ھۆكۈمرانلىق كۈرىشىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق: ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ كەلگۈسى

2025-يىلى 25-نويابىر

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار

يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە يەرشارىۋى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىلىشى بىلەن سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ئېلان قىلىنغان «تارىخنىڭ ئاخىرى» تېزىسى كۈچتىن  قالدى. بۈگۈنكى  دۇنيا،  رىقابىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى «ئىقتىساد ۋە تېخنىكا» بولۇۋاتقان،ھەربىي ۋە دىپلوماتىيەدىمۇ تىغمۇ-تىغ رىقابەتلىشىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئامېرىكا) بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (خىتاي) ئوتتۇرىسىدىكى غايەت كۈچلۈك رىقابەتكە گۇۋاھ بولماقتا. مەزكۇر ماقالە، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سودا ئۇرۇشلىرى، تېخنىكىلىق قورشاش سىياسەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئايرىۋېتىش (decoupling) ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقىنى؛ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ماكرو ئىقتىسادىي چىدامچانلىق ۋە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا تەرتىپىنىڭ پارامېتىرلىرى  ئاستىدا ئانالىز قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بۇ تەتقىقاتنىڭ مۇھىملىقى، مەسىلىنى پەقەت تاموژنا باجلىرى ياكى سودا قىزىل رەقىمىگە ئوخشاش يۈزەكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەنلا ئەمەس؛ بەلكى دۆلەتلەرنىڭ سانائەت ئۇل ئەسلىھەلىرى، سىياسىي قارار چىقىرىش مېخانىزملىرىنىڭ پىسىخولوگىيەلىك ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق تەرەققىياتىنىمۇ نەزەرگە ئېلىپ ئانالىز يۈرگۈزگەنلىكىدىدۇر. ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتىكى ئىستراتېگىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېكولوگىيەسىدىكى مۇستەھكەملىكنى ۋە يەرشارىۋى تەمىنات زەنجىرىدىكى مەركىزىي ئورنىنى تەۋرىتەلەيدىغان ياكى تەۋرىتەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب ئىزدەش، ئانالىزنىڭ  غولىنى تەشكىل قىلىدۇ.  بۆلۈملەردە، ئامېرىكانىڭ بۇ كۈرەشتە دۇچ كەلگەن قۇرۇلما خاراكتىرلىك توسالغۇلىرى ۋە «خىتاي چوققىسى» (Peak China) نەزەرىيەسىنىڭ قانچىلىك كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى، چوڭقۇر ۋە كۆپ قاتلاملىق بىر نۇقتىئىنەزەر بىلەن تەتقىق قىلىنىدۇ.

مەزكۇر تەتقىقاتتا، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پەنلىرىنىڭ ئاساسىي ئۇقۇملىرى بىلەن زامانىۋى سىياسىي ئىقتىسادنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قوغداش رېفلىكىسى بىلەن خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈش دىنامىكىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كوئېففىتسېنتىنى ئۆلچەشكە تىرىشىلىدۇ. چۈنكى بۇ رىقابەت، پەقەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىلا ئەمەس، يەرشارىۋى سودىنىڭ يۈرۈشۈش  پىرىنسىپىدىمۇ ئوڭشىغىلى بولماس تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا.

ئىشلەپچىقىرىش ئېكولوگىيەسى ۋە سانائەت ئىقتىدارىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پەرق

ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئاجىز تەرىپى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور «ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقى» دۇر. ۋاشىنگتون ھاكىمىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تېخنىكىلارنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئامېرىكا تۇپرىقىغا قايتۇرۇپ كېلىش (reshoring) ياكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە يۆتكەش (friend-shoring) تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، خىتاينىڭ يېقىنقى ئوتتۇز يىلدا بەرپا قىلغان سانائەت ئېكولوگىيەسى، ئاددىي بىر  قايتۇرۇپ ئەكىلىش تىرىشچانلىقى بىلەن ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە پۇختا ۋە مۇرەككەپتۇر. ياساش سانائىتىدىكى بۇ تەڭپۇڭسىزلىق، پەقەت ئەرزان ئەمگەك كۈچى بازىرى سەۋەبلىك دىمەكلىك بىلەنلا چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان؛ ئەكسىچە  لوگىستىكا ئۇل ئەسلىھەسى، خام ئەشيادىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى، سانلىق مەلۇمات توپلاش ۋە ئانالىز قىلىش ئەۋزەللىكى ۋە لاياقەتلىك ۋاسىتىچى خادىملارنىڭ  خىتايدا تەل بولۇشىدىن شەكىللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك بىر ئۈستۈنلۈكتۇر.

