ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
بۇ ئانالىز ماقالىسى ئامېرىكادىكى داڭلىق ئاقىللار ئامبىرى بولغان برۇكىڭس تەتقىقات ئورنىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى رايان خاس (Ryan Hass) تەرىپىدىن 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دونالد ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىنكى بىر يىللىق دىپلوماتىيەسى ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ترامپ قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ خىتايغا تۇتقان سىياسىتىدە ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدىغان زور بۇرۇلۇش ياساپ، مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي رېتىمىنى ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇشتىن سودا ۋە تېخنىكا رىقابىتىگە يۆتكىگەن.
كۆپچىلىك ترامپنى 2025-يىلى قايتىدىن ھاكىمىيەتكە كەلگەندە، دەسلەپكى مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش خىتايغا قارىتا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى. دەسلەپتە ترامپ تاموژنا بېجىنى %140 كە ئۆستۈرۈپ سودا ئۇرۇشىنى قايتا قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ قاتتىق قايتۇرما زەربىسىگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن، سىياسىتىدە تېزلىكتە ئۆزگەرتىش قىلغان. ئۇ 2025-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە «G2» (ئىككى چوڭ دۆلەت) دەۋرىنى جاكارلاش ئارقىلىق مۇناسىۋەتتە يۇمشىتىش پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلغان.
بۇ يېڭى دىپلوماتىك يۆنىلىش 2025-يىلى 30-ئۆكتەبىردە جەنۇبىي كورېيەنىڭ بۇسان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا ئىمزالانغان بىر يىللىق «سودا ئۇرۇشىنى توختىتىش كېلىشىمى» ئارقىلىق رەسمىي دەلىللەنگەن. بۇ كېلىشىم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە «نىسپىي ئىستراتېگىيەلىك تەمكىنلىك» دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، ترامپ بۇنى ئۆزىنىڭ دىپلوماتىك غەلىبىسى دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان.
ماقالىدە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بىر نۇقتا شۇكى، ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ 2025-يىللىق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى دوكلاتىدا ئىلگىرى كەڭ قوللىنىلغان «بۈيۈك دۆلەتلەر رىقابىتى» دېگەن ئاتالغۇ پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئورنىغا سودا ۋە تېخنىكا رىقابىتى مۇناسىۋەتنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ۋاشىنگتون ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتايغا قارشى سەپەرۋەر قىلىشنى توختاتقان ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت كونتروللۇقىنى «سودىلىشىش ۋاسىتىسى» قاتارىدا قوللىنىشقا باشلىغان. بۇ مەزگىلدە ترامپ كىشىلىك ھوقۇق، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)، تىبەت ياكى خوڭكوڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئاساسەن سۈكۈت قىلغان بولۇپ، ھەتتا تەيۋەن مەسىلىسىدىمۇ بېيجىڭنىڭ سەزگۈرلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭ بىلەن بولغان شەخسىي دوستلۇقىنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.
ترامپنىڭ بۇ خىل يېڭىچە يولى ئامېرىكا ئىچىدە زور تالاش-تارتىش قوزغىغان. قوللىغۇچىلار بۇ سىياسەتنىڭ فېنتانىل (Fentanyl) ئەتكەسچىلىكىنى تىزگىنلەش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا نەتىجە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، تەنقىدچىلەر «ترامپ ئېرىشكەندىن كۆپ نەرسىنى بېرىۋەتتى، بۇ خىتاينى تېخىمۇ ھارامزادە قىلىۋېتىدۇ » دەپ قارىغان. شۇنداقتىمۇ، ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى باشقا زور سىياسىي ۋەقەلەر سەۋەبىدىن بۇ تېما جامائەت پىكرىدە يېتەرلىك مۇلاھىزە قىلىنمىغان.
ئاپتور كەلگۈسى ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈچ خىل يوشۇرۇن سېنارىيەنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇلار: «يۇمشاق قونۇش»، «كەسكىن ئايرىلىش» ۋە «ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى قوغداش قەۋىتى ھازىرلاش»تىن ئىبارەتتۇر. ئاپتور بۇ ئۈچ خىل ئەھۋالنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتنىڭ يۆنىلىشىنى مۆلچەرلەشكە تىرىشىدۇ.
