پۇتىن ۋە رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى

2026-يىلى 10-ماي

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى 26 يىلغا سوزۇلغان ھۆكۈمرانلىقى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىدا پەۋقۇلئاددە چوڭقۇر بۇرۇلۇشلارنى پەيدا قىلدى. 1999-يىلىنىڭ ئاخىرى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن پۇتىن، دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى قالايمىقانچىلىقنى تىزگىنلەپ، دۆلەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە دۇنياۋى تەرتىپكە سىڭىشىش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، كېيىنچە كۈچلۈك مىللەتچىلىك ۋە گېئ‍وپولىتىكىلىق قارشىلىشىش يولىغا ماڭدى[1].

ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىككى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى (2000-2008) دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تىكلەشكە مەركەزلەشكەن بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئولىگارخلار (زور مۈلكىدارلار) مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى[2]. بۇ مەزگىلدە نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى رۇسىيە ئىقتىسادىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، پۇتىننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئابرۇيىنى تىكلىشىگە ئاساس سالدى. لېكىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن رۇسىيە سىياسىي تۈزۈلمىسى بارغانسېرى شەخسكە چوقۇنىدىغان مۇستەبىت خاراكتېر ئالدى. بولۇپمۇ 2012-يىلىدىن كېيىن ۋە 2020-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، پۇتىن ئۆزىنىڭ 2036-يىلىغىچە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇش يولىنى قانۇنىيلاشتۇردى[3]. بۇ ھالەت دۆلەتنىڭ بارلىق ئورگانلىرىنىڭ پىرېزىدېنت مەھكىمىسىگە تولۇق بېقىندى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

رۇسىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئورنىمۇ مۇشۇ سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە ماس ھالدا تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىگە ئۆتتى. 2008-يىلىدىكى گىرۇزىيە ئۇرۇشى، 2014-يىلى قىرىمنىڭ قوشۇۋېلىنىشى ۋە 2022-يىلى ئۇكرائىناغا قىلىنغان ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى، پۇتىننىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، رۇسىيەنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇرۇنۇشىنىڭ نامايەندىسى بولدى[4]. گەرچە كۆرۈنۈشتە رۇسىيە ھۆكۈمىتى مۇقىم ھەم كۈچلۈكتەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆزى پەيدا قىلغان گېئ‍وپولىتىكىلىق تۇيۇق يول ئىچىدە تىركەشمەكتە. پۇتىن رۇسىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى ئۆز-ئۆزىنى ۋەيران قىلىش خەۋپى بىلەن يۈزلەشمەكتە. بۇ ماقالىدە، تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ مەلۇماتلىرى ۋە ئىستاتىستىكىلىرى ئاساسىدا، پۇتىن رۇسىيەسىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىدۇ.

پۇتىن رۇسىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنزىرىسى

سىياسىي جەھەتتىن ئالغاندا، پۇتىن ھاكىمىيىتى مۇتلەق شەخسىي كونتروللۇققا ئۆتكەن بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە ھېچقانداق رىقابەتچى سىياسىي كۈچكە ئورۇن قالمىدى. 2024-يىلىدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىدا پۇتىن كۆرۈنۈشتە %88 تىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار بۇنى كېيىنكى يىللاردا شەكىللەنگەن «ساختا دېموكراتىك مۇراسىم» دەپ باھالىدى[5]. ئۆكتىچى لىدېرلارنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلىنىشى ۋە ئۆلتۈرۈلۈشى (مەسىلەن، ئالېكسېي ناۋالنىي ۋە يېۋگېنىي پرىگوجىن قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى) دۆلەتتىكى زوراۋانلىق سىياسىتىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر[6]. قانداقلا بولمىسۇن، كۆرۈنۈشتىكى بۇ مۇقىملىق ئارقىسىدا ئېغىر كىرىزىس يوشۇرۇنغان. يېقىنقى تەكشۈرۈشلەر كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە خەلقىنىڭ پۇتىنغا بولغان ھەقىقىي ئىشەنچىسىدە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش بارلىققا كەلگەن. رۇسىيە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي راي تەكشۈرۈش مەركىزى (VTsIOM) نىڭ مەلۇماتلىرىمۇ پۇتىننى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىش نىسبىتىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە ، يەنى %30 تىن تۆۋەنگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسەتتى[7].

