ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر سىستېمىسىدا، دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ قايتىدىن تەقسىملىنىشى ۋە گېئوپولىتىكىلىق قۇتۇپلىشىش يۈزلىنىشى ھازىرقى زامان سىياسىي ئانالىزلىرىنىڭ مەركىزىي تېمىسىغا ئايلانماقتا. بولۇپمۇ يېقىندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھەربىي زەربە بېرىش ھەرىكىتى، يەرشارى خاراكتېرلىك كۈچلەر ئويۇنىنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسىنى ئاچتى. بۇ سىياسىي ۋەقەلىك مەزگىلىدە، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ بىرى بولغان «Newsweek» (ھەپتىلىك خەۋەرلەر) ژۇرنىلىدا 2026-يىلى 9-مارت كۈنى تەھرىرات نامىدا ئېلان قىلىنغان «ترامپنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ دۇنياۋى ئوقىنى پارچىلىشىدىكى بەش خىل ئۇسۇل» ماۋزۇلۇق سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئالاھىدە دىققەت تارتتى .
مەزكۇر ماقالە، ئېلان قىلىنغان ۋاقىت ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى ئۇ دەل ئوتتۇرا شەرقتىكى كەسكىن توقۇنۇشلار ئامېرىكا بىلەن غەربكە قارشى لاگېر ئوتتۇرىسىدىكى رېئال كۈچ سىنىشىشقا ئايلانغان نازۇك پەيتتە يېزىلغان. ئۇنىڭدا «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» (BRICS) تەشكىلاتىنىڭ ۋە رۇسىيە-خىتاي ئوقىنىڭ ئەمەلىي كىرىزىس ئالدىدىكى ئاجىزلىقلىرى دەل ۋاقتىدا، ئۆتكۈر بىر نۇقتىدىن يورۇتۇپ بېرىلگەن. بۇ دۆلەتلەرنىڭ پەقەت تىل جەھەتتىكى ئورتاقلىقىدىن باشقا، ئەمەلىي ۋە ماسلاشقان بىر ھەرىكەت سىستېمىسىغا ئىگە ئەمەسلىكى سىستېمىلىق شەرھلەنگەن.
يەرشارى سىياسىتىدىكى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارايدىغان بولساق، ھىندىستاننىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىدىكى، يېقىندا ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئەزا دۆلەتكە كېڭەيگەن مەزكۇر تەشكىلات، بۇ جىددىي ھەربىي كىرىزىس ئالدىدا بىرلىككە كەلگەن ئورتاق بىر مەيداننى ئىپادىلەشتە ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. رۇسىيە ۋە خىتاي گەرچە كۈچلۈك دىپلوماتىك باياناتلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت يۈزەكى خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ھېچقانداق ئەمەلىي كوللېكتىپ ھەرىكەتكە ئايلىنالمىدى. ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق ئەزالارنىڭ پەرقلىق پوزىتسىيە تۇتۇشىمۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى چېچىلاڭغۇلۇقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئانالىز قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياۋى سىياسەتتىكى يۈزمۇ يۈز قارشىلىشىشقا مايىل بولغان تاشقى سىياسەت لىنىيەسى، رۇسىيە-خىتاي ئوقىدىكى مەۋجۇت يوشۇرۇن زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى قوش يۆنىلىشلىك بېسىمى، بۇ «كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا» تەشەببۇسچىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك چەكلىمىلىرىنى پاش قىلدى.
ئەلۋەتتە، بىز بۇ نۇقتىلار ئۈستىدە توختالغاندا، مەنبە قىلىنغان ماقالىنىڭ ئاساسىي كۆز قاراشلىرىنى قۇۋۋەتلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بەزى مۇھاكىمىلىرىدىكى كۈچلۈك ۋە ئاجىز تەرەپلەرنىمۇ ئوبيېكتىپ باھالاپ ئۆتۈشىمىز كېرەك. تۆۋەندە خەلقئارالىق سىياسىي ھادىسىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان بەش خىل ئاساسلىق ئامىلغا دىياگنوز قويۇلىدۇ.
«كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» گۇرۇھىنىڭ قۇرۇلمىلىق خاراكتېرى
«كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» تەشكىلاتى 2009-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە سىياسىي كۆزەتچىلەر تەرىپىدىن غەربكە قارشى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كۈچلەر ئىتتىپاقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ كەلدى. ئەمما خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، بۇ گۇرۇھ بىر ھەربىي ئىتتىپاق سۈپىتىدە مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ پەقەت يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلارنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇكەممەل بولغان كوللېكتىپ مۇداپىئە كېلىشىمى كەمچىلدۇر.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ (NATO) 5 – ماددىسىغا ئوخشاش، بىر ئەزاغا قىلىنغان ھۇجۇمنى بارلىق ئەزالارغا قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارايدىغان ھەربىي-سىياسىي مېخانىزم بۇ گۇرۇھتا مەۋجۇت ئەمەس. شۇنداقلا، بىرلەشمە ھەربىي قوماندانلىق ئاپپاراتى ۋە ئورتاق تاشقى سىياسەت پىروگراممىسىنىڭ بولماسلىقى، تەشكىلاتنىڭ خەلقئارالىق كىرىزىسلەرگە قارىتا بىرلىككە كەلگەن ھالدا تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى نۆلگە چۈشۈرۈپ قويغان.
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇمى مەزگىلىدە، بۇ قۇرۇلمىلىق ئاجىزلىق تولۇق ئاشكارىلاندى. كىرىزىس مەزگىلىدە ئەزا دۆلەتلەر پەقەت ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بايانات ئېلان قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەندى. بەزىلىرى زەربىنى تەنقىد قىلسا، يەنە بەزىلىرى پەقەت تىنچ سۆھبەتكە چاقىرىق قىلدى. بۇ ھالەت ماھىيەتتە «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» گۇرۇھىنىڭ خەلقئارالىق ھەربىي توقۇنۇش جەريانىدا ھېچقانداق ماسلاشقان، ئورتاق بىر كوللېكتىپ ھەرىكەت قوللىنالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنىلا بىر دىپلوماتىك مۇنبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
بۇ جەرياندا ئىنتايىن قىزىقارلىق ۋە كىنايىلىك بىر رېئاللىق يۈز بەردى: يېقىنقى مەزگىللەردە ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى تەشكىلاتنىڭ يەنە بىر ئەزاسى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە خەۋپ يەتكۈزدى. بۇ خىل ئىچكى تىركىشىشلەر ۋە توقۇنۇشلار، دۇنياۋى تەرتىپنى قايتا شەكىللەندۈرۈش شوئارىنى توۋلاۋاتقان بىر گۇرۇھنىڭ ئەڭ كىچىك دەرىجىدىكى ئىچكى بىخەتەرلىك مېخانىزمىنىمۇ قۇرۇپ چىقالمىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ گۇرۇھ ئۆز نىزامنامىلىرىدە ۋە باياناتلىرىدا دۇنياۋى سىياسىي تەرتىپنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا داغدۇغىلىق شوئارلارنى كۆتۈرۈپ چىقسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپىنى قوغداپ قالالايدىغان ھەقىقىي بىرلىككە ئىگە ئەمەس. يەرشارى خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار مەيدانغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ رايون خاراكتېرلىك سودا يوللىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغان ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغان پەيتلەردە ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقى سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدۇ.
ئامېرىكىلىق ئانالىزچىلار تەرىپىدىن يېزىلغان مەزكۇر ماقالىدە تەكىتلەنگىنىدەك، بۇ گۇرۇھنى بىۋاسىتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن سېلىشتۇرۇش دۇنيا سىياسىتىدىكى كۈچ ئاجىزلىقلىرىنى ئېچىپ بېرىشتە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك قورال بولغان. گەرچە بۇ گۇرۇھ باشتىن-ئاخىر ئۆزىنى بىر ھەربىي ئىتتىپاق دەپ ئېلان قىلىپ باقمىغان، شۇڭا ئۇلاردىن ھەربىي ماسلىشىش تەلەپ قىلىش سەل ئادالەتسىزدەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمما بۇ سېلىشتۇرما رۇسىيە-خىتاي ئوقىنىڭ ئەمەلىي تەسىر كۈچىنىڭ چەكلىمىسىنى سىپايە ھالەتتە ۋە ئېنىق يورۇتۇپ بەرگەن.
ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مىللىي مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى
رۇسىيە-خىتاي ئوقىنىڭ ئەڭ روشەن ۋە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان يوچۇقلىرىدىن بىرى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىشىدۇر. خەلقئارا سىياسەتتە ئىتتىپاقلارنىڭ كۈچى ئەزالارنىڭ ئورتاق مەنپەئەت بىرلىكىگە باغلىق. ئەمما بۇ «ئوق» تا خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياۋى ئىستراتېگىيەسى مۇقىم بولغان خەلقئارا سودا مۇھىتىغا ۋە سىجىل ئىقتىسادىي ئېشىشقا بېقىنىدۇ. گېئوپولىتىكىلىق كىرىزىسلەر كەسكىنلەشكەندە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى تاللىشى ئادەتتە ئۆزىنىڭ يەرشارى بازارلىرىغا بولغان كىرىش يوللىرىنى قوغداش بولىدۇ.
دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش ياكى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش تەھدىتلىرى خىتاينى رۇسىيە ياكى ئىراننى ئاشكارا ۋە قەتئىي قوللاشتىن چېكىندۈرۈپ، مۇداپىئە خاراكتېرلىك ئېھتىياتچان مەيدانغا قىستىدى. خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇش خەۋپى، سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىقنىڭ قىممىتىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر كېلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ يەرشارىۋى ئىقتىسادىي تەۋرىنىشلەردىن قېچىشى تەبىئىيدۇر.
بۇنىڭغا تامامەن قارشى ھالدا، رۇسىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ئاللىقاچان ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەكلەنگەن ۋە دىپلوماتىك قاپقاققا چۈشكەن ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن موسكۋانىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئامېرىكا تەسىرىگە قارشى تۇرۇش، خەلقئارا تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە خىتاي، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قۇدرەتلىك بىر گېئوپولىتىكىلىق قالقان سۈپىتىدە كۆرسىتىشتۇر. ئەمما ئامېرىكا بىلەن بولغان جىددىيچىلىك يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، رۇسىيەنىڭ بۇ شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىدە زور گۇمانلار تۇغۇلىدۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى جەريانىدىمۇ بۇ دۆلەتلەردىن يېتەرلىك ھەربىي ياردەم ئالالماسلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
مەزكۇر تەشكىلاتتىكى غەرب كۈچىنى تەنقىد قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا ياكى دىپلوماتىك ئۆچ ئېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ھەر قانداق كۆرۈنەرلىك ھەرىكەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ھىندىستان بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى. ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ۋە ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى دېھلى يېقىنقى يىللاردا ئىران نېفىتىنى سېتىۋېلىشنى توختاتتى ۋە رۇسىيەدىن كىرگۈزۈلىدىغان خام نېفىت مىقدارىنىمۇ كۆرۈنەرلىك ئازايتتى. ھەتتا ئىران بىلەن بولغان چاباھار پورتى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭقۇر ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلاردىنمۇ تەدرىجىي چېكىندى.
بىرازىلىيەنىڭ پوزىتسىيەسىمۇ بۇ گۇرۇھتىكى دۆلەتلەرنىڭ شەخسىي مەنپەئەت قوغلىشىش مايىللىقىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. بىرازىلىيە گەرچە ئىرانغا قىلىنغان ھۇجۇمنى تەنقىدلەپ، تىنچ سۆھبەتنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، توقۇنۇش جەريانىدا ئىككى تەرەپنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن بىۋاسىتە ئىتتىپاقلىشىشتىن قەتئىي ساقلاندى. خۇلاسىلىگەندە، تەشكىلات ئىچىدىكى بۇ خىل كۆپ مەنبەلىك ۋە بىر-بىرىگە زىت بولغان دۆلەت مەنپەئەتلىرى بۇ گۇرۇھنىڭ كۈچلۈك بىر خەلقئارالىق سىياسىي ئاكتىيور سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشىنى قۇرۇلمىلىق جەھەتتىن مۇمكىنسىز قىلىپ قويماقتا.
