار ئەمگەك ۋە خىزمەت بازىرىدا بەلگىلىگۈچى ئۆتكەل رولىنى ئوينايدۇ. بۇ ئەۋزەللىكلەر خىتايلار ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن، «بىلىملىك» دەپ قارالغان خىتاي ياشلىرى ئۈچۈن كۆپىنچە ئەھۋالدا ئالدىنقى شەرت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنسا، ئۇيغۇر ياشلار ئۈچۈن تۈزۈلمىۋى بىر قولايسىزلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. مەدەنىيەت كاپىتالى پەقەت شەخسىي ئىقتىدار مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى قايسى مەدەنىيەتنىڭ نورمال، قايسى تىلنىڭ قابىلىيەت ئۆلچىمى دەپ ئېتىراپ قىلىنىدىغانلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئەمگەك ۋە خىزمەت بازىرىدا ھەقىقىي باراۋەرلىك پەقەت قانۇنىي باراۋەرلىكلا ئەمەس، مائارىپقا، تىلغا ۋە ئورگان تورلىرىغا باراۋەر ئېرىشەلەيدىغان بىر باراۋەرلىكتۇر.
3.2. ئېتنىك رىقابەت ۋە ئەمگەك بازىرى
ئېتنىك رىقابەت قارىشى چەكلىك ئىقتىسادىي بايلىقلار ئۈچۈن ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى ۋە بۇ رىقابەتنىڭ پەيدا قىلغان قاتلاملىشىش جەريانلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا بۇ رىقابەت ئۇيغۇر نوپۇسى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك بولماقتا. بىراق، مەزكۇر رىقابەت ئاساسى جەھەتتىن تەڭپۇڭسىز بىر خاراكتېرگە ئىگە: گۇرۇپپىلار ئوخشاش مائارىپ تىلى بىلەن، ئوخشاش ئورگان تورلىرى بىلەن بازارغا كىرەلمەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن «رىقابەت» ئۇقۇمى سىرتقى كۆرۈنۈشتە تەرەپسىزدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تەڭسىز باشلىنىش شارائىتلىرىنى يوشۇرۇپ قويىدۇ. ئېتنىك رىقابەت بىلەن ئېتنىك قاتلاملىشىش بىرگە قارالغاندا، بۇ ئەھۋالنىڭ پەقەت شەخسلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەنلا چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغانلىقى كۆرۈلىدۇ. رىقابەتنىڭ قائىدىلىرى ۋە مەيدانىمۇ تۈزۈلمىۋى تەڭسىزلىكنىڭ بىر قىسمىدۇر.
- تەتقىقات ئۇسۇلى
بۇ ماقالە سۈپەتچىل بايان ئانالىزى ئۇسۇلىغا تايىنىدۇ. بىرىنچى قول ماتېرىيال سۈپىتىدە «زاۋباۋ» (Zaobao) نىڭ 2026-يىلى 19-مارتتىكى خىتايچە خەۋەر تېكىستى ئىشلىتىلدى؛ ئىككىنچى قول ماتېرىيال سۈپىتىدە بولسا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالىلەر، خەلقئارالىق سىياسەت دوكلاتلىرى ۋە رەسمىي ياكى يېرىم رەسمىي باياناتلارغا مۇراجائەت قىلىندى. ئانالىزدا ئۈچ خىل ئۇسۇل بىرگە ئىشلىتىلدى: بايان ئانالىزى، تەنقىدىي سىياسىي ئىقتىساد ئۇسۇلى ۋە سېلىشتۇرما تەھلىل. بايان ئانالىزى تېكىستتىكى ئۇقۇملارنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقىغا مەركەزلىشىدۇ؛ تەنقىدىي سىياسىي ئىقتىساد ئۇسۇلى ئېشىشنىڭ قايسى ئورگان مۇناسىۋەتلىرى ئىچىدە شەكىللىنىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ؛ سېلىشتۇرما تەھلىل بولسا ئىلمىي مەنبەلەر بىلەن خەۋەر تېكىستى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى ئوتتۇرىغاقويىدۇ.
- ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش: سانلىق ئېشىشنىڭ چەكلىمىلىرى
تەھلىل قىلىنغان خەۋەر تېكىستى شەرقىي تۈركىستان ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى يىللاردا كۈچلۈك ئېشىش كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. رەسمىي مەنبەلەرمۇ بۇنى قوللايدىغان رەقەملەرنى ئېلان قىلماقتا. ئەمما ئېشىشنىڭ ماھىيىتى تەكشۈرۈلگەندە، بەلگىلىگۈچى ساھەلەرنىڭ ئېنېرگىيە، كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق ساھەلەردە مەركەزلەشكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. بۇ ساھەلەر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جەھەتتىن كۈچلۈك بولسىمۇ، كۆپ ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلمايدۇ، شۇڭا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن كەڭ تۈردە ئىش پۇرسىتى يارىتىش ئىقتىدارى تۆۋەن. شۇڭلاشقا، ئېشىش پۈتۈن نوپۇسقا باراۋەر يېتىپ بارىدىغان پاراۋانلىقنى بىلدۈرمەيدۇ. تېكىستتىكى «ئىش پۇرسىتى ئاشتى» دېگەن بايان يېرىم-يارتا بىر بايان بولۇپ، قايسى پۇرسەتنىڭ قايسى مىللەت ئۈچۈن ئاشقانلىقى سوئالى جاۋابسىز قالغان. تەرەققىيات ئىقتىسادشۇناسلىقى ساھەسىدە ئاجەمئوغلۇ ۋە روبىنسون (2012) تەكىتلىگىنىدەك، ئېشىشنىڭ كەڭ دائىرىلىكىنى باھالىغاندا پەقەت سانلىق كۆرسەتكۈچلەرلا كۇپايە قىلمايدۇ.
- ئورگانلارنىڭ ئۆتكىلى ۋە بىخەتەرلىك تۈزۈملىرى
شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈمەت ۋە يېرىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا كىرىشتە ئېتنىك كىملىك، سىياسىي سادىقلىق، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ۋە ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى بەلگىلىگۈچى رول ئوينايدۇ. بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلار ئۈچۈن كۆرۈنمەس، ئەمما تۈزۈلمىۋى ئۆتكەللەرنى پەيدا قىلماقتا. ھۆكۈمەت ئىش ئورۇنلىرى يۇقىرى مائاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن جەلپكارلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە، لېكىن بۇ ئورۇنلارغا كىرىشنىڭ تەڭسىز بولۇشى ئېتنىك بۆلۈنۈشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقتا. خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ (CECC) يىللىق دوكلاتلىرى، رايوندىكى كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش بەلگىلىمىلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ (2023).بۇ خىل يەكۈنلەر ئورگانلارغا ئېرىشىشنىڭ باراۋەر تەقسىم قىلىنمىغانلىقىنى قۇۋەتلەيدۇ. «رەسمىي باراۋەرلىك» بىلەن «ئەمەلىي باراۋەرلىك» ئوتتۇرىسىدىكى روشەن پەرق، تەڭسىزلىكنى قۇرۇلمىلىق ۋە ئۆز-ئۆزىنى قايتا ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر ئالاھىدىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىزمەت ۋە ئەمگەك كۈچى بازىرى قانداقتۇر ئىقتىدار ۋە لاياقەت تەلەپ قىلىدىغان ئەمەس بەلكى ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت پەرقلىرىنى ئاساس قىلىدىغان تەڭسىز ۋە ئادالەتسىز قۇرۇلمىغا ئىگە.
