دۇنيا كۆپ قۇتۇپلاشتى خام خىيالى: يەرشارىۋى كۈچ تەقسىماتىدىكى رېئاللىق ۋە ئامېرىكانىڭ بەلگىلىگۈچىلىك رولىنىڭ ۋە  بىر قۇتۇپلۇقلۇقنىڭ سىجىللىقى

2025-يىلى 18-دېكابىر

دۇنيا كۆپ قۇتۇپلاشتى خام خىيالى: يەرشارىۋى كۈچ تەقسىماتىدىكى رېئاللىق ۋە ئامېرىكانىڭ بەلگىلىگۈچىلىك رولىنىڭ ۋە  بىر قۇتۇپلۇقلۇقنىڭ سىجىللىقى

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى ۋە يەرشارىۋى گېئو-سىياسەت ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلاردىن ستېفېن گ. برۇكس (Stephen G. Brooks) بىلەن ۋىليام ك. ۋولفورپ (William C. Wohlforth) نىڭ 2025-يىلى 12-دېكابىردا «Foreign Affairs» (تاشقى ئىشلار) ژۇرنىلىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا خام خىيالى» (The Multipolar Mirage) ناملىق ماقالىسى، ھازىرقى زامان خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى  ئىنتايىن ھالقىلىق بىر خاتا قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دارتموۋس (Dartmouth) ئىنستىتۇتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورلىرى بولغان بۇ ئىككى يازغۇچى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە رېئالىزم نەزەرىيەسى بويىچە ئېلىپ بارغان چوڭقۇر ئىزدىنىشلىرىگە ئاساسەن، غەرب دۇنياسىدا ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدا كەڭ تارقالغان «ئامېرىكىنىڭ چېكىنىشى» ھەمدە «كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانىڭ قەد كۆتۈرۈشى» ھەققىدىكى قاراشلارغا رەددىيە بېرىدۇ.

ماقالىنىڭ ئاساسىي تېمىسى، ھازىرقى دۇنيا تۈزۈلمىسىنىڭ كۆپچىلىك ئويلىغاندەك كۆپ قۇتۇپلۇق (Multipolar) سىستېمىغا قاراپ ماڭمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ سالاھىيىتىنى ۋە يەرشارىۋى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى دەلىللەشتىن ئىبارەت. ئاپتورلار خىتاينىڭ گەرچە كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئامېرىكا بىلەن تەڭلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى، دۇنيانىڭ باشقا كۈچ مەركەزلىرىنىڭ (ياۋروپا، رۇسىيە، ھىندىستان قاتارلىقلار) بولسا يەرشارىۋى قۇتۇپ بولۇش سالاھىيىتىدىن يىراق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، «كۈچ» (Power) ئۇقۇمىغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىدۇ. تۆۋەندە، مەزكۇر ماقالىنىڭ مەزمۇنى ئاكادېمىك نۇقتىدىن سىستېمىلىق تەھلىل قىلىنىدۇ.

بىرىنچى بۆلۈم: كۆپ قۇتۇپلۇقلۇق ھەققىدىكى خاتا قاراشلار ۋە «كۈچ» ئۇقۇمىنىڭ قايتا باھالىنىشى

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئانالىزچىلار، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆزەتكۈچىلەر، 21-ئەسىرنىڭ بېشىدىن تارتىپ دۇنيانىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپ قۇتۇپلۇق بىر سىياسىي قۇرۇلمىغا ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. بۇ قاراشنىڭ ئاساسىي تايانچ نۇقتىسى، خىتاي باشلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ (BRICS قاتارلىق) ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ غەرب دۇنياسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئۈلۈشىنىڭ نىسپىي تۆۋەنلىگەنلىكىدۇر. بىراق، برۇكس ۋە ۋولفورپ بۇ خىل قاراشنىڭ ئىنتايىن يۈزەكى ۋە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دۆلەت كۈچىنى پەقەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) ياكى سېتىۋېلىش كۈچى پارىتېتى (PPP) ئارقىلىق ئۆلچەش، دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي يەرشارىۋى تەسىر كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئىقتىسادىي كۆلەم گەرچە مۇھىم بولسىمۇ، ئۇ كۈچنىڭ پەقەت بىرلا تەرىپى بولۇپ، ھەربىي قۇدرەت، تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە يەرشارىۋى ئىتتىپاقداشلىق تورى قاتارلىق ئامىللار نەزەردىن ساقىت قىلىنسا، خاتا يەكۈن چىقىرىش مۇقەررەر.