خىتاينىڭ ياساش ئىقتىدارى نۇرغۇنلىغان ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىر كۆلەمگە يەتتى. بولۇپمۇ كېمە ياساش، پولات ئىشلەپچىقىرىش ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرىگە ئوخشاش ئېغىر سانائەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۇل ئەسلىھە ساھەلىرىدە خىتاي، ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىدارىدىن خېلىلا ئىلگىرىلەپ كەتتى. تارىخىي سانلىق مەلۇماتلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، چوڭ كۈچلەر رىقابىتىدە بەلگىلىگۈچى ئامىل پەقەت «پاللىدە يېڭىلىق يارىتىش »لا ئەمەس، بەلكى شۇ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى كەڭ كۆلەمدە، تېز ۋە سىجىل شەكىلدە ئىشلەپچىقىرىشقا بىرلەشتۇرۇش ئىقتىدارىدۇر. ئامېرىكانىڭ پۇل-مۇئامىلىلەشكەن ئىقتىسادى، پايدا نىسبىتى يۇقىرى مۇلازىمەت ساھەسىگە مەركەزلەشتى ۋە بۇ  ئىشلەپچىقىرىش مۇسكۇللىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى؛ خىتاي بولسا «دۇنيانىڭ زاۋۇتى» بولۇش ئورنىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، بۇنى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇردى.

ئامېرىكانىڭ ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقىنى تولدۇرۇشىدىكى يەنە بىر ھالقىلىق توسالغۇ، يەرشارىۋى تەمىنات زەنجىرلىرىنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن قاتلاملىق قۇرۇلمىسىدۇر. بىر ئامېرىكا شىركىتى ئاخىرقى قۇراشتۇرۇش لىنىيەسىنى خىتايدىن چىقىرىپ ۋىيېتنام، ھىندىستان ياكى مېكسىكاغا يۆتكىگەن تەقدىردىمۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ زاۋۇتلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنىلار، ئارىلىق تاۋارلار، خىمىيەلىك بىرىكمىلەر ۋە ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلار زور دەرىجىدە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنماقتا. شۇڭلاشقا، تەمىنات زەنجىرىنى خىتايدىن ئۈزۈش تەشەببۇسى، پارادوكسال بىر شەكىلدە خىتاينىڭ ئارىلىق تاۋار ئېكسپورتىدىكى ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈرۈپ  قويماقتا ۋە ۋاسىتىلىك بېقىنىشقا يەنىمۇ مەجبۇر قىلماقتا. بۇ ئەھۋال، ئامېرىكانىڭ تولۇق مەنىدە «خىتايدىن قول يۇيۇۋېتىش» (decoupling) نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى مۇمكىنسىز ھالغا كەلتۈرۈپ، قىلىنغان ھەرىكەتلەرنى ئاران دېگۈدەك خەتەرنى ئازايتىش (de-risking) سەۋىيەسىدە تۇتۇپ تۇرماقتا.

