فىرانسىس فۇكۇياما ۋە لىبېرال دېموكراتىيەنىڭ كەلگۈسى: يەرشارىۋى چېكىنىش، دۆلەت تېررورى ۋە «ئاخىرقى ئىنسان» نىڭ قايتىدىن ئويغىنىشى

2026-يىلى 5-ئىيۇن

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

بۇ ماقالە گېرمانىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتى بولغان «فرانكفۇرت ئومۇمىي گېزىتى»دە 2026-يىلى 1-ئىيۇندا ئېلان قىلىنغان، ماجد سەفەدى (Majd El-Safadi) تەرىپىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ داڭلىق سىياسىي نەزەرىيەشۇناسى، سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى فىرانسىس فۇكۇياما بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىگە ئاساسەن يېزىلدى. سۆھبەت «فىرانسىس فۇكۇياما: ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تارىخىدىكى ئەڭ چىرىك ھۆكۈمەتتۇر»  دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ 1989-يىلى ئېلان قىلىنغان، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «تارىخنىڭ ئاخىرى» (The End of History) ناملىق ماقالىسى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى يەرشارىۋى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلگەن[1]. بۇ مۇھاكىمە تېكىستى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، سىياسەتشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئىنتايىن يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. سەۋەبى، ئۇ پەقەتلا بىر نەزەرىيەچىنىڭ ئۆز كۆزقاراشلىرىنى قوغدىشى بولماستىن، بەلكى يېقىنقى 40 يىللىق دۇنيا سىياسىي تارىخىنى، بولۇپمۇ 2008-يىلىدىن كېيىنكى دېموكراتىيەنىڭ چېكىنىشى، پوپۇلىزم (خەلقچىللىق) نىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ خىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قاتلاملىق ئانالىز مەنبەسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ مۇھاكىمە پەقەت سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىلا ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئىچكى روھىيىتىدىكى «قەدىر-قىممەتكە ئېرىشىش ئارزۇسى» نىڭ يەرشارى سىياسىتىگە كۆرسىتىۋاتقان ھەل قىلغۇچ رولىنىمۇ پەلسەپەۋى نۇقتىدىن ئىنتايىن چوڭقۇر يورۇتۇپ بېرىدۇ.

«تارىخنىڭ تۈگۈنى» نەزەرىيەسىنىڭ قايتا باھالىنىشى ۋە دېموكراتىيەنىڭ چېكىنىشى

فىرانسىس فۇكۇياما 1989-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان «تارىخنىڭ تۈگۈنى» نەزەرىيەسى كۆپىنچە كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلگەن بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە تارىخنىڭ سىزىقلىق ھالدا پەقەتلا ئالدىغا مېڭىپ، ھېچقانداق توقۇنۇش قالمىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى گېگېل (Gegel) پەلسەپەسىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىنىڭ، يەنى ئىنسانلارنى ئەڭ ئادىل ۋە مۇقىم باشقۇرۇش شەكلىنىڭ لىبېرال دېموكراتىيە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سۆھبەتتە، ئۇ 1989-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا دېموكراتىيەنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كېڭەيگەنلىكىنى، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن، خۇددى 1930-يىللىرىدىكى فاشىزم ۋە 1970-يىللىرىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس مەزگىللىرىگە ئوخشاش، تارىخىي بىر چېكىنىش دولقۇنىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ھىندىستان، ۋېنگىرىيە، پولشا ۋە ھەتتا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدەك دۆلەتلەردىمۇ دېموكراتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى بۇنىڭ جانلىق مىسالى بولۇپ، بۇ ئەھۋال بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، لىبېرال دېموكراتىيە بىر قېتىم ئورنىتىلىپلا مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان مۇتلەق ھادىسە ئەمەس، بەلكى ئۈزلۈكسىز پەرۋىش قىلىشنى، قوغداشنى ۋە ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەتچان بىر جەرياندۇر. فۇكۇيامانىڭ 1992-يىلى ئۆز كىتابىنى يازغان ۋاقىتتا «سىياسىي چىرىش» (Political decay) ئۇقۇمىنى يېتەرلىك مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى، ئۇنىڭ ئاكادېمىك سەمىمىيىتىنى ۋە نەزەرىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گەرچە دېموكراتىيە چېكىنىۋاتقان بولسىمۇ، فۇكۇياما ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ ھەمدە مۇرەككەپ، كۆپ خىللىققا ئىگە ۋە تەرەققىي قىلغان زامانىۋى جەمئىيەتلەرنى پەقەت بىرلا دىن، بىرلا مىللەت ياكى مۇتلەق بىرلا دىكتاتور ئارقىلىق باشقۇرۇشنىڭ تۈپتىن مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىغا ئالدىنىپ قېلىۋاتقان بىر پەيتتە، لىبېرال تۈزۈلمىنىڭ ئىچكى ئەۋرىشىملىكى (Resilience) ۋە ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى تەكىتلەش خەلقئارا ۋەزىيەتنى توغرا چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