ئاپتورلارنىڭ تەھلىلىچە، «كۆپ قۇتۇپلۇق» (Multipolarity) دېگەن ئۇقۇم تارىختا ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەڭ دەرىجىلىك كۈچ مەركىزىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، 19-ئەسىردىكى ياۋروپا). لېكىن بۈگۈنكى دۇنيادا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان بىردىنبىر دۆلەت خىتاي بولۇشى مۇمكىن، ئەمما باشقا ھېچقانداق دۆلەت بۇ سەۋىيەگە يېقىنلىشالمايدۇ. شۇڭا، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى «كۆپ قۇتۇپلۇق» دەپ ئاتاش ئىلمىي جەھەتتىن توغرا ئەمەس. ئەگەر خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقىنى تولۇق تۈگەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا «قوش قۇتۇپلۇق» (Bipolarity) تۈزۈلمىسىگە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، ئەمما كۆپ قۇتۇپلۇققا ئەمەس. چۈنكى رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق كۈچلەرنىڭ ھېچقايسىسى مۇستەقىل قۇتۇپ بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۈچنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمى «ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى» بولۇشى كېرەك. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي خامچوتى، يەرشارىۋى بازىلىرى، دېڭىز ئوكيانلاردىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى، يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى يېتەكچىلىكى (بولۇپمۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، سۈنئىي ئىدراك ۋە بىيو-تېخنىكا) ۋە ئەڭ مۇھىمى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇقىم ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سانى جەھەتتە، باشقا دۆلەتلەردىن غايەت زور دەرىجىدە ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ ئۈستۈنلۈك پەقەت سان جەھەتتىكى پەرق ئەمەس، بەلكى سۈپەت جەھەتتىكى پەرق بولۇپ، خىتاينىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ پەرقنى تۈگىشتىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، «ئامېرىكىنىڭ زاۋاللىقى» ھەققىدىكى بايانلار ئەمەلىيەتتە سانلىق مەلۇماتلار تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىغان ھېسسىي ھۆكۈملەردۇر.

تەتقىقاتچىلار يەنە شۇنى تەكىتلەيدۇكى، خەلقئارا سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىسى دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەت قېلىپىنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر دۇنيا ھەقىقەتەن كۆپ قۇتۇپلۇق بولغان بولسا، بىز دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىتتىپاقلارنىڭ تېز ئۆزگىرىشىنى ۋە كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ كەسكىن رىقابەتلەرنى كۆرگەن بولاتتۇق. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسى (مەسىلەن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى) ئىنتايىن مۇقىم بولۇپ، بۇ خىل مۇقىملىق بىر قۇتۇپلۇق ياكى قوش قۇتۇپلۇققا مايىل سىستېمىنىڭ ئالامىتىدۇر. «قالغانلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى» (Rise of the Rest) دەپ ئاتالغان ھادىسە، ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كۈچلەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدە جانلىنىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك قۇتۇپقا ئايلىنالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ.

ئىككىنچى بۆلۈم: خىتاينىڭ كۈچىيىشى ۋە  ئىستراتېگىيەلىك چەكلىمىلىرى

ماقالىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى، خىتاينىڭ كۈچىيىشىگە بولغان رېئالىستىك باھادۇر. ئاپتورلار خىتاينىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. خىتاي ھازىر دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىردىنبىر يوشۇرۇن رەقىبى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى. لېكىن، برۇكس ۋە ۋولفورپنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «تەڭداش رىقابەتچى» (Peer Competitor) بولۇش ئىقتىدارى تېخى تولۇق شەكىللەنگىنى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان قۇرۇلمىۋى چەكلىمىلەر ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولماقتا.

بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ئاساسەن رايون خاراكتېرلىك بولۇپ، يەرشارىۋى سەۋىيەدە كۈچ كۆرسىتىش (Power Projection) ئىقتىدارى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن خېلىلا ئارقىدا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئوكيانلىرىنى كونترول قىلالايدىغان دېڭىز ئارمىيەسىگە ۋە يەرشارىۋى قوماندانلىق سىستېمىسىغا ئىگە بولسا، خىتاي تېخى ئۆزىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىن ھالقىپ كېتەلمىدى. ئىككىنچىدىن، تېخنىكا جەھەتتە، گەرچە خىتاي بەزى ساھەلەردە ئىلگىرىلىگەن بولسىمۇ،  يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئاجىز بولۇپ، لېكىن يادرولۇق تېخنىكىلاردا،بولۇپمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق زاپچاسلاردا يەنىلا غەربكە تايىنىدۇ. ئاپتورلار خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەقلىد قىلىش ۋە ھازىرقى بار بولغان تېخنىكىلارنى ياخشىلاش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدەك تۈپ ھەقىقىي يېڭىلىق يارىتىش (Radical Innovation) ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۈچىنچىدىن ۋە بەلكىم ئەڭ مۇھىمى، خىتاينىڭ يالغۇزلىقىدۇر. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا 60 تىن ئارتۇق رەسمىي ئىتتىپاقدىشى بار بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر دۇنيا ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ زور بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاينىڭ بىردىنبىر رەسمىي ئىتتىپاقدىشى شىمالىي كورېيە بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا پاكىستان قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار، خالاس. خىتاينىڭ قوشنىلىرى (مەسىلەن، ياپونىيە، ھىندىستان، ۋىيېتنام) خىتاينىڭ كۈچىيىشىدىن ئەنسىرەپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. بۇ خىل ئىستراتېگىيەلىك يالغۇزلۇق   خىتاينىڭ دۇنياۋى قۇتۇپقا ئايلىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلاردىن بىرىدۇر.[1]

شۇڭلاشقا، ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراش شۇكى، گەرچە خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بەزى ساھەلەردە جەڭ ئېلان قىلالىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قۇرغان خەلقئارا تەرتىپنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ يەرشارىۋى ھۆكۈمرانلىق تەرتىپىنى ئورنىتىش ئىقتىدارىغا ئېگە ئەمەستۇر. خىتاينىڭ كۈچىيىشى دۇنيانى كۆپ قۇتۇپلۇق قىلمايدۇ، بەلكى ئامېرىكا ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىر قۇتۇپلۇق سىستېما بىلەن قىسمەن قوش قۇتۇپلۇق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئارىلاشما بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ۋەزىيەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يەنىلا سىستېمىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە بەلگىلىگۈچى ئاكتىيورى بولۇپ قالىدۇ.

ئۈچىنچى بۆلۈم: باشقا كۈچ مەركەزلىرىنىڭ چەكلىك رولى ۋە «ئۈچىنچى قۇتۇپ»نىڭ يوقلۇقى

ماقالىنىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، يەنى،نېمە ئۈچۈن دۇنيانىڭ باشقا چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ (ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە، ھىندىستان) مۇستەقىل قۇتۇپ بولالمايدىغانلىقى تەھلىل قىلىنغان. «كۆپ قۇتۇپلۇقلۇق» نەزەرىيەسىنى ياقىلىغۇچىلار كۆپىنچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمىنى ياكى رۇسىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بىراق، برۇكس ۋە ۋولفورپ بۇ ئامىللارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىر دۆلەتنىڭ «قۇتۇپ» (Pole) بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئىقتىسادىي، ھەربىي، تېخنىكىلىق ۋە سىياسىي جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىۋېرسال كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك.

ياۋروپا ئىتتىپاقى گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتە غايەت زور كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىر پۈتۈن سىياسىي ۋە ھەربىي گەۋدە ئەمەس. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە مۇداپىئە ئىشلىرىدىكى بىردەكسىزلىكى، ئۇلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن يەرشارىۋى ئاكتىيور سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياۋروپانىڭ ھەربىي بىخەتەرلىكى زور دەرىجىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تايىنىدۇ. رۇسىيە بولسا ھەربىي جەھەتتە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق ئاساسى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەتتە سىجىللىقنى ساقلىيالمايدۇ. رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئېنېرگىيەگە بېقىنىشى ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى قېرىلىشىش مەسىلىسى، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە قايتىدىن دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقىرىدۇ.