سانائەت ئىقتىدارىدىكى بۇ پەرقنى تۈگىتىش، بىر قانچە رىغبەتلەندۈرۈش پىلانى بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان بىر مەسىلە بولۇشتىن بەكرەك، ئونلىغان يىل داۋاملىشىدىغان مائارىپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىش سەپەرۋەرلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكادا كېمە قۇرۇلۇشى، مېتاللورگىيە ياكى سانائەت لايىھەسى قاتارلىق ساھەلەر يېتىشكەن ئەمگەك كۈچى كىرىزىسىغا دۇچ كېلىۋاتقاندا، خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا  ھەر يىلى بۇ ساھەلەردە يۈز مىڭلىغان ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرمەكتە. لاياقەتلىك ئەمگەك كۈچى ئامبىرىدىكى بۇ پەرق، ئامېرىكانىڭ خىتاينى ئىشلەپچىقىرىشتا قوغلاپ يېتىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرا مەزگىلىدىلا  مۇمكىنسىز بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا سىياسىي سىستېمىسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك سايلام دەۋرىيلىكىگە باغلانغان قۇرۇلمىسى، بۇنداق ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە تەننەرخى يۇقىرى بىر سانائەت سىياسىتىنىڭ سىجىللىقىغا پايدىسىزدۇر. خىتاينىڭ دۆلەت كاپىتالىزمى مودېلى، بايلىقلارنى ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەرگە پايدىنىڭ غېمىنى قىلماستىن ۋە ناھايىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلار بىلەن يۆتكىيەلىسىمۇ؛ ئامېرىكادا خۇسۇسىي ساھەنىڭ ئۈچ ئايلىق مالىيە دوكلاتى پىرىنسىپى ۋە پايدىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكى، ھەر ۋاقىت دۆلەت مەنپەئەتلىرى بىلەن ماس كەلمەيدۇ. مەبلەغنىڭ، قايتىپ كېلىش مۇددىتى ئۇزۇن بولغان زاۋۇتلارغا ئەمەس، بەلكى تېز پايدا ئېلىپ كېلىدىغان يۇمشاق دېتال ۋە پۇل-مۇئامىلە ۋاسىتىلىرىگە يۈزلىنىشى، ۋاشىنگتون ئارزۇ قىلغان سانائەت گۈللىنىشىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى توسالغۇدۇر.

خۇلاسىلىگەندە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىكى بۇ چوڭقۇر تەڭپۇڭسىزلىق، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى يۈرگۈزگەن ئېمبارگو ۋە چەكلىمىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلەتمەكتە. خىتاي، ئۆزى ئىگە بولغان غايەت زور ئىچكى بازار ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى سايىسىدا، ئامېرىكانىڭ تېخنىكىلىق قورشىۋىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم سانىغانلىرىنى ئىشلەپچىقىرالاش  ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىدارى ئارقىلىق بۆسۈپ ئۆتۈش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقىقەتكە سەل قاراپ، پەقەت قائىدە-تۈزۈملەر ئارقىلىق رەقىبىنى توختىتالايمەن دەپ ئويلىشى، نەق مەيداندىكى كونكرېت رېئاللىق بىلەن ماس كەلمەيدىغان بىر ئىستراتېگىيەلىك كورلۇقتۇر.

«خىتاي چوققىسى» نەزەرىيەسىنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە ئىقتىسادىي چىدامچانلىق

غەرب تاراتقۇلىرىدا ۋە ۋاشىنگتوندىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ئارىسىدا پات-پات تىلغا ئېلىنىدىغان «خىتاي چوققىسى» (Peak China) نەزەرىيەسى، خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىيات چېكىگە يەتتى ۋە نوپۇس كىرىزىسى ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئەمدى مەڭگۈلۈك چېكىنىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ دېگەن پەرەزگە تايىنىدۇ. لېكىن چوڭقۇر ماكرو ئىقتىسادىي ئانالىزلار ۋە نەق مەيداندىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلار، بۇ نىڭ بالدۇر ۋە خاتا قويۇلغان دىياگنوز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. نىكولاس لاردى (Nicholas Lardy) غا ئوخشاش ئالدىنقى قاتاردىكى خىتاي ئىقتىسادى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان ئانالىزلىرى، خىتاينىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنىڭ يەنىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەسىنى «رەقىبىنىڭ ئۆزلۈكىدىن يىمىرىلىشى» ئۈستىگە قۇرۇشىنىڭ چوڭ بىر خاتالىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

