تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
ئاساسىي مەزمۇنى
بۇ ماقالىدە، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن 2026-يىلى 12-مارت ماقۇللانغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» تەنقىدىي نۇقتىئىنەزىرىدىن ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنىدۇ. مەزكۇر قانۇن قارىماققا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغاندا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، موڭغۇللار ۋە خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى دۆلەت قوللىغان ئاسسىمىلياتسىيە جەريانى ئارقىلىق يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ھۆكۈمرانلىق قورالى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ماقالىدە تىل ھۆكۈمرانلىقى ۋە سىمۋوللۇق زوراۋانلىق، دىننىڭ دۆلەت قولى بىلەن قورالغا ئايلاندۇرۇلۇشى، بىخەتەرلەشتۈرۈش جەريانى ۋە دۆلەت ھالقىغان مۇستەبىتلىك ئۇقۇملىرى ئارقىلىق بۇ قانۇننىڭ كۆپ قاتلاملىق ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. پىيېر بۇرودىيۇ ، مىشېل فۇكو ، ئېرنېست گېلنېر ۋە كوپېنھاگېن ئېقىمىنىڭ نەزەرىيەۋى رامكىلىرىدىن پايدىلانغان بۇ ماقالە، مەزكۇر قانۇننىڭ بىر «ئىجتىمائىي ماسلىشىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشەببۇسى بولۇشتىن بەكرەك، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قۇرۇلمىلىق ۋە سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: خىتاي مىللىتى، سىمۋوللۇق زوراۋانلىق، تىل ھۆكۈمرانلىقى، بىخەتەرلەشتۈرۈش، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، دۆلەت ھالقىغان مۇستەبىتلىك، ئۇيغۇرلار، تىبەت، مىللەتلەر سىياسىتى.
- كىرىش سۆز
خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، 2026-يىلى 12-مارت كۈنى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ «خىتاي مىللىتى ئېڭى» نى (جۇڭخۇا مىنزۇ) قوبۇل قىلىشىنى مەقسەت قىلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» نى ماقۇللىدى.[1] بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى، خىتاينىڭ مىللەتلەر ۋە دۆلەت كىملىكى سىياسىتىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ماقۇللانغان قانۇن مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات سىياسەتلىرى ئارقىلىق مىللەتلەر ئارا «بىرلىشىش» نى كۆزلىگەن بولۇپ، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بىر قاتار كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قانۇن دائىرىسىدە: (1) ئۆلچەملىك خىتايچىنىڭ (پۇتۇڭخۇا) مائارىپ ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتلەردە ئاساسىي ۋە ئالدىنقى شەرت قىلىنىدىغان تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى مەجبۇرىي قىلىنغان؛ (2) دىنىي ئاپپاراتلارنىڭ «خىتايدا دىننى خىتايلاشتۇرۇش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى بۇيرۇلغان؛ (3) دۆلەت بىرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارالغان سۆز-ھەرىكەتلەرگە قارىتا قاتتىق جازالار بېكىتىلگەن؛ شۇنداقلا (4) چەت ئەللەردە مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى كۈشكۈرتىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلارنى قانۇنىي جەھەتتىن سۈرۈشتۈرۈش ئىمكانىيىتى بېرىدىغان دۆلەت ھالقىغان مۇستەبىتلىك ھوقۇقلىرى ئورنىتىلغان.
بۇ ئەڭ ئاخىرقى ماددا، قانۇننىڭ پەقەت خىتاي زېمىنىدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىلا ئەمەس، بەلكى چەت ئەللەردىكى مۇھاجىرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كۆلەملىك بىر كونترول تورى قۇرۇپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ ۋېنجيېنىڭ ئاممىغا ئاشكارىلىغان باياناتلىرى، تەيۋەنلىكلەرنىڭ بۇ قانۇننى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان كونكرېت تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. «ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي تارىخ كۆزقارىشىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان باھالارنىڭ» جازالىنىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى جىددىي ئەندىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. قانۇندا تەيۋەننىڭ نامى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىسىمۇ، بۇ ئەندىشىلەرنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە قانۇننىڭ مۈجمەل ۋە كەڭ دائىرىدە چۈشەندۈرۈلۈشكە ئوچۇق بولغان ماھىيىتىنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك بىر بوشلۇق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، مەزكۇر قانۇنىي بەلگىلىمىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆپ تەرەپلىمىلىك تەھلىل قىلىشتۇر. تەتقىقات بۇ قانۇننىڭ قۇرۇق بىر «ئىجتىمائىي ماسلىشىش» ئۇرۇنۇشى ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە پىيېر بۇرودىيۇنىڭ «سىمۋوللۇق زوراۋانلىق» ۋە مىشېل فۇكونىڭ «بىيولوگىيەلىك سىياسەت» ئۇقۇملىرى نۇقتىسىدىن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قۇرۇلمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسەتلىرىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ كۆزقاراشنى دەلىللەش ئۈچۈن، تەتقىقات تۆۋەندىكى تېمىلار تەرتىپ بويىچە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ: (1) دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە خىتاي مىللىتى كىملىكىنىڭ تېڭىلىشى؛ (2) تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتى؛ (3) تىل ھۆكۈمرانلىقى ۋە سىمۋوللۇق زوراۋانلىق؛ (4) دىننى خىتايلاشتۇرۇش ۋە بىيولوگىيەلىك سىياسىي كونترول؛ (5) بىخەتەرلەشتۈرۈش ۋە دۆلەت ھالقىغان مۇستەبىتلىك؛ (6) خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرى.
- تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش: شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى
خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن تارىخىي جەرياننى بىلىش تولىمۇ مۇھىم. 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى مودېلىدىن ئىلھام ئالغان بىر «كۆپ مىللەتلىك دۆلەت» تەشۋىقاتى يولغا قويۇلغان ۋە ئاساسىي قانۇن بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان رايونلۇق ئاپتونومىيە تۈزۈمى قۇرۇلغان. ئەمما بۇ ئاپتونومىيە ئەمەلىيەتتە قوللىنىشچان بىر ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولۇشتىن بەكرەك شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت بولۇپ قالغان(مىللۋارد، 2007). 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يۈرگۈزۈلگەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە (1966-1976) خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ كىملىكىنى ئاشكارا نىشان قىلغان سىستېمىلىق ۋەيران قىلىش ھەرىكىتىگە ئايلانغان. دىنىي سورۇنلار، ئەنئەنىۋى ئاپپاراتلار ۋە مەدەنىيەت ئادەتلىرى بۇ مەزگىلدە ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. 1980-يىللاردىكى ئىسلاھاتلار بىلەن بىرلىكتە نىسبەتەن بىر يۇمشاش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يۇمشاش 1990-يىللاردىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر باھانىسى بىلەن بارغانسېرى چەكلىمىلىك بىر بىخەتەرلىك سىياسىتىگە ئورۇن بوشاتقان (روبېرتس، 2020).
-2001يىلىدىن كېيىن، 11-سېنتەبىر ۋەقەسى سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان دۇنياۋى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» شوئارىنىڭ قانۇنىيلىق زېمىنىغا تايىنىۋالغان خىتاي، ئۇيغۇرلارنى «ئىسلام تېررورىزمى» سۈپىتىدە قايتا رامكىغا كىرگۈزدى ۋە بۇ ئۆزگىرىش دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك سىياسىتىدە تۈپتىن بۇرۇلۇش پەيدا قىلدى. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ 2013-يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ سىياسەتلەر تېخىمۇ كەڭ دائىرلىك ۋە سىستېمىلىق بىر تۈسكە كىردى. «مەدەنىيەتنى ئۆزگەرتىش» مەقسىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن «جازا لاگېرلىرى» 2017-يىلىدىن باشلاپ تېز سۈرئەتتە كېڭەيدى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئاساس قىلغان نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن خەلقئارا قانۇننىڭ ئاشكارا دەپسەندە قىلىنىشى دەپ باھالاندى . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ 2022-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بۇ قىلمىشلارنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دائىرىسىدە باھالىشى، مەسىلىنىڭ يەتكەن جىددىي دەرىجىسىنى ئىسپاتلايدۇ.
تىبەتتىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش بىر جەريان 1950-يىلىدىكى بېسىۋېلىشنىڭ ئارقىسىدىنلا باشلانغان. 1959-يىلىدىكى تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ باستۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭغا ئۇلاپلا يۈز بەرگەن ئاممىۋى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشلەر، سىستېمىلىق بىر مەدەنىيەت ئۆزگەرتىش پىروگراممىسىغا زېمىن ھازىرلىغان. بۇددىست ئاپپاراتلارنىڭ چەكلىنىشى، ئىبادەتخانىلارنىڭ تاقىلىشى ۋە تىبەت تىلىدىكى مائارىپقا قويۇلغان چەكلىمىلەر بۇ پىروگراممىنىڭ كونكرېت ئاساسلىرىنى تەشكىل قىلغان. تىبەتتىكى 2008-يىلىدىكى قوزغىلاڭ بولسا سىياسىي چەكلىمىلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن. بۇ تارىخىي جەريان شۇنى ئوچۇق كۆرسىتىدۇكى، 2026-يىلدىكى بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ مەلۇم بىر سىياسەت بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان.
- دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە «خىتاي مىللىتى» كىملىكىنىڭ تېڭىلىشى
زامانىۋى جەمئىيەتشۇناسلىقتا دۆلەت-مىللەت قۇرۇلۇشى جەريانلىرى، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئوخشىمايدىغان توپلاملارنى يەككە بىر ئورتاق كىملىك ئەتراپىدا ئوخشاشلاشتۇرۇش (بىر قېلىپقا سېلىش) تىرىشچانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېرنېست گېلنېر (1983) سانائەتلەشكەن زامانىۋى دۆلەتنىڭ بىيۇروكراتىك ئاپپاراتىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن، ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن يەككە بىر مەدەنىيەت ۋە تىلغا تەبىئىي ھالدا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بېنېدىكت ئاندېرسوننىڭ (1983) «تەسەۋۋۇردىكى توپلۇملار» (imagined communities) ئۇقۇمى بولسا، مىللەتنىڭ ئورتاق ھېكايىلەر، سىمۋوللار ۋە ئاپپاراتلار ئارقىلىق قانداق بەرپا قىلىنغانلىقىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ھەر ئىككى خىل يۆنىلىش خىتاي دۆلىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئۇقۇم جەھەتتىن يورۇتۇپ بېرىدۇ.
