تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
«Monthly Review» (ئايلىق ئوبزور) ژۇرنىلىنىڭ 2026-يىلى ئاپرېل سانىدا ئېلان قىلىنغان، ۋىجاي پراشاد ۋە تىڭس چاك ئىمزاسىدىكى «‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› ئىدىيەسى ۋە شىنجاڭ رېئاللىقى» ناملىق ماقالە، قارىماققا ئاكادېمىك ۋە ئوبيېكتىپ ئانالىز تۈسىنى ئالغاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ماھىيەتتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورى، مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان پىلانلىق، سىستېمىلىق دۆلەت تەشۋىقاتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. مەزكۇر ماقالىدە ئاپتورلار شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئىنساننىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشىنى، سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىيولوگىيەلىك قىرغىنچىلىقنى، شۇنداقلا تارىخىي مەسچىتلەر ۋە مازارلارنىڭ تۈزلەپ تاشلىنىشىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا، ئۇنى خەلقئارا ئىمپېرىيالىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئاتالمىش «تەرەققىيات» نىقابى بىلەن ئاقلاشقا ئۇرۇنغان. بۇ خىل پاكىت بۇرمىلاش قىلمىشى خەلقئارا ئاكادېمىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنىڭ ئەقەللىي ئۆلچەملىرىگىمۇ خىلاپ بولۇپ، بىز بۇ رەددىيە ماقالىمىزدە مەزكۇر ئاپتورلارنىڭ خىتاي دۆلەت كاپىتالى بىلەن بولغان يوشۇرۇن مەنپەئەت زەنجىرىنى ئاشكارىلايمىز ھەمدە خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھۆججەتلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ مەنبەلەرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىمەنە دەۋالىرىنى بىر-بىرلەپ ئاغدۇرۇپ تاشلايمىز [1].
1. ئاپتورلارنىڭ يوشۇرۇن ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە خىتاي تەشۋىقات تورى
ماقالە ئاپتورلىرىدىن بىرى بولغان ۋىجاي پراشاد پەقەتلا بىر مۇستەقىل تارىخچى ۋەياكى ئانالىزچى ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك ئىدېئولوگىيەلىك ئارقا كۆرۈنۈشكە ۋە خىتاي دۆلەت ئاپپاراتلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىگە ئىگە بىر سىياسىي شەخستۇر. ئۇ ئەمەلىيەتتە دۇنياۋى مىقياستا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي بايانلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان «ئۈچ قىتئە ئىجتىمائىي تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ خىتايدىكى خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق، بىۋاسىتە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار بولغان «چۇڭياڭ پۇل-مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. يەنە بىر ئاپتور تىڭس چاك بولسا مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ سەنئەت يېتەكچىسى، شۇنداقلا بېيجىڭدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى بولۇپ، خىتاي سىياسىتىنى چەت ئەللەرگە تەشۋىق قىلىدىغان «دۇڭشېڭ خەۋەرلىرى» ناملىق خەلقئارالىق تورنىڭ يادرولۇق قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككى شەخس ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئېزىلگەن سىنىپلارنىڭ ئاۋازىنى ياڭرىتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەبىت سىياسەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ماركسىزم پەلسەپىسى ۋە ئىمپېرىيالىزمغا قارشى تۇرۇش ئىدىيەلىرىنى سۈيئىستېمال قىلماقتا [2].
بۇ ئىككى شەخس رەھبەرلىك قىلىۋاتقان «ئۈچ قىتئە ئىجتىمائىي تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ ئارقىسىدا غايەت زور ۋە مۇرەككەپ بىر يوشۇرۇن مەبلەغ تورى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ تەتقىقات مۇستەقىللىقىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسى، نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ يېقىنقى ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئىنستىتۇت خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكالىق مىلياردېر نېۋىل روي سىڭخام باشچىلىقىدىكى مالىيە سىستېمىسى تەرىپىدىن كۈچلۈك مەبلەغ بىلەن تەمىنلىنىدۇ. سىڭخام خىتاي دۆلەتلىك تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن بىۋاسىتە ھەمكارلىشىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ غايەت زور بايلىقىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، جۈملىدىن ئامېرىكىدىكى ئاتالمىش «سولچىل» تەشكىلاتلارغا ۋە ئورگانلارغا يۆتكەش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلىتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، سىڭخام شاڭخەيدە خىتاينىڭ خەلقئارا ئوبرازىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان «ماكۇ گۇرۇھى» ناملىق تەشۋىقات شىركىتى بىلەن بىر ئىشخانىنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇ شىركەت ۋىجاي پراشادنىڭ ئىنستىتۇتى بىلەن مىليونلىغان دوللارلىق «تەتقىقات ۋە تەرجىمە» توختاملىرىنى تۈزىگەن [3].