خىتاي ئىقتىسادى، ئىلگىرى سۈرۈلگىنىدەك  توختاپ قېلىشتىن بەكرەك، قۇرۇلما ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئۆي-مۈلۈك ۋە ئۇل ئەسلىھە مەبلىغىگە تايانغان كونا تەرەققىيات مودېلىدىن؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقىل ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار (EV) غا تايانغان يېڭى بىر تەرەققىيات مودېلىغا ئۆتۈش جەريانى ئازابلىق بولسىمۇ، خىتاي بۇ ساھەدە ھەيران قالارلىق بىر ماسلىشىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلماقتا. سانلىق مەلۇماتلار، خىتايدا ئائىلىلەرنىڭ ئىستېمالى ۋە ئەمەلىي كىرىمىنىڭ داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقىنى، غەرب تەسۋىرلىگەن «كىرىزىس» مەنزىرىسىنىڭ مۇبالىغە قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. خىتاي شىركەتلىرى پەقەت غەرب تېخنىكىلىرىنى كۆچۈرۈشكىلا ئەمەس، ئەمدىلىكتە يەرشارىۋى ئۆلچەملەرنى بەلگىلەشكە يۈزلەنگەن بىر باسقۇچقا كىردى.

ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتى چوققىغا يېتىپ بولدى،شۇڭا سىجىل ئېشىشتىن توختاپ قالىدۇ دېگەن ئۈمىدتە تۈزگەن سىياسەتلىرى، رەقىبىنى كۆزگە ئىلماسلىق خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر خىتاي ئىقتىسادى، مۆلچەرلەنگەننىڭ ئەكسىچە %4-5 ئارىلىقىدا ئېشىشنى داۋاملاشتۇرسا ۋە تېخنىكىلىق لاياقەتلىكىنى ئاشۇرسا، ئامېرىكانىڭ «ۋاقىت بىزنىڭ پايدىمىزغا ئىشلەۋاتىدۇ» دېگەن ئىستراتېگىيەلىك قارىشى سۇغا چىلىشىدۇ. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار، باتارېيە تېخنىكىسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىلىرىغا ئوخشاش كەلگۈسىنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەسىنى بەلگىلەيدىغان ساھەلىرىدە تىكلىگەن مۇنازىرە تەلەپ قىلماس يەرشارىۋى ھاكىمىيىتى، «خىتاي چوققىسى» نەزەرىيەسىنىڭ ئەكسىچە، خىتاينىڭ يەرشارىۋى تەسىرىنىڭ تېخى چوققىغا يەتمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر شەكىلگە كىرگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

بۇ دائىرىدە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي چىدامچانلىقى، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى تەرەققىي قىلدۇرغان «ئۆز-ئۆزىگە يېتىش» (self-reliance) دوكترىنى بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەملەنمەكتە. ئامېرىكانىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئۆزەك (chip) ئېمبارگولىرى، قىسقا مۇددەتتە خىتايغا زىيان يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتتە بېيجىڭنى ئۆزىنىڭ ئۆزەك سانائىتىنى قۇرۇشقا مەجبۇرلاپ، ئامېرىكا تېخنىكىسىغا بولغان بېقىنىشنى يوقىتىش جەريانىنى تېزلەتتى. خۇاۋېي (Huawei) غا ئوخشاش گىگانتلارنىڭ، بارلىق چەكلىمىلەرگە قارىماي يېڭى ئەۋلاد مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلار سەپلەنگەن مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالالىشى، بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنىڭ ئەڭ كونكرېت نامايەندىسىدۇر.

تارىخىي مىساللار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، چوڭ كۈچلەر تاشقى بېسىملارغا دۇچ كەلگەندە ئادەتتە ئىچكى ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدۇ؛ خىتاينىڭ مىسالىمۇ بۇ تارىخىي قائىدىنى ئىسپاتلايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى، ئىقتىسادىي بايلىقلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ساھەلەرگە يۆتكىيەلەش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بۇ ئەۋزەللىك بازار تەۋرىنىشلىرىگە قارشى ئىلاسىكىلىقنى ساقلىغۇچىلىق رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكانىڭ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلەر سەۋەبىدىن ۋەيران بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشى ۋە شۇ ئۈمىدكە باغلىنىپ قېلىشى، ئەقلگە مۇۋاپىق بىر ئىستراتېگىيەدىن بەكرەك قۇرۇق ئارزۇدىن ئىبارەتتۇر.

