ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
«ئامېرىكا سىياسەت تۈزگۈچىلىرى ئۈچۈن قوللانما: خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارارىنى چۈشىنىش» (Understanding China’s National Security Decisionmaking: A Primer for U.S. Policymakers) ناملىق بۇ ئىستراتېگىيەلىك دوكلات 2026-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكادىكى دۇنياغا داڭلىق، سىياسەت ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدىكى باشلامچى ئاقىللار ئامبىرى بولغان راند شىركىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئېلان قىلىنغان
. مەزكۇر تەتقىقاتنى زاكارى بۇرېدېت (Zachary Burdette)، شەنشەن مېي (Shanshan Mei) قاتارلىق خىتاي مەسىلىلىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر بىرلىكتە تەييارلىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قارارلىرىنى بەلگىلىگۈچى ئالىي قاتلامغا قارىتىلغان. دوكلاتنىڭ نېگىزلىك مەقسىتى بولسا خىتاينىڭ كىرىزىس ۋە توقۇنۇش مەزگىلىدە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئائىت قارارلارنى قانداق چىقىرىدىغانلىقىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ بېرىش ھەمدە ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىركىشىشتە توغرا بىلىش رامكىسىنى تىكلىشىگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.
دوكلاتنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىلىشىچە، 21-ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ۋە تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان خەلقئارالىق تاشقى سىياسەت نەتىجىلىرى خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىدە دەل قانداق قارار چىقىرىشىغا بىۋاسىتە تايىنىدۇ
. خىتاينىڭ زېمىن تالاش-تارتىشلىرىدا ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىكى، يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىش سۈرئىتى، سۈنئىي ئەقىل ۋە دۇنياۋى ئاممىۋى ساغلاملىق كىرىزىسلىرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاشلىرى ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ كەلگۈسى سىياسىي ھاۋارايىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر. شۇڭلاشقا، ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆز رەقىبىنىڭ قارار چىقىرىش مېخانىزمىنى چوڭقۇر چۈشىنىش پەقەتلا ئاددىي بىر ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياج بولۇپ قالماستىن، بەلكى قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ ۋە تەلۋىلەرچە تەرەققىي قىلىدىغان كىرىزىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتورلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھەربىر كونكرېت قەدىمىنى، يەنى مەلۇم بىر ۋەقەگە قارىتا ئېنىق قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىش ئادەم تەبىئىتى ۋە سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى سەۋەبلىك ئىمكانسىزدۇر
. لېكىن، ئۇلارنىڭ قارار چىقىرىشىدا ئىزچىل تەكرارلىنىدىغان ھەرىكەت ئەندىزىلىرىنى ۋە مېخانىزم ئادەتلىرىنى بېكىتىپ چىقىش ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدە سىياسىي ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشكە، شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى توغرا ئىگىلەشكە بولىدۇ. بۇ دەل ھاۋارايى ئالدىن مەلۇماتىدا مەلۇم بىر كۈندىكى يامغۇر تامچىسىنىڭ قەيەرگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمىسىمۇ، قايسى پەسىلدە قانداق كىلىمات شەكىللىنىدىغانلىقى توغرا كۆرسىتىپ بېرەلىگەنگە ئوخشايدۇ.
