تەيبېيگە قارشى ئومۇمىي ئۇرۇش: خىتاينىڭ پىسخىكىلىق زەربىنى ئۇرۇش نەزەرىيەسىگە سىڭدۈرۈش ئىستراتېگىيەسى

2026-يىلى 1-ئاۋغۇست

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

ئامېرىكا «راند» (RAND) شىركىتى سىياسەت تەتقىقاتچىسى خوۋارد ۋاڭ (Howard Wang) بىلەن ئاممىۋى سىياسەت ئالىي تەتقىقاتچىسى نېتان بوچامپ-مۇستافاگا (Nathan Beauchamp-Mustafaga) تەرىپىدىن يېزىلىپ 2026-يىلى 22-ئىيۇل ئامېرىكانىڭ داڭلىق ھەربىي-ئىستراتېگىيەلىك ئانالىز سۇپىسى بولغان «قىيا ئۈستىدىكى ئۇرۇش» (War on the Rocks) تورىدا ئېلان قىلىنغان «تەيبېيگە قارشى ئومۇمىي ئۇرۇش: خىتاينىڭ پىسخىكىلىق زەربىنى ئۇرۇش چۈشەنچىسىگە سىڭدۈرۈش ئۈستىدىكى ئىزدىنىشى» (Total War on Taipei: China Explores Elevating Cognitive Effects into Its Vision of Warfare) ناملىق ئانالىز ماقالىسى  خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەن ئارىلىغا قارشى يولغا قويۇشى مۇمكىن بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇرۇش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر يېشىپ بېرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىكنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىشى ۋە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ قايتا شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ماقالە كۆرسىتىپ بەرگەن پىكىرلەر ھەربىي ئانالىزچىلار جىددىي نەزەر سېلىشقا تېگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم مەنبە ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتورلارنىڭ بۇ تەتقىقاتى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خەتەرلىك ھەم مەخپىي ھەربىي نەزەرىيە ژۇرنىلى بولغان «ئارمىيە سەنئىتى» (Military Art / 军事艺术) نىڭ 2025-يىلى 3-ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئىچكى ھۆججەتنى ئاساس قىلغان. خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە نازارىتى ئاستىدا چىقىرىلىدىغان ۋە پەقەت ئارمىيە ئىچىدىكى ئالىي قوماندانلار ئارىسىدىلا تارقىتىلىدىغان بۇ ژۇرنالدا، خىتاي ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن جۇڭشياۋ (پودپولكوۋنىك) لى خېڭرۇي ۋە داشياۋ (ئالىي پولكوۋنىك) چېڭ جىن شۇنداقلا خىتاي خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى قوماندانلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پودپولكوۋنىك ۋاڭ خەييۈەنلەر بىرلىشىپ، «چوڭ شەھەرلەرنى بارلىق ساھەلەر بويىچە ئاجىزلاشتۇرۇش ئۇرۇشى» (All-domain megacity incapacitation warfare / 大型城市全域失能战) دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر خىل جەڭ ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەكلىپ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تەيبېي شەھىرىنى شۇنداقلا پۈتكۈل تەيۋەن ئارىلىنى قانداق قىلىپ تېز ۋە ئاز بەدەل بىلەن ئىشغال قىلىش ھەمدە تەيبېينىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ تەسلىم قىلدۇرۇش ھەققىدىكى يوشۇرۇن ئۇرۇش لىنىيەسىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇداپىئە ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇرۇش مانېۋىرى مودېللىرى ئادەتتە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتماقچى بولغان قوراللىق زەربىسى، دېڭىز قورشاۋى ياكى قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشىغا ئوخشاش قوراللىق كۈچ ئىشلىتىش سېنارىيەلىرىگە كۆپرەك دىققەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. تەيۋەن خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىمۇ ئادەتتە كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشقا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئىجتىمائىي راي سىناشلار ئارقىلىقلا باھالىناتتى. ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بۇ تەتقىقات ماقالىسى خىتاينىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە تەيۋەن خەلقى بىلەن ئارمىيەسىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى بىۋاسىتە بىلىشچىل پىسخىكىلىق ئۇرۇش ئارقىلىق قانداق پاچاقلاپ تاشلايدىغانلىقىنى سىستېمىلىق باھالاپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ تەتقىقات تەيبېينىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان يەرشارىۋى چوڭ دۆلەتلەر ئۇرۇشىنىڭ يېڭى خاراكتېرىنى چۈشىنىشتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئاكادېمىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە.

