ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش كومىتېتى (USCC) نىڭ 2025-يىللىق دۆلەت مەجلىسى دوكلاتىغا ئاساسەن ئىستراتېگىيەلىك بۆلۈنۈش ۋە يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاناتومىيەسى
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش كومىتېتى (USCC) تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە 2025-يىلى نويابىردا 119-نۆۋەتلىك دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىرىنچى يىغىنىغا سۇنۇلغان «2025-يىللىق دوكلات»، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئەدەبىياتى ۋە يەرشارى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئانالىزىدا بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ [1-بەت]. كومىتېت رەئىسى رېۋا پرايس (Reva Price) ۋە مۇئاۋىن رەئىس ھون راندال شرىۋېر (Hon. Randall Schriver) رەھبەرلىكىدە، 12 ئەزانىڭ بىردەك ماقۇللىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان بۇ تېكىست، ئاددىي بىر بىيۇروكراتىك دوكلات بولۇشتىن ھالقىپ، 21-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چارىكى ئاخىرىدا شەكىللەنگەن «بۈيۈك ئىستراتېگىيە» (grand strategy) رىقابىتىنىڭ ئەڭ ئەتراپلىق باياننامىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. دوكلاتنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىمۇ بايان قىلىنغىنىدەك، كومىتېتنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش ۋە دۆلەت مەجلىسىگە مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە سىياسەت تەكلىپلىرىنى سۇنۇشتۇر [2-بەت]. 2025-يىللىق بۇ دوكلات، ، ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كەسكىن، ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىك ۋە «مەۋجۇتلۇق خەۋپى» تۇيغۇسىغا كەلتۈرىدىغان بىر تىلنى قوللانغان.
دوكلاتنىڭ تەييارلىنىش جەريانى، ئىنتايىن ئەستايىدىل ۋە كۆپ قاتلاملىق بىر مېتودولوگىيەگە ئاساسلانغان. كومىتېت ئەزالىرى، دوكلاتتىكى بايقاشلارنى دەلىللەش مەقسىتىدە يىل بويى نۇرغۇن قېتىم خەلققە ئوچۇق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىنى (hearing) ئۇيۇشتۇرغان، مەخپىي ئىستىخبارات مەلۇماتلىرىنى ئالغان ۋە ھەم دۆلەت ئىچى ھەم چەت ئەللەردە تەكشۈرۈش سەپەرلىرىنى ئېلىپ بارغان [3-بەت]. بولۇپمۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا (كامبودژا، تايلاند ۋە فىلىپپىن نۇقتىلىق) ئورۇنلاشتۇرۇلغان نەق مەيدان تەكشۈرۈشلىرى ۋە ئامېرىكانىڭ تېخنىكا بازىلىرىغا (كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى، گۇگۇل كىۋانت سۈنئىي ئەقىل، رېئاكتىپ كۈچ تەجرىبىخانىسى، HRL تەجرىبىخانىلىرى) قىلىنغان تېخنىكىلىق زىيارەتلەر، دوكلاتنىڭ پاكىتلىق ئاساسىنى كۈچەيتكەن [5-بەت]. بۇ نەق مەيدان خىزمەتلىرى سايىسىدا، دوكلات پەقەت ۋاشىنگتوندىكى ئۈستەل يۈزى ئانالىزلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، خىتاينىڭ يەرشارىۋى تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ۋە تېخنىكىلىق بۆسۈشلىرىنىڭ نەق مەيداندىكى ئىپادىلىرىنى بىۋاسىتە كۆزىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.
ئاكادېمىك نۇقتىدىن قارىغاندا، دوكلات سۇنغان نەزەرىيەۋى رامكا، «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت» ئۇقۇمىنىڭ ئىچىنىڭ قانداق تولدۇرۇلغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 2000-يىلى قۇرۇلغان مەزكۇر كومىتېت، 25 يىللىقىغا يېقىنلىشىۋاتقاندا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەمدىلىكتە باشقۇرغىلى بولىدىغان بىر «رىقابەت» باسقۇچىدىن ھالقىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك، ئىدېئولوگىيەنى ئاساس قىلغان «سىستېمىلىق توقۇنۇش» باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى جەزملەشتۈرمەكتە [7-بەت]. دوكلات، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) تەھرىرلىگۈچى نىشانلىرىنىڭ، پەقەت ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى؛ مەۋجۇت خەلقئارالىق قائىدىلەرگە ئاساسلانغان تەرتىپنى (rules-based international order) ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ئۆلچەملىرى رامكىسىدا قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشنى ۋە ئامېرىكانىڭ يەرشارىۋى يېتەكچىلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ ئەھۋال، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىدىكى «كۈچ ئالمىشىش» (Power Transition) نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ كەسكىن سېنارىيەلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ.
دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىمۇ ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ؛ دوكلات يەرشارىۋى سودا ئۇرۇشلىرى ئورنىنى تېخنىكا ئېمبارگولىرىغا بوشىتىپ بەرگەن، تەمىنلەش زەنجىرلىرى«ئۈنۈم» نىڭ ئورنىغا «بىخەتەرلىك» مەركەزلىك قايتىدىن قۇرۇلۇۋاتقان ۋە يادرو بىلەن قوراللىنىش مۇسابىقىسى قايتىدىن باشلانغان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. USCC، بۇ دوكلات ئارقىلىق دۆلەت مەجلىسىگە، خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى توسۇش ياكى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كېرەكلىك قانۇنىي ۋە خامچوت ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەسلەتمەكتە [12-بەت]. تېكىست، خەلقئارا قانۇن، ئىقتىسادىي سىياسەت، ھەربىي ئىستراتېگىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پەنلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، خىتاينىڭ «چەكسىز ئۇرۇش» (unrestricted warfare) دوكتىرىناسىغا قارشى ئامېرىكانىڭ «پۈتۈنچىل دۆلەت» (whole-of-government) ئۇسۇلىنى قوللىماقتا.
كومىتېت دوكلات ئارقىلىق، پەقەت بىر ۋەزىيەت ئانالىزى قىلىپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كەلگۈسىگە قارىتا مۆلچەرلەرنىمۇ سۇنماقتا. ئالدىمىزدىكى ئون يىلنىڭ «ھالقىلىق ئون يىل» بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دوكلات، ئەگەر ئامېرىكا تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈكىنى ۋە يېتەكچىلىكىنى قوغداپ قالالمىسا، يەرشارىۋى دېموكراتىيەنىڭ كەلگۈسىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بولۇپمۇ سۈنئىي ئەقىل، كىۋانت ھېسابلاش ۋە بىيو-تېخنىكا ساھەلىرىدىكى تەرەققىياتلارنىڭ، ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدىغانلىقى ۋە بۇ ساھەلەردە خىتاي قولغا كەلتۈرىدىغان بىر ئۈستۈنلۈكنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى تۇغدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا[15-بەت].
