ھانس ج. مورگېنتاۋنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسى دەپ قارىلىۋاتقان قىممەتلىك ئەسىرى «دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسەت: كۈچ ۋە تىنچلىق كۈرىشى»گە تەقرىز
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار
ھانس ج. مورگېنتاۋنىڭ «دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسەت: كۈچ ۋە تىنچلىق كۈرىشى» ناملىق كىتابى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى ساھەسىدىكى «كىلاسسىك رېئالىزم» (Classical Realism) نىڭ ئاساسىنى سالغان، تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر ئالدىنقى بەش ئون يىلدىن ئاشىدىغان ۋاقىتتىن بۇيان خەلقئارا سىياسەتنى چۈشىنىش ۋە تەھلىل قىلىشنىڭ فوندامېنتال رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ كەلدى. مورگېنتاۋ 1948-يىلى تۇنجى نەشرى ئېلان قىلغان بۇ ئەسىرىدە، خەلقئارا سىياسەتنى ماھىيەتتە «كۈچ ئۈچۈن كۈرەش» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، غەرب ئەللىرىنىڭ خەلقئارا سىياسەتنى ئەخلاق، قانۇن ياكى دۇنيا تىنچلىقى ئارزۇسى بىلەن چۈشەندۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىغا رېئالىستىك زەربە بەردى.
( بۇ يەتتىنچى نەشرى مورگېنتاۋنىڭ ئەسلى تېكىستىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە Kenneth W. Thompson ۋە W. David Clinton تەرىپىدىن تۈزىتىلگەن)«سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ۋە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى يېڭى «خەلقئارا تېررورلۇق» مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامانىۋى خەلقئارا مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلغان بۇ ئەسەر پەقەت بىر دەرسلىكلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي نەزەرىيە ۋە تاشقى سىياسەت ئەمەلىيىتى ئۈچۈن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بىر پىكىر سۇپىسىدۇر.
بۇ تەقرىزنىڭ مەقسىتى مورگېنتاۋنىڭ بۇ ئاساسلىق ئەسىرىدىكى نەزەرىيەۋى رامكا، دۆلەت كۈچىنىڭ ئېلېمېنتلىرى، خەلقئارا سىياسەتنىڭ چەكلىمىلىرى ۋە دۇنيا تىنچلىقى مەسىلىلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى بابمۇ-باب، چوڭقۇر ئىلمىي تەھلىل ئۇسلۇبىدا خۇلاسىلەش ئارقىلىق، ئۇنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىكى ئورنىنى ۋە زامانىۋى ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.
مورگېنتاۋنىڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئاساسلىق ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشى، ئۇنىڭ رېئالىزم نەزەرىيەسىنىڭ قەلبىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ كىتابنىڭ ھەر بىر قىسمىدىكى تەھلىل ئۇسۇللىرى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەھدىتلەرنىڭ تارىخىي ۋە نەزەرىيەۋى ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ «كۈچ» نى ئاساسىي ئاتالغۇ قىلغان مورگېنتاۋ، تىنچلىققا ئېرىشىش يوللىرىنىمۇ «كۈچنى چەكلەش» ۋە «كۈچنى ئۆزگەرتىش» قاتارلىق ئىككى ئاساسىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلىدۇ.
كىتابنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ۋە قىسقىچە مەزمۇنى
مورگېنتاۋنىڭ «دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسەت» ناملىق بۇ يەتتىنچى نەشرى ئون چوڭ قىسىم ۋە ئىككى قوشۇمچە تېمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خەلقئارا سىياسەتنىڭ نەزەرىيەسى، ئەمەلىيىتى، كۈچ كۈرىشىنىڭ ئامىللىرى، كۈچنى چەكلەش ئۇسۇللىرى، ۋە ئاخىرىدا تىنچلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يوللىرىنى سىستېمىلىق تەھلىل قىلىدۇ. كىتابنىڭ ئاساسىي مەركىزى ئىدىيەسى «خەلقئارا سىياسەتنىڭ كۈچ ئۈچۈن كۈرەش» ئىكەنلىكىنى بېكىتىش بولۇپ، ئاندىن دۆلەت كۈچىنىڭ ئېلېمېنتلىرى ۋە خەلقئارا قانۇن، ئەخلاق قاتارلىق چەكلىمىلەرگە ئورۇن بېرىلىدۇ. ئاخىرقى قىسىملاردا «دۇنيا دۆلىتى» قۇرۇشنىڭ ئامالسىزلىقىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، دىپلوماتىيەنىڭ تىنچلىققا ئېرىشىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىچىلىك رولى ئۈستىدە توختىلىدۇ.
ئا. بىرىنچى قىسىم: خەلقئارا سىياسەتنىڭ رېئالىستىك نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى
1-باب: خەلقئارا سىياسەتنىڭ رېئالىستىك نەزەرىيەسى
مورگېنتاۋ بۇ بابنى خەلقئارا سىياسەتنى چۈشىنىشنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن باشلايدۇ، ئەسەرنىڭ تەجرىبىنى ئاساس قىلغان (empirical) ۋە ئەمەلىيەتچىل (pragmatic) ئىكەنلىكىنى، يەنى نەزەرىيەنىڭ ئالدىن پەرەز قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى رېئاللىققا ماس كېلىشى ئارقىلىق باھالىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ خەلقئارا سىياسەتنى چۈشىنىشنىڭ ئىككى ئاساسلىق نەزەرىيەسىنىڭ—بىرىنچىسى، يېتەرسىزلىكنى بىلىمسىزلىككە، قاتمال ئىجتىمائىي ئورۇنلارغا، ياكى مەلۇم گۇرۇھلارنىڭ چۈشەنمەسلىكىگە باغلايدىغان ئالاقىسىز (irrelevant) نەزەرىيە، ئىككىنچىسى بولسا رېئاللىققا تايىنىدىغان، ئىنسان تەبىئىتىدىكى كۈچلەرنى ئاساس قىلىدىغان، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچان بىر دۇنيانى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغان رېئالىزم نەزەرىيەسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كىلاسسىك رېئالىزم نەزەرىيەسى ئالدىن پەرەز قىلىنغان ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنى ئەمەس، تارىخىي تەجرىبىنى ئاساس قىلىدۇ.
مورگېنتاۋ ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالتە ئاساسلىق پىرىنسىپ ئارقىلىق سىياسىي رېئالىزمنىڭ سىستېمىلىق ئىپادىسىنى بايان قىلىدۇ:
بىرىنچى پىرىنسىپ شۇكى، سىياسىي رېئالىزم سىياسەتنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلەر ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، بۇ قانۇنىيەتلەر ئىنسان تەبىئىتىدە يىلتىز تارتقان بولۇپ، سىياسەتنىڭ تۈپ ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ.
ئىككىنچى پىرىنسىپ سىياسىي رېئالىزمنى خەلقئارا سىياسەتنى چۈشىنىشنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى قىلىپ «مەنپەئەتنىڭ كۈچ تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى» ئۇقۇمىنى بېكىتىدۇ. بۇ پىرىنسىپ سىياسىي پائالىيەتنى باشقا پائالىيەتلەردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئاساس بولۇپ، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئوبيېكتىپ سىياسىي ئانالىز قىلىشقا يول ئېچىپ بېرىدۇ.
ئۇ يەنە ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ «غالىبىيەتچىلىك» ۋە «مۇكەممەللىك» كە تايىنىش خاتالىقى ئۈستىدە توختىلىدۇ، بۇ پەرەزلەرنىڭ رېئاللىق بىلەن زىتلىشىپ، تاشقى سىياسەتنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. رېئالىزم نەزەرىيەسى، ئەخلاقىي مەقسەتلەرنى ئەمەس، بەلكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ۋە سىياسىي ئەقلىيلىكنى ئاساس قىلىش ئارقىلىق، ياخشى تاشقى سىياسەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەمەلىي رامكىسىنى تەمىنلەيدۇ. مورگېنتاۋنىڭ قارىشىچە، ھېسسىياتتىن خالىي ھالدا مۇناسىۋەتلىك ۋە ئوبيېكتىپ تەرىپىنى يورۇتۇش ئارقىلىقلا ئاندىن خەلقئارا سىياسەتنى تولۇق چۈشىنىش مۇمكىن.
ئۈچىنچى پىرىنسىپ، «مەنپەئەتنىڭ كۈچ تەرىپىدىن بەلگىلىنىش» تېئورىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىناۋىتى (universal validity) بارلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ مەنىسىنىڭ زامان ۋە ماكانغا ئاساسەن ئۆزگىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، كونكرېت تاشقى سىياسەتنى بەلگىلەشتە رېئالىزىمغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم پىرىنسىپتۇر.
تۆتىنچى پىرىنسىپ رېئالىزمنىڭ سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئەخلاقىي ئەھمىيىتىدىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئەخلاق تەلەپلىرى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك سىياسىي ھەرىكەت ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى تونۇيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. «ئىھتىياتچانلىق» (prudence) ئەڭ يۇقىرى سىياسىي پىرىنسىپ بولۇپ، رېئالىزم ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنى قوللايدۇ، ئەمما ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنى سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئويلاشقاندىن كېيىن ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.
بەشىنچى پىرىنسىپ سىياسىي رېئالىزمنىڭ مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئەخلاقىي ئارزۇلىرىنى ئومۇمىي ئەخلاقىي قانۇن قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. مىللەتلەر ئەخلاقىي قانۇنلارغا بوي سۇنىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ قانۇننى مىللىي مەنپەئەتلەر ئاساسىدا شەرھىيلەيدۇ . بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ھەرىكىتىنى ئەخلاقىي ئۆلچەملەر بىلەن باھالىشى، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىمۇ كۈچ ۋە مىللىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن باھالىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئالتىنچى پىرىنسىپ، سىياسىي رېئالىزم بىلەن باشقا پىكىر مەكتەپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى روشەن پەرقنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. يەنى ئىقتىسادشۇناس مەنپەئەتنى بايلىق دەپ قارىسا، ئەخلاقشۇناس قانۇنىيەت دەپ قارايدۇ. رېئالىست بولسا «كۈچ» دەپ قارايدۇ.