«لېۋادا مەركىزى» (Levada Center) نىڭ تەكشۈرۈشلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خەلق ئىچىدە ئۇرۇشتىن زېرىكىش، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە باجنىڭ ئېشىشىغا نىسبەتەن نارازىلىق كەڭ تارقالغان. خەلقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۇرۇشنىڭ مەقسىتىگە يەتمەي تۇرۇپلا ئاخىرلىشىشىنى خالايدىغان ھالەتكە كەلگەن[8]. شۇنداقتىمۇ، قاتتىق بېسىم ۋە جازالاش تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن، بۇ نارازىلىق تېخى كەڭ كۆلەملىك سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلىنالمىدى، خەلق ئارىسىدا «ئىنېرتسىيەلىك ساداقەتمەنلىك» ھۆكۈم سۈرمەكتە[9].

ئىقتىسادىي تەرەپتىن ئېيتقاندا، رۇسىيە پۈتۈنلەي «ئۇرۇش ئىقتىسادى» غا يۈزلەندى. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى ئېمبارگو ۋە جازالىرى رۇسىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەردى. 2025-يىلىغا كەلگەندە دۆلەت خامچوتىنىڭ تەخمىنەن %40 ى ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىگە سەرپ قىلىنىشقا باشلىدى (15.5 تىرىليون رۇبلىدىن ئارتۇق)[10]. بۇ ھالەت دۆلەتنىڭ باشقا ساھەلىرىگە، جۈملىدىن مائارىپ ۋە سەھىيە سىستېمىسىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ شىددەت بىلەن قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىقتىسادتىكى ئاتالمىش «ئۆسۈش» ئەمەلىيەتتە پەقەتلا ھەربىي زاۋۇتلارنىڭ كېچە-كۈندۈز ئىشلىشىدىن كەلگەن بولۇپ، خەلقنىڭ رېئال تۇرمۇش سەۋىيەسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىمەكتە. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئەمەلىيەتتە %20 ئەتراپىغا يەتكەن بولۇپ، مەركىزىي بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى رېكورت يارىتىپ %21 گە كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى[11]. بۇ ئەھۋال كارخانىلارنىڭ قەرز ئېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئاساسەن مۇمكىنسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيەدە ئېغىر ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك كىرىزىسى يۈز بەرمەكتە. رەسمىي مەلۇماتلاردا 1.6 مىليون ئىش ئورنىنىڭ بوش قالغانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە 800 مىڭدىن 1 مىليونغىچە بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ دۆلەتتىن قېچىشى، ئىقتىسادنىڭ يادرو قىسمىنى ۋەيران قىلدى[12]. رۇسىيەنىڭ خەلقئارالىق زاپاس پۇل فوندى (National Wealth Fund) كۆپ مىقداردا ئازىيىپ كەتتى ۋە باج نىسبىتى (پايدا بېجى %25 كە، قوشۇلما قىممەت بېجى %22 كە) ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇرۇش چىقىمىنى خەلقنىڭ زىممىسىگە ئارتىش باشلاندى[13]. بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىيات كۈچىدىن ئايرىلىپ، قۇرۇلمىلىق تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە «غەلىبە» ئەپسانىسى

پۇتىن رۇسىيەسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تارقىتىۋاتقان ئەڭ چوڭ يالغان تەشۋىقات «رۇسىيەنىڭ بۇ ئۇرۇشتا مۇقەررەر غەلىبە قىلىدىغانلىقى» دۇر. خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە ۋە بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ (مەسىلەن، CSIS) ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، بۇ سۆزلەر تامامەن رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. تۆت يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش جەريانىدا رۇسىيە ئۆزى بەلگىلىگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشانلارنىڭ ھېچقايسىسىغا تولۇق يېتەلمىدى[14]. جەڭ مەيدانىدىكى رېئاللىق ئىنتايىن رەھىمسىز. ئۇرۇش پۈتۈنلەي بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان «خەندەك ئۇرۇشى» (positional warfare) غا ئايلىنىپ قالدى. ئۇچقۇلارنىڭ (درونلارنىڭ) كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى سەۋەبىدىن، ئالدىنقى سەپتىكى 10-30 كىلومېتىرلىق دائىرە «ئۆلۈم رايونى» غا ئايلانغان بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئۆتەلمەيۋاتىدۇ[15].

