«قايتۇرۇۋېلىش»مۇ ياكى «قايتا مۇستەملىكە قىلىش»مۇ؟ خىتاينىڭ تارىخ يېزىقىدىكى ئاتالغۇ ئويۇنلىرى

2026-يىلى 14-يانۋار


ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

ئاساسىي مەزمۇنى

بۇ ماقالىدە، 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش جەريانىدىكى ئاخىرقى غەلىبە قىلغان ئۇرۇش ئورنى» (左宗棠收复新疆最后一战决胜地) ( زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش جەريانىدىكى ئاخىرقى غەلىبە قىلغان ئۇرۇش ئورنى) ۋە «زۇڭتاڭ راۋىقى»  (宗棠亭) (زۇڭتاڭ راۋىقى) ناملىق ئابىدىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، ھۆكۈمرانلىق سۆزلەم ئانالىزى ۋە ئېپىستېمىك زوراۋانلىق ئۇقۇملىرى ئارقىلىق تەنقىدىي نۇقتىدىن ئانالىز قىلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى قوللانغان «收复»  قايتۇرۇۋېلىش ئۇقۇمى، تارىخىي رېئاللىقنى سىستېمىلىق ھالدا بۇرمىلىماقتا. چىڭ سۇلالىسىنىڭ 1755-1760-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاننى تۇنجى قېتىم ھەربىي جەھەتتىن ئىشغال قىلىشى، بىر «قايتۇرۇۋېلىش» ئەمەس، بەلكى بىر ئىشغالىيەت ھەرىكىتىدۇر. رايون، تاڭ سۇلالىسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك (7-8-ئەسىرلەر) ۋاسىتىلىك تەسىرى ئاستىدا قالغاندىن باشقا ھېچقاچان خىتاي باشقۇرۇشىدا بولمىغان.

تارىخىي خاتىرىلەر، زو زۇڭتاڭنىڭ ھېچقاچان خوتەنگە كەلمىگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. 1878-يىلىدىكى چىڭ ئىشغالىيەتچى قوشۇنىنىڭ خوتەنگە قىلغان ھەربىي ھەرىكىتى ، زو زۇڭتاڭنىڭ ياردەمچىسى ليۇ جىنتاڭ تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان. شۇڭلاشقا ھەر ئىككى ئابىدە «ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئەنئەنە» بولۇپ، ھەقىقىي تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. خوتەننىڭ تاللىنىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. نوپۇسىنىڭ %96.4ى ئۇيغۇر بولغان بۇ ۋىلايەت، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايغا ئەڭ كۆپ قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ۋە ئەڭ ئاز ئاسسىمىلياتسىيە بولغان جۇغراپىيەدۇر. گىرامشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمرانلىق ئەڭ قىيىن رايوندا ئورنىتىلالىغاندا، ھەر يەردە ئورناتقىلى بولىدۇ. خاتىرە تاشلىرى، سىپىۋاك ئۇقۇملاشتۇرغان ئېپىستېمىك زوراۋانلىقنىڭ ماددىي ئىپادىسىدۇر. ئۇيغۇر تارىخىي خاتىرىسى سىستېمىلىق ھالدا باستۇرۇلۇپ، خىتاي مىللەتچىلىك بايانى بىلەن ئالماشتۇرۇلماقتا. بۇ جەريان، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۆز نۇقتىئىنەزىرىدىن سۆزلەش، بايان قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالماقتا. «قايتۇرۇۋېلىش» بايانى، ئىشغالىيەتنى «ئازادلىق»، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى «يۇغۇرۇش»، قارشىلىقنى «تېررورىزم» دەپ كودلاپ، رېئاللىقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. بۇ ئۇقۇم ئىستراتېگىيەسى، ئورۋېل (Orwell) نىڭ «1984» رومانىدىكى «يېڭى تىل» (Newspeak) ئۇقۇمى بىلەن ھەيران قالارلىق ئوخشاشلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.

بۇ ماقالىدە  خوتەندىكى خىتاي خاتىرە تاشلىرىنىڭ يەككە بىر ۋەقە ئەمەس، بەلكى  خىتاينىڭ يەر شارىۋى يېڭى خاتىرە يارىتىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. كۈچلۈك دۆلەتلەر دۇنيا مىقياسىدا ئۆتمۈشنى ئۆز ھاكىمىيىتىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان شەكىلدە قايتا يازىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئاكادېمىك قارشىلىق، دىئ‍اسپورا ئاكتىپلىقى ۋە قارشى بايانلارنىڭ قۇرۇلۇشى، تارىخىي ئادالەت ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.

ماقلىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، كەلگۈسىدە مۇمكىن بولىدىغان بىر ئادالەت بىلەن يۈزلىشىش جەريانىنىڭ ئامىللىرى تىلغا ئېلىنىدۇ ۋە پول رىكېرنىڭ «ئەستە ساقلاش، يەنى خاتىرىلەش بىر مەجبۇرىيەتتۇر» دېگەن سۆزىگە مۇراجىئەت قىلىنىپ، ئۇنتۇماسلىقنىڭ پەقەت ئۆتمۈشكە ئەمەس، كەلگۈسىگىمۇ قارىتىلغان بىر مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. خوتەندىكى خىتاي خاتىرە تاشلىرى ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي تارىخنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى تاڭىدىغان قوراللاردۇر. ھالبۇكى، ئ‍التېرناتىپ بايانلار، ئاكادېمىك تەتقىقاتلار ۋە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ خاتىرىسى، بۇ تېڭىشقا قارشى ئەسلەشنىڭ قوراللىرىدۇر.

  1. كىرىش: ۋەقەنىڭ ئاناتومىيەسى ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش

1.1. .ۋەقەنىڭ يىلنامىسى ۋە رەسمىي بايان

2026-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى (中新网新疆) خوتەن ناھىيەسىدە ئىككى تارىخىي ئابىدىنىڭ ئېچىلىشىنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن ئېلان قىلدى. تۇنجى ئابىدە، «زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش جەريانىدىكى ئاخىرقى غەلىبە قىلغان ئۇرۇشنىڭ ئورنى» نامىدا بولۇپ، خوتەن ناھىيەسىنىڭ لاڭرۇ يېزىسى نۇسۈي رايونىغا جايلاشقان. رەسمىي بايانغا قارىغاندا، 1878-يىلى 1-ئايدا چىڭ سۇلالىسى قوماندانى زو زۇڭتاڭنىڭ قىسىملىرى بۇ رايوندا ياقۇپ بەگنىڭ قالدۇق كۈچلىرى بىلەن «ئاخىرقى ئۇرۇش» قىلغان ۋە غەلىبە قازانغان. ئىككىنچى ئابىدە بولغان «زۇڭتاڭ راۋىقى»  (宗棠亭) بولسا خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى چاۋاغ كەنتىدىكى ياڭاق پادىشاھى باغچىسىغا جايلاشقان. بۇ ئابىدىنىڭ ھېكايىسىگە  قارىغاندا،  1877-يىلىنىڭ ئاخىرىدا زو زۇڭتاڭنىڭ ئەسكەرلىرى بۇ رايوندىكى مەشھۇر ياڭاق دەرىخىنى كۆرگەن ۋە يەرلىك خەلق كېيىنچە زو زۇڭتاڭنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن راۋاق ياسىغانمىش.

مۇراسىمغا زو زۇڭتاڭنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ قاتناشقان ۋە سۆزلىرىدە «بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن. بۇ مۇراسىم، پەقەت ئىككى دانە خىتاي ئابىدىسىنىڭ ئېچىلىشىدىنلا ئىبارەت ئەمەس، ئوخشاش ۋاقىتتا خىتاي دۆلىتىنىڭ تارىخىي بايانىنى ماددىي ماكانغا ئويۇش ۋە بۇ باياننى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر سىياسىي ئويۇندۇر. خاتىرە تاشلىرىنىڭ قوپۇرۇلۇشى، ئىسىم قويۇلۇشى ۋە ئېچىلىش مۇراسىمى ھۆكۈمران ھاكىمىيەتنىڭ بىر مىللەتنىڭ كوللكتېپ خاتىرىسى ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملەشكە قارىتىلغان ئىستراتېگىيەلىك بىر مۇداخىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  1.  زو زۇڭتاڭ كىم؟

زو زۇڭتاڭ (左宗棠) (1812-1885) چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ھەربىي ۋە سىياسىي شەخسلەردىن بىرىدۇر. 1812-يىلى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭيىن رايونىدا تۇغۇلغان زو زۇڭتاڭ، ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە تەيپىڭ تيەنگو قوزغىلىڭىنى (1850-1864) باستۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ ئۇتۇقلاردىن كېيىن «شىنجاڭ ئىشلىرى باش نازارەتچىسى»(督办新疆军务钦差大臣) (شىنجاڭ ھەربىي ئىشلىرىنى بېجىرىش ئالاھىدە ۋەزىرى) ئۇنۋانىنى ئېلىپ، 1876-1878-يىللىرى ئارىسىدا ياقۇپبەگ قۇرغان قەشقەرىيە دۆلىتىگە (يەتتەشەھەر/قەشقەرىيە، 1865-1877) قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلاش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. زو زۇڭتاڭنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيەسى «ئالدى بىلەن شىمال، ئاندىن جەنۇب، ئاستا ئىلگىرىلەش، تېز ئۇرۇش قىلىش» (先北后南,缓进急战) دىن ئىبارەت بولغان. بۇ ئىستراتېگىيە، دەسلەپتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي رايونلىرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىلارنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنىشىنى، ئارقىدىن جەنۇبقا قاراپ ئېھتىياتچان، ئەمما قەتئىي بىر ئىلگىرىلەش پىلانىنى كۆرسىتىدۇ.

چىڭ سۇلالىسى نۇقتىسىدىن ۋە بولۇپمۇ زامانىۋى خىتاي مىللەتچىلىكى تارىخ يېزىقچىلىقىدا زو زۇڭتاڭ، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىغان بىر «مىللىي قەھرىمان» سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ (چۇ ۋە ليۇ، 1966) بۇ باياندا زو زۇڭتاڭ، غەرب كۈچلىرىنىڭ خىتاينى پارچىلاش پىلانلىرىغا توسالغۇ بولغان، دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن جېنىنى ئوتتۇرىغا قويغان پىداكار بىر قوماندان سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. لېكىن بۇ قەھرىمانلىق بايانى، رايوندىكى مۇسۇلمان-تۈرك خەلقلەرنىڭ چىڭ مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەقلىق قارشىلىقىنى، مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى،  بۇ قارشىلىقنىڭ يەرلىك يىلتىزىنى ۋە چىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىيەتچى ۋە زالىم خاراكتېرىنى پۈتۈنلەي كۆرمەسكە سالىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ بايان زو زۇڭتاڭنىڭ قەشقەرىيە دۆلىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىدەك ھەقىقەتنى «قايتۇرۇۋېلىش» سۆزى بىلەن نىقابلايدۇ.

ھالقىلىق بىر نۇقتا شۇكى، زو زۇڭتاڭنىڭ ھېچقاچان خوتەنگە كەلمىگەنلىكى تارىخىي مەنبەلەر بىلەن ئىسپاتلانغان (بۇلگېر، 1896؛ لاتتىمور، 1950).  زو زۇڭتاڭنىڭ قوماندانلىق شىتابلىرى قۇمۇل، ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان ئارىسىدا بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا يۈرگۈزۈلگەن ئىشغالىيەت ھەرىكەتلىرى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ليۇ جىنتاڭ (刘锦棠) ۋە جاڭ ياۋ (张曜) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان (كىم،, 2004 89-بەت). بۇ تارىخىي ھەقىقەت، خوتەندىكى خىتاي خاتىرە تاشلىرىنىڭ نەقەدەر تارىخىي ئىسپاتسىز ۋە ئىدېئولوگىيەلىك مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. زو زۇڭتاڭنىڭ خوتەنگە ھېچ ئاياغ باسماسلىقى، بۇ خاتىرە تاشلىرىنىڭ ھەقىقىي تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن بەكرەك، مەلۇم بىر سىياسىي باياننى ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە تارقىتىشقا قارىتىلغان قوراللار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

  • نەزەرىيەۋى رامكا: ھۆكۈمرانلىق بايانى ۋە ئېپىستېمىك (بىلىش) زوراۋانلىق
    1.2. گرامشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئۇقۇمى

ئانتونىيو گىرامشى(1891-1937) ئىتالىيەلىك مۇتەپەككۇر، ھۆكۈمرانلىق ئۇقۇمىنى پەقەت بېسىم يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى رازىلىق شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى دەپ تەرىپلەيدۇ(گىرامشى، 1971) گىرامشىغا كۆرە ھاكىمىيەت، پەقەت جىسمانىي زوراۋانلىق ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئەسلى كۈچلۈك ھاكىمىيەت، ئۆز دۇنيا قارىشىنى جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرىغا يايىدىغان ۋە بۇ قاراشنى «تەبىئىي»، «ئەقىلگە مۇۋاپىق» ۋە «مۇقەررەر» دەپ قوبۇل قىلدۇرىدىغان ھاكىمىيەتتۇر. بۇ جەريان، ئېزىلگەنلەرنىڭمۇ ھۆكۈمران سىنىپنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئىچكىلەشتۈرۈشىنى ۋە بۇ قاراشنى ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دەپ چۈشىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

گىرامشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئۇقۇمىنىڭ ئاساسىي ئامىللىرىدىن بىرىنچىسى مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىقىدۇر. ھۆكۈمران سىنىپ، مائارىپ سىستېمىسى، تاراتقۇ، دىنىي ئورگانلار ۋە بولۇپمۇ تارىخ يېزىقچىلىقىغا ئوخشاش ئىدېئولوگىيەلىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق (ئالتۇسسېر، 1971) ئۆز دۇنيا قارىشىنى جەمئىيەتكە تاڭىدۇ. بۇ ۋاسىتىلەر، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قېلىپلىرىنى، قىممەت قاراشلىرىنى ۋە ھەتتا ھېس قىلىش شەكىللىرىنىمۇ شەكىللەندۈرىدۇ. ئىككىنچى ئامىل بولسا ھۆكۈمرانلىق تارىخ يېزىقچىلىقىدۇر. ھۆكۈمران كۈچلەر، ئۆتمۈشنى ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان شەكىلدە قايتا يازىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا تارىخ، پەقەت «بولۇپ ئۆتكەننى» خاتىرىلەش ئەمەس، «كىم، نېمىنى، قانداق ئەسلەيدۇ؟» سوئالىنىڭ سىياسىي بىر كۈرەش مەيدانىغا ئايلىنىشىدۇر. ئۆتمۈشنى كونترول قىلغانلار، بۈگۈننى ۋە كەلگۈسىنىمۇ كونترول قىلىدۇ.

