ئامېرىكا راستىنلا قايتىدىن گۈللەندىمۇ؟

2026-يىلى 23-يانۋار

دۇنياۋى تەرتىپىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ۋە «قەتئىي يەرشارىۋى رەھبەرلىك» ئىستراتېگىيەسى

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئ‍ابدۇرېھىم دۆلەت

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئاقىللار ئامبىرى ھېسابلىنىدىغان تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى (CFR) تەرىپىدىن 2026-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا قايتا گۈللەندى: قەتئىي يەرشارىۋى رەھبەرلىكنىڭ بۈيۈك ئىستراتېگىيەسى» ناملىق 100-سانلىق ئالاھىدە دوكلات، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى چۈشىنىش ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشنى مۆلچەرلەشتە ئىنتايىن مۇھىم بىر ھۆججەتتۇر. بۇ دوكلاتنىڭ ئاپتورى روبېرت د. بىلاكۋىل (Robert D. Blackwill) بولۇپ، ئۇ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ ھېنرى كىسسىنگېر نامىدىكى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى بويىچە ئالىي تەتقىقاتچىسى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كېننىدى ئىنستىتۇتىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى، شۇنداقلا ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشقا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرگەن تەجرىبىلىك دىپلوماتتۇر.

مەزكۇر دوكلات دەل ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىك دەۋرلەرنىڭ بىرىدە، يەنى، دونالد ترامپ ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ، ئۆزىنىڭ «ترامپىزم» دەپ ئاتالغان سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپكە بولغان خىرىسى كۈچىيىپ، دۇنياۋى تەرتىپنىڭ كەلگۈسى ئېنىقسىزلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان 2026-يىلىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىندى. دوكلاتنىڭ تۈپ مەقسىتى، نۆۋەتتە ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان ئىچكى ۋە تاشقى قىيىنچىلىقلارغا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق تالىشىشىغا ۋە «ترامپىزم» نىڭ ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى ئورنىغا يەتكۈزۈۋاتقان زىيانلىرىغا قارىتا، ئامېرىكانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان يېڭى بىر ئىستراتېگىيەلىك يول خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھازىر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ خەتەرلىك خەلقئارالىق ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا، بۇ دوكلات پەقەت بىر ئىلمىي تەھلىللا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا سىياسىي قاتلىمىغا سۇنۇلغان جىددىي تەكلىپ ۋە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدۇر.

بۈيۈك ئىستراتېگىيەنىڭ ماھىيىتى ۋە ئامېرىكا تارىخىدىكى تەدرىجىي ئۆزگىرىشلىرى

«بۈيۈك ئىستراتېگىيە» (Grand Strategy) ئاتالغۇسى ئادەتتىكى ھەربىي پىلان ياكى تاشقى سىياسەت دائىرىسىدىن ھالقىغان، دۆلەتنىڭ بارلىق بايلىقلىرىنى ۋە كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك دۆلەت نىشانلىرىغا يېتىشنى كۆزلەيدىغان بىر سەنئەتتۇر. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئۇقۇمنىڭ زامانىۋى شەكلى 20-ئەسىردىكى ھەربىي نەزەرىيەچىلەر تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن بولۇپ، لىدېل خارتنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، بۈيۈك ئىستراتېگىيە «مىللەتنىڭ ياكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ بارلىق بايلىقلىرىنى ئۇرۇشنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ماسلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش» جەريانىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئالىمى جوشۇئا روۋنېرنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە ئېيتقاندا، بۈيۈك ئىستراتېگىيە پەقەت ئۇرۇش قىلىش نەزەرىيەسىلا ئەمەس، بەلكى «بىخەتەر بولمىغان دۇنيادا ئۆزىنى قانداق قوغداش» ھەققىدىكى بىخەتەرلىك نەزەرىيەسىدۇر.