سىياسىي پىسخولوگىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش: ئالاقە ئورنىتىشتىن قورشاشقىچە

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈش جەريانى، پەقەت ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار بىلەنلا ئەمەس، ۋاشىنگتوندىكى سىياسىي ۋە پىسخولوگىيەلىك ئۆزگىرىش بىلەنمۇ يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك. يىللارچە داۋاملاشقان «ئالاقە ئورنىتىش» (Engagement) سىياسىتى، خىتاي يەرشارىۋى سىستېمىغا سىڭىشكەنسېرى سىياسىي جەھەتتىن لىبېراللىشىدۇ ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى تەرتىپكە ماس كېلىدىغان بىر شېرىككە ئايلىنىدۇ دېگەن پەرەزگە تايىناتتى. لېكىن بۇ ئۈمىدنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەبىت زامانىۋىلىشىش مودېلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشتۇرۇپ ئامېرىكاغا رەقىب بولۇشى، ۋاشىنگتوندا چوڭقۇر بىر ئۈمىدسىزلىككە ۋە  غەزەپكە يول ئاچتى. بۇ ئەھۋال، ئەقلگە مۇۋاپىق تاشقى سىياسەت ئانالىزىنىڭ ئورنىنى ھېسسىيات خاراكتېرلىك ئىنكاسلارنىڭ ئېلىشىغا سەۋەب بولدى.

بۇ ئۈمىدسىزلىك، ئامېرىكا سىياسىتىدە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئىككى پارتىيەنىڭ (bipartisan) ئورتاق تونۇشقا كېلىشى ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ھەم جۇمھۇرىيەتچىلەر ھەمدە دېموكراتلار، خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى مەۋجۇتلۇققا تەھدىت دەپ قارىماقتا ۋە «مۇناسىۋەتنى بۇزۇش» (breaking the engagement) يۆنىلىشىدە سىياسەتلەرنى تۈزمەكتە. بىراق بۇ ئىستراتېگىيەلىك قايچا، خىتاينىڭ نەق مەيداندىكى رېئاللىقىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىدىن بەكرەك، ئامېرىكانىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى يوقىتىپ قويۇش قورقۇنچىسى بىلەن شەكىللەنمەكتە. قورقۇنچنى ئاساس قىلغان بۇ خىل ئۇسۇل، ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا بىخەتەرلىككە مەركەزلەشكەن ۋە رېئاكسىيەلىك سىياسەتلەرگە يۈزلىنىشىگە، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ سودا دىنامىكىلىرىغا زىيان يەتكۈزۈشىگە سەۋەب بولماقتا.

