يەر شارى كۈچ رىقابىتى، تەشكىلاتلار كىرىزىسى ۋە كەلگۈسى تەسەۋۋۇرى
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار
2025-يىلى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئورنىدا نېگىزلىك بۇرۇلۇش ھاسىل بولغان بىر يىل بولدى. ئۆتكەن يىللاردا خەلقئارا دىپلوماتىيە ساھەسىدە پەقەت «نارازىلىق بىلدۈرۈش» ياكى «تەنقىد قىلىش» بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتقان پاسسىپ پوزىتسىيە، 2025 -يىلىغا كەلگەندە ئاكتىپ ھالدا «ھېساب ئېلىش»، «ئېمبارگو يۈرگۈزۈش» ۋە «ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەكلەش» باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بولۇپمۇ دېموكراتىك غەرب بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق ھەمكارلىقتىن«تولۇق ئايرىلىش» (Decoupling) مۇساپىسىنىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئەمدىلىكتە پەقەت بىر ئىنسانىي ھوقۇق كىرىزىسىلا ئەمەس، بەلكى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەلىرىنىڭمۇ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارىلىشقا باشلىدى.
بىراق، ۋەزىيەتنىڭ بۇ ئاكتىپ تەرىپى بىلەن بىرگە، خەلقئارا سىستېمىدا پەيدە بولۇۋاتقان چوڭ يېرىقلار ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن جىددىي خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. 2025-يىلى داۋامىدا كۈچەيگەن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ يەر شارىۋى تەسىرى، ئوتتۇرا شەرق كىرىزىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىدىكى داۋالغۇشلار، خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا نۇقتىلارغا بۇرۇۋەتتى. خەلقئارا تەرتىپنىڭ پارچىلىنىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش تەرەپسىز مېخانىزملارنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئەنئەنىۋى كىشىلىك ھوقۇق دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى. بۇ ئەھۋال، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ خەلقئارا سىياسىي كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قېلىش ياكى «چەتكە ئىتتىرىپ قويۇلۇش» (Marginalization) ۋەزىيىتىنى كۈچەيتىۋەتتى.
ئىستراتېگىيەلىك ئانالىز دوكلاتلىرى ۋە سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، گەرچە غەرب دۆلەتلىرى قانۇنىي جەھەتتىن قەدەملەرنى تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما يەر شارى مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش دولقۇنىدا مەلۇم دەرىجىدە تۇرغۇنلۇق، ھەتتا سۇسلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە گېئو-سىياسىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە «مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» سىياسىتىگە قايتىشقا باشلىدى. بۇ خىل ۋەزىيەت، خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى تەشۋىقات ۋە دىپلوماتىيە ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇشتا ئۇيغۇر تەرەپنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
بۇ دوكلاتىمىزدا، 2025-يىلىدىكى بۇ مۇرەككەپ مەنزىرىنى، يەنى بىر تەرەپتىن خىتايغا ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ كۈچىيىشى، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا قوللاشنىڭ سۇسلىشىشىدىن ئىبارەت ئىككى خىل رېئاللىقنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىمىز. مەقسەت، كۆرۈنۈشتىكى دىپلوماتىك ئۇتۇقلارنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئىستراتېگىيەلىك خەۋپلەرنى يورۇتۇپ بېرىش ۋە 2026-يىلى ئۈچۈن رېئال بىر يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر.