ئامېرىكا تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۈيۈك ئىستراتېگىيەنىڭ دەۋر ئېھتىياجىغا قاراپ قانداق تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز. ئامېرىكا ئىنقىلابىدىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىللەردە، دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەسى مۇستەقىللىقنى ساقلاش ۋە ياۋروپا ماجىرالىرىدىن ئۆزىنى تارتىش (بىتەرەپلىك) تىن ئىبارەت ئىدى. 19-ئەسىرگە كەلگەندە، ئامېرىكا مىللەتچىلىكى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ دەۋردە ئامېرىكا دىققىتىنى غەربىي يېرىم شارغا ۋە سودا مەنپەئەتلىرىگە قارىتىپ، ياۋروپا سىياسىتىگە ئارىلاشماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە سودا تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالەتكە كەلتۈرۈشنى نىشانلىغان.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئامېرىكانىڭ ئەنئەنىۋى سىياسىتىدە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان بولسىمۇ، ھەقىقىي ئۆزگىرىش ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەردى. پىرېزىدېنت فىرانكلىن د. روزۋېلىتتىن تارتىپ تاكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقۇچە بولغان مەزگىلدە، «لىبېرال خەلقئاراچىلىق» (Liberal Internationalism) ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق بۈيۈك ئىستراتېگىيەسىگە ئايلاندى. بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ يادروسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى «تىزگىنلەش» (Containment) بولۇپ، ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) غا ئوخشاش ھەربىي ئىتتىپاقلارنى قۇرۇش، خەلقئارا سودا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى قوغداش ئارقىلىق دۇنيا تەرتىپىنى يېتەكلەپ كەلدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى «بىر قۇتۇپلۇق» دەۋردە، ئامېرىكا قىسقا مۇددەتلىك «مۇتلەق ئۈستۈنلۈك» (Primacy) ئىستراتېگىيەسىنى سىناپ باققان بولسىمۇ، ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشلىرىنىڭ نەتىجىسىزلىكى بۇ ئىستراتېگىيەگە بولغان گۇمانلارنى كۈچەيتىۋەتتى.

مەۋجۇت بەش خىل ئىستراتېگىيەلىك ئېقىم ۋە ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرى

دوكلاتتا ئامېرىكا سىياسىي ۋە ئاكادېمىك ساھەسىدە تەسىرى بار بەش خىل ئاساسلىق ئىستراتېگىيە ئېقىمى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، ئاپتور بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بۈگۈنكى مۇرەككەپ رېئاللىققا، بولۇپمۇ خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ:

