ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار
ئامېرىكادا نەشر قىلىنىدىغان نوپۇزلۇق ئىلمىي ۋە سىياسىي ژۇرنال «دۆلەتلىك ئوبزور» (National Review) نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، سابىق فېدېراتسىيە تەپتىشى ئاندرېۋ ك. ماككارتى (Andrew C. McCarthy) نىڭ «ترامپنىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن ئۆزەك ئېكسپورت كېلىشىمى ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ سودىدا سېتىلىشى» ناملىق ماقالىسى، 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئىلغار ئۆزەكلەرنى سېتىش بەدىلىگە سودا كىرىمىدىن ئۈلۈش ئېلىش سىياسىتى قانۇنىي، ئىستراتېگىيەلىك ۋە سىياسىي نۇقتىدىن چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان. ئاپتور بۇ ماقالىدە نۆۋەتتىكى ئامېرىكا تاشقى سودا سىياسىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق پىرىنسىپلارغا، جۈملىدىن ھوقۇق ئايرىش تۈزۈمىگە ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك دۆلەت مەنپەئەتىگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرلىرىنى ئىلمىي دەلىللەر بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن.
ماقالىنىڭ يادرولۇق تېمىسى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنۋىدىيا (Nvidia) شىركىتىنىڭ ئىلغار H200 تىپلىق مىكرو ئۆزەكلىرىنى خىتايغا سېتىشىغا رۇخسەت قىلىشى ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە ھۆكۈمەتنىڭ %25 لىك پايدا ئۈلۈشىنى ئېلىشنى قارار قىلىشىدۇر. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل «مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش» (pay-to-play) ئەندىزىسىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەنئەنىۋى مۇتەئەسسىپ قىممەت قارىشىدىن ۋاز كېچىپ، دۆلەت ھوقۇقىنى ئىقتىسادىي ساھەگە ھەددىدىن زىيادە كېڭەيتىش (statism) يۈزلىنىشىنى كۆرسەتمەكتە. ئاپتور ئامېرىكانىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق گېئو-سىياسىي رەقىبى بولغان خىتاي بىلەن بولغان بۇ خىل سودىنىڭ، ئامېرىكانىڭ سۈنئىي ئىدراك ۋە ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۈستۈنلۈكىگە يوشۇرۇن تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.
ماقالىدە ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئېكسپورت سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇنىڭ خەۋپلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان. گەرچە ھۆكۈمەت 8-ئايدا خىتايغا تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆزەكلەرنى سېتىشتا %15 لىك ئۈلۈش ئېلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، يېڭى ئېلان قىلىنغان %25 لىك كېلىشىم تېخىمۇ ئىلغار H200 ئۆزەكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئىستراتېگىيەلىك خەۋپ دەرىجىسى يۇقىرى دەپ قارالغان. ئاپتور سىيرەك مېتاللار (rare earths) ساھەسىدىكى ئامېرىكا ئۈستۈنلۈكىنىڭ يوقىلىش جەريانىنى مىسالغا ئېلىپ، ئۆزەك تېخنىكىسىدىمۇ ئوخشاش تارىخىي خاتالىقنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گەرچە ئامېرىكا ھازىرچە ئەڭ ئىلغار بولغان «Blackwell» ۋە «Rubin» ئۆزەكلىرىنىڭ ئېكىسپورتىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، H200 ئۆزىكىنىڭ خىتاينىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىغا قوشىدىغان تۆھپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئاپتور يەنە سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋە مەمۇرىيەتنىڭ «خىتايغا تېخنىكا سېتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئامېرىكاغا بېقىندى قىلىپ قويغىلى بولىدۇ» دېگەن قارىشىغا ئىلمىي رەددىيە بېرىدۇ. تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ غەرب بىلەن سودا قىلىشتىكى تۈپ مەقسىتى لىبېراللىشىش بولماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش بولۇپ كەلگەن. شۇڭا، «سودا ئارقىلىق خىتاينى ئۆزگەرتىش» نەزەرىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانمىغانلىقى، ئەكسىچە بۇنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى خىتايغا تېخىمۇ بەك باغلاپ قويۇشقا ۋە خىتاينىڭ گېئو-سىياسىي رەقىب سۈپىتىدە كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى، مەسىلىنى ئاساسىي قانۇن ۋە فېدېراتسىيە قانۇنلىرى رامكىسىدا تەھلىل قىلىش قىسمىدۇر. ئاپتورنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ 1-ماددا 9-بۆلۈمىدە ئېكسپورت بېجى ئېلىش ئېنىق چەكلەنگەن. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنۋىدىيا شىركىتىدىن ئالىدىغان %25 لىك پۇل، ماھىيەتتە بىر خىل ئېكسپورت بېجى بولۇپ، بۇ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا، كىرىم قىلىش ۋە باج نىسبىتى بىكىتىش ھوقۇقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تەۋە بولۇپ، پىرېزىدېنتنىڭ دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىسىز كىرىم مەنبەسى يارىتىشى ھوقۇق ئىشلىتىش پىرىنسىپىغا زىت.
بۇنىڭدىن سىرت، «خەلقئارا جىددىي ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى» (IEEPA) پەقەت تەڭشەش ۋە جازالاش خاراكتېرلىك ھوقۇقلارنى بېرىدىغان بولۇپ، قانۇنلۇق سودىدىن ئۈلۈش ئېلىش ھوقۇقىنى بەرمەيدۇ. شۇنىڭدەك، «خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» (Anti-Deficiency Act) ۋە ھۆكۈمەت ھېسابات ئىشخانىسى (GAO) نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ دۆلەت مەجلىسى تەستىقلىغان خامچوتتىن سىرت باشقا مەنبەلەردىن مەبلەغ توپلىشى «دۆلەت مەجلىسىنىڭ خەزىنىدارلىق ھوقۇقى» غا دەخلى قىلغانلىق دەپ قارىلىدۇ. ئاپتورنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغان سودىغا رۇخسەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن كىرىم قىلىش دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ساتقانلىق بىلەن باراۋەردۇر.
ماقالىنى ئىلمىي نۇقتىدىن باھالىغاندا، ئاپتورنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتىگە قانۇنىي دىياگنوز قويۇشى ئىنتايىن كۈچلۈك لوگىكىلىق ئاساسقا ئىگە. ماقالىدە سىياسىي ئانالىز بىلەن قانۇنىي دەلىللەر ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە مەسىلىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ماقالىنىڭ بەزى قىسىملىرىدا ئاپتورنىڭ ئەنئەنىۋى كونسېرۋاتىپ مەيدانى روشەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بۇ بەلكىم ئاپتورنىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ يەرشارىۋى رىقابەتتىكى ئەمەلىي ئېھتىياجىنى ئادىل باھالىيالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن، بۇ ماقالە دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى قانۇنىي رامكىدا يورۇتۇپ بەرگەن قىممەتلىك ئەسەردۇر.
مەنبە ماقالە:
McCarthy, A. C. (2025, December 13). Trump’s China Chip Deal and the Sale of American National Security. National Review. https://www.nationalreview.com/2025/12/trumps-china-chip-deal-and-the-sale-of-american-national-security/
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















