تىكىشىش | پەلسەپەنىڭ قىسقىچە تارىخى 12- باب

2021-يىلى 4-ماي

12 – باب

 تىكىشىش

 

بىلايس پاسكال

 

تەرجىمان: ئابدۇلھەفىز مەخسۇم

تەرجىمە تەھرىرى: ئابدۇرېھىم دۆلەت

بىر تەڭگىنى تاشلىسىڭىز، ئەگەر تەڭگىدە ئەيىپ بولمىسا، ئوڭ ياكى تەتۈر تەرىپى چۈشىدۇ. باشقىچە ئ‍ېيتقاندا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ چۈشۈش ئېھتىماللىقى تەڭگە – تەڭ. شۇڭا قايسى تەرەپكە دو تىكىشىڭىز مۇھىم ئەمەس، چۈنكى ھەر قېتىمدا ئوڭ تەرەپنىڭمۇ، تەتۈرىنىڭمۇ چۈشۈش ئوخشاش نىسبەتتە ئېھتىماللىقى بار.  ئەگەر سىز خۇدانىڭ بار يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرەلمىسىڭىز، قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ بۇ ئىش تەڭگە تاشلىغانغا ئوخشامدۇ؟ سىز خۇدانىڭ يوقلىقىغا دو تىكىپ، ئۆزىڭىز خالىغانچە ياشىشىڭىز كېرەكمۇ؟ ياكى بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش بەك ئۇزاقتىكى ئىش بولسىمۇ، خۇدا باردەك ياشاش ئاقىلانىلىك بولامدۇ؟… خۇدانىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشەنگەن بىلايس پاسكال (1623-62) بۇ سوئاللار ھەققىدە قاتتىق ئويلانغان.

 

پاسكال تەقۋادار كاتولىك ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى نۇرغۇن خىرىستىيانلارغا ئوخشىمايدىغىنى، ئۇ ئىنسانىيەتكە ئىنتايىن سەلبىۇ قاراشتا بولۇپ، ئۈمىدسىز( pessimist) ئىدى. ئۇ ھەممىلا جايدا جەننەتتىن قوغلىنىشنىڭ پاكىتلىرىنى، يەنى ئادەم ئاتا ۋە ھەۋۋا ئانىنىڭ بىلىم دەرىخى مېۋىسىنى يەپ خۇداغا ئاسىيلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك، بىز مەھكۇم بولغان كەمتۈكلۈكلەرنى كۆرەتتى. ئاۋگۇستىنغا ئوخشاش (6-بابقا قاراڭ)، ئۇمۇ ئىنسانلارنى جىنسىي ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە ھەرىكەت قىلىدىغان، ئىشەنچسىز ۋە ئاسانلا زېرىكىدىغان بىر جانلىق دەپ قارايتتى. «ھەممىمىز بىچارە، ھەممىمىز تەشۋىش بىلەن ئۈمىدسىزلىك ئارىسىدا ئېزىلگەن. ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ نەقەدەر قىممەتسىز ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىشىمىز كېرەك. ھاياتىمىزدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئەبەدىيلىك ئارىسىدا بىزنىڭ يەر يۈزىدىكى قىسقا ھاياتىمىز مەنىسىز ئ‍ىدى. ھەر بىرىمىز چەكسىز كائىناتنىڭ كىچىككىنە بوشلۇقىنى ئىگەللەيمىز». شۇنداق تۇرۇپ، پاسكال يەنە «ئەگەر بىز خۇدانى ئۇنتۇپ قالمىساقلا، ئىنسانىيەتنىڭ يەنىلا مۇئەييەن قىممىتى بار» دەپ قارىغان. «بىز ھايۋانلار بىلەن پەرىشتىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەخلۇقمىز، ئەمما كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ۋە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ھايۋانلارغا بەكرەك يېقىنلىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن».

 

داۋامىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*