«ئاخىرقى ئىنسان»، پىسخولوگىيەلىك بوشلۇق ۋە پوپۇلىزمنىڭ پارتلىشى

ماقالىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر پەلسەپەۋى نۇقتىلىرىدىن بىرى گېگېلنىڭ «تارىخنىڭ تۈگۈنى» ئىدىيەسىگە قارشى فرىدرىخ نېتزې (Friedrich Nietzsche) نىڭ «ئاخىرقى ئىنسان» تەنقىدىنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي رېئاللىققا تەتبىقلىنىشىدۇر. «ئاخىرقى ئىنسان» تىنچلىق ۋە پاراۋانلىق ئىچىدە ياشايدىغان، ئەمما ھېچقانداق ئۇلۇغۋار نىشانى، كۈرىشى ۋە قەھرىمانلىق روھى قالمىغان زېرىكىشلىك شەخسنى كۆرسىتىدۇ. فۇكۇياما مۇنداق قارايدۇ: بۈگۈنكى كۈندە غەرب جەمئىيەتلىرىدە كىشىلەرنىڭ بۇ تىنچلىق ۋە پاراۋانلىققا ئىسيان قىلىشى دەل مۇشۇ زېرىكىشتىن ۋە كىشىلىك غۇرۇر تەلەپ قىلىش ئارزۇسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئىنسانلار پەقەتلا باشقىلار بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە پاراۋان ياشاشنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم جەھەتلەردە «ئۈستۈنرەك» ياكى پەرقلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى خالايدۇ.

دەل مۇشۇ پىسخولوگىيەلىك ئېھتىياج پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا، خۇسۇسەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپادا ئوڭچىل ۋە سولچىل خەلقچىللىقنىڭ يىلتىز تارتىشىغا سەۋەب بولماقتا. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى «MAGA» (ئامېرىكىنى قايتىدىن ئۇلۇغ قىلايلى) ھەرىكىتى ۋە گېرمانىيەدىكى «AfD» (گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش پارتىيەسى) نىڭ قوللىغۇچىلىرى كۆپىنچە يەرشارىلىشىش دولقۇنىدا چەتكە قېقىلغان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتىپلا قالماي، سىياسىي سەرخىللار تەرىپىدىن كەمسىتىلگەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىشچىلار سىنىپىدىن تەركىب تاپقان. بۇ يەردە كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، مەسىلە پەقەت ئىقتىسادىي تەڭسىزلىكتىلا ئەمەس، بەلكى ئىززەت-ھۆرمەت تەڭسىزلىكىدىدۇر. بۇ ئۇقۇم گىرېك پەلسەپەسىدىكى تىموس «Thymos» (ئېتىراپ قىلىنىش، ئىززەت-نەپىس ۋە غۇرۇر) بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، بۇ روھىي كۈچ كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن رادىكال يوللارنى تاللاشقا، ھەتتا تۈزۈمنىڭ ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئىتتىرىدۇ. دېمەك، غەربتىكى سىياسىي كىرىزىس پەقەت تۈزۈلمە ياكى قانۇن كىرىزىسى بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ تۈپكى ماھىيەتتە بىر «غۇرۇر ۋە ئېتىراپ قىلىنىش كىرىزىسى» دۇر.  كەلگۈسىدىكى ھەرقانداق سىياسىي ئىسلاھات كىشىلەرنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى مەنىۋى ئورنىنى قايتىدىن بېكىتىپ بېرىشكە مەجبۇردۇر.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى سىياسىي چىرىش ۋە يېڭى مۇتەئەسسىپلىكنىڭ ھالاكىتى