شۇڭلاشقا، «Monthly Review» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە پەقەتلا بىر ئاكادېمىك مۇنازىرە بولماستىن، بەلكى كۆپ مىقداردىكى مەبلەغ سېلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك يالغانچىلىق ۋە سىياسىي سىڭدۈرمىچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. ئاپتورلار ئۆز ماقالىسىدە خەلقئارالىق مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنى، جۈملىدىن ئادرىيان زېنز قاتارلىق ئالىملارنى «ئوڭچىل ئاشقۇن» ۋە «ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ قورالى» دەپ مەقسەتلىك قارىلايدۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە خىتاي دۆلەت كاپىتالى تەرىپىدىن بېقىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بېيجىڭنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى قەستەن يوشۇرىدۇ. ئەگەر ھەقىقىي ئاكادېمىك ئوبيېكتىپلىق تەلەپ قىلىنسا، ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال ئۆزلىرىنىڭ مالىيە مەنبەسىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان تىجارىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك توختاملىرىنى ئاشكارىلىشى كېرەك ئىدى. بۇنداق بىر ياللانما تەشۋىقات تورىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىشى ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ۋىجدانىنى يوقاتقانلىقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ [4].
2. «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نىقابى ئاستىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە دۆلەت تېررورى
ۋىجاي پراشاد ۋە تىڭس چاك ئۆز ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىي باستۇرۇشلىرىنى نوقۇل ھالدا غەربنىڭ ئاتالمىش ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇق تەھدىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان قانۇنلۇق ھەرىكىتى دەپ ئاقلاشقا ئۇرۇنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ خىتاي دۆلەتلىك ئاخبارات ئىشخانىسى چىقارغان ئاق تاشلىق كىتابلاردىكى باھانىلەرنىڭ قۇرۇق كۆچۈرمىسى بولۇپ، رېئاللىققا تامامەن خىلاپتۇر. 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي باشلىغان «زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى قەتئىي زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان باستۇرۇش سىياسىتى 2016-يىلى چېن چۈەنگونىڭ شەرقىي تۈركىستانغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كېلىشى بىلەن بىر مىللەتنى كوللېكتىپ جازالاش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەرىجىسىگە يەتتى. خىتاي دائىرىلىرى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق ئىرادىسىنى تېررورلۇققا باغلاپ، ھەرقانداق نورمال ئىپادىلەرنى بۆلگۈنچىلىك سۈپىتىدە باستۇرۇپ كەلدى.
ئەمەلىيەتتە، 2016-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان پۈتۈنلەي يېپىق، غايەت زور ساقچى دۆلىتىگە ۋە ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلدى. مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرۈشلەر، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەپسىلىي دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى سۈنئىي ئەقىل، چىراي تونۇش تېخنىكىسى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇماتلارغا تايانغان «بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بىرلەشمە ھەرىكەت سۇپىسى» (IJOP) ناملىق سىستېمىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى مىكرو سەۋىيەگىچە نازارەت قىلدى. كىشىلەر تېلېفونىغا قايسى ئەپلەرنى قاچىلىدى؟ كىملەر بىلەن ئالاقە قىلدى؟ ھەتتا قاچان ناماز ئوقۇدى ياكى روزا تۇتتى دېگەندەك ئەڭ ئاددىي شەخسىي ئۇچۇرلارمۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سۈپىتىدە يىغىلدى. خىتاينىڭ 2017-يىلى ماقۇللىغان ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» غا ئاساسەن، ساقال قويۇش، ياغلىق ئارتىش ۋە ئىسلامىي ئىسىملارنى قويۇش قاتارلىقلار بىۋاسىتە تېررورلۇقنىڭ ئىپادىسى دەپ بېكىتىلدى [5].