خىتاينىڭ «مىللىي ئومۇمىي ئۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى

خىتاي ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان «مىللىي ئومۇمىي ئۇرۇش» (National Total War / 国家总体战) ئىستراتېگىيەسى غەرب ھەربىي ئىشلار تارىخچىسى ۋىلىيامسون مۇرراي (Williamson Murray) 2023-يىلى ئېنىقلىما بەرگەن «ئەخلاقىي ياكى سىياسىي چەكلىمىلەردىن مۇستەسنا بولغان ئانارخىيەلىك ئومۇمىي ئۇرۇش» دېگەن ئەنئەنىۋى تەسەۋۋۇردىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. بېيجىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ خىل مىللىي ئومۇمىي ئۇرۇش تىنچلىق مەزگىلىدە ئومۇمىي خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق پۇقراۋى ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇرۇش يۈز بەرگەندە بۇ ئىقتىدارلارنى دەرھال ھەربىي جەڭ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشتەك مۇرەككەپ جەرياننى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىستراتېگىيە ئاساسلىقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئوخشاش قۇدرەتلىك رەقىبلەرگە قارشى تۇرۇشتا پۈتكۈل دۆلەت كۈچىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاڭ خىتاي كومپارتىيەسى نەچچە ئون يىلدىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «زامانىۋى ئۇرۇشلار پەقەت ئارمىيەلەر ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ بولماستىن بەلكى دۆلەتلەرنىڭ مۇرەككەپ سىستېمىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتۇر» دېگەن نۇقتىئىنەزەر ئەتراپىدا شەكىللەنگەن. 1990-يىللاردا خىتاي رەھبەرلىرى «ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى» (Comprehensive National Power) تەپەككۇرى ئارقىلىق خىتاينىڭ يەرشارىۋى تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى. 1991-يىلىدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشى ۋە 1999-يىلىدىكى كوسوۋو ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچۇرلاشقان قوشۇنلىرىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، خىتاي ئارمىيەسى كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشلارنى ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى قىرغىنچىلىق ئەمەس بەلكى رەقىبكە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىكى «تۈزۈملەرنىڭ قارشىلىشىشى» (Systems Confrontation / 系统对抗) دەپ قايتا بېكىتتى ھەمدە بۇنى ئۇچۇر دەۋرىدىكى بىرلەشمە جەڭلەرنىڭ ئاساسىي تەشكىللىنىش مودېلى دەپ قارىدى.

بۇ نەزەرىيەۋى قاراش تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدە تېخىمۇ يۇقىرى بىر بالداققا كۆتۈرۈلدى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ۋىرۇسقا قارشى كۈرەشتە «خەلق ئۇرۇشى» (People’s War) ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ۋە تاراتقۇلىرى نىشانغا يېتىش ئۈچۈن پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ خۇددى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكىگە ئوخشاش بىر ئومۇمىي ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا «ھەر بىر ئائىلە ۋە پۇقرانىڭ ئارمىيە جەڭچىسىگە ئايلىنىشى، ئارمىيەنىڭ بولسا دۆلەت ئۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئۆزىگە ئايلىنىشى» كېرەكلىكىنى جار سالدى. بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق توپلانغان تەجرىبىلەرنى ھەربىي ساھەگە تېزدىن يۆتكەش تەشەببۇس قىلىندى.

بۇ تىرىشچانلىقلار «خەلق ئۇرۇشى» بىلەن «تۈزۈملەرنىڭ قارشىلىشىشى» ئۇقۇمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، رەسمىي شەكىلدىكى «مىللىي ئومۇمىي ئۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ ئىستراتېگىيە پەقەتلا ئارمىيە بىلەن پۇقرالارنى يۇغۇرۇش (Military-Civil Fusion) دىنلا ئىبارەت بولماستىن، بەلكى خىتاينىڭ تاراتقۇ، ئاخبارات، مائارىپ ۋە ماكرو مالىيە سىستېمىلىرىنى دۆلەت سەۋىيەسىدە ھەربىي قىسىملار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ئۇرۇش مەزگىلىدە سىستېمىلىق زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

خىتاي ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل «مىللىي ئومۇمىي ئۇرۇش» ئەندىزىسى ئاللىقاچان خىتاينىڭ دۆلەت ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ يادروسىغا ئايلانغان. ئۇ شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، كەلگۈسىدىكى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا «ئومۇمىي دۆلەت كۈچىگە تايىنىپ بارلىق ساھەلەر جەڭ قىلىش» نى تەقەززا قىلىدۇ.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن ئېلىنغان ساۋاقلار ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش

خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى يېقىندىن كۆزىتىپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پۇقراۋى ۋە ھەربىي بولمىغان ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى قانداق ئاشۇرغانلىقىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئانالىز قىلدى. بۇ جەرياندا ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە قارشى ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى ۋە ئامېرىكادىكى «سپېيس ئېكىس» (SpaceX) شىركىتىنىڭ «ستارلىنك» (Starlink) پۇقراۋى سۈنئىي ھەمراھ تورىنى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق سىستېمىسىغا تەقدىم قىلىشى خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

خىتاي ھەربىي ئانالىزچىلىرى يەنە ئامېرىكانىڭ ئاخبارات ئاشكارىلاش، تور ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش ۋە باشقا پىسخىكىلىق تەسىر كۆرسىتىش تاكتىكىلىرىنى ئۇكرائىنا بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خىتاي تەتقىقاتچىلىرى كۆرسەتكەن بىر مۇھىم مىسال شۇكى، ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكادىكى ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ «ئۇرۇش ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىدۇ، كىيېۋ بىرنەچچە كۈندىلا يىقىلىدۇ» دەپ ئوچۇق ئانالىز ئېلان قىلىشى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنى ئالداش، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆز رەقىبىگە سەل قارىشى ۋە ئاقىۋەتتە جەڭدە يېڭىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن قەستەن تارقاتقان «ئاڭ ساھەسىدىكى ئىس-تۈتەك بومبىسى» (Cognitive smoke bomb) ئىدى.

تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنادا قوللانغان ئۇسۇللىرىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. چۈنكى بېيجىڭنىڭ خەلقئارالىق ئېمبارگو يۈرگۈزەلەيدىغان كېڭەيتىلگەن ئىتتىپاقداشلار تورى يوق، شۇنداقلا نېفىت-دوللار سىستېمىسىغا ئوخشاش يەرشارىۋى مالىيە بوغۇزلىرىنى بوغۇش ئىقتىدارىمۇ يېتىشمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەشۋىقات ۋە ئۇچۇر تارقىتىش ئىقتىدارىدا ئامېرىكانىڭ كەينىدە ئىكەنلىكى خىتاي ئىچىدىكى ئانالىزلاردا ئېتىراپ قىلىنىدۇ. شۇڭا مىللىي ئومۇمىي ئۇرۇشنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، خىتاي ئارمىيە بىلەن پۇقرالارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقى ئارقىلىق پۇقراۋى ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشكە تېخىمۇ كۈچىشى كېرەك.

بۇ سەۋەبتىن، مىللىي ئومۇمىي ئۇرۇش پەقەت بىر ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئىستراتېگىيەسىلا بولماستىن، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بارلىق ئورگانلىرىدىن ئۇرۇش مەزگىلىدە قورال سۈپىتىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىقتىدارلارنى يېتىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىدىن ئىبارەتتۇر. خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرى چېن يىشىن (Chen Yixin) گە ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بارلىق پارتىيە ئورگانلىرىنى مىللىي ئومۇمىي ئۇرۇش ئۈچۈن، «تۈزۈلمە خاراكتېرلىك ئەۋزەللىكلەرنى ھەربىي جەڭ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش» قا ئىزچىل چاقىرماقتا. 2025-يىلى خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى سىياسىتى ھۆججىتىدە پارتىيە ئەزالىرىغا «مىللىي ئومۇمىي ئۇرۇشنى ياخشى ئېلىپ بېرىش» كۆرسەتمىسىنى بەردى.

«چوڭ شەھەرلەرنى بارلىق ساھەلەر بويىچە ئاجىزلاشتۇرۇش ئۇرۇشى»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئۈچ چوڭ جەڭ لىنىيەسى

تەۋسىيە قىلىنغان «تەيبېينى بارلىق ساھەلەر بويىچە ئاجىزلاشتۇرۇش ئۇرۇشى» ئەندىزىسى رەقىبنىڭ چوڭ شەھىرىنى بىر سىستېما سۈپىتىدە نىشانغا ئالىدۇ. گەرچە ئاپتورلار تەيبېينىڭ بىۋاسىتە نامىنى ئوچۇق ئاتىمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ «كۈچلۈك رەقىبنىڭ (يەنى ئامېرىكانىڭ) ئارىلىشىشىدىن تەڭلا مۇداپىئەلىنىش» شۇنداقلا «بۇ شەھەرنى قولغا ئېلىشتا خىتاينىڭ قانۇنىي تەشەببۇسى، ھەقلىق سالاھىيىتى ۋە تارىخىي ھېسداشلىق تۇيغۇسى بار» دېگەن سۆزلىرىدىن، ھۇجۇم نىشانىنىڭ دەل تەيۋەن ۋە تەيبېي شەھىرى ئىكەنلىكى روشەن ئاشكارىلىنىدۇ.

