ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ گېئوپولىتىكىلىق كەلگۈسى: ئارقا سەپ تەمىنات كارىدورلىرى ۋە چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى توغرىسىدا
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
بۇ ماقالە داررېن سپىنك تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە 2025-يىلى 19-نويابىردا «The National Interest» ژۇرنىلىنىڭ «يىپەك يولى رىقابىتى» ناملىق بىلوگ سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان «نېمە ئۈچۈن ئارقا سەپ تەمىنات كارىدورلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئويۇنىنى بەلگىلەيدۇ؟» ناملىق ماقالىسىنى مۇھاكىمە قىلىش ئاساسىدا يېزىلغان. بۇ تەتقىقات 21-ئەسىر گېئوپولىتىكىسىنىڭ پەقەت ئىلغار تېخنىكا ياكى سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق ئابستراكت ئۇقۇملار بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تاۋار، كاپىتال ۋە ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا زۆرۈر بولغان كونكرېت ئۇل ئەسلىھەلەر، يەنى تىرانسپورت كارىدورلىرى ئارقىلىق شەكىللىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تېزىسنى ئاساس قىلىدۇ. سپىنكنىڭ ئانالىزى بۇ نۇقتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ، بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ يەرشارى تەمىنات زەنجىرى ۋە چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى نۇقتىسىدىن قانداق ھالقىلىق تۈگۈنگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.مەزكۇر تەتقىقات، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشى، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تەسىرى ۋە بۇ ھەرىكەتچانلىقنىڭ مەركىزىدىكى «ئوتتۇرا كارىدور» نىڭ گېئوپولىتىكىلىق مۇھىملىقىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. بۇ ئانالىز سپىنكنىڭ قاراشلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قاتناش-تىرانسپورت، ئارقا سەپ تەمىنات ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى قانداق بەلگىلەيدىغانلىقىنى كۆپ قاتلاملىق نۇقتىدىن باھالاشنى مەقسەت قىلىدۇ.
I. گېئوپولىتىكىدا كونكرېت ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئەھمىيىتى: تارىخىي ۋە ھازىرقى نۇقتىلار
داررېن سپىنك ئانالىزىنى كۈچنىڭ رەقەملىك تورلار ياكى ئالگورىزملاردا ئەمەس، بەلكى كونكرېت ئۇل ئەسلىھەلەرنى قانداق كونترول قىلىشتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن باشلايدۇ. تارىختا رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق يوللىرى، ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ دېڭىز يوللىرى ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى تۇرۇبا يوللىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى يوللار ئارقىلىق قانداق قۇرۇپ چىققانلىقىنى ۋە قوغدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ تارىخىي ھەقىقەت، بۈگۈنكى گېئوپولىتىكىلىق مۇنازىرىلەرنىڭ قىززىق نۇقتىسى بولغان سۈنئىي ئىدراك ياكى تور ئۇرۇشى ئىقتىدارىنىڭ، كۈچنىڭ يادروسى بولغان ف جۇغراپىيەنى كونترول قىلىش ۋە بايلىقلارنى يۆتكەش ئىقتىدارىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. سپىنكنىڭ قارىشىچە، دۆلەتلەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ياكى ئۇلارنى جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن يېگانە قويىدىغان تۆمۈريوللار، تۇرۇبا يوللىرى، تاشيوللار ۋە پورتلار كۈچنىڭ نەق قىسىمىدۇر.
