ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك چېكىنىشى ۋە كىملىك كىرىزىسى

2025-يىلى 17-دېكابىر

«ياۋروپا قانداق قىلىپ ئۇتتۇرۇپ قويدى؟» ناملىق ماقالىگە تەقرىز

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە يەرشارىۋى سىياسەت ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئاكادېمىك مۇنبەر ھېسابلىنىدىغان «تاشقى ئىشلار» (Foreign Affairs) ژۇرنىلىنىڭ تور بېتىدە 2025-يىلى 12-دېكابىر ئېلان قىلىنغان (2026-يىللىق يانۋار-فېۋرال سانى) «ياۋروپا قانداق قىلىپ ئۇتتۇرۇپ قويدى؟» (How Europe Lost) ناملىق ماقالە، غەرب دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتىكى گېئو-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە قارىتا يېزىلغان ئەڭ سالماقلىق ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىدىن ماتتىياس ماتتېيىس (Matthias Matthijs) ئامېرىكىدىكى داڭلىق جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ياۋروپا سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقى بويىچە دوتسېنتى ، ناتالى توچچى (Nathalie Tocci) ئىتالىيە خەلقئارا ئىشلار ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋە خارۋارد كېننىدى ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسسورى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ  ئەسىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى گۈللىنىش دەۋرىدىن، ھازىرقىدەك ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىش باسقۇچىغا قانداق قەدەم قويغانلىقىنى سىستېمىلىق تەھلىل قىلىپ بەرگەن. ماقالە 2024-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 2025-يىلىنىڭ بېشىدىكى يەرشارىۋى سىياسىي ۋەزىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدە، بولۇپمۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىشىشى، خىتاينىڭ يۈكسىلىشى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «ئالدى بىلەن ئامېرىكا» سىياسىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قىسىلىپ قالغان ياۋروپانىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىك كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىلمىي قىممىتى شۇ يەردىكى، ئۇ پەقەتلا يۈزەكى سىياسىي ۋەقەلەرنى تىزىپ چىقماستىن، بەلكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلمىۋى ئاجىزلىقلىرى، ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە «ياۋروپا ئارزۇسى» نىڭ رېئاللىق ئالدىدا قانداق پارچىلانغانلىقىنى سانلىق مەلۇماتلار ۋە تارىخىي سېلىشتۇرمىلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن بولۇپ، تۆۋەندە بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنى ئاكادېمىك ئۆلچەملەرگە ئاساسەن تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

بىرىنچى قىسىم: ئىقتىسادىي قۇدرەتنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە رىقابەت كۈچىنىڭ يوقىلىشى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ رىقابىتى، شۈبھىسىزكى، ئىقتىسادىي قۇدرىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە خىتايغا سېلىشتۇرغاندا نىسپىي تۆۋەنلىشىدۇر. ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىقتىسادى 2008-يىلدىكى يەرشارى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان رىقابەتتە كۆرۈنەرلىك ئارقىدا قالغان بولۇپ، 2008-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭكىدىن سەل چوڭراق بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ تەڭپۇڭلۇق پۈتۈنلەي بۇزۇلغان. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە تېخنىكا تەرەققىياتى ياۋروپادىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ياۋروپا ھازىر «كونا قىتئە» بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت ئەنئەنىۋى سانائەتكىلا تايىنىپ قېلىپ،دىجىتال ئىقتىساد ۋە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە ئارقىدا قالماقتا. تېخنىكا ساھەسىدىكى بۇ ئارقىدا قېلىش ياۋروپانىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق ئامىل بوپ قالغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ (مەسىلەن، ئالما، گۇگۇل، مىكروسوفت قاتارلىقلار) ھېچقايسىسىنىڭ ياۋروپادىن چىقماسلىقى بۇنىڭ تىپىك ئىسپاتىدۇر. ياۋروپا گەرچە قانۇن-تۈزۈم ۋە ئۆلچەم بەلگىلەش جەھەتتە«بىريۇسسېل ئېففېكتى» (Brussels Effect) [1] دەپ ئاتىلىدىغان يەرشارىۋى تەسىرگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئاپتورلارنىڭ تەكىتلىشىچە، قائىدە بەلگىلەش كۈچى ھەقىقىي تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىش ۋە بازار ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ ۋە ياۋروپا پەقەت «رېپېر» (قائىدە بەلگىلىگۈچى) بولۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، «توپچى» (ئويۇن ئوينىغۇچى) بولۇش سالاھىيىتىنى يوقىتىپ قويماقتا.