ئاپتورلار ئۆز تەۋسىيەسىنى شەھەر ئىقتىدارىنى «ئاجىزلاشتۇرۇش» (Incapacitation / 失能) ئاساسىغا قۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ نىشانىنىڭ شەھەرنى كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتىش ئەمەس بەلكى بويسۇندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. خىتاي ھەربىي تارىخىدا بۇ خىل ئاجىزلاشتۇرۇش ئۇرۇشى ئىلگىرى ئاۋاز دولقۇنى ۋە ئوپتىكىلىق لازېر قوراللىرى ئارقىلىق، ئادەم ئۆلتۈرمەستىن قارشى تەرەپنى زەئىپلەشتۈرۈشنى كۆرسىتەتتى. ئەمما تەيبېينى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۇرۇشىدا، بۇ نىشان تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ ئاڭ ساھەسىدىكى پىسخىكىلىق زەربىلەر ئارقىلىق، دۈشمەننى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە ئايلانغان. بۇ جەڭ ئەندىزىسى شەھەرنى پۈتۈنلەي ئىگىلەش ياكى دۈشمەن كۈچلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، بەلكى شەھەرنىڭ ئىقتىدارلىرىنى تەشكىلىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇپ ئۇرۇش سىستېمىسىدىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارغا زەربە بېرىش ئارقىلىق ئەڭ قولاي ۋە ئاز چىقىم بىلەن تەسلىم قىلدۇرۇشنى كۆزلەيدۇ.

ئاپتورلار تەيبېينى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈش ئۈچۈن «قورشاۋ» (Blockade)، «ئېنىق زەربە بېرىش» (Precision Strike) ۋە « پىسخىكىلىق زەربە» (Cognitive Attack) دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭ لىنىيەسىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.

بىرىنچى لىنىيە: ھەربىي قورشاۋ ئارقىلىق تەيبېينىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ماددىي ئەشيالار ئالاقىسى ۋە ئۇچۇر ئېقىمى تەڭلا كېسىپ تاشلىنىدۇ. سىرتقى ياردەملەر قورشاۋ ئارقىلىق توسۇلىدۇ. ئۇچۇر ئېقىمىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتاي ئارمىيەسى تەيبېينىڭ ئالاقە ۋە قوماندانلىق مەركەزلىرىگە ئادەتتىكى بومباردىمانلاردىن سىرت، تور زەربىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق دەخلى-تەرۇزلار، خاككېرلىق ھۇجۇملىرى ۋە سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ ياسالغان ساختا (Deepfake) ئۇچۇر زەربىلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىپ، تەيۋەننىڭ ھەربىي ۋە پۇقراۋى ئاخبارات تورىنى پالەچ قىلىدۇ.

ئىككىنچى لىنىيە: ئېنىق زەربە بېرىش ئارقىلىق تەيبېينىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى يوقىتىلىدۇ. خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ۋە ئالاھىدە قىسىم خادىملىرى قوماندانلارغا قارشى «باش كېسىش» ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. تەيۋەنگە قۇرۇقلۇققا چىققان خىتاي قوشۇنلىرىغا كېرەكلىك بولغان ئېلېكتىر تورلىرى ۋە رېمونت زاۋۇتلىرى سېتىۋېلىش ياكى قورال كۈچى بىلەن ئىگىلىنىدۇ. تەيبېينىڭ ئايرودوروم ئۇچۇش-چۈشۈش يوللىرى، توك تارقىتىش پونكىتلىرى ۋە سۇ بىر تەرەپ قىلىش مەركەزلىرى زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئەمما ئاپتورلار ئۇرۇشتىن كېيىن كېرەك بولىدىغان ھاۋا ئالاقىسىنى باشقۇرۇش مۇنارلىرىغا، ئاساسىي توك زاۋۇتلىرى ۋە سۇ ئامبارلىرىغا زەربە بەرمەسلىكنى زۆرۈر ئېھتىيات تەدبىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ.