  1. مۇتلەق ئۈستۈنلۈك (Primacy) ئېقىمى: بۇ ئېقىم ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇپ تۇرۇشىنى، ھەرقانداق يوشۇرۇن رەقىبنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلار ھەربىي كۈچنى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتە دەپ قارايدۇ ۋە دېموكراتىيەنى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق تارقىتىشنى قوللايدۇ. لېكىن دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىستراتېگىيە ھازىرقى دۇنياغا ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى خىتاي ئاللىبۇرۇن بىر «تەڭداش رىقابەتچى» سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ بولدى. ئامېرىكانىڭ ھەممە يەردە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قېلىشى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن مۇمكىن بولماي قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل يەككە ھۆكۈمرانلىق ئىتتىپاقداشلارنى بىخۇدلاشتۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
  2. لىبېرال خەلقئاراچىلىق (Liberal Internationalism) ئېقىمى: بۇ ئېقىم خەلقئارا قانۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش كۆپ تەرەپلىمىلىك تەشكىلاتلار ۋە دىپلوماتىيەنى ئاساس قىلىدۇ. بىراق ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىستراتېگىيە يېقىنقى ئون بەش يىل ئىچىدە ئېغىر مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچ كەلدى. ئۇ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىكىنى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى ۋە ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى توسۇپ قالالمىدى. لىبېرال خەلقئاراچىلار خەلقئارا ئورگانلارغا ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كېتىپ، ھەربىي كۈچنىڭ گېئوسىياسىي رىقابەتتىكى ھەل قىلغۇچ رولىغا سەل قارىدى.
  3. تېجەش ۋە قىسىش (Restraint) ئېقىمى: بۇ گۇرۇھ ئامېرىكانىڭ چەت ئەللەردىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى قىسقارتىشنى، ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يۈكىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى ۋە پەقەت ئامېرىكا زېمىنىغا بىۋاسىتە تەھدىت كەلگەندىلا ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. دوكلاتتا بۇ قاراش قاتتىق تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، ئەگەر ئامېرىكا ياۋروپا ۋە ئاسىيادىن چېكىنسە، دۇنيادا غايەت زور كۈچ بوشلۇقى پەيدا بولىدۇ ۋە بۇ بوشلۇقنى خىتاي ھەم رۇسىيەگە ئوخشاش رەقىب كۈچلەر تولدۇرىدۇ.
  4. ئامېرىكا مىللەتچىلىكى (American Nationalism) ئېقىمى: بۇ ئېقىم ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى پەقەت غەربىي يېرىم شارغىلا قارىتىپ، خەلقئارا سودا ۋە ئىتتىپاقداشلىقتىن ۋاز كېچىپ، يۇقىرى تاموژنا بېجى ئارقىلىق ئىقتىسادنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ پىكىرىچە، بۇ خىل سىياسەت ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى تەسىرىنى يوقىتىدۇ، خىتاينىڭ يەرشارىۋى ئىقتىسادنى كونترول قىلىۋېلىشىغا يول ئاچىدۇ ۋە ئامېرىكانى نامراتلاشتۇرىدۇ.

«ترامپىزم» ھادىسىسى — 2026-يىلىدىكى رېئاللىق ۋە ئۇنىڭ خەۋپلىرى

دوكلاتتا ئالاھىدە بىر باب ئاجرىتىلىپ، «ترامپىزم» (Trumpism) دەپ ئاتالغان، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى سىياسەتلىرى تەپسىلىي ۋە تەنقىدىي نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىنغان. دوكلاتنىڭ تەھلىلىچە، ترامپىزم ئامېرىكا مىللەتچىلىكىنىڭ بىر تۈرى بولسىمۇ، ئۇ تېخىمۇ رادىكال، مەنپەئەتپەرەس ۋە خاراكتېر جەھەتتىن قالايمىقان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيانلارنى سېلىۋاتىدۇ.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى» (NSS) ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتكەن. بۇ ئىستراتېگىيەدە ئامېرىكانىڭ دىققىتى غەربىي يېرىم شارغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن، «مونرو تەلىماتى» نىڭ ترامپچە يېڭى نۇسخىسى (Trump Corollary) ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى «دۈشمەن» دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇداپىئە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش رەت قىلىنغان. ترامپنىڭ نەزىرىدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پەقەت بىر «سودا-سېتىق» بولۇپ، ئۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنغا ئوخشاش مۇستەبىت رەھبەرلەر بىلەن شەخسىي دوستلۇق ئورنىتىشقا مايىل بولغان.

دوكلاتتا ترامپنىڭ «مەن ئۇرۇش قىلمايمەن» ۋە «ئۇرۇشلارنى توختىتىمەن» دېگەن شوئارلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن، ترامپ 2025-يىلى 6-ئايدا ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە چەكلىك ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنى «بىتچىت قىلغانلىقىنى» ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت بىر قېتىملىق زەربە بولۇپ، ئۇ دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا ئالدىراپ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلمىغان. ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە بولسا، ترامپ رۇسىيە بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تېز نەتىجە قازىنىشقا ئۇرۇنغان.