خىتاينىڭ قوبۇل قىلغان يېڭى قانۇنى، «خىتاي مىللىتى» ئېڭىنى ئىدىيەۋى بىر مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە تېڭىش ئارقىلىق، ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى مودېلىغا ئوخشاش قۇرۇپ چىقىلغان «كۆپ مىللەتلىك دۆلەت» سۆزىدىن كەسكىن ۋە قايتىپ كەلمەس دەرىجىدە ئايرىلغانلىقىنىڭ سىمۋولىدۇر . بۇ ئايرىلىش پەقەت سىياسىي تەرغىبات سۆزلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، مائارىپ دەرسلىكلىرىگە، تاراتقۇلارغا، ئاممىۋى مەمۇرىيەتكە ۋە قانۇن سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىپ ئەتراپلىق قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشلەرنىمۇ ئۆز بىلەن بىللە ئېلىپ كەلمەكتە.
قانۇننىڭ «ئورتاق بىر دۆلەت كىملىكى يارىتىش» نىشانى، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ كىملىكلىرىنى ئىككىنچى دەرىجىلىك سالاھىيەتكە چۈشۈرۈش ئارقىلىق سىستېمىلىق ھالدا ئېرىتىپ يوقىتىشنى (ئاسسىمىلياتسىيە) كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەردەك يىلتىزى چوڭقۇر، تارىخىي، تىل، دىنىي ۋە مەدەنىيەت پەرقلىرىگە ئىگە مىللەتلەر ئۈچۈن بۇ جەريان، دۆلەت ماشىنىسى ئارقىلىق كىملىك چەك-چېگرىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ۋە مەڭگۈلۈك يوقىتىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. تارىخ يېزىش ساھەسىدە ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىش بۇ جەرياننىڭ ئەڭ ھالقىلىق تەرەپلىرىدىن بىرىدۇر: دۆلەت بەلگىلىگەن «تارىخ چۈشەنچىسى» گە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان باھالارنىڭ، چۈشەنچىلەرنىڭ ۋە ھېكايىلەرنىڭ جىنايەت قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى، كوللېكتىپ خاتىرىنىڭ دۆلەت مونوپوللۇقىدا قايتىدىن بەرپا قىلىنىشى ۋە جەمئىيەتتىكى ئۆكتىچى ئاۋازلارنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىدۇر.
ئېرىك ھوبسباۋم ۋە تېرېنس رېنجېرنىڭ (1983) «ئىجاد قىلىنغان ئەنئەنىلەر» نەزەرىيەسىمۇ بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. خىتاي دۆلىتى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت تارىخىنى خىتاي مەركەزلىك بىر نۇقتىئىنەزەر بىلەن قايتىدىن چۈشەندۈرمەكتە ۋە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن قەدىمدىن تارتىپ تارىخىي رىشتىسى بار دەپ ئىلگىرى سۈرىدىغان سۈنئىي بايانلارنى ئويدۇرۇپ چىقماقتا. شۇنىڭ بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى تارىخىي بىر «قايتىدىن بىرلىشىش» تونىغا ئورىلىپ، ھەم دۆلەت ئىچىدە ھەم خەلقئارادا ئۆزىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.
- تىل ھۆكۈمرانلىقى ۋە سىمۋوللۇق زوراۋانلىق
مەزكۇر قانۇننىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جەمئىيەتشۇناسلىق تەرەپلىرىدىن بىرى تىل سىياسىتى ساھەسىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۆلچەملىك خىتايچىنىڭ (پۇتۇڭخۇا، ھازىر دۆلەت تىلى دەپ ئاتالماقتا) مائارىپ ۋە ئاممىۋى خىزمەتلەردە «ئالدىنقى شەرت قىلىنىدىغان تىل» سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيەتكە ئايلاندۇرۇلۇشى، پىيېر بۇرودىيۇنىڭ (1991) سىمۋوللۇق زوراۋانلىق ۋە تىل كاپىتالى نەزەرىيەلىرى بىلەن بىۋاسىتە ۋە كۈچلۈك رەۋىشتە ئىزاھلىنىدۇ. بۇرودىيۇنىڭ نەزەرىيەسى بويىچە ئېيتقاندا، تىل پەقەت بىر ئالاقە قورالىلا ئەمەس، ئۇ تەڭسىز ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى قايتا پەيدا قىلىدىغان، قانۇنىيلىق ۋە ھوقۇق تەلەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە ھاكىمىيەتنىڭ كونكرېتلاشقان ئىمتىيازلىق سىمۋوللۇق كۈرەش مەيدانىدۇر. بۇرودىيۇنىڭ قارىشىچە، دۆلەت قايسى تىلنىڭ «قانۇنلۇق»، «نوپۇزلۇق» ۋە «قىممەتلىك» ئىكەنلىكىنى بەلگىلەش ئارقىلىق، شۇ تىلدا سۆزلەيدىغانلارغا ئىجتىمائىي ئىمتىياز (مەدەنىيەت ۋە تىل كاپىتالى) يارىتىپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تىللىرىدا سۆزلەيدىغانلارنى سىمۋوللۇق جەھەتتە قەدىرسىزلەشتۈرىدۇ. مەزكۇر قانۇن دائىرىسىدە ئۇيغۇرچە ۋە تىبەتچىنىڭ «ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقى ۋە قوغدىلىدىغانلىقى» ۋەدە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمەلىي جەمئىيەت رېئاللىقىدا بۇ تىللار ئاممىۋى سورۇنلاردا، ئىقتىسادىي ھاياتتا ۋە ئاكادېمىك مۇھىتلاردا بارغانسېرى رولىنى يوقىتىپ، گوياكى «مۇزېيلاشتۇرۇلماقتا» (بايلېر، 2021). ئاممىۋى كۆرۈنۈشچانلىقىنى، ئىقتىسادىي قىممىتىنى ۋە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بىر تىل، مۇقەررەر ھالدا ئۆلۈم گىرداۋىغا بېرىپ قالىدۇ.