مەزكۇر ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش ئۆزگىرىشى، ئامېرىكانىڭ ئۆزى قۇرغان ئەركىن سودا تەرتىپىنى بىۋاسىتە ۋەيران قىلىشى بىلەن نەتىجىلەندى. تاموژنا توسۇقلىرى، ئېكسپورت چەكلىمىلىرى ۋە مەبلەغ سېلىش چەكلىمىلىرى، ئامېرىكانىڭ 1945-يىلىدىن كېيىن بەرپا قىلغان لىبېرال تەرتىپنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى بىلەن زىددىيەتلىكتۇر. بۇ زىددىيەت، ئامېرىكانىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزمەكتە ۋە ئىتتىپاقداشلىرى نەزىرىدە ۋاشىنگتوننىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى سوئال ئاستىغا ئالماقتا. خىتاي بولسا بۇ ئەھۋالنى، «ئامېرىكانىڭ قائىدىلەرگە ئاساسلانغان تەرتىپنى پەقەت ئۆزىگە پايدىلىق بولغاندىلا ھىمايە قىلىدىغانلىقى» تېزىسى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىدە بىر تەشۋىقات ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئۇستىلىق بىلەن ئىشلەتمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ قاتتىق قورشاش سىياسىتى، خىتاي جەمئىيىتىدە مىللەتچىلىكنى قۇترىتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئاشۇرماقتا. سىرتتىن كەلگەن تەھدىت تۇيغۇسى، خىتاي خەلقىنى رەھبەرلىك ئەتراپىدا زىچ ئۇيۇشتۇرماقتا ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا قارشى ئىجتىمائىي قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرماقتا. ئامېرىكىلىق ئىستراتېگىيەچىلەرنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلغان نۇقتىسى شۇكى: بىر مىللەتنى سىرتتىن قورشاپ ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، كۆپىنچە ھاللاردا شۇ مىللەتنىڭ ئىچكى قارشىلىق كۈچىنى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئامېرىكانىڭ خىتاينى سىياسىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىش مەقسىتىنى كۆزلىگەن ئىستراتېگىيەلىرى، كۆزلەنگەننىڭ دەل ئەكسىچە بىر نەتىجە بېرىپ، بېيجىڭنىڭ سىياسىي ئىرادىسىنى تېخىمۇ پولاتتەك تاۋلىماقتا.

كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپى ۋە ئىتتىپاقلارنىڭ چېكى

ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى باشلىغان سودا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ ھالقىلىق ئامىللاردىن بىرى، خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان قۇرۇلمىسىدۇر. سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئىككى قۇتۇپلۇق كەسكىن بۆلۈنۈشنىڭ ئەكسىچە، بۈگۈنكى دۇنيا ئۆزگىرىشچان، كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە كۆپ قاتلاملىق بىر قۇرۇلمىنى نامايان قىلماقتا. بۇ يېڭى تەرتىپتە، ئۈچىنچى تەرەپ دۆلەتلەر (ياۋروپا ئىتتىپاقى، ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ۋە بىرازىلىيەگە ئوخشاش ئاكتىيورلار) ئېنىق بىر تەرەپنى تاللاشنىڭ ئورنىغا، ھەر ئىككىلا كۈچ  مەنپەئەتكە ئاساسلانغان مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى، يەنى «ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيە» نامايان قىلىشنى تاللىماقتا. بۇ ئەھۋال، ئامېرىكانىڭ خىتاينى يېتىم قالدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتسىز قىلماقتا.

يەرشارىۋى سىستېمىدىكى بۇ يېڭى تەڭپۇڭلۇق، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك بىر ئۇرۇشقا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، ئەمما رىقابەتنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىر «ئۆزئارا ئوق چىقىرىشنى توختىتىش» (ceasefire) مېخانىزمىنى ياراتماقتا. ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمۇ، بىخەتەرلىك كۈنلۈكى ئاستىدا ۋاشىنگتونغا سادىق بولسىمۇ، ئىقتىسادىي پاراۋانلىقى ئۈچۈن خىتاي بازىرىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ. گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ياكى ئاۋسترالىيەنىڭ کانچىلىق ساھەسى خىتايغا بۇ دەرىجىدە بېقىنىپ تۇرغاندا، ئامېرىكانىڭ «ئىقتىسادىي بىر NATO» قۇرۇش خىيالى، دۆلەتلەر مەنپەئەتلىرىنىڭ تېمىغا بېرىپ سوقۇلماقتا. دۇنيا پايتەختلىرى، ۋاشىنگتوننىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى بۇ ئەندىشىلەر ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا يېقىنلاشمايۋاتىدۇ.