ئېنېرگىيە كىرىزىسى ۋە سانائەتنىڭ سىرتقا كۆچۈشى ياۋروپا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەرگەن يەنە بىر مۇھىم ئامىلدۇر. بولۇپمۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ياۋروپا، بولۇپمۇ گېرمانىيە ئەرزان باھالىق رۇسىيە تەبىئىي گازىغا بېقىنىپ قالغىنى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئېنېرگىيە كۆپ سەرپ قىلىدىغان ئېغىر سانائەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى يوقىتىشىغا سەۋەب بولدى. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ياۋروپا شىركەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ياكى ئاسىياغا يۆتكىمەكتە، بۇ جەرياندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «پۇل پاخاللىقىنى تۆۋەنلىتىش قانۇنى» (Inflation Reduction Act) ئارقىلىق يېشىل ئېنېرگىيە ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائەتكە زور مىقداردا ياردەم پۇلى بېرىشى، ياۋروپا مەبلىغىنىڭ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئۇ قېتىغا ئېقىپ كېتىشىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپانىڭ ئىچكى بازىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىدىكى يېتەرسىزلىكلەر، بولۇپمۇ بانكا ئىتتىپاقى ۋە مەبلەغ بازىرى ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلەشمەسلىكى، ياۋروپادىكى ئىجادكار كارخانىلارنىڭ چوڭىيىشى ئۈچۈن كېرەكلىك مەبلەغ مەنبەسىگە ئېرىشىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن. ئاپتورلار بۇ نۇقتىنى تەھلىل قىلىپ، ياۋروپانىڭ پەقەت كونا بايلىقنى قوغداش بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ، يېڭى بايلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ۋە يېڭى پىكىرلەرنىڭ ياۋروپادىن ئايرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاچچىق رېئاللىق سۈپىتىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ياۋروپانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمۇ زور سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇرۇن ياۋروپا ئۈچۈن پەقەت  بازار بولسا ، ئەمدىلىكتە كۈچلۈك بىر سانائەت رىقابەتچىسىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى ۋە يېشىل تېخنىكا ساھەسىدە خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىنى تېز سۈرئەتتە ئىگىلىۋېلىشى، ياۋروپانىڭ ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل سانائىتىگە، جۈملىدىن گېرمانىيە ماشىنىسازلىقىغا ئەجەللىك زەربە بەرمەكتە. ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتا «خەتەرسىزلەشتۈرۈش» (De-risking) ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئېغىر ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولۇپ، بىر تۇتاش ۋە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش تەدبىرى يۈرگۈزۈشتە قىينالماقتا. ياۋروپا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستېمىسىنىڭ ئېغىر يۈكى ۋە نوپۇس قېرىش مەسىلىسىمۇ ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقان يەنە بىر مۇھىم ئامىل بولۇپ، دۇنيادىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق چىقىمىنىڭ زور بىر قىسمىنى ياۋروپانىڭ كۆتۈرۈۋاتقانلىقى، ئەمما ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ بۇ چىقىمنى قامداشقا يېتىشمەيۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئاپتورلارنىڭ خۇلاسىسىگە كۆرە، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى تېزدىن ئۈنۈملۈك] ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارمىسا، بۇ ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق چېكىنىش ياۋروپانى دۇنيا سەھنىسىدىن سىقىپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئىككىنچى قىسىم: «ياۋروپا ئىگىلىك ھوقۇقى» نىڭ خام خىيالغا ئايلىنىشى ۋە گېئو-سىياسىي ئاجىزلىق