دوكلاتنىڭ تىلىدا ۋە قۇرۇلمىسىدا كۆزگە چېلىققان ئۆزگىرىش، ئامېرىكا بيۇروكراتىيەسىنىڭ خىتايغا قارىتا كۆز قارىشىنىڭ «يۇمشىماس دەرىجىدىكى» كەسكىنلىشىشنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. ئەمدىلىكتە «ئارىلىشىش/مۇناسىۋەت ئورنىتىش» (engagement) سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئىستراتېگىيەلىك ئايرىلىش» (decoupling) ياكى تېخىمۇ يۇمشاق ئىپادە بىلەن «خەتەرسىزلەندۈرۈش» (de-risking) ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ، ھەتتا بەزى جايلاردا «قورشاپ تىزگىنلەش» (containment) سىياسەتلىرىنىڭ دەسسىتىلگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بۇ دوكلات، ۋاشىنگتوندىكى ئىككى پارتىيە ھاسىل قىلغان (bipartisan) ئورتاق تونۇشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھۆججىتى سۈپىتىدە تارىختا ئورۇن ئېلىشقا لايىقتۇر.
2. ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ۋە سودىدىكى قۇرۇلمىلىق تەڭسىزلىكلەر
قۇرۇلمىلىق تەڭپۇڭسىزلىقلار ۋە سودا قىزىل رەقىمى: ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت، دوكلاتتا داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغان بىر «بېقىنىش » سۈپىتىدە تەسۋىرلەنمەكتە. يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن غايەت زور سودا قىزىل رەقىمى، پەقەت بىر مالىيە سانلىق مەلۇماتى بولۇشتىن ھالقىپ، ئامېرىكانىڭ سانائەت ئاساسىنىڭ ئېرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىستراتېگىيەلىك بىر ئاجىزلىق (hollowing out) دەپ قارالماقتا [37-بەت]. كومىتېت، خىتاينىڭ دۆلەت كاپىتالىزمى ئەندىزىسىنىڭ، ئەركىن بازار مېخانىزملىرىنى سىستېمىلىق ھالدا بۇزغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قارشى ئادالەتسىز بىر رىقابەت مۇھىتى ياراتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ ئەھۋال، ئامېرىكانىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GSYİH/GDP) ئۈستىدە بېسىم پەيدا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا ۋە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ ئىقتىسادىي پاراۋانلىقىغا بىۋاسىتە تەھدىت سالماقتا.
«ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى (Overcapacity) » تەھدىتى ۋە يەرشارى بازارلىرى: دوكلاتنىڭ «1-بۆلۈم: ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى» تېمىسى ئاستىدا مۇلاھىزە قىلىنغان ئەڭ دىققەت تارتىدىغان بايقاشلىرىدىن بىرى، خىتاينىڭ ««ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى (Overcapacity) » ئىستراتېگىيەسىدۇر [41-بەت]. بولۇپمۇ ئېلېكتىرلىق ئاپتوموبىللار (EV)، لىتىي-ئىيونلۇق باتارېيەلەر ۋە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرى قاتارلىق «يېڭى ئۈچ تۈرلۈك» (new trio) دەپ ئاتىلىدىغان يېشىل تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدا، خىتاي ئىچكى ئېھتىياجىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىپ، بۇ خامچوتتىن ئوشۇق تەننەرخنى دۆلەت تولۇقلىمىسى ئارقىلىق قوللاپ، يەرشارى بازارلىرىغا تۆكمە باھادا سۈرمەكتە. دوكلات، بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ پەقەت بىر ئىقتىسادىي بازار ئۈلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىلا ئەمەسلىكىنى، بەلكى غەربنىڭ سانائەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى نىشان قىلغان جۇغراپىيەلىك-ئىقتىسادىي بىر قورال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە [43-بەت].
سانائەت سىياسەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشى: كومىتېت، خىتاينىڭ سانائەت سىياسەتلىرىنىڭ (مەسىلەن، «خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان 2025» ۋە ئۇنىڭ داۋامى بولغان پىلانلار)، غەرب چۈشىنىدىغان مەنىدىكى «بازارنى تەرتىپكە سالغۇچى» ئەمەس، بەلكى «بازار ھاكىمىيىتى قۇرغۇچى» خۇسۇسىيەتتە ئىكەنلىكىنى سىياسەت چىقارغۇچىلارنىڭ سەمىگە سالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى، باج ئېتىبارلىرى، ئەرزان يەر تەقسىملەش، مەجبۇرىي تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ئېنېرگىيە تولۇقلىمىلىرى قاتارلىق ھۆكۈمەت مالىيە ياردەملىرى ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەكتە، بۇ بولسا دۇنيا سودا تەشكىلاتى (DTÖ) قائىدىلىرىنىڭ تېكىستىگە ۋە روھىغا خىلاپتۇر [48-بەت]. دوكلات، ئامېرىكانىڭ <ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ> قىلىپ ئۆزىنىڭ سانائەت سىياسەتلىرى (مەسىلەن، ئۆزەك قانۇنى ۋە پۇل پاخاللىقىنى تۆۋەنلىتىش قانۇنىغا ئوخشاش رىغبەتلەندۈرۈشلەر) نى تېخىمۇ تاجاۋۇزچىل يوسۇندا يولغا قويۇشىنى ۋە خىتاينىڭ «يىرتقۇچلارچە» (predatory) سودا قىلىش ئۇسۇللىرىغا قارشى 301-بۆلۈم تاموژنا بېجىنى مەڭگۈلۈك ھالەتكە كەلتۈرۈشىنى تەكلىپ قىلماقتا.
تەمىنلەش زەنجىرى ئاجىزلىقلىرى ۋە سىيرەك مىنېراللار: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ۋە يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىنىڭ، سىيرەك مەدەنلەر ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نادىر مىنېراللار مەسىلىسىدە خىتايغا بولغان ھەددىدىن زىيادە بېقىنىشچانلىقى، «مىللىي بىخەتەرلىك كىرىزىسى» دەرىجىسىدە باھالانماقتا [65-بەت]. خىتاي، گاللىي، گېرمانىي، گىرافىت ۋە كوبالىت پىششىقلاپ ئىشلەش مىقدارىنىڭ %80-90 نى كونترول قىلماقتا. دوكلات، خىتاينىڭ بۇ بازار ھاكىمىيىتىنى جۇغراپىيەلىك سىياسىي بىر تەھدىت قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىش (weaponization of supply chains) خەۋپىگە دىققەت تارتماقتا ۋە 2023-2024-يىللىرى يولغا قويغان گاللىي ئېكسپورت چەكلىمىلىرىنى بۇنىڭغا مىسال تەرىقىسىدە كۆرسەتمەكتە [67-بەت]. ئامېرىكانىڭ «مىللىي مۇداپىئە زاپىسى» (National Defense Stockpile) نى جىددىي كېڭەيتىشى ۋە مىنېرال پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىلىرىنى دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىشى تەۋسىيە قىلىنماقتا.
«دوست دۆلەتلەرنى مەنبە قىلىش» (Friend-Shoring) ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئايرىلىش (Decoupling):
دوكلاتتا، تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى خىتاينىڭ سىرتىغا يۆتكەش ئىستراتېگىيەسى بولغان «friend-shoring» (دوست دۆلەتلەردىن تەمىنلەش) ۋە «near-shoring» (يېقىن دۆلەتلەردىن تەمىنلەش) ئۇقۇملىرى ئۇرغۇلۇق قوللانماقتا. لېكىن كومىتېت، تولۇق بىر «ئايرىلىش» (decoupling) نىڭ تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بو ۋە مۇرەككەپ قۇرۇلمىسىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ھالقىلىق تېخنىكىلاردا «خەتەرسىزلەندۈرۈش» (de-risking) سىياسىتىنىڭ يېتەرسىز قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىما قىلماقتا [82-بەت]. بولۇپمۇ ۋىيېتنام، ھىندىستان ۋە مېكسىكا قاتارلىق باشقا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى، لېكىن بۇ دۆلەتلەر ئارقىلىق خىتاي ماللىرىنىڭ «يۆتكەپ توشۇش» (transshipment) ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنمەكتە [85-بەت].