مەزكۇر ماقالىنىڭ بۇ نۇقتىدىكى تەھلىلى ئىنتايىن دەل جايىغا چۈشكەن بولۇپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قىسقا مۇددەتلىك تاكتىكىلىق يېرىقلار ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك يورۇتۇلغان. ئەگەر كىچىككىنە بىر يوچۇق ئىزدەشكە توغرا كەلسە، ئۇ بەلكىم بۇ دۆلەتلەرنىڭ غەربنىڭ زومىگەرلىكىگە قارشى تۇرۇشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىقىنى، يەنى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ تەدرىجىي ھەمكارلىشىش يوشۇرۇن كۈچىنى مەلۇم دەرىجىدە سەل چاغلاپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما رېئال كىرىزىس ئالدىدا بۇ ئاجىزلىقنىڭ ئاشكارىلىنىشى رەت قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۇنياۋى سىستېمىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى
رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا» ئىدىيەسى، نۆۋەتتىكى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ۋە سىياسىي رېئاللىق ئالدىدا ئىنتايىن سۇس كۆرسىتىلمەكتە. رېئاللىق شۇكى، ئامېرىكىنىڭ يەرشارىۋى تەسىرىگە ئاشكارا قارشى تۇرىدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ ماھىيەتتە يەنىلا ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن يېتەكلىنىدىغان دۇنياۋى سىستېمىغا مەھكەم باغلانغان. بۇ خىل بېقىندىلىق سىياسىي ئىرادە بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ تەبىئىي قۇرۇلمىسى بىلەن بەلگىلەنگەن.
ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارا سودىدىكى مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ئورنى پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىسادىي سىستېمىسىنىڭ ئومۇرتقىسى بولۇپ تۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربنىڭ پۇل-مۇئامىلە تورلىرى مەسىلەن، (SWIFT)سىستېمىسى يەرشارىدىكى پۇل تۆلەش ۋە جازا ئىجرا قىلىش مېخانىزملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى كونترول قىلماقتا. بۇنداق بىر سىستېمىدا، مەزكۇر تورنىڭ سىرتىدا قېلىش ھەرقانداق بىر زامانىۋى دۆلەت ئۈچۈن دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
«كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» تەشكىلاتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا دوللىرىغا تايانمايدىغان يېڭى خەلقئارالىق پۇل تۆلەش سىستېمىسىنى، يەنى دوللارنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ئالتېرناتىپ مېخانىزملارنى قۇرۇپ چىقىشنى ئۈزلۈكسىز مۇزاكىرە قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەھەتتىكى تەرەققىيات قەدىمى ئىنتايىن ئاستا ۋە ئۈنۈمسىز بولدى. يېڭى بىر پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى قۇرۇش ئۈچۈن پەقەت سىياسىي ئىرادە يېتەرلىك ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئىشەنچ، مۇقىم ھۆكۈمەت قەرزى ۋە غايەت زور بازار كۆلىمى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مۇھىم كۆز قاراش شۇكى، دەل مۇشۇ قۇرۇلمىلىق بېقىندىلىق سەۋەبىدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى سىياسىي جەھەتتە ئەڭ كۆپ تەنقىد قىلىدىغان ھۆكۈمەتلەرمۇ ئەمەلىي ھەرىكەتتە ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇشقا مەجبۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر بىر رادىكال قەدىمىنىڭ ئامېرىكا خەزىنىسى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلىدىغان ئىككىلەمچى جازالارغا ياكى ئومۇميۈزلۈك پۇل-مۇئامىلە يەكلىنىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ. بۇ قورقۇنچ ئۇلارنىڭ رۇسىيە ياكى ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پەقەت شوئار دەرىجىسىدە تۇتۇپ تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۇنياۋى پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىساد سىستېمىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى داۋاملىشىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە، ھەرقانداق سىياسىي «ئوق» نىڭ بۇ سىستېمىغا قارشى تۇرۇشى كۆپىنچە ھاللاردا رېئاللىقتىن يىراق خىيالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. دۆلەتلەرنىڭ باشقا بىر دۆلەت ئۈچۈن ئۆز خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىشىنى تەۋەككۈلگە ئېتىشى زامانىۋى سىياسىي رېئالىزمغا تامامەن خىلاپتۇر.