بۇ خىل دۆلەت تېررورىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى يۈزمىڭلاپ، ھەتتا مىليونلاپ بىگۇناھ خەلقنىڭ سەۋەبسىز ھالدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىنىشىدۇر. خەلقئارالىق مۇستەقىل ئورگانلار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۆلچەرى ۋە تەكشۈرۈشلىرىدە ئېنىق كۆرسىتىلىشىچە، بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپسىز، سوتسىز ھالدا لاگېرلارغا بەند قىلىنغان. بۇ كىشىلەرنىڭ مەزكۇر لاگېرلارغا قامىلىش سەۋەبى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى قۇرئان ئوقۇغانلىقى، چەتئەلگە سەپەر قىلغانلىقى، تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفونلاشقانلىقى ياكى ئۆز مىللىتىنىڭ كىملىكىنى قوغدىغانلىقىدىندۇر. ب د ت دوكلاتى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ دۇنياۋى مىقياستا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق مۇئەييەنلەشتۈردى [6].
ئاپتورلار بۇ لاگېرلارنى پەقەتلا «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى خۇددى مەكتەپتەك كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. بىراق، سىرتقا ئاشكارىلىنىپ قالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى، جۈملىدىن «قاراقاش تىزىملىكى»، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ۋە «خىتاي سىملىرى (China Cables)» بۇ يالغانچىلىقنى كۈلگە ئايلاندۇردى. بۇ ھۆججەتلەردە، لاگېرلارنىڭ قوراللىق قوغدىلىدىغانلىقى، چىقىپ كېتىش ياكى قېچىشقا ئۇرۇنغان تۇتقۇنلارنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاش بۇيرۇقىنىڭ بېرىلگەنلىكى ئېنىق يېزىلغان. خىتاينىڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىن خاتىرىلىرىدە شى جىنپىڭ باشلىق رەھبەرلەرنىڭ «ئۇلارغا قىلچىمۇ رەھىم قىلماڭلار» ۋە «يىلتىزىنى ئۈزۈپ، نەسلىنى قۇرۇتۇڭلار» دېگەن مۇستەبىت يوليورۇقلىرى پاش بولدى. ئەگەر ئۇ يەر ھەقىقەتەن بىر كەسپىي مەكتەپ بولسا، نېمە ئۈچۈن قوراللىق كۈچلەر، تىكەنلىك سىملار ۋە كۆزىتىش مۇنارلىرى ئىشلىتىلىدۇ؟ [7].
لاگېر ئىچىدىكى گۇۋاھچىلارنىڭ قان ياشلىق سۆزلىرىگە قارىغاندا، تۇتقۇنلار سىستېمىلىق قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنغان، ئۇخلاشقا ۋە تەرەتخانىغا بېرىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان ھەمدە كوللېكتىپ جىنسىي تاجاۋۇزچىلىقلارنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەمىنلىگەن دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، لاگېردىكىلەرگە نامەلۇم دورىلار ۋە ئوكۇللار مەجبۇرىي سېلىنىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى ئېغىر ۋەيران قىلىنغان. شۇنداقلا، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى تىللاپ ۋاز كېچىشكە، خىتاي تىلىنى يادلاشقا ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان ساداقىتىنى توختىماي تەكرارلاشقا مەجبۇرلانغان. پراشاد ۋە چاكنىڭ بۇنچىلىك قورقۇنچلۇق قانلىق رېئاللىقنى خەلقئارا ئىمپېرىيالىزمغا قارشى بىر سىياسەت سۈپىتىدە ئاقلىشى، پەقەت خىتاي ياللانما تەشۋىقاتچىلىرىدىلا كۆرۈلىدىغان رەھىمسىزلىكتۇر [8].