ترامپىزمنىڭ يەنە بىر چوڭ خەتىرى شۇكى، ئۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قىممەت قاراشلىرىنى تاشقى سىياسەتتىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋەتكەن. ترامپنىڭ 2025-يىلى رىيادتا سۆزلىگەن نۇتقىدا، «باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قەلبىنى تەكشۈرۈش بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز پەقەت ئامېرىكانى قوغداش» دېيىشى، ئامېرىكانىڭ ئەخلاقىي رەھبەرلىك ئورنىنى زەخىملەندۈردى. دوكلاتتا يەنە ترامپنىڭ ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىي تۈزۈمىگە ۋە مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستىخبارات ھەم دىپلوماتىيە سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقى، خىتاي ۋە رۇسىيە ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنى ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرغانلىقى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان.

«قەتئىي يەرشارىۋى رەھبەرلىك» — يېڭى ئىستراتېگىيە ۋە ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى

روبېرت د. بىلاكۋىل يۇقىرىقى بارلىق ئىستراتېگىيەلەرنىڭ (بولۇپمۇ ترامپىزم ۋە تېجەش سىياسىتىنىڭ) كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، «قەتئىي يەرشارىۋى رەھبەرلىك» (Resolute Global Leadership) ناملىق يېڭى، بىرىكمە ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئىستراتېگىيە «مۇتلەق ئۈستۈنلۈك» ئېقىمىنىڭ كۈچكە تايىنىش پىرىنسىپى بىلەن «لىبېرال خەلقئاراچىلىق» ئېقىمىنىڭ ئىتتىپاقداشلىققا تايىنىش نۇقتىسىنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، ئىنتايىن رېئاللىققا ئۇيغۇن لايىھە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يېڭى ئىستراتېگىيەنىڭ ئاساسلىق 11 تۈۋرۈكى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  1. ئامېرىكا ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىنى قوغداش: دۆلەتنىڭ تاشقى قۇدرىتى ئىچكى سىياسىي مۇقىملىقتىن كېلىدۇ.
  2. ھەربىي ئۈستۈنلۈكنى ساقلاش: مۇداپىئە چىقىمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، بولۇپمۇ سۈنئىي ئەقىل (AI) ۋە ئىلغار تېخنىكىلىق قوراللار ساھەسىدە خىتايدىن ئۈستۈنلۈكنى ساقلاش. ئاپتور «كۈچ ئارقىلىق تىنچلىقنى ساقلاش» (Peace through strength) پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ.
  3. خەلقئارا تەرتىپنى ئىسلاھ قىلىش: خەلقئارا سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە سىستېمىلىرىنى تاشلىۋېتىش ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا باشچىلىقىدا ئىسلاھ قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ سىستېمىلارنى سۇيىئىستېمال قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
  4. يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش: ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشىشىنى ھەر قانداق بەدەل تۆلەپ، زۆرۈر تېپىلسا كۈچ ئىشلىتىپ توسۇش.
  5. خىتاينى تەڭداش رىقابەتچى دەپ ئېتىراپ قىلىش: ئامېرىكا خەلقئارا كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا تايىنىشى، ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ھەربىي كۈچىنى ئاسىياغا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك.
  6. ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئاشۇرۇش: ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلار ئۆز رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ چىقىم قىلىشى كېرەك، لېكىن ئامېرىكا ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويماسلىقى لازىم.
  7. تەيۋەن مەسىلىسى ۋە دىپلوماتىيە: خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۈچلۈك دىپلوماتىيە يۈرگۈزۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەيۋەننى قوغداش ئىرادىسىنى قەتئىي نامايان قىلىش.
  8. غەربىي يېرىم شار بىلەن ھەمكارلىق: لاتىن ئامېرىكاسى ۋە كانادا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش.
  9. دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق: دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيەنى قوللاش، ئەمما «تۈزۈم ئۆزگەرتىش» ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەسلىك (ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇنىڭ سىرتىدا).
  10. كىلىمات ئۆزگىرىشى: بۇنى دۇنياۋى تەھدىت دەپ قاراش، خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق ھەل قىلىشقا كۈچەش.
  11. خۇسۇسىي ئىگىلىكنى قوللاش: ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ يەرشارىۋى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش.