ماقالىنىڭ بۇ قىسمىدىكى تەھلىلنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ خەلقئارا سىياسەتتىكى ئىدېئولوگىيەلىك خىتاب بىلەن ئىقتىسادىي رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ناھايىتى يالىڭاچ ھالەتتە يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئەلۋەتتە، بىز شۇنىمۇ سىلىق قىستۇرۇپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى، گەرچە دوللارنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى رەت قىلغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» نىڭ ئىچكى سودىدا يەرلىك پۇل ئىشلىتىش (De-dollarization) نىسبىتىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇۋاتقانلىقى ئۇزاق كەلگۈسىدە مەلۇم دەرىجىدىكى بىر تاللاش پۇرسىتى يارىتىشى مۇمكىن، پەقەت بۇ جەريان ئىنتايىن جاپالىق ۋە ئۇزاق بىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈشكە موھتاجدۇر.
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك بېسىم ئىستراتېگىيەسى
دۇنياۋى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يەنىلا ھەربىي قۇدرەت بىلەن پۇل-مۇئامىلە تەسىر كۈچىنى بىر گەۋدە قىلغان مۇتلەق ئەۋزەللىكنى ساقلاپ كەلمەكتە. دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەت ئىستراتېگىيەسى دەل مۇشۇ تەڭپۇڭسىزلىققا ئاساسلانغان بولۇپ، ئۇ قارشى تەرەپلەرنى چەكلەش ئۈچۈن ئېغىر ئىقتىسادىي جازالار، كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلار ۋە بىۋاسىتە بېسىم سىياسەتلىرىنى تەڭ قوللاندى. بۇ خىل تەشەببۇسكارلىق قارشى تەرەپنى ئىزچىل تۈردە پاسسىپ تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتىگە چۈشۈرۈپ قويدى.
ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خامچوتى يىلىغا بىر تىرىليون دوللارغا يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان يۈزلىگەن چەتئەل ھەربىي بازىلىرى تورى بىلەن بىرلىشىپ، پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە كېلەلەيدىغان بىردىنبىر زامانىۋى قوراللىق كۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش كىرىزىسى پارتلاش ئالدىدا، ۋاشىنگتون ئۆزىنىڭ كۈچ مەنبەسىنى دەرھال ئىشقا سېلىپ، ئاۋىياماتكا توپلىرىنى، ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ۋە باشقا ھالقىلىق قوراللىق قىسىملارنى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا تېز سۈرئەتتە يۆتكەپ كەلدى. بۇ ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكا ئىراننىڭ نىشانلىرىغا زەربە بېرىش ۋە مۇھىم دېڭىز قاتناش لىنىيەلىرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ماھارىتى پەقەت بىرلا نۇقتىغا مەركەزلىشىپ قالماستىن، بەلكى كۆپ نۇقتىلىق بېسىم يۈرگۈزۈش ئارقىلىق رەقىبلىرىنىڭ دىققىتىنى چېچىشتا كۆرۈلدى. ئوتتۇرا شەرقتە ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلار كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بىر تەرەپتىن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بېسىمىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا قارىتا دېڭىز ئارمىيەسى ئارقىلىق قامال يۈرگۈزگەن، شۇنداقلا ۋېنېزۇئېلا ۋە كۇباغا قارىتىلغان جازا ۋە چەكلىمىلەرنى تېخىمۇ چىڭىتقان. بۇ خىل بىرلا ۋاقىتتا كۆپ سەھنىدە (ئوخشىمىغان قىتئەلەردە) ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى كۈچىنىڭ رېئال ئىپادىسىدۇر ھەمدە باشقا دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ تېز ھەم مۇستەقىل ھەرىكەت ئىقتىدارىنى نامايان قىلغانلىقىدۇر. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، رۇسىيە ۋە خىتاي گەرچە كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدا سانالسىمۇ، ئۇلاردا يەرشارى مىقياسىدا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلالايدىغان، كىرىزىسقا ئورتاق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرالايدىغان رەسمىي ھەربىي ئىتتىپاق سىستېمىسى پۈتۈنلەي كەمچىل. نەتىجىدە ئۇلار ئامېرىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى مانېۋىرلىرى ئالدىدا نوقۇل ھالدا سۆز جەھەتتىن قارشىلىق كۆرسىتىدىغان، ئەمەلىيەتتە بولسا پاسسىپ كۈتۈپ تۇرىدىغان ئوبيېكتلارغا ئايلىنىپ قالغان.