3. نوپۇسنى سۈنئىي چەكلەش ۋە بىيولوگىيەلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق رېئاللىقى
ئاپتورلارنىڭ ماقالىسىدىكى يەنە بىر زور پاكىت بۇرمىلاش شۇكى، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بازارغا سېلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش رېئاللىقىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇلار خىتاينىڭ 2020-يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈش ستاتىستىكىلىرىدىكى ساختىپەزلىك قىلىنغان ئومۇمىي رەقەملەرنى ئاساس قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى قايمۇقتۇرماقچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكا يىلنامىلىرى بۇ يالغانچىلىقنى كۆپ قېتىم پاش قىلىپ بولغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى پاكىتلار ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان نوپۇس ئۇچۇرلىرىنى تورلاردىن ئۆچۈرۈۋېتىشكە ۋە ئېلان قىلىشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. مۇستەقىل ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈشلىرى دەل شۇ ئۆچۈرۈلۈشتىن بۇرۇنقى ھۆكۈمەت ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغان.
گېرمانىيەلىك مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ خىتاي دۆلەت ئارخىپلىرىدىن قېزىپ چىققان دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ئاساسلىق مەركەزلەشكەن رايونلاردا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە نوپۇس تۆۋەنلەش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. مەسىلەن، پەقەت 2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىلا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە تەبىئىي نوپۇس ئېشىش نىسبىتى %73 تىن كۆپرەك شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەن. 2018-يىلى بەزى ناھىيەلەردە تەبىئىي ئۆسۈش نىسبىتى سۈنئىي ھالدا نۆلگە ياكى مەنپىي سانغا يېقىنلاشتۇرۇلغان. دۇنيادا ھېچقانداق بىر جەمئىيەتتە پەقەت ئۈچ-تۆت يىل ئىچىدىلا نوپۇس ئېشىشى بۇ قەدەر شىددەتلىك، تەبىئىي ھالەتتە تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ [7].
-2019يىلىغا كەلگەندە بۇ خىل پاجىئەلىك چۈشۈش پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا يەنىمۇ ئېغىرلاشتى. رايوندىكى ئومۇمىي تۇغۇلۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ناھىيەلەردىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى (تەخمىنەن %4) دىن ئون نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. ئاپتورلار بۇ خىل بىنورمال چۈشۈشنى خۇددى «يېزا ئىگىلىكىدىن سانائەتكە ئۆتۈشتىكى تەبىئىي شەھەرلىشىش جەريانى» غا دۆڭگىسىمۇ، ئوخشاش مەزگىلدە خىتاي نوپۇسى كۆپ بولغان شەھەرلەردە بۇنداق تېز چۈشۈشنىڭ بولماسلىقى، بۇنىڭ پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقى ۋە زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىجرا قىلىنغان سىستېمىلىق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
تېخىمۇ ۋەھشىي يېرى شۇكى، بۇ نوپۇس چۈشۈشى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، جۈملىدىن مەجبۇرىي ھالدا بالىياتقۇغا ھالقا سېلىش (IUD) سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ئىستاتىستىكىسى كۆرسىتىشىچە، 2014-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن خىتايدا تۇغۇت چەكلەش ھالقىسى سېلىش مىقدارى ئىزچىل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىلا شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن. ھەتتا 2018-يىلىغا كەلگەندە، دۆلەت مىقياسىدا يېڭىدىن سېلىنغان تۇغۇت چەكلەش ھالقىسىنىڭ ساپ ئېشىش مىقدارىنىڭ %80 گە يېقىنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن، ھالبۇكى، بۇ رايوننىڭ نوپۇسى خىتاي ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران %1. 8 نى ئىگىلەيدۇ. بۇ قورقۇنچلۇق رەقەملەر سىياسەتنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نىشان قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىسپاتىدۇر.
بۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى مەجبۇرىي تۇرۇبا بوغۇش (تۇغۇتتىن مەڭگۈلۈك توختىتىش) ئوپېراتسىيەسىگە ۋە مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈشكە قىستالغان. يەرلىك ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇغۇش يېشىدىكى ئاياللارنىڭ غايەت زور بىر قىسمىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇغۇت چەكلەش نىشانىغا كىرگۈزۈش پىلانلانغان. ئەگەر ئاياللار بۇنداق رەھىمسىز ئوپېراتسىيەلەرنى رەت قىلسا، ئۇلارغا بىۋاسىتە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىنىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىنغان. لاگېردىن ئامان چىققان نۇرغۇن شاھىتلار ئۆزلىرىگە نامەلۇم ئوكۇل ئۇرۇلغانلىقى ياكى دورا ئىچكۈزۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن ھەيز كېلىشتىن قېلىپ، ئومۇميۈزلۈك تۇغماس بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە كۆز يېشى بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن.
خىتاي ئاكادېمىكلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەخپىي دوكلاتلىرى ۋە تەتقىقات ماقالىلىرىدە، مەسىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ليۇ يىلېي ۋە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى لى شياۋشيا قاتارلىقلارنىڭ بايانلىرىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كەلگەن تەھدىت» دەپ تەسۋىرلەنگەن. ئۇلار بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سۈنئىي مۇداخىلە ئارقىلىق «نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش» كېرەكلىكىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشىنى قەتئىي تورمۇزلاپ، زور مىقداردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، رايوننىڭ نوپۇس تىپىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىشنى ئاشكارا تەشەببۇس قىلغان. پراشاد ۋە چاك بۇ دۆلەت پىلانىنى پەقەت بىر كۆرمەسكە سېلىپلا قالماي، بەلكى ئۇنى يالغان دەپ ئىنكار قىلىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىستېمىلىق قىلمىشلىرى 1948-يىلىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى» نىڭ 2-ماددىسى 4-تارماقچىسىغا، يەنى «بىر گۇرۇپپا ئىچىدە تۇغۇلۇشنى توسۇش مەقسىتىدە تەدبىر قوللىنىش» دېگەن بەلگىلىمىسىگە تولۇق ۋە مۇكەممەل ماس كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقىنى ئاددىي بىر چەكلىمە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ جىسمانىي كېلەچىكىنى ۋە نەسلىنى سۈپۈرۈپ تاشلاشنى نىشان قىلغان مۇتلەق ۋە قەستەن لايىھەلەنگەن بىيولوگىيەلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. ئاپتورلارنىڭ قىرغىنچىلىق پەقەت «كوللېكتىپ قەبرىستانلىقلار بىلەنلا بولىدۇ» دېيىشى، ئۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇندىن نەقەدەر ساۋاتسىز ياكى قەستەن بۇرمىلىغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
4. زامانىۋى قۇللۇق تۈزۈمى: مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە خەلقئارالىق تەمىنات زەنجىرى
«Monthly Review» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان دۆلەت كۆلىمىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايەتلىرىمۇ پۈتۈنلەي بۇرمىلىنىپ، خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك خەلقلەرنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ۋە كەسپىي جەھەتتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندەك تەشۋىق قىلىنغان. ئەكسىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ۋە نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆججەتلەرىگە تايىنىپ ئېلان قىلغان تەكشۈرۈشلىرى، بۇ سىياسەتنىڭ ماھىيەتتە زامانىۋى قۇللۇق تۈزۈمى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. بۇ تۈزۈم ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مەنپەئەتىگە ئەمەس، دۆلەت كاپىتالىنىڭ قانلىق جۇغلانمىسىغا خىزمەت قىلىدۇ.