ئېكسپورت كونتروللىرى ۋە جازالارنىڭ كۈچسىز بولۇشى: دوكلاتتا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى (BIS) يولغا قويغان ئېكسپورت كونتروللىرىنىڭ ئۈنۈمى سۈرۈشتۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ،ئىچى قۇرۇق شىركەتلەر (shell companies)، بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىمەتلىرى ۋە ئۈچىنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكا تېخنىكىسىغا داۋاملىق ئېرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە [95-بەت]. دوكلات، ئېكسپورت كونتروللىرىنىڭ رول ئوينىيالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنى مەلۇم قىلغان پۇقرالارغا قارىتا بىر «پاش قىلغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى» (whistleblower incentive program) تەسىس قىلىنىشىنى ۋە BIS نىڭ ئىستىخبارات ئىقتىدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىنى تەكلىپ قىلماقتا.
مەبلەغنى تەكشۈرۈش ۋە مەبلەغ ئېقىملىرى: ئامېرىكانىڭ، خىتاينىڭ ھەربىي-سانائەت سىستېمىسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىرقارا يۇمۇر» ۋە ئىستراتېگىيەلىك قارىغۇلۇق دەپ تەسۋىرلەنمەكتە [110-بەت]. دوكلات، ئامېرىكا پېنسىيە فوندلىرىنىڭ، ئۇنىۋېرسىتېت ۋەخپىلىرىنىڭ (endowments) ۋە تەۋەككۈل مەبلىغىنىڭ (VC)، خىتاي سۈنئىي ئەقلى، كىۋانت ۋە بىيو-تېخنىكا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنىڭ كەسكىن توسۇلۇشى كېرەكلىكىنى ياقىلىماقتا. پىرېزىدېنتنىڭ «سىرتقا چىقىرىدىغان مەبلەغ» (Outbound Investment) پەرمانىنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ چەكلەش كۈچىگە ئىگە قانۇنلارنى چىقىرىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنمەكتە.
رەقەملىك يىپەك يولى ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى: خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى» (BRI)، ئەمدىلىكتە پەقەت بېتون ۋە تۆمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى بىلەنلا ئەمەس، «رەقەملىك يىپەك يولى» ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات كونترولى ۋە تور جاسۇسلۇقى قورالى سۈپىتىدە ئانالىز قىلىنماقتا [125-بەت]. خىتاي تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ (خۇاۋېي، ZTE) ۋە سۇ ئاستى كابېل شىركەتلىرىنىڭ جەنۇب دۆلەتلىرىدە قۇرغان يەرشارىۋى تورلىرى، بېيجىڭغا غايەت زور ئىستىخبارات ئەۋزەللىكى تەمىنلىمەكتە. دوكلات، LOGINK غا ئوخشاش خىتاي دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەشيا ئوبوروتى سانلىق مەلۇمات سۇپىلىرىنىڭ يەرشارىۋى سودىنى كۆزىتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا ۋە ئامېرىكا پورتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىلىرىنى ئىشلىتىشىنىڭ چەكلىنىشىنى تەكلىپ قىلماقتا [128-بەت].
3. تېخنىكىلىق رىقابەت: كىۋانت، سۈنئىي ئەقىل ۋە كەلگۈسى ئۇرۇشلار
«كىۋانت ئالدىنقىلىقى» (Quantum First) 2030 تەسەۋۋۇرى: دوكلاتنىڭ تېخنىكىغا ئائىت بولغان قىسىمىنىڭ يادرولۇسى ۋە بەلكىم ئەڭ ئەمەلىيەتچىل تەكلىپى، «كىۋانتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» (Quantum First) ئىستراتېگىيەسى بولۇپ، [535-بەت]. كومىتېت، دۆلەت مەجلىسىگە، ئامېرىكانىڭ 2030-يىلىغىچە كىۋانت ھېسابلاش، تەقلىدلەش (simülasyon) ۋە سېنزور تېخنىكىلىرىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن مانخاتتان قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش بىر مىللىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىشىنى تەۋسىيە قىلماقتا. كىۋانت تېخنىكىسى، تېخىمۇ تېز بىر تەرەپ قىلغۇچى ئەمەس،ئەينى ۋاقىتتا مەۋجۇت مەخپىيلەشتۈرۈش سىستېمىلىرىنى (RSA قاتارلىقلار) سېكۇنتلار ئىچىدە بۇزۇپ تاشلىيالايدىغان (post-quantum cryptography) ئىستراتېگىيەلىك بىر «قىيامەت قورالى» دەپ قارالماقتا.
خىتاينىڭ كىۋانت ئالاقىسىدىكى ئۈستۈنلۈكى: دوكلات، ئاچچىق بىر ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلماقتا ۋە خىتاينىڭ «كىۋانت ئالاقىسى» (Quantum Communications) ساھەسىدە ئامېرىكادىن خېلىلا ئالدىدا ئىكەنلىكىنى دەلىللىمەكتە [540-بەت]. خىتاي، Micius سۈنئىي ھەمراھى ۋە بېيجىڭ-شاڭخەي لىنىيەسىدىكى يەر يۈزى تورلىرى بىلەن، 10،000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان، فىزىكا قانۇنىيىتى بويىچە خاككىر ھۇجۇمىغا ئۇچرىمايدىغان بىر «دۆلەت كىۋانت تورى» قۇرغان. بۇ ئەھۋال، خىتاينىڭ ھەربىي ئالاقىسىنىڭ ئامېرىكا ئىستىخباراتى تەرىپىدىن تىڭشىلىشىنى مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويسا (قاراڭغۇ رايون)، ئامېرىكانىڭ ئۆزىنىڭ ئالاقە تورلىرىنىڭ ھېلىھەم كىلاسسىك شىفىرلاشقا تايىنىشى چوڭ بىر خەۋپ پەيدا قىلماقتا.
كىۋانت يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى (QSEI): قاتتىق دېتال رىقابىتىدىن باشقا، يۇمشاق دېتال ساھەسىدىمۇ بىر ئىلگىرىلەش تەلەپ قىلىنماقتا. دوكلات، «كىۋانت يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى» (QSEI) ئىسمىدا، دۆلەت قوللايدىغان يېڭى بىر ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشىنى تەكلىپ قىلماقتا [550-بەت]. بۇ ئىنستىتۇت، دەسلەپكى باسقۇچتىكى كىۋانت كومپيۇتېرلارنىڭ ئىشلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك يۇمشاق دېتال تىللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىشى، ئالگورىزملارنى ئەلالاشتۇرىشى ۋە «ئىشەنچلىك بىر كىۋانت يۇمشاق دېتال تەمىنلەش زەنجىرى» قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىشى كېرەك. مەقسەت، قاتتىق دېتال كۈچىنى ئەمەلىي ھەربىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرىدىغان كودلارنى يېزىشتۇر.