بۇ غايەت زور خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مەزكۇر تەتقىقات ماقالىسىدە خىتاينىڭ قارار چىقىرىش سىستېمىسىنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال بولغان ئۈچ چوڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئامىل – «ئۇچۇر»، «ئانالىز» ۋە «ھوقۇق قۇرۇلمىسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان
. بۇ ئۈچ ئامىل خۇددى بىر بىنانىڭ ئۇلىغا ئوخشاش، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رېئاللىق توغرىسىدا نېمىنى بىلىدىغانلىقىنى، بىلگەن ئاشۇ ئۇچۇرلىرى ئۈستىدە قانداق پىكىر يۈرگۈزىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا مۇشۇ ئۇچۇر ۋە ئانالىزلارغا ئاساسەن كىمنىڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدىغانلىقىنى لوگىكىلىق رەت تەرتىپ بويىچە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۇ خىل سىستېمىلىق باھالاش رامكىسى تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى خىتايدەك مۇرەككەپ ۋە يېپىق بىر سىستېمىنىڭ قايسى نۇقتىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەكلىكىگە يېتەكلەيدۇ. چۈنكى، خىتاينىڭ قارار چىقىرىش جەريانىنى سىرتقى دۇنيادىن كۆزىتىش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇتلەق مەخپىيەتلىك تۈزۈمى نۇرغۇنلىغان ھالقىلىق ئۇچۇرلارنى سىرتقى كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئېرىشكۈسىز قىلىپ قويغان
. شۇڭلاشقا، بۇ دوكلاتتىكى ئانالىز مېتودولوگىيەسى پەقەتلا قولدىكى بار بولغان چەكلىك پاكىتلار بىلەن يەكۈن چىقىرىشقا ئەمەس، بەلكى شۇ ئېنىقسىزلىقلارنىڭ ئۆزىنى بىر سىياسىي تەتقىقات ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
گەرچە بۇ دوكلات تېما ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئاساسەن خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارارىدىكى كەمتۈكلۈكلەر ۋە نۇقسانلارغا مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بەزى تەشكىلىي ئارتۇقچىلىقلىرىنىمۇ ئىنكار قىلمايدۇ
. خىتاي سىستېمىسىنىڭ سىياسەتلەرنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بىۋاسىتە ماسلاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، دۆلەت بايلىقىنى ئورتاق بىر نىشانغا يېتەكلىيەلەيدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان تۈزۈش ئەۋزەللىكى ۋە كۈنسېرى زامانىۋىلىشىپ، كەسىپلەشكەن ھەربىي كۈچى ئۇنىڭ قارار چىقىرىش سىستېمىسىدىكى مەۋجۇت كۈچلۈك تەرەپلەر سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىدۇ. پەقەتلا بۇ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نۇقسانلار چۈشىنىلگەندىلا، ئاندىن خىتاي بىلەن بولىدىغان رىقابەتتە توغرا ئورۇننى تاللىغىلى بولىدۇ.
ئۇچۇر مەنبەسىدىكى نۇقسانلار ۋە ئېپىستېمولوگىيەلىك توسالغۇلار
سىياسىي رەھبەرلەر قولغا كەلتۈرگەن ئۇچۇرلارنىڭ سۈپىتى ئۇلارنىڭ ھەل قىلغۇچ قارارلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياكى مەغلۇبىيەتلىك بولۇشىغا بىۋاسىتە ۋە ئاساسىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىدۇ
. مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ قارار چىقىرىش سىستېمىسىدىكى خاتا ئۇچۇر ئېقىمى ئاساسلىقى «تولۇق بولمىغان ئۇچۇر» (ئۆز رەقىبى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە بولالماسلىق) ۋە «خاتا ئۇچۇر» (يالغان ۋە قەستەن بۇرمىلانغان دوكلاتلارغا تايىنىپ قېلىش) دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىپ ئىنچىكە ئانالىز قىلىنىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئۇچۇر نۇقسانى خىتاي دۆلەت ماشىنىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىگە يېتىپ بارىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئاساسلىقى پارتىيە سىستېمىسى، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە دۆلەت كېڭىشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈۋرۈككە ئايرىلغان ھالدا يۇقىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ
. گەرچە بۇ ئۈچ گەۋدە بىر-بىرىگە سىياسىي جەھەتتىن تەڭداش بولمىسىمۇ – چۈنكى ئارمىيە ۋە دۆلەت كېڭىشى پارتىيەگە بويسۇنىدۇ – ئەمما ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان، بىر-بىرىگە ئانچە بېقىنىپ كەتمەيدىغان يېپىق ئۇچۇر توپلاش ۋە يەتكۈزۈش يوللىرى مەۋجۇتتۇر.