خەلقئارالىق تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» ۋە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامى ئاستىدا يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچىدىكى ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي يۆتكىگەن. بۇ پىلانلار ھېچقانداق ئىختىيارىيلىق ئاساسىغا قۇرۇلمىغان بولۇپ، رەت قىلغان ياكى ئىتائەت قىلمىغان كىشىلەر بىۋاسىتە «ئەسەبىيلىك» گۇمانى بىلەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان. بۇ سەۋەبتىن خەلق ئۆز ئائىلىسىدىن، يۇرتىدىن جۇدا بولۇپ، ھۆكۈمەت تەقسىم قىلغان ھەرقانداق ئېغىر ئەمگەكنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرى ۋە زاۋۇتلاردا ئۇيغۇرلار خۇددى قۇللاردەك تىكەنلىك سىم تورلار، قوراللىق ساقچىلار ۋە كامېرالارنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا ئىشلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى، ئۆيىگە قايتىشى، ھەتتا ناماز ئوقۇش ياكى روزا تۇتۇشى قەتئىي مەن قىلىنغان. خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ ئۇلار مەجبۇرىي ھالدا خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە ۋە سىياسىي جەھەتتە مېڭە يۇيۇش تەربىيەسىگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «سېتىلىدىغان ئۇيغۇرلار(Uyghurs for Sale)» ناملىق دوكلاتتا 80 مىڭدىن كۆپ ئۇيغۇرنىڭ پەقەت 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىلا ئىچكىرى خىتايغا قۇل قىلىپ سېتىلغانلىقى دەلىللەنگەن [9].
بۇ زامانىۋى قۇللۇق تۈزۈمى دۇنياۋى تەمىنات زەنجىرىگە قانلىق يىلتىز تارتقان. دۇنيانىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %20 ى شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغان بولۇپ، بۇ پاختىلار تولۇقى بىلەن دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن يىغىۋېلىنىدۇ ۋە پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ. دۇنيادىكى يۈزلەپ كىيىم-كېچەك ۋە داڭلىق ماركا شىركەتلىرى بىلىپ-بىلمەي مۇشۇ قانلىق ئەمگەكنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىستېمال قىلىشقا قىستالغان. خەلقئارالىق «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى» بۇ رېئاللىقنى پاش قىلىپ، دۇنيا شىركەتلىرىنى خىتاي تەمىنات زەنجىرىدىن چېكىنىشكە چاقىردى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرشارى يېشىل ئېنېرگىيە تەرەققىياتىمۇ خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىگە باغلانغان. قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى تاختىسى ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان دۇنيادىكى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىينىڭ تەخمىنەن %45 ى دەل شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كۆمۈر ئارقىلىق ئېلېكتىر تارقىتىدىغان زاۋۇتلاردىن كېلىدۇ. بۇ زاۋۇتلاردىمۇ ئۇيغۇرلار ھېچقانداق ئەمگەك كاپالىتى ۋە ساغلاملىق قوغداش چارىسىسىز، قۇللارچە ئىشقا سېلىنماقتا. دۇنيانىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە يېشىل ئېنېرگىيەگە يۈزلىنىشى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تەرى ۋە قانلىرى بەدىلىگە قۇرۇلماقتا.
دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇ جىنايەتكە قارشى قانۇنىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2021-يىلى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نى رەسمىي ماقۇللاپ، شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قارايدىغان ۋە ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان كۈچلۈك قارار چىقاردى. ئەگەر پراشاد ۋە چاكقا ئوخشاش ئۆزىنى «ماركسىزمچى»، ئىشچى سىنىپىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى دەپ ئاتايدىغان ئاتالمىش سولچىللار ھەقىقەتەن ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن سۆزلىگەن بولسا، مىليونلىغان قۇل قىلىنغان ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ زار-زار يىغىسى ئالدىدا دۆلەت كاپىتالىستىك، فاشىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى قوغدىماسلىقى كېرەك ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ پەقەت پۇل بىلەن ياللانغان سىياسىي كارامەتچىلەر ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر جانلىق دەلىلى.
5. مەدەنىيەت يوقىتىش: مەسچىتلەرنى چېقىش ۋە ئائىلىلەرنى پارچىلاش
ماقالە ئاپتورلىرى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئويدۇرما ۋە بىمەنە سۆزلەرنى قىلغان. رېئاللىق بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە سىستېمىلىق ۋە ۋەھشىي بىر مەدەنىيەت يوقىتىش (Cultural Genocide) ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. خەلقئارالىق مۇستەقىل ئورگانلار ۋە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئىسپاتلىشىچە، پەقەت 2017-يىلىدىن بۇيانلا شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت ئۆرۈپ تاشلانغان ياكى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ سان رايوندىكى ئومۇمىي مەسچىتلەرنىڭ %65 نى تەشكىل قىلىدۇ. قالغان قىسمەن مەسچىتلەرنىڭ مۇنار ۋە گۈمبەزلىرى چېقىلىپ تاشلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قىزىل بايراق ئېسىلىپ ۋە شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات شوئارلىرى يېزىلىپ، خىتايلاشتۇرۇلغان [4].