خىتايچنىڭ يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە بولغان بارلىق ئوقۇتۇش باسقۇچلىرىدا مەجبۇرىي ئوقۇتۇش تىلى سۈپىتىدە كېڭەيتىلىشى، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ بالىلىرىنى ھەم ئۆز ئانا تىلىدا ھەم خىتايچىدا چالا ساۋات قېلىشقا مەھكۇم قىلىدىغان بىر خىل تىل ياتلىشىش مۇھىتى يارىتىپ بەرمەكتە. بۇ ئەھۋال مائارىپتىكى تەڭسىزلىك پەرقلىرىنى تېخىمۇ چوڭايتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلىش جەريانىنى تېزلەتمەكتە. مۇشۇنداق شارائىتتا چوڭ بولغان باشقا مىللەت بالىلىرى، ئۆزلىرىنى ھەم ئۆز جەمئىيىتىگە، ھەم ھۆكۈمران جەمئىيەتكە يات، ئىككى خىل مەدەنىيەت ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان شەخسلەر سۈپىتىدە ھېس قىلىدۇ، بۇ پىسخولوگىيەلىك بېسىم ئۇزۇن مەزگىلدە ئېغىر ئىجتىمائىي پەرقلىنىش ۋە زىددىيەتلەرگە ئاساس سالىدۇ.
تىلشۇناس جوشۇئا فىشماننىڭ (1991) «تىل ئۆزگىرىشى» ۋە «تىل ئۆلۈمى» توغرىسىدا ياراتقان نەزەرىيەۋى رامكىسىمۇ بۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. فىشماننىڭ قارىشىچە، بىر تىلنىڭ ياشاش ئىقتىدارى، ئۇنىڭ كۈندىلىك ئاممىۋى ھاياتتىكى، ئىقتىسادىي ساھەدىكى ۋە رەسمىي ئالاقىدىكى مەۋجۇتلۇقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى، ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ ئۆسۈشىنى پۇقرالارنىڭ خىتايچە سەۋىيەسىگە باغلاپ قويغان خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تۈزۈملىرى، خىتايچىدىن باشقا تىللارنى پەقەتلا «شەخسىي ساھەگە» بەند قىلىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلار ئارا تارقىلىشىنى ۋەيران قىلماقتا ۋە مۇقەررەر بىر تىل ئۆلۈمى جەريانىنى سىستېمىلىق ھالدا تېزلەتمەكتە.
- دىننى خىتايلاشتۇرۇش ۋە بىيولوگىيەلىك سىياسىي كونترول
تېكىستتە تىلغا ئېلىنغان دىنىي ئاپپاراتلارنىڭ «دىننى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىش مەجبۇرىيىتى» ماددىسى، دۆلەتنىڭ دىن ئۈستىدىكى مۇتلەق بىيولوگىيەلىك-سىياسىي ھۆكۈمرانلىقىنى ئەڭ يالىڭاچ ھالەتتە كۆز ئالدىمىزغا نامايان قىلىدۇ. دىن جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دىن شەخسلەرنىڭ ئىلاھىي ھەقىقەت بىلەن قۇرغان رىشتىسىنى ئىپادىلەپلا قالماي، بەلكى پۇقرالار جەمئىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان ۋە دۆلەتتىن مۇستەقىل كوللېكتىپ كىملىكلەر يارىتىلىدىغان ئاساسلىق ساھەلەرنىڭ بىرىدۇر. ئېمىل دۇركخېيمنىڭ كوللېكتىپ ئاڭ ئۈستىدە ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيەۋى نۇقتىئىنەزىرىمۇ بۇ يەردە ئەسلەپ ئۆتۈلۈشى كېرەك: دىن، ئىجتىمائىي بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئەڭ يىلتىزلىق ۋە كۈچلۈك ئىجتىمائىي ئاپپاراتلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ.