خوتەندىكى خىتاي خاتىرە تاشلىرىغا بۇ ئۇقۇم رامكىسى قوللىنىلغاندا، خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ يەردە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشىنىڭ جىسمانىي زورلاشتىنمۇ بەكرەك، سىمۋوللۇق ۋە ئىدېئولوگىيەلىك بىر ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەش تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. خاتىرە تاشلىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ «چىڭ ئىشغالىيىتى» بايانىنى «قانۇنلۇق قايتۇرۇۋېلىش» دەپ قوبۇل قىلىشىنى، بۇ باياننى ئىچكىلەشتۈرۈشىنى ۋە ئاخىرىدا بۇ باياننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرىسىدە يېگانە «ھەقىقەت» سۈپىتىدە قېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. گىرامشىىنىڭ مەشھۇر فورمۇلاسى بىلەن ئېيتقاندا: «ھۆكۈمرانلىق، مەجبۇرلاش قوشۇلغان رازىلىقتۇر» (گىرامشى،, 1971 80-بەت). خوتەندىكى خاتىرە تاشلىرى، مەجبۇرلاشنىڭ يېنىدا رازىلىق پەيدا قىلىشنى نىشان قىلماقتا. ھەر بىر ئۇيغۇر بالىسى مەكتەپكە ماڭغاندا بۇ خىتاي خاتىرە تاشلىرىنى ھەر كۆرگەندە، تارىخنىڭ خىتاي دۆلىتى ئاڭلاتقان شەكىلدە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قارشىلىقىنى «نادانلىق» ياكى «سىرتقى كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقى» دەپ كۆرۈشكە يېتەكلىنىدۇ.

خىتاي خاتىرە تاشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىي خاتىرىسىنى (ياقۇپبەگنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشى، ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەجرىبىسى) ئۇنتۇلدۇرۇش ۋە ئورنىغا خىتاي مىللەتچىلىك بايانىنى ئەسلىتىش قورالىدۇر. بۇ جەريان، گىرامشى ئۇقۇملاشتۇرغان مەنىدە بىر «مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىقى» قۇرۇلۇشىدۇر. جىسمانىي ئىشغال يېتەرلىك ئەمەس، زېھىنلەرنىڭمۇ ئىشغال قىلىنىشى، ئىنسانلارنىڭ ئۆز تارىخلىرىغا ئېزىلگۈچىنىڭ كۆزى بىلەن قارىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش كېرەك. مانا بۇ، ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئەڭ ئالىي ۋە ئەڭ تەسىرلىك شەكلىدۇر: ئېزىلگەنلەر، ئۆزىنىڭ ئېزىلگەنلىكىنى تەبىئىي ۋە ھەقلىق دەپ كۆرۈشكە باشلىغاندا، ئىشغالچى ھاكىمىيەتنىڭ جىسمانىي بېسىمغا بولغان ئېھتىياجى ئازىيىدۇ.


2.2. گاياترى سىپىۋاكنىڭ ئېپىستېمىك زوراۋانلىق ئۇقۇمى

پوست-كولونيال (مۇستەملىكىدىن كېيىنكى) فېمىنىست نەزەرىيەچى گاياترى چاكىراۋورتى سىپىۋاك ئېپىستېمىك (بىلىش) زوراۋانلىق ئۇقۇمىنى، مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەرنىڭ بىلىم سىستېمىسى، تارىخى ۋە سۇبيېكتىپلىقىنى (مەنلىكىنى) يوقىتىشى دەپ تەبىرلەيدۇ(سىپىۋاك، 1988).  ئېپىستېمىك زوراۋانلىق، جىسمانىي زوراۋانلىقتىن پەرقلىق ھالدا، بەدەنگە ئەمەس، بەلكى بىلىم، بايان ۋە سۇبيېكتىپلىققا قارىتىلىدۇ. بۇ زوراۋانلىق كۆرۈنمەس بولغانلىقى ئۈچۈن، بەلكىم جىسمانىي زوراۋانلىقتىنمۇ بەكرەك ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە تېخىمۇ ۋەيران قىلغۇچ بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ، ئىنسانلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، نەدىن كەلگەنلىكىنى، تارىخىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ھوقۇقىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ.

سىپىۋاكنىڭ ئۇقۇملاشتۇرۇشىدا ئېپىستېمىك زوراۋانلىقنىڭ بىرىنچى تەرىپى، بىلىمنىڭ قوراللاشتۇرۇلۇشىدۇر. مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت، «مەدەنىيلەشتۈرۈش»، «تەرەققىي قىلدۇرۇش»، «زامانىۋىلاشتۇرۇش»قا ئوخشاش قارىماققا ياخشى نىيەتلىك بايانلار بىلەن، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆز بىلىم سىستېمىسى، دۇنيا قاراشلىرى ۋە تارىخىي بايانلىرىنى «ياۋايى»، «كونا»، «خۇراپىي» ياكى «قالاق» دەپ جاكارلايدۇ. بۇ جەرياندا مۇستەملىكىچى كۈچ، ئۆزىنى بىردىنبىر قانۇنلۇق بىلىم ئىشلەپچىقارغۇچى ئورنىغا قويىدۇ. ئىككىنچى تەرىپى، سۇبيېكتنىڭ (ئىگىنىڭ) يوقىتىلىشىدۇر. مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەر، ئۆز بايانلىرىنىڭ ئىگىسى بولۇشتىن چىقىرىلىدۇ، ئۇلار ھەققىدە سۆزلىنىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆز ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ. سىپىۋاكنىڭ مەشھۇر «ئاست قاتلام سۆزلىيەلەمدۇ؟»دېگەن سوئالى دەل مۇشۇ ئەھۋالنى سوراققا تارتىدۇ. ئېزىلگەنلەر سۆزلىيەلەمدۇ ياكى پەقەت ئەزگۈچىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن تىلى ۋە بايانىدىلا سۆزلىتىلەمدۇ؟

ئۈچىنچى تەرىپى بولسا، تارىخىي باياننىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشىدۇر. مۇستەملىكە قىلىنغانلارنىڭ تارىخى، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن قايتا يېزىلىدۇ ۋە بۇ قايتا يېزىلغان تارىخ، بىردىنبىر «قانۇنلۇق» ۋە «ئ‍ىلمىي» بايان ھالىغا كېلىدۇ. يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆز تارىخىي بايانلىرى بولسا «ئەپسانە»، «رىۋايەت» ياكى «تەشۋىقات» دەپ تامغىلىنىپ، ئاكادېمىك ۋە رەسمىي بايانلاردىن سىقىپ چىقىرىلىدۇ.

خوتەن خاتىرە تاشلىرىگە بۇ ئۇقۇم رامكىسى تەتبىقلانغاندا، ئېپىستېمىك زوراۋانلىقنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەر ئۈچ تەرىپىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ. بىرىنچىدىن، بۇ يەردە ئۇيغۇر تارىخىي خاتىرىسىنىڭ يوقىتىلىشى مەۋجۇتتۇر. ياقۇپبەگ دەۋرى (1865-1877)، ئۇيغۇر خەلق بايانلىرىدا ۋە كوللېكتىپ خاتىرىسىدە چىڭ زۇلمى ۋە ئىشغالىيىتىگە قارشى بىر قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە ۋاقىتلىق مۇستەقىللىق دەۋرى سۈپىتىدە چۈشىنىلىدۇ. ئەمما خىتاي رەسمىي بايانىدا بۇ دەۋر پەقەت «سىرتقى كۈچلەرنىڭ (ئەنگلىيە-رۇسىيە) جاسۇسى بولغان بىر توپىلاڭچىنىڭ قالايمىقانچىلىق دەۋرى» دەپ كودلاشتۇرۇلىدۇ. ياقۇپبەگنىڭ يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ قوللىشى بىلەن پۇت تىرەپ تۇرغانلىقى، رايوندا ئادالەت سىستېمىسى قۇرغانلىقى، سودا ۋە مەدەنىيەت ھاياتىنى جانلاندۇرغانلىقىدەك ھەقىقەتلەر پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلىدۇ. ئورنىغا پەقەت «قالايمىقانچىلىق»، «ئانارخىيە» ۋە «سىرتقى سۇيىقەست» ئوبرازى قالدۇرۇلىدۇ.

ئىككىنچىدىن، «سۆزلىيەلمەسلىك» ھالىتى يارىتىلماقتا. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە جەمئىيىتى، ئۆز تارىخىنى ئۆز نۇقتىئىنەزىرىدىن سۆزلەش ھوقۇقىدىن سىستېمىلىق ھالدا مەھرۇم قالدۇرۇلدى. خوتەندىكى ئابىدە مۇراسىملىرى، بېيجىڭدىن كەلگەن خىتاي ئەمەلدارلار ۋە زو زۇڭتاڭنىڭ خىتاي ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلدى. مۇراسىمدا ئۇيغۇرلار پەقەت «ئاڭلىغۇچى» ۋە «كۆرگۈچى» ئورنىدىدۇر. سۆزلەش ھوقۇقى يوق، تارىخىي بايانغا ئارىلىشىش سالاھىيىتى يوق. بېرىلگەن سىگنال ئېنىق: «سىلەرنىڭ تارىخىڭلار بىزنىڭ بايانىمىز بىلەن ماسلىشىشى كېرەك. ئۆز بايانىڭلار ئىناۋەتسىز، ھەتتا خەتەرلىكتۇر.»

ئۈچىنچىدىن، ئېپىستېمىك زوراۋانلىقنىڭ ماددىيلىشىشى (جىسمانىيلىشىشى) ئەمەلگە ئاشماقتا. خاتىرە تاشلىرى، كۆرۈنمەيدىغان ئىدېئولوگىيەلىك زوراۋانلىقنى كۆرۈنىدىغان ۋە مەڭگۈلۈك ھالغا كەلتۈرىدۇ. ھەر بىر ئۇيغۇر بالىسى بۇ خاتىرە تاشلىرىنى ھەر كۆرگىنىدە، ئۆز تارىخىنىڭ «خىتاي قەھرىمانلىرىنىڭ سايىسىدا قۇتقۇزۇلغانلىقى» ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئالىدۇ. مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلىدىغان دەرسلىكلەر، تاراتقۇلاردا كۆرسىتىلىدىغان كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، ھەمىشە ئوخشاش باياننى تەكرارلايدۇ. باشقىچە بىر باياننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئويلىشىش مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كېلىدۇ. سىپىۋاك ئاگاھلاندۇرغاندەك، «ئەڭ خەتەرلىك نەرسە، زوراۋانلىقنىڭ قانۇنىي ۋە ياخشى نىيەتلىك كۆرسىتىلىشىدۇر»(سىپىۋاك،, 1988 280-بەت).  خوتەن خاتىرە تاشلىرى دەل مۇستەملىكە ئىشغالىيىتىنى، «ئازادلىق» ۋە «قايتا بىرلەشتۈرۈش» سۈپىتىدە قايتا ئوراپ چىقىدۇ. زوراۋانلىق، مۇھەببەت ۋە مىننەتدارلىق تىلىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

  • «收复»  (قايتۇرۇۋېلىش) تېرمىنولوگىيەسىنىڭ سېمانتىك ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئانالىزى
    1.3. سۆز ئىلمى ۋە تىلشۇناسلىق قۇرۇلمىسى
    «收复»(قايتۇرۇۋېلىش) ئاتالغۇسى خىتايچە ئىككى خەتتىن تەركىب تاپقان. بىرىنچى خەت بولغان «收» ، «يىغىش، قايتۇرۇۋېلىش، قايتا قولغا كەلتۈرۈش» مەنىلىرىنى بىلدۈرسە، ئىككىنچى خەت «复» ، «قايتا، قايتۇرۇپ ئەكېلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىككى خەتنىڭ بىرىكىشى، يوقىتىلغان ياكى تارتىۋېلىنغان بىر نەرسىنىڭ قانۇنلۇق ئىگىسىگە قايتىپ كېلىش مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى «recover» (ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتۇرۇۋېلىش) ياكى «reclaim» (قايتا تەلەپ قىلىش) دەپ بېرىلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ تەرجىمە تەڭداشلىرىمۇ، مەزكۇر ئاتالغۇ يۈكلىگەن ئىدېئولوگىيەلىك يۈكنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرەلمەسلىكى مۇمكىن.

تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن «收复»  ئاتالغۇسى، ئۈچ ئاساسىي پەرەزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچىسى، مەزكۇر تۇپراقنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن «قانۇنلۇق ئىگىسىنىڭ» (بۇ كونتېكستتا خىتاينىڭ) كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى پەرىزىدۇر. ئىككىنچىسى، بىر «بۇلاڭ-تالاڭ» ياكى «يوقىتىش» يۈز بەرگەنلىكى، يەنى بۇ قانۇنلۇق ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ھەقسىز بىر شەكىلدە قولىدىن تارتىپ ئېلىنغانلىقى پەرىزىدۇر. ئۈچىنچىسى بولسا، ھازىر قىلىنىۋاتقان ھەرىكەتنىڭ «ئوغرىلىقتىن قايتۇرۇۋېلىش» ئىكەنلىكى، «يېڭى بىر ئىشغالىيەت» ياكى «بېسىۋېلىش» ئەمەسلىكى پەرىزىدۇر. بۇ ئۈچ پەرەز، سۆزنىڭ ئۆزىدە يوشۇرۇن ھالدا مەۋجۇت بولۇپ، بۇ سۆزنى ئىشلەتكەن ھەر قانداق ئادەم، ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە، بۇ پەرەزلەرنىمۇ قوبۇل قىلغان ھېسابلىنىدۇ.  تىلنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك كۈچى دەل مۇشۇ يەردىدۇر: بەزى ئىدىيەلەر، سۆز تاللاشلىرىنىڭ ئىچىگە كۆمۈلگەن بولۇپ، سوراققا تارتىلماستىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

«收复» ئاتالغۇسىنىڭ ئىشلىتىلىشى، سۆزلەنگەن ياكى يېزىلغان ھەر بىر جۈملىدە، «شىنجاڭ تارىخىي جەھەتتىن خىتاينىڭ بىر قىسمىدۇر» ئىدېئولوگىيەسىنى قايتا ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ سۆزنى تەكرار-تەكرار ئاڭلىغان ياكى ئوقۇغان شەخسلەر، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ پەرەزلەرنى شەك كەلتۈرمەستىن قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ. تىلنىڭ بۇ نورماللاشتۇرغۇچى كۈچى، تەشۋىقات ياكى ئوچۇق ئىدېئولوگىيەلىك مېڭە يۇيۇشتىن بەكرەك تەسىرچاندۇر، چۈنكى ئۇ كۆرۈنمەيدۇ ۋە ئاڭ ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدۇ.

2.3. ئ‍التېرناتىپ تېرمىنولوگىيە: باشقا نېمىلەرنى دېيىشكە بولاتتى؟
خىتاي تىلى، ئوخشاش بىر تارىخىي ۋەقەنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان پەرقلىق سۆزلەرنى سۇنىدۇ ۋە ھەر بىر سۆز تاللىشى، پەرقلىق بىر ئىدېئولوگىيەلىك مەۋقەدە تۇرۇشنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن «征服» (بويسۇندۇرۇش) مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئوچۇق بىر جاھانگىرلىك ھەرىكىتىنى ئىپادىلەيدۇ.  بۇ سۆز، بىر كۈچنىڭ يەنە بىر تۇپراقنى ھەربىي ئۈستۈنلۈك بىلەن قولغا كەلتۈرۈش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ۋە سەلبىي مەنىدە. «占领»  بولسا «ئىشغال قىلىش» مەنىسىدە بولۇپ، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشنى تەكىتلەيدۇ. «兼并» بولسا «يۇتۇۋېلىش» (قوشۇۋېلىش) مەنىسىدە بولۇپ، بىر دۆلەتنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىش مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «统一» بولسا «بىرلىككە كەلتۈرۈش» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ۋە قارىماققا تېخىمۇ بىتەرەپ بىر ئاتالغۇدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما يەنىلا مەجبۇرىي بىر بىرلىشىشنى ئىما قىلىشى قىلىدۇ. «收复» (قايتۇرۇۋېلىش) بولسا، بارلىق بۇ سۆزلەر ئارىسىدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى قانۇنلۇق بولۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزدۇر.

خىتاي دۆلىتىنىڭ «收复»  ئاتالغۇسىنى تاللىشىنىڭ ئارقىسىدا ئىستراتېگىيەلىك سەۋەبلەر ياتىدۇ. بۇ سۆز تاللىشى، ئىشغالىيەتنى قانۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئەخلاقىيلاشتۇرىدۇ. «قايتۇرۇۋېلىش» بايانى، ئۈچ ئاساسىي سىگنالنى بېرىدۇ. بىرىنچىسى، «بۇ تۇپراقلار ئەسلىدىنلا بىزنىڭ ئىدى» دېگەن سىگنال بىلەن تارىخىي ھەق تەلەپ قىلىش ئاساسى يارىتىدۇ. ئىككىنچىسى، «بىز تاجاۋۇزچى ئەمەس، قوغدىغۇچى» دېگەن سىگنال بىلەن جاھانگىرلىك ئەيىبلىشىدىن قاچىدۇ ۋە ئۆزىنى قانۇنلۇق قوغدىنىش ئورنىغا قويىدۇ. ئۈچىنچىسى بولسا، «يەرلىك خەلقلەرنى ‹قۇتقۇزدۇق›» دېگەن سىگنال بىلەن ئارقىلىق (پاتېرنالىست) بىر قۇتقۇزغۇچى بايانىنى سۇنىدۇ. بۇ باياندا خىتاي، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «قالايمىقانچىلىقتىن»، «چەتئەل تاجاۋۇزىدىن» ۋە «قالاقلىقتىن» قۇتقۇزغان خەير-ساخاۋەتچى بىر كۈچ سۈپىتىدە ئىپادە قىلىنىدۇ.

ئەگەر خىتاي دۆلىتى «征服» (بويسۇندۇرۇش) ياكى «占领» (ئىشغال قىلىش) سۆزلىرىنى ئىشلەتكەن بولسا، ھەرىكەتنىڭ تاجاۋۇزچى ۋە جاھانگىرلىك خاراكتېرىنى ئېتىراپ قىلغان بولاتتى.  «收复» (قايتۇرۇۋېلىش) نى ئىشلىتىش ئارقىلىق بولسا، دەل ئەكسىچە بىر باياننى قۇرىدۇ: ئۆزىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئورنىغا قويىدۇ («بىز زېمىنىمىزنى يوقىتىپ قويغانىدۇق»)، ھەرىكەتنى قانۇنلۇق كۆرسىتىدۇ («پەقەت ھەققىمىزنى قايتۇرۇۋالدۇق») ۋە ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكنى دەۋا قىلىدۇ («بىز ئازادلىق ئېلىپ كەلدۇق»). بۇ ئاتالغۇ تاللىشى، ئورۋېل (Orwell) نىڭ «1984» رومانىدا تەسۋىرلىگەن «يېڭى تىل» (Newspeak) ئۇقۇمىنى ئەسلىتىدۇ: رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاۋۋال تىلنى ئۆزگەرتىڭ. ئەگەر «ئىشغال» ئۇقۇمىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز قالمىسا، ئىشغالىيەتنىڭ ئۆزىمۇ ئويلاشقىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىدۇ.

3.3. خىتاي دۆلىتى نېمىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ؟

«قايتۇرۇۋېلىش» بايانى، بىردىن ئارتۇق تارىخىي ھەقىقەتنى نىقابلايدۇ. بۇ باياننىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان بىرىنچى ۋە ئەڭ ئاساسلىق ھەقىقەت، 18-ئەسىردە چىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تۇنجى قېتىم ئىشغال قىلغانلىقىدەك بىر تارىخىي پاكىتتۇر. مىلۋاردنىڭ  (2007، 89-97-بەتلەر) تەپسىلىي تارىخىي تەتقىقاتى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، «چىڭ سۇلالىسىنىڭ 1755-1760-يىللىرىدىكى جۇڭغار ۋە شەرقىي تۈركىستان يۈرۈشلىرى، بىر ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدۇر. بۇ رايون، تاڭ سۇلالىسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك (7-8-ئەسىرلەر) ۋاسىتىلىك تەسىرىدە قالغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا، ھېچقاچان خىتاي باشقۇرۇشىدا بولمىغان.» بارفېلد (1989، 276-بەت) مۇ ئوخشاش شەكىلدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «مىڭ سۇلالىسىمۇ (1368-1644) قۇمۇلدىن غەربكە قاراپ ھېچقانداق كونتروللۇق ئورنىتالمىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ 18-ئەسىردىكى ئىشغالىيىتى، خىتاي تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر غەربكە كېڭىيىشتۇر.» لاتتىمور  (1950، 165-بەت) بولسا كەسكىن ھالدا مۇنداق ئىپادىلەيدۇ: «شىنجاڭ، سۆز مەنىسى بويىچە ‹يېڭى چېگرا› دېمەكتۇر. 1884-يىلىغىچە ئۆلكىمۇ ئەمەس ئىدى، بەلكى ھەربىي مۇستەملىكە ئىدى.»

بۇ ئاكادېمىك مەنبەلەردىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 1755-1760-يىللىرىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى، يوقىتىپ قويۇلغان بىر تۇپراقنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى ئەمەس، بەلكى ھېچقاچان ئىگە بولۇنۇپ باقمىغان بىر تۇپراقنىڭ تۇنجى قېتىم ئىشغال قىلىنىشى ۋە مۇستەملىكە قىلىنىشىدۇر. تاڭ سۇلالىسىنىڭ 7-8-ئەسىرلەردىكى مەۋجۇتلۇقىغا قىلىنغان ئىشارەتلەرمۇ ئادەمنى قايمۇقتۇرىدۇ، چۈنكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەسىرى، بىۋاسىتە باشقۇرۇشتىن كۆرە، ۋاسىتىلىك ھۆكۈمرانلىق ياكى بوش بىر ۋاسساللىق (بېقىندىلىق) مۇناسىۋىتى ئىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، تاڭ سۇلالىسى يىمىرىلگەندىن (907) چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىشغال قىلىشىغىچە (1755) بولغان 850 يىللىق مەزگىلدە، بۇ رايون تۈرلۈك تۈرك ۋە موڭغۇل خانلىقلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ ھېچقانداق كونتروللۇقىدا بولمىغان. شۇڭلاشقا «قايتۇرۇۋېلىش» ئىددىئاسى، تارىخىي ئاساستىن مەھرۇمدۇر.

ئىككىنچى يوشۇرۇلغان ھەقىقەت، جۇڭغار خەلقلىرىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىلىشىدۇر. 1755-1760-يىللىرىدىكى چىڭ يۈرۈشلىرى جەريانىدا، رايوننىڭ يەرلىك جۇڭغار  (جۇڭغار/ئويرات) موڭغۇل نوپۇسىنىڭ %70 بىلەن %80 ئارىسىدىكى بىر قىسمى سىستېمىلىق قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي كۆچۈش ۋە كېسەللىكلەر بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان (پېرديۇ، Perdue، 2005، 282-284-بەتلەر). پېرديۇنىڭ تارىخىي نوپۇس ئانالىزى، 500,000 بىلەن 800,000 ئارىسىدا جۇڭغارنىڭ بۇ جەرياندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە. بۇ رەقەملەر ۋە يۈز بېرىش شەكلى، زامانىۋى خەلقئارا قانۇندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق (genocide) ئېنىقلىمىسىغا  ماس كېلىدۇ. ئەمما «قايتۇرۇۋېلىش» بايانى، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پۈتۈنلەي كۆرۈنمەس قىلىۋېتىدۇ. خىتاي رەسمىي تارىخ بايانىدا جۇڭغارلار، پەقەت «ئوتتۇرىدىن يوقاپ كەتكەن» بىر گۇرۇپپا سۈپىتىدە كودلاشتۇرۇلىدۇ، سىستېمىلىق يوقىتىلىشى  مۇھاكىمە قىلىنمايدۇ.

ئۈچىنچى يوشۇرۇلغان ھەقىقەت، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىقى ۋە ياقۇپبەگ ھەرىكىتىنىڭ يەرلىك خاراكتېرىدۇر. 1864-1877-يىللىرى ئارىسىدىكى ياقۇپبەگ دەۋرى، خىتاي بايانىدا دېگۈدەك پۈتۈنلەي «سىرتقى كۈچلەرنىڭ قورچاق ھاكىمىيىتى» سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ. كىمنىڭ (Kim) (2004، 6-12-بەتلەر) تەپسىلىي تەتقىقاتى بولسا شۇنى ئوتتۇرىغا قويماقتا: «ياقۇپبەگ ھەرىكىتى، ئالدى بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇسۇلمان خەلقلەرگە قاراتقان كەمسىتىش سىياسەتلىرىگە قارشى يەرلىك بىر قوزغىلاڭدۇر. بۇ سىياسەتلەر ئارىسىدا ئېغىر باج، دىن ئەركىنلىكى چەكلىمىلىرى ۋە ئادالەت سىستېمىسىدىكى تەڭسىزلىك ئورۇن ئالماقتا.» نيۇبىي (Newby) (2005، 203-بەت) مۇ شۇنى قوشۇمچە قىلىدۇ: «ياقۇپبەگ، ئەنگلىيە ۋە ئوسمانلى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئورناتقان بولسىمۇ، ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسى يەرلىك ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلەرنىڭ قوللىشىدۇر. سىرتقى كۈچلەر، بۇ ھەرىكەتنى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە تىرىشقان، ئەمما ھەرىكەت ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس.»