مەدەنىيەت يوقىتىش ھەرىكىتى مەسچىتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى تاۋاپ قىلىپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس قەبرىستانلىقلىرى ۋە تارىخىي مازارلىرى (مەسىلەن خوتەندىكى ئاۋات سۇلتانىم قەبرىستانلىقى ۋە ئىمام ئاسىم مازىرى) تۈزلەپ تاشلىنىپ، ئۈستىگە ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى، باغلار ياكى تاۋارخانىلار قۇرۇلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردىكى ئەسلى مەقسىتى ئۆلۈكلەر بىلەن ئېلىشىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى تارىخىي ئىزلىرىنى، ئەجدادلىرى بىلەن بولغان مەنىۋى رىشتىسىنى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ مىللىي خاتىرىسىنى ۋەيران قىلىشتۇر.
تىل ۋە زىيالىيلارنى يوقىتىشمۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمىدۇر. خىتاي دائىرىلىرى «قوش تىللىق مائارىپ» نىقابى ئاستىدا بارلىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى چەكلەپ، يالغۇز خىتاي تىللىق ئاسسىمىلياتسىيە مائارىپىنى يۈرگۈزدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى تارىخ ۋە ئەدەبىيات كىتابلىرى يىغىۋېلىنىپ كۆيدۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مىللەتنىڭ مېڭىسى ۋە ئومۇرتقىسى ھېسابلانغان يۈزلەپ-مىڭلاپ زىيالىيلار، ئالىملار، سەنئەتكارلار قاتتىق زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلاندى. دۇنياغا تونۇلغان فولكلورشۇناس پىروفېسسور راھىلە داۋۇت، مەشھۇر مائارىپچى ۋە ئەدەبىياتچى يالقۇن روزى، ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق نەچچە يۈزلىگەن يادرولۇق زىيالىيلار قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز ياكى ئۇزۇن يىللىق تۈرمىگە كېسىۋېتىلدى ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىندى.
مەدەنىيەت يوقىتىشنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق قىسمى يېڭى ئەۋلادلارنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىش پىلانىدۇر. ئاتا-ئانىلىرى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغاندىن كېيىن، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر گۆدەكلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي يىغىۋېلىنىپ، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى يېتىمخانىلارغا ۋە يېپىق ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ سەبىي بالىلار ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەشتىن، دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنىپ، پەقەتلا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە سادىق «قىزىل ۋارىسلار» قىلىپ يېتىشتۈرۈلۈش ئۈچۈن سىياسىي مېڭە يۇيۇشقا دۇچار بولماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» دىكى ئۆلچەم بويىچە ئېيتقاندا، بىر مىللەتنىڭ بالىلىرىنى زورلۇق بىلەن باشقا بىر مىللەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش بىۋاسىتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدۇر. ئاپتورلارنىڭ بۇنچە ئوچۇق جىنايەتلەرنى يالغانغا چىقىرىشى پەقەت دۆلەت تېررورىزىمىغا شېرىك بولغانلىقتۇر.