- نوپۇس ئۆزگىرىشى ۋە كۆچمەنلەر
«زاۋباۋ» خەۋىرىدىمۇ ۋاسىتىلىك تىلغا ئېلىنغان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ياش نوپۇسنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كېلىشى كۆپ تەرەپلىمىلىك نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇ كۆچ بىر تەرەپتىن ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىش بازىرىدىكى پۇرسەتلىرىنى بىۋاسىتە قىسقارتماقتا. توم كلىفنىڭ (2016) تەتقىقاتلىرىمۇ خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش بازىرىدا ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي ئورۇنلارغا ئورۇنلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن خىتاي ياشلىرىنىڭ ئېتنىك كىملىكى پەقەت مەدەنىيەتلا ئەمەس، بەلكى دۆلەت تەرىپىدىن ئالدىن بېكىتىلگەن بىر «سىياسىي ئىشەنچ گۇۋاھنامىسى» رولىنى ئوينايدۇ. ئۇيغۇر ياشلار «سىياسىي تەكشۈرۈش» (政审 – تىن ئۆتەلمەي چەتكە قېقىلغاندا، خىتاي ياشلارغا ئالاھىدە سىياسىي ھوقۇق بېرىلمەكتە. بۇنىڭغا قوشۇمچە تۇرالغۇ، يۇقىرى مائاش قاتارلىق جەلپ قىلىش تەدبىرلىرىمۇ قوشۇلغاندا، بۇ ياشلارنى پەقەت بىرەر كۆچمەن ئىشچى بولۇشتىن چىقىرىپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ رايوندىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىدىغان «دۆلەت قوللىغان يەرلەشكۈچى ئاكتىپلار» غا ئايلاندۇرماقتا. شۇڭلاشقا، بۇ جەريان تەسادىپىي ئەمەس، بەلكى ئېتنىك كىملىكنىڭ سىياسىي پايدىغا ئايلاندۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت ھىمايىسىدىكى بىر ئېتنىك-ئىقتىسادىي قاتلام قۇرۇلۇشىدۇر.
7.مائارىپ سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت كاپىتالى
تەھلىل قىلىنغان خەۋەر تېكىستىنىڭ ئۇيغۇر ياشلارغا ئائىت چەكلىك كۆزىتىشى مائارىپ تىلى مەسىلىسىنى يېتەرلىك چوڭقۇرلاشتۇرمىغان. ھالبۇكى، ئىلمىي مەنبەلەر بۇ ساھەنىڭ قۇرۇلمىلىق تەڭسىزلىكنى چۈشىنىشتە مەركىزىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. خىتايچە سەۋىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىشتىن تارتىپ ھۆكۈمەت ئىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلىشىشقىچە، تېخنىكىلىق سالاھىيەت پىروگراممىلىرىدىن تارتىپ ئورگان تورلىرىغىچە بولغان كەڭ دائىرىدە بەلگىلىگۈچى بىر ئۆتكەل رولىنى ئوينىماقتا. ئانا تىلدا مائارىپنىڭ توختىتىلىشى ياكى مائارىپ پۇرسەتلىرىنىڭ تەڭپۇڭسىز تەقسىملىنىشى، ئۇيغۇر ياشلارنىڭ باشتىلا بازاردىكى باشلىنىش ئورنىنى تۈزۈلمىۋى جەھەتتىن ئاجىزلاتماقتا. بۇنداق بولغاندا، ئوخشاش بىر ئىمتىھانغا كىرگەن ئىككى شەخس مەدەنىيەت كاپىتالى جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولغان بىر باشلىنىش نۇقتىسىنى ئورتاقلاشمايدۇ. بۇ پەقەت مائارىپ ئادالىتى مەسىلىسىلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەمەك بازىرىغا ئېرىشىش مەسىلىسىدۇر. تىل يوقىتىشنىڭ كىملىك ئۈستىدىكى تەسىرلىرىگە قوشۇمچە، ئاممىۋى ئورگان ھاياتىغا قاتنىشىشنىمۇ بىۋاسىتە چەكلىشى بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا. ئەمەلىيەتتە، «تىل ئۆگىنىش جەمئىيەتكە سىڭىشنى ئاشۇرىدۇ» دېگەن بايان، ئىقتىسادىي ماسلىشىشتىن ھالقىپ مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى خەۋپىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلمەكتە («سىمىس فىنلېي، 2013»).