خىتاينىڭ دىننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى بولسا، ئىسلام ۋە تىبەت بۇددىزمىنى ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەپلىرىدىن ۋە تارىخىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئايرىۋېتىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدىيەسىگە شەكىل ۋە روھ جەھەتتىن سادىق بولىدىغان بىرەر «دۆلەت ئورگىنىغا» ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ئۆزگەرتىش مەسچىتلەرنى خىتاي بىناكارلىق ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن فىزىكىلىق جەھەتتىن قايتا قۇرۇشنى، ئەرەبچە ئىبادەت ئادەتلىرىنى چەكلەشنى، دىنىي مائارىپنى دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىغا ئېلىشنى، قۇرئان ۋە ھەدىس كىتابلىرىنىڭ خىتاي ئىدېئولوگىيەسىگە ماس ھالدا شەرھلىنىشى ۋە دىنىي زاتلارنى كەڭ كۆلەملىك ئىدىيەۋى تەربىيەلەشكە سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قانۇن پەقەتلا دىنىي ھاياتنىلا ئەمەس، بەلكى كۈندىلىك ھاياتنىڭ پۈتۈن تەپسىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كونترول مېخانىزمى سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ. مەسچىتلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، دىنىي ئىبادەتلەرنى جىنايەت دەپ بېكىتىش (ساقال قويۇشنى چەكلەش، رامىزاندا روزا تۇتۇشنى چەكلەش، ياغلىق ئارتىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىقلار)، ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىيات ۋە تاراتقۇلارنى يوقىتىش، پاسپورتلارنى يىغىۋېلىپ سەپەر قىلىش ئەركىنلىكىنى ئەمەلىيەتتە يوققا چىقىرىش ۋە «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» باھانىسى بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇرنى ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماش قاتارلىقلار بۇ ئەتراپلىق كونترول سىستېمىسىنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرىدۇر.
6. بىخەتەرلەشتۈرۈش ۋە دۆلەت ھالقىغان مۇستەبىتلىك
1.6. بىخەتەرلەشتۈرۈش جەريانىنىڭ نەزەرىيەۋى رامكىسى
قانۇننىڭ «چەت ئەللەردە تۇرۇۋاتقان شەخسلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» ماددىسى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىدىكى مۇھىم ئۇقۇملارنىڭ بىرى بولغان كوپېنھاگېن ئېقىمىنىڭ «بىخەتەرلەشتۈرۈش» نەزەرىيەسى ئارقىلىق تەھلىل قىلىنىشى كېرەك. ئولې ۋېۋېر ۋە بارى بۇزان (1998) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ نەزەرىيە بويىچە ئېيتقاندا بىخەتەرلەشتۈرۈش، مەلۇم بىر مەسىلىنى نورمال سىياسىي مۇزاكىرە جەريانلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ، ئۇنى «مەۋجۇتلۇققا تەھدىت» سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىقىدىغان سۆز ۋە قۇرۇلما ئۆزگەرتىش قىلمىشىدۇر.
خىتاي دۆلىتى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى سىستېمىلىق ھالدا «بۆلگۈنچىلىك»، «تېررورىزم» ۋە «چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشى» سۈپىتىدە قايتىدىن رامكىغا كىرگۈزگەن. بۇ خىل سۆز ئويۇنى ئارقىلىق يوللۇق ۋە ئىنسانىي بولغان كىشىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىنى بىخەتەرلىك تەھدىتىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتكۈل سىياسىي تەلەپلەرنى ئاۋازسىز قالدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بۇ خىل شەكىللەندۈرۈش، ھەم ئىچكى ئاممىنى ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنى كۆندۈرۈش رولىنى ئويناپ، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» سۆزىنى، ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قانۇنلۇق زېمىن يارىتىش مەقسىتىدە قورال سۈپىتىدە پايدىلانماقتا.
2.6. رەقەملىك پانوپتىكون ۋە كۆزىتىش جەمئىيىتى
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇپ چىققان رەقەملىك كۆزىتىش ئۇل ئەسلىھەسى، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى سۈنئىي ئەقىل ياردىمى بىلەن ئىشلەيدىغان مۇرەككەپ ۋە ئەڭ قاپلاشچان كۆزىتىش سىستېمىسىدۇر. يۈز تونۇش تېخنىكىسى، DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفوننى تەكشۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرى ۋە ھەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن تەشكىل تاپقان بۇ سىستېما، فۇكونىڭ پانوپتىكون ئوخشىتىشى بىلەن تولۇق ماسلىشىدۇ: يەنى كىشىلەر ھەر ۋاقىت كۆزىتىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىش نەتىجىسىدە، كۆزەتكۈچىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆزىتىشىگە ھاجەت قالماستىنلا، شەخسلەردە چوڭقۇر بىر ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىش ۋە ئۆزىنى ئۆزى چەكلەش رېفلېكىسى شەكىللىنىدۇ .