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، رۇسىيە قوشۇنلىرى پوكروۋىسك (Pokrovsk) رايونىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پەقەتلا 70 مېتىر ئىلگىرىلىيەلىگەن بولۇپ، بۇ ھەتتا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى داڭلىق «سومما جېڭى» دىكى ئىلگىرىلەش سۈرئىتىدىنمۇ ئاستىدۇر[16]. بۇ خىل سۈرئەت بىلەن رۇسىيە ئۆزى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈپ قوشۇۋالدىم دېگەن دونېتسىك، لوھانىسك، زاپوروجىيە قاتارلىق رايونلارنى تولۇق ئىشغال قىلىش ئۈچۈنلا 2029-يىلىغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. پۈتۈن ئۇكرائىنانى بويسۇندۇرۇشقا بولسا بىر ئەسىر ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن[17]. بۇ ئاستا ئىلگىرىلەش مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى ئادەم كۈچى تالاپىتى بەدىلىگە كەلمەكتە. مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ بۇ ئۇرۇشتىكى ئومۇمىي ئادەم چىقىمى (ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنى قوشقاندا) 1.2 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىۋاسىتە قازا قىلغانلار 325,000 دىن ئاشىدۇ[18]. بۇ سان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بارلىق سوۋېت ۋە رۇسىيە ئۇرۇشلىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانىدىن بەش ھەسسە كۆپتۇر. شۇڭا، بۇ ئۇرۇش بىرەر تەرەپنىڭ مۇتلەق ۋە ئۈزۈل-كېسىل غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىشى ناتايىن. پۇتىننىڭ غەربنىڭ ياردىمى توختاپ، ئۇكرائىنا ئۆزلۈكىدىن يىمىرىلىدۇ دېگەن خام خىيالى تۆت يىلدىن بېرى ئەمەلگە ئاشمىدى. ئۇكرائىنامۇ كۆرۈنەرلىك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، غەربنىڭ ياردىمى ۋە خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسى دۆلەتنى تىك تۇتۇپ تۇرماقتا. ئۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك، يوقىتىش خاراكتېرلىك ئۇپرىتىش ئۇرۇشى سۈپىتىدە داۋاملىشىشى مۇمكىن[19].

پۇتىننىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىشنى خالىماسلىقى، ماھىيەتتە ئۇرۇشنىڭ توختىشى رۇسىيە ئىچىدىكى سىياسىي مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ئەندىشىسىدىندۇر. تىنچلىق ئورنىتىلغان تەقدىردىمۇ، يۈز مىڭلىغان نارازى ئەسكەرلەرنىڭ ئۆيىگە قايتىشى ۋە ئۇرۇش ئىقتىسادىنىڭ يىمىرىلىشى پۇتىن ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئۇرۇشنىڭ ئۆزىدىنمۇ چوڭراق خەۋپ يارىتىشى مۇمكىن[20].

خىتايغا بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېقىندىلىق

غەربنىڭ ئومۇميۈزلۈك جازاسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ خەلقئارالىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى تۈپتىن ئۆزگەردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى بولۇش ئورنىنى تېزلىكتە خىتاي ئىگىلىدى. 2024-يىلىغا كەلگەندە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 245 مىليارد دوللارغا يېتىپ، تارىختىكى يېڭى رېكورتنى ياراتتى[21]. ئەمما، بۇ «ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق» مۇناسىۋىتى رۇسىيە ئۈچۈن ئېغىر بېقىندىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىتاي ھازىر رۇسىيەنىڭ ئېكسپورت قىلىدىغان نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سېتىۋالغۇچىسىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەرب شىركەتلىرى رۇسىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن بوشلۇقنى خىتاينىڭ ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ۋە ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرى ئىگىلىدى[22].