بۇ يەكۈنلەر، ياقۇپ بەگ دەۋرىنىڭ پەقەت سىرتقى سۇيىقەست ئەمەسلىكىنى، يەرلىك خەلقلەرنىڭ چىڭ بېسىمىغا قارشى قانۇنلۇق بىر قارشىلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئەمما «قايتۇرۇۋېلىش» بايانى، بۇ قارشىلىقنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ ۋە ھەرىكەتنى «سىرتقى سۇيىقەست» دەپ تامغىلايدۇ. شۇ ئارقىلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ سۇبيېكتىپلىقى (ئىگىلىك رولى)، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىرادىسى ۋە قانۇنلۇق شىكايەتلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ. تارىخ، پەقەت چوڭ كۈچلەرنىڭ (چىڭ، ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسى، رۇس ئىمپېرىيەسى) ئۆز ئارا كۈرىشى سۈپىتىدە سۆزلىنىدۇ. يەرلىك خەلقلەر بولسا پاسسىپ ئوبيېكتلار، ئىشلىتىلگەن پىچكىلار ھالىغا چۈشۈرۈپ قويۇلىدۇ.

3.4. نېمە ئۈچۈن «قايتۇرۇۋېلىش» ئەمەس، بەلكى «ئىشغالىيەت»تۇر؟

زامانىۋى خەلقئارا قانۇندا، بىر تۇپراق پارچىسىنىڭ قانۇنلۇق ھالدا «قايتۇرۇۋېلىنىشى» ئۈچۈن بەلگىلىك شەرتلەرنىڭ ئورۇنلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ (شاۋ،  2017). بىرىنچى شەرت، ئىلگىرىكى قانۇنلۇق ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقى. ئالاقىدار دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ تۇپراق ئۈستىدە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىگىلىك ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. ئىككىنچى شەرت، ۋاقىتلىق يوقىتىش. ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ يوقىتىلىشى، ۋاقىتلىق بىر ئىشغالىيەت ياكى مەجبۇرىي ۋاز كېچىش نەتىجىسىدە بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچى شەرت بولسا، يەرلىك خەلقنىڭ ئۇشبۇ «قايتۇرۇۋېلىش» قا بولغان  رازىلىقىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان رېئاللىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئۈچ شەرتتىن ھېچبىرى ئورۇنلانغىنى يوق. ئىلگىرىكى ئىگىلىك ھوقۇقى جەھەتتىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ 1755-يىلدىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا ھېچقانداق ئىگىلىك ھوقۇقى يوق ئىدى (مىلۋارد، 2007).  رايون، تارىخ بويىچە تۈرلۈك تۈرك-موڭغۇل خانلىقلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان: شەرقىي چاغاتاي خانلىقى، يەكەن خانلىقى، جۇڭغار خانلىقىغا ئوخشاش. بۇ خانلىقلارنىڭ ھېچبىرى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ داۋامى ئەمەس ئىدى، بەلكى مۇستەقىل سىياسىي گەۋدىلەر ئىدى(بېللېر-ھان، 2008).  شۇڭلاشقا، بۇ يەردە چىڭ سۇلالىسى «يوقىتىپ قويۇپ» ئاندىن قايتۇرۇۋېلىشقا ھەقلىق بولغان بىر نەرسە مەۋجۇت ئەمەس.

«يوقىتىش» دەپ تەرىپلەنگەن 1864-1877-يىللىرى ئارىسىدىكى دەۋرمۇ، ئەمەلىيەتتە چىڭ سۇلالىسىنىڭ «تۇپراق يوقىتىشى» ئەمەس، مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ ئازادلىق كۈرىشىدۇر. بۇ دەۋرنى «يوقىتىش» دەپ تەرىپلەش، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلەرنىڭ سۇبيېكتىپلىقىنى پۈتۈنلەي يوق دەپ ھېسابلاش دېگەنلىك بولىدۇ. خۇددى رايون بوش بىر يەر پارچىسىدەك ۋە پەقەت قايسى ئىمپېرىيەنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقى مۇھىمدەك، ئۇ يەردە ياشايدىغان مىليونلىغان ئىنساننىڭ نېمىنى خالايدىغانلىقى، نېمىنى ئويلايدىغانلىقى، قانداق باشقۇرۇلۇشنى خالايدىغانلىقى ھېچ مۇھىم ئەمەستەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ. بۇ خىل قاراش، كىلاسسىك مۇستەملىكىچى تەپەككۇرنىڭ ئۆزىدۇر.

خەلق رازىلىقى جەھەتتىنمۇ ئەھۋال ئېنىق. چىڭ قىسىملىرى، 1876-1878-يىللىرىدا رايوننى ھەربىي كۈچ بىلەن قايتا ئىشغال قىلغان. يەرلىك نوپۇسنىڭ چوڭ قىسمى بۇ «قايتۇرۇۋېلىش»نى قوللىمىغان، ئەكسىچە ياقۇپبەگنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنمۇ قارشىلىق داۋام قىلغان (كىم، ، 2004، 176-189-بەتلەر).  چىڭ ھاكىمىيىتى، رايوندا ھەربىي گارنىزونلار، كۆزىتىش سىستېمىلىرى ۋە باستۇرغۇچى باشقۇرۇش مېخانىزمىلىرى قۇرۇپ، پەقەت كۈچلۈك بېسىم ئارقىلىقلا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزەلىگەن. بۇ، رازىلىققا ئەمەس، مەجبۇرلاشقا تايانغان بىر ھۆكۈمرانلىق شەكلىدۇر. شۇڭلاشقا «收复» (قايتۇرۇۋېلىش) تېرمىنولوگىيەسى، تارىخىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن خاتا. ئاكادېمىك نۇقتىدىن سەمىمىي ۋە توغرا ئاتالغۇ، «征服» (بويسۇندۇرۇش) ياكى «再殖民化» (قايتا مۇستەملىكە قىلىش) بولۇشى كېرەك.

  •  خوتەننىڭ تاللىنىشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق تەرەپلەر
    1.4. جۇغراپىيەلىك ۋە دېموگرافىيەلىك رېئاللىقلار

خوتەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي غەربىدە، كۇئېنلۇن تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىگە جايلاشقان تارىخىي بىر شەھەردۇر. 2020-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، خوتەننىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 2.5 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، نوپۇسىنىڭ %96.4ى ئۇيغۇردۇر (تۇپس ، 2016؛  2021).  دېمەك، خوتەن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان رايونلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. خوتەن، ئوخشاش ۋاقىتتا تارىخىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم بىر بېكىتى سۈپىتىدە، بۇددىست ۋە ئىسلام مەدەنىيەتلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا ئورۇن ئالغان. رايون، ئەسىرلەر بويى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، تىلىنىڭ ۋە ئىسلام ئەنئەنىلىرىنىڭ مەركىزى بولغان.

خوتەننىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي دۆلىتى نۇقتىسىدىن ئەڭ «مەسىلىلىك» رايون ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر قانچە ئامىلنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك. بىرىنچىسى، خوتەن ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ قەلئەسىدۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا بەزى رايونلىرىدا (بولۇپمۇ ئۈرۈمچىگە ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە) خىتاي نوپۇسى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە دېموگرافىيەلىك تەڭپۇڭلۇق ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، خوتەن بۇ نوپۇس كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە نىسبەتەن ئاز ئۇچرىغان. ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ئەنئەنىلىرى بۇ يەردە ھېلىھەم ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، كۈندىلىك ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچىسى، خوتەن ئاسسىمىلياتسىيەگە قارشىلىق كۆرسەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قوش تىللىق» مائارىپى (بۇ ئەمەلىيەتتە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ يۇمشىتىلغان بىر نامىدۇر)، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى ۋە نوپۇس يۆتكەش سىياسەتلىرىگە قارىماي، خوتەندىكى ئۇيغۇر كىملىكى تىركىشىشىنى ساقلاپ قالغان (كلىف، Cliff، 2016).  بۇ قارشىلىق، پەقەت پاسسىپ بىر مۇھاپىزىكارلىقلا ئەمەس، ئاكتىپ بىر مەدەنىيەت ۋە كىملىك قوغدىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچىسى، خوتەننىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكىدۇر. 2008، 2009 ۋە كېيىنكى يىللاردا خوتەندە تۈرلۈك نامايىش ۋە توقۇنۇشلار بىر قەدەر كۆپ يۈز بەرگەن (مىلۋارد،  2009).  بۇ ۋەقەلەر، رايوندىكى نارازىلىقنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ جانلىقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


2.4. فۇكونىڭ ھاكىمىيەت-ماكان مۇناسىۋىتى

مىشېل فۇكو« ئىنتىزام ۋە جازا»  (Discipline and Punish) (1975) ۋە كېيىنكى تەتقىقاتلىرىدا، ھاكىمىيەتنىڭ ماكانلىشىشى ئۇقۇمى ئۈستىدە تەپسىلىي ئىزدەنگەن. فۇكوغا نىسبەتەن ھاكىمىيەت، پەقەت قانۇنلار، ئورگانلار ياكى ئىدېئولوگىيەلەر ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى ئوخشاش ۋاقىتتا جىسمانىي ماكاننىڭ تەشكىللىنىشى ۋە بىناكارلىق ئارقىلىقمۇ ئىشلەيدۇ. جېرېمى بېنتامنىڭ  پانوپتىكون (Panopticon) (ھەممىنى كۆرگۈچى) تۈرمىسى، فۇكونىڭ ئانالىزىدا مەركىزىي بىر مىسال سۈپىتىدە ئورۇن ئالىدۇ. پانوپتىكون، كۆزىتىشنىڭ ئۈزۈلمەستىن داۋاملىشىدىغانلىقى ياكى ئەڭ ئاز دېگەندە شۇنداق ھېس قىلدۇرۇلىدىغان بىر بىناكارلىق سىستېمىسىدۇر. مەھبۇسلار، ھەر دەقىقە كۆزىتىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەشكە (ئىنتىزامغا سېلىشقا) باشلايدۇ. ھاكىمىيەت مۇشۇنداق قىلىپ كۆرۈنمەس ھالغا كېلىدۇ، ئەمما ھەر يەردە ھېس قىلىنىدۇ. كۆزەتكۈچى كۆرۈنمەيدۇ، ئەمما كۆزىتىلگۈچىلەر ھەر ۋاقىت كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

فۇكونىڭ يەنە بىر مۇھىم ئۇقۇمى، ئابىدە خاراكتېرلىك بىناكارلىق ۋە ھاكىمىيەت مۇناسىۋىتىدۇر. خاتىرە تاشلىرى، ئوردىلار، ھۆكۈمەت بىنالىرى، ھاكىمىيەتنى چېلىقارلىق ۋە مەڭگۈلۈك قىلىدۇ. بۇلار پەقەت ئۆتمۈشنى ئەسلىتىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە بەدەنلەرنىڭ تىزگىنلىنىشىگە قارىتىلغان قوراللار سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ (فۇكو، 1980، 149-بەت).  بىر ئابىدە، ماددىي ماكاندا داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق، ھەر كۈنى ئۇ ماكاندىن ئۆتكەن ئىنسانلارغا مەلۇم بىر ئۇچۇرنى بېرىدۇ، مەلۇم بىر تارىخىي باياننى نورماللاشتۇرىدۇ.

خوتەن خاتىرە تاشلىرىگە بۇ نۇقتىئىنەزەر تەتبىقلانغاندا، خاتىرە تاشلىرىنىڭ بىردىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى چۈشىنىلىدۇ. بىرىنچىسى، ھۆكۈمرانلىقنىڭ ماددىيلىشىشىدۇر (جىسمانىيلىشىشىدۇر). زو زۇڭتاڭ خاتىرە تاشلىرى، خىتاي دۆلىتىنىڭ خوتەندىكى ماددىي مەۋجۇتلۇقىنى مۇستەھكەملەيدۇ. بىر ئۇيغۇر بالىسى ھەر كۈنى مەكتەپكە ماڭغاندا بۇ خاتىرە تېشىنى كۆرگەندە، «دۆلەت بۇ يەردە، ھەر يەردە، ھەر ۋاقىت» دېگەن ئۇچۇرنى ئالىدۇ. ئابىدە، پەقەت بىر دۆۋە تاشلا ئەمەس، ھاكىمىيەتنىڭ ماددىي گەۋدىلىنىشىدۇر. ئىككىنچىسى، سىمۋوللۇق ئىشغالدۇر. بۇ ئابىدەنىڭ تىكلىنىشى ماھىيەتتە، ئەڭ ئۇيغۇر، ئەڭ ئىسلامىي، ئەڭ قارشىلىقچان رايونغا خىتاي مىللەتچىلىك سىمۋولىنى تىكلەش بولۇپ، «بۇ تۇپراق بىزنىڭدۇر» دېگەن ئۇچۇرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك يەتكۈزۈلۈش شەكلىدۇر. بۇ، ماددىي بىر بايراقنى تىكلەشتىنمۇ بەكرەك تەسىرچاندۇر، چۈنكى ئابىدە مەڭگۈلۈكتۇر، ھەر كۈنى كۆرۈلىدۇ، نورماللىشىدۇ.