-2026يىلدىكى بۇ قانۇن، رەقەملىك كۆزىتىش ئۇل ئەسلىھەسىنى يەرشارى مىقياسىغا كېڭەيتىدىغان قانۇنىي ئاساسلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ھازىرلاپ بەرمەكتە. چەت ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، يىللاردىن بېرى نۇرغۇن دەلىللەنگەن دېلولاردا ئوچۇق كۆرۈلگىنىدەك، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن سىستېمىلىق ھالدا نىشانغا ئېلىنماقتا. خىتايدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق تەھدىت سېلىش مېخانىزمى ئىشقا سېلىنىپ، ئۇلارنىڭ چەت ئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەتلىرى ئەمەلىيەتتە توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا. «دۆلەت ھالقىغان مۇستەبىتلىك» دەپ ئاتالغان بۇ قىلمىش خىتاينىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرى ئارقىلىق، ئەمما پەقەت بۇ يوللار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، كۆپ يۆنىلىشلىك ۋە مۇرەككەپ مېخانىزملار ئارقىلىق داۋاملاشماقتا.
3.6. تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئەندىشىلىرى ۋە قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك تەتبىقلىنىشچانلىقى
تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قانۇنغا ئالاقىدار باياناتلىرى، بۇ تۈزۈمنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە كىملىك سىياسىتى ئۈستىدىكى ئېھتىماللىققا ئىگە تەسىرلىرىنى كەڭ نۇقتىدىن باھالاش ئۈچۈن تولىمۇ يورۇتۇپ بەرگۈچى خاراكتېرگە ئىگە. تەيۋەن ئەمەلدارلىرى تىلغا ئالغان ئاساسلىق ئەندىشە شۇكى، قانۇننىڭ مۈجمەل ۋە كەڭ تۈردە چۈشەندۈرۈلۈش ئىمكانىيىتىنىڭ دۆلەت بېكىتكەن رامكىنىڭ سىرتىدا قالغان ھەر قانداق تارىخىي چۈشەنچىنى ياكى سىياسىي باياننى، يوشۇرۇن ھالدا جىنايەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشىگە زېمىن ھازىرلاپ بېرىش ئېھتىماللىقىدۇر. بۇ ئەندىشە ئورۇنسىز ئەمەس، چۈنكى خىتاينىڭ تەيۋەن ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق دەۋالىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان قانۇنلۇق ۋاسىتىلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش خاھىشى، يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە بارغانسېرى روشەنلەشمەكتە.
قانۇننىڭ مۈجمەل سۆز قۇرۇلمىسى، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە مەمۇرىي تارماقلارنىڭ ئىزاھاتلىرى ئارقىلىق، سىياسىي جەھەتتىن پايدىلىق دەپ قارالغان ھەر قانداق ئەھۋالغا تەتبىقلىغىلى بولىدىغان ئېلاستىكىلىققا ئىگە. بۇ خىل خالىغانچە ئىزاھلاشقا بولىدىغان تۈزۈملەر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى تەتقىقاتچىلىرى دائىم تەكىتلەپ كېلىۋاتقاندەك، قانۇننىڭ ئېنىقلىق ۋە مۆلچەرلىگىلى بولۇش پىرىنسىپلىرىغا بىۋاسىتە خىلاپ كېلىدۇ ۋە ئۆز مەيلىچە جازالاشنىڭ ئالدىنى سىستېمىلىق ھالدا ئېچىپ بېرىدۇ.
7. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى نۇقتىسدىن تەھلىل
مەزكۇر قانۇننىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن ئەتراپلىق تەھلىلنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئېنىق. خىتاي ئىمزا قويغان كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر —بولۇپمۇ پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇقلار خەلقئارا ئەھدىنامىسى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى خەلقئارا ئەھدىنامىسى (ICESCR)— خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش، تىلىنى ئىشلىتىش ۋە دىنىغا ئەركىن ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقلىرىنى ئېنىق ۋە مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە شەكىلدە كاپالەتكە ئىگە قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاز سانلىقلار ھوقۇقى خىتابنامىسى، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئاسسىمىلياتسىيەچى سىياسەتلەرنى چەكلەيدۇ.
كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش پىرىنسىپلىرى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پەقەتلا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە بولغان ئاشكارا دۈشمەنلىكنىلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاز سانلىقلارنىڭ كىملىكى ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشتىنمۇ ساقلىنىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. تەھلىل قىلىنغان بۇ قانۇن، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا «يوللۇق بىر دۆلەت بىرلىكىگە يۈزلىنىش» بىلەن «خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش» ئوتتۇرىسىدىكى خەتەرلىك سىزىقنىڭ ئۈستىدە تۇرماقتا.
ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى (1948) نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە بولسا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر، شەرقىي تۈركىستاندىكى نۆۋەتتىكى قىلمىشلارنىڭ —بولۇپمۇ مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش ۋە مەدەنىيەتنى يوقىتىشقا قارىتىلغان سىستېمىلىق قەدەملەرنىڭ— ئەھدىنامىنىڭ 2-ماددىسى دائىرىسىدىكى قىرغىنچىلىق تەبىرىگە چۈشىدىغانلىقىنى ياكى كەم دېگەندە بۇ تەبىرگە خەتەرلىك دەرىجىدە يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. -2026يىلدىكى بۇ قانۇن، بۇ سىستېمىلىق ھەرىكەتلەرگە قانۇنىي بىر رامكا ھازىرلاپ، بۇ قىلمىشلارنى قانۇنىي جەھەتتىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئورۇنلۇق بىر زېمىنغا ئولتۇرغۇزماقتا.