خىتاينىڭ تاشقى ۋە ئىچكى ئىستىخبارات تورى ئامېرىكانىڭ مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) غا قەتئىي ئوخشىمايدىغان قۇرۇلمىغا ئىگە. مەسىلەن، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تاشقى ئىستىخبارات توپلاش بىلەن بىرگە دۆلەت ئىچى خەۋپسىزلىكىگىمۇ تەڭلا مەسئۇل بولىدۇ
. بۇ سەۋەبتىن، بۇ مىنىستىرلىقنىڭ خىزمەت خاراكتېرى مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىدىن كۆرە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى (KGB) غا تېخىمۇ بەكرەك ئوخشاپ كېتىدۇ، يەنى ئۇلار چەتئەل سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاشتىن سىرت، جەمئىيەتتىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشقىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىدۇ.
خىتاينىڭ مەزكۇر قېلىپلاشقان ئىستىخبارات ئاپپاراتىدىن سىرت، ھۆكۈمەت ئىچىدە «ئىچكى پايدىلانما» (内参) دەپ ئاتىلىدىغان ۋە پەقەتلا مەلۇم دەرىجىگە يەتكەن ئالىي رەھبەرلەرلا كۆرەلەيدىغان پەۋقۇلئاددە يوشۇرۇن ئۇچۇر مەنبەلىرى سىستېمىسى مەۋجۇت
. بۇ سىستېما خىتايدىكى ئاخبارات كونتروللۇقى سەۋەبىدىن ئاممىغا ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان سەزگۈر تېمىلارنى، جۈملىدىن يەرلىكتىكى ئېغىر نامايىشلار ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىك سەتچىلىكلىرىنى سۈزۈۋەتمەستىن مەركەزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر خىل سىستېمىلىق قۇتقۇزۇش يولىدۇر.
لېكىن، خىتايدىكى بۇ كۆپ مەنبەلىك ۋە كۆپ تارماقلىق ئىستىخبارات قۇرۇلمىسى ئۇچۇرنى قېلىپلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشتا كۆپلىگەن ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىكلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
. چۈنكى ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، «تارماقلار ئارا سىلىندىرلىشىش» ئېففېكتى پەيدا بولۇپ، ھالقىلىق ئۇچۇرلار ئوخشىمىغان ئاپپاراتلار ئارا ئەركىن ۋە يۇغۇرۇلغان ھالدا ئالماشتۇرۇلماي، تارماقلار ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. بۇ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكىدەك ماسلاشتۇرۇش فۇنكسىيەسىنىڭ خىتايدا ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
مانا مۇشۇ تەشكىلىي قۇرۇلما بوشلۇقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان «تولۇق بولمىغان ئۇچۇر» مەسىلىسى رەھبەرلەرنىڭ دۆلەت تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ھالقىلىق پاكىتلارنى توغرا ئىگىلىيەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
. يەنى دۈشمەننىڭ نىيىتى توغرىسىدىكى توغرا ئۇچۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم بىر تۆۋەنكى تارمىقىدا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئالىي رەھبەرلەرنىڭ قارار چىقىرىش ئۈستىلىگە ۋاقتىدا يېتىپ بارالمىغاچقا، قارارلار قارىغۇلارچە ياكى قىسمەن پاكىتلار ئاساسىدا چىقىرىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زور خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ.