بۇ قاراش ھالفورد ماكىندېرنىڭ «يۈرەك رايون» نەزەرىيەسى قاتارلىق كىلاسسىك گېئوپولىتىكىلىق ئىدىيەلەر بىلەن چوڭقۇر ئوخشاشلىققا ئىگە. ماكىندېر ياۋرو-ئاسىيانى كونترول قىلىشنىڭ دۇنيا ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، بۇ كونتروللۇقنىڭ ئاساسىدا رايوننى كېسىپ ئۆتىدىغان قاتناش تورلىرىنىڭ ياتقانلىقىنى كۆزدە تۇتقان. سپىنك بۇ كىلاسسىك چۈشەنچىنى 21-ئەسىرگە ماسلاشتۇرۇپ، «ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش» ئۇقۇمىنى زامانىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قورالى دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. ئەمدى مەسىلە پەقەت زېمىننى كونترول قىلىشلا ئەمەس، بەلكى بۇ زېمىنلار ئارقىلىق ئۆتىدىغان سودا، ئېنېرگىيە ۋە سانلىق مەلۇمات ئېقىمىنى كىمنىڭ يۆنىلىشكە سالىدىغانلىقى مەسىلىسىدۇر. شۇڭلاشقا، بىر دۆلەتنىڭ گېئوپولىتىكىلىق ئېغىرلىقى، ئۇنىڭ يەرشارى تورلىرى ئىچىدىكى مەركىزىي ئورنى ۋە بۇ تورلارنى ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە يۆنىلىشكە سېلىش ئىقتىدارى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
بۇ پىرىنسىپنىڭ ئەڭ كونكرېت ۋە كۈچلۈك مىسالى، شۈبھىسىزكى، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدۇر. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ گېئو-ئىقتىسادىي تەسەۋۋۇرى، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىلىرىنىڭ قانداق قىلىپ بىر تاشقى سىياسەت قورالىغا ئايلانغانلىقىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىر مىسالىدۇر. سپىنك 2025-يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تۈر مەبلىغى بىلەن تەمىنلەنگەن خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى لىنىيەسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنى بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئەڭ يېڭى ئىسپاتى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ. بۇ تۆمۈريول لىنىيەسى سودىنى ئاسانلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە رۇسىيە زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ جەنۇبقا يۆنەلگەن ئىستراتېگىيەلىك بىر كارىدور بەرپا قىلىپ، بېيجىڭنىڭ ياۋرو-ئاسىيادىكى ئەشيا ئوبوروتى مۇستەقىللىقىنى ۋە سىياسىي تەسىرىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ يىراقنى كۆرەرلىك ۋە سەۋرچانلىق بىلەن، كونكرېت تۈرلەر ئارقىلىق ئۆز تەسىر دائىرىسىنى قانداق قۇرۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئەھۋال ئامېرىكا ۋە غەرب ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن ئېغىر بىر خىرىس دېمەكتۇر. خىتاينىڭ كونكرېت ئۇل ئەسلىھە ھەرىكەتلىرىگە قارشى، غەرب ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنىڭ كۆپى ئابستراكت ياكى ئاستا ئىلگىرىلەيدىغان تۈرلەر بولۇپ قالدى. سپىنكنىڭ ئانالىزى بۇ نۇقتىدا غەربنىڭ، خىتاينىڭ تەشەببۇسكار ۋە بىر گەۋدىلەشكەن ئىستراتېگىيەسىگە قارشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، كونكرېت ۋە تېز نەتىجە بېرىدىغان بىر پىلاننى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى «چوڭ ئويۇن» تانكا ياكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ئەمەس، كىرانلار، رېلىسلار ۋە كونتېينېر پورتلىرى ئارقىلىق ئوينالماقتا. بۇ رايوننىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇلىنىش خەرىتىسىنى سىزغان كۈچ بۇ ئويۇندا غەلىبە قىلغۇچى بولىدۇ.
II. قازاقىستان: ئامېرىكانىڭ تىرانس-كاسپىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەمىنات زەنجىرىدىكى بىر ئۆتەڭ
داررېن سپىنك ئانالىزىنىڭ مەركىزىگە قازاقىستاننى قويۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، مول بايلىقى ۋە مۇقىم ئىدارە-باشقۇرۇشى بىلەن ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان «تەمىنات زەنجىرى ئۆتىڭى» ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ۋاشىنگتون ئاخىرى بۇ ئىستراتېگىيەلىك ھەقىقەتنى چۈشىنىپ، قازاقىستاننى رايوندىكى ئاساسلىق ھەمراھى قىلىپ بېكىتىشكە باشلىغان. بۇ يېڭى ئالاقە پەقەت نۇتۇق ئۈستىلىدىلا قېلىپ قالماي، يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك زىيارەتلەر بىلەنمۇ كونكرېتلىشىۋاتقان بولۇپ، 2025-يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى كرىستوفىر لانداۋ ۋە جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئالاھىدە ۋەكىلى سېرگىيو گورنىڭ ئالمۇتا ۋە ئاستانىدىكى زىيارەتلىرى، ۋاشىنگتوننىڭ رايونغا بولغان قىزىقىشىنىڭ قايتىدىن جانلانغانلىقىنىڭ ۋە بۇ قىزىقىشنىڭ مەركىزىدە قازاقىستاننىڭ بارلىقىنىڭ كۈچلۈك سىگناللىرى دەپ قارالماقتا.