ئۈچىنچى لىنىيە: پىسخىكىلىق زەربە بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ زەھەرلىك تەشۋىقاتلىرى كۈچەيتىلىپ، تەيۋەن خەلقى بېيجىڭنىڭ ئۇرۇش قوزغاش سەۋەبىنى ئادىل دەپ قاراشقا، ئۆز رەھبەرلىرىنى بولسا كەچۈرگۈسىز جىنايەتچىلەر دەپ قاراشقا قىستىلىدۇ. ئالگورىزىملىق ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يالغان سىنلار ۋە «مېتا» (Meta) شۇنداقلا «تىكتوك» (TikTok) سۇپىلىرىغا يوشۇرۇنغان «ئۇچۇر ئوق-دورىلىرى» (Information Munitions) ئارقىلىق، تەيبېيدىكى ھەربىي ۋە پۇقراۋى جەمئىيەت ئىچىدە ئۆزئارا ئىشەنچنى بەربات قىلىدىغان ئۇچۇر قايناملىرى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. بۇ ئارقىلىق تەيبېينىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسى ئىچ-ئىچىدىن يىمىرىلىپ تېزدىن تەسلىم بولۇشى قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

سىستېمىلار قارشىلىشىشى، نىشانلارنى كېڭەيتىش ۋە ئارمىيە-پۇقرانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش

ئامېرىكا ۋە تەيۋەن ئانالىزچىلىرى بۇ تەكلىپنى چوقۇم جىددىي تەتقىق قىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ كۆزقاراشلار مەركىزىي ھەربىي كومىتېت نازارەت قىلىدىغان ئالىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي ئىستراتېگىيەسى بىلەن تولۇق ماس كېلىدۇ. ئاپتورلارنىڭ سالاھىيىتىمۇ بۇ تەتقىقاتنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ. تەتقىقاتچى چېڭ جىننىڭ دەل 2013-يىلى بىرلەشمە ھۇجۇم ئۇرۇشى ھەققىدە دەرسلىك يازغان ئالىي ئوفىتسېر ئىكەنلىكى ۋە قوراللىق ساقچى قىسمى قوماندانلىق ئىنستىتۇتىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ ماقالىنى بىرلىكتە يېزىشى، خىتاينىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن تەيۋەن خەلقىنى باشقۇرۇشتا قوراللىق ساقچىلارنى ئىشلىتىدىغانلىقىدىن ئېنىق بىر بېشارەت بېرىدۇ.

بۇ خىل مەشغۇلات ئەندىزىسى خىتاينىڭ «تۈزۈملەرنىڭ قارشىلىشىشى» نەزەرىيەسىدىكى جەڭ نىشانىنى ئۇچۇر ئېقىمىدىن ئاڭ ساھەسىدىكى پىسخىكىلىق ئاقىۋەتلەرگە يۆتكەيدۇ. ئادەتتىكى تۈزۈملەرنىڭ قارشىلىشىشى تەشكىلىي ئۇچۇر تۈگۈنلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنىلا مەقسەت قىلاتتى. ئەمما يېڭىچە ئاجىزلاشتۇرۇش ئەندىزىسىدە، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسىي شەرتى رەقىبنى پىسخىكىلىق بويسۇندۇرۇش، يەنى تەيبېينىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسىنى پاچاقلاپ تاشلاش دەپ قارىلىدۇ. ئەنئەنىۋى ھەربىي ھەرىكەتلەر بولسا پەقەت مۇشۇ ئاڭ ساھەسىدىكى زەربىنىڭ تېز ئۈنۈم بېرىشى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتورلار تەيبېي شەھىرىنى ئومۇمىي بىر سىستېما سۈپىتىدە نىشانلاپ ھەربىي زەربە بېرىش نىشانلىرىنىڭ دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىدۇ. ئەنئەنىۋى ئۇرۇشلاردا جەڭنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۇقراۋى نىشانلارغا زەربە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. ئەمما تەيبېينى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۇرۇشىدا، تەيبېينى سىرتقى دۇنيا بىلەن باغلايدىغان پۇقراۋى ئالاقە ۋە تاراتقۇ تورلىرى ئۇرۇش باشلىنىش بىلەن تەڭلا بىۋاسىتە زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىدۇ. چۈنكى تولۇق ئۇچۇر قامالى ئېلىپ بېرىلمىسا پىسخىكىلىق زەربىنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.