مورگېنتاۋ فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1939-يىلى فىنلاندىيەگە قىلغان تاجاۋۇزىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى، خىتاي-غەرب مۇناسىۋەتلىرى ۋە بېلگىيەنىڭ بېتەرەپلىكىنىڭ 1914-يىلدىكى بۇزۇلۇشى قاتارلىق تارىخىي مىساللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رېئالىستىك ئۇسۇلىنى «ئەخلاقىي ئۇسۇل» بىلەن سېلىشتۇرۇپ، پەرقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ ئاخىرىدا تاشقى سىياسەتنىڭ باشقا تەتقىقات ساھەلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ۋە مۇستەقىل ئورنى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
2-باب: خەلقئارا سىياسەت ئىلمى
بۇ باب خەلقئارا سىياسەتنىڭ ئىلمىي ئۇقۇمىنى چۈشەندۈرۈشكە مەركەزلەشكەن بولۇپ، خەلقئارا سىياسەت نەزەرىيەسىنى ئورنىتىشتا قوللىنىلىدىغان ھەر خىل ئۇسۇللار، ئۇچرايدىغان چەكلىمىلەر ۋە خەلقئارا تىنچلىق مەسىلىسىنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختىلىدۇ. مورگېنتاۋ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر گە تارىخ، قانۇن ۋە سىياسىي ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسلىق ئۇسۇل تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى، لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئاساسىي ئامىللىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھېچقانداق نەزەرىيە تارىخىي كۈچلەرنىڭ ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ دائىملىق ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدىن خالىي، ئوبيېكتىپ ئۆلچەملەرنى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ.
ئۇ تەتقىقاتچىلارغا دۇچ كېلىدىغان چۈشىنىش چەكلىمىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، خەلقئارا سىياسەت ماتېرىيالىنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئېنىقسىزلىكى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىر قېتىمدىلا چۈشىنىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. سىياسىي كۈچلەر ئىنسان تەبىئىتىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، ئۇلار ئوخشاش ئەھۋالدا ئۆزىنى ئوخشاشلا ئىپادىلەيدۇ، لېكىن رېئالىزم ئوخشىتىش ۋە پەرق ئارقىلىق ئىككى سىياسىي ئەھۋالنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق كېلىپ چىقىدۇ. مورگېنتاۋ جورج ۋاشىنگتون، مونرو ۋە ترۇماننىڭ تاشقى سىياسەت پىرىنسىپلىرىغا ئائىت مىساللارنى تىلغا ئېلىپ، ئوخشاشلىق بىلەن پەرقنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ، بولۇپمۇ تارىخىي ئەھۋاللارنى ئانالىز قىلىش، سىياسەتنىڭ مەنىسىنى ۋە كەلگۈسىنى توغرا پەرەز قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.
بۇ بابدا يەنە يادرو ئۇرۇشىنىڭ تەھدىتى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ. مورگېنتاۋ ئۇرۇشنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىدىغان يادرو قوراللىرىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ھالاكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ، شۇڭا يادرو ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تەخمىن قىلىش ئەنئەنىۋى سىياسىي ئانالىزنىڭ ئىشى ئەمەس. خەلقئارا سىياسەت ئىلمى پەقەتلا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ۋە يۈز بېرىش نىسبىتىنىلا ئانالىز قىلالايدۇ، ئەمما سىياسەت تەتقىقاتچىسى سىياسىي ئەھۋالنىڭ كەلگۈسىدە تەرەققىي قىلىش يولىنى تەخمىن قىلغاندا «مەلۇم» بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش ئىھتىمالىغا، رېئال ئەھۋال بىلەن ئۆزىنىڭ نەزەرىيەسىنى يېقىنلاشتۇرۇشى كېرەك.
بابنىڭ ئاخىرقى قىسمى «خەلقئارا تىنچلىق مەسىلىسىنى چۈشىنىش» كە ئېلىپ كېلىدۇ. مورگېنتاۋ، ئەسەرنىڭ تىنچلىق ۋە كۈچ ئۇقۇمىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنىڭ تېز ئۆزگىرىشىنى، يەنى «ئىلگىرىكى» يالغۇزلۇق كوئوردىناتىدىن ھازىرقى ھالقىلىق خەلقئارا مەسئۇلىيەت كوئوردىناتىغا ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. «كۈچ تەڭپۇڭلۇقى»نىڭ بىر رولى ئۆزىنى چەكلەش مېخانىزمى ئىكەنلىكىنى، تىنچلىقنى ساقلاشنىڭ ئىككى ئاساسلىق ئۇقۇمغا – «كۈچ» ۋە «تىنچلىق» قا باغلانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. خەلقئارا سىياسەتنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى مەركىزىي مەسىلىسىنىڭ كۈچنى قانداق چەكلەش ۋە تىنچلىقنى قانداق ساقلاش ئىكەنلىكى، شۇڭا ئەسەرنىڭمۇ دەل بۇ ئىككى ئۇقۇمغا مەركەزلەشكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ب. ئىككىنچى قىسىم: خەلقئارا سىياسەت – كۈچ ئۈچۈن كۈرەشمەكتۇر
3-باب: سىياسىي كۈچ
خەلقئارا سىياسەت ماھىيەتتە كۈچ قازىنىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بولۇپ، دۆلەتلەرنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئەزەلدىن ئەركىنلىك، بىخەتەرلىك، گۈللىنىش ۋە كۈچنىڭ ئۆزى بولۇپ كەلگەن. مورگېنتاۋ سىياسىي كۈچنى «ئىنساننىڭ ئىنسان ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى» دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. كۈچنىڭ ئىككى خىل ئەندىزىسى بار: بىرى ھوقۇق بىلەن كۈچنى بىرلەشتۈرگەن قانۇنلۇق كۈچ ، يەنە بىرى ئىنسانلارنىڭ ئىدىيەسىنى ھېچقانداق قانۇنلۇق ئاساسسىزلا ئىگىلەيدىغان قانۇنسىز كۈچ ياكى زورلۇق كۈچىدۇر.
مورگېنتاۋ سىياسىي كۈچنىڭ ماھىيىتىنى تۆۋەندىكى تۆت ئالاھىدىلىك بويىچە ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
بىرىنچىدىن، كۈچنىڭ بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەت ئۈستىدىكى تەسىرى (مەجبۇرىي ياكى مەجبۇرىي ئەمەس) ئىكەنلىكىنى، ئىككىنچىدىن، بۇ كۈچنىڭ ھەربىي ياكى باشقا شەكىللىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۈچىنچىدىن، يادرو قوراللىرىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ئىشلىتىشكە بولىدىغان كۈچ بىلەن ئىشلىتىشكە بولمايدىغان كۈچ ئوتتۇرىسىدا پارادوكىسنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ،تۆتىنچىدىن،يادرو قوراللىرىنىڭ ھالاك قىلىش كۈچىنىڭ شۇنچە زور بولۇشى ئۇنىڭ تاشقى سىياسەتنىڭ قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىش سالاھىيىتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
قانۇنلۇق كۈچنىڭ ئىككى يىلتىزى ئۈستىدە توختالغاندا، مورگېنتاۋ 19-ئەسىردىكى ئەخلاقىي-پەلسەپىۋى مۇھىت بىلەن ئامېرىكا تەجرىبىسىنى سېلىشتۇرىدۇ. 19-ئەسىردە، ئەركىنلىك ئىدىيەسى كۈچنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى رولىنى تۆۋەنلەتتى. ئامېرىكا تەجرىبىسى بولسا تاشقى سىياسەتنىڭ ئەخلاق-قانۇن پىرىنسىپلىرىغا ماسلىشىشى، جۇغراپىيەلىك يالغۇزلۇق ۋە «مونروي مەسلىكى»نىڭ تەسىرىدە ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى ئەخلاقىي جەھەتتە پاك، پەقەت ئىچكى مەنپەئەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەت دەپ قارىشى بولۇپ، ئامېرىكا ئۆز ھەرىكىتىنى ئەزەلدىن ئىلغار ئەخلاقىي ياكى قانۇنىي مەقسەتلەرگە ماسلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ كەلدى.
ئەسەر يەنە تىنچلىق ئىلمى يەنى زامانىۋىي ئىدىيالىزم ئۇقۇمىنى تەنقىد قىلىدۇ. بۇ نەزەرىيە ئۆز-ئۆزىنى ئالداشقا تايىنىپ، سىياسىي كۈچنىڭ ئاساسلىق رولىنى يوققا چىقىرىشقا تىرىشىدۇ، خۇددى تەبىئىي پەنلەردىكىدەك، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىمۇ «يەككە سەۋەب» ياكى «ئەقلىي فورمۇلا» ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىددىئا قىلىدۇ. مورگېنتاۋ بۇنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، ھەرقانداق «تىنچلىق ئىلمى» نىڭ سىياسىي كۈچنىڭ ماھىيىتىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ.
4-باب: كۈچ ئۈچۈن كۈرەش: ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش سىياسىتى
تاشقى سىياسەتنىڭ نىشانىنى ئۈچ ئاساسلىق تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:
بىرىنچى ، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش.
ئىككىنچى، ئىمپېرىيالىزم .
ئۈچىنچى،خەلقئارا ئابرۇي قوغلاش
«ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش سىياسىتى» شۇكى، بىر دۆلەت ھازىرقى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆز مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان شەكىلدە ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇنى تىنچلىقنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارايدۇ. بۇ سىياسەتنىڭ مەقسىتى ھەربىي، قانۇنىي ياكى دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەۋجۇت كۈچىنى بۆلۈنۈپ قوغداشتىن ئىبارەت.