8. سېلىشتۇرما نۇقتىئىنەزەر: باشقا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇش
خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ۋە تارىخىي تەرىپىنى تېخىمۇ توغرا تونۇپ يېتىش ئۈچۈن، يەرشارى مىقياسىدا باشقا مىساللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش زېھنىمىزنى ئاچىدۇ. 20 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئون يىللىرىدا ئامېرىكا ۋە كانادادىكى يەرلىكلەرگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ياتاقلىق مەكتەپ تۈزۈمى، ئانا تىل چەكلىمىسى، كىيىم-كېچەك ۋە مەدەنىيەت ئادەتلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىلەر شۇنداقلا توپلۇقلارنىڭ مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىلىشى قاتارلىق قىلمىشلار، بۈگۈنكى كۈندە كەڭ ئاكادېمىك ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى بىلەن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دەپ باھالانماقتا. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1920-30-يىللاردىكى ئۇكرائىنا ۋە قازاقىستان سىياسەتلىرىمۇ «كورېنىزاتسىيە» (يەرلىكلەشتۈرۈش) مەزگىلىدىكى نىسبەتەن مەدەنىيەت كۆپ خىللىقىدىن، ئېغىر بىر ئاسسىمىلياتسىيەگە، ئاچارچىلىق سىياسەتلىرىگە ۋە نوپۇس ئۆزگەرتىش جەريانىغا ئۆتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئاكادېمىك ساھەدە ئوخشاش ئۇقۇملار بىلەن تەھلىل قىلىنماقتا.
بۇ سېلىشتۇرما نۇقتىئىنەزەر، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ياكى يات بىر ھادىسە ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئوخشىمايدىغان مىللەتلەرگە ئىگە بەزى دۆلەتلەرنىڭ زامانى كەلسە قوللىنىدىغان تارىخنىڭ تەكرارلىنىدىغان قۇرۇلمىلىق بىر ئادىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، دىققەتنى تارتىدىغان بىر پەرق كۆزگە چېلىقىدۇ: خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان ئۇسۇللىرى، سېلىشتۇرۇش قىلىنغان تارىخىي مىساللاردا مەۋجۇت بولمىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش تېخنىكىلىرىنى ۋە مۇرەككەپ ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات توپلاش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇ ئالاھىدىلىك، كۆزىتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ تېخىمۇ تېز ۋە سىستېمىلىق ھالدا كەڭ نوپۇسقا تەتبىقلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ، تارىختىكى ئوخشاش نىشانغا ئىگە سىياسەتلەر يېتەلمىگەن دەرىجىدىكى ئۈنۈم ۋە كۆلەمنى بارلىققا كەلتۈردى.
خۇلاسە
-2026يىلى 12-مارتتا ماقۇللانغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن بىر ماسلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىق قۇرۇلۇشى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلىقنى مەقسەت قىلغان بىر ئاسسىمىلياتسىيە خىتابنامىسىدۇر. ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قاتلاملىق تەھلىلنىڭ نەتىجىسىدە شەك-شۈبھىسىز ئوتتۇرىغا چىققان يەكۈن شۇكى، خىتاي دۆلىتى، خىتاي مىللەتچىلىكىنى «خىتاي مىللىتى» كۈنلۈكى ئاستىدا ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا قەدىرسىزلەشتۈرمەكتە ۋە يوقاتماقتا.
تەھلىل جەريانىدا قوللىنىلغان نەزەرىيەۋى رامكىلار بىزگە ئەتراپلىق بىر مەنزىرە سۇنىدۇ: بۇرودىيۇنىڭ سىمۋوللۇق زوراۋانلىق ئۇقۇمى، تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ قانداق قىلىپ باستۇرۇش قورالىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؛ فۇكونىڭ بىيولوگىيەلىك سىياسەت نەزەرىيەسى، نوپۇسنى كۆپەيتىش ۋە ئۆزگەرتىشكە قارىتىلغان دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يېشىپ بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ؛ گېلنېر ۋە ئاندېرسوننىڭ دۆلەت-مىللەت قۇرۇلۇشى نۇقتىئىنەزىرى بولسا تارىخىي كىملىك ھېكايىلىرىنىڭ قانداق ئويدۇرۇلۇپ چىقىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛ كوپېنھاگېن ئېقىمىنىڭ بىخەتەرلەشتۈرۈش نەزەرىيەسى بولسا يوللۇق سىياسىي تەلەپلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق قىلىپ تەھدىت سۆزلىرى بىلەن يېپىپ كېتىلگەنلىكىنى ئۇقۇم جەھەتتىن ئىزاھلايدۇ. بۇ تۆت نەزەرىيە لېنزىسى بىرلىكتە، يەككە بىر قانۇنىي تۈزۈمنىڭ مۇشۇنچىلىك چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە قانداق قىلىپ قولايلىق يارىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