بۇ ئەندىزە يەنە پۇقراۋى ئىقتىدارلارنى ھەربىي جەڭگە ئاكتىپلىق بىلەن تەشكىللەيدۇ. خىتاينىڭ دۆلەت سەۋىيەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك سىستېمىلىرى ئارمىيە بىلەن پۇقراۋى تاراتقۇلارنى ماسلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇرۇش بايانلىرىنى ھەر خىل كۆرۈنۈشلۈك ۋە تەسىرلىك شەكىللەردە تارقىتىدۇ. دۆلەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بۇ سىستېما تەيبېينىڭ ئارمىيەسى ۋە پۇقرالىرىنى خىتاينىڭ خەتەرلىك نىشانلىرىنى قوبۇل قىلىشقا قايىل قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم رول ئوينايدۇ.

گەرچە بۇ نىشانلار خىتاي ئۈچۈن ھازىرچە كۈتۈلۈۋاتقان غايىۋى ئارزۇ بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئانچە يىراق ئەمەس. خىتاينىڭ 2026-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىنىدىغان «15-بەش يىللىق پىلان»ىدا (15th Five-Year Plan) مۇشۇنداق ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارلارنى راۋاجلاندۇرۇش ئالدىنئالا جىددىي تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان نىشانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. خىتاينىڭ كەلگۈسىدە تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە بۇ خىل ئاڭ ئۇرۇشى ئىقتىدارلىرىنىڭ ئاممىۋى كۆرۈنۈشى ئۇنىڭ تولۇق ئومۇملىشىۋاتقانلىقىنىڭ كۆرسەتكۈچى بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار.

خۇلاسە

«تەيبېينى ئاجىزلاشتۇرۇش» نەزەرىيەسى پەقەتلا تەيۋەن ئارىلىغىلا قارىتىلغان ئەمەس. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم قىممىتى خىتاينىڭ ئارمىيە بىلەن پۇقراۋى بايلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قانداق ئومۇمىي ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدە. بۇ ئاكادېمىك ئەندىزە خىتاينىڭ كەلگۈسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بارىدىغان چوڭ دۆلەتلەر ئۇرۇشىنىڭمۇ ئۇل تېشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

خىتاي ئىستراتېگىيەچىلىرى ئامېرىكاغا قارشى قانداق جەڭ قىلىش ئۈستىدە ئاللىقاچان ئويلىنىشقا باشلىدى. خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «خىتاي ھەربىي پەنلىرى» (China Military Science) ژۇرنىلىدا ئامېرىكانى يېڭىش ئۈچۈن «ئومۇمىي ئۇرۇشنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈش» كېرەكلىكىنى ئوچۇق يازدى. ئۇلار مىللىي جەھەتتىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن سىستېما ئارقىلىق، پىسخىك زەربىلەرنى ئىشلىتىپ «ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى سۇندۇرۇش ۋە بىرىنچى جەڭ مەيدانىدىكى بېسىمنى يېنىكلىتىش» كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ۋە تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىك ئانالىزچىلىرى بۇ خىل پىسخىكىلىق زەربىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. تەيۋەن ئادەتتىكى ھەربىي بازىلاردىن باشقا ئاساسىي تاراتقۇ ۋە ئالاقە ئاپپاراتلىرىنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى لازىم. ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە بېرىدىغان ياردىمىمۇ جەمئىيەتنىڭ پىسخىكىلىق زەربىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئاجرىتىلىشى زۆرۈر.

ئامېرىكا ئارمىيەسى ھەربىي مانېۋىرلاردا تەيۋەن خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى ئۆزگەرمەس دەپ قارىماستىن، بەلكى خىتاينىڭ پىسخىك زەربىلىرىنىڭ تەيۋەننىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي رەھبەرلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىمۇ ئانالىز قىلىشى ۋە نەزەرگە ئېلىشى لازىم. ئامېرىكانىڭ تەتقىقاتلىرىدا «تەيۋەن ئومۇمىي خەلق مۇداپىئەسىنى سەپەرۋەر قىلىش مەھكىمىسى» (All-Out Defense Mobilization Agency) گە ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ رولى ۋە تەيۋەن دۆلەتلىك ئاممىۋى ئىشلار ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان جەمئىيەتنىڭ چىدامچانلىق كۆرسەتكۈچلىرى ئەستايىدىل ھېسابقا ئېلىنىشى كېرەك. خىتاينىڭ پىسخىكىلىق ئۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئېنىق چۈشىنىش دەل تەيبېينى ۋە پۈتكۈل تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كاپالەتتۇر.

مەنبە ماقالە:

Wang, Howard, and Nathan Beauchamp-Mustafaga. «Total War on Taipei: China Explores Elevating Cognitive Effects into Its Vision of Warfare.» War on the Rocks, July 22, 2026.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*