8. ئېتنىك ئىش تەقسىماتى ۋە كۆرۈنمەس توساق
ئېتنىك ئىش تەقسىماتى، ئەمگەك ۋە خىزمەت بازىرىدا ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارنىڭ يەنى مىللەتلەرنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئوخشىمىغان ئورۇنلارغا ئورۇنلىشىش ھادىسىسىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزى مەنبەلەر، باشقۇرغۇچى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردا خىتاي ۋەكىللىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، تۆۋەن قاتلاملىق، كاپالەتسىز ۋە ئايلانما ئىشلاردا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ زىچلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە («روبېرتس، 2020»). بۇ قۇرۇلمىلىق ئايرىم «كۆرۈنمەس توساق» تەسىرىنى پەيدا قىلماقتا: شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن تىك يۆنىلىشلىك يۆتكىلىش پۇرسەتلىرى كۆرۈنمەس توساقلار بىلەن چەكلەنگەن بولسا، شەخسىي مۇۋەپپەقىيەت ئىجتىمائىي ئۆرلەشكە ئايلىنالمايدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىلدە ئۈمىدسىزلىك، تالانتلىق كىشىلەرنىڭ چەتكە قېقىلىشى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچسىزلىك قاتارلىق نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «زاۋباۋ» خەۋىرىدىكى «رايوننىڭ ياشلار ئۈچۈن جەلپكار ھالغا كېلىشى» بايانى بۇ قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەرنى كۆرۈنمەس قىلىپ قويماقتا، چۈنكى جەلپكارلىق پۈتۈن ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئۈچۈن ئوخشاش مەنىگە كەلمەيدۇ. ئېتنىك ئىش تەقسىماتى پەقەت ئىقتىسادىيلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىمۋوللۇق بىر قاتلاممۇ يارىتىدىغان بىر جەرياندۇر.
9. سەھنە ئىقتىسادى: سىغدۇرۇشچانلىقمۇ ياكى كاپالەتسىزلىكمۇ؟
سەھنە ئىقتىسادى، خەۋەردىمۇ تىلغا ئېلىنغىنىدەك، ئەنئەنىۋى ئورگان قۇرۇلمىلىرىغا كىرەلمىگەنلەر ئۈچۈن نىسپىي جەھەتتىن ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغان بىر ئىش ساھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مال يەتكۈزۈش، شوپۇرلۇق ۋە ئەپ ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان مۇلازىمەتلەر بۇ ساھەنىڭ ئاساسلىق ئۈلگىلىرىدۇر. ئەمما بۇ ئىشلار تۆۋەن ۋە مۇقىمسىز كىرىم، ئالگورىزىملىق نازارەت ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن تۈزۈلمىۋى جەھەتتىن ئاجىزدۇر. سەھنە ئىقتىسادىنىڭ يەنە بىر زىددىيەتلىك تەرىپى، ئۆزىگە خاس توساقلارنىمۇ يارىتىشىدۇر: تېز ئالاقە قىلىش قابىلىيىتى، رەقەملىك ساۋات ۋە بەلگىلىك دەرىجىدىكى تىل ئىقتىدارى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا سەھنە ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ ئۇيغۇر ياشلار ئۈچۈن كۆپىنچە ئەھۋالدا ھەقىقىي مەنىدىكى «تاللاش» ئەمەس، بەلكى «مەجبۇرىي» بىر يولغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. كاپالەتلىك خىزمەتلەرگە رەسمىي دۆلەت ئورگانلىرىغا كىرەلمىگەن شەخسلەر ئۈچۈن سەھنە ئىقتىسادى مەڭگۈلۈك ھەل قىلىش چارىسى ئەمەس، بەلكى ۋاقىتلىق بىر پاناھ جاي رولىنى ئوينايدۇ. («ستاندىڭ، 2011»).
10. رەقەملىك يوقسۇللۇق ۋە ئۇل ئەسلىھە تەڭسىزلىكى
خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان ئىنتېرنېت كېچىكىشى مىسالى، پەقەت تېخنىكىلىق بىر تەپسىلاتلا بولۇپ قالماي، رەقەملىك تەڭسىزلىكنىڭ بوشلۇق خاراكتېرلىك ئۆلچىمىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئۇچۇر مەركىزى تەقسىماتى، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىلىرى ۋە خىزمەت مۇھىتىنىڭ بەلگىلىك مەركەزلەرگە يىغىلىشى ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يېڭى ئىقتىساد ساھەلىرىگە تولۇق قاتنىشىشىنى چەكلەيدىغان بىر ئامىلدۇر. سۈنئىي ئەقىل، بۇلۇت ھېسابلاش ۋە سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تېز سۈرئەتتە ئۆسۈۋاتقان ساھەلەردە رىقابەتلىشىش ئۈچۈن پۇختا ۋە تۆۋەن تەننەرقلىق رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە زۆرۈردۇر. بۇ ئۇل ئەسلىھە كەمچىللىكى، كارخانىچىلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چەكلەيدۇ، يۇمشاق دېتال ئاساسىدىكى ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىدۇ ۋە رايوننىڭ «يېڭى ئىقتىساد» پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىشىنى تارايتىدۇ. خەۋەردە بايان سەۋىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «رەقەملىك تەرەققىيات» بايانى، بۇ قۇرۇلمىلىق چەكلىمىلەرنى كۆزدە تۇتقاندا، يېتەرلىك پۇختا بىر ئاساسقا ئىگە ئەمەس. رايون خاراكتېرلىك رەقەملىك پەرق، پەقەت ئىقتىسادىيلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بوشلۇق خاراكتېرلىك ۋە ئېتنىك بىر تەڭسىزلىك شەكلى سۈپىتىدە قارىلىشى كېرەك.
11. پىسخىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي تەسىرلەر: كىملىك ۋە تەۋەلىك
ئەمگەك ۋە خىزمەت بازىرىدىكى قۇرۇلمىلىق تەڭسىزلىك، پەقەت كىرىم پەرقىلا پەيدا قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ھۆرمەت ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرىدۇ. ئۆز يۇرتىدا سىرتتىن كەلگەن شەخسلەرنىڭ تېخىمۇ ئاسان ئىش تېپىۋاتقانلىقىنى كۆزەتكەن يەرلىك ئۇيغۇر بىر ياش، بۇ ئەھۋالنى بىۋاستە ئېتنىك پەرقتىن كېلىپ چىققان تەڭسىزلىك دەپ ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل قاراشلار شەخسىي تۇيغۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا گەۋدىلىنىدىغان سەزگۈر نۇقتىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كىملىك بېسىمى، مەدەنىيەت جەھەتتىن ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى ۋە ئورگانلارنىڭ چەتكە قېقىش سىياسەتلىرى قاتارلىقلار بىرلىشىپ بىر-بىرىنى تېخىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. تەھلىل قىلىنغان خەۋەر تېكىستىنىڭ بۇ پىسخىكىلىق تەرەپكە ئاساسەن دېگۈدەك ئورۇن بەرمەسلىكى، باياننىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىر جەمئىيەت ئىقتىسادىي ئېشىش داۋاملىشىۋاتقان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنى ئاممىۋى ۋە ئورگان خاراكتېرلىك ساھەلەردە تېخىمۇ ئاز ۋەكىل قىلىنغاندەك ھېس قىلالايدۇ. بۇ ئىككى ھادىسىنىڭ بىرگە مەۋجۇت بولۇشى زىددىيەتلىك كۆرۈنسىمۇ، تۈزۈلمە نۇقتىسىدىن لوگىكىلىقتۇر. كىملىك ۋە پىسخىكىلىق بىخەتەرلىك ئىقتىسادىي رەقەملەردىن مۇستەقىل ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي نەتىجىلىرى سۈپىتىدە قارىلىشى كېرەك.
12. سېلىشتۇرما نۇقتىسى: تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ۋە چېگرا رايونلار
شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەچۈرمىشى، خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان باشقا رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كەڭ بىر ئەندىزىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلغا ئوخشاش رايونلاردىمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات بايانلىرى بىلەن مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىش جەريانلىرى پاراللېل ھالدا ئىلگىرىلىمەكتە («فىشېر، 2014»). بۇ ئوخشاشلىقلار، تەرەققىيات بىلەن ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىم جەريانلار ئەمەس، ئەكسىچە كۆپىنچە ئەھۋالدا بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۈچەيتىدۇ. ئىقتىسادىي گەۋدىلىشىش، خىتايدا كۆپىنچە ئەھۋالدا مەركىزىي مەدەنىيەت يەنى خىتاي مەدەنىيەت نورمىلىرىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن بىرگە ئېلىپ بېرىلماقتا. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان ئۈلگىسىنى پەقەت نورمال ھادىسە دەپلا ئەمەس، بەلكى دۆلەت تەرەققىيات مودېللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش كېيىنرەك خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان رايونلاردا قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى ۋە قايسى ئىجتىمائىي نەتىجىلەرنى يارىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان سېلىشتۇرمىلىق بىر ئەۋرىشكە سۈپىتىدە ئوقۇش كېرەك.