بۇ نۇقتىدا شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈش مۇۋاپىقكى، بۇ ئانالىز ترامپنىڭ «يۇقىرى بېسىم» سىياسىتىنىڭ كۈچىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل يەككە تەرەپلىمىلىك ئاشكارا بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە يارىتىدىغان يوشۇرۇن سۈركىلىشلىرىگە كۆپ ئورۇن بەرمىگەن. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، دىققەت نۇقتىسى رۇسىيە-خىتاي ئوقىنى باھالاشقا مەركەزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، ماقالىنىڭ بۇ تەھلىلى نۆۋەتتىكى كىرىزىسنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىشتە يەنىلا يۇقىرى قىممەتكە ئىگە.
ئەكسىلغەرب «ئوقى» نىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئاجىزلىقلىرى
ئىستراتېگىيەلىك ئانالىزلار شۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، رۇسىيە ۋە خىتاي ئەتراپىغا توپلانغان، غەربكە قارشى تۇرىدىغان دەپ ئاتالغان كەڭ دائىرىلىك لاگېر، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاجىز دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان بىر توپلىنىشتۇر. ئىران، ۋېنېزۇئېلا ۋە كۇبا قاتارلىق ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسەتلىرىگە بىۋاسىتە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېغىر دەرىجىدە جازالانغان ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالغان ھاكىمىيەتلەردۇر.
مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاخىرقى بۆلەكلىرىدە بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئاتالمىش ھەمكارلىقلارنىڭ تەبىئىتى توغرىسىدا ئىنتايىن چۈشىنىشلىك بىر خۇلاسە چىقىرىلغان. يەنى، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى غەربكە قارشى تۇرىدىغان قۇدرەتلىك ۋە قۇرۇلمىلىق بىر ھەربىي ياكى سىياسىي ئىتتىپاق قۇرۇپ چىقىشنى ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي جەھەتتە جان باقالايدىغان يوللارنى تېپىشنى مەركەز قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالاقىلىرى ئاساسلىقى ئامېرىكانىڭ جازاسىدىن قېچىش، يەر ئاستى پاراخوت تىرانسپورت تورىنى ئىشلىتىپ نېفىت ئەتكەسچىلىكى قىلىش ۋە پەقەتلا سەھنىلەردە بىر-بىرىگە نوقۇل دىپلوماتىك مەدەت بېرىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
بۇ خىل مۇناسىۋەتلەر، ئىستراتېگىيەلىك بىر گەۋدە بولۇشتىن كۆرە، كىرىزىس ئىچىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا پاناھلىنىش جەريانىدۇر. ئۇلار ئامېرىكا سىستېمىسىغا تاقابىل تۇرالايدىغان رەقىب دۇنياۋى سىستېما يارىتىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا تىركىشىۋاتقان ھايات كەچۈرۈش تىپىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر سۈپىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلغان كۈچ قانداقتۇر ئالىي ئىستراتېگىيەلىك نىشان ياكى ئورتاق غايە ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئېغىر جازالىرى ۋە ھەربىي تەھدىتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىرتقى بېسىمدۇر.