ماقالىدە ئەڭ كۈچلۈك تەنقىت قىلىنغان نۇقتىلاردىن بىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، بولۇپمۇ فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن «ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق» (Strategic Autonomy) ياكى «ياۋروپا ئىگىلىك ھوقۇقى» چۈشەنچىسىنىڭ رېئاللىقتا قانداق مەغلۇپ بولغانلىقىدۇر. ئاپتورلار، ياۋروپانىڭ ئۆزىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە خىتايدىن مۇستەقىل بولغان ئۈچىنچى بىر كۈچ سۈپىتىدە تىكلەش ئارزۇسىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئارقىلىق بەربات بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىنىڭ ياۋروپانىڭ ھەربىي بىخەتەرلىك جەھەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا نەقەدەر قاتتىق تايىنىدىغانلىقىنى ئوپ-ئوچۇق ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) نىڭ قايتىدىن جانلىنىشى ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىشى، ئەمەلىيەتتە ياۋروپانىڭ مۇستەقىل مۇداپىئە ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقىنىڭ ۋە «ياۋروپا ئارمىيەسى» قۇرۇش غايىسىنىڭ سۇغا چىلاشقانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ قالدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «يۇمشاق كۈچ» (Soft Power) كە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كەتكەنلىكى، يەنى سودا ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ دەپ قارىشى (مەسىلەن، گېرمانىيەنىڭ «سودا ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» سىياسىتى)، رۇسىيەنىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇقى ئالدىدا ئۈنۈمسىز بولۇپ چىقتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، ياۋروپا بارغانسېرى «كىچىك شېرىك» (Junior Partner) بولۇپ قېلىۋاتقان بولۇپ، ياۋروپا رەھبەرلىرى ۋاشىنگتوننىڭ قارارلىرىغا ئەگىشىشكە مەجبۇر بولماقتا ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تاشقى سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالماقتا. مەسىلەن، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، ياۋروپا دەسلەپتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئوتتۇرھال يول تۇتۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ۋە خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشى سەۋەبىدىن، ياۋروپا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيەسىگە يېقىنلىشىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ئەھۋال ياۋروپانىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى «تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى كۈچ» بولۇش رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇپ، ئاپتورلارنىڭ تەھلىلىچە، ياۋروپا ھازىر ئىككى چوڭ كۈچ (ئامېرىكا ۋە خىتاي) ئارىسىدىكى مۇستەقىل ئاكتىيور ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كۈچ سىنىشىدىغان مەيدانىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ياۋروپانىڭ دىققىتىنى ۋە بايلىقىنى پۈتۈنلەي شەرقىي چېگراسىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە مەجبۇر قىلىپ، جەنۇبتىكى (ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق) ۋە باشقا رايونلاردىكى تەسىرىنى ئازايتىۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن يەرشارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى (Global South) دۆلەتلەر بارغانسېرى خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىرىگە ئۆتۈپ كەتمەكتە.

خىتاي ئامىلى گېئو-سىياسىي تەھلىلنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئاپتورلار خىتاينىڭ ياۋروپانى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقدىشى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئاجىز بىر ھالقا سۈپىتىدە كۆرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئانالىز قىلىدۇ. خىتاي ياۋروپادىكى ئىچكى زىددىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئەزا دۆلەتلەرنى بىر-بىرىگە قارشى قويۇش (بۆلۈپ پارچىلاش) تاكتىكىسىنى قوللانماقتا، مەسىلەن، ۋېنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى يېنىغا تارتىپ  ئايرىم مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى پىكىر بىرلىكى بىلەن سىياسەت قوللىنىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنماقتا. ياۋروپا ئىچىدىكى گېئو-سىياسىي بۆلۈنۈشمۇ ئېغىر مەسىلە بولۇپ، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى (پولشا، بالقان) بىلەن غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى (فىرانسىيە، گېرمانىيە) ئوتتۇرىسىدىكى رۇسىيەگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ۋە ئامېرىكا بىلەن قانچىلىك يېقىنلىشىش مەسىلىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىختىلاپلار كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇ ئىچكى بۆلۈنۈش ۋە سىرتتىن كەلگەن بېسىم، ياۋروپانىڭ «ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق» نى شوئار قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە «ئىستراتېگىيەلىك تايىنىش» ھالىتىگە، يەنى بىخەتەرلىكتە ئامېرىكىغا، تەمىنات زەنجىرىدە خىتايغا تايىنىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۈچىنچى قىسىم: سىياسىي بۆلۈنۈش، لىدىرلىق كىرىزىسى ۋە ئىچكى ئىسلاھاتنىڭ تەخىرسىزلىكى

ماقالىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تېمىسى ياۋروپانىڭ ئىچكى سىياسىي ھالىتى ۋە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان بولۇپ، ئاپتورلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنئەنىۋى «موتورى» ھېسابلىنىدىغان فىرانسىيە-گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىدۇ. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنىڭ ئېھتىياتچان، ئاستا قارار چىقىرىش ئۇسلۇبى بىلەن فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ چوڭ سۆزلەيدىغان، ئەمما ئەمەلىيىتى ئاز بولغان ھەمدە دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئۇسلۇبى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ياۋروپانىڭ بىرلىكىگە ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، ئاشقۇن ئوڭچىل كۈچلەرنىڭ ۋە پوپۇلىزمنىڭ ياۋروپا مىقياسىدا، ئىتالىيەدىن تارتىپ گوللاندىيەگىچە، ھەتتا گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەگىچە بولغان دۆلەتلەردە باش كۆتۈرۈشى، ياۋروپا بىر گەۋدىلىشىش جەريانىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى. بۇ ئوڭچىل كۈچلەر كۆپىنچە كۆچمەن قوبۇل قىلىشقا قارشى تۇرۇش، دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە يېشىل سىياسەتلەرنىڭ تەننەرخىگە نارازى بولۇش شوئارلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل سىياسىي پارچىلىنىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جىددىي ۋە قىيىن قارارلارنى ئېلىشتا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىش خەۋپىنى تۇغدۇرماقتا.

كۆچمەنلەر مەسىلىسى ياۋروپانىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسى بولۇپ قالغانلىقى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ ياۋروپا جەمئىيىتىنى قۇتۇپلاشتۇرۇپ، سىياسىي مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ماقالىدە ئالاھىدە تەھلىل قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ جەنۇبتىكى چېگرا دۆلەتلىرى بىلەن شىمالدىكى باي دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىش مەسىلىسىدە ئېغىر ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئورتاق ۋە ئۈنۈملۈك بىر كۆچمەنلەر سىياسىتى تۈزۈشتە مەغلۇپ بولدى. بۇ ئىچكى زىددىيەت ياۋروپانىڭ سىرتتىكى ئىناۋىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتا ۋە قوش ئۆلچەم قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىنىشىگە سەۋەب بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى كىرىزىس مەزگىلىدە تېز ئىنكاس قايتۇرۇشقا ماسلاشمىغان بولۇپ، ھەر بىر مۇھىم قارار ئۈچۈن 27 دۆلەتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش زۆرۈرىيىتى، ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتنى ئاستىلىتىپ قويماقتا.

ئاخىرىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىش سىياسىتىدىكى قىيىنچىلىقلارمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇكرائىنا، مولدوۋا ۋە غەربىي بالقان دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئىتتىپاقنىڭ ھازىرقى قۇرۇلمىسىنىڭ ۋە خامچوتىنىڭ يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىشقا مۇۋاپىق ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىش رۇسىيەگە قارشى بىر گېئو-سىياسىي قورال بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئىتتىپاقنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىش خەۋپىمۇ يوق ئەمەس. ئاپتورلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى «كېڭىيىش»زۆرۈرىيىتى بىلەن «چوڭقۇرلىشىش» (ئىچكى ئىسلاھات) زۆرۈرىيىتى ئوتتۇرىسىدا تەڭقىسلىقتا قالغان بولۇپ، ئىچكى تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلماي تۇرۇپلا كېڭىيىش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ  ئەسلىدىنلا نازۇك بولغان بىرلىكىنى ۋە قارار چىقىرىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ۋەيران قىلىشى مۇمكىن.

خۇلاسە ۋە باھالاش: ماقالىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە بەزى يېتەرسىزلىكلىرى

ماتتىياس ماتتېيىس ۋە ناتالى توچچى تەرىپىدىن يېزىلغان مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئارتۇقچىلىقى ۋە ئىلمىي قىممىتى ،  ياۋروپا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە قارىتا ئىنتايىن رېئالىستىك، ھەتتا «رەھىمسىز» دېيىشكە بولىدىغان دەرىجىدە ئوچۇق بىر دىياگنوز قويغانلىقىدۇر. ئاپتورلار كۆپىنچە ياۋروپا تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقان «ياۋروپا ئۈمىدۋارلىقى» دىن ياكى «مەنىۋى غەلىبە» مايىللىقىدىن دادىللىق بىلەن ھالقىپ ئۆتۈپ، «يۇمشاق كۈچ» (Soft Power) ئەپسانىسىنىڭ نۆۋەتتىكى رەھىمسىز گېئو-سىياسىي رىقابەت ئالدىدا قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى تەگ-تېگىدىن ئېچىپ تاشلىغان. ماقالىدە ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار، تېخنىكىلىق ئارقىدا قېلىش رېئاللىقى ۋە سىياسىي بۆلۈنۈش مەسىلىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھادىسە سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە بىر-بىرىنى كۈچەيتىدىغان زەنجىرسىمان مۇناسىۋەت سۈپىتىدە چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىل كۆپ قاتلاملىق ۋە سىستېمىلىق ئانالىز ئۇسۇلى، ئوقۇرمەنلەرگە ياۋروپانىڭ دۇچ كەلگەن كىرىزىسىنىڭ ۋاقىتلىق بىر تەۋرىنىش ئەمەس، بەلكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك بىر چېكىنىش ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەن.