يەر شارى ئاكتىيورلىرىنىڭ سىياسەتلىرى: خىتاي، غەرب ۋە CAI كېلىشىمى خەۋپى
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2025-يىللىق ئىستراتېگىيەسى تەكشۈرۈلگىنىدە، ھاكىمىيەتنىڭ خەلقئارا بېسىملارنى يېنىكلىتىش ۋە ئېمبارگولاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن «كۆرۈنمەس ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تاكتىكىسىغا ئۆتكەنلىكى ئېنىقلاندى. جازا لاگېرلىرىنىڭ بىر قىسمى شەكىل جەھەتتىن نامدا«سانائەت باغچىسى» ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىچكى قىسىمدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مېڭە يۇيۇش پائالىيەتلىرى رەقەملىك كۆزىتىش سىستېمىلىرى ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. خىتاي يەنە «ساياھەت دىپلوماتىيەسى» نى كۈچەيتىپ، چەت ئەللىك ژۇرنالىستلار ۋە دىپلوماتلارنى ئالدىن تەييارلانغان ساياھەت نۇقتىلىرىغا ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، رايوننىڭ «مۇقىم ۋە بەختلىك» ئىكەنلىكى ھەققىدە ساختا بايانلارنى تارقىتىشقا ئۇرۇندى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2025-يىلى شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى «توقۇنۇش خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي مۇھاسىرە» ئاساسىغا قۇرۇپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئامېرىكا پەقەت توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەنلا چەكلەنمەستىن، ئېلېكتىرلىق ئاپتوموبىل باتارېيەلىرى، ئاليۇمىن ۋە باشقا ھالقىلىق خام ئەشيالارنىمۇ تەكشۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، «ۋاسىتىلىك ئېمبارگولار» (Secondary Sanctions) مېخانىزمىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، خىتاي بىلەن سودا قىلىدىغان ئۈچىنچى دۆلەت شىركەتلىرىنىمۇ بېسىم ئاستىغا ئېلىش ئارقىلىق يەر شارى سودىسىدا بىر «مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن پاكىز زەنجىر» بەرپا قىلىشقا تىرىشتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدە بولسا، «كارخانا سىجىللىقىدا ئېھتىياتچانلىق مەجبۇرىيىتى كۆرسەتمىسى» (CSDDD) نىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە ۋولكىسۋاگېن (Volkswagen) قاتارلىق ماگناتلارنىڭ رايوندىن چېكىنىشى مۇھىم بىر ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ. بىراق، نۆۋەتتە ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم ۋە خەتەرلىك بىر يوشۇرۇن تەھدىت باش كۆتۈرمەكتە. بۇ بولسىمۇ، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى پۈتۈشۈلگەن، ئەمما ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە خىتاينىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسى سەۋەبىدىن توڭلىتىپ قويۇلغان «خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى»نىڭ قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كېلىشىدۇر.
خىتاي ھاكىمىيىتى نۆۋەتتە ياۋروپادىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە ئېنېرگىيە قىيىنچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ كېلىشىمنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا ۋە توڭلىتىش قارارىنى بىكار قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاينىڭ تەمىنلىگەن كاپالەتلىرى، ۋەدىلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئېزىقتۇرۇشلىرى سەۋەبىدىن، ياۋروپادىكى بەزى سودا گۇرۇھلىرى ۋە سىياسەتچىلەر توڭلىتىپ قويۇلغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمنىڭ «ئەسلىگە كەلتۈرۈش» نى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. ئەگەر خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە بۇ كېلىشىم ئىجرا قىلىنىشقا باشلىسا، ياۋروپانىڭ خىتايغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق بېسىمى زور دەرىجىدە سۇسلاپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەت كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتىدۇ.
بۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى، ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زور ئوڭۇشسىزلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ تەستىقلىنىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى قۇرغان بىرلىكسېپىنىڭ پارچىلىنىشىنى ۋە ياۋروپا بازىرىنىڭ خىتاي مەبلىغى ئۈچۈن قايتىدىن كەڭ ئېچىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەھۋال، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا سىياسىي سەھنىسىدىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ۋە خىتاينىڭ ياۋروپادىكى تەشۋىقات كۈچىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەھۋالى: كەسپىيلىشىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك توسالغۇلار
ئۇيغۇر مۇھاجىرىتى ۋە پۇقرالار جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرىنىڭ 2025-يىلىدىكى خىزمەت يۆنىلىشى كۆزدىن كەچۈرۈلگىنىدە، ئەنئەنىۋى ئىنكاس قايتۇرۇش ئۇسۇلىدىن سانلىق مەلۇماتنى ئاساس قىلغان ئورگانلىشىش باسقۇچىغا ئۆتۈۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ خىزمەت مېخانىزمىدا، كوچا نامايىشلىرىنىڭ نىسبىتى ئازىيىپ،خىتاي تەمىنات زەنجىرلىرىنى تەكشۈرۈش، قانۇنىي دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاش ۋە ئىلىم-پەن ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش قاتارلىق كەسپىي پائالىيەتلەرنىڭ نىسبىتى ئاشتى. بۇ ئۆزگىرىش، خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە تېخىمۇ ئىشەنچلىك بىر دىپلوماتىك تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.
تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ساھەدىكى تىرىشچانلىقلىرى، بولۇپمۇ ئارگېنتىنا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى سوت مەھكىمىلىرىگە سۇنۇلغان دېلولاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى بەردى. «ئۇنىۋېرسال ئەدلىيە تەۋەلىكى» پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئېچىلغان دەۋالاردا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ رايوندىكى تىجارىتىنى توختىتىشقا مەجبۇرلىنىشى، بۇنىڭ كونكرېت نەتىجىلىرى سۈپىتىدە خاتىرىلەندى. بۇ خىل ئىستراتېگىيەلىك دەۋالار، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى قانۇنىي ئىناۋىتىگە بېسىم ئىشلىتىشتە مۇھىم قورالغا ئايلاندى.