ھىندىستانغا كەلسەك، گەرچە ئۇ كەلگۈسىدە چوڭ كۈچ بولۇش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە ۋە يېقىن كەلگۈسىدە  ئامېرىكا ياكى خىتاي بىلەن تەڭلىشىش ئىقتىدارى يوق. ھىندىستاننىڭ ئىچكى تەرەققىيات مەسىلىلىرى، نامراتلىق ۋە ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەر ئۇنىڭ سىستېمىلىق قۇتۇپقا ئايلىنىشى ئۈچۈن تېخى ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، يۇقىرىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كۈچلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى دۇنيانى كۆپ قۇتۇپلۇق قىلمايدۇ. ئۇلار بەلكىم بەزى رايونلۇق مەسىلىلەردە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەمما يەرشارىۋى تەرتىپنى بەلگىلەشتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە خىتاي بىلەن ئوخشاش ئۈستەلدە ئولتۇرالمايدۇ. ئاپتورلار بۇ خىل ۋەزىيەتنى «1+X» ياكى «2+X» دەپ تەسۋىرلەشنىڭ تېخىمۇ توغرا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، بۇ يەردىكى «X» باشقا كىچىك كۈچلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما ئۇلار ئاساسلىق قۇتۇپلار بىلەن تەڭ ئەمەس.

تۆتىنچى بۆلۈم: «چوتنى خاتا سوقۇش»نىڭ خەتىرى — ئامېرىكا سىياسىتىگە بولغان تەۋسىيەلەر

 «يەر شارى كۆپ قۇتۇپلاشتى خام خىيالى»غا ئىشىنىشنىڭ  نېمە ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، يەنى سىياسىي ھۆكۈمدە چوتنى خاتا سوقۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەھلىل قىلىپ چۈشەندۈرگەنلىكى ماقالىنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتىدۇر. ئەگەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سىياسەتچىلىرى دۇنيانى خاتا ھالدا كۆپ قۇتۇپلۇق دەپ قارىسا، ئۇلار ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتە چوتنى خاتا سوقۇپ، ئېغىر خاتالىقلارنى سادىر قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇلار «چېكىنىش» (Retrenchment) سىياسىتىنى قوللىنىپ، يەرشارىۋى مەجبۇرىيەتلىرىدىن ۋاز كېچىشى ياكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداشنى توختىتىشى مۇمكىن. بۇ خىل قارىغۇلارچە ھەرىكەت، ئەمەلىيەتتە مۇقىم بولغان بىر سىستېمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ ۋە خىتاي ياكى رۇسىيە قاتارلىق رەقىب دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، كۆپ قۇتۇپلۇق سىستېمىلار تارىختا دائىم ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىق بىلەن خاراكتېرلەنگەن. چۈنكى كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادا، كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، ئىتتىپاقلارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە چوتنى خاتا سوقۇش چوڭ ئۇرۇشلارغا سەۋەب بولغان (مەسىلەن، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى ياۋروپا). ئەكسىچە، بىر قۇتۇپلۇق ياكى مۇقىم ئىككى قۇتۇپلۇق سىستېمىلار  تىنچ بولۇشقا تېخىمۇ مايىل . شۇڭا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىشى، ئىتتىپاقداشلىق تورىنى كۈچەيتىشى ۋە خەلقئارا تۈزۈملەرنى قوغدىشى كېرەك.

ئەگەر ئامېرىكا «دۇنيا كۆپ قۇتۇپلۇق بولۇپ كەتتى، بىز ئەمدى ھەممە ئىشنى قىلالمايمىز» دەپ ئويلىسا، بۇ ئۆزىنى ئۆزى بوش قويۇۋېتىشى ئۈچۈن تەلقىن رولىنى ئويناپ قېلىشى  (Self-fulfilling prophecy) مۇمكىن. يەنى، ئامېرىكا ئۆز قۇدرىتىدىن گۇمانلىنىپ، ئۆزىنى كەم چاغلاپ چوتنى خاتا سوقسا، بۇ بوشلۇقنى باشقىلار تولدۇرىدۇ ۋە دۇنيا ھەقىقەتەن تېخىمۇ خەتەرلىك ۋە قالايمىقان بىر جايغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، توغرا سىياسەت — رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىش، يەنى ئامېرىكىنىڭ يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىش ئىمكانىيىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ خىرىسىغا ھەددىدىن زىيادە ئىنكاس قايتۇرۇپ (Overreaction)، يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ۋەيران قىلىۋەتمەسلىكتۇر. ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىق ۋە ئىشەنچ، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ يادروسى بولۇشى كېرەك.