بۇ دىپلوماتىك ئېچىلىشنىڭ ئەڭ كونكرېت مېۋىسى، ئامېرىكانىڭ «Wabtec» شىركىتى بىلەن قازاقىستان تۆمۈريوللىرى (KTZ) ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ۋە 300 دانە يېڭى ئەۋلاد «Evolution» يۈرۈشلۈك پاراۋوزلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاسراشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4.2 مىليارد دوللارلىق غايەت زور كېلىشىمدۇر. بۇ كېلىشىم بىر قانچە جەھەتتىن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىنچىدىن، بۇ، «Wabtec» شىركىتى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كېلىشىم بولۇپ، ئامېرىكا سانائىتى ۋە تېخنىكىسىنىڭ يەرشارى ئۇل ئەسلىھە بازىرىدا خىتاي رىقابەتچىلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ زامانىۋى پاراۋوزلار قازاقىستاننىڭ تۆمۈريول تورىنىڭ ئۈنۈمى ۋە توشۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تىرانسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرىدۇ.
بۇ زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى، بىۋاسىتە «ئوتتۇرا كارىدور» دەپ ئاتالغان تىرانس-كاسپىي خەلقئارا تىرانسپورت لىنىيەسىنى (TITR) كۈچەيتىدۇ. «ئوتتۇرا كارىدور» خىتايدىن باشلىنىپ قازاقىستان، كاسپىي دېڭىزى، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان، رۇسىيە ۋە ئىرانغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى تىرانسپورت لىنىيەلىرىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك بىر لىنىيەدۇر. بولۇپمۇ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتىن كېيىن رۇسىيە ئارقىلىق ئۆتىدىغان شىمالىي كارىدور ئىشەنچلىكلىكىنى يوقىتىشى بىلەن، «ئوتتۇرا كارىدور» نىڭ ئەھمىيىتى ھەسسىلەپ ئاشتى. سپىنك كۆرسەتكەندەك، كارىدور بويىچە توشۇلغان يۈك مىقدارىنىڭ 2024-يىلى 4.5 مىليون توننىغا يېتىشى ۋە يېقىن كەلگۈسىدە يىللىق 15 مىليون توننىغا چىقىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولۇشى، بۇ لىنىيەنىڭ ئەشيا تەمىناتىنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى ۋە ھەرىكەتچان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئامېرىكانىڭ قازاقىستان تۆمۈريوللىرىغا سالغان بۇ مەبلىغى پەقەت بىر سودا ھەرىكىتىلا ئەمەس، بەلكى ياۋرو-ئاسىيانىڭ ئەشيا ئوبوروتى خەرىتىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرىدىغان گېئوپولىتىكىلىق بىر قەدەمدۇر.
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۆمۈريولدىن ھالقىپ تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە يېيىلماقتا. سپىنك ئامېرىكانىڭ %25 لىك تاموژنا بېجىغا قارىماي، قازاقىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان كوستاناي ئۇنىنىڭ ئامازون ۋە ۋولمارت قاتارلىق چوڭ پارچە سېتىش سودىگەرلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا بازىرىدا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولالايدىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ، قازاقىستاننىڭ پەقەت خام ئەشيا ئېكسپورت قىلغۇچى سالاھىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش يولىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ يوشۇرۇن كۈچ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ سىجىلللىققا ئىمكانىيەتلىك بولۇش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت ئاساسىغا قۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلان دۆلەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغان. قازاقىستان جۇمھۇر رەئىسى قاسىم جومارت توقايېۋنىڭ سېنتەبىردە نيۇ-يوركتا چېۋرون، ئېكسون موبىل، گولدمان ساچىس ۋە ئامازون قاتارلىق ئامېرىكا گىگانت شىركەتلىرىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرى، بۇ ھەمكارلىقنىڭ پەقەت ئەشيا ئوبوروتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئېنېرگىيە، پۇل-مۇئامىلە ۋە رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىلىشىگە قارىتا كۈچلۈك بىر ئىرادىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئۇچرىشىشلار، قازاقىستاننىڭ ئامېرىكا كاپىتالى ۋە تېخنىكىسى ئۈچۈن ئىشەنچلىك، مۇقىم ۋە جەلپ قىلارلىق بىر مەركەز سۈپىتىدە ئورۇن ئېلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
خۇلاسىلىگەندە، قازاقىستان ئامېرىكا ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا پەقەت بىر ھەمراھلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىگە قارشى تەڭپۇڭ، سىجىللىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە ۋە قائىدىگە ئاساسلانغان بىر تاللاشنى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. بۇ ھەمكارلىق كونكرېت تۈرلەر ۋە ئۆزئارا ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئاساسىدا يۈكسەلمەكتە ۋە ياۋرو-ئاسىيانىڭ كەلگۈسىدىكى گېئو-ئىقتىسادىي مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرۈش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.