مورگېنتاۋ تارىختىن مىسال كەلتۈرۈپ، 1815-يىلدىكى «مۇقەددەس ئىتتىپاق» بىلەن مىللەتلەر بىرلەشمىسى (League of Nations) نىڭ 1919-يىلدىكى تىنچلىق شەرتنامىلىرىنى «ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش» نى مەقسەت قىلغان خەلقئارا تەشكىلاتلارغا مىسال قىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتلار ئۆز دەۋرىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى قىلغان. شۇنداقلا، «توققۇز كۈچ شەرتنامىسى»بىەلەن خىتاي زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئارقىلىق ئۇزاق شەرقنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
«مونروي دوكترىنى» ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىسى بولۇپ، غەربىي يېرىم شارنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ دوكترىن يېڭى مۇستەقىل بولغان ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋە ياۋروپالىق كۈچلەرنىڭ يېڭى دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىنى چەكلەشنى ئاساس قىلغان. مورگېنتاۋ ئاخىرىدا، «ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش سىياسىتى» نىڭ ئېنىقلىمىسىنىڭ پەقەت كۈچنىڭ تەڭپۇڭ تارقىلىشىغا قارىتا بېكىتىلگەنلىكىنى، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەنپەئەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
5-باب: كۈچ ئۈچۈن كۈرەش: ئىمپېرىيالىزم
مورگېنتاۋ ئىمپېرىيالىزمنىڭ «نەزەرىيەۋى ئانالىزنىڭ ئەركىن تېمىسى» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئاۋۋال «ئىمپېرىيالىزم» نىڭ نېمە ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. ئىمپېرىيالىستىك سىياسەت بىر دۆلەتنىڭ ھازىرقى ھالەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئارقىلىق ئۆز كۈچىنى كېڭەيتىش سىياسىتىدۇر. شۇڭا، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇش (مەسىلەن، ئەنگلىيەنىڭ ئەنئەنىۋى تاشقى سىياسىتى) ئىمپېرىيالىزمغا تەۋە ئەمەس.
ئۇ ئىمپېرىيالىزمنى چۈشەندۈرۈدىغان ئىقتىسادىي كۈچ، لىبېراللىق (ئەركىنلىك) ۋە «شەيتان» نەزەرىيەلىرىنى تەنقىد قىلىدۇ. ماركسىستىك نەزەرىيە ئىمپېرىيالىزمنىڭ يىلتىزىنى ئىقتىسادىي كۈچلەرگە (سەرمايەچىلىكنىڭ ئېھتىياجى) باغلايدۇ، ئەمما مورگېنتاۋ ئۇنى تارىخىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئىمپېرىيالىزمنىڭ قەدىمكى زاماندىن تارتىپلا مەۋجۇت بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، رىم ئىمپېرىيەسى). لىبېراللىق نەزەرىيەسى (ھوبسون) ئىمپېرىيالىزمنى كاپىتالىستىك سىستېمىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقلارنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. «شەيتان نەزەرىيەسى» بولسا، ئىمپېرىيالىزمنى ھەربىي قورال-ياراق ياسىغۇچىلارغا ياكى «ئۇرۇشخورلار» غا ئوخشاش مەلۇم بىر گۇرۇھنىڭ مەنپەئەتىگە باغلايدۇ. مورگېنتاۋ بۇ ئۈچ نەزەرىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ رېئاللىقنى يېتەرلىك چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئىمپېرىيالىزمغا تۈرتكە بولىدىغان ئۈچ خىل ئامىل بار: غەلىبىلىك ئۇرۇش، ئۇتتۇرغان ئۇرۇش ۋە ئاجىزلىق. «غەلىبىلىك ئۇرۇش»تا دۆلەت ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا ھازىرقى ھالەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى «ھازىرقى ھالەت» نى ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ (مەسىلەن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياۋروپا). «ئۇتتۇرغان ئۇرۇش» تىكى دۆلەت (مەسىلەن، 1935-يىلدىكى گېرمانىيە) بولسا، مەغلۇبىيەتنىڭ دۆلەتتىكى ئاسارىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن كۈچ كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. «ئاجىزلىق» بولسا، كۈچ جەھەتتە ئاجىز رايونلارنى (مەسىلەن، قەدىمكى قەبىلىلەر ئىمپېرىيالىزمنىڭ نىشانى) كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ نىشانىغا ئايلاندۇرىدۇ.
مورگېنتاۋ ئىمپېرىيالىزمنىڭ ئۈچ خىل نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: دۇنيا ئىمپېرىيەسى، قىتئەلەر ئارا ئىمپېرىيە ۋە يەرلىك ھۆكۈمرانلىق. دۇنيا ئىمپېرىيەسى پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ (مەسىلەن، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين، ناپولېئون). قىتئەلەر ئارا ئىمپېرىيە مەلۇم بىر قىتئەگە (مەسىلەن، ياۋروپاغا) ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمرانلىق بولسا، مەلۇم بىر جۇغراپىيەلىك رايوندا ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئاخىرىدا، مورگېنتاۋ ئىمپېرىيالىزمنىڭ ھەربىي ئىمپېرىيالىزم، ئىقتىسادىي ئىمپېرىيالىزم ۋە مەدەنىيەت ئىمپېرىيالىزمى قاتارلىق ئۈچ خىل ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.
6-باب: كۈچ ئۈچۈن كۈرەش: ئابرۇي قوغلىشىش سىياسىتى
ئابرۇي قوغلىشىش سىياسىتى دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا كۈچلۈك كۆرۈنۈش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنى تەپ تارتقۇزۇپ ھۆرمەت قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ سىياسەتنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىلىرى دىپلوماتىك مۇراسىم ۋە ھەربىي كۈچنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت. دىپلوماتىك مۇراسىم، رەسمىي ئەھۋاللاردا دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى سىمۋوللۇق ئىپادىلەيدۇ (مەسىلەن، ناپولېئوننىڭ تاج كىيىش مۇراسىمى). ھەربىي كۈچنى كۆرسىتىش بولسا، دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشكارا كۆرسىتىشىنى( مەسىلەن،ھەربىي پاراخوتلارنىڭ مانىۋېرى )كۆرسىتىدۇ.
ئابرۇي قوغلىشىش سىياسىتىنىڭ ئىككى ئاساسلىق مەقسىتى بار: بىرىنچىسى، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم بېرىش؛ ئىككىنچىسى، ئىمپېرىيالىزمنىڭ مەقسىتىگە يېتىشكە ياردەم بېرىش. مورگېنتاۋ «شۆھرەت»نىڭ كۈچنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئابرۇيىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن ئارتۇق مۆلچەرلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئابرۇي سىياسىتىنىڭ ئۈچ خىل ناتوغرا يۈرگۈزۈلۈشى ئۈستىدە توختىلىدۇ. بىرىنچىسى، ئابروينى ھەقىقىي كۈچ دەپ قاراپ قېلىش؛ ئىككىنچىسى، كۆپتۈرۈلگەن سىياسەت ئېلىپ بېرىش (بولۇپمۇ ناتوغرا ۋاقىتتا)؛ ئۈچىنچىسى، ئابروينى «بۇزغۇنچىلىق» قا ئايلاندۇرۇش (مەسىلەن، 1941-يىلى گېرمانىيەنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى ئورنى) قاتارلىقلار. ئابرۇي سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى ھەقىقىي كۈچنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ.
7-باب: خەلقئارا سىياسەتتىكى ئىدېئولوگىيە ئېلېمېنتى
سىياسىي ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ ماھىيىتى شۇكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ كۈچ ئۈچۈن كۈرىشىنى ئەخلاقىي، قانۇنىي ياكى بىئولوگىيەلىك ئاتالغۇلار بىلەن ئاقلاشقا تىرىشىدۇ. ئىدېئولوگىيەنىڭ رولى ھەرىكەتنى ئۆزى خالىغانچە ئاقلاپ، كۈرەش نىقابىنى يوشۇرۇش، ھەقىقىي نىشانىنى پەردىلەشتۇر. مورگېنتاۋ ئىدېئولوگىيەنىڭ ئىككى خىل رولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ: بىرىنچىسى، ئۇ سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ؛ ئىككىنچىسى، ئۇ سىياسىي ھەرىكەتنى ئەخلاقىي ياكى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ .
تاشقى سىياسەتنىڭ تىپىك ئىدېئولوگىيەلىرى ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ: ھازىرقى ھالەت ئىدېئولوگىيەسى ،ئىمپېرىيالىزم ئىدېئولوگىيەسى ۋە ئېنىقسىز ئىدېئولوگىيە.
ھازىرقى ھالەت ئىدېئولوگىيەسى دۆلەتنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئەخلاق، قانۇن ياكى تىنچلىق ئارقىلىق ئاقلاپ، كۈچىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىمپېرىيالىزم ئىدېئولوگىيەسى بولسا، كۈچنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى ئاساس قىلىپ، ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى «ئەخلاقىي ئەۋزەللىك» (مەسىلەن، ياپونىيەنىڭ «ئاسىيا بىرلىكى») ياكى «ئۇنىۋېرسال ئەخلاق» پىرىنسىپلىرى بىلەن ئاقلايدۇ.
«ئېنىقسىز ئىدېئولوگىيەلەر» ئىمپېرىيالىستىك سىياسەتتىنمۇ، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش سىياسىتىدىنمۇ پايدىلىنالايدۇ، شۇڭا ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش تەس. «مىللەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپى» ۋە «ئىنسان ھوقۇقى» (Human Rights) قاتارلىق ئىدېئولوگىيەلەر يۇقىرىدىكى ئىككى سىياسەتنىڭ مەقسىتىگە ماسلىشالايدۇ. مورگېنتاۋ ئىدېئولوگىيەنى تونۇش مەسىلىسىنىڭ ئاكتيورنىڭ (دۆلەتنىڭ) تاشقى سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي خاراكتېرى بىلەن ئۇنىڭ ئىدېئولوگىيە ئارقىلىق ئىپادىلىگەن مەقسىتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەتلىكىنى يەكۈنلەيدۇ.
س. ئۈچىنچى قىسىم: مىللىي كۈچ
8-باب: مىللىي كۈچنىڭ ماھىيىتى
مىللىي كۈچ (National Power) بىر مىللەتنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەقىل-ئىدىيەسىنى ۋە ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىدۇر. مورگېنتاۋ مىللىي كۈچنىڭ ماھىيىتىنىڭ «بىر مىللەت» نىڭ ماھىيىتىگە يەنى ئۇنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئەخلاقىي ساپاسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ كۈچنى «ئۆلچەش» تەس، چۈنكى ئۇ پەقەتلا سانلىق مەلۇماتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆز-ئارا باغلىنىشلىق نۇرغۇن ئامىللاردىن تەركىب تاپقان.
مورگېنتاۋ زامانىۋى مىللەتچىلىكنىڭ ئاساسلىق يىلتىزلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ناپولېئون ئۇرۇشلىرىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ۋە مىللەت بىلەن شەخسنىڭ ئۆز-ئارا تونۇشىنىڭ يېڭى شەكىلگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن مىللەتچىلىك روھىي چېكىنىشگە يۈزلىنىپ، بىر دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتتىن پەرقلىنىشىنىڭ ئاستىلىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. لېكىن ئىتتىپاقلىقنىڭ بۇزۇلۇشى مىللەتچىلىككە يېڭى تۈس بەردى، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا ئوخشاش كوممۇنىستىك ھەرىكەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ بېرىشى بىلەن مىللەتچىلىك روھىدا ئۆزلۈكىدىن چېكىنىش يۈز بەردى.