13-مۇلاھىزە
بۇ ماقالىنىڭ يەكۈنلىرى ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ كۆپىيىشىنىڭ، بىر خىل شەكىلدىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق يارىتىشتىن بەكرەك، ئېتنىك پاسىللار بويىچە چوڭقۇرلاشقان بىر «قوش ئەمەك بازىرى» شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. . «زاۋباۋ» («2026») تەمىنلىگەن «ئىشقا ئورۇنلىشىش جەلپكارلىق مەركىزى» بايانى، ستاتىستىكىلىق بىر ھەقىقەتكە ئىشارەت قىلسىمۇ، بۇ ھەقىقەتنىڭ ئىجتىمائىي تەقسىماتىدىكى ئادالەتسىزلىك ۋە سىياسىي رولىغا سەل قارىماقتا. بۇ نۇقتىدا، مۇنازىرە قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر قانچە ئاساسلىق نۇقتا بار:
بىرىنچىدىن، «ئىقتىدار» (لايەقەت) بايانىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن قورال قىلىنىشىدۇر. ماقالىدە كۆرۈلگىنىدەك، خىتايچە سەۋىيەسى ۋە يۇقىرى مائارىپ دەرىجىسى ئەمگەك كۈچى ۋە خىزمەت بازارىدا بىتەرەپ «لاياقەت» ئۆلچەملىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئەمما بوردىيۇنىڭ مەدەنىيەت كاپىتالى نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئانا تىل ھوقۇقى چەكلەنگەن ۋە مائارىپ بايلىقلىرىغا ئېرىشىشى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ياشلار ئۈچۈن بۇ ئۆلچەملەر، لاياقەتتىن بەكرەك تۈزۈلمىۋى چەتكە قېقىش توسىقى رولىنى ئوينايدۇ. خىتاي ياشلار ئۈچۈن «ئەۋزەللىك» بولغان بۇ ئالاھىدىلىكلەر، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن «يەتكىلى بولمايدىغان بىر ئۆتكەل» گە ئايلاندۇرۇلغان. شۇڭلاشقا، ئىش بازىرىدىكى رىقابەت ئادىل بىر رىقابەت ئەمەس، بەلكى قائىدىلىرى، تىلى ۋە سىمۋوللۇق قىممەتلىرى ئالدىن بېكىتىلگەن بىر ئاسسىمىلياتسىيە تۈزۈلمىسىدۇر.
ئىككىنچىدىن، «سىياسىي بىخەتەرلىك» بىلەن ئىقتىسادىي ئەقىلنىڭ زىددىيىتىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا ئىشقا ئورۇنلىشىش پەقەت بىر ئىقتىسادىي پائالىيەتلا ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ «تەرتىپكە سېلىش باشقۇرۇش» قورالىدۇر. بازار ئىقتىسادىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىشلىشى ئۈچۈن ئەڭ لاياقەتلىك خادىملار ئىشقا ئېلىنىشى كېرەك بولسىمۇ، رايوندا «سىياسىي سادىقلىق» (سىياسىي ئىشەنچلىك بولۇش)، كەسپىي قابىلىيەتنىڭ ئالدىغا ئۆتمەكتە. بۇ ئەھۋال، بىلىملىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كەسپىي يوللىرىنىڭ توسۇلۇشىغا ۋە بىر «ئېتنىك توساق» شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولماقتا. ئىقتىسادىي ئېشىش داۋاملىشىۋاتقان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇر زىيالىي قاتلىمىنىڭ «تۆۋەن سەۋىيەدە» تۇتۇپ قېلىنىشى، رايوننىڭ ئىلمىي ۋە ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقىنى توسۇشقا قارىتىلغان ئاڭلىق بىر تۈزۈلمىۋى ئاستىلىتىش دەپ قارىلىشى كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ بىر «ماكانلاشقۇچى مۇستەملىكىچىلىك» دىنامىكىسىغا ئىگە بولۇشىدۇر. خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي ئىش كۈچى، تېكىستتە دېيىلگەندەك پەقەتلا «رىقابەتتىن قاچقان ياشلار» ئەمەس. بۇ كىشىلەر تۇرالغۇ، يۇقىرى مائاش ۋە سىياسىي ئىمتىيازلار بىلەن رايونغا جەلپ قىلىنغان، دۆلەتنىڭ رايوندىكى كونتروللۇقىنى پۇختىلايدىغان «ئىستراتېگىيەلىك بىر نوپۇس» خاراكتېرىگە ئىگە. خىتاي ياشلىرىنىڭ ئېتنىك كىملىكى ئۇلارغا ئاپتوماتىك بىر «سىياسىي ئىشەنچ» بېرىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە «يوشۇرۇن خەتەر» دەپ قارىلىشى، ئەمگەك بازىرىنى بىر ئېتنىك-سىياسىي قاتلامغا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. بۇ جەرياندا كۆچ، بىر ئىقتىسادىي زۆرۈرىيەتتىن بەكرەك، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى مۈلۈكسىزلاشتۈرىدىغان ۋە ئىككىنچى دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويىدىغان بىر نوپۇس ئىنژېنېرلىقى ئاپپاراتىدۇر.