III. «QazTrade» ۋە «Kazakh Invest»: مەبلەغ سېلىش ۋە سودىنىڭ قوش موتورى
ئامېرىكا-قازاقىستان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ ئارقىسىدىكى ئابستراكت مۇددىئالارنىڭ ۋە دىپلوماتىك باياناتلارنىڭ كونكرېت سودا مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئايلىنىشىنى تەمىنلەيدىغان ئورگان خاراكتېرلىك بىر قۇرۇلما مەۋجۇت. داررېن سپىنك بۇ قۇرۇلمىنىڭ مەركىزىگە «QazTrade» ۋە «Kazakh Invest» ناملىق ئىككى مۇھىم ئورگاننى قويۇپ، بۇ قۇرۇلمىلارنىڭ چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە يەرلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۈچۈن قانداق بىر «قوش موتور» رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئورگانلار قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان، بىيۇروكراتىيەنى ئازايتىدىغان ۋە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىدىغان مېخانىزملار سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا جانلىنىدۇ.
بۇ ماتورنىڭ بىرىنچى تەركىبى بولغان «QazTrade» ئاستانا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ۋە بىر گەۋدىلىشىش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بىر ئېكسپورتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاگېنتلىقىدۇر. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قازاقىستان شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارا بازارلارغا، بولۇپمۇ ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان بازارلارغا كىرىشىگە ياردەم بېرىش بلۇپ، بۇنى تۆت ئاساسلىق تۈۋرۈككە قۇرۇلغان بىر مودېل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ: ئېكسپورتنى تېزلىتىش پىروگراممىلىرى، چەت ئەل سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەشكىللەش، ئەشيا ئوبوروتى خىراجىتىنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇش ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ نىشان بازارلارنىڭ ئۆلچەملىرىگە ۋە بازار ئېچىش تەلىپىگە ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىش. مەسىلەن، بىر قازاقىستان يېمەكلىك زاۋۇتى «QazTrade» نىڭ قوللىشى بىلەن ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) نىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئورالما لايىھەلەپ چىقالايدۇ، ئەشيا ئوبوروتى خىراجىتىدە ياردەم پۇلى ئالالايدۇ ۋە ئامېرىكىلىق بىر ساتقۇچى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە ئورنىتالايدۇ. بۇ، «كۆپ خىللاشقان كارىدورلار» دېگەنگە ئابىستراكت بىر ئۇقۇمنى، ئامېرىكىلىق بىر ئىمپورت قىلغۇچىنىڭ ئىسكىلاتىغا بېرىپ تىزىلغان كونكرېت بىر مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرىدىغان ئەمەلىي بىر جەرياندۇر.