قانۇننىڭ ئەمەلىي تەسىرلىرىمۇ ئىنتايىن كونكرېت ۋە ئېغىر نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە: مائارىپتىكى تىل ئاسسىمىلياتسىيەسى، دىن ئۈستىدىكى دۆلەت ھۆكۈمرانلىقى، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر قاتلىمىدا ئۆزىنى ئۆزى چەكلەش كەيپىياتىنى يارىتىش نىشانلىرى بىرلەشكەندە، ئوتتۇرىغا چىققان مەنزىرە پەقەتلا قانۇنىي ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە ئىنسانىي نۇقتىدىنمۇ ئېغىر بىر كىرىزىستۇر. مۇھاجىرەتتىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئۈچۈن بۇ قانۇن، خىتاينى ئەمدىلىكتە خەتەرلىك دەپ قاراپ ئەركىنلىك ئىزدەپ تاشلاپ چىققان بىر دۆلەتنىڭ، چەت ئەللەردىمۇ ئۇلارنى كۆزىتىپ، باستۇرۇشقا ئۇچرىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاي بولمىغان مىللەتلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلار ئۈچۈن بولسا، ھەم ئەتراپلىق بىر دۆلەت كۆزىتىشىنىڭ، ھەم تەبىئىي بايلىقلار ئۈستىدىكى ئىقتىسادىي ئېكسپىلاتاتسىيەنىڭ قانۇنلۇق چاپىنى قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
خەلقئارا جەمئىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ قانۇن چوڭقۇر بىر ئىستراتېگىيەلىك قىيىنچىلىقنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلمەكتە. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بېقىندىلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ۋە توقۇنۇشتىن قېچىش رېفلېكىسى، دۆلەتلەرنى كۆپىنچە ھاللاردا قۇرۇق باياناتلار بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشقا مەجبۇر قىلماقتا. ئەمەلىيەتتە، مەسىلە قۇرۇق بىر «ئىچكى ئىشلار» مەسىلىسى بولۇشتىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى. چۈنكى چەت ئەلگە چېتىلىدىغان دۆلەت ھالقىغان ماددىلار، بۇ قانۇننى ئوچۇق-ئاشكارا خەلقئارالىق ئىگىلىك ھوقۇق نىزاملىرىنى ۋە خىتاي ئۆزى ئەمەل قىلىشقا ۋەدە بەرگەن خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرنى دەپسەندە قىلىدىغان بىر قورالغا ئايلاندۇرماقتا.
ئاكادېمىك نۇقتىدىن قارىغاندا بۇ قاراش، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتىلغان دۆلەت سىياسەتلىرىنى تەھلىل قىلىشتا نەزەرىيەۋى قوراللارنىڭ قانچىلىك ۋاز كېچىلمەس بىر رول ئوينايدىغانلىقىنى جانلىق ھالدا ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. قانۇننىڭ ئۆز تەشۋىقاتىدىكى يۈزەكى «ماسلىشىش» ۋە «ئىتتىپاقلىق» تەك ئاكتىپ تونغا ئورىلىشىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان رېئاللىق، پەقەتلا ھوقۇق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ ۋە قۇرۇلمىلىق تەڭسىزلىكلەرنىڭ تەنقىدىي بىر كۆز بىلەن كۆزىتىلىشى ئارقىلىقلا ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى مۇمكىن.
پايدىلانمىلار
Anderson, B. (1983). Imagined Communities: Reflections on the Origin and Spread of Nationalism. Verso.
Bourdieu, P. (1991). Language and Symbolic Power. (J. B. Thompson, Ed.; G. Raymond & M. Adamson, Trans.). Harvard University Press.
Buzan, B., Wæver, O., & de Wilde, J. (1998). Security: A New Framework for Analysis. Lynne Rienner Publishers.
Byler, D. (2021). Terror Capitalism: Uyghur Dispossession and Masculinity in a Chinese City. Duke University Press.
Fishman, J. A. (1991). Reversing Language Shift: Theoretical and Empirical Foundations of Assistance to Threatened Languages. Multilingual Matters.
Foucault, M. (1976). The History of Sexuality, Vol. 1: An Introduction. (R. Hurley, Trans.). Pantheon Books.
Gellner, E. (1983). Nations and Nationalism. Cornell University Press.
Hobsbawm, E., & Ranger, T. (Eds.). (1983). The Invention of Tradition. Cambridge University Press.
Human Rights Watch. (2021). “Break Their Lineage, Break Their Roots”: China’s Crimes against Humanity Targeting Uyghurs and Other Turkic Muslims. Human Rights Watch.
Millward, J. A. (2007). Eurasian Crossroads: A History of Xinjiang. Columbia University Press.
Roberts, S. R. (2020). The War on the Uyghurs: China’s Internal Campaign against a Muslim Minority. Princeton University Press.
Smith Finley, J. (2020). Why Scholars and Activists Increasingly Fear a Uyghur Genocide in Xinjiang. Journal of Genocide Research, 23(3), 348–370.
United Nations Human Rights Office of the High Commissioner. (2022). OHCHR Assessment of Human Rights Concerns in the Xinjiang Uyghur Autonomous Region. UN Human Rights.
[1] https://news.yahoo.co.jp/articles/2c1b1fb530899b981c5cdedc568d05ec5f00d61b
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