تۆتىنچىدىن، سەھنە ئىقتىسادىنىڭ بىر «رەقەملىك گېتتو» شەكىللەندۈرۈش ئېھتىماللىقىدۇر. ئەنئەنىۋى ۋە كاپالەتلىك ئىشلاردىن چەتكە قېقىلغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ مال يەتكۈزۈش ۋە شوپۇرلۇققا ئوخشاش ساھەلەرگە يۈزلىنىشى، بىر «پۇرسەت» ئەمەس، بەلكى كاپالەتسىزلىك جەريانىدۇر. بۇ يېڭى ئىش مودېللىرى، ياشلارنى مەركىزىي سىستېمىنىڭ ئالگورىزىملىق نازارىتىگە كىرگۈزگەندە، ئۇلارغا ھېچقانداق تىك يۆنىلىشلىك ئۆرلەش پۇرسىتى بەرمەيدۇ. سەھنە ئىقتىسادى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن بىر «سىڭىش ساھەسى» ئەمەس، ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ تۆۋەن قاتلاملىق ئىشلاردا توپلىنىشى ۋە رەقەملىك نازارەتنىڭ ھەر ۋاقىت ئىشلىشىگە پۇرسەت يارىتىدىغان زامانىۋى بىر كونترول مەيدانىدۇر.
خۇلاسە
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش بايانى، قارىماققا «ئىقتىسادىي ئەقىل» ۋە تەرەققىيات نىشانلىرى بىلەن ئاقلانغان بولسىمۇ، تېخىمۇ چوڭقۇر بىر قاتلامدا بىر خىل «ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك» مودېلىنىڭ قايتا ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ئىشارەت قىلماقتا. بۇ رامكا ئىچىدە تەرەققىيات بايانى، پەقەت ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ئارقىلىق تەھىل قىلىنغىنىدا بىتەرەپ ۋە تېخنىكىلىق بىر جەرياندەك كۆرسىتىلمەكتە. ئەمەلىيەتتە بولسا ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئارىسىدا تەڭپۇڭسىز نەتىجىلەرنى يارىتىدىغان سىياسىي بىر تاللاش مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. خىتاي نوپۇسى نۇقتىسىدىن بۇ جەريان كاپىتال توپلاش، بوشلۇق خاراكتېرلىك كېڭىيىش ۋە ئىجتىمائىي يۆتكىلىش پۇرسەتلىرى بىلەن ماس كېلىدىغان بىر پاراۋانلىق ئېشىشىنى ئىپادىلىسە، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن بارغانچە چوڭقۇرلىشىۋاتقان بىر بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى، مۈلۈكسىزلىشىش ۋە مەدەنىيەت/كىملىك جەھەتتىكى يىمىرىلىش بەدىلىگە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان بىر مەۋجۇتلۇق كۈرىشىگە ئايلانماقتا.