ئەلۋەتتە، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىكى نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندا، بۇ دۆلەتلەرنى پەقەتلا «جان بېقىش مەقسىتىدىكى گەۋدىلەر» دەپ سۈپەتلەش ئۇلارنىڭ غەربنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئىدېئولوگىيەلىك ۋە تارىخىي ئىرادىسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ سىياسىي قارشىلىقىدىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدىكى تىرىشچانلىقلار يوشۇرۇنغان. ئەمما رېئال كۈچ سىياسىتى (Realpolitik) مىزانىدىن ئۆلچىگەندە، بۇ خىل مەجبۇرىي شېرىكلىكنىڭ خەلقئارا سىياسەتتە ئۇزاق مۇددەتلىك، كۈچلۈك بىر تايانچ كۈچ بولالمايدىغانلىقى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رېئاللىقتۇر.
خۇلاسە: ئىران كىرىزىسى ۋە رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى
يۇقىرىقى ئامىللارنى ئومۇميۈزلۈك بىرلەشتۈرۈپ كۆزەتكەندە، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاسلار، ئاتالمىش رۇسىيە-خىتاي ئوقىنىڭ ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەندىكى ئاجىزلىقلىرىنى ئېنىق يورۇتۇپ بەردى. كىرىزىس پارتلىغان پەيتتە، ھەتتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچى دۆلەت ئىراننىڭ ئۆزى «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» نىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشىغا قارىماي، بۇ گۇرۇھ مەسىلىگە قارىتا بىرلىككە كەلگەن ئورتاق مەيداننى يارىتالمىدى.
بۇ خىل پارچىلىنىشلار شۇنى قايتا-قايتا دەلىللەيدۇكى، بۇ گۇرۇھتا ئورتاق دۈشمەنگە قارشى كوللېكتىپ مۇداپىئە كېلىشىمى يوق، دۆلەت ھالقىغان بىرلەشمە ھەربىي قوماندانلىق مېخانىزمى يوق، شۇنداقلا ھەممە ئەزا رىئايە قىلىدىغان ئورتاق تاشقى سىياسەت پىرىنسىپى تېخىمۇ يوق. ئۇ ئەسلىدىنلا بىر سىياسىي-ھەربىي ئىتتىپاق سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى يېڭىدىن قەد كۆتۈرۈۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ، دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا ئاسانلا چېچىلىپ كېتىدۇ.
خۇلاسىلىگەندە، مەنبە ماقالىنىڭ ئاپتورلىرى توغرا كۆرسەتكەندەك، رۇسىيە ۋە خىتاي تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا» چاقىرىقلىرىغا قارىماي، غەربكە قارشى ئىتتىپاقلار پەقەتلا بىر-بىرىگە چېتىلمىغان، بوشراق تۇتاشتۇرۇلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردۇر. ئامېرىكىنىڭ گېئوپولىتىكىلىق، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي مۇقىملىقى ئالدىدا، بۇ خىل بوش قۇرۇلمىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ۋە ئۆزگەرمەس ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاققا ئايلىنىشى نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە پەقەتلا بىر تەسەۋۋۇر بولۇپ قالماقتا.
ئومۇمەن ئالغاندا، «Newsweek» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ سىياسىي ئانالىز ماقالىسى، گەرچە نۇقتىئىنەزەر جەھەتتە بەزى ئورۇنلاردا پەقەت بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا كۆز قارىشىغا تايىنىۋالغاندەك تەسىر بەرسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي قۇرۇلما ۋە تەھلىل جەھەتتە ھازىرقى زامان يەرشارى سىياسىتىنىڭ قان تومۇرىنى ئىنتايىن دەل تۇتقان، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ۋە ئاكادېمىك قىممىتى يۇقىرى بىر ئەسەردۇر. ئۇ بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ دۇنيا ۋەزىيىتىنى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلەر ئارىسىدىكى رېئال سىياسىي ئويۇنلارنى كۆپ قاتلاملىق چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك مەنبە بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مەنبە :
Newsweek Editors. «5 Ways Trump Split Russia and China’s Global Axis», Newsweek, March 9, 2026.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