ئۈچىنچىسى، پانوپتىك تەسىردۇر. گىرامشىنىڭ رازىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇقۇمى ۋە فۇكونىڭ ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەش ئۇقۇمى بۇ يەردە بىرلىشىدۇ. ئابىدە، ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق كۆزىتىش ئاستىدا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ. ھەر بىر ئۇيغۇر، بۇ ئابىدىنى كۆرگىنىدە، خىتاي دۆلىتىنىڭ كۈچىنى، ھەر يەردە ئىكەنلىكىنى، مۇقەررەرلىكىنى ئەسلەيدۇ. ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بەلكىم ئاڭ ئاستىدا، «قوبۇل قىلىشنىڭ» تېخىمۇ ئوڭاي ياكى توغرا ئىكەنلىكىنى ئويلاشقا باشلىشى مۇمكىن. قارشى تۇرۇش ئىنتايىن قىيىن، ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، ئادەمنى چارچىتىدۇ، بەلكىم ئاقىۋىتى نۇقتىسىدىن پايدىسىزدۇر. مانا بۇ پانوپتىك ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ ئالىي شەكلىدۇر: ئىنسانلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى تىزگىنلەشكە، ئۆزلىرىنى (مەۋجۇت بىنورمال ھالنى قوبۇل قىلىشقا) «قايىل قىلىشقا» باشلايدۇ.

3.4. زو زۇڭتاڭ خوتەنگە ھېچ كەلمىگەن: تارىخىي يالغاننىڭ ئاناتومىيەسى

تارىخىي مەنبەلەرنى تەكشۈرۈش، زو زۇڭتاڭنىڭ ھېچقاچان خوتەنگە كەلمىگەنلىكىنى كەسكىن بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇلگېرنىڭ (1896، 289-325-بەتلەر) قەلەمگە ئالغان زو زۇڭتاڭنىڭ تەپسىلىي تەرجىمىھالى، 1876-1878-يىللىرىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ يىلنامىسىنى قەدەممۇ-قەدەم بەرمەكتە. بۇ يىلنامىغا كۆرە، زو زۇڭتاڭنىڭ قوماندانلىق شىتابلىرى تۆۋەندىكىچە رەتكە تىزىلماقتا: 1876-يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى سۇجۇ (جيۇچۈەن)، 1877-يىلىنىڭ مارت-ئاۋغۇست ئايلىرىدا قۇمۇل، 1877-يىلىنىڭ سېنتەبىر-دېكابىر ئايلىرىدا ئۈرۈمچى، 1878-يىلى بولسا تۇرپان ۋە ئەتراپى. بۇلگېرنىڭ تەپسىلىي بايانىدا خوتەنگە بارغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق خاتىرە يوق

چۇ ۋە ليۇنىڭ،( 1966). ئىنگلىزچە تەرجىمىھالىمۇ ئوخشاش ئۇچۇرنى دەلىللىمەكتە: «زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى، مەركىزىي كونترول نۇقتىلىرىنى (قۇمۇل، ئۈرۈمچى) كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە جەنۇب ھەرىكەتلىرىنى ياردەمچىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىدى. زو زۇڭتاڭنىڭ يېشى (ئۇ مەزگىلدە 65 ياشتا ئىدى) ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى، ئۇزۇن چۆل سەپەرلىرىگە توسالغۇ بولاتتى.» كىمنىڭ (Kim) (2004، 89، 176-بەتلەر) تەتقىقاتىمۇ ئوچۇق ھالدا مۇنداق كۆرسەتمەكتە: «1878-يىلى 1-، 2-ئايلاردا خوتەن ئىشغالىيىتىنى ليۇ جىنتاڭ باشقۇردى. زو زۇڭتاڭ، ئۈرۈمچىدىكى شىتابىدىن ئىستراتېگىيە بەلگىلىدى.» لاتتىمور  (1950، 121-بەت) بولسا مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ: «زو زۇڭتاڭ، رايوننىڭ شىمالىغا مەركەزلەشتى. جەنۇبنى پۈتۈنلەي ياردەمچىلىرىگە تاشلاپ بەردى. خوتەنگە تەخمىنەن 1200 كىلومېتىر يىراقلىقتىن قوماندانلىق قىلدى.»

بۇ مەنبەلەردىن چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، خوتەن ئىشغالىيىتى زو زۇڭتاڭنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى ئاستىدا بولسىمۇ، بىۋاسىتە ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا ياكى جىسمانىي مەۋجۇتلۇقىدا ئەمەلگە ئاشمىغان. زو زۇڭتاڭ، ياشىنىپ قالغانلىقى، سالامەتلىك مەسىلىلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالدىنلىقلىرى سەۋەبىدىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى مەركىزىي نۇقتىلاردا قېلىشنى تاللىغان، جەنۇبىي رايونلاردىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئۆزى ئىشىنىدىغان قوماندانلارغا تاپشۇرغان. بۇ تارىخىي ھەقىقەت، ھالقىلىق بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا: زو زۇڭتاڭ خوتەنگە ھېچ كەلمىگەن بولسا، نېمە ئۈچۈن خاتىرە تاشلىرى دەل بۇ يەردە تىكلىنىدۇ؟

جاۋاب ئېنىق: چۈنكى تارىخىي ھەقىقەت، ئىدېئولوگىيەلىك ئېھتىياجدىن مۇھىم ئەمەس. خاتىرە تاشلىرىنىڭ مەقسىتى، ھەقىقەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر سىياسىي رېئاللىقنى ئىشلەپچىقىرىشتۇر. خوتەندە زو زۇڭتاڭ ئابىدىسى تىكلەش، تارىخىي توغرىلىقنى ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندىكى ھۆكۈمرانلىق بايانىنى مۇستەھكەملەشنى نىشان قىلىدۇ. زو زۇڭتاڭنىڭ ئەمەلىيەتتە قەيەردە بولغانلىقى، نېمىنى قىلغانلىقى ياكى قىلمىغانلىقى مۇھىم ئەمەس. مۇھىم بولغىنى، بۈگۈن ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ زىچ بولغان رايوندا، خىتاي مىللەتچىلىك بايانىنىڭ ماددىي بىر ۋەكىلىنىڭ بولۇشى ۋە بۇ ۋەكىلنىڭ ھەر كۈنى كۆرۈلۈشى، نورماللىشىشى، سوئال سورىغىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىشىدۇر.

4.4. «ياڭاق پادىشاھى» رىۋايىتىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقىرىلىشى

خىتاينىڭ رەسمىي بايانىغا كۆرە، 1877-يىلىنىڭ ئاخىرىدا زو زۇڭتاڭنىڭ ئەسكەرلىرى خوتەندىكى مەشھۇر «ياڭاق پادىشاھى» (核桃树王) نى كۆرۈپ ھەيران قالغان ۋە «بۇ دەرەخ، دۇنيا دەرەخلىرىنىڭ ھۆكۈمدارىدۇر!» دېيىشكەن. كېيىنچە يەرلىك خەلق، زو زۇڭتاڭنى ئەسلەش ئۈچۈن بۇ دەرەخنىڭ يېنىغا «زۇڭتاڭ راۋىقى» (宗棠亭) نى ياسىغان. بۇ بايان يۈزەكى، مەسۇم ۋە ھەتتا رومانتىك كۆرۈنۈشى مۇمكىن: بىر گېنېرال ۋە ئەسكەرلىرى، تەبىئىي بىر گۈزەللىككە ھەيران قالىدۇ، يەرلىك خەلقمۇ بۇ گېنېرالنى مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيدۇ. ئەمما تارىخىي خاتىرىلەر، بۇ باياننىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

بىرىنچىسى، زو زۇڭتاڭنىڭ ئەسكەرلىرى 1877-يىلى خوتەندە ئەمەس ئىدى. بۇلگېرنىڭ  (1896، 295-301-بەتلەر) يىلنامىسى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، 1877-يىلىنىڭ ئاخىرىدا چىڭ قىسىملىرى تېخى تۇرپان-قەشقەر لىنىيەسىدە ئىدى. خوتەننىڭ چىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈشى 1878-يىلى 1-، 2-ئايلاردا ئەمەلگە ئاشقان (كىم، 2004).  شۇڭلاشقا 1877-يىلى زو زۇڭتاڭنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ خوتەندە ياڭاق دەرىخىنى كۆرۈشى خىرونولوگىيەلىك (ۋاقىت تەرتىپى) جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس.

ئىككىنچىسى، «زۇڭتاڭ راۋىقى» نامى كېيىنكى دەۋردە پەيدا قىلىنغان. بېللېر-ھاننىڭ (2008) – 19ئەسىردىكى يەرلىك مەنبەلەرنى (ئۇيغۇرچە، پارسچە ۋە خىتايچە) تەپسىلىي تەكشۈرۈشى، بۇنداق بىر قۇرۇلما نامىنىڭ ئۇ دەۋردە تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ئىسىم، بەلكىم 1950-يىللاردىن كېيىنكى خىتاي مىللەتچى تارىخىي قۇرۇلۇشلىرىدا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان. ئۈچىنچىسى، يەرلىك خەلقنىڭ «ئەسلەش ئۈچۈن» راۋاق ياساش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن. چىڭ ئىشغالىيىتى، خوتەندىكى مۇسۇلمان نوپۇس ئۈچۈن چوڭقۇر روھىي جاراھەت پەيدا قىلغان  بولغان (نيۇبىي، Newby، 2005، 215-220-بەتلەر). ياقۇپبەگ دەۋرىدە مۇستەقىل بىر ھايات كەچۈرگەن يەرلىك خەلق، چىڭ ھاكىمىيىتى بىلەن بىرلىكتە قايتىدىن ئېغىر باج، كەمسىتىش ۋە بېسىمغا دۇچ كەلگەن. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، يەرلىك خەلقنىڭ «ئىشغالچى»نى (بېسىۋالغۇچىنى) ئەسلەش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئابىدە ياسىشى، پىسخىكىلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق جەھەتتىن ئەقىلگە سىغمايدۇ.

ئېرىك ھوبسباۋم  ۋە تېرېنس رانجېرنىڭ  «ئەنئەنىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقىرىلىشى» (The Invention of Tradition) (1983) ناملىق كىتابىدا كۆرسەتكەن نەزەرىيەۋى رامكىسى، بۇ ئەھۋالنى مۇكەممەل بىر شەكىلدە ئىزاھلايدۇ. ھوبسباۋم ۋە رانجېر مۇنداق يازىدۇ: «ئەنئەنىلەرنىڭ ئويدۇرۇپ چىقىرىلىشى، زامانىۋى دەۋرلەردە پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ھەقىقىي قەدىمىي بولغانلىرىنى تەقلىد قىلىپ، ساختىپەزلىك بىلەن تارىخىي ئۈزلۈكسىزلىك يارىتىدۇ. مەقسەت، مەۋجۇت ئىجتىمائىي-سىياسىي تەرتىپنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي رىشتىلەرنى قايتا ئىشلەپچىقىرىشتۇر» (1-2-بەتلەر). زۇڭتاڭ راۋىقى دەل مۇشۇنداق بىر «ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئەنئەنە»دۇر. كۆرۈنۈشتە، بۇ بىر «تارىخىي» ئابىدە بولۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ «مىننەتدارلىقىنىڭ» ۋە «ساداقىتىنىڭ» بەلگىسىدۇر. ئەمەلىيەتتە بولسا، زامانىۋى خىتاي دۆلىتىنىڭ خاتىرىنى كونترول قىلىش قورالىدۇر، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۈستىگە خىتاي مىللەتچىلىك بايانىنىڭ يېزىلىشىدۇر.

ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئەنئەنىلەر خەتەرلىكتۇر، چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەقىقەت دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئىككى-ئۈچ ئەۋلادتىن كېيىن، بەلكىم ھېچكىم: «بۇ راۋاق ھەقىقەتەن شۇ دەۋردە ياسالغانمۇ؟»، «يەرلىك خەلق ھەقىقەتەن زو زۇڭتاڭغا مىننەتدارلىق ھېس قىلامتى؟» دەپ سوراپ ئولتۇرمايدۇ. ئابىدە ئۇ يەردە تۇرىدۇ، ساياھەت يېتەكچىلىرى بۇ ھېكايىلەرنى سۆزلەۋېرىدۇ، دەرسلىك كىتابلار ئۇچۇرنى تەكرارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تارىخىي يالغان، تارىخىي رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.


5.  خىتاي دۆلىتىنىڭ سۆز تاللاش ئىستراتېگىيەسى: ئورۋېلچە تىل بۇرمىلاش ئويۇنى
1.5.  جورج ئورۋېلنىڭ «يېڭى تىل»  ئۇقۇمى

جورج ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق رومانىدا تەسۋىرلىگەن دىستوپىك (قاراڭغۇ/قورقۇنچلۇق) جەمئىيەتتە، ھاكىممۇتلەق دۆلەت «يېڭى تىل» نامىدا ئالاھىدە بىر تىل ئىجاد قىلغان. بۇ تىلنىڭ مەقسىتى، ئورۋېلنىڭ ئۆز سۆزى بىلەن ئېيتقاندا: «تەپەككۇرنىڭ چېگرالىرىنى تارايتىش… ئاخىرىدا ئىدىيە جىنايىتى سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بىلەن مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كېلىدۇ، چۈنكى ئۇنى ئىپادىلەيدىغان سۆز قالمايدۇ « (ئورۋېل، ، 1949،  52-بەت).  «يېڭى تىل»، پەقەت بىر ئالاقە قورالى بولۇپلا قالماستىن، ئوخشاش ۋاقىتتا بىر ئىدىيەنى كونترول قىلىش مېخانىزمىسىدۇر. ئەگەر بىر ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان سۆز بولمىسا، ئۇ ئۇقۇم ئويلىغىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىدۇ.