شۇنداقلا، ھەر قانداق ئىلمىي ئەسەردە بولغىنىدەك، بۇ ماقالىنىڭمۇ مەلۇم  جەھەتتىن چەكلىمىلىكى بار دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ  ئاپتورلارنىڭ مەسىلىگە ئېھتىياتچان ۋە تەنقىدىي كۆز بىلەن قارىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئاپتورلار ياۋروپانىڭ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىغا بەكرەك مەركەزلىشىپ كەتكەچكە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تارىختىكى كىرىزىسلاردىن «توقۇنۇش ئىچىدىمۇ ئىلگىرىلەش» ئارقىلىق ئۆتۈش ئىقتىدارىنى ۋە تۈزۈلمە جەھەتتىكى چىدامچانلىقىنى يېتەرلىك كۆزدە تۇتمىغان .بۇنىڭدىن باشقا، مۇۋەپپەقىيەت ئۆلچىمى سۈپىتىدە ئامېرىكا ئۆلچەملىرىنىڭ (GDP  ۋە ھەربىي قۇدرەت قاتارلىق) ئاساس قىلىنىشى، ياۋروپانىڭ ئىجتىمائىي باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىنىڭ  «ئىقتىسادىي تەننەرخ» دەپ چۈشىنىلىشىگە سەۋەب بولۇپ، ياۋروپاغا خاس  تەرەققىيات ئەندىزىسى يارىتىش ئېھتىماللىقى ئامېرىكا ئۆلچەملىرىنىڭ كۆلەڭگۈسىدە قالدۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماقالىنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ۋە ئىقلىم ئۆزگىرىشى سىياسىتىگە بولغان باھاسىنىمۇ ئويلىشىپ بېقىش كېرەك بولۇپ، ئاپتورلار ياۋروپانىڭ يېشىل ئېنىرگىيە ئۆتكۈنچى دەۋر سىياسىتىنى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئامىل سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە مايىل بولغان. بىراق، يىراقنى كۆزلىگەندە ، ياۋروپانىڭ كاربونسىزلاشتۇرۇشقا ۋە يېشىل تېخنىكىلارغا سالغان مەبلىغى، كەلگۈسىدىكى يەرشارى ئىقتىسادىدا يېڭى بىر رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلىنىش ئېھتىماللىقىغا يېتەرلىك ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىمىغان. يىغىپ ئېيتقاندا، «ياۋروپا قانداق قىلىپ ئۇتتۇرۇپ قويدى؟» ماقالىسى ياۋروپانىڭ نۆۋەتتىكى كېسەللىكلىرىگە قويۇلغان دەل ۋە ئېنىق دىياگنوز بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈنمۇ دۇنيانىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ قانداق ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە پايدىلىنىش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

ئىزاھاتلار:

[1] «بىريۇسسېل ئېففېكتى» (The Brussels Effect): ئامېرىكالىق قانۇنشۇناس ئانۇ بىرادفورد (Anu Bradford) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاتالغۇ بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز بازىرى ئۈچۈن تۈزگەن قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ (مەسىلەن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىكى قاتارلىق) ئەمەلىيەتتە يەرشارىۋى ئۆلچەمگە ئايلىنىپ قېلىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ.

[2] «خەتەرسىزلەشتۈرۈش» (De-risking): ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيەسىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزۈش (Decoupling) ئەمەس، بەلكى ھالقىلىق ساھەلەردىكى تايىنىشنى ئازايتىش ئارقىلىق خەتەرنى تۆۋەنلىتىش ئىستراتېگىيەسى.

مەنبە:

Matthijs, M., & Tocci, N. (2025). How Europe Lost: The Old Continent’s New Peril. Foreign Affairs.

https://www.foreignaffairs.com/united-states/how-europe-lost-matthijs-tocci

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*