شەخسىي خەۋپ ۋە ئىجتىمائىي پارچىلىنىش مىللەتچىلىككە سەۋەب بولىدۇ. مورگېنتاۋ ھەر بىر تارىخىي دەۋردىكى ئىجتىمائىي پارچىلىنىشنىڭ شەخسنىڭ «مىللەت» بىلەن ھېسسىي باغلانمىسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى گېرمانىيە).
9-باب: مىللىي كۈچنىڭ ئېلېمېنتلىرى
مىللىي كۈچ تۆۋەندىكى ئېلىمى يىغىندىسىدۇر: جۇغراپىيە، تەبىئىي بايلىقلار، ھەربىي تەييارلىق ۋە نوپۇس، شۇنداقلا مىللىي خاراكتېر، مىللىي روھ، دىپلوماتىيە سۈپىتى ۋە ھۆكۈمەت سۈپىتى قاتارلىق ئامىللار.
جۇغراپىيە ئەڭ مۇقىم ئامىل بولۇپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چوڭلۇقى ۋە ئىشتاتلارغا ئايرىلىشىنى، ئىتالىيەنىڭ يېرىم ئاراللىق ئورنىنى ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ زېمىنىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. تەبىئىي بايلىقلار ئىچىدە زىرائەت ۋە خام ئەشيا (بولۇپمۇ نېفىت) ئىنتايىن مۇھىم. مورگېنتاۋ نېفىتنىڭ ئىقتىسادىي بايلىق رولىدىن ھالقىپ، سىياسىي كۈچنىڭ مۇھىم ئامىلىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ھەربىي تەييارلىق ئامىللىرى تېخنىكا، رەھبەرلىك (ئەڭ مۇھىم) ۋە قوراللىق قىسىمنىڭ سانى ۋە سۈپىتىگە ئاساسلىنىدۇ. مورگېنتاۋ يادرو قوراللىرىنىڭ ھالاكەت خاراكتېرى سەۋەبىدىن، دۆلەت كۈچىگە بولغان تەسىرىنىڭ ئىككى قىرلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مىللىي مىجەز (National Character) دۆلەتنىڭ ھەرىكىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان تۇراقلىق ئامىلدۇر.(مەسىلەن، «رۇس مىللىي خاراكتېرى» نىڭ قەيسەرلىكى). مىللىي روھ (National Morale) دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىنى قوللايدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك سۈپىتى بۇنىڭغا بەلگىلىگۈچ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
دىپلوماتىيە سۈپىتى ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ كۈچ ئېلېمېنتلىرى ئەلا بولسىمۇ، دىپلوماتىيەسى ناچار بولسا، ئۇ مەغلۇپ بولىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى 1870-يىللارغا قەدەر بولغان گېرمانىيەنىڭ ئاجىز دىپلوماتىيەسى بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ. ھۆكۈمەت سۈپىتى بولسا، دۆلەتنىڭ بايلىقىنى ئۆز نىشانىغا يېتىشتە خىزمەت قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. بايلىق ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، دىپلوماتىك ھەمكارلىق ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى (بولۇپمۇ دېموكراتىك دۆلەتلەردە) قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھۆكۈمەت ھەل قىلىشى كېرەك.
10-باب: مىللىي كۈچنى باھالاش
مىللىي كۈچنى توغرا باھالاش تاشقى سىياسەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپ، دۆلەتلەر ئۆز كۈچىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا دائىم خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. بۇ بابتا «تىپىك خاتالىقلار» ئۈستىدە توختىلىلىدۇ: بىرىنچىسى، كۈچنىڭ مۇتلەقلىقىگە ئىشىنىش؛ ئىككىنچىسى، كۈچنىڭ دائىملىقلىقىغا ئىشىنىش (مەسىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەڭگۈلۈك كۈچلۈكلۈكىگە ئىشىنىش). بۇ خاتالىقلار دۆلەتنىڭ ئۆزىنى ۋە رەقىبىنى توغرا باھالىيالمىغانلىقى ئۈچۈن كېلىپ چىقىدۇ.
ئۈچىنچى خاتالىق بولسا، مىللىي كۈچنىڭ بىرلا ئامىلىغا ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىش. بۇ خاتا چۈشەنچە ئۈچ شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ: گېئوسىياسەت، مىللەتچىلىك ۋە مىلىتارىزم. «گېئوسىياسەت» جۇغراپىيەنى دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇتلەق ئامىل دەپ قارايدۇ (مەسىلەن، سىر ھالفورد ماككىندېرنىڭ «يەر يۈرىكى» نەزەرىيەسى). «مىللەتچىلىك» مىللىي خاراكتېرنى مۇتلەق دەپ قارايدۇ. «مىلىتارىزم» بولسا، ھەربىي تەييارلىقنى كۈچنىڭ بىردىنبىر ئاساسىي ئامىلى دەپ بىلىدۇ، لېكىن ھەربىي كۈچنىڭ پەقەت دىپلوماتىيەنىڭ «يۇمشاق» قورالى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. مورگېنتاۋ مىللىي كۈچنىڭ دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بىر قاتار ئامىللارنىڭ يىغىندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
د. تۆتىنچى قىسىم: مىللىي كۈچنىڭ چەكلىمىسى: كۈچ تەڭپۇڭلۇقى
11-باب: كۈچ تەڭپۇڭلۇقى
«كۈچ تەڭپۇڭلۇقى» خەلقئارا سىياسەتتىكى كۈچنى چەكلەيدىغان ئاساسلىق مېخانىزم بولۇپ، مورگېنتاۋ ئۇنىڭ تۆت خىل مەنىسى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. كۈچ تەڭپۇڭلۇقى خەلقئارا سىياسەتنىڭ بىر دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارزۇسىنى تىزگىنلەيدىغان ئەنئەنىۋى مېخانىك پىرىنسىپىدۇر. مورگېنتاۋ سىياسىي تەڭپۇڭلۇقنى «ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇق»نىڭ ئومۇمىي ئۇقۇمى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. كۈچ تەڭپۇڭلۇقى بىرىنچىسى، ھېچقانداق بىر ئېلېمېنتنىڭ باشقا بارلىق ئېلېمېنتلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويماسلىق ئارقىلىق؛ ئىككىنچىسى، بارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ ئۆز ئورۇنلىرىنى ساقلاپ قېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.
مورگېنتاۋ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئىككى ئاساسلىق ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: بىۋاسىتە قارشىلىق ئەندىزىسى ۋە رىقابەت ئەندىزىسى. بىۋاسىتە قارشىلىقتا، ئىككى دۆلەت (A ۋەB) بىر-بىرىگە قارشى تۇرىدۇ، ھەر ئىككىسى ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ياكى قارشى تەرەپنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. رىقابەت ئەندىزىسىدە، ئۈچىنچى بىر دۆلەت (C) پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ مۇستەقىللىقى A ياكى B نىڭ كۈچىنىڭ كۆپىيىشىگە باغلىق بولىدۇ، C نى قوغدايدىغان ۋە ھۇجۇم قىلىدىغان «تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچىلار» پەيدا بولىدۇ (مەسىلەن، كورېيە بىلەن ياپونىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت).
12-باب: كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئوخشاش ئۇسۇللىرى
كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار: بۆلۈش ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىش (Divide and Rule)، تېررېتورىيەلىك تۆلەم (Compensations) ۋە ئىتتىپاقلار (Alliances). «بۆلۈش ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىش» ئۇسۇلى (مەسىلەن، ياۋروپادىكى فىرانسىيەنىڭ گېرمانىيەگە قارىتا سىياسىتى) ئەڭ كونا ۋە ئەڭ مۇھىم ئۇسۇل. تېررېتورىيەلىك تۆلەم ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىنى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بۆلۈشۈش ئارقىلىق تەڭپۇڭلۇق ساقلىنىدۇ (مەسىلەن، 18-ئەسىردىكى پولشانىڭ بۆلۈنۈشى).
قوراللىنىش كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ يەنە بىر ئاساسىي ۋاسىتىسى بولۇپ، ھەر بىر دۆلەت كۈچىنىڭ نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوراللىنىشقا تىرىشىدۇ. ئىتتىپاقلار كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەكلى. ئىتتىپاقنىڭ مەقسىتى كۈچنى ساقلاپ قېلىش ياكى كۈچنى ئاشۇرۇش بولۇپ، ئىتتىپاقلارنى ئومۇمىي خاراكتېرلىك ياكى كونكرېت نىشانلىق، ھەمكارلىق ياكى مەشغۇلاتچان، ۋاقىتلىق ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.
ئاخىرىدا، «تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچىلار»نىڭ رولى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى يەككە ھالەتتە تۇتۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەيدىغان «ھەربىي كۈچ» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ (مەسىلەن، 18-19-ئەسىرلەردىكى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا سىياسىتىدىكى رولى). تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچىنىڭ نىشانى دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئەمەس، بەلكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئارقىلىق ئۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.
13-باب: كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ قۇرۇلمىسى
كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ قۇرۇلمىسى ئىككى ئاساسىي سىستېمىغا ئايرىلىدۇ: ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ۋە بېقىندى سىستېما. ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان سىستېمىلاردا (مەسىلەن، 16-18-ئەسىرلەردىكى ياۋروپا) بىر-بىرىگە تەڭداش كۈچلۈك بىر نەچچە دۆلەت تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ. بېقىندى سىستېمىلار بولسا، بىر ياكى بىر قانچە دۆلەتنىڭ ئۈستۈنلۈكى ئاستىدا قالغان كىچىك دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان.