«يېڭى تىل»نىڭ ئۈچ ئاساسىي پرىنسىپى بار. بىرىنچىسى، ئېنىقسىز ۋە مۈجمەل ئاتالغۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشىدۇر. روماندا «تىنچلىق مىنىستىرلىقى»  ئۇرۇش قىلىدۇ، «شەپقەت مىنىستىرلىقى» قىيىن-قىستاق ئېلىپ بارىدۇ. سۆزلەر ۋە رېئاللىقلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت پۈتۈنلەي تەتۈرىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئىككىنچىسى، زىددىيەتلەرنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشىدۇر. «ئۇرۇش دېمەك تىنچلىقتۇر، ئەركىنلىك دېمەك قۇللۇقتۇر، نادانلىق دېمەك كۈچتۇر» دېگەندەك شوئارلار، مەنتىقىي زىددىيەتلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان، ھەتتا توغرا كۆرسىتىدۇ. ئۈچىنچىسى بولسا، ھەقىقەتلەرنىڭ تىل جەھەتتىن ئۆچۈرۈلۈشىدۇر. «غەيرىي ئىنسان/يوق قىلىنغان شەخس» ئۇقۇمى، دۆلەت تەرىپىدىن تارىخنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىۋېتىلگەن شەخسلەرنى ئېنىقلايدۇ. بۇ كىشىلەر، ھېچ مەۋجۇت بولۇپ باقمىغاندەك مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ.

2.5. خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاتالغۇ ئىستراتېگىيەسى

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، تەيۋەن ۋە شياڭگاڭ سىياسەتلىرىدە سىستېمىلىق بىر تىل بۇرمىلاش ئويۇنىنى قوللانماقتا. بۇ بۇرمىلاش، ئورۋېلنىڭ «يېڭى تىل»  ئۇقۇمى بىلەن ھەيران قالارلىق ئوخشاشلىقلارنى كۆرسەتمەكتە. ھەربىي ئىشغالىيەت ۋە مۇستەملىكە قىلىش، «解放» (ئازادلىق/قۇتۇلۇش) دەپ ئاتىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق جاھانگىرلىك ھەرىكەت «ياخشى» بىر ئىش سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ. مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە، «民族团结» (مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى) ئاتالغۇسى ئىچىگە قاچىلىنىدۇ ، شۇ ئارقىلىق بېسىم «ئىناقلىق» ۋە «بىرلىك» سۈپىتىدە قايتا قۇرۇلىدۇ. جازا لاگېرلىرى، «职业技能教育培训中心»  (كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى) دەپ ئاتىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى «مائارىپ» ۋە «ماھارەت يېتىلدۈرۈش» سۈپىتىدە نورماللاشتۇرۇلىدۇ. ئۇيغۇر قارشىلىقى، «恐怖主义» (تېررورىزم) دەپ تامغىلىنىدۇ، شۇ ئارقىلىق قانۇنلۇق قارشىلىق جىنايەتلەشتۈرۈلىدۇ.  چىڭ ئىشغالىيىتى، «收复» (قايتۇرۇۋېلىش) دەپ تەبىرلىنىدۇ، شۇ ئارقىلىق مۇستەملىكە قۇرۇلۇشى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ.

بۇ ئاتالغۇ ئىستراتېگىيەسى، پەقەت تەشۋىقاتتىنلا ئىبارەت ئەمەس. تىل، رېئاللىقنى شەكىللەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە. ئىنسانلار دۇنيانى، ئۆزلىرى ئىگە بولغان سۆزلەر ئارقىلىق چۈشىنىدۇ. ئەگەر «ئىشغال» سۆزى ئىشلىتىلمىسە ۋە ھەر ۋاقىت «ئازادلىق» دېيىلسە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ زېھنىدە بۇ ئىككى ئۇقۇم ئارىسىدىكى پەرق غۇۋالىشىدۇ. بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلار، باشقىچە بىر ئاتالغۇغا (ئالتېرناتىپقا) ھېچ ئۇچراپ باقمىغان بولسا، رەسمىي ئاتالغۇلارنى تەبىئىي ۋە بىردىنبىر توغرا دەپ قوبۇل قىلىدۇ.

«收复» سۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىمۇ دەل مۇشۇ يەردىدۇر. خەلقئارا سەھنىدە، «قايتۇرۇۋېلىش» بايانى غەربكە قارىتا «خىتاي ئۆز تۇپرىقىنى قوغداۋاتىدۇ» دېگەن باياننى سۇنىدۇ، شۇ ئارقىلىق جاھانگىر ياكى كېڭەيمىچى بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىشتىن قاچىدۇ. ئىچكى تەشۋىقاتتا بولسا، خىتايلارغا«تارىخىي ھەق» تۇيغۇسى بېرىلىدۇ ۋە مىللەتچىلىك كۈچەيتىلىدۇ. «بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز بۇ تۇپراقلارنى قەھرىمانلارچە قايتۇرۇۋالغان» ھېكايىسى، مىللىي ئىپتىخار ۋە بىرلىك تۇيغۇسىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئۇيغۇر خاتىرىسىنىڭ قايتا يېزىلىشىدا بولسا، «收复» (قايتۇرۇۋېلىش) سۆزى ئۇيغۇر تارىخىنى خىتاي مەركەزلىك بايانغا مەجبۇرىي قوشۇۋېتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىي كەچۈرمىشلىرىنى ئۆز ئۇقۇملىرى بىلەن سۆزلەش ھوقۇقى قولىدىن تارتىۋېلىنىدۇ.

3.5. خىتاي  نېمىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ؟ كۆپ قاتلاملىق يوشۇرۇنۇش ئانالىزى

«قايتۇرۇۋېلىش» بايانى، بىردىن ئارتۇق قاتلامدا ھەقىقەتلەرنى يوشۇرىدۇ. تۇنجى قاتلام، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ يوشۇرۇلۇشىدۇر. ئەگەر خىتاي «شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغان» بولسا، ئۇنداقتا ئەنگلىيەمۇ «ھىندىستاننى قايتۇرۇۋالغان»، فىرانسىيە «ئالجىرىيەنى قايتۇرۇۋالغان»، ياپونىيە «كورېيەنى قايتۇرۇۋالغان» بولىدۇ. بۇ لوگىكا، بارلىق مۇستەملىكە قۇرۇلۇشلىرىنى قانۇنلاشتۇرىدۇ ۋە تارىخىي ئادالەت ئۇقۇمىنى پۈتۈنلەي مەنىسىزلەشتۈرىدۇ. ھەقىقەت شۇكى، شەرقىي تۈركىستان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي ئىشغالىيىتى ۋە مۇستەملىكە سۈمۈرۈش قۇرۇلۇشىدۇر (مىلۋارد، 2007، 94-بەت). بۇنى «قايتۇرۇۋېلىش» دەپ تەبىرلەش، مۇستەملىكە خاراكتېرىنى كۆرۈنمەس قىلىدۇ.

ئىككىنچى قاتلام، جۇڭغار ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يوشۇرۇلۇشىدۇر. «قايتۇرۇۋېلىش» بايانى، 1755-1760-يىللىرى ئارىسىدىكى جۇڭغار قىرغىنچىلىقىنى پۈتۈنلەي كۆرۈنمەس قىلىدۇ. پېرديۇنىڭ (2005، 282-284-بەتلەر) تەپسىلىي تەتقىقاتىغا كۆرە: «چىڭ ئارمىيەلىرى، جۇڭغار نوپۇسىنى سىستېمىلىق ھالدا يوقاتتى. مۆلچەرلەر، 500,000 بىلەن 800,000 ئارىسىدا جۇڭغارنىڭ قىرغىنچىلىق، كېسەللىك ۋە مەجبۇرىي كۆچۈش نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ، 20-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئەڭ چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلاردىن بىرىدۇر.» «قايتۇرۇۋېلىش» بايانى، بۇ پاجىئەنى پۈتۈنلەي ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، خۇددى رايون بوش ئىكەندەك ۋە چىڭ سۇلالىسى پەقەت بوش بىر تۇپراققا كىرگەندەك كۆرسىتىدۇ.

ئۈچىنچى قاتلام، ئۇيغۇر قارشىلىقىنىڭ قانۇنسىزلاشتۇرۇلۇشىدۇر. «قايتۇرۇۋېلىش» بايانى، ياقۇپبەگ ھەرىكىتىنى پەقەت «سىرتقى سۇيىقەست» سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، يەرلىك ئۇيغۇر قوللىشىنى ئىنكار قىلىدۇ. كىمنىڭ (2004، 12-بەت) كۆرسەتكىنىدەك: «1864-1877-يىللىرىدىكى قوزغىلاڭ، ئالدى بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ كەمسىتىش سىياسەتلىرىگە قارشى يەرلىك بىر مۇسۇلمان ھەرىكىتىدۇر. ئەنگلىيە ۋە رۇسىيەنىڭ قىزىقىشى، ھەرىكەتنى ئىشلىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ھەرىكەتنىڭ مەنبەسى ۋە كۈچى يەرلىكتۇر.» «قايتۇرۇۋېلىش» بايانى، بۇ يەرلىك تەرەپنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنى تارىخىنىڭ پاسسىپ ئوبيېكتلىرى ھالىغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

تۆتىنچى قاتلام، داۋاملىشىۋاتقان بېسىمنىڭ يوشۇرۇلۇشىدۇر. «قايتۇرۇۋېلىش» بايانى، خۇددى 1878-يىلى «مەسىلە ھەل بولغان» ۋە رايون «تىنچ بىر شەكىلدە خىتايغا سىڭىشىپ كەتكەن»دەك بىر تەسىرات يارىتىدۇ. ئەمما تارىخىي رېئاللىق بەك پەرقلىقتۇر. 1878-يىلدىن 1949-يىلغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلەر، چىڭ ۋە كېيىن جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيىتىگە قارشى داۋاملىق قارشىلىق كۆرسەتكەن (مىلۋارد،  2007، 174-226-بەتلەر). 1933-1934يىللىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغان. 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1949-يىلدىن بۈگۈنگىچە بولسا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «ئازادلىق» بايانى ئاستىدا ئۇيغۇرلار مىللىي، ئىرقىي، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە سىستېمىلىق بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. پۈتكۈل بۇ قارشىلىق تارىخى، «قايتۇرۇۋېلىش» بايانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسى ئوبرازى بىلەن زىت بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆرمەسكە سېلىنىدۇ ياكى «تېررورىزم» دەپ تامغىلىنىدۇ.


6. رەسمىي بايان بىلەن تارىخىي رېئاللىقلارنىڭ سىستېمىلىق سېلىشتۇرمىسى
1.6. خىرونولوگىيەلىك (ۋاقىت تەرتىپىدىكى) بۇرمىلاشلارنىڭ جەدۋىلى

تارىخخىتاي رەسمىي بايانىتارىخىي رېئاللىق (ئاكادېمىك مەنبەلەر)
7-8ئەسىرلەرتاڭ سۇلالىسى «شىنجاڭ»نى باشقۇرغانتاڭ سۇلالىسى پەقەت شەرق رايونلىرىدىلا (قۇمۇل-تۇرپان) ۋاسىتىلىك تەسىرگە ئىگە ئىدى، خوتەنگە ئوخشاش غەرب رايونلىرى مۇستەقىل ئىدى (بارفېلد،  1989، 165-بەت)
1755-1760چىڭ سۇلالىسى «شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالدى»چىڭ سۇلالىسى رايوننى تۇنجى قېتىم ئىشغال قىلدى، ئىلگىرى خىتاي باشقۇرۇشىدا ئەمەس ئىدى (مىلۋارد، 2007، 89-97-بەتلەر)
1755-1760«تىنچ بىر گەۋدىلىشىش»جۇڭغار ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: 500,000 بىلەن 800,000 ئارىسىدا كىشى سىستېمىلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلدى (پېرديۇ، 2005، 282-284-بەتلەر)
1864-1877«سىرتقى كۈچلەرنىڭ قورچاق ھاكىمىيىتى»ياقۇپ بەگ: يەرلىك مۇسۇلمان نوپۇسنىڭ چىڭ زۇلمىغا قارشى قانۇنلۇق قوزغىلىڭى(كىم، 2004، 6-12-بەتلەر)
1876-1878زو زۇڭتاڭ «شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالدى»زو زۇڭتاڭ، ھەربىي كۈچ بىلەن قايتا ئىشغال قىلدى، «قايتۇرۇۋېلىش» ئەمەس، «قايتا ئىشغال قىلىش» (كىم، Kim، 2004، 176-189-بەتلەر)
1878زو زۇڭتاڭ خوتەندە ئاخىرقى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدىزو زۇڭتاڭ ھېچقاچان خوتەنگە كەلمىدى، ھەربىي ھەرىكەتلەر ليۇ جىنتاڭ تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى(بۇلگېر، 1896؛ لاتتىمور ، 1950)
1877زو زۇڭتاڭنىڭ ئەسكەرلىرى «ياڭاق پادىشاھى»نى كۆردى-1877يىلىنىڭ ئاخىرىدا چىڭ قىسىملىرى تېخى خوتەنگە يېتىپ كەلمىگەنىدى (بۇلگېر،  1896، 295-301-بەتلەر)
1877-يىلدىن كېيىنيەرلىك خەلق «مىننەتدارلىق بىلەن» زۇڭتاڭ راۋىقىنى ياسىدىراۋاق نامى 20-ئەسىردىن كېيىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلدى، يەرلىك خەلق ئىشغالىيەتنى «ئەسلەش» ئۈچۈن ئابىدە ياسىمىدى (بېللېر-ھان، ، 2008).
1884«شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىدى»شەرقىي تۈركىستان ئاندىن 1884-يىلى ئۆلكە سالاھىيىتىنى ئالدى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھەربىي مۇستەملىكە ئىدى (لاتتىمور،  1950، 165-بەت)
1933-1934, 1944-1949«توپىلاڭچى، ئەكسىيەتچى ھەرىكەتلەر-ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، مۇستەقىللىق تىرىشچانلىقلىرى(مىلۋارد، 2007، 205-226-بەتلەر)
-1949بۈگۈن«تىنچ ئازادلىق ۋە تەرەققىيات»داۋاملىق بېسىم: ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، تىل چەكلىمىلىرى، جازا  لاگېرلىرى (كلىف، 2016؛ لېيبولد، Leibold، 2021)