ئەڭ خەتەرلىك يېرى شۇكى، رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلىرى خىتاينىڭ ئۆزەك (مىكروچىپ) ۋە قوش ئىشلىتىلىشچان (پۇقرالار ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان) زاپچاسلىرىغا پۈتۈنلەي تايىنىپ قالدى. رۇسىيە نۆۋەتتە يەرشارىۋى تېخنىكا رىقابىتىدە ئاساسەن يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ، بازار قىممىتى جەھەتتىكى دۇنيادىكى ئالدىنقى 100 تېخنىكا شىركىتى تىزىملىكىدە رۇسىيەنىڭ بىرمۇ شىركىتى يوق[23]. بۇ ئەھۋال خىتايغا تايىنىشنى تېخىمۇ روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

سىياسىي جەھەتتىنمۇ، رۇسىيە پەيدىنپەي خىتاينىڭ «كىچىك ھەمراھى» گە (junior partner) ئايلىنىپ قالدى. گەرچە پۇتىن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى «ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن، چەكسىز دوستلۇق» دەپ تەرىپلىسىمۇ[24]، ئەمەلىيەتتە، خىتاي بۇ مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ يەرشارىۋى مەنپەئەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى رىقابەتتىكى ئورنىنى كۈچەيتمەكتە. خىتاي رۇسىيەنى قوللاش ئارقىلىق غەربنىڭ كۈچىنى ياۋروپادا خورىتىشنى كۆزلىسە، رۇسىيە خىتايدىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي قان تومۇرنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن بېيجىڭغا سىياسىي مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، رۇسىيەنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى ۋە ئۇرۇش ماشىنىسىنىڭ ئايلىنىشى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەرھەمىتىگە باغلىنىپ قالغان دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتى[25].

ئارىلاشما ئۇرۇش ۋە ياۋروپاغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتلەر

رۇسىيە ئادەتتىكى ھەربىي كۈچ جەھەتتە زور تالاپەتلەرگە ئۇچراپ، كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەچكە، ياۋروپاغا ۋە غەربكە قارشى تۇرۇشتا ئۆزىنىڭ نىشانىنى «ئارىلاشما ئۇرۇش» (Hybrid Warfare) تاكتىكىلىرىغا يۆتكىدى[26]. پۇتىننىڭ كۆز قارىشىدا، غەرب ئۇكرائىنانى قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن بىۋاسىتە ئۇرۇش قىلماقتا. شۇڭا رۇسىيەمۇ ناتو (NATO) نىڭ 5-ماددىسىنى (كوللېكتىپ قوغدىنىش ماددىسى) قوزغاتمايدىغان دەرىجىدە ياۋروپاغا قارشى پىسخىكىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرماقتا[27].

پۇتىننىڭ ئارىلاشما ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئاساسلىقى ئۈچ چوڭ تۈۋرۈككە تايىنىدۇ:

  1. بۇزغۇنچىلىق (Sabotage): ياۋروپادىكى ئۇكرائىناغا قورال يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ھەربىي زاۋۇتلار ۋە تەمىنات لىنىيەلىرى رۇسىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلاندى. مەسىلەن، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى قورال-ياراغ زاۋۇتلىرىدا يۈز بەرگەن شۈبھىلىك پارتلاشلار دەل مۇشۇ تاكتىكىنىڭ بىر قىسمىدۇر[28]. بۇنىڭدىن مەقسەت ياۋروپانىڭ دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك چىقىمىنى ئاشۇرۇپ، ياردەمنى كېچىكتۈرۈشتۇر.
  2. قۇترىتىش ۋە سىڭىپ كىرىش (Subversion): رۇسىيە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىشنى، بولۇپمۇ ئوڭ قانات ۋە پوپۇلىست پارتىيەلەرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى كۈچەيتتى. يالغان ئۇچۇر تارقىتىش، تور ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ياۋروپا جەمئىيىتىدە پارچىلىنىش پەيدا قىلىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. ياۋروپادىكى سايلاملار، مەسىلەن، گېرمانىيە، فىرانسىيە، شۇنداقلا شەرقىي ياۋروپادىكى مولدوۋا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سايلاملار رۇسىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئېغىر نىشانى بولدى[29].
  3. مەجبۇرلاش ۋە يادرو تەھدىتى (Coercion): پۇتىن ياۋروپانى قورقۇتۇش ئۈچۈن يادرو قورالىنى سىياسىي تەھدىت قورالى سۈپىتىدە دائىم ئىشلىتىپ كەلمەكتە. بۇ رۇسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ سېكرېتارى نىكولاي پاترۇشېۋنىڭ «كەسكىنلىشىش ئارقىلىق پەسەيتىش» (escalate to de-escalate) دېگەن ھەربىي دوكتىرىنىسىنىڭ يادروسىدۇر[30]. ئۇلار كىچىك تىپتىكى يادرو قورالى ئىشلىتىش تەھدىتى ئارقىلىق، غەربنى چېكىنىشكە ۋە پۇتىننىڭ شەرتلىرىگە كۆنۈشكە مەجبۇرلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

نۆۋەتتە، رۇسىيە چېگراسىدىكى فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى بىلەن رۇسىيە بىلەن ناتونىڭ چېگرا لىنىيەسى بىر ھەسسە ئۇزاردى. بۇ ھالەت رۇسىيەنىڭ گېئوپولىتىكىلىق بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇپ، پۇتىننى ياۋروپاغا قارشى تېخىمۇ ئاشقۇن خەۋپ-خەتەرلەرنى (ئارىلاشما ئۇرۇش شەكلىدە) سىناپ بېقىشقا ئىتتىرىشى مۇمكىن[31]. ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ خەتەرلىك ۋە مۇرەككەپ باسقۇچقا قەدەم قويدى.

نوپۇس كىرىزىسى ۋە ھەربىي يوشۇرۇن كۈچنىڭ كېمىيىشى

رۇسىيەنىڭ كەلگۈسىگە سايە تاشلاپ تۇرغان ئەڭ قورقۇنچلۇق مەسىلىلەردىن بىرى دۆلەتنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئېغىر كىرىزىستۇر. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن بۇيان رۇسىيە نوپۇسى ئۈزلۈكسىز ئازىيىپ كەلدى. 2000-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، نوپۇس 2.7 مىليون كىشى ئازايدى.[32] 2022-يىلى ئۇكرائىناغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، بۇ نوپۇس كىرىزىسى «دېموگرافىيەلىك ئاپەت» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. بىرىنچىدىن، ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇش تالاپىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۇقىرى بولدى. مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، قۇربان بولغان ۋە مەڭگۈلۈك مېيىپ بولغان ياش ئەرلەرنىڭ سانى يۈز مىڭلارچە بولۇپ[33]، بۇ رۇسىيەنىڭ ئەسلىدىلا ئاجىز كۆپىيىش نىسبىتىگە ھالاكەتلىك زەربە بەردى. 2025-يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە تۇغۇلۇش نىسبىتى 2000-يىلىدىكى سەۋىيەدىنمۇ تۆۋەنلەپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى.

ئىككىنچىدىن، ئۇرۇشتىن ۋە مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە ئېلىنىشتىن قېچىپ چەت ئەللىك دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ سانى بىر مىليونغا يېقىنلاشتى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن IT تېخنىكلىرى، ئىنژېنېرلار، تېببىي خادىملار ۋە باشقا بىلىملىك كەسىپ ئەھلىلىرى بولۇپ، دۆلەت تارىختىكى ئەڭ ئېغىر «مېڭە ئېقىپ كېتىش» (Brain Drain) ھادىسىسىنى باشتىن كەچۈردى[34]. بۇ خىل بىلىم ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ يوقىلىشى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات كۈچىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇرۇپ تاشلىدى. بۇ كىرىزىسنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى شۇكى، رۇسىيەنىڭ كەلگۈسىدە كۈچلۈك بىر ئارمىيە تەشكىللەش ۋە تەمىنلەش ئىقتىدارى بارغانسېرى يوقىلىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2025-يىلىنىڭ دەسلەپكى سەككىز ئېيىدىلا رۇسىيە ئارمىيەسىدىن 150 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر قېچىپ كەتكەن[35]. ئەسكەر مەنبەسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى پۇتىن ھۆكۈمىتىنى ئەسكەرلىككە ئېلىش يېشىنى تېخىمۇ كىچىكلىتىشكە ياكى يۇقىرى مائاشلىق ياللانما ئەسكەرلەرگىلا تايىنىشقا مەجبۇر قىلماقتا.