مورگېنتاۋ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى تەھلىل قىلىدۇ. 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى بىلەن، ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ياۋروپا سىستېمىسى پارچىلىنىپ، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق كۈچلەرنىڭ نىسپىي ئېغىرلىقى ئۆزگەردى. «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى» بىلەن «سوۋېت ئىتتىپاقى» غا ئوخشاش ياۋروپاغا تەۋە بولمىغان چوڭ كۈچلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى، تەڭپۇڭلۇقنىڭ يەرلىك سىستېمىدىن يەرشارىۋى سىستېمىغا ئۆتۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
14-باب: كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى باھالاش
مورگېنتاۋ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدىكى ئۈچ ئاساسىي مەسىلە: ئېنىقسىزلىق، رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىك ۋە يېتەرسىزلىكنى ئانالىز قىلىدۇ. كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئېنىقسىزلىقى شۇكى، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ كۈچىنى سان جەھەتتىن ئېنىق ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس، شۇنداقلا ئىتتىپاقداشلارنىڭ ساداقىتىمۇ ئېنىق ئەمەس. دۆلەت ئەربابلىرى خاتالىق ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن، يەنى ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۆزىگە قارشى تۇرىدىغانلارنىڭ كۈچىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەيدۇ.
كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكى كۈچ ھېسابلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۈچنىڭ تارقىلىشىنى ئەمەس، بەلكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ «كۈچ» ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى مەقسەت قىلغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. دۆلەتلەر تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، ئۇ مىللىي دۆلەت سىستېمىسىدا ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يېتەرلىك ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئاساسىي ئامىللىرى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مورگېنتاۋ ئاخىردا «زامانىۋى دۆلەت سىستېمىسىنىڭ ئەخلاقىي ئورتاق تونۇشى»نىڭ چەكلەش رولى ئۈستىدە توختىلىدۇ. مىللىي دۆلەت سىستېمىسى ئارىسىدىكى ئەخلاقىي ئورتاق تونۇش، ئۇرۇشنى چەكلەشتە ھەربىي كۈچتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينىيالايدۇ. ئەخلاقىي چەكلىمىلەر خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تىنچلىقنىڭ مۇھىم ئېلېمېنتى بولۇپ، ئۇلار مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى بېكىتىش ۋە رەتكە سېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ئې. بەشىنچى قىسىم: مىللىي كۈچنىڭ چەكلىمىسى: خەلقئارا ئەخلاق ۋە دۇنيا جامائەت پىكرى
15-باب: كۈچنى چەكلەشتىكى ئەخلاق، ئادەت ۋە قانۇن
كۈچنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئىپادىلىنىشى ناھايىتى ئېغىر، شۇڭا ئۇنى چەكلەش ئۈچۈن ئۈچ خىل نورماتىك سىستېما بار: ئەخلاق، ئادەت ۋە قانۇن. غەرب مەدەنىيىتىنىڭ پەلسەپەسى ئۇرۇشنىڭ چەكلىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۈچ ئىشلىتىشنى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ ئاخىرقى ئامىلى دەپ قارايدۇ. خەلقئارا سىياسەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، مورگېنتاۋ ئەخلاقنىڭ يالغۇز شەخسلەر ئارا مۇناسىۋەتتىكىگە ئوخشاشلا دۆلەتلەر ئارىسىدىمۇ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئۇ ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ قانداق يۈرۈشىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئۈچ خىل نورماتىك قائىدە: ئەخلاق، ئادەت ۋە قانۇننىڭ ئورتاقلىقى ، يەنى «قىلغىن، ئادەم ئۆلتۈرمە»، «قىلما، ئوغرىلىق قىلما» ۋە «قانۇن» قاتارلىقلارنىڭ بۇ قائىدىلەرنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
16-باب: خەلقئارا ئەخلاق
خەلقئارا ئەخلاقنىڭ (International Morality) رولىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي سىياسەتلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئېلان قىلغان ئەخلاقىي نىشانلىرىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. مورگېنتاۋ خەلقئارا ئەخلاق كۈچىنى «ئاجىز» دەپ قاراشنى تەنقىد قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار «ئاجىز» بولسا، ئۇلارنىڭ رېئاللىقتىن يىراقلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
«ئاۋام ئەخلاقىنىڭ ئالىيجاناب خۇسۇسىيىتى» خەلقئارا ئەخلاقنىڭ كونا شەكلىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ 17-18-ئەسىرلەردە ياشىغان ئالىيجاناب دىپلوماتلارنىڭ ئۆز-ئارا ئادىمىي ھۆرمەت قىلىش ئادىتى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى چەكلىگەن. ئەمما 19-ئەسىردىكى دېموكراتىك ۋە مىللەتچىلىك دولقۇنلىرى بۇ ئادەتنى بۇزۇپ، «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەيران بولۇشى»نى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
مىللەتچىلىك ئۆز ئەخلاقىنى ئومۇمىي ئەخلاق دەپ قارايدۇ، بۇ باشقا دۆلەتلەر بىلەن زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، «مىللەتچىلىكنىڭ ئۆزگىرىشى»دە، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئەخلاقىي قىممەت قاراش بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى چەكلەشتە مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. «ئىنسان ھوقۇقى ۋە خەلقئارا ئەخلاق» بولسا، زامانىۋى دىپلوماتىيەنىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى بولۇپ، بۇ مەسىلە دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش مەنپەئەتى بىلەن ئۇنىۋېرسال ئەخلاقىي پىرىنسىپلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت مەسىلىسىدۇر.
17-باب: دۇنيا جامائەت پىكرى
دۇنيا جامائەت پىكرى (World Public Opinion) خەلقئارا ئەخلاقنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكىتىگە بىر قىسىم چەكلىمە قويىدۇ. مورگېنتاۋ ئاۋۋال «دۇنيانىڭ پسىخولوگىيەلىك ئورتاقلىقى»نى تەھلىل قىلىپ، بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ئىھتىياجىنىڭ (ئەركىن ياشاش، يېمەكلىك، بىخەتەرلىك) نىڭ ئوخشاشلىقىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن رېئاللىقتا بۇ ئىھتىياجلارنىڭ ماددىي ئۆلچەملىرى ۋە ئىپادىلىنىش شەكلى ئوخشىمايدۇ.
تېخنىكىلىق بىرلىكنىڭ ئېنىقسىزلىقى (Ambiguity of Technological Unification) شۇكى، تېخنىكا (ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش) گەرچە جۇغراپىيەلىك توسالغۇلارنى يوقاتسىمۇ، ئۇ روھىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن بىرلىك دېگەنلىك ئەمەس. ئەكسىچە، تېخنىكا مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىدېئولوگىيە، ئەخلاق ۋە سىياسەتتە پەرقلىق كۆز قاراشلارنى تېخىمۇ ئاشكارىلايدۇ. مورگېنتاۋ تېخنىكىنىڭ دۇنيا جامائەت پىكرىنى يارىتىشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
«مىللەتچىلىك توسالغۇسى» دۇنيا جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق توسالغۇ. مىللەتچىلىك ئۆز مىللىتىنىڭ كۆز قارىشىنى مۇتلەق ئەخلاق دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا تاشقى دۇنيانىڭ كۆز قارىشىنى رەت قىلىدۇ. «ۋۇدروۋ ۋىلسوننىڭ ئون تۆت نۇقتىسى» (Woodrow Wilson’s Fourteen Points) غا ئوخشاش تىنچلىقنى مەقسەت قىلغان ئۇرۇنۇشلارمۇ مىللەتچىلىكنىڭ توسالغۇسى سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولغان.
ف. ئالتىنچى قىسىم: مىللىي كۈچنىڭ چەكلىمىسى: خەلقئارا قانۇن
18-باب: خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرى
خەلقئارا قانۇن (International Law) كۈچنى چەكلەشتىكى يەنە بىر مۇھىم ۋاسىتە، لېكىن ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئاجىز. خەلقئارا قانۇننىڭ ئومۇمىي ماھىيىتى فېئودال تۈزۈمىدىن مىللىي دۆلەت تۈزۈمىگە ئۆتۈشتە شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنىي مۇناسىۋەتلەرنى بەلگىلەيدۇ. خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى مەركەزسىزلەشتۈرۈلگەن خاراكتېرى بولۇپ، ئىچكى قانۇندىكىگە ئوخشاش ئۈستۈن ھۆكۈمەت ياكى مەركەزلىك ئىجرا ئورگىنى يوق.
خەلقئارا قانۇننىڭ چىقىرىلىشىغا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شەرتلىك ھەمكارلىقى تۈرتكە بولىدۇ، بولۇپمۇ «خەلقئارا شەرتنامىلەر» ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئەھۋالدا قانۇننىڭ ئېنىقسىزلىقى ۋە چەكلىمىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خەلقئارا قانۇندا سوتچىلىق رولى ئاجىز بولۇپ، مەجبۇرىي سوتچىلىق يوق. دۆلەتلەر پەقەت ئۆز رازىلىقى بىلەنلا خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە بوي سۇنىدۇ.
خەلقئارا قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان مەركەزلىك ئورگان يوق، ئىجرا قىلىش پەقەت دۆلەتلەرنىڭ ئۆز كۈچى ياكى ئىتتىپاقى ئارقىلىق بولىدۇ. مورگېنتاۋ «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك» ئۇقۇمىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ «مىللەتلەر بىرلەشمىسى» (League of Nations) ۋە «ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 7-بابى» (Chapter VII of the UN Charter) دا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بىر دۆلەتنى قوغداش بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتىنى تەلەپ قىلىدىغان بولسىمۇ، بۇ تۈزۈم چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.
19-باب: ئىگىلىك ھوقۇقى
ئىگىلىك ھوقۇقى مىللىي دۆلەت تۈزۈمىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى بولۇپ، ئۆز زېمىنى ئىچىدىكى ئالىي ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ. مورگېنتاۋ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئاساسلىق مەنىلىرىنى: مۇستەقىللىق، باراۋەرلىك ۋە بىردەكلىك دەپ چۈشەندۈرىدۇ. «مۇستەقىللىق» ھەر بىر دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە بوي سۇنماسلىقىنى، «باراۋەرلىك» ھەر بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى، «بىردەكلىك» بولسا خەلقئارا قانۇن قائىدىلىرىنىڭ پەقەت بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىردەك رازىلىقى بىلەنلا كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
«ئىگىلىك ھوقۇقى نېمە ئەمەس؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، مورگېنتاۋ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي چەكلىمىلەردىن خالىي ئەمەسلىكىنى، ئەمما بۇ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ياكى تېخنىكىلىق جەھەتتە تەسىرىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇنىي ماھىيىتى بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
«ئىگىلىك ھوقۇقى قانداق يوقىلىدۇ؟» دېگەن سوئالغا، مورگېنتاۋ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ باشقا دۆلەتنىڭ ئالىي قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى ئۆز تېررېتورىيەسىگە قوبۇل قىلىش ئارقىلىق يوقىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مورگېنتاۋ يەنە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۇباغا بولغان تەسىرىنى مىسال قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئەمەلىي سىياسىي ھوقۇق ئىكەنلىكىنى، پەقەت قانۇنىي پرىنسىپلا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئىگىلىك ھوقۇقىنى بۆلۈش (Is Sovereignty Divisible) مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپ، (مەسىلەن، فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى) ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن بۆلۈنمەيدىغان، لېكىن سىياسىي جەھەتتىن بۆلۈنسە بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.