كۈچ سېلىشتۇرمىسى — ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئەۋزەللىكلىرى ھەم ئاجىزلىقلىرى

ماقالىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرىدىن بىرى، ئاپتورنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئىنچىكە سانلىق مەلۇماتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىشىدۇر. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە خىتاي ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا نۇرغۇن ھالقىلىق ساھەلەردە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە.

ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكلىرى: دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ (30 تىرىليون دوللارلىق GDP)، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %26 نى ئىگىلەيدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم 85 مىڭ دوللار بولۇپ، خىتاينىڭكىدىن (13,300 دوللار) بەش ھەسسە يۇقىرى. تېخنىكا جەھەتتە، بولۇپمۇ كەلگۈسى ئۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ يادروسى بولغان سۈنئىي ئەقىل (AI) ساھەسىدە ئامېرىكا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2024-يىلىدىكى ئەڭ ئىلغار 4 دانە سۈنئىي ئەقىل مودېلىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكادا ئىشلەنگەن.

ھەربىي جەھەتتە، ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى (849 مىليارد دوللار) خىتاي ۋە رۇسىيەنى قوشقاندىنمۇ كۆپ. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 11 ئاۋىياماتكىسى ۋە 71 يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى دۇنيا ئوكيانلىرىدا تەڭداشسىز كۈچكە ئىگە. ئۇندىن باشقا، ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى ئىتتىپاقداشلىق تورى ۋە دىپلوماتىيەسى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ «كۆرۈنمەس كۈچى» ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئامېرىكادا بولۇشى، ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئۈزۈلمەس بۇلىقىدۇر.

خىتاينىڭ قۇرۇلمىۋى ئاجىزلىقلىرى: ئاپتورنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي سىرتتىن قارىماققا كۈچلۈكتەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئىچكى جەھەتتە ئېغىر كىرىزىسقا پېتىپ قالغان. ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى (مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ مۆلچەرىچە %2.4 ئەتراپىدا). قەرز نىسبىتى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %300 دىن ئېشىپ كەتكەن. ئەڭ ئېغىر مەسىلە نوپۇس كىرىزىسى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاي نوپۇسى 2100-يىلىغىچە 633 مىليونغا، يەنى ھازىرقىنىڭ يېرىمىغا قىسقىرىشى مۇمكىن.

ھەربىي جەھەتتە، خىتاي ئازاتلىق ئارمىيەسىدە (PLA) چىرىكلىك ئېغىر بولۇپ، 2025-يىلى راكېتا ئارمىيەسىدىكى نۇرغۇن گېنېراللارنىڭ تازىلىنىشى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ راكېتالىرىغا يېقىلغۇ ئورنىغا سۇ قاچىلاپ قويۇشتەك ئېغىر چىرىكلىك دېلولىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەگە بولغان ئىشەنچىسىگە دەز كەتكەن. بۇ ئامىللار خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەتتە ئامېرىكانى يېڭىشىنىڭ تەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

دوكلات ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى

روبېرت د. بىلاكۋىلنىڭ «ئامېرىكا قايتا گۈللەندى» ناملىق بۇ دوكلاتى ئامېرىكانىڭ كەلگۈسى تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن ئەتراپلىق ۋە ئىنتايىن قىممەتلىك بىر ئىستراتېگىيەلىك رامكا بىلەن تەمىنلىگەن. دوكلاتنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقى شۇكى، ئۇ ھەم «ترامپىزم» نىڭ قالايمىقانچىلىقىنى، ھەم سولچىللارنىڭ چېكىنىش سىياسىتىنى رەت قىلىپ، رېئالىزم بىلەن لىبېرال خەلقئاراچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن بىر «ئوتتۇرا يول» نى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ خىتاينى دۈشمەن ئەمەس، بەلىك «تەڭداش رىقابەتچى» دەپ ئېنىقلىما بېرىش ئارقىلىق، ئۇرۇشتىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ ھالقىلىق مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى تەكىتلىگەن.