دېمەك، خەلقئارالىق مۆلچەرلەر بويىچە، رۇسىيەنىڭ نوپۇسى 2046-يىلىغا كەلگەندە يەنە 7 مىليون كىشى ئازىيىدۇ[36]. ئىقتىسادىي ئېشىشنى تىرەپ تۇرىدىغان ئەمگەك كۈچى ۋە ھەربىي كۈچنى شەكىللەندۈرىدىغان ياشلارنىڭ تىك سىزىق بويىچە ئازىيىشى، رۇسىيەنىڭ كەلگۈسىدە دۇنياۋى ياكى رايون خاراكتېرلىك دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىنى مۇمكىنسىز قىلىپ قويىدۇ.

پۇتىن ۋە رۇسىيەنىڭ كەلگۈسىگە دائىر ئېھتىماللىقلار

پۇتىننىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسىي مەقسىتى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۇچرىماي ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىنى قويۇپ بەرمەستۇر. لېكىن ئەنگلىيەنىڭ «چاسام سارىيى» (Chatham House) ۋە باشقا ئاقىللار ئامبارلىرى رۇسىيەنىڭ ۋە پۇتىننىڭ كەلگۈسى ھەققىدە بىر قانچە خىل سىنارىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ ئېھتىماللىقلارنىڭ ھېچقايسىسى رۇسىيە ئۈچۈن پارلاق كەلگۈسى پەرەز قىلمايدۇ[37].

  • بىرىنچى سېنارىيە: «ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىمسىزلىق ۋە داۋاملىشىش» (Long-term Continuity). پۇتىن كۈچلۈك دۆلەت ئاپپاراتىغا تايىنىپ، 2030- ياكى 2036-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ جەرياندا رۇسىيە ئىقتىسادى تېخىمۇ خارابلىشىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى 1990-يىللاردىكى ھالەتكە قايتىدۇ. جەمئىيەتتە ساقچى ۋە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ، رۇسىيە دۇنيادىن پۈتۈنلەي يېتىم قالغان «ياۋروئاسىيادىكى ئىران» غا ئايلىنىدۇ[38].
  • ئىككىنچى سېنارىيە: «تېكنوكراتلارنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى» (Technocratic Reboot). ئەگەر پۇتىن ھاكىمىيەتتىن تۇيۇقسىز ئايرىلسا ياكى سالامەتلىك سەۋەبىدىن چېكىنسە، غەربنىڭ جازاسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن كىرېمىل سارىيىدىكى تېكنوكرات ئەمەلدارلار ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى مۇمكىن[39]. بۇ خىل ئەھۋالدا، يېڭى رەھبەرلىك ئۇرۇشنى توختىتىشقا ئۇرۇنۇشى ۋە مەلۇم دەرىجىدە سىياسىي ئەركىنلىك ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ رۇسىيەنى تولۇق دېموكراتىيەگە ئېلىپ بارمايدۇ.
  • ئۈچىنچى سېنارىيە: «مىللەتچىلەرنىڭ قوزغىلىڭى» (Nationalist Uprising). رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشتىكى مەغلۇبىيىتى ياكى كۈتكەن نىشانغا يېتەلمەسلىكى، دۆلەت ئىچىدىكى ئاشقۇن مىللەتچىلەر ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ نەزىرىدە «ساتقىنلىق» دەپ قارىلىشى مۇمكىن. يېۋگېنىي پرىگوجىننىڭ 2023-يىلىدىكى ئىسيانى بۇنىڭ بىر كىچىك سىناق نۇسخىسى ئىدى[40]. پۇتىندىن كېيىنكى ياكى پۇتىن ئاجىزلاشقان باسقۇچتا، مىللەتچى ھەربىي كۈچلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشى پەۋقۇلئاددە خەتەرلىك بىر سېنارىيەدۇر.
  • تۆتىنچى سېنارىيە: «سىستېمىلىق پارچىلىنىش» (Systemic Fragmentation). تارىختا رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ھەر قېتىمقى چوڭ ئۇرۇشتىكى مەغلۇبىيەتلەردىن كېيىن ئىچكى جەھەتتە پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن (مەسىلەن، 1917-يىلى ۋە 1991-يىلى). نۆۋەتتىكى ئۇرۇشنىڭ ئېغىر يۈكى چېچەنىستان، داغىستان قاتارلىق مىللىي جۇمھۇرىيەتلەردە ۋە يىراق شەرق رايونلىرىدا مىللىي ئويغىنىش ۋە بۆلۈنۈش كەيپىياتىنى قوزغاپ قويۇشى مۇمكىن[41]. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇشقا ئەڭ كۆپ سېلىنىشى ۋە ئىقتىسادىي بايلىقنىڭ موسكۋاغا مەركەزلىشىشى، مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.