گ. يەتتىنچى قىسىم: بۈگۈنكى دۇنيادىكى خەلقئارا سىياسەت
20-باب: مىللەتچىلىك ئۇنىۋېرسالىزمىنىڭ يېڭى ئەخلاقىي كۈچى
«مىللەتچىلىك ئۇنىۋېرسالىزمى» (Nationalistic Universalism) بىر دۆلەتنىڭ ئۆز مىللىي قىممەت قارىشىنى پۈتۈن دۇنياغا يېيىشنى مەقسەت قىلغان ئەخلاقىي كۈچ. 17-18-ئەسىردىكى ياۋروپا مىللىي دۆلەت سىستېمىسىدىكى ئادەت ۋە ئەخلاق ئورتاقلىقى بۇزۇلۇپ، مىللەتچىلىك روھىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن «يېڭى ئەخلاق كۈچى» نى شەكىللەندۈردى. بۇ، مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي ئەخلاقىنى ئەڭ ئاخىرقى پايدىلىنىش نۇقتىسى دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئەخلاقىنى ئۇنىۋېرسال ئەخلاق سۈپىتىدە يايىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەم ئەقلىنىڭ كۈرىشى (The Struggle for the Minds of Men) بۇ يېڭى ئەخلاقىي كۈچنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بۇ كۈرەش تەبىئىي جەڭ، ھەربىي كۈچ ۋە دىپلوماتىيە گە ئوخشاش سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئەڭ مۇھىمى تەشۋىقات ۋاسىتىسى ئارقىلىق كېڭىيىدۇ. مورگېنتاۋ تەشۋىقاتنىڭ ئۈچ پىرىنسىپىنى بېكىتىدۇ: بىرىنچىسى، تەشۋىقات بىر سىياسىي پەلسەپەگە ئاساسلىنىشى كېرەك (مەسىلەن، كوممۇنىزم ياكى فاشىزم)؛ ئىككىنچىسى، تەشۋىقات مەلۇم تارىخىي دەۋردىكى رېئال ئەھۋالغا ماسلىشىشى كېرەك؛ ئۈچىنچىسى، تەشۋىقات ھەربىي ئۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشى، ياكى دۆلەتنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە يېتىشىنى قوللىشى كېرەك.
21-باب: كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ يېڭى ھالىتى
كۈچ تەڭپۇڭلۇقى قۇرۇلمىسىدا ئۈچ خىل ئاساسلىق ئۆزگىرىش يۈز بەردى: چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشى، ئىككى قۇتۇپلۇقلۇق(Bipolarity) نىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئىككى بېرلىكلىك سىستېما يۈزلىنىشى. چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشى، كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشنى تەسلەشتۈردى، چۈنكى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ سەۋەنلىكى پۈتۈن سىستېمىنى بۇزۇشقا يېتەرلىك بولاتتى.
«ئىككى قۇتۇپلۇقلۇق» (سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى) كۈچنىڭ بىر قېتىملىق ئۆزگىرىشى بولۇپ، ھەر ئىككى قۇتۇپ بىر-بىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. «تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچىنىڭ يوقىلىشى» (بۇرۇن ئەنگلىيە بۇ رولنى ئوينايتتى) ئىككى قۇتۇپلۇق سىستېمىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
«مۇستەملىكە چېگراسىنىڭ يوقىلىشى» چوڭ كۈچلەرنىڭ زىددىيەتلەرنى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە يېيىش پۇرسىتىنى يوققا چىقاردى. «مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ئىنقىلابلار» ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى مۇستەملىكە رايونلىرىنىڭ ئېگىلىك ھوقۇقىنى ئۆزى قولىغا ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياۋروپانىڭ دۇنيا سىياسىتىدىكى تەڭپۇڭلۇق مەركىزى ئورنىنى يوققا چىقاردى. بۇنىڭدىن باشقا، «غەربنىڭ چېكىنىشى» (ئامېرىكا تېخى يادرو كۈچىگە ئېرىشەلمىگەن مەزگىلدە) چوڭقۇر ئەخلاقىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى.
22-باب: ئومۇمىي ئۇرۇش
مورگېنتاۋ ئۇرۇشنىڭ تۆت خىل تۈرىنى تەھلىل قىلىدۇ: ئومۇمىي نوپۇس ئۇرۇشى، پۈتۈن نوپۇسقا قارشى ئۇرۇش، ئۇرۇشنىڭ مېخانىكلىشىشى ۋە ئومۇمىي نىشان ئۈچۈن ئۇرۇش. 17-18-ئەسىرلەردىكى ئەنئەنىۋى ئۇرۇش پەقەت ھەربىي قىسىملارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي چەكلىمىلەرگە بوي سۇنغان. لېكىن 20-ئەسىردە، مىللەتچىلىك ئۇنىۋېرسالىزمىنىڭ تەسىرىدە، ئۇرۇش «پۈتۈن نوپۇس ئۇرۇشى» غا ئايلىنىپ، بارلىق پۇقرالارنى جەڭگە قاتناشتۇردى.
«پۈتۈن نوپۇسقا قارشى ئۇرۇش» ھەربىي نىشانلار بىلەن پۇقراۋى نىشانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى ئۆچۈردى. ئۇرۇشنىڭ مېخانىكلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھالاكەت كۈچى ۋە تېزلىكى تېخىمۇ ئاشتى. «ئومۇمىي مېخانىكلىشىش، ئومۇمىي ئۇرۇش ۋە ئومۇمىي ھۆكۈمرانلىقنىڭ تېز تەرەققىياتى ئۇرۇشنىڭ كۈچلۈكلىكىنى مىسلىسىز ئاشۇرۇپ، ئاخىرىدا ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالدى.
خ. سەككىزىنچى قىسىم: تىنچلىق مەسىلىسى: چەكلەش ئارقىلىق تىنچلىق
23-باب: قورالسىزلاندۇرۇش
قورالسىزلاندۇرۇش (Disarmament) ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىنچلىقنى ساقلاشنىڭ بىر يولى، لېكىن مورگېنتاۋ ئۇنىڭ تەۋەككۈلچىلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ قورالسىزلاندۇرۇشنىڭ تارىخىنى، مەغلۇبىيەتلىرىنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەھلىل قىلىدۇ. قورالسىزلاندۇرۇش مەسىلىسىنىڭ تۆت ئاساسلىق ئامىلى بار: بىرىنچىسى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قورال نىسبىتىنى قانداق بەلگىلەش؛ ئىككىنچىسى، قورالنى ئۆلچەملەشتۈرۈش؛ ئۈچىنچىسى، قوراللارنى ئازايتىشنىڭ ھەقىقىي تەسىرى؛ تۆتىنچىسى، قورالسىزلاندۇرۇشنىڭ تىنچلىققا بولغان تەسىرى.
يادرو دەۋرىدىكى قوراللارنى كونترول قىلىش (Arms Control in the Nuclear Age) تىنچلىق مەسىلىسىنىڭ يېڭى چەكلىمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. قورالسىزلاندۇرۇش ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى يېرىم قورال -يېرىم كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلىدىغان «ئىشەنچلىك كاپالەت » ئىدىيەسىنى ئاساس قىلغان. شۇڭا، يادرو قوراللىرىنىڭ ئازايتىلىشى قوراللىنىش مۇسابىقىسىنى كونترول قىلىشنىڭ ئەمەس، بەلكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ قالدى.
24-باب: كوللېكتىپ بىخەتەرلىك
كوللېكتىپ بىخەتەرلىك سىستېمىسى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ھالدا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ سىستېما ئۈچ ئاساسلىق پەرەزگە ئاساسلىنىدۇ: بىرىنچىسى، پۈتۈن دۇنيا جەڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرلەشمە كۈچ ئىشلىتەلەيدۇ؛ ئىككىنچىسى، چوڭ دۆلەتلەر مىللىي مەنپەئەتىنى كوللېكتىپ مەنپەئەتكە بوي سۇندۇرۇشقا رازى بولىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، ھەربىي تەھدىتنىڭ رېئاللىقى ئەخلاقىي ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مورگېنتاۋ «مىللەتلەر بىرلەشمىسى» (The League of Nations) بىلەن «ب د ت»نىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى نەقىل ئېلىپ بۇ ئۈچ پەرەزنىڭ ھەممىسىنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىتالىيە-ئېفىئوپىيە ئۇرۇشى ۋە ئامىرىكا -كورېيە ئۇرۇشى كوللېكتىپ بىخەتەرلىكنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. چوڭ دۆلەتلەر مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن كوللېكتىپ ھەرىكەتنى توسىيالايدۇ..
25-باب: سوت ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۇسۇلى
سوت ئارقىلىق ھەل قىلىش (Judicial Settlement) توقۇنۇشنى ھەل قىلىپ كۈچ قازىنىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى بولۇپ، مورگېنتاۋ بۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىشتىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دۆلەت ئىچىدە سوت مەھكىمىلىرى قانۇننىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، لېكىن خەلقئارا سەھنىدە، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئورنى قانۇنسىز. خەلقئارا تالاش-تارتىشلار «كۈچ توقۇنۇشى» بىلەن «قانۇن توقۇنۇشى»نىڭ بىرىكىشىدۇر.
مورگېنتاۋ خەلقئارا توقۇنۇشلارنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، «ساپ تالاش-تارتىشلار» (پەقەت قانۇننى ئاساس قىلىدۇ) بىلەن «جىددىي ماھىيەتتىكى تالاش-تارتىشلار» (كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى چۈشەندۈرىدۇ. سوت پەقەت بىرىنچى تۈردىكى تالاش-تارتىشلارنىلا ھەل قىلالايدۇ.