بۇ ئەھۋالنىڭ بىر تىپىك مىسالى سۈپىتىدە، تەتقىقاتتا 1995- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن تەيۋەن بوغۇزى كىرىزىسى تىلغا ئېلىنىپ چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىدۇ
. شۇ قېتىمقى ۋەقەدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەن رەھبىرى لى دېڭخۇينىڭ ئامېرىكادىكى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىغا زىيارەتكە كېلىشىگە رۇخسەت قىلغاندا، خىتاي بۇنى بىر قېتىملىق ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك دەپ قاراپ تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى ۋە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. بۇ جەرياندا خىتاي ئىستىخبارات سىستېمىسى ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ دەل قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى تەپسىلىي ۋە سىستېمىلىق بىلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك تېڭىرقاپ قالغان
. ئامېرىكا قۇرۇلتاي ئەزالىرىنىڭ پىرېزىدېنت بىل كلىنتونغا لى دېڭخۇينىڭ ۋىزىسىنى بېرىش ئۈچۈن قىلغان غايەت زور سىياسىي بېسىمىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، پەقەتلا ھۆكۈمەت مەمۇرىيىتىنىڭ بۇرۇنقى مەخپىي ۋەدىسىگىلا ئىشىنىپ قېلىشى، خىتاينىڭ ئامېرىكا دېموكراتىك تۈزۈلمىسىنى چۈشىنىشتىكى ئېپىستېمولوگىيەلىك توسالغۇسىنىڭ جانلىق نەتىجىسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەيۋەن بوغۇزى كىرىزىسى ئەسناسىدا خىتاينىڭ ئۇچۇر مەنبەسىدىكى نۇقسان يەنە بىر جەھەتتىن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ئىككى ئاۋىياماتكا جەڭگىۋار ئەترىتىنى رايونغا جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇشى خىتاينى پۈتۈنلەي تېڭىرقاپ قېلىشقا مەجبۇر قىلغان
. بۇ ۋەقە شۇ چاغدا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دېڭىزدىكى ھەرىكەتلەرنى كۆزىتىش ۋە سېزىش تېخنىكىلىق ئىقتىدارىنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى، يەنى ئەمەلىي مەلۇمات توپلاش كۈچىنىڭ تولىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى تارىخىي دەلىل سۈپىتىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۇچۇرنىڭ سىلىندىرلىشىپ قېلىپ تارماقلار ئارا ئالماشتۇرۇلماسلىقىغا ئائىت يەنە بىر جانلىق مىسال 2011-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتسنىڭ خىتايغا قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا كۆرۈلگەن
. خىتاي دەل شۇ مۇھىم دىپلوماتىك كۆرۈشۈش كۈنى ئۆزىنىڭ تۇنجى يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارىغا ئىگە كۈرەشچى ئايروپىلانى J-20 نى سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇپ، دۇنيانى ۋە ئامېرىكانى ھەيران قالدۇرغان. ئامېرىكا تەرەپ بۇنى كۈچ كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئاتايىن قىلىنغان سىياسىي سىگنال دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا مىنىستىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىكەنلىكى، ھەتتا ھەيران قالغانلىقى مەلۇم بولغان
. بۇ خىل چاتاقلار دەل خىتايدىكى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى تارماقلىرى بىلەن تاشقى ئىشلار سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى، ھەربىي سانائەت تارماقلىرىنىڭ سىياسىي ۋەقەلەر بىلەن كارى بولماي ئۆز پىلانى بويىچە ئىش قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
يۇقىرىدىكىلەردىن سىرت، «خاتا ئۇچۇر» مەسىلىسىمۇ خىتاي قارار چىقىرىش مېخانىزمىنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك بىر تەرىپى بولۇپ، ئۇ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ياكى بۇرمىلانغان دوكلاتلارنى تاپشۇرۇۋېلىشىنى كۆرسىتىدۇ
. تۆۋەن قاتلامدىكى ئەمەلدارلار ئۆز جېنىنى بېقىش، مەسئۇلىيەتتىن ۋە خىزمەتتىكى خاتالىق يۈزىسىدىن كېلىدىغان جازادىن قېچىش، ياكى يۇقىرىنىڭ ئىلتىپاتى ۋە مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن رېئاللىققا ماس كەلمەيدىغان سىياسىيلىشىپ كەتكەن خاتا مەلۇماتلارنى تەمىنلەيدۇ. بولۇپمۇ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان ئىزچىل ۋە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئېلىپ بارغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى سىياسىي تازىلاشلار ئەمەلدارلار ئارىسىدا پەۋقۇلئاددە قورقۇنچ ۋە ئۆزىنى قاچۇرۇش پىسخىكىسىنى يارىتىپ قويغان
. نەتىجىدە، ئەمەلدارلار سىياسىي جازادىن قورقۇپ ئاكتىپلىق بىلەن قارار چىقىرىش قىزغىنلىقىنى يوقاتقان ھەمدە يۇقىرىغا پەقەت رەھبەر ئاڭلاشنى خالايدىغان ئاتالمىش «خۇش خەۋەر»لەرنىلا يەتكۈزىدىغان خەتەرلىك «ياڭراتقۇ ئېففېكتى» قۇرۇلمىسى (Echo Chamber) بارلىققا كەلگەن.
گەرچە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ئىچكى پايدىلانما