ماتورنىڭ ئىككىنچى ۋە تولۇقلىغۇچى تەركىبى بولسا «Kazakh Invest» دۇر. بۇ ئورگان دۆلەتكە بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغى جەلپ قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن مىللىي بىر شىركەت بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن «بىر كۆزنەك» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىر چەت ئەل شىركىتى قازاقىستاندا بىر زاۋۇت قۇرماقچى بولغاندا، ئوخشىمىغان مىنىستىرلىقلار ۋە يەرلىك ئىدارىلەر ئارىسىدا ئىش بىجىرىش ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا، پۈتۈن جەرياننى «Kazakh Invest» ئارقىلىق ماسلاشتۇرالايدۇ. بۇ ئورگان يەر تەقسىملەشتىن كېرەكلىك ئىجازەتنامىلەرنى ئېلىشقىچە، يەرلىك ھەمكارلاشقۇچىلارنى تېپىشتىن مەبلەغ سېلىنغاندىن كېيىنكى قوللاش مۇلازىمىتىگىچە بولغان كەڭ دائىرىدە مەسلىھەت بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا، رەقەملىك سۇپىسى ۋە ئاشكارا جەريانلىرى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (OECD) ئۆلچەملىرىگە كۆنگەن غەرب شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولۇش ئىمكانى ۋە قانۇنىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار كېڭىشى قاتارلىق مېخانىزملار ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىغا بولغان ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
بۇ ئىككى ئورگان بىر-بىرى بىلەن ماسلىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق بىر سىنېرگىيە يارىتىدۇ. «Kazakh Invest» ئامېرىكا كاپىتالى ۋە تېخنىكىسىنى قازاقىستانغا جەلپ قىلىش ئارقىلىق، بولۇپمۇ قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن، بىر ئامېرىكا شىركىتى «Kazakh Invest» نىڭ ياردىمىدە قازاقىستاندا باتارېيە مىنېراللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرالايدۇ. ئاندىن «QazTrade» بۇ زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكىدىكى ئاخىرقى ئىستېمالچىلارغا (مەسىلەن، ئېلېكتىرلىك ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا) ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ياردەملەرنى قىلىدۇ. بۇ بىر گەۋدىلەشكەن قۇرۇلما ئامېرىكا بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا پەقەت خام ئەشيا سودىسىغىلا تايىنىدىغان ئەمەس، بەلكى تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە ئورتاق ئىشلەپچىقىرىشقا تايىنىدىغان، چوڭقۇر ۋە سىجىللىققا ئىمكانىيەتلىك بىر ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ پۇختا قۇرۇلۇشىغا شارائىت يارىتىدۇ. بۇ، ئامېرىكانىڭ ياۋرو-ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويالىشى ئۈچۈن ئىقتىدارلىق ۋە ئۈنۈملۈك بىر ئورگان خاراكتېرلىك ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ.
IV. جېكسون-ۋانىك تۈزىتىلمىسى: سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قالدۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈش
داررېن سپىنكنىڭ ئانالىزىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ كونكرېت ۋە جىددىي بولغان تەكلىپى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى «جېكسون-ۋانىك تۈزىتىلمىسى» نىڭ چەكلىمىسىدىن مەڭگۈلۈك چىقىرىۋېتىشى كېرەكلىگى تەكلىپىدۇر. ئاپتور بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىن قالغان قانۇننىڭ، بۈگۈنكى گېئوپولىتىكىلىق رېئاللىققا ماس كەلمەيدىغان بىر زامان خاتالىقى ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئىلگىرى سۈرىدۇ. 1974-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئاساسلىقى يەھۇدىيلار بولۇپ، پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن كۆچۈشىگە يول قويماسلىقىغا قارشى بىر بېسىم قورالى سۈپىتىدە لايىھەلەنگەن بۇ قانۇن، ھازىرقى كوممۇنىست بولمىغان ۋە ئامېرىكا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتقان مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر ئۈچۈن كۈچىنى يوقاتتى.