سوتنىڭ چەكلىمىسى (Limitations of the Judicial Function) شۇكى، دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ھەر قانداق قارارنى رەت قىلىدۇ. مورگېنتاۋ سوتنىڭ ئاجىزلىقىنى ئامېرىكا-گېرمانىيە تاموژنا بىرلەشمىسى مەسىلىسى ئارقىلىق مىسال كەلتۈرۈپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ سىياسىي ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت قانۇنىي دائىرىدىكى مەسىلىلەرنىلا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئى. توققۇزىنچى قىسىم: تىنچلىق مەسىلىسى
26-باب: تىنچ ئۆزگىرىش
تىنچ ئۆزگىرىش ئىچكى ۋە خەلقئارا سىياسەتتە ئومۇميۈزلۈك بىر ھادىسە بولۇپ، دۆلەتلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن ئۆزگىرىش ئارزۇسى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي خاراكتېرلىك كۈرەشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مورگېنتاۋ ئىچكى سىياسەتتە تىنچ ئۆزگىرىشنىڭ ئۈچ خىل ئامىلىنى تىلغا ئالىدۇ: ئاممىۋى پىكىرنى ئەركىن ئىپادىلەش ، سىياسىي ۋە ئەخلاقىي ئورۇنلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى. بۇ ئامىللار ئىچكى سىياسەتتە تىنچلىقنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
خەلقئارا ئىشلاردا تىنچ ئۆزگىرىش ئىچكى سىياسەتتىكىگە ئوخشاش تەرتىپ بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ، چۈنكى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئورتاق ئەخلاق تونۇشى ياكى مەجبۇرىي سوت يوق. مورگېنتاۋ «مىللەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ 19-ماددىسى»نى تەھلىل قىلىدۇ، بۇ ماددا كۈچلۈكلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش جەريانىدا ئاجىز دۆلەتلەرگىمۇ ئېتىبار بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
«ب د ت نىزامنامىسى» (The Charter of the United Nations) خەلقئارا تىنچ ئۆزگىرىشنى قوللاشتا «مىللەتلەر بىرلەشمىسى» بىلەن ئوخشاش رول ئوينايدۇ. ب د ت نىڭ ئومۇمىي مەجلىسى (General Assembly) نىڭ تەۋسىيە قىلىش ھوقۇقى بار، لېكىن بىخەتەرلىك كېڭىشى (Security Council) نىڭ كۈچ ئىشلىتىش ھوقۇقى چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي رولى پەقەتلا تەۋسىيەدىن ئىبارەت.
27-باب: خەلقئارا ھۆكۈمەت
خەلقئارا ھۆكۈمەت ئورنىتىش ئىدىيەسى خەلقئارا قالايمىقانچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچى. تارىختا خەلقئارا ھۆكۈمەت قۇرۇشقا تۇنجى ئۇرۇنۇش«مۇقەددەس ئىتتىپاق» بولۇپ، 1815-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى ناپولېئون ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن ياۋروپادا تىنچلىقنى ساقلاش ئىدى. بۇ ئىتتىپاق ئاساسلىقى چوڭ دۆلەتلەر (رۇسىيە، ئاۋسترىيە، پىرۇسسىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تايىنىپ، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان.
«ياۋروپا كونسېرتى» (The Concert of Europe) تېخىمۇ كەڭ تىنچلىقنى ساقلاشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارا ھۆكۈمەتنىڭ يەنە بىر شەكلى. ئۇ قۇرۇلغان ئەمەس، بەلكى چوڭ كۈچلەرنىڭ دائىملىق ئۇچرىشىشى ئارقىلىق، ياۋروپانىڭ تىنچلىقىنى كوللېكتىپ ھالدا بىر تەرەپ قىلغان. «مىللەتلەر بىرلەشمىسى» بولسا، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان بىر تەشكىلات بولۇپ مورگېنتاۋ بىرلەشمىنىڭ ئۈچ ئاساسلىق ئاجىزلىقىنى تىلغا ئالىدۇ: قۇرۇلمىۋى ئاجىزلىق، سىياسىي ئاجىزلىق ۋە ئىقتىسادىي ئاجىزلىق. بىرلەشمىگە ئەزا چوڭ كۈچلەرنىڭ بۇ بىرلەشمىدە ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشى، بىرلەشمىنىڭ ئۈنۈمىنى يوققا چىقاردى.
28-باب: خەلقئارا ھۆكۈمەت: ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى)
ب د ت نىڭ قۇرۇلمىسى «مىللەتلەر بىرلەشمىسى» گە ئوخشايدۇ، لېكىن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. نىزاملىرىنىڭ ئېنىقسىز پىرىنسىپلىرى ۋە ئومۇمىي مەجلىسنىڭ چېكىنىشدىن ب د ت نىڭ سىياسىي رېئاللىقى كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ.
مورگېنتاۋ ب د ت نىڭ سىياسىي رېئاللىقىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ مەيدانى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى ۋېتو ھوقۇقى مەركەزسىز ئىجرا قىلىش پىرىنسىپىنى قايتا ئوتتۇرىغا چىقاردى. ب د ت نىڭ رولى تىنچلىقنى ساقلىغۇچىلىقتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇ يەنىلا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنىڭ كۈچلۈك شامىلىغا قاراپ ئىش تۇتىدۇ.
29-باب: دۇنيا دۆلىتى
دۇنيا دۆلىتى قۇرۇش ئىدىيەسى خەلقئارا قالايمىقانچىلىقنى تۈپتىن ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چارىسى بولۇپ، خەلقئارا سىياسەتتىكى مەسىلىلەرنى ئىچكى سىياسەتتىكىگە ئوخشاش بىر ئالىي ھۆكۈمەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىچكى تىنچلىقنىڭ ئۈچ ئاساسىي شەرتى بار: كۈچلۈك ساداقەت ۋە ئادالەت، شۇنداقلاھۆكۈمرانلىق كۈچى.
مىللىي دۆلەتلەر ئۆز ساداقىتىنى پەقەت مىللەتچىلىككە بېغىشلىغاچقا، دۇنيا دۆلىتىنى قوللايدىغان «يۇقىرى سەۋىيەلىك ساداقەت» يوق. ھەرقانداق بىر دۇنيا ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى مىللىي مەنپەئەت ۋە ئادالەتسىزلىك توسۇپ قويىدۇ. مورگېنتاۋ ئىچكى جەمئىيەتتىكى تىنچلىقنى ساقلاشنىڭ ئۈچىنچى ئامىلىنىڭ «ھۆكۈمرانلىق كۈچى» ئىكەنلىكىنى، بۇ كۈچنىڭ ئىچكى جەمئىيەتنى كونترول قىلىدىغان يەككە ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
30-باب: دۇنيا جامائىتى
ئالدىنقى بابتا دۇنيا دۆلىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر دۇنيا جامائىتىنىڭ شەكىللىنىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. بۇ بابتا، مورگېنتاۋ دۇنيا جامائىتىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىككى چوڭ ئۇسۇلنى، يەنى «مەدەنىيەت ئۇسۇلى» (UNESCO ۋەكىللىكىدە) ۋە «فۇنكسىيە ئۇسۇلى» (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئورگانلىرى ۋەكىللىكىدە) نى تەھلىل قىلىدۇ. بۇ ئىككى ئۇسۇلدا، مىللەتلەر ئارا سىياسىي بولمىغان ساھەلەردە ھەمكارلىق ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئاخىرىدا سىياسىي ئىتتىپاقلىق ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
بىرىنچىدىن، «مەدەنىيەت ئۇسۇلى» نىڭ يادروسى «ئۇرۇش ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدا باشلىنىدۇ، شۇڭا تىنچلىقنىمۇ ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدا قۇرۇش كېرەك» دېگەن قاراشقا ئاساسلانغان. بۇ ئۇسۇل مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزىنى چۈشەنمەسلىك ۋە دۈشمەنلىكنى تۈگىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمما مورگېنتاۋ بۇنى «ئىدىيەۋى خاتالىق» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭچە، خەلقئارا توقۇنۇشلارنىڭ يىلتىزى چۈشەنمەسلىكتە ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي مەنپەئەت ۋە ھوقۇق تالىشىشتا. تارىختا يۈكسەك مەدەنىيەت ۋە مائارىپ سەۋىيەسىگە ئىگە دۆلەتلەرنىڭمۇ بىر-بىرى بىلەن رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇش قىلغانلىقى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئىككىنچىدىن، «فۇنكسىيە ئۇسۇلى» مىللەتلەرنى پوچتا، سەھىيە، ئىقتىساد قاتارلىق تېخنىكىلىق ۋە سىياسىي بولمىغان ساھەلەردە ھەمكارلىشىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ ھەمكارلىقنىڭ تەدرىجىي ھالدا سىياسىي ساھەگە كېڭىيىپ، دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئاجىزلىتىپ، بىر دۇنيا جامائىتىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىدۇ. مورگېنتاۋ بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، سىياسەتنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۆلەتلەر پەقەت دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتمىگەندىلا ھەمكارلىشىدۇ. ئەگەر فۇنكسىيەلىك ھەمكارلىق بىر دۆلەتنىڭ ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالسا، دۆلەت مەنپەئەتى ھەمىشە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ ئورگانلار سىياسىي توقۇنۇشلارنى ھەل قىلمايلا قالماستىن، بەلكى دائىم يېڭى بىر ھوقۇق تالىشىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ج. ئونىنچى قىسىم: تىنچلىق مەسىلىسى: ماسلىشىش ئارقىلىق تىنچلىق
31-باب: دىپلوماتىيە
ئىگىلىك ھوقۇقىنى چەكلەش ياكى دۇنيا دۆلىتىنى قۇرۇش مۇمكىن بولمىغاچقا، دىپلوماتىيە ئارقىلىق تىنچلىققا ئېرىشىش ئەڭ ئۈنۈملۈك يول بولۇپ قالىدۇ. دىپلوماتىيەنىڭ تۆت ئاساسىي ۋەزىپىسى بار: (1) مىللىي مەنپەئەت نىشانىنى بەلگىلەش؛ (2) باشقا دۆلەتلەرنىڭ نىشانىنى مۆلچەرلەش؛ (3) بۇ نىشانلارنىڭ بىرى-بىرىگە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى تەھقىقلەش؛ (4) نىشانغا يېتىشنىڭ مۇۋاپىق ۋاسىتىلىرىنى بەلگىلەش.