ئامېرىكانىڭ دوللارنى بىر تاشقى سىياسەت قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىشى ۋە پۇل-مۇئامىلە ئېمبارگولىرىنى چىڭىتىشى، «يەرشارىۋى جەنۇب» (Global South) دۆلەتلىرىدە جىددىي بىر بىئاراملىق پەيدا قىلدى. بۇ ئەھۋال، BRICS+ كە ئوخشاش باشقا مۇنبەرلەرنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە يەرلىك پۇل بىرلىكلىرى بىلەن سودا قىلىشنىڭ تەشۋىق قىلىنىشىغا يول ئاچماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت سودىسىدا يۈەننى قوبۇل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشى ياكى بىرازىلىيەنىڭ دوللاردىن باشقا پۇل ئالماشتۇرۇش سىستېمىلىرىنى ياقلىشى، ئامېرىكانىڭ پۇل-مۇئامىلە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاجىزلىشىشقا باشلىغانلىقىنىڭ سىگناللىرىدۇر. خىتاي، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى (BRI) ئارقىلىق قۇرغان فىزىكىلىق لىنىيە  ۋە پۇل-مۇئامىلە تورلىرى بىلەن، ئامېرىكا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان پاراللېل بىر ئىقتىسادىي سىستېمىنىڭ ئۇلىنى سالماقتا.

كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، «بىتەرەپ» كۆرۈنگەن دۆلەتلەر ئەمدىلىكتە تېخىمۇ كۆپ سودىلىشىش كۈچىگە ئىگە بولدى. خىتاي تەمىنلىگەن ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىلىرى ۋە تەرەققىيات قەرزلىرى، بۇ دۆلەتلەر ئۈچۈن غەرب تېڭىۋاتقان شەرتلىك ياردەملەرگە نىسبەتەن ئەۋزەل  بىر تاللاش بولماقتا. ئامېرىكا، خىتاينىڭ ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئاسىيادىكى تەسىرىنى سۇندۇرماقچى بولسا، پەقەت ھەربىي بازىلار ياكى دېموكراتىيە شوئارلىرى بىلەنلا ئەمەس، كونكرېت ئىقتىسادىي تۈرلەر بىلەن نەق مەيداندا بولۇشقا مەجبۇر. لېكىن ھازىرقى خامچوت قىسىنچىلىقى ۋە ئىچكى سىياسىي بۆلۈنۈش، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ «تەرەققىيات يولى» تۈرىگە رەقىب بولالايدىغان يەرشارىۋى بىرپىلان- تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا توسالغۇ بولماقتا.

خەلقئارا سەھنىدىكى داڭلىق سىياسىي ئانالىزچىلارمۇ تەكىتلىگىنىدەك، بۇ سودا ئۇرۇشىنىڭ غالىبى، دۇنيانى «بىز ۋە ئۇلار» دەپ ئايرىغان تەرەپ ئەمەس، بەلكى بىرلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرغان تەرەپ بولىدۇ. ئامېرىكانىڭتەشەببۇسكار سىياسەتتىن قوغدىنىش سىياسەتلىرىگە چېكىنىپ ئۆزىنى ئورىۋېلىشى،ئۆزىنىڭ يەرشارىۋى رەھبەرلىك دەۋاسىغا زىت كېلىۋاتقاندا؛ خىتاينىڭ ئەركىن سودىنى ياقلايدىغان سۆزلىرى (ئەمەلىيەتتە مەسىلىلەر بولسىمۇ) يەرشارىۋى جەنۇب دۆلەتلەر نەزىرىدە تېخىمۇ كۆپ ئاۋاز قوزغىماقتا.

خۇلاسىلىگەندە، يەرشارىۋى سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىسى، ئامېرىكانىڭ خىتاينى بىر تەرەپلىمە ھالدا قورشىشىغا ئىمكان بەرمەيدۇ. دۇنيا ئىقتىسادى، 1990-يىللاردىكىگە ئوخشاش ئامېرىكا مەركەزلىك ئەمەس ۋە خىتاي، سىستېمىنىڭ شۇنداق چوڭ بىر پارچىسىكى، ئۇنى سىستېمىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇش، سىستېمىنىڭ ئۆزىنى ۋەيران قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا، ئىتتىپاقداشلارنىڭ ۋە ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقى، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئۇرۇشىنىڭ چېكىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم تاشقى ئامىلدۇر.