بىرىنچى سېنارىيە بولغان «يۇمشاق قونۇش» (Soft Landing) ئەندىزىسىدە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى مۇناسىۋەتنى تۈپتىن ياخشىلاشقا مەبلەغ سالىدۇ ۋە تىنچ بىللە تۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، سودا توساقلىرى ئازىيىپ، خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋالىدۇ، ئامېرىكا بولسا تېخنىكا ئېكسپورتىنى بوشىتىدۇ. ھەتتا سۈنئىي ئەقىل ۋە قورال-ياراغ كونتروللۇقى جەھەتتىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىلىشى مۇمكىن.
ئىككىنچى سېنارىيە بولغان «كەسكىن ئايرىلىش» (Hard Split) ئەندىزىسىدە، ئەگەر خىتاي ترامپنىڭ تەلەپلىرىگە ئاكتىپ جاۋاب قايتۇرمىسا، ترامپ خۇددى بىرىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكىگە ئوخشاش ئۈمىدسىزلىنىپ، خىتايغا قارشى ئىقتىسادىي ۋە سانائەت بېسىمىنى قايتىدىن كۈچەيتىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا مۇناسىۋەت قايتىدىن دۈشمەنلىك تۈسىنى ئېلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۈزۈل-كېسىل ئايرىلىش ۋە ئىدېئولوگىيەلىك زەربە بېرىش باشلىنىدۇ.
بىراق، ئاپتورنىڭ قارىشىچە ئەڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغىنى ئۈچىنچى سېنارىيە، يەنى «ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۆزىنى قوغداش قەۋىتى ھازىرلاش» (Buy time and build insulation) تۇر. بۇ سېنارىيەدە، ھەر ئىككى تەرەپ نۆۋەتتىكى «سودا ئۇرۇشىنى توختىتىش» ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى، ئەمما بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچنى تۇرغۇزۇشنى ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك بېقىنىشنى ئازايتىشنى نىشان قىلىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئامېرىكا خىتاينىڭ سىيرەك تۇپراق ئېلېمېنتلىرى، دورا ماتېرىياللىرى ۋە باتارېيە زاپچاسلىرىغا، خىتاي بولسا ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكىسى، ئاۋىئاتسىيە زاپچاسلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق. ھازىرقى ۋەزىيەتتە ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى بوغۇشقا ئۇرۇنسا، ئۆزىمۇ ئېغىر زىيان تارتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۆز ئاجىزلىقلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ۋاقىتقا ئېھتىياجلىق.
بۇ جەرياندا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ياردىمىدە كان بايلىقى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئالدىرايدۇ. خىتاي بولسا شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە «تېخنىكىدا ئۆز-ئۆزىگە تايىنىش» ۋە «يەرلىكلەشتۈرۈش» سىياسىتىنى تېزلىتىپ، غەرب تېخنىكىسىدىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ خۇددى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش، ئەمما تېخىمۇ زامانىۋىلاشقان بىر خىل «ئىچكى قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش» مۇسابىقىسىدۇر.
ئەلۋەتتە، بۇ «نىسپىي تەمكىنلىك» ۋەزىيىتىنىڭمۇ بەزى خەۋپ-خەتەرلىرى مەۋجۇت. جەنۇبىي دېڭىز ياكى تەيۋەن بوغۇزىدىكى تاسادىپىي ھەربىي توقۇنۇشلار، ياكى 2026-يىلدىكى ئامېرىكا ئارىلىق سايلىمىدا ترامپنىڭ ئىچكى بېسىمغا ئۇچرىشى قاتارلىق ئامىللار بۇ نازۇك تەڭپۇڭلۇقنى ھەر ۋاقىت بۇزۇپ تاشلىشى مۇمكىن. ترامپنىڭ تۇراقسىز مىجەزى ۋە بېيجىڭنىڭ ترامپقا بولغان ئىشەنچىسىزلىكىمۇ چوڭ بىر ئېنىقسىزلىق ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.
خۇلاسىلىگەندە، ماقالىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تۈپتىن ياخشىلىنىشى ياكى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇشى ناتايىن بولۇپ، بەلكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ «ۋاقىت سېتىۋېلىش» ۋە «دۈشمەنلىشىشكە تەييارلىق قىلىش» يولىدا ماڭىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىمكى بۇ جەرياندا قارشى تەرەپكە بولغان بېقىنىشنى تېزرەك ئازايتسا، شۇ تەرەپ كەلگۈسى رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ.
مەنبە: Hass, R. (2026, January 26). Three potential pathways for US-China relations under Trump. The Brookings Institution.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