فىرانسىس فۇكۇياما ئۆز ماقالىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى باھالاپ، دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنى «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تارىخىدىكى ئەڭ چىرىك ھۆكۈمەت» دەپ قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ ۋە ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ تۈپكى قىممەت قاراشلىرىنى، شۇنداقلا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئىلىم-پەنگە ئوخشاش دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى بۇ قۇتۇپلىشىش پەقەت شەخسلەرنىڭ خاتالىقى بولماستىن، بەلكى ئۇزۇن يىللىق سىياسىي خاتالىقلارنىڭ يىغىندىسىدۇر. فۇكۇياما ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى يېڭى كونسېرۋاتىپلىق (Neoconservatism) سېپىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر سۈپىتىدە 2003-يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشى ۋە 2008-يىلىدىكى دۇنياۋى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىراق ئۇرۇشى غەرب دېموكراتىيەسىنى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق باشقا مەدەنىيەتلەرگە تېڭىش خىيالىنىڭ ۋەيران قىلغۇچ ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا، 2008-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس مۇتلەق ئەركىن بازار ئىقتىسادىنىڭ، يەنى دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشىدىن خالىي بولغان كاپىتالىستىك يىرتقۇچلۇقنىڭ جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان بالايىئاپەتلىرىنى يالىڭاچلاپ بەردى.

دەل ئاشۇ ئىككى چوڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئاپەت ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن قاتلام خەلقلەرنىڭ سىياسىي سەرخىللارغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، ترامپتەك بىر پوپۇلىست رەھبەرنىڭ سەھنىگە چىقىشىغا زېمىن ھازىرلىغان ۋە ئۇ سىستېمىنىڭ قۇربانلىرىنىڭ غەزىپىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن سىياسىي مەبلەغكە ئايلاندۇرغان. بۇ يەردە كۆرۈنۈۋاتقان ئەڭ چوڭ خەتەر شۇكى، دۇنيانىڭ دېموكراتىك ماياكى دەپ قارالغان بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئىچىدىن يىمىرىلىشى خەلقئارا تەرتىپكە غايەت زور بوشلۇق ۋە قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ترامپنىڭ خەلقئارا كېلىشىملەردىن چېكىنىشى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى تەھدىتكە سېلىشى دۇنيادىكى بارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەر، خۇسۇسەن خىتاي ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر سوۋغاتقا ئايلانغان.

خەلقئارالىق جۇغراپىيەلىك سىياسەت: خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ «ئىززەت-نەپىس كۈرىشى»