6. خۇلاسە: مۇستەقىل خەلقئارالىق ھۆكۈملەر ۋە ئاكادېمىك ئەخلاقسىزلىق
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، «Monthly Review» ژۇرنىلىدا ۋىجاي پراشاد ۋە تىڭس چاك تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە ھەرگىزمۇ ئىلمىي ئىزدىنىشنىڭ ياكى ئەركىن تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى ئەمەس، بەلكى ئىككىيۈزلىمىچى سىياسىي ھامىيلارنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە سالغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىقىدۇر. دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇ جىنايەتلەرگە قارىتا ئاللىقاچان كۈچلۈك ھۆكۈم چىقىرىپ بولدى. 2021-يىلى لوندوندا چاقىرىلغان مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كېڭىشى» نەچچە يۈزلىگەن گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرى، مۇستەقىل دوكلاتلار ۋە تارىخىي ھۆججەتلەرگە تايىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ ھېچقانداق گۇمانسىز ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكىنى رەسمىي ھۆكۈم قىلدى [10]. شۇنداقلا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىمۇ خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ خەلقئارالىق پىكىر بىرلىكىگە قارىتا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، گوللاندىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ماقۇللاپ ئېمبارگو يۈرگۈزدى. پراشاد ۋە چاك ماقالىسىدە 37 دۆلەتنىڭ ب د ت دا خىتاينى قوللىغانلىقىنى ماختاپ تىلغا ئالىدۇ. ئەمما ئۇلار بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىي قەرزىگە بېقىندى بولۇپ قالغان مۇستەبىت دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، بۇ دۆلەتلەردىمۇ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى قەستەن يوشۇرىدۇ. ھەقىقەتكە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان كۈچلەر ئاللىقاچان خىتاينىڭ يالغانچىلىق قەلئەسىنى بومباردىمان قىلىپ غۇلاتتى.
شۇڭا، ئۆزلىرىنى «سولچىل»، ئىمپېرىيالىزمغا قارشى تۇرغۇچى ۋە ئېزىلگەنلەرنىڭ ھامىيسى دەپ داۋا قىلىدىغان بۇ ئاپتورلارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت تېررورىزىمىنى ئاقلىشى، پەقەتلا ئاكادېمىك ئەخلاقسىزلىق بولۇپ قالماستىن، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ سەھىپىلەرنىڭ بىۋاسىتە شېرىكلىرىگە ئايلانغانلىقتۇر. ئۇلار دۇنيادىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەمەس، بەلكى غايەت زور كاپىتال بىلەن ئىشلەۋاتقان مۇستەبىت ئىمپېرىيەنىڭ باياناتچىسىغا ئايلىنىپ بولدى. خەلقئارا جەمئىيەت، ئاكادېمىك مۇستەقىل ئورگانلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى بۇ خىل پۇلغا سېتىۋېلىنغان يالغان تەپسىلاتلارنى رەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى قوللاشنى، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ تارتىپ تارتىۋېلىنماس بۇرچى دەپ بىلىشى كېرەك.
پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:
- Prashad, Vijay, and Tings Chak. The Idea of the ›Uyghur Genocide‹ and the Realities of Xinjiang. Monthly Review, Vol. 77, No. 11, April 2026.
- Tricontinental: Institute for Social Research. About. Tricontinental, 2026.
- Hvistendahl, Mara, et al. A Global Web of Chinese Propaganda Leads to a U. S. Tech Mogul. The New York Times, August 5, 2023.
- Human Rights Watch. “Break Their Lineage, Break Their Roots”: China’s Crimes against Humanity Targeting Uyghurs and Other Turkic Muslims. HRW, April 19, 2021.
- Amnesty International. «Like We Were Enemies in a War»: China’s Mass Internment, Torture and Persecution of Muslims in Xinjiang. Amnesty International, June 2021.
- Office of the United Nations High Commissioner for Human Rights (OHCHR). OHCHR Assessment of human rights concerns in the Xinjiang Uyghur Autonomous Region, People’s Republic of China. OHCHR, August 31, 2022.
- Zenz, Adrian. Sterilizations, IUDs, and Mandatory Birth Control: The CCP’s Campaign to Suppress Uyghur Birthrates in Xinjiang. The Jamestown Foundation, June 2020.
- Xu, Vicky Xiuzhong, et al. Uyghurs for Sale: ‘Re-education’, forced labour and surveillance beyond Xinjiang. Australian Strategic Policy Institute (ASPI), March 1, 2020.
- Ruser, Nathan, et al. Cultural erasure: Tracing the destruction of Uyghur and Islamic spaces in Xinjiang. Australian Strategic Policy Institute (ASPI), September 25, 2020.
- House Committee on Ways and Means. Hearing on Foreign Influence in American Nonprofits: Adam Sohn Written Testimony. U. S. House of Representatives, February 2026.
- Uyghur Tribunal. The Uyghur Tribunal Judgment. London, December 9, 2021.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