سۈنئىي ئەقىل ۋە «ئەقىللىك ئۇرۇش»: سۈنئىي ئەقىل (AI)، خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلىشىشىنىڭ «ھەسسىلەپ ئاشۇرغۇچىىسى» (force multiplier) دەپ تەسۋىرلەنمەكتە [215-بەت]. خىتاي، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ھەربىي قوماندانلىق كونترول سىستېمىلىرىغا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا توپلىرىغا (swarms) ۋە مەرگەنلىك سىستېمىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ «ئەقىللىك ئۇرۇش» (intelligentized warfare) دەۋرىگە قەدەم قويماقتا. دوكلات، خىتاي تېخنىكا ماگناتلىرىنىڭ (ئەلى بابا، تېنسېنت، بەيدۇ) توپلىغان غايەت زور سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ، «پۇقرالار-ھەربىيلەر ماسلىشىش» قانۇنلىرىغا ئاساسەن بىۋاسىتە ئارمىيەنىڭ ئىشلىتىشىگە تەمىنلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۇرۇشلىرى ۋە ئېمبارگولارنى بۆسۈپ ئۆتۈش: ئامېرىكانىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن ئىلغار ئۆزەك (chip) ئېمبارگولىرى (Nvidia H100/A100 چەكلىمىلىرى)، تېخنىكا سوغۇق ئۇرۇشىنىڭ جەڭ ئەڭ قىزىيدىغان سېپىدۇر. لېكىن دوكلات، خىتاينىڭ بۇ ئېمبارگولارنى ئەتكەسچىلىك گۇرۇھلىرى، سىنگاپور ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۈچىنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق قۇرۇلغان قۇرۇق شىركەتلەر ۋە بۇلۇت ھېسابلاش، ئىجارىگە ئېلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئايلىنىپ ئۆتۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلماقتا [230-بەت]. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ يەرلىك ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىسى SMIC نىڭ، خۇاۋېي ئۈچۈن ئىشلەپچىقارغان 7نم (ۋە دەۋا قىلىنغان 5نم) لىق ئۆزەكلىرى، بېيجىڭنىڭ تېخنىكا جەھەتتە يېتىم قالدۇرۇلۇشقا تەسلىم بولماسلىق قەتئىي ئىرادىسىنى ۋە ئىمبارگونى بۇزۇپ تاشلاشتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرسەتمەكتە [232-بەت].
بىيو-تېخنىكا ۋە گېن سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى: بىيو-تېخنىكا، كەلگۈسىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ بەلگىلىگۈچىسى سۈپىتىدە دوكلاتتا كەڭ ئورۇن ئالغان. خىتاينىڭ BGI Group قا ئوخشاش گىگانت شىركەتلەر ئارقىلىق دۇنيا مىقياسىدا (تۇغۇتتىن بۇرۇنقى مەجبۇرىي تەكشۈرۈش قاتارلىق يوللار بىلەن) گېن سانلىق مەلۇماتى توپلىغانلىقى ۋە بۇ مەلۇماتلارنىڭ بىيو-خىمىيەلىك قورال تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ياكى «نازۇكلاشتۇرۇلغان گېن ھۇجۇملىرى» دا ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلمەكتە [255-بەت]. ئامېرىكانىڭ بىيو-تېخنىكا تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە (API لار، ئېچىتىش ئىقتىدارى) خىتايغا بولغان بېقىنىشنى ئازايتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنمەكتە.
بوشلۇق مۇسابىقىسى ۋە ئاي بازىلىرى: خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى پىروگراممىسى، ئەمدىلىكتە ئامېرىكانىڭ «بىرىنچى دەرىجىلىك رەقىبى» سالاھىيىتىدىدۇر. تيەنگۇڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ ئۇدا ئېلىپ بارغان ئادەملىك مەشغۇلاتلىرى ۋە 2030-يىلىغىچە ئايغا ئادەم چىقىرىش نىشانى، خىتاينىڭ بوشلۇقتىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەۋەسلىرىنى كۆرسەتمەكتە [380-بەت]. دوكلات، خىتاي تەرەققىي قىلدۇرغان ماشىنا ئادەم قوللىرىنىڭ (grappler satellites) باشقا سۈنئىي ھەمراھلارنى ئوربىتىدىن چىقىرىۋېتىش ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ بوشلۇق بايلىقلىرى ئۈچۈن بىۋاسىتە تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شۇنداقلا، «خەلقئارا ئاي تەتقىقات پونكىتى» (ILRS) تۈرى بىلەن خىتاي، بوشلۇق دىپلوماتىيەسىدىمۇ ئامېرىكانىڭ ئارتېمىس كېلىشىملىرىگە رەقىب بىر گۇرۇھ شەكىللەندۈرمەكتە.
تور جاسۇسلىرى ۋە «ۋولت تەيفېڭ» (Volt Typhoon): خىتاي دۆلەت قوللىشىدىكى خاككېر گۇرۇپپىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى، دوكلاتتا «ئۇرۇشقا ھازىرلىق» دەرىجىسىدە باھالانماقتا. بولۇپمۇ «ۋولت تەيفېڭ» دەپ ئاتىلىدىغان تور ھۇجۇمچىسىنىڭ، ئامېرىكانىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە (سۇ تورلىرى، ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى، گۇئامدىكى ئالاقە لىنىيەلىرى) سىڭىپ كىرىپ «ئالدىن ئورۇنلىشىش» (pre-positioning) قىلغانلىقى بايقالغان [410-بەت]. بۇ سىڭىپ كىرىشلەرنىڭ مەقسىتى ئىستىخبارات توپلاش ئەمەس،يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر تەيۋەن كىرىزىسى پەيتىدە ئامېرىكانىڭ ئەشيا ئوبوروت ئېقىمىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرىدىغان ۋەيران قىلغۇچ تور ھۇجۇملىرىنى قوزغىتىشتۇر.
4. ھەربىي زامانىۋىلىشىش ۋە بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەلىرى
PLA نىڭ يۈز يىللىق نىشانلىرى ۋە «دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ئارمىيە»: خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى (PLA)، 2027 (ئارمىيەنىڭ 100 يىللىقى)، 2035 (زامانىۋىلىشىشنىڭ تاماملىنىشى) ۋە 2049 (دۇنيا ئۆلچىمىدىكى ئارمىيە) نىشانلىرى يۆنىلىشىدە تارىخنىڭ ئەڭ تېز ۋە كەڭ كۆلەملىك تىنچلىق دەۋرىدىكى ھەربىي كېڭىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا [165-بەت]. دوكلات، PLA نىڭ ئەمدىلىكتە پەقەت چوڭ قۇرۇقلۇقنى قوغدايدىغان بىر كۈچ ئەمەس، يەرشارىۋى كۈچ كۆرسىتەلەيدىغان «ئوكيان ھالقىغان» (blue-water) بىر دېڭىز ئارمىيەسىگە ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھاۋا كۈچىگە ئايلانغانلىقىنى ھۆججەتلەشتۈرمەكتە. شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەگە بەرگەن «ئۇرۇش قىلىشقا ۋە غەلىبە قىلىشقا تەييار تۇرۇڭلار» يوليورۇقى، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ پەقەت قۇرۇق گەپ ئەمەس، كونكرېت بىر جەڭ ھازىرلىقى ئىكەنلىكىدىن دىرەك بەرمەكتە.