رايوندىكى ئىقتىسادىي جانلىقلىق، كىلاسسىك تەرەققىيات نەزەرىيەلىرى مۆلچەرلىگەن شەكىلدە ئىجتىمائىي بىر گەۋدىلىشىش ۋە مۇقىملىق يارىتىشتىن بەكرەك، ئېتنىك پاسىللار بويىچە كۈچىيىۋاتقان بىر قاتلاملىشىش ياراتماقتا. ئەمگەك بازىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان پۇرسەتلەرنىڭ تەقسىملىنىشى، پەقەت قابىلىيەت ۋە مائارىپقا ئوخشاش «تەرەپسىز» ئۆلچەملەر بىلەنلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تىل، مەدەنىيەت ماسلىشىشى ۋە سىياسىي سادىقلىققا ئوخشاش يوشۇرۇن ئۆلچەملەر بىلەن بېكىتىلمەكتە، بۇمۇ بەلگىلىك گۇرۇپپىلارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئەۋزەل ئورۇنلارغا ئورۇنلىشىشىغا يول ئاچماقتا. بۇ نۇقتىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش، پەقەتلا ئىقتىسادىي بىر تۈر بولۇشتىن چىقىپ، نوپۇس ئىنژېنېرلىقى ۋە ئىجتىمائىي قايتا قۇرۇش قوراللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا. شۇڭلاشقا، رەسمىي ستاتىستىكىلاردا ئىلگىرى سۈرۈلگەن «يارىتىلغان يېڭى ئىش سانى» غا ئوخشاش كۆرسەتكۈچلەر، ئۆز ئالدىغا چۈشەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە ئەمەس. ئەسلى سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەك بولغىنى، بۇ ئىشلارنىڭ كىملەر ئۈچۈن ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى، قايسى ئىجتىمائىي قاتلاملارغا ئۆرلەش پۇرسىتى بېرىدىغانلىقى ۋە قايسىلىرىنى تۆۋەن مائاشلىق، كاپالەتسىز ياكى كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلايدىغان ئورۇنلارغا ئىتتىرىدىغانلىقىدۇر. ئىقتىسادىي ئېشىش رەقەملىرىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان بۇ تەڭسىز كۈچ مۇناسىۋەتلىرى كۆزدە تۇتۇلماي تۇرۇپ قىلىنغان ھەر قانداق ئانالىز، رايوندىكى ئۆزگىرىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىشتە يېتەرسىز قالىدۇ.
پايدىلانمىلار
Acemoglu, D., & Robinson, J. A. (2012). Why Nations Fail: The Origins of Power, Prosperity, and Poverty. Crown Publishers.
Bourdieu, P. (1986). The forms of capital. In J. Richardson (Ed.), Handbook of Theory and Research for the Sociology of Education (pp. 241–258). Greenwood Press.
Congressional-Executive Commission on China (CECC). (2023). Annual Report 2023. United States Government Publishing Office. https://www.cecc.gov/publications/annual-reports/2023-annual-report
Cliff, T. (2016). Oil and Water: Being Han in Xinjiang. University of Chicago Press.
Fischer, A. M. (2014). The Disempowered Development of Tibet in China: A Study in the Economics of Marginalization. Lexington Books.
Human Rights Watch. (2022). ›Break Their Lineage, Break Their Roots‹: China’s Crimes Against Humanity Targeting Uyghurs and Other Turkic Muslims. https://www.hrw.org/report/2021/04/19/break-their-lineage-break-their-roots
Roberts, S. R. (2020). The War on the Uyghurs: China’s Internal Campaign Against a Muslim Minority. Princeton University Press.
Smith Finley, J. (2013). The Art of Symbolic Resistance: Uyghur Identities and Uyghur-Han Relations in Contemporary Xinjiang. Brill.
Standing, G. (2011). The Precariat: The New Dangerous Class. Bloomsbury Academic.
Zaobao. (2026, 19 Mart). 从边疆到就业热土 新疆年轻人机会与焦虑并存 [Sınırdan İstihdam Merkezi’ne: Xinjiang’da Gençler Fırsat ve Kaygıyı Birlikte Yaşıyor]. Zaobao. https://www.zaobao.com.sg/news/china/story20260319-8656721
[1] https://www.zaobao.com.sg/news/china/story20260319-8656721, 特稿:从边疆到就业热土 新疆年轻人机会与焦虑并存
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