7. نېمە ئۈچۈن 2026-يىلى؟ نېمە ئۈچۈن خوتەن؟ ۋاقىت تاللاش ۋە ماكاننىڭ سىياسىي ئىقتىسادى
1.7. -2026يىلىنىڭ سىياسىي كونتېكستى (ئارقا كۆرۈنۈشى)

بۇ خاتىرە تاشلىرىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ 2026-يىلىنىڭ بېشىدا قىلىنىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. بۇ ۋاقىت تاللاش، بىر قانچە دەۋر خاراكتېرلىك ئامىللار بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بىرىنچى ئامىل، شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىشىدۇر. 2022-يىلى شى جىنپىڭ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك باش شۇجىلىقى ئۈچۈن قايتا سايلانغان بولۇپ، بۇ ئۆمۈرۋايەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يولىنى ئاچىدىغان بىر ئۆزگىرىشتۇر. 2023-2025-يىللىرى ئارىسىدا «中国梦»  (خىتاي ئارزۇسى/چۈشى) ئىدېئولوگىيەسى قويۇقلاشتۇرۇلغان، مىللەتچىلىك ۋە مىللىي ئىپتىخار بايانى ھەر ساھەدە تەكىتلەنگەن. 2026-يىلى، بۇ مىللەتچىلىك بايانىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە ئىچكى سەپ ئىنتىزامىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى دەۋرى سۈپىتىدە ئورۇن ئالماقتا.

ئىككىنچى ئامىل، خەلقئارالىق بېسىملارغا قارىتا ئىچكى تەشۋىقات ئېھتىياجىدۇر. 2020-2025-يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى، مىللىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى سەۋەبىدىن خىتايغا كۈچلۈك تەنقىدلەرنى يۆنىلىتتى ۋە مەلۇم دەرىجىدە جازا يۈرگۈزدى. بۇ خەلقئارالىق بېسىملارغا خىتاينىڭ جاۋابى، «شىنجاڭ تارىخىي جەھەتتىن بىزنىڭدۇر» بايانىنى كۈچەيتىش ۋە بۇ تەنقىدلەرنى «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش» دەپ رەت قىلىش بولدى. خاتىرە تاشلىرى، بۇ مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىنىڭ كونكرېت قوراللىرىدۇر. بېرىلگەن ئۇچۇر شۇ: «بىز ئۆز زېمىنىمىزدا ئىگىلىك ھوقۇقى يۈرگۈزۈۋاتىمىز، سىلەر بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭلار؟»

ئۈچىنچى ئامىل، تارىخ دەرسلىكلىرىنىڭ تۈزىتىلىشىدۇر. 2021-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى، «مىللىي تارىخ دەرسلىك كىتابلىرىنى تۈزىتىش» قۇرۇلۇشىنى باشلىدى(لېيبولد، 2021).  بۇ قۇرۇلۇش، بارلىق مائارىپ سىستېمىسىدا يەككە بىر «خىتاي مەركەزلىك تارىخ» بايانى شەكىللەندۈرۈشنى نىشان قىلماقتا. ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركلەرنىڭ ئۆز نۇقتىئىنەزەرلىرى، ئالتېرناتىپ بايانلىرى بۇ يېڭى دەرسلىكلەردىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىلمەكتە ياكى چەتكە قېقىلماقتا. 2026-يىلىدىكى خاتىرە تاشلىرى، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ جىسمانىي ئىپادىسىدۇر. دەرسلىكلەردە ئوقۇتۇلغان «زو زۇڭتاڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالدى» بايانى، ئەمدى خوتەندىكى جىسمانىي خاتىرە تاشلىرى بىلەن مۇستەھكەملەنمەكتە. بالىلار ھەم مەكتەپ پارتىلىرىدا ھەم كۈندىلىك ھاياتتا ئوخشاش ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىدۇ.


8. ئېپىستېمىك زوراۋانلىقنىڭ تەسىرلىرى: ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈستىدىكى ئىجتىمائىي-پىسخىكىلىق ئانالىز
1.8. سىپىۋاكنىڭ «سۈكۈت قىلدۇرۇلۇش» ئۇقۇمىنىڭ تەتبىقلىنىشى
گاياترى سىپىۋاكنىڭ (1988) «ئاست قاتلام سۆزلىيەلەمدۇ؟»  ناملىق ماقالىسىدە سورىغان مەركىزىي سوئال، ئېزىلگەنلەرنىڭ ئۆز تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان-سۆزلىيەلمەيدىغانلىقى، ياكى پەقەت ئېزگۈچىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن تىلىدا سۆزلەشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىدۇر. خوتەن خاتىرە تاشلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، بۇ سوئالنىڭ ئېچىنىشلىق بىر مىسالىنى سۇنىدۇ. مۇراسىمدا سۆز قىلغانلار خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە زو زۇڭتاڭنىڭ خىتاي (خەنزۇ) ئەۋلادلىرىدۇر. ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بولسا پەقەت «ئاڭلىغۇچى» ۋە «كۆرگۈچى» ئورنىدىدۇر. سۆزلەش ھوقۇقى يوق، تارىخىي بايانغا ئارىلىشىش سالاھىيىتى يوق. مۇراسىمدا بەلكىم ئۇيغۇر بالىلىرى، فولكلورلۇق ئويۇن كۆرسىتىش ئۈچۈن سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما تارىخىي باياننى شەكىللەندۈرۈش ھوقۇقى پۈتۈنلەي خىتاي سەرخىللىرىنىڭ قولىدىدۇر.

بېرىلگەن ئۇچۇر ئىنتايىن ئېنىق: «سىلەرنىڭ تارىخىڭلار بىزنىڭ بايانىمىزغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. ئۆز بايانىڭلار ئىناۋەتسىز، ھەتتا خەتەرلىكتۇر. بىز سىلەر ئۈچۈن سۆزلەيمىز، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا تارىخىڭلارنى يازىمىز.» نەتىجىدە، ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلانغان بولۇپ، سۇبيېكتى (ئىگىسى) ئەمەس. ئۇلارنىڭ تارىخى ھەققىدە سۆزلىنىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆز ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ. سىپىۋاك ئۇقۇملاشتۇرغان مەنىدە، ئاست قاتلام سۆزلىيەلمەيدۇ. سۆزلىگەندىمۇ، ئاۋازى ھۆكۈمراننىڭ ئاۋازى بىلەن ماسلاشمىسا جىمىقتۇرۇلىدۇ ياكى «تېررورىست»، «ئاشقۇن»، «بۆلگۈنچى» دەپ تامغىلىنىدۇ.

2.8. كوللېكتىپ ئەستە ساقلاشنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ۋە پىسخىك-سىياسىي تىراۋما

مورىس ھالبۋاكسنىڭ  (1992) «كوللېكتىپ ئەستە ساقلاش توغرىسىدا»  ناملىق كىتابىدا كۆرسەتكىنىدەك، كوللېكتىپ ئەستە ساقلاش (خاتىرە) ئىجتىمائىي رامكىلار بىلەن قۇرۇلىدۇ. ئىنسانلار يالغۇز ھالدا ئەسلىمەيدۇ؛ جەمئىيەت سۈپىتىدە، بەلگىلىك ئورگانلار، مۇراسىملار ۋە بايانلار ئارقىلىق ئەسلەيدۇ. كوللېكتىپ ئەستە ساقلاشنى ۋەيران قىلىش ، بىر خەلقنىڭ تارىخىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىدۇر (ھۇتتون،  1993).  بۇ، جىسمانىي قىرغىنچىلىقتىن تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئىنسانلارنى جىسمانىي جەھەتتىن يوقاتمىسىمۇ، كىم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.

خوتەندىكى جەريان، تىپىك بىر كوللېكتىپ ئەستە ساقلاشنى ۋەيران قىلىش مىسالىدۇر. بىرىنچى باسقۇچ، ئۇيغۇر تارىخىي خاتىرىسىنىڭ باستۇرۇلۇشىدۇر. ياقۇپ بەگ دەۋرى رەسمىي باياندا «تېررورىست توپىلاڭچى» دەپ كودلاشتۇرۇلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى «قانۇنسىز ھاكىمىيەتلەر» دەپ تامغىلىنىدۇ. ئۇيغۇر قارشىلىقى «ئاشقۇنلۇق» دەپ قارىلىنىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ، خىتاي مىللەتچى خاتىرىسىنىڭ تاڭىلىشىدۇر. زو زۇڭتاڭ «قەھرىمان» دەپ ئۇلۇغلىنىدۇ. چىڭ ئىشغالىيىتى «ئازادلىق» دەپ سۆزلىنىدۇ. مەۋجۇت ۋەزىيەت «بىرلىك ۋە پاراۋانلىق» دەپ سۇنۇلىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچ، تىراۋمىلىق تەسىردۇر. ئۇيغۇر ياشلىرى، ئۆز بوۋىلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇش ھېكايىلىرىنى «نومۇس قىلارلىق» دەپ ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىدۇ (بايلېر، 2021). كىملىك زىددىيىتى ياشايدۇ: «مەن ئۇيغۇرمۇ ياكى ‹جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر قىسمى›مۇ؟»

بۇ پىسخىك-سىياسىي تىراۋما (روھىي زەربە)، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاقىۋەتلەرنى تۇغدۇرىدۇ. بەزى ئۇيغۇرلار، بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلالماي كىملىك كىرىزىسىگە دۇچ كېلىدۇ. بەزىلىرى، ھايات قېلىش ئۈچۈن رەسمىي باياننى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بەزىلىرى بولسا، تېخىمۇ قارشىلىقچان ھالغا كېلىدۇ، ئەمما بۇ قارشىلىق چوڭ پىسخىكىلىق بەدەللەر بىلەن كېلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ كوللېكتىپ روھى زەخىملىنىدۇ، ئەۋلادلار ئارىسىدىكى رىشتىلەر ئاجىزلايدۇ، چۈنكى ياشلار ۋە ياشانغانلار ئەمدى ئوخشاش تارىخنى ئورتاقلاشمايدۇ.

3.8. «ئىچكى مۇستەملىكە قىلىش» ۋە ئۆز-ئۆزىنى «شەرقلەشتۈرۈش»

«ئىچكى مۇستەملىكە قىلىش» ئۇقۇمى، مۇستەملىكىدىن كېيىنكى دەۋردىمۇ ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ ئۆز كىملىكىنى «قالاق»، «ياۋايى» ۋە «زامانىۋىلىشىشقا موھتاج» دەپ كۆرۈش ئەھۋالىنى ئىپادىلەيدۇ (سەئىد،  1978؛ ھېكتېر،  1975). «ئۆز-ئۆزىنى شەرقلەشتۈرۈش»بولسا، ئېدۋارد سەئىدنىڭ شەرقشۇناسلىق تەنقىدىنىڭ ئىچكىلەشتۈرۈلگەن ھالىتىدۇر. شەرقلىق، ئۆزىگە غەربلىكنىڭ كۆزى بىلەن قاراشقا، ئۆز مەدەنىيىتىنى «غەلىتە»، «قالاق» ياكى «ئۆزگىرىشى كېرەك بولغان» نەرسە سۈپىتىدە چۈشىنىشكە باشلايدۇ.

خوتەندىكى مېخانىزما، تىپىك بىر «ئىچكى مۇستەملىكە قىلىش» ۋە «ئۆز-ئۆزىنى شەرقلەشتۈرۈش» ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدۇر. خىتاي مائارىپ سىستېمىسى ۋە تاراتقۇلىرى، ئۇيغۇر بالىلىرىغا سىستېمىلىق ھالدا شۇنى ئۆگىتىدۇ: «سىلەر قالاق ئىدىڭلار، چىڭ سۇلالىسى ۋە كېيىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى سايىسىدا مەدەنىيلەشتىڭلار. قارشىلىقىڭلار نادانلىق ئىدى، تەسلىمىيىتىڭلار ئەقىللىقلىق ئىدى. ئەنئەنىلىرىڭلار سىلەرنى تەرەققىياتتىن توسىدۇ، زامانىۋىلىشىش ئۈچۈن بۇلارنى تاشلىشىڭلار كېرەك.» نەتىجىدە، بەزى ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىغا «سىرتتىن»، يەنى خىتاي نۇقتىئىنەزىرىدىن قاراشقا باشلايدۇ. ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىنى «ئىقتىسادىي ئۇتۇق ئالدىدىكى توسالغۇلار» دەپ كۆرۈشكە باشلىشى مۇمكىن. مانا بۇ ئېپىستېمىك زوراۋانلىقنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەسىرىدۇر: ئېزىلگەن، ئۆزىنىڭ ئېزىلگەنلىكىگە رازىلىق بىلدۈرۈشكە، ھەتتا ئۇنى تەبىئىي ۋە زۆرۈر دەپ كۆرۈشكە باشلايدۇ.