ئورگان ئىسلاھاتلىرى: ئىستراتېگىيەلىك ياردەم قىسىمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى: PLA نىڭ قوماندانلىق قۇرۇلمىسىدا 2024-2025 مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلغان زور ئۆزگىرىشلەر دوكلاتتا تەپسىلىي بايان قىلىنغان. «ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم» (Strategic Support Force – SSF) ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا بىۋاسىتە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا (CMC) قاراشلىق ئالەم قاتنىشى قىسىمى (Aerospace Force)، تور بوشلۇقى قىسىمى (Cyberspace Force) ۋە ئۇچۇر- ئالاقە قىسىمى (Information Support Force) قۇرۇلغان [170-بەت]. بۇ قايتا قۇرۇلما، زامانىۋى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ساھەلىرى بولغان ئالەم بوشلۇقى، تور ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كەسىپلەشكەن، تېخىمۇ چاققان ۋە بىۋاسىتە پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ (شى جىنپىڭ) كونتروللۇقىدا بولغان بىر قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىنىشىنى مەقسەت قىلماقتا.
يادرو كېڭىيىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق: خىتاينىڭ يادرو دوكتىرىناسىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئوق-دورىلىرىنىڭ سان جەھەتتىن ئېشىشى، دوكلاتنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان بۆلۈملىرىدىن بىرىدۇر. ئەنئەنىۋى «ئەڭ تۆۋەن چەكتە تىزگىنلەش» سىياسىتىگە بويسۇنمىغان خىتاي، يادرو ئوق بېشى سانىنى تېز سۈرئەتتە كۆپەيتمەكتە. دوكلات، خىتاينىڭ 2030-يىلىغىچە 1000 دىن ئارتۇق ئىشلىتىشكە تەييار يادرو ئوق بېشىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى (يۇمېن، خامى) باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىزلىرىدا قۇرۇلغان يۈزلىگەن يېڭى قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) ئامبارلىرىنىڭ بۇ پىلانغا لايىقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە [185-بەت]. بۇ ئەھۋال، ئامېرىكا-رۇسىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۈچ قۇتۇپلۇق، مۇرەككەپ ۋە مۇقىمسىز بىر يادرو تەڭپۇڭسىزل ياراتماقتا.
دېڭىز ئارمىيە كۈچى ۋە كۆك سۇلار: خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى (PLAN)، پاراخوت سانى جەھەتتىن (تەخمىنەن 370 پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پاراخوتى) ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدىن ئېشىپ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيەسى ھالىغا كەلگەن [195-بەت]. دوكلات، خىتاينىڭ ئۈچىنچى ئاۋىياماتكىسى فۇجيەننىڭ ئېلېكتىرو-ماگنىتلىق قويۇپ بېرىش سىستېمىلىرى (EMALS) بىلەن تەمىنلىنلىيەلەيدىغانلىقىنىڭ ۋە دېڭىز سىناقلىرىنى باشلىشىنىڭ، خىتايغا ئامېرىكا ئۇسلۇبىدىكى «دەرىجىدىن تاشقىرى توشۇغۇچى» ھەرىكەت ئىقتىدارلىرىنى قازاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. شۇنداقلا، 096-تىپلىق يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ (SSBN) تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ زاپاس زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ۋە ئوكيان ھالقىغان ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرماقتا.
راكېتا كۈچى ۋە ئاۋازدىن تېز تەھدىت: PLA راكېتا كۈچى (PLARF)، ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى بازىلىرىنى (گۇئام، ياپونىيە) ۋە ئاۋىياماتكا گۇرۇپپىلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلالايدىغان«توشۇغۇچى قاتىل» )carrier killer) باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قوراللانغان. دوكلات، DF-21D ۋە DF-26 باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بىلەن بىرگە، ئاۋازدىن تېز سۈرئەتلىك ئۇچۇش ئاپپاراتى (HGV) بولغان DF-17 نىڭ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشىنىڭ، مەۋجۇت ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە [205-بەت]. بۇ تاقابىل كىلەلمەيدىغان ئىقتىدارلار (A2/AD)، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئېھتىماللىقى بولغان بىر تەيۋەن كىرىزىسىغا ئارىلىشىشىنى ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە يۇقىرى تەننەرخلىق ھالغا كەلتۈرمەكتە.
«تىنچلىق كېسىلى» ۋە چىرىكلىك : دوكلات، PLA نىڭ زامانىۋىلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئېغىر ئىچكى مەسىلىلەر بىلەن ئېلىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويماقتا. شى جىنپىڭنىڭ «تىنچلىق كېسىلى» (Peace Disease) دەپ ئاتىغىنىدەك، ئارمىيەنىڭ 1979-يىلدىن بېرى ھەقىقىي بىر ئۇرۇش تەجرىبىسى باشتىن كەچۈرمىگەنلىكى ۋە قوماندانلىق قاتلىمىدىكى تاكتىكىلىق يېتەرسىزلىكلەر، چوڭ بىر ئاجىزلىق دەپ قارالماقتا [210-بەت]. 2023 ۋە 2024-يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە راكېتا كۈچى قوماندانلىرىنىڭ چىرىكلىك سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئارمىيەدىكى ساداقەت ۋە ئىنتىزام مەسىلىلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ۋە زامانىۋىلىشىش جەريانىدىكى ئاقساشلارنى كۆرسەتمەكتە.
ھەربىي-پۇقرا (MCF) بىرىكمە ئىستراتېگىيەسى: خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلىشىشىنىڭ موتورى، «ھەربىي-پۇقراۋى بىرىكمە» (Military-Civil Fusion – MCF) ئىستراتېگىيەسىدۇر. دوكلات، خىتاينىڭ پۇقراۋى ئۇنىۋېرسىتېتلار، خۇسۇسىي تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرىنى، ئارمىيەنىڭ ئېھتىياجلىرىغا خىزمەت قىلىدىغان شەكىلدە قانۇنىي ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن بىرلەشتۈرگەنلىكىنى ھۆججەتلەشتۈرمەكتە [220-بەت]. بۇ ئىستراتېگىيەئارقىلىق، قوش قوللىنىشچان (dual-use) تېخنىكىلارنى كۆرۈنۈشتە پۇقراۋى مەقسەتتە ئىمپورت قىلىپ، بىۋاسىتە ئارمىيەگە يۆتكەپ بەرمەكتە، بۇ بىرىكمە ئامېرىكانىڭ تېخنىكا ئېكسپورتىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتا.
بىرلەشمە ھەرىكەت ۋە ئەشيا ئوبوروتى: PLA نىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي نىشانى «بىرلەشمە ھەرىكەت» (joint operations) ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتۇر. دوكلات، PLA نىڭ ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ماسلىشىش مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى، ئەمما مۇرەككەپ بىر دېڭىزدىن قۇرۇقلۇققا چىقىش ھەرىكىتىنىڭ (تەيۋەن ئىشغالىيىتىگە ئوخشاش) تەلەپ قىلىدىغان غايەت زور ئەشيا ئوبوروتى ۋە قوماندانلىق ئارقىلىق ماسلاشتۇرۇلۇش شەرتلىرىنى تېخى تولۇق ھازىرلىمىغانلىقىنى بايان قىلماقتا [225-بەت]. پۇقراۋى پاراخوتلارنىڭ ھەربىي ئەشيا توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە قارىتىلغان مانېۋىرلار، خىتاينىڭ بۇ ئەشيا ئوبوروتى بوشلۇقىنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.