بىراق، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلارنىڭ يەر شارى كۈنتەرتىپىنى ئىگىلىۋېلىشى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سىياسەت ۋە جامائەت پىكىرىدىكى ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خەلقئارالىق فوندى جەمئىيەتلەر ۋە ئىئانە قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ دىققىتىنىڭ ۋە بايلىق مەنبەلىرىنىڭ باشقا رايونلارغا يۆتكىلىشى، تەشكىلاتلارنىڭ كەسپىي خادىملارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرلەرنى يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويدى.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «چېگرا ھالقىغان بېسىم» (Transnational Repression) ى تەشكىلاتلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ توسالغۇلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى مۇھاجىرەتتىكى شەخسلەرنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ياكى بېسىم قىلىش ئارقىلىق، سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى چەكلەشكە ئۇرۇنماقتا. بۇ خىل ئۇسۇل، تەشكىلاتلارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى كېڭەيتىشىگە ۋە يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىشىغا بىۋاسىتە توسقۇنلۇق قىلماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا، رەقەملىك دۇنيادىكى «ئۇچۇر-پىسخىكا ئۇرۇشى» (Cognitive Warfare) ۋە ساختا ئۇچۇر ھەرىكەتلىرى تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا تەھدىت سالماقتا. خىتاي تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن تور ھۇجۇملىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى تەتۈر تەشۋىقاتلار، تەشكىلاتلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈش ۋە مۇھاجىرەت جەمئىيىتى ئىچىدە ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلىشنى نىشان قىلماقتا. بۇ خىل رەقەملىك بېسىم، تەشكىلاتلارنىڭ ئېنېرگىيەسىنى ئىچكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا سەرپ قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا ۋە تاشقى دىپلوماتىيەدىكى ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىشىشىگە سەۋەب بولماقتا.
تەشكىلاتلارنىڭ يەنە بىر ئىستراتېگىيەلىك ئاجىزلىقى، خەلقئارا ئىتتىپاقداشلارنى كۆپ خىللاشتۇرۇشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلاردۇر. غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق كۈچەيگەن بولسىمۇ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دۆلەتلەر، خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە باشقا تېماتىك تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يېتەرلىك سەۋىيەدە ئەمەس. خىتاينىڭ بۇ رايونلاردىكى ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك تەسىر كۈچى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى چەكلەپ قويماقتا.
ئاخىرىدا، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى پاسسىپلىق، تەشكىلاتلارنىڭ رايونلۇق دىپلوماتىيەسىدە بوشلۇق ياراتتى. كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تەسىرىنى چەكلەپ قويدى. بۇ ئەھۋال، تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارا مۇنبەرلەردە، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا قوللاشقا ئېرىشىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى.
2026 – يىللىق ئىستراتېگىيەلىك مۆلچەرلەر: خىرىس ۋە ئېھتىماللىقلار
2026-يىلىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە «يېشىل ئېنېرگىيەگە ئۆتۈش» بىلەن «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەجبۇرىيىتى» ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش يىلى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى، لىتىي ۋە ئېلېكتىرلىق ئاپتوموبىل باتارېيەسى ئىشلەپچىقىرىشىدىكى يەر شارىۋى مونوپوللۇق ئورنى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش نىشانى بىلەن تەمىنات زەنجىرىدىكى ئەخلاقىي ئۆلچەملەر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى «كىشىلىك ھوقۇقتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى»دىن ئۈستۈن قويۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.
شەرقىي تۈركىستاندا ئۇچۇر كونتروللۇقى 2026-يىلى تېخىمۇ كۈچىيىشى ۋە «سىرىتقى دۇنيادىن رەقەملىك ئايرىۋېتىش» تولۇق ئەمەلىيلىشىشى مۇمكىن. يېڭى ئەۋلاد تور بىخەتەرلىك سىستېمىلىرى ۋە سۈنئىي ئەقىلنى ئاساس قىلغان كۆزىتىش تېخنىكىلىرىنىڭ قوللىنىلىشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىن سىرتقا ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇمات چىقىرىش ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتكە كېلىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال، خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ يېڭى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئېرىشىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، رايون ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ.
خەلقئارا قانۇن ساھەسىدە، 2026-يىلى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (ICC) ياكى ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا قانۇنىي تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا قارىتا تۇتۇش بۇيرۇقى ياكى جازالاش قارارلىرىنىڭ چىقىرىلىشى، گەرچە ئىجرا قىلىنىش قىيىنچىلىقى بولسىمۇ، خىتاينىڭ دىپلوماتىك ئىناۋىتىگە قانۇنىي جەھەتتىن زەربە بېرىدىغان ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئەيىبلىمىسىنى رەسمىي دەلىللەيدىغان بىر قەدەم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە «خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى»نىڭ قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كېلىشى، 2026-يىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك خەۋپلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە باھالانماقتا. ياۋروپادىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ۋە خىتاينىڭ دىپلوماتىك بېسىمى سەۋەبىدىن، بۇ كېلىشىمنى توڭلىتىش قارارىنىڭ بىكار قىلىنىپ، قايتىدىن ئىجرا قىلىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىلىماقتا. ئەگەر بۇ كېلىشىم تەستىقلانسا، ياۋروپانىڭ خىتايغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈشى كۈتۈلمەكتە.
يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدە «تولۇق ئايرىلىش» (Decoupling) يۈزلىنىشىنىڭ 2026-يىلى تېخىمۇ تېزلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. كۆپ دۆلەتلىك شىركەتلەر گېئو-سىياسىي خەۋپ-خەتەرلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى خىتايدىن ۋىيېتنام، ھىندىستان ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكەش سۈرئىتىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال، ئۇزۇن مۇددەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بېسىم قوراللىرىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن بولسىمۇ، قىسقا مۇددەتتە يەر شارى سودىسىدا تەننەرخنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، 2026-يىلى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ھەم قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملار كۈچىيىدىغان، ھەم گېئو-سىياسىي رىقابەت ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى كەسكىنلىشىدىغان بىر يىل بولىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە پىرىنسىپ بىلەن مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ساقلىشى، مەسىلىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالىدۇ.
ئىستراتېگىيەلىك يول خەرىتىسى ۋە تەكلىپلەر
بۇ خىل مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپتە قايتىدىن جانلاندۇرۇش ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىستراتېگىيەلەرنى يولغا قويۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ:
بىرىنچىدىن، «قايتا كۈنتەرتىپكە كېلىش» ئۈچۈن يېڭىچە بايان (Narrative) يارىتىش كېرەك. خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پەقەت بىر مىللەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى يەر شارىۋى تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، دېموكراتىك قىممەت قاراشلارغا ۋە دۆلەتلەرنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىكىگە بولغان بىۋاسىتە تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش لازىم. مەسىلىنى «قۇربانلىق» رامكىسىدىن چىقىرىپ، «يەر شارىۋى خەۋپسىزلىك» رامكىسى ئىچىدە قايتىدىن ئىزاھلاش، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
ئىككىنچىدىن، خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىگە قارشى تۇرۇشنى ياۋروپادىكى پائالىيەتلەرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش زۆرۈر. ياۋروپادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە لوبى گۇرۇپپىلىرى بارلىق كۈچىنى «خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» نىڭ قايتا يولغا قويۇلىشىغا قارشى تۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. بۇ كېلىشىمنىڭ ياۋروپانىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى دەلىللەر بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئەزا دۆلەتلەرگە ئاڭلىتىش، بۇ خەتەرلىك قەدەمگە توسقۇنلۇق قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولىدۇر.
ئۈچىنچىدىن، ئىتتىپاقداشلارنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. يالغۇز غەرب ھۆكۈمەتلىرىگىلا تايىنىپ قالماستىن، يەر شارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دۆلەتلەر (Global South)، خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش گۇرۇپپىلىرى بىلەن «مەنپەئەتتىن ھالقىغان» ئىنسانىي ھەمكارلىق ئورنىتىش لازىم. بۇ خىل گورىزونتال ئىتتىپاقلىق، خىتاينىڭ دىپلوماتىك قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
تۆتىنچىدىن، ئىچكى قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش ۋە خادىملارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. تەشكىلاتلارنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ۋە «كۈرەش ھارغىنلىقى» غا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى يېڭى ئەۋلاد زىيالىيلارنى ۋە ياشلارنى سەپەرۋەر قىلىش، ئۇلارنى زامانىۋى بىلىم ۋە تېخنىكا بىلەن قوراللاندۇرۇش كېرەك. كەسپىي قوشۇن بەرپا قىلىش، تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە خىراجەت كەمچىللىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭىچە مەبلەغ توپلاش يوللىرىنى ئىزدەش، دەۋانىڭ سىجىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.
بەشىنچىدىن، تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلار قانۇنىي ۋە سىياسىي ساھەدە ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپلەرگە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. بولۇپمۇ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى لايىھەسى ئىمزالانغان «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (TBMM) تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ قانۇنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، 2026-يىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بولۇشى لازىم. بۇ كېلىشىمنىڭ تەستىقلىنىشى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ۋە سىياسىي پارتىيەلەرگە ئاڭلىتىش، بۇ جەھەتتە لوبى پائالىيەتلىرىنى جىددىي داۋاملاشتۇرۇش شەرت.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