خۇلاسە ۋە تەنقىدىي باھالاش

يىغىپ ئېيتقاندا، ستېفېن برۇكس ۋە ۋىليام ۋولفورپنىڭ «دۇنيا كۆپ قۇتۇپلاشتى خام خىيالى» ناملىق ماقالىسى، ھازىرقى زامان خەلقئارا سىياسەت ئەدەبىياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ۋە سالمىقى بار بىر ئەسەردۇر. بۇ ماقالىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ مودا بولۇۋاتقان «غەرب تۈگەشتى» ۋە «كۆپ قۇتۇپلۇقلۇق كەلدى» دېگەندەك يۈزەكى قاراشلارغا قارىتا پۇختا سانلىق مەلۇماتلارغا ۋە كۈچلۈك نەزەرىيەلەرگە ئاساسلىنىپ  قايىل قىلارلىق رەددىيە بېرىدۇ. ئاپتورلار ھېسسىياتقا ئەمەس، پاكىتقا تايىنىپ، كۈچ ئۇقۇمىنى ناھايىتى ئەتراپلىق يېشىپ بېرىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلۇقلۇققا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئومۇملاشقان خاتا چۈشەنچىلەرنى ئىلمىي ئاساستا تۈزىتىدۇ. بۇ ئەسەر بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسەتچىلىرى ئۈچۈن، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى يوقاتماسلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتە چوتنى خاتا سوقۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىممەتلىك يېتەكچىلىك رولغا ئىگە.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ماقالىدە بەزى مۇنازىرە تەلەپ قىلىدىغان تەرەپ ۋە كەمچىلىكلەرمۇ مەۋجۇت. بىرىنچىدىن، ئاپتورلار تەھلىلىدە ،ئاساسلىقى دۆلەت مەركەزلىك (State-centric)لىككە  ۋە ھەربىي-تېخنىكىلىق كۈچكە ئورۇن بەرگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ھالقىغان كۈچلەر، يۇمشاق كۈچ (Soft Power) ۋە ئىقتىسادىي بېقىندىلىقنى قورال سۈپىتىدە قوللىنىش (Weaponization of Interdependence) قاتارلىق يېڭى ئامىللارنىڭ رولىغا يېتەرلىك باھا بەرمىگەن . ئىككىنچىدىن، ئاپتورلار خىتاينىڭ چەكلىمىلىكلىرىنى تەكىتلىگەن بىلەن، خىتاينىڭ «تەرتىپ بۇزغۇچى» (Disruptor) سۈپىتىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى، يەنى سىستېمىنى تولۇق كونترول قىلالمىسىمۇ، ئۇنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قالغان. ئاخىرىدا، تەھلىل ئاساسەن غەرب مەركەزلىك نۇقتىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبى (Global South) دىكى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بەلگىلىگۈچىلىكىگە بولغان نارازىلىقى ۋە بۇ نارازىلىقنىڭ يەر شارى سىستېمىسىغا كۆرسىتىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرى تولۇق يورۇتۇلمىغان.

خۇلاسىلىگەندە، «دۇنيا كۆپ قۇتۇپلاشتى خام خىيالى» ناملىق ماقالە خەلقئارا ۋەزىيەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم مەنبە بولۇپ، ئۇ بىزگە دۇنيانىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ماھىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى ئايرىۋېلىشنى، شۇنداقلا ھەر قانداق ئىستراتېگىيە پىلانلاشتا چوتنى توغرا سوقۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئۆگىتىدۇ.

ئىزاھاتلار:

[1]  بۇ يەردە ئاپتورلار خىتاينىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئازلىقىنى ئامېرىكىنىڭ كەڭ ئىتتىپاقداشلىق تورى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇنى كۈچ باھالاشنىڭ بىر كۆرسەتكۈچى دەپ قارايدۇ.

پايدىلانغان مەنبە:

Brooks, Stephen G., and William C. Wohlforth. «The Multipolar Mirage.» Foreign Affairs (2025).

https://www.foreignaffairs.com/united-states/multipolar-mirage

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*