بۇ قانۇننىڭ كۈچتىن قېلىشى، نەزەرىيەۋى بىر مەسىلىدىن ھالقىپ، ئەمەلىي ۋە كونكرېت توسالغۇلارنى يارىتىدۇ. ئەڭ مۇھىم توسالغۇ، «جېكسون-ۋانىك» چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ، ئامېرىكا ئېكسپورت-ئىمپورت بانكىسى (EXIM) قاتارلىق ھۆكۈمەت قوللىشىدىكى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز ۋە كاپالەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنالماسلىقىدۇر. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇل ئەسلىھە، كانچىلىق ۋە ئېنېرگىيە تۈرلىرى، ئادەتتە مىلياردلارچە دوللارلىق كاپىتال تەلەپ قىلىدىغان، يۇقىرى خەۋپتىكى ۋە ئۇزۇن مۇددەتتە قايتىدىغان مەبلەغلەردۇر. خۇسۇسىي ساھە كاپىتالى بۇ خىل تۈرلەرگە كىرگەندە ئادەتتە ھۆكۈمەت قوللىشىدىكى پۇل-مۇئامىلە كاپالەتلىرىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. EXIM بانكىسىنىڭ ئارىلىشالماسلىقى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى بۇ غايەت زور بازاردا پايدىسىز بىر ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
بۇ ئەھۋال، ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ گېئوپولىتىكىلىق رەقىبى بولغان خىتاي ئۈچۈن گويا بىر پۇرسەت دېرىزىسى يارىتىپ بەرمەكتە. ئامېرىكىلىق بىر خۇسۇسىي شىركەت مەبلەغ تېپىشتا قىينالغان بىر تۈرگە، خىتاينىڭ دۆلەت بانكىلىرى ئاسانلا ئۇزۇن مۇددەتلىك، تۆۋەن ئۆسۈملۈك ۋە سىياسىي شەرتلەرگە باغلانغان قەرزلەرنى بېرەلەيدۇ. نەتىجىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، تېخنىكىلىق ياكى سۈپەتلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى پۇل-مۇئامىلە مەجبۇرىيىتى سەۋەبىدىن خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ، ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنى ئۆز قولى بىلەن ئاجىزلاشتۇرۇشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ساھەلەرنى خىتايغا تاشلاپ بېرىشى دېگەنلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا «جېكسون-ۋانىك تۈزىتىلمىسى» پەقەت بىر سودا توسالغۇسىلا ئەمەس، بەلكى گېئوپولىتىكىلىق جەھەتتىن ئۆز ۋاراتاسىغا ئۆزى توپ كىرگۈزۈش دەپ قارىلىشى مۇمكىن.
بۇ قانۇننى بىكار قىلىشنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلىرى بولسا غايەت زور مىقداردا لىتىي، سىيرەك مەدەنلەر، ئۇران ۋە ۋولفرام قاتارلىق ھالقىلىق مىنېراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا مول يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇشتۇر. بۇ بايلىقلارنى قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرلىرى، EXIM بانكىسىنىڭ مەبلىغى بىلەن قوللانغاندا، ئامېرىكالىق شىركەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق بولىدۇ. بۇ، تېسلا، ئەپىل، گۇگۇل قاتارلىق ئامېرىكا تېخنىكا گىگانتلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ خىتايغا بېقىندى بولغان تەمىنات زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشى ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىشى دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ، ھەم ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئاشۇرىدۇ، ھەم يەرشارىۋى رىقابەت كۈچىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ.
سپىنك كۆرسەتكەندەك، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان HR 1024 نومۇرلۇق «ئامېرىكا-قازاقىستان سودا زامانىۋىلاشتۇرۇش قانۇن لايىھەسى» قاتارلىق تەشەببۇسلار، بۇ ئىستراتېگىيەلىك زۆرۈرىيەتنىڭ جىددىيىتىنىڭ ھېس قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «جېكسون-ۋانىك تۈزىتىلمىسى» نى بىكار قىلىش، قازاقىستانغا ياكى ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلىنغان بىر ياخشىلىقى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىگە ئاساسەن تاشلىشى كېرەك بولغان ئەقىلگە مۇۋاپىق ۋە ئەمەلىيەتچىل بىر قەدەمدۇر. بۇ قەدەم C5+1 ۋە B5+1 قاتارلىق دىپلوماتىك دىيالوگ سۇپىلىرىنىڭ ماھىيىتىنى تولدۇرىدۇ ۋە ئامېرىكانىڭ رايوندا پەقەت بىر نۇتۇق سۆزلىگۈچىلا ئەمەس، بەلكى ئويۇن بەرپا قىلغۇچى بىر ئىقتىسادىي كۈچ بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
V. خۇلاسە: ياۋرو-ئاسىيانىڭ كەلگۈسى ۋە ئامېرىكا ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن بىر يول خەرىتىسى
داررېن سپىنك ماقالىسىنى ئۇرغۇلۇق ۋە ئېنىق بىر خۇلاسە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياۋرو-ئاسىيانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشنىڭ، ئومۇمىي قاراشنىڭ ئەكسىچە، پەقەت سۈنئىي ئىدراك ئالگورىزملىرى ياكى تور بوشلۇقىدا ئەمەس، بەلكى كونكرېت دۇنيادا، يەنى دۇنيانىڭ تاۋارلىرى، ئېنېرگىيەسى ۋە سانلىق مەلۇماتلىرى ئاقىدىغان تىرانسپورت كارىدورلىرىنى كىمنىڭ قۇرغانلىقى، مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ۋە كاپالەتلەندۈرگەنلىكى بىلەن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ. خىتاي بۇ ھەقىقەتنى ئۇزۇن زامان بۇرۇن چۈشىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ياۋرو-ئاسىيانىڭ ئەشيا ئوبوروتى خەرىتىسىنى ئۆز مەنپەئەتىگە پايدىلىق شەكىلدە سىزىشقا باشلىدى. ئامېرىكانىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتكە ئۈنۈملۈك جاۋاب قايتۇرالىشى، قازاقىستاننى چەتتىكى بىر ھەمراھ ئەمەس، بەلكى ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىنىڭ دەل مەركىزىدىكى بىر ئۆتەڭ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ.
بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ئېنىق. بىرىنچىدىن، ئامېرىكا تېخنىكىسى ۋە كاپىتالى بىلەن قوللانغان زامانىۋىلاشتۇرۇلغان بىر قازاقىستان تۆمۈريول سىستېمىسى، رۇسىيە ۋە ئىراننى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان كۆپ خىللاشقان بىر تىرانس-ياۋروئاسىيا تەمىنات تورىنىڭ ئومۇرتقىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. بۇ تور، ئىستراتېگىيەلىك بوغۇزلارغا بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىدۇ، سىيرەك مىنېراللارغا ئېرىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ ۋە ئەڭ مۇھىمى، ئامېرىكا باشلامچىلىقىدىكى ئوچۇق ۋە قائىدىگە ئاساسلىنىدىغان بىر سودا تەرتىپىنى ياۋرو-ئاسىيانىڭ يۈرىكىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككىنچىدىن، «QazTrade» ۋە «Kazakh Invest» قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئورگان خاراكتېرلىك مېخانىزملار ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە شىركەتلەر ئۈچۈن ئەمەلىي بىر ھەمراھ دەپ قارىلىشى ۋە بۇ ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. ئاخىرقى ۋە ئەڭ جىددىي قەدەم بولسا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن قالغان «جېكسون-ۋانىك تۈزىتىلمىسى» قاتارلىق قانۇنىي توسالغۇلارنى بىكار قىلىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ رايوندا ئادىل رىقابەتلىشەلىشى ئۈچۈن يول ئېچىشتۇر.
ئاخىرىدا، سپىنكنىڭ ئانالىزى ئامېرىكا تاشقى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرىگە ئېنىق بىر يول خەرىتىسى سۇنماقتا: ئوتتۇرا ئاسىيا، ئەمدى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ شاھمات تاختىسىدىكى بىر پىچكا ئەمەس، بەلكى ئويۇننىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك بىر مەركەزدۇر. بۇ مەركەزنىڭ يۈرىكىدە بولسا قازاقىستان ئورۇن ئالىدۇ. بۇ دۆلەت بىلەن قۇرۇلىدىغان چوڭقۇر ۋە كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىق، پەقەت ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگىلا خىزمەت قىلىپلا قالماي، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى كۈچەيتىشىگە ۋە يەرشارى سىستېمىسىغا تېخىمۇ ئادىل شەرتلەر بىلەن بىرلىشىشىگىمۇ ياردەم بېرىدۇ. سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق تېخنىكىلار مۇھىم بولۇشى مۇمكىن، ئەمما تەمىنات زەنجىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ۋە ئۇل ئەسلىھە، بۇ كۈچنىڭ جۇغراپىيەلىك دائىرىسىنى ۋە داۋاملىشىشچانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ياۋرو-ئاسىيا خەرىتىسىنىڭ دەل مەركىزىگە جايلاشقان قازاقىستان، ئامېرىكانىڭ 21-ئەسىر گېئوپولىتىكىلىق تەسەۋۋۇرىنى ئۈستىگە قۇرالايدىغان مۇستەھكەم بىر كۆۋرۈك سۈپىتىدە تۇرماقتا.
تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار
پايدىلىنىش مەنبەسى:
Spinck, Darren. “Why Transit Corridors Will Define the Central Asian Game.” The National Interest, 19 Kasım 2025. https://nationalinterest.org/blog/silk-road-rivalries/why-transit-corridors-will-define-the-central-asian-game.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















