ناچار، رەھىمسىز ۋە پاكىنەك | پەلسەپەنىڭ قىسقىچە تارىخى 10- باب

2021-يىلى 5-ئاپرېل

ناچار، رەھىمسىز ۋە پاكىنەك

 

تەرجىمان: ئابدۇلھەفىز مەخسۇم

تەرجىمە تەھرىرى: ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

 

توماس خوببېس (1588 – 1679) ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ بىرى. تونۇلمىغان بىر تەرىپى بولسا ئۇ ئەڭ دەسلەپكى چېنىقىش تەلۋىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندە سىرتقا چىقىپ ئۇزۇن يول مېڭىپ ، ئېگىزلىك ۋە تاغ تۆپىلىرىگە چىقاتتى. سىرتتا كاللىسىغا ياخشى پىكىرلەر كېلىپ قالغاندا خاتىرلىۋېلىش ئۈچۈن، تۇتقۇچىدا سىياھى بار تاياقچىسى يېنىدا ئېلىپ يۈرەتتى. بىر تۇتام ساقىلى ۋە بۇرۇتلۇق، قىزىل يۈزۈلۈك، خوشخۇي بۇ ئادەم كىچىكىدە ئېغىر كېسەل بولۇپ ساقايغان ئىدى. ئەمما قۇرامىغا يەتكەندە ئۇ ئىنتايىن ساغلام بولۇپ، قېرىغاندا تېننىس توپ ئوينىدى. ئۇ كۆپىنچە بېلىق يەپ، ھاراقنى بەك ئاز ئىچەتتى، ھەمدە يېپىق ئورۇنلاردا ۋە ئادەم يوق يەرلەردە ناخشا ئېيتىپ ئۆپكىسىنى چېنىقتۇراتتى. شۇنداقلا، كۆپىنچە پەيلاسوپلارغا ئوخشاش، ئۇنىڭ مېڭىسى(ئەقلى) تېنىم تاپمايتتى . نەتىجىدە ئۇ 91 يىل ياشىغان بولۇپ، ئوتتۇرچە ئۆمۈر كۆرۈش 35 يىل بولغان 17-ئەسىردىگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئۇزۇن ھېسابلىنىاتتى.

ئۆزىنىڭ خۇشخۇيلىقىغا قارىماي، خوببېس ماكياۋېللىغا ئوخشاش ئىنسانلارنى ئاجىز، ئەرزىمەس مەخلۇق دەپ قارايتتى. ئۇ : ھەممىمىز ئاساسەن شەخسىيەتچى، ئۆلۈمدىن قورقۇش ۋە شەخسىي مەنپەئەت ئۈمىدىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەركەت قىلىمىز(ياشايمىز). ھېس قىلايلى ياكى ھېس قىلايلى ، ھەممىمىز باشقىلار ئۈستىدىن ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى ئويلايمىز. ئەگەر سىز خوببېسنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان بۇ قارىشغا قوشۇلمايدىغان بولسىڭىز ، نېمىشقا ئۆيىڭىزدىن ئايرىلغاندا ئىشىكنى قۇلۇپلايسىز؟ شۈبھىسىزكى ، سىزگە تەۋە نۇرغۇن نەرسىلەرنى خۇشاللىق بىلەن ئوغرىلايدىغان نۇرغۇن ئادەم بارلىقىنى بىلگەنلىكىڭىز ئۈچۈنمۇ؟ ئەمما، سىز پەقەت بىر قىسم كىشلەرلا شەخسىيەتچى كېلىدۇ دەپ زاكۇنلىشىشىڭىز مۇمكىن. خوببېس بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ. ئۇ « ئىچىمىزدە ھەممىمىز شەخسىيەتچى ، پەقەت قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە جازا تەھدىتى بىزنى كونترول قىلىدۇ» دەپ قارىغان.

ئۇ يەنە: «بۇنىڭ ئاقىۋىتى ، ئەگەر جەمئىيەت بۇزۇلۇپ ، خوببىس «تەبىئىي ھالەت(ئىنسانلار جەمىيەتلىشىشتىن بۇرۇنى ھالەت-ت)» دەپ ئاتايدىغان قانۇن ۋە قانۇننى ھىمايە قىلىدىغان كۈچ بولمىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنسە ، سىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئوغرىلىق ۋە قاتىللىق قىلىشىڭىز مۇمكىن. ھېچ بولمىغاندا ، ئەگەر سىز داۋاملىق ياشاشنى ئويلىسىڭىز ، شۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك. تەبىئى مەنبەلەر قىس، ھايات قېلىش ئۈچۈن يېمەكلىك ۋە سۇ تېپىش ئۈچۈن قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز ، باشقىلار سىزنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىلگىرى سىز ئۆلتۈرۈش ئاقىلانىلىك بولۇشى مۇمكىن». خوببېسنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز تەسۋىرىدە ، جەمئىيەتتىن ئايرىلغان ھايات «يالغۇزلۇق ، كەمبەغەللىك ، ناچار ، رەھىمسىز ۋە قىسقا»  ھايات بولىدۇ.

 

 

داۋامىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*