5. جۇغراپىيەلىك ،سىياسىي ۋە رايونلۇق بىخەتەرلىك: تەيۋەن ۋە ئۇنىڭ سىرتى
تەيۋەن: بۆلۈنۈش نۇقتىسى ۋە «كىرپە» ئىستراتېگىيەسى: تەيۋەن بوغۇزى، دوكلاتنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئانالىزىنىڭ مەركىزىدۇر ۋە ئايرىم بىر بۆلۈم (11-بۆلۈم) ئاجرىتىلىپ مۇلاھىزە قىلىنغان [604-بەت]. خىتاينىڭ تەيۋەننى بېسىۋېلىش نىيىتى، «مىللىي گۈللىنىش» نىشانىنىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان بىر پارچىسى دەپ قارالماقتا. دوكلات، خىتاينىڭ تەيۋەننى قامال قىلىش (blockade)، تور ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ئېنېرگىيە ۋە ئالاقە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈش (quarantine) ياكى بىۋاسىتە دېڭىزدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئىشغال قىلىش سېنارىيەلىرىنى ئۈستەلگە قويماقتا. بۇنىڭغا جاۋابەن، تەيۋەننىڭ «كىرپە ئىستراتېگىيەسى» (porcupine strategy) نىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىقىدىغان مۇداپىئە ئىقتىدارلىرىنى (دېڭىز مىناسى، پاراخوتقا قارشى ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى) ئاشۇرۇشى كېرەكلىكى ۋە ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قورال يەتكۈزۈپ بېرىشنى (backlog) تېزلىتىشى تەۋسىيە قىلىنماقتا [615-بەت].
جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە كۈلرەڭ رايون تاكتىكىلىرى: خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى سۈنئىي ئاراللارنى تولۇق ئەسلىھەلەشكەن ھەربىي بازىلارغا ئايلاندۇرۇشى ۋە قوشنىلىرىغا قارىتا «كۈلرەڭ رايون» (grey zone) تاكتىكىلىرى دوكلاتتا كەڭ ئورۇن ئالماقتا [450-بەت]. خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە دېڭىز ئەسكەرلىرىنىڭ (maritime militia)، بولۇپمۇ فىلىپپىننىڭ ئىككىنچى توماس تېيىزلىقىدىكى تەمىنلەش پاراخوتلىرىغا قارىتا سۇ توپلىرى ۋە ھەربىي دەرىجىلىك لازېرلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشى، ئۇرۇش بوسۇغىسىدىن ئۆتەلمەي قالغان ئەمما ئىگىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ھەرىكەتلەر دەپ تەسۋىرلەنمەكتە. دوكلات، ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئورتاق چارلاشلارنى كۆپەيتىشىنى ۋە ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىملىرىدىكى چىگرالارنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئېنىقلاشتۇرۇشىنى تەكلىپ قىلماقتا.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە مېكوڭ ساقچى دىپلوماتىيەسى: دوكلاتنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بۆلۈمى، كومىتېتنىڭ رايونغا قىلغان زىيارەتلىرىگەئاساسلانغان. خىتاينىڭ «ساقچى دىپلوماتىيەسى» تەھلىلىگە قارىتىلغان بۇ بۆلۈمدە، خىتاينىڭ مېكوڭ دەرياسى قىرغىقىدىكى دۆلەتلەردە (لائوس، كامبودژا، بىرما) قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچلىرىنى تەربىيەلىگەنلىكى ۋە ئورتاق ھەرىكەت مەركەزلىرى قۇرغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە [480-بەت]. بۇ ئەھۋال، خىتاينىڭ پەقەت ئىقتىسادىي ئەمەس، بىخەتەرلىك بيۇروكراتىيەسى ئارقىلىقمۇ قوشنا رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا سىڭىپ كىرگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
كامبودژا ۋە رېئام دېڭىز بازىسى: كامبودژادىكى رېئام دېڭىز بازىسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن زامانىۋىلاشتۇرۇلۇشى ۋە مەخسۇس ئىشلىتىلىشى، دوكلاتتا ئىستراتېگىيەلىك بىر تەھدىت سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە [485-بەت]. سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ۋە يەرلىك مەنبەلەر، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە پاراخوتلارنىڭ بازىدا مەڭگۈلۈك پىلان بىلەن تۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى جەزملەشتۈرمەكتە. بۇ بازا، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىگە مالاككا بوغۇزىنىڭ دەل كىرىش ئېغىزىدا ھالقىلىق بىر ئەشيا ئوبوروتى ياردەم نۇقتىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا ۋە ئامېرىكانىڭ رايوندىكى دېڭىز ھاكىمىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا.
يەرشارىۋى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى (GSI) ۋە مۇستەبىت ئىتتىپاقلار: خىتاينىڭ «يەرشارىۋى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى» (Global Security Initiative – GSI)، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى ئىتتىپاق سىستېمىسىغا بىر تاللاش سۈپىتىدە سۇنۇلماقتا [350-بەت]. دوكلات، GSI نىڭ، «رەڭلىك ئىنقىلابلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ۋە «ھاكىمىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش» تېمىلىرى ئارقىلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاينىڭ رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە بىلەن چوڭقۇرلاشقان مۇناسىۋەتلىرى، دوكلاتتا «مۇستەبىتلەر دىئامېتىرى» (Axis of Autocracy) غا ئوخشاش بىر تەشكىللىنىشنىڭ بىشارەتچىسى سۈپىتىدە شەرھلەنمەكتە ۋە بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىنىڭ (ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تېخنىكىلىرى قاتارلىق) ئاشقانلىقىغا دىققەت جەلب قىلىنماقتا.
بىر بەلباغ بىر يولنىڭ ھەربىي تەرىپى: ئىقتىسادىي بىر تەرەققىيات تۈرى سۈپىتىدە بازارغا سېلىنغان بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى (BRI)، بىر ھەربى مەقسەتنى ئۆزىدە يوشۇرغان ۋە بۇ بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. خىتاي باشقۇرۇۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك پورتلارنىڭ (سىرىلانكا/خامبانتوتا، پاكىستان/گۋادار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى/خەلىپە پورتى) «قوش قوللىنىشچان» (dual-use) يوشۇرۇن كۈچى، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يەرشارىۋى يۈرۈش قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ [135-بەت]. دوكلات، بۇ پورتلارنىڭ كىرىزىس ۋاقىتلىرىدا ئەشيا ئوبوروتى تولۇقلاش ۋە ئىستىخبارات توپلاش مەركەزلىرىگە ئايلىنىش خەۋپىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرماقتا.