مەيلى قايسى سېنارىيە يۈز بەرسۇن، پۇتىن رۇسىيەسى كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە كۈچلۈك ئىمپېرىيە بولۇپ قەد كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدى. غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ پۈتۈنلەي بۇزۇلۇشى، ناتو قوشۇنلىرىنىڭ رۇسىيە چېگراسىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشى ۋە ئۇكرائىنانىڭ غەزەپكە تولغان كۈچلۈك بىر قوشنا سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈشى رۇسىيەنىڭ گېئوپولىتىكىلىق بىخەتەرلىكىنى تارىختىكى ئەڭ ناچار ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى[42].

خۇلاسە: تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ئىمپېرىيە

يۇقىرىقى ئانالىزلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رۇسىيەسى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزى قازغان ئورىغا ئۆزى چۈشكەن، ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتە مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن بىر ھاكىمىيەتتۇر. پۇتىن قۇرۇپ چىققان سىياسىي سىستېما تاشقى قىياپەتتە تەۋرەنمەستەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا دېموگرافىيەلىك چۆكۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە خەلق ئارىسىدىكى جىمجىت نارازىلىق دولقۇنى كۈچەيمەكتە[43].

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ يۆنىلىشى پۇتىننىڭ تەشۋىقات ئەپسانىلىرىنى يوققا چىقاردى. مىسلى كۆرۈلمىگەن تالاپەتلەر بەدىلىگە كەلگەن ئاستا سۈرئەتلىك ئىلگىرىلەش، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاجىزلىقىنى جاھانغا پاش قىلدى. رۇسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولۇش ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتايغا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېقىندى بولۇپ قېلىشنى تاللىدى، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ تارىخىي بۈيۈك دۆلەتلىك غۇرۇرىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ مەسخىرىدۇر[44].

ياۋروپاغا قاراتقان ئارىلاشما ئۇرۇش ۋە يادرو تەھدىتلىرى پەقەتلا غەربنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، رۇسىيەنى يېتىم قالدۇرۇشتىن باشقا نەتىجە بەرمىدى. ئەڭ مۈشكۈلى شۇكى، نوپۇسنىڭ قېرىشى، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈشى ۋە ئەقىل، بىلىم ئىگىلىرىنىڭ قېچىشى، رۇسىيەنى كەلگۈسى تەرەققىيات دولقۇنىدىن تامامەن چەتتە قالدۇردى[45].

رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى خىرە، پۇتىننىڭ تەقدىرى بولسا مۈجمەل. تېكنوكراتلارنىڭ ئىسلاھاتىدىن تارتىپ مىللەتچىلەرنىڭ ئىنقىلابىغىچە بولغان ھەر خىل ئېھتىماللىقلار رۇسىيە جەمئىيىتىنى كۈتمەكتە. ئەمما بىر نۇقتا ئېنىقكى، پۇتىن دەۋرى ئۆزگىرىش باسقۇچىغا كىردى. ئۇ ئارقىدا قالدۇرغان مىراس كۈچلۈك ئىمپېرىيە ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچىسىنى يوقاتقان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالغان ئاجىز بىر دۆلەتتۇر. پۇتىن رۇسىيەسىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى دەل مۇشۇ تۇيۇق يول ئىچىدە توختاپ قالدى.

پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:

  1. History of Russia (2000-2024): Key Events & Trends, MindMap AI.
  2. Russia under Vladimir Putin: His 26-year rule in facts and figures, European Parliament.
  3.  Making Russia Great Again? Vladimir Putin’s Changing Sources of Legitimacy 2000-2024.
  4. Russia Country Report 2026, BTI Project.
  5. Russia under Vladimir Putin – Wikipedia.
  6. Imagining Russia’s future after Putin, Chatham House.
  7. Putin’s ›Real‹ Approval Rating Falls Below 30% for First Time Since Start of War, Kyiv Post.
  8. The Kremlin’s Ratings Are Plummeting, Foreign Intelligence Service of Ukraine.
  9. Why Is the Putin Regime Only Increasing Risks for Itself?, Russia Post.
  10. What to Expect From the Russian Economy in 2026, Carnegie Politika Podcast.
  11. Russia Analytical Report, April 27–May 4, 2026, Russia Matters.
  12. Russia After Putin, Foreign Policy Research Institute.
  13. Valdai Discussion Club meeting • President of Russia.
  14. Foreign Policy: Putin Sells a False Win to Trump, ISW.
  15. Vladimir Putin Isn’t Winning in Ukraine, WSJ.
  16. Vladimir Putin is caught in a vice of his own making, The Economist.
  17. Belligerent and Beleaguered: Russia After the War with Ukraine, Carnegie Endowment.
  18. The Geopolitical and Socio-Economic Trajectory of the Russian Federation Under Vladimir Putin. 
  19. Four Years Into Russia’s Invasion, Western Experts See Putin’s Aims Largely Unchanged, Prospects for Peace Dim.
  20. Russia is Losing – Time for Putin’s 2026 Hybrid Escalation, RUSI.
  21. RIAC :: Russian International Affairs Council.
  22. Putin’s Valdai Club Q&A: “Introducing The Polycentric World”, Russia’s Pivot to Asia.
  23. Public image of Vladimir Putin – Wikipedia.
  24. The Future of Russian Power | Carnegie Endowment for International Peace.
  25. Politico: 5 сценариев для России во время следующего срока Путина, Respublika.
  26. Russia withholds Putin’s weekly rating after steepest drop in eight years, NV.
  27. Putin’s approval score withheld amid record decline – TVP World.
  28. Putin’s approval rating falls to its lowest point since Russia’s full scale invasion began, Meduza.
  29. Imagining Russia’s future after Putin | The leadership succession: a turning point, Chatham House.
  30. Russia Analytical Report, March 23–30, 2026, Russia Matters. 
  31. Views of Russia and Putin in 25 countries | Pew Research Center.
  32. US views of Russia and Putin – Pew Research Center. 
  33. Valdai Discussion Club meeting – President of Russia. 
  34. Valdai Discussion Club – Wikipedia.
  35. Putin’s Image Rises in U.S., Mostly Among Republicans – Gallup News.
  36. Trump, Putin, and Genghis Khan | Foreign Affairs.
  37. Imagining Russia’s future after Putin | Chatham House.
  38. Imagining Russia’s future after Putin | The political system to the end of 2027.
  39. (PDF) Making Russia Great Again? Vladimir Putin’s Changing Sources of Legitimacy 2000-2024. 
  40. Page not found – Atlantic Council. 
  41. Page not Found | Carnegie Endowment for International Peace. 
  42. History of Russia (2000-2024): Key Events & Trends. 
  43. Four Years Into Russia’s Invasion, Western Experts See Putin’s Aims Largely Unchanged. 
  44. The Geopolitical and Socio-Economic Trajectory of the Russian Federation Under Vladimir Putin: A 2000–2026 Analytical Retrospective. 
  45. RIAC :: Russian International Affairs Council. 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*