ئىچكى دۆلەت سىياسىتىدىكى تىموس «Thymos» (غۇرۇر ۋە ئېتىراپ قىلىنىش ئارزۇسى) خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىمۇ يادرولۇق رول ئوينايدۇ ھەمدە فۇكۇياما بۇنى «Megalothymia»، يەنى باشقا دۆلەتلەر ياكى مىللەتلەردىن ئۆزىنى ئۈستۈن ۋە كۈچلۈك دەپ ئېتىراپ قىلدۇرۇش ھېسسىياتى دەپ ئاتايدۇ. رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تاشقى سىياسىتى دەل مۇشۇ پىسخولوگىيەلىك تۈرتكىگە ئاساسلانغان. ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىزچىل تۈردە غەربكە قارشى تۇرۇشىنىڭ بىر قىسىمى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 2014-يىلى رۇسىيەنى پەقەت بىر «يەرلىك كۈچ» دەپ پەس كۆرۈشىدىن كېلىپ چىققان ئۆچمەنلىك بىلەن باغلانغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئۆزىنى يەنىلا بىر دۇنياۋى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ سۈپىتىدە ئىسپاتلاش ئىستىكى ئۇكرائىناغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق ئارقىلىق ئىپادىلەندى. ئوخشاشلا، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتايمۇ تارىختىكى «بىر ئەسىرلىك خارلىنىش» سۆزلىمى ۋە غەرب مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ئۆچمەنلىكى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەمدى كۈچەيگەنلىكىنى، دۇنيانىڭ ئۇنى ھۆرمەت قىلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى تەلەپ قىلماقتا. ئېنىقكى، خىتاينىڭ بۇ تەلەپلىرى يالغۇز ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچ سىنىشىشلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا سەھنىسىدە غەرب بىلەن قارمۇ قارشىغا كېلىدىغان بىر خىل روھىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك جەڭدۇر.

ئەمما، فۇكۇياما خىتاينىڭ مۇستەبىت مودېلىنىڭ مۇتلەق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ. ئۇ ئىلگىرى خىتايدا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە ئەركىنلىك تەلەپلىرىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، بۇ ھادىسە تېخى يۈز بەرمىدى. شۇنداقتىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشى ئىنتايىن قىيىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن چېكىنىش، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىدىكى قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر ئۇنىڭ لىبېرال دېموكراتىيەگە تاللاش بولالايدىغان مۇكەممەل بىر مودېل ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ ھەمدە شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق مۇستەملىكە رايونلاردا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق دۆلەت تېررورى ۋە نازارەت سىستېمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، مەزكۇر تۈزۈمنىڭ ئىچكى ئاجىزلىقىنى ۋە قورقۇنچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

ياۋروپانىڭ مۇستەقىللىق تەلىپى ۋە گېرمانىيەنىڭ ئورنى

خەلقئارا قۇرۇلمىدىكى ئەڭ چوڭ تەۋرىنىشلەرنىڭ بىرى بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى قوغدىغۇچىلىق رولىدىن تەدرىجىي چېكىنىشى بولۇپ، فۇكۇياما بۇ يۈزلىنىشنى كۆزدە تۇتۇپ ياۋروپانىڭ دەرھال ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزى قوغدايدىغان كۈچكە ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى گېئو-سىياسىي ۋە گېئو-ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىككى چوڭ توسالغۇغا دۇچ كەلمەكتە. بىرىنچىسى، ئىتتىپاق ئىچىدىكى بېلەت تاشلاش تۈزۈمى بولۇپ، پەقەت بىرلا كىچىك دۆلەتنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى (Veto) نى ئىشلىتىشى ئارقىلىق پۈتكۈل ياۋروپانىڭ تاشقى سىياسىتىنى پالەچ قىلىپ قويۇشى ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئاۋازىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا، شۇڭا ياۋروپا چوقۇم مۇتلەق كۆپ سانلىق ئارقىلىق قارار چىقىرىش تۈزۈمىگە ئۆتۈشى كېرەك. ئىككىنچىسى بولسا ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي پارچىلىنىشى بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ ھەر بىرىدە ئوخشىمايدىغان قانۇن ۋە بەلگىلىمە سىستېمىلىرى بولغاچقا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياكى خىتايدىكىگە ئوخشاش دۇنياۋى كۆلەمدىكى تېخنىكا كارخانىلىرىنى ۋە بانكىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش قىيىنلاشماقتا.