بىراق، بىر ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دوكلاتتا بەزى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە تەكىتلەنمىگەنلىكىنى ياكى مۈجمەل قالدۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:

  1. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى: دوكلاتتا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئاپتور «ھەربىي كۈچنى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىك» نى تەكىتلەيدۇ. بۇ پىرىنسىپ خىتايغا ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ھاكىمىيەتكە قارىتا ئامېرىكانىڭ تەدبىرلىرىنى چەكلەپ قويۇشى مۇمكىن. گەرچە ئاپتور «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىش» نى مۇستەسنا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتايدەك يادرو قورالىغا ئىگە چوڭ دۆلەتكە قارشى بۇنىڭ قانداق ئەمەلىيلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب يوق.
  2. ئىچكى مۇقىمسىزلىق ئامىلى: دوكلات خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتنى ئاساسەن دۆلەتلەر ئارا (Inter-state) رىقابەت دەپ قارايدۇ ۋە خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىسىنىڭ خىتاينى ئىچىدىن ئاجىزلاشتۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك رولىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن. ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ «قۇرۇلمىۋى ئاجىزلىقى» نى سۆزلىگەندە، ئۇنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچكى مۇقىمسىزلىق ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
  3. ترامپىزم بىلەن بولغان زىددىيەت: دوكلات 2026-يىلىدىكى «ترامپ ھۆكۈمىتى» نىڭ رېئاللىقى بىلەن ئاپتور ئوتتۇرىغا قويغان كۆڭۈلدىكىدەك ئىستراتېگىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى تولۇق ئېتىراپ قىلغان. ئەگەر رەئىس ترامپ ئاقىللار ئامبىرىنىڭ بۇ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلماي، داۋاملىق ئۆزىنىڭ «ئايرىمىچىلىق» سىياسىتىنى يۈرگۈزسە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئوخشاش ئامېرىكانىڭ ئەخلاقىي ۋە دىپلوماتىك قوللىشىغا موھتاج ھەرىكەتلەر ئۈچۈن قىيىن كۈنلەر كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ترامپىزمنىڭ يادروسىدا مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش تۇرىدىغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سودا كېلىشىملىرى ئۈچۈن قۇربان قىلىنىپ كېتىش خەۋپى بار.

خۇلاسە

يىغىپ ئېيتقاندا، «ئامېرىكا قايتا گۈللەندى» ناملىق دوكلات ئامېرىكانىڭ كۈچىنى قايتا توپلاپ، خىتاينىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېزىلغان ئىنتايىن سالماقلىق ئەسەردۇر. ئۇ بىزگە شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئامېرىكا تېخى زاۋاللىققا يۈز تۇتمىدى، ئۇنىڭ قولىدا تېخى ئىشلىتىلمىگەن غايەت زور يوشۇرۇن كۈچلەر بار. ئەمما بۇ كۈچلەرنى توغرا ئىستراتېگىيە بىلەن ئىشلىتىش، ئىتتىپاقداشلارنى قايتا توپلاش ۋە خىتاينىڭ ئاجىزلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئامېرىكانىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ دوكلات ئامېرىكانىڭ يۇقىرى قاتلام سىياسىي تەپەككۇرىنى چۈشىنىش، بولۇپمۇ «ترامپىزم» بىلەن «ئەستايىدىل رەھبەرلىك» ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە ئۆز ئورنىنى تېپىش ئۈچۈن مۇھىم بىر يول كۆرسەتكۈچى بولالايدۇ.

پايدىلانغان مەنبە:

Blackwill, R. D. (2026). America Revived: A Grand Strategy of Resolute Global Leadership (Council Special Report No. 100). Council on Foreign Relations.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*