مورگېنتاۋ دىپلوماتىيەنىڭ ئۈچ خىل ۋاسىتىسىنى: سىمۋوللۇق ئىپادىلەش، قانۇنىي ۋەكىللىك ۋە سىياسىي ۋەكىللىك دەپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە دىپلوماتىيەنىڭ چېكىنىشى تۆت ئاساسلىق ئامىلدىن كېلىپ چىقىدۇ دەيدۇ: (1) ئالاقە تەرەققىياتى (سۆھبەتتىن يىراقلاشقاندا)؛ (2) دىپلوماتىيەنىڭ پارلامېنت تەرتىپى بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى (ئاشكارا بولۇپ كەتكەندە)؛ (3) زامانىۋى سىياسەتتىكى «چوڭ كۈچلەرنىڭ» ئورنى ئۆزگەرگەندە؛ (4) زامانىۋى دۇنيا سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرگەندە.
32-باب: دىپلوماتىيەنىڭ كەلگۈسى
دىپلوماتىيە قانداق ئەسلىگە كېلەلەيدۇ؟ ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى دىپلوماتىيەنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنى يوقىتىش ياكى چەكلەش بىلەن بولىدۇ. ئاشكارىلىقنىڭ زىيىنى (پىسخولوگىيەلىك تىركىشىش پەيدا قىلىدۇ) ۋە كۆپ سانلىقنىڭ ئەيىبى (ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىدە) دىپلوماتىيەنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مۇناسىۋەتتە مەسىلىلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئايرىيالماسلىق) دىپلوماتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مورگېنتاۋ دىپلوماتىيەنىڭ توققۇز ئاساسىي قائىدىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىنچلىققا يېتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپلىرىنى تەكىتلەيدۇ:
1. دىپلوماتىيە ھەربىي كۈچنى تەشۋىق قىلىشتىن خالىي بولۇشى كېرەك.
2. دىپلوماتىيەنىڭ نىشانى مىللىي مەنپەئەتنىڭ مۇھىم ئامىللىرىنى كۆزلەپ بىكىتىلىشى كېرەك.
3. دىپلوماتىيە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن قارايدىغان دىپلوماتىيە نىشانىنى قوللىشى كېرەك.
4. دۆلەتلەر بارلىق مەسىلىلەردە مۇرەسسە قىلىشقا رازى بولۇشى كېرەك.
5. دىپلوماتىيە رېئال ئەۋزەللىكنى قوغلاشتەك خام خىياللاردىن خالىي بولۇشى كېرەك.
6. كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئاجىز دۆلەتتىن نەپ ئېلىشىنى چەكلىشى كېرەك.
7. ھەرقانداق مۇرەسسە قىلىش تەلىپىدە «كۈچ» قوللانماسلىق كېرەك.
8. قوراللىق كۈچلەر دىپلوماتىيەنىڭ قورالى بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭ خوجايىنى ئەمەس.
9. ھۆكۈمەت ئاممىۋى پىكىرنىڭ قۇلى بولماسلىقى كېرەك.
ك:قوشۇمچەئا:21 – ئەسىر ئۈچۈن رېئالىزم يېڭىلاش
بۇ قوشۇمچە قىسىمدا زامانىۋى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىدىكى ئاساسلىق ئىدىيە-تالاش-تارتىشلار (رېئالىزم، لىبېرالىزىم، قۇرۇلمىچىلىق) تەھلىل قىلىنىپ، مورگېنتاۋنىڭ كىلاسسىك رېئالىزمىنىڭ زامانىۋى ئەھمىيىتى باھالىنىدۇ.
جون مىرسخايمېرنىڭ «خەلقئارا ئورگانلارنىڭ يالغان ۋەدىسى» ناملىق ماقالىسى لىبېرال ئورگانچىلىقنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ. مىرسخايمېر دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ ھايات قېلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا ئورگانلارنىڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكىتىگە بولغان تەسىرىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا ئورگانلار پەقەت كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
ج. سامۇئېل باركىننىڭ «رېئالىستىك قۇرۇلمىچىلىق» ماقالىسى رېئالىزم بىلەن قۇرۇلمىچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى بىرىكمە نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، كىلاسسىك رېئالىزم ئىنسان تەبىئىتىگە ئەھمىيەت بەرگەندەك، قۇرۇلمىچىلىقمۇ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. مورگېنتاۋنىڭ رېئالىزىمى بولسا، سىياسەتنىڭ ئەخلاق ياكى قانۇنغا باغلانمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، رېئالىزىمغا ئائىت قۇرۇلمىچىلىق نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرۈپ بەرگەن.
ئاشلېي تېللىسنىڭ «مورگېنتاۋ: كۈچ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش سىياسىتى» ناملىق ماقالىسى مورگېنتاۋنىڭ رېئالىزىمىنىڭ ئاساسىي ئېلېمېنتىنى بايان قىىلىدۇ، يەنى خەلقئارا سىياسەتنى ئاساسلىقى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى بولغان «كۈچ ئۈچۈن كۈرەش» دەپ قارايدۇ. ئۇ ئادالەتسىزلىك، جىنايەت ۋە يۈز بەرگەن ئۇرۇشلارنىڭ «كۈچ» نىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئادمىرال ۋىللىيام ج. كىروۋ، كىچىكنىڭ «ئىراق ئارقا كۆرۈنۈشى» (An Iraq Retrospect) ماقالىسى ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قىلغان تاجاۋۇزىنى رېئالىستىك نۇقتىدىن تەھلىل قىلىدۇ. ئۇ تاشقى سىياسەتنىڭ ھەمىشە ئاممىۋى پىكىرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، ئەمما رېئاللىقنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگىرىپ، سىياسەتنىڭ يەرلىك ۋە رايونلۇق تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
گېنېرال برېنت سكوكروفتنىڭ «خەلقئارا سىياسەت پەلسەپىسىدىكى يېڭى ئايرىلىشلار» ماقالىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە پەيدا بولغان «رېئالىستلار ۋە ئىدېئالىستلار» ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. رېئالىستلار كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى، ئىدېئالىستلار دېموكراتىيەنى كېڭەيتىشنى ئاساس قىلىدۇ.
ئەلچى داۋىد د. نىيۇسومنىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلدىمۇ؟» ناملىق ماقالىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى تەھلىل قىلىپ، رېئالىستىك نۇقتىدىن قارىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئۈستۈنلۈكى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئىچكى ئاجىزلىق ۋە ئىقتىسادىي ئاقىۋەتتىن كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ يەنە يېڭى ئەسىردىكى ب د ت نىڭ ئورنى ۋە ئامېرىكىنىڭ يەرشارىۋى رولى ئۈستىدە توختىلىدۇ.
ك. قوشۇمچە B: ب د ت نىزامنامىسى
كىتابنىڭ ئاخىرىدا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» تولۇق تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مورگېنتاۋ ب د ت نى كۈچكە چەكلىمە قويغۇچى ئەڭ مۇھىم ئورگان سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، نىزاملىرىنىڭ ئەمەلىي سىياسىي رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. نىزامنامە ئاساسلىقى تىنچلىق ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىكنى ساقلاشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى ۋېتو ھوقۇقى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنىڭ ئەڭ ئالىي نىشان بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
خۇلاسە
ھانس ج. مورگېنتاۋنىڭ «دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسەت» ناملىق بۇ ئەسىرى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى ساھەسىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئۈزلۈكسىز مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭ رېئالىزم پىرىنسىپلىرى ئارقىلىق خەلقئارا سىياسەتنىڭ ماھىيىتىنى – «كۈچ ئۈچۈن كۈرەش» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مورگېنتاۋنىڭ ئەسىرى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ كۈچ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا مايىللىقىنى، شۇڭا خەلقئارا سىياسەتنىڭ مەڭگۈلۈك توقۇنۇش، زىددىيەت ۋە ئېنىقسىزلىققا تولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ خەلقئارا قانۇن، ئەخلاق ۋە تەشكىلاتلارنىڭ پەقەت كۈچنىڭ ئاجىز چەكلىمىسى ئىكەنلىكىنى، تىنچلىققا پەقەت «دىپلوماتىيە» ئارقىلىق، يەنى كۈچلۈك رەقىبلەر بىلەن مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىقلا يېتىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتى شۇكى، ئۇ خەلقئارا سىياسەتنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە دائىرىسىدە ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ خىيالپەرەسلىككە، قانۇنىي فورمالىزمغا ۋە پەقەتلا ئىقتىسادىي ئامىللارغا تايىنىشتىن ساقلىنىشنى، سىياسەتنى ئىلمىي ۋە سىستېمىلىق ئانالىز قىلىشنى تەكىتلەيدۇ. يەتتىنچى نەشرىنىڭ يېڭى قوشۇمچىلىرى مورگېنتاۋنىڭ نەزەرىيەسىنىڭ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ، « تېررورلۇق» ۋە يېڭى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى قۇرۇلمىسىدىكى مەسىلىلەردە قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئۇيغۇر ئاكادېمىك مۇھىتى نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق، مورگېنتاۋنىڭ بۇ ئەسىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ مۇناسىۋەتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك نەزەرىيەۋى رامكا بىلەن تەمىنلەيدۇ. خىتايغا ئوخشاش بىر چوڭ كۈچنىڭ ئىمپېرىيالىستىك سىياسىتىنى، ئۇنىڭ مىللەتچىلىك ئۇنىۋېرسالىزمىنى ۋە خەلقئارا قانۇنغا بولغان كۆز قارىشىنى مورگېنتاۋنىڭ رېئالىستىك پىرىنسىپلىرى ئارقىلىق چوڭقۇر تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئەسەر خەلقئارا سىياسەتتىكى ھەقىقىي مەنپەئەت ۋە كۈچ ئامىللىرىنىڭ ئەخلاق ۋە قانۇن ئارقىلىق نىقاپلىنىپ ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. شۇڭا، مورگېنتاۋنىڭ ئەسىرى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىكى ھەر بىر تەتقىقاتچى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كىلاسسىك ئەسەردۇر.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