بۇ كىرىزىسلارنى ھەل قىلىشتا، كۆزەتكۈچىنىڭ نەزىرى تەبىئىيلا گېرمانىيەگە بۇرۇلىدۇ، گېرمانىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تارىخىي يۈكى سەۋەبىدىن، خەلقئارا ئىشلاردا ئىزچىل تۈردە ھەربىي ۋە سىياسىي يېتەكچىلىكتىن قېچىپ، پەقەتلا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر دۆلەت بولۇپ كەلگەن. بىراق رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى بۇ ۋەزىيەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن بولۇپ، فۇكۇيامانىڭ پىكرىچە، گېرمانىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشتىكى تارىخىي ئەندىشىلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ياۋروپانىڭ بىرلىشىشى ۋە قوغدىلىشى ئۈچۈن قەتئىي يېتەكچىلىك رولىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى شەرتتۇر، پەقەت شۇنداق بولغاندىلا ياۋروپا قۇرۇقلۇقى يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە تەڭپۇڭلۇق ياراتقۇچى كۈچكە ئايلىنالايدۇ.

مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىمۇ ياكى مىللىي دۆلەتلەر رىقابىتىمۇ؟

ئانالىزنىڭ يەنە بىر دىققەتكە سازاۋەر نۇقتىسى فىرانسىس فۇكۇيامانىڭ ئۆزىنىڭ ئۇستازى سامۇئېل خۇنتىڭتون (Samuel Huntington) نىڭ مەشھۇر «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» (Clash of Civilizations) نەزەرىيەسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدۇر. ھازىرقى خەلقئارالىق توقۇنۇشلار كۈچىيىۋاتقان، ئۇرۇش ۋە گېئو-سىياسىي زىددىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان شارائىتتا، قارىماققا خۇنتىڭتوننىڭ نەزەرىيەسى توغرىدەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن فۇكۇياما بۇ قاراشنى رەت قىلىدۇ ۋە خۇنتىڭتون ئوتتۇرىغا قويغاندەك دۇنيانىڭ يوغان ھەم بىر پۈتۈن بولغان دىنىي ياكى كۈلتۈرەل توپلۇملارغا (مەسىلەن، غەرب، ئىسلام ياكى كۇڭزى مەدەنىيىتىگە) ئايرىلمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە سىياسىي سەھنىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئاكتىيورلارنىڭ يەنىلا مىللىي دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، مۇسۇلمان دۇنياسى پۈتۈن بىر گەۋدە ئەمەس، بەلكى ئۇ سۈننىي ۋە شىئە مەزھەپلىرىگە، شۇنداقلا ئۆزئارا رىقابەتلىشىۋاتقان ئەرەب، تۈرك ۋە پارس دۆلەتلىرىگە بۆلۈنگەن، ئاسىيادىمۇ كۇڭزى ئىدىيەسىدىكى بىر پۈتۈن دۇنيا يوق، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرى شۇنداقلا دۆلەت قۇرۇلمىلىرى تامامەن بىر-بىرىگە قارشىدۇر. شۇڭلاشقا، بۈگۈنكى دۇنيا ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەتلەر ئارا ئۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى 19-ئەسىردىكىگە ئوخشاشلا مىللىي مەنپەئەت ۋە تەسىر دائىرىسى تالىشىدىغان دۆلەتلەر ئارا ئويۇنغا تېخىمۇ بەكرەك ئوخشايدىغان بولۇپ، فۇكۇياما شۇ ئارقىلىق دىن ياكى مەدەنىيەتنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىسىمۇ، ئەمما مىللىي دۆلەتنىڭ مەركىزىي ئورنىنى ئاكادېمىك نۇقتىدىن يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك قوغدايدۇ.