خۇلاسە

چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئانالىزلارغا باققىنىمىزدا، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى باشلىغان سودا ۋە ئىقتىسادىي ئۇرۇشىدا مۇتلەق بىر غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقىنىڭ خېلىلا تۆۋەن ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. خىتاي ئىگە بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئېكولوگىيەسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولماس دەرىجىدە چوڭقۇرلۇقى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كىرىزىسلارغا قارشى كۆرسەتكەن قۇرۇلما خاراكتىرلىك چىدامچانلىقى ۋە دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئەمدىلىكتە ئامېرىكانىڭ بىر تەرەپلىمە زورلاشلىرىغا يول قويمايدىغان دەرىجىدە كۆپ خىللاشقان بولۇشى، ۋاشىنگتوننىڭ نىشانىغا يېتىشىگە توسالغۇ بولىدىغان ئاساسىي پارامېتىرلاردۇر.

ئامېرىكا، تېخنىكىلىق رەھبەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن خىتاينى بەزى ساھەلەردە ئاستىلىتالىشى مۇمكىن؛ ئەمما خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى پۈتۈنلەي توختىتىشى ياكى كەينىگە ياندۇرۇشى، نۆۋەتتىكى يەرشارىۋى دىنامىكىلار شارائىتىدا مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنمەكتە. «خىتاي چوققىسى» نەزەرىيەسىگە باغلىنىپ قېلىش، ئامېرىكا ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك بىر غەپلەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەكسىچە، خىتاينىڭ سانائەت ئىقتىدارى ۋە ئۆزگىرىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش مودېللىرى، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئىقتىسادىي خورىتىش ئۇرۇشىغا تەييار ۋە تېخىمۇ چىداملىق قىلماقتا. قىسقىسى، پەقەت سودا ئۇرۇشىنىڭلا يالغۇز بېشىغا خىتاينى تىزگىنلىيەلىشى قىيىندۇر.

كەلگۈسى ئون يىل، ئامېرىكا خىتاينى يېڭىشتىن بەكرەك، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشاشنى (coexistence) ۋە رىقابەتنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولىدىغان بىر مەزگىل بولىدۇ. بۇ جەرياندا، ئىچكى سانائىتىنى كۈچەيتەلمىگەن، سىياسىي قۇتۇپلىشىشىدىن ھالقىيالمىغان ۋە يەرشارىۋى ئىتتىپاقلىرىنى پەقەت بىخەتەرلىك مەركەزلىك ھاسىل قىلىدىغان بىر ئامېرىكانىڭ، خىتاي ئالدىدا مەيداننى قولدىن بېرىشى مۇقەررەردۇر.  «باشقىسى» نىڭ ۋەيران بولۇشى سىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭ ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەت، ئۆز ئۆيىنى تەرتىپكە سالالاش ۋە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنياغا ماسلىشالاش ئىقتىدارىدۇر.

پايدىلانمىلار:

بۇ ماقالىدە ئورۇن ئالغان ئانالىزلار، تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن مەنبەلەر تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار، نەزەرىيەۋى رامكىلار ۋە مۆلچەرلەر ئاساس قىلىنىپ تۇرۇپ يەكۈنلەنگەن:

[1] Australian Strategic Policy Institute. (2025, November 24). US can’t overcome manufacturing gap with China. The Strategisthttps://www.aspistrategist.org.au/us-cant-overcome-manufacturing-gap-with-china/

[2] South China Morning Post. (2025, November 24). Why US economist Nicholas Lardy thinks ‘peak China’ theory has peaked. South China Morning Posthttps://www.scmp.com/economy/china-economy/article/3333699/why-us-economist-nicholas-lardy-thinks-peak-china-theory-has-peaked

[3] London School of Economics. (2025, November 23). Book Review: Breaking the Engagement: How China Won and Lost America. LSE USAPP Bloghttps://blogs.lse.ac.uk/usappblog/2025/11/23/book-review-breaking-the-engagement-how-china-won-and-lost-america/

[4] The National. (2025, November 23). US-China trade deal: A ceasefire in rivalry shaping multipolar world. The National Newshttps://www.thenationalnews.com/business/2025/11/23/us-china-trade-deal-a-ceasefire-in-rivalry-shaping-multipolar-world/

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*