تىنچ ئوكيان ئاراللىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت: سۇلايمان تاقىم ئاراللىرى ۋە كىرىباتى قاتارلىق تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ ئاشقان تەسىرى، ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكياندىكى تارىخىي ئۈستۈنلۈكىگە بىر جەڭ ئېلان قىلىشتۇر. دوكلات، خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىدە ساقچى تەربىيەلەش، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى ۋە سۇ ئاستى كابېل مەبلەغلىرى بىلەن كۈچ كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ ئاۋسترالىيە ۋە گۇئام بىلەن بولغان ئالاقە لىنىيەلىرىگە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە [505-بەت]. ئامېرىكانىڭ رايونغا دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن «قايتىپ كېلىشى» (Compact of Free Association كېلىشىملىرىنىڭ يېڭىلىنىشى قاتارلىقلار) كېرەكلىكى تەكىتلەنمەكتە.
6. سىياسىي تەسىر ۋە كىشىلىك ھوقۇق: ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇش
بىرلىك سەپ خىزمەتلىرى ۋە تەسىرى: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «بىرلىك سەپ خىزمەت بۆلۈمى» (United Front Work Department – UFWD)، ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىيەلەردە جامائەت پىكرىنى كونترول قىلىش ۋە سەرخىللارنى ئۆزىگە تارتىش (co-opt) ئۈچۈن ئىشلەيدىغان غايەت زور بىر ئۈسكۈنىدۇر [280-بەت]. دوكلات، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى، ئاقىللار ئامبارلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە خىتاي مۇھاجىرلىرى ئۈستىدىكى تەسىرىنى تەپسىلىي بايان قىلماقتا. بولۇپمۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلار جەمئىيەتلىرىگە (CSSA) بېيجىڭ تەرىپىدىن سىياسىي ۋەزىپە ۋە يۆنىلىش بېرىلگەنلىكى ۋە مەكتەپلەردىكى پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىغانلىقى دەۋا قىلىنماقتا.
چېگرا ھالقىغان بېسىم (Transnational Repression): دوكلات، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئۆكتىچىلەرنى، پائالىيەتچىلەرنى ۋە دىياسپورانى ئاۋازسىز قالدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان «چېگرا ھالقىغان بېسىم» پائالىيەتلىرىنى كەسكىن بىر تىل بىلەن تەنقىد قىلماقتا [580-بەت]. «تۈلكە ئوۋى» (Fox Hunt) ۋە «ئاسماندا تور،يەردە قاپقان» (Sky Net) ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، چەت ئەلدىكى ئۆكتىچى خىتايلارنىڭ مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىنىشى، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەھدىت قىلىنىشى ياكى پاراكەندىچىلىك سېلىنىشى ،ساھىپخان دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دەپ تەسۋىرلەنمەكتە. ئامېرىكا زېمىنىدا قۇرۇلغان مەخپىي «ساقچى پونكىتلىرى» نىڭ پائالىيەتلىرىمۇ مۇشۇنداق باھالانماقتا.
شەرقىي تۈركىستان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك: شەرقىي تۈركىستاندىكى (دوكلاتتا: شىنجاڭ دېيىلگەن) ۋەزىيەت، دوكلاتتا «داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» (ongoing genocide) ۋە «ئىنسانىيلىققا مۇخالىپ جىنايەتلەر» سۈپىتىدە تەسۋىرلەنمەكتە [590-بەت]. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ خالىغانچە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە ۋە كەڭ كۆلەملىك نازارەتكە مەھكۇم قىلىنغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. دوكلات، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ (UFLPA) چىڭ تۇتۇپ ئىجرا قىلىنىشىنى ۋە ئاليۇمىن، PVC ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش يېڭى ساھەلەرنىڭمۇ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
خوڭكوڭ: قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ يىمىرىلىشى: خوڭكوڭدا 2020-يىلى يولغا قويۇلغان دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى (NSL) ۋە 2024-يىلى قوبۇل قىلىنغان 23-ماددا قانۇنى، خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيەسىنىڭ ۋە كۈچىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەپ بولغان قوراللار سۈپىتىدە ئانالىز قىلىنماقتا [650-بەت]. دوكلات، خوڭكوڭ ئەدلىيەسىنىڭ ئەمدى مۇستەقىل ئەمەسلىكىنى، جىممىي لەي (Jimmy Lai) گە ئوخشاش تاراتقۇ خوجايىنلىرىنىڭ ۋە دېموكراتىيە قوغدىغۇچىلىرىنىڭ خالىغانچە تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، خوڭكوڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا ئىمتىيازلىرىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ۋە خوڭكوڭلىق ئەمەلدارلارغا قارىتا جازالارنى كېڭەيتىشى تەكلىپ قىلىنماقتا.
تاراتقۇ كونتروللۇقى ۋە ساختا ئۇچۇر: خىتاينىڭ يەرشارىۋى تاراتقۇلار ئۈستىدىكى تەسىرى، «خىتاينىڭلا ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» ئىستراتېگىيەسى رامكىسىدا تەكشۈرۈلمەكتە. بېيجىڭنىڭ چەت ئەل تاراتقۇ ئورگانلىرىنى سېتىۋېلىشى، ژۇرنالىستلارغا قارىتا ۋىزىلارنى بىر تەھدىت قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىشى ۋە TikTok قا ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ئارقىلىق ئالگورىزملىق كونترول قىلىش ئېلىپ بېرىشى، ئۇچۇر ئۇرۇشى (information warfare) سۈپىتىدە باھالانماقتا [310-بەت]. دوكلات، ئامېرىكانىڭ خىتاي سېنزۇرىسىنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان تېخنىكىلارغا (بىخەتەرلىك توساق تېمىدىن ئاتلايدىغان VPN لار قاتارلىق) مەبلەغ سېلىشىنى تەكلىپ قىلماقتا.
خەلقئارا تەشكىلاتلاردىكى تەسىرى: خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارا ئورگانلاردىكى ئېشىۋاتقان ۋەزنى، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى ئۆزگەرتىش تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجسىسى سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە [330-بەت]. دوكلات، خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى خەلقئارا ئورگانلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاجاۋۇزچىلارچە بىر لوبى پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە بۇ ئورگانلارنى (مەسىلەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى) ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەخلى-تەرۇزلىرىنى يېپىش ئۈچۈن باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكانىڭ بۇ ئورگانلاردىكى رەھبەرلىك بوشلۇقىنى تولدۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنمەكتە.
7. خۇلاسە ۋە باھا: كەلگۈسى يول خەرىتىسى ۋە دوكلاتنىڭ تەنقىدىي ئانالىزى
يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ باشلانغانلىقى: USCC 2025-يىللىق دوكلاتى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان بىر نۇقتىغا كەلگەنلىكىنى تىزىمغا ئالغان تارىخىي بىر ھۆججەتتۇر. دوكلات سۇنغان ئەتراپلىق سانلىق مەلۇمات توپلىمى ۋە ئانالىزلار، رىقابەتنىڭ ئەمدىلىكتە پەقەت سودا تەڭپۇڭسىزلىقلىرى ياكى تاموژنا بېجى بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى؛ تېخنىكىنىڭ، ھەربىي ئىقتىدارنىڭ، ئىدېئولوگىيەنىڭ ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسەتنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن «توقۇنۇش» قا ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە [1-10-بەت]. دوكلات، يوشۇرۇن ھالدا بولسىمۇ، ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر سوغۇق ئۇرۇشنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ مەركىزىي سېپىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ۋە تور بوشلۇقى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلماقتا.
ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ۋە بىر پۈتۈن ئىستراتېگىيەلەر زۆرۈرىيىتى: دوكلات، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان تەكلىپلىرىدە، «ئىنكاس قايتۇرغۇچى» (reactive) سىياسەتلەردىن «ئالدىنى ئالغۇچى» (proaktif) ۋە «پۈتۈنچىل» (whole-of-government) ئىستراتېگىيەلەرگە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە. پەقەت ھەربىي خامچوتنى ئاشۇرۇش يېتەرلىك ئەمەس؛ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك، تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىش (Quantum First قا ئوخشاش) ۋە دىپلوماتىك ئىتتىپاقداشلار تولۇق بىر ماسلىشىش ئىچىدە باشقۇرۇلۇشى كېرەك. ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداخىلە قىلىىدىغان سانائەت سىياسەتلىرىگە قايتىشى، لىبېرال ئىقتىسادىي قېلىپتىن ئىستراتېگىيەلىك بىر بۇرۇلۇش ياسىغانلىقىدىن ئىشارەت بەرگەنلىكى بولىدۇ.
دوكلاتنىڭ مېتودولوگىيەلىك چەكلىمىلىرى ۋە ناقىس تەرەپلىرى: گەرچە USCC 2025-يىللىق دوكلاتى بىر تەھدىتكە قارىتا ئەتراپلىق ئانالىز سۇنغان بولسىمۇ، ئاكادېمىك بىر نۇقتىئىنەزەر بىلەن تەكشۈرۈلگەندە بەزى قۇرۇلمىلىق بوشلۇقلار ۋە «كۆرۈنمەس نۇقتىلار» نىڭ بارلىقى كۆرۈلمەكتە:
1. ھەددىدىن زىيادە بىخەتەرلىك تەرەپدارلىقى (Over-Securitization): دوكلات، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەر بىر تەرىپىنى (مائارىپ، ئىلمىي تەتقىقاتلار، سودا مەبلەغلىرى) بىر «دۆلەت بىخەتەرلىكى تەھدىتى» كۆزنىكىدىن ئوقۇماقتا. بۇ خىل قاراش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يەرشارىۋى يۇقۇملار بىلەن كۈرەش قىلىش ياكى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش (فېنتانىل كىرىزىسىغا ئوخشاش) قاتارلىق ھاياتىي ساھەلەردە مەجبۇرى ھالدا بېيجىڭ بىلەن قىلىنىشى كېرەك بولغان ھەمكارلىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىش خەۋپى ئېلىپ كەلمەكتە. دىپلوماتىك يوللارنىڭ پۈتۈنلەي تاقىلىشى، كىرىزىس پەيتلىرىدە «ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش» مېخانىزملىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
2. خىتاينىڭ ئىچكى ئاجىزلىقلىرىنىڭ ئانالىزىنىڭ يىتەرسىزلىكى: تېكىست، خىتاينى «بىر پۈتۈن» (monolithic)، ساغلام ئىستراتېگىيەلىك ۋە خاتاسىز ئىلگىرىلەۋاتقان بىر گىگانت قىلىپ تەسۋىرلەش خاھىشىغا ئىگە. ھالبۇكى خىتاينىڭ چوڭقۇرلىشىۋاتقان نوپۇس كىرىزىسى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز يۈكى، ياشلار ئىشسىزلىقى ۋە ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى يىمىرىلىش قاتارلىق قۇرۇلمىلىق ئاجىزلىقلىرى، بېيجىڭنىڭ يەرشارىۋى ھەۋەسلىرىنى تەبىئىي ھالدا چەكلەيدىغان ئامىللاردۇر. دوكلات، خىتاينىڭ ئىقتىدارىنى «ئەمەلىيەتتىكىدىن چوڭ» كۆرسىتىپ (threat inflation)، ۋاشىنگتوندا «ھۆكۈمرانلىق ۋەھىمىسى» نى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن.
3. ئىتتىپاقداشلارنىڭ تەننەرخ ئانالىزى: دوكلات، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ (ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە) خىتايدىن كەسكىن ھالدا ئىقتىسادىي ئايرىلىشىنى (decoupling) تەلەپ قىلماقتا. لېكىن بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئىقتىسادى ئۈستىدىكى ۋەيران قىلغۇچ تەننەرخلىرىگە ۋە داۋاملاشتۇرۇشچانلىقىغا ئائىت ئانالىزلار چەكلىك. ۋاشىنگتوننىڭ بىر تەرەپلىمە بېسىمى، ئۇزۇن مۇددەتتە تىرانس-ئاتلانتىك ياكى تىرانس-تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقلىرىدا مۇساپە پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
4. ئۆزىنى ئۆزى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بېشارەت خەۋپى: دوكلاتنىڭ كەسكىن تىلى ۋە «توقۇنۇشتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقى » دىن بىشارەت بېرىش ئاھاڭى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىدىكى «بىخەتەرلىك قىيىنچىلىقى»غا تەبىر بېرىشىمىزنى (security dilemma) قېيىنلاشتۇرماقتا. خىتاينىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى «تاجاۋۇزچى»، ئامېرىكانىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى «مۇداپىئەلىنىش» دەپ كودلاش، قارشى تەرەپنى تېخىمۇ رادىكال تەدبىرلەر ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، قارشى تەرەپتە، قورقۇلغان ئۇرۇش سېنارىيەسىنى بىۋاسىتە يارىتىدىغان بىر ئۆزىگە ئىشىنىش كۈچى (self-fulfilling prophecy) شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.
تۈركىيە ۋە يەرشارىۋى ئاكتىيورلار ئۈچۈن مەنپەئەتلەر: بۇ دوكلات، پەقەت ۋاشىنگتون ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەنقەرە، بىريۇسسېل ۋە توكيوغا ئوخشاش پايتەختلەر ئۈچۈنمۇ ھالقىلىق بىر پايدىلىنىش مەنبەسىدۇر. خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئېلىپ كەلگەن بىخەتەرلىك خەۋپلىرى، تېخنىكىلىق بېقىنىشنىڭ خەتەرلىرى ۋە مۇستەبىتلىكنىڭ كېڭىيىشىگە قارشى ئېلىنىشى كېرەك بولغان تەدبىرلەر، يەرشارىۋى بىر نۇقتىئىنەزەر بىلەن باھالىنىشى كېرەك. لېكىن قارار قىلغۇچىلار، دوكلاتنى ئوقۇۋاتقاندا USCC نىڭ قۇرۇلمىلىق خۇسۇسىيىتى سەۋەبلىك ، دوكلاتتا«ئەڭ يۇقىرى بىخەتەرلىك» نى كۆزدە تۇتقانلىقىنى ھېسابقا قوشۇشى لازىم. USCC 2025 – يىللىق دوكلاتى، ئالدىمىزدىكى ئون يىلدا يەرشارى سىياسىتىنىڭ، خەۋپلەر بىلەن تولغانلىقى، توقۇنۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىلىقى ۋە كەلگۈسىنىڭ تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئاساس قىلغان كەسكىن بىر كۈچ كۈرىشى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا.
تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار
مەنبە:
Raporun Orijinal Adı: 2025 Report to Congress of the U.S.-China Economic and Security Review Commission. Kasım 2025,Washington, D.C., U.S. Government Publishing Office.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