خۇلاسە

فىرانسىس فۇكۇيامانىڭ بۇ سۆھبىتىدىكى بايانلىرىنى ئاكادېمىك نۇقتىدىن باھالىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە بەزى كەمچىلىكلىرىنى ئوبيېكتىپ كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىق شۇكى، فۇكۇياما بىر قېتىۋالمىغان مۇتەپەككۇر سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ 1989-يىلىدىكى نەزەرىيەسىگە تەلەپپۇز ۋە رېئاللىق نۇقتىسىدىن قايتا باھا بېرىپ، «سىياسىي چىرىش» ۋە ئىززەت-نەپىس ئېھتىياجى (Thymos) نى نەزەرىيەسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش مېخانىزمىنى خېلىلا چوڭقۇر ۋە رېئال يورۇتۇپ بەرگەن. يەنە بىر جەھەتتىن، «ئاخىرقى ئىنسان» نىڭ پىسخولوگىيەسىنى مۇھاكىمە قىلىشى ھازىرقى يەرشارىۋى پوپۇلىزمنى پەقەتلا ئىقتىسادىي ئۆلچەم بىلەن ئەمەس، بەلكى پىسخىكىلىق ۋە مەنىۋى ئۆلچەم بىلەن چۈشىنىش ئۈچۈن قىممەتلىك ئىستراتېگىيەلىك كۆز قاراش تەمىنلىگەن، خۇسۇسەن ئۇكرائىنا، ئىران ۋە ۋېنېزۇئېلادىكى خەلقنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «1989-يىلىنىڭ روھى» غا باغلىشى، دېموكراتىيەنىڭ ئاساسىي جەلپكارلىقىنى ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەركىنلىك تەلىپى بىلەن چەمبەرچاس باغلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئەمما ماقالىنىڭ، شۇنداقلا فۇكۇياما كۆزقاراشلىرىنىڭ بىر قىسىم كەمچىلىكلىرىمۇ مەۋجۇت. بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ ئانالىزى كۆپىنچە «غەرب مەركەزچىلىكى » (Eurocentric/Americentric) قېلىپتىن تامامەن ھالقىپ كېتەلمىگەن بولۇپ، گەرچە ئۇ خىتاي ۋە رۇسىيەنى تىلغا ئالسىمۇ، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبى (Global South) دىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشچان ھەرىكەت كۈچىنى يېتەرلىك دەرىجىدە مۇھاكىمە قىلمىغان. بۇ رايونلاردىكى دېموكراتىك كىرىزىسلەر پەقەتلا ئىززەت-نەپىس مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تارىخىي، ئىقتىسادىي ۋە يېڭى مۇستەملىكىچىلىك تەسىرلىرىنىڭ قۇربانىدۇر. ئىككىنچىدىن، فۇكۇياما كىشىلەرنىڭ ئىززەت-نەپىس تەلەپ قىلىش پىسخىكىسى (Thymos) نى ھەددىدىن زىيادە چوڭايتىپ، نۇرغۇن جەمئىيەتلەردىكى ھەقىقىي قۇرۇلمىلىق ۋە سىنىپىي ئىقتىسادىي زىددىيەتلەرنى مەلۇم دەرىجىدە پەردىلەپ قويغان دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياكى ياۋروپادىكى خەلقچىللىق مەسىلىلىرىنى تېز يوقىلىۋاتقان ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىشسىزلىقتىن ئايرىپ كۆرۈش تولۇق مەنزىرىنى بەرمەيدۇ. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ماجد سەفەدىنىڭ فىرانسىس فۇكۇياما بىلەن قىلغان، شۇنداقلا 2026-يىلى 1-ئىيۇندا ئېلان قىلىنغان بۇ سۆھبىتى يەرشارى مىقياسىدا سىياسىي تۈزۈلمىلەر، ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇشلار ۋە ئىنسان تەبىئىتى توغرىسىدا تەكرار ئويلىنىشقا مەجبۇرلايدىغان سالمىقى بار بىر تېكىستتۇر، گەرچە دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيە كۆرۈنەرلىك ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ ئىچكى مەنبەلىك غۇرۇرى ۋە ئەركىنلىككە بولغان تەبىئىي تەشنالىقى داۋام قىلىدىكەن، مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ مەڭگۈلۈك غەلىبە قىلىشى قىيىندۇر.

پايدىلىنىلغان مەنبە:

 [1]El-Safadi, M. (2026). Francis Fukuyama: „Trumps Regierung ist die korrupteste in der US-Geschichte. Frankfurter Allgemeine Zeitung (FAZ).

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*