خۇلاسە: تارىخنىڭ ئۇرۇش مەيدانى ۋە ئادالەت بىلەن يۈزلىشىش

بۇ ماقالە، سىستېمىلىق ئانالىز ئارقىلىق بىر قانچە ئاساسىي بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى يەكۈن، «قايتۇرۇۋېلىش» بايانىنىڭ تارىخىي بىر يالغان ئىكەنلىكىدۇر. چىڭ سۇلالىسى، شەرقىي تۈركىستاننى تۇنجى قېتىم 1755-1760-يىللىرى ئىشغال قىلغان. بۇ بىر «قايتۇرۇۋېلىش» ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە ئىشغالىيىتىدۇر (مىلۋارد، 2007؛ بارفېلد ، 1989).  رايون، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقاچان خىتاي باشقۇرۇشىدا بولمىغان. تاڭ سۇلالىسىگە قىلىنغان ئىشارەتلەر، ۋاسىتىلىك ۋە چەكلىك بىر تەسىردىن سۆز ئاچىدۇ، بىۋاسىتە باشقۇرۇشتىن ئەمەس.

ئىككىنچى يەكۈن، زو زۇڭتاڭنىڭ ھېچقاچان خوتەنگە كەلمىگەنلىكىدۇر. تارىخىي خاتىرىلەر بۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ (بۇلگېر، ، 1896؛ لاتتىمور، 1950). شۇڭلاشقا خوتەندىكى ھەر ئىككى تاش خاتىرىلىرى تارىخىي رېئاللىق بىلەن ماسلاشمايدۇ. بۇلار، ھوبسباۋمنىڭ  (1983) ئۇقۇملاشتۇرغان مەنىسىدە «ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئەنئەنە»دۇر.

ئۈچىنچى يەكۈن، خوتەننىڭ تاللىنىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىكەنلىكىدۇر. ئەڭ يۇقىرى ئۇيغۇر نوپۇسىغا ئىگە، ئەڭ قارشىلىق كۆرسىتىدىغان رايوندا خاتىرە تېشى تىكلەش، ھۆكۈمرانلىق زوراۋانلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھالىتىدۇر (گىرامشىى ، 1971؛ فۇكو،  1975).  بۇ تاللاش، پىسخىكىلىق ئۇرۇشنىڭ بىر قىسمىدۇر: ئەڭ قىيىن يەردە ھۆكۈمرانلىق قۇرۇلسا، ھەر يەردە قۇرۇلغان بولىدۇ.

تۆتىنچى يەكۈن، ئېپىستېمىك زوراۋانلىقنىڭ قوللىنىلغانلىقىدۇر. ئۇيغۇر تارىخىي ئەستە ساقلىشى (خاتىرىسى) سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىلماقتا ۋە خىتاي مىللەتچىلىك بايانى بىلەن ئالماشتۇرۇلماقتا(سىپىۋاك،  1988).  بۇ جەريان، جىسمانىي زوراۋانلىقتىن تېخىمۇ خەتەرلىك، ئەمما بەلكىم تېخىمۇ مەڭگۈلۈكتۇر، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ھوقۇقىنى قولىدىن تارتىۋالىدۇ.

بەشىنچى يەكۈن، تېرمىنولوگىيەنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ئىكەنلىكىدۇر. «收复» (قايتۇرۇۋېلىش) سۆزى، ئورۋېلچە تىل بۇرمىلاشتۇر (ئورۋېل،  1949).  ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرىدۇ، مۇستەملىكە ئىشغالىنى قانۇنلاشتۇرىدۇ، تارىخىي ئادالەتسىزلىكنى نورماللاشتۇرىدۇ.

خوتەن خاتىرە تاشلىرى، يەككە بىر ۋەقە ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دۇنياۋى كوللېكتىپ خاتىرە سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. دۇنيا مىقياسىدا، كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۆتمۈشنى ئۆز ھاكىمىيىتىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان شەكىلدە قايتا يازماقتا. رۇسىيە، ئۇكرائىنا تارىخىنى «رۇس تارىخى»نىڭ تەبىئىي بىر قىسمى دەپ تەبىرلىمەكتە، ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىل بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلماقتا. ياپونىيە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى دەرسلىك كىتابلىرىدىن ئۆچۈرمەكتە ياكى يۇمشاتماقتا. ئىسرائىلىيە، پەلەستىن زېمىنلىرىنى «تارىخىي ۋەدە قىلىنغان تۇپراق» دەپ قانۇنلاشتۇرماقتا، پەلەستىنلىكلەرنىڭ تارىخىي مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرمەكتە. ئورتاق ئەندىزە ئېنىق: كۈچلۈك دۆلەتلەر، ئۆتمۈشنى ئۆز ھاكىمىيىتىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان شەكىلدە قايتا يازماقتا. تارىخ، ئوبيېكتىپ بىر رېئاللىق خاتىرىسى ئەمەس، بەلكى ھاكىمىيەت كۈرىشىنىڭ مەيدانىدۇر. مىشېل فۇكو  ئېيتقاندەك، «بىلىم-ھاكىمىيەت مۇناسىۋىتىدە، بىلىم بىتەرەپ ئەمەس. بىلىم، ھاكىمىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ۋە قانۇنلاشتۇرۇلىدىغان مەيدانىدۇر»(فۇكو، 1980).  تارىخ يېزىقى، بۇ بىلىم-ھاكىمىيەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ساھەلىرىدىن بىرىدۇر.

پول رىكېر«ئەستە ساقلاش، تارىخ، ئۇنتۇش» (Memory, History, Forgetting) (2004) ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەستە ساقلاش بىر مەجبۇرىيەتتۇر. ئۇنتۇماسلىق، پەقەت ئۆتمۈشكە قارشى ئەمەس، كەلگۈسىگە قارشىمۇ بىر مەسئۇلىيەتتۇر. چۈنكى تەكرارلانغان ئادالەتسىزلىكلەر، ئۇنتۇلغان ئادالەتسىزلىكلەردۇر» (88-بەت). خوتەندىكى خىتاي خاتىرە تاشلىرى، ئۇنتۇلدۇرۇشنى تاڭىدىغان قوراللاردۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇشىنى، خىتاي دۆلىتى سۇنغان باياننى قوبۇل قىلىشىنى نىشان قىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر خەلقى، دىئ‍اسپوراسى ۋە كۈرەش ئىچىدىكى ئاكادېمىكلار، ئەسلەشكە تىرىشىۋاتقان (خاتىرىلەۋاتقان) ئاكتىپ كۈچلەر (سۇبيېكتلار) دۇر.

بۇ ماقالە، بىر ئەسلەش ھەرىكىتىدۇر. زو زۇڭتاڭنىڭ خوتەنگە كەلمىگەنلىكىنى ئەسلەش، ياقۇپبەگنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى ۋە مۇستەقىل دۆلىتىنى ئەسلەش، جۇڭغار قىرغىنچىلىقىنى ئەسلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىغا ئىگە چىقىش ھوقۇقىنى ئەسلەش ئۈچۈن يېزىلدى. «قايتۇرۇۋېلىش» ئەمەس، ئىشغالىيەتتۇر. زۇڭتاڭ راۋىقى، ئەنئەنە ئەمەس، ئويدۇرمىدۇر. خوتەن خاتىرە تاشلىرى، تارىخ ئەمەس، تەشۋىقاتتۇر. ۋە بۇ ھەقىقەتلەر، نەقەدەر باستۇرۇلسا باستۇرۇلسۇن، ئالتېرناتىپ بايانلاردا، ئاكادېمىك تەتقىقاتلاردا، دىئ‍اسپورانىڭ ئېغىز تارىخىدا ۋە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ خاتىرىسىدا داۋاملىق ياشايدۇ. چۈنكى ۋالتېر بېنيامىن  دېگەندەك، «ئۆتمۈشنى تارىخنىڭ ئىزچىللىققىغا مەركەزلىشىدىغان بايانىدىن قۇتقۇزۇش، ئىنقىلابنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.» خوتەن خاتىرە تاشلىرىگە قارشى تۇرۇش، بۇ قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

پايدىلانمىلار

  • Althusser, L. (1971). Ideology and Ideological State Apparatuses. In Lenin and Philosophy and Other Essays (pp. 127-186). Monthly Review Press.
  • Barfield, T. J. (1989). The Perilous Frontier: Nomadic Empires and China, 221 BC to AD 1757. Blackwell Publishers.
  • Bellér-Hann, I. (2008). Community Matters in Xinjiang, 1880-1949: Towards a Historical Anthropology of the Uyghur. Brill.
  • Bellér-Hann, I. (2023). Tourism and Cultural Heritage in Xinjiang: State Narratives and Local Realities. Central Asian Survey, 42(1), 45-67.
  • Boulger, D. C. (1896). The Life of Yakoub Beg: Athalik Ghazi, and Badaulet; Ameer of Kashgar. W. H. Allen & Co.
  • Byler, D. (2021). Terror Capitalism: Uyghur Dispossession and Masculinity in a Chinese City. Duke University Press.
  • Chu, W., & Liu, K. (1966). Tso Tsung-t’ang: Pioneer Promoter of the Modern Dockyard and the Woollen Mill in China. Institute of Modern History, Academia Sinica.
  • Cliff, T. (2016). Oil and Water: Being Han in Xinjiang. University of Chicago Press.
  • China News Service Xinjiang (CNS). (2026, 6 Ocak). 和田县激活左宗棠收复新疆历史文化记忆 传承家国情怀 [Hotan İlçesi, Zuo Zongtang’ın Sincan’ı Geri Almasının Tarihsel ve Kültürel Belleğini Canlandırıyor ve Vatanseverlik Duygularını Aktarıyor]. Erişim adresi: https://www.xj.chinanews.com.cn/dizhou/2026-01-06/detail-iheyrpiu8993913.shtml
  • Foucault, M. (1975). Discipline and Punish: The Birth of the Prison. Pantheon Books.
  • Foucault, M. (1980). Power/Knowledge: Selected Interviews and Other Writings, 1972-1977 (C. Gordon, Ed.). Pantheon Books.
  • Gladney, D. C. (1994). Representing Nationality in China: Refiguring Majority/Minority Identities. The Journal of Asian Studies, 53(1), 92-123.
  • Gramsci, A. (1971). Selections from the Prison Notebooks (Q. Hoare & G. Nowell Smith, Eds. & Trans.). International Publishers.
  • Halbwachs, M. (1992). On Collective Memory (L. A. Coser, Ed. & Trans.). University of Chicago Press. (Original work published 1950)
  • Hechter, M. (1975). Internal Colonialism: The Celtic Fringe in British National Development, 1536-1966. University of California Press.
  • Hobsbawm, E., & Ranger, T. (Eds.). (1983). The Invention of Tradition. Cambridge University Press.
  • Hutton, P. H. (1993). History as an Art of Memory. University Press of New England.
  • Kim, H. (2004). Holy War in China: The Muslim Rebellion and State in Chinese Central Asia, 1864-1877. Stanford University Press.
  • Lattimore, O. (1950). Pivot of Asia: Sinkiang and the Inner Asian Frontiers of China and Russia. Little, Brown and Company.
  • Leibold, J. (2021). Re-engineering Ethnic Unity: The Communist Party’s Quest for an Ideal Nationality Policy in Xinjiang. In T. J. Cliff & J. Leibold (Eds.), Ethnic Conflict and Protest in Tibet and Xinjiang: Unrest in China’s West (pp. 199-224). Columbia University Press.
  • Millward, J. A. (2007). Eurasian Crossroads: A History of Xinjiang. Columbia University Press.
  • Millward, J. A. (2009). Violent Separatism in Xinjiang: A Critical Assessment. East-West Center Policy Studies, No. 6.
  • National Bureau of Statistics of China (NBS). (2021). Seventh National Population Census. China Statistics Press.
  • National People’s Congress (NPC). (2018). Constitution of the People’s Republic of China. Foreign Languages Press.
  • Newby, L. J. (2005). The Empire and the Khanate: A Political History of Qing Relations with Khoqand c. 1760-1860. Brill.
  • Orwell, G. (1949). Nineteen Eighty-Four. Secker & Warburg.
  • Perdue, P. C. (2005). China Marches West: The Qing Conquest of Central Eurasia. Harvard University Press.
  • Ricoeur, P. (2004). Memory, History, Forgetting (K. Blamey & D. Pellauer, Trans.). University of Chicago Press.
  • Said, E. W. (1978). Orientalism. Pantheon Books.
  • Scott, J. C. (1990). Domination and the Arts of Resistance: Hidden Transcripts. Yale University Press.
  • Shaw, M. N. (2017). International Law (8th ed.). Cambridge University Press.
  • Spivak, G. C. (1988). Can the Subaltern Speak? In C. Nelson & L. Grossberg (Eds.), Marxism and the Interpretation of Culture (pp. 271-313). University of Illinois Press.
  • Toops, S. (2016). Spatial Results of the 2010 Census in Xinjiang. In M. E. Clarke (Ed.), Xinjiang and China’s Rise in Central Asia—A History (pp. 61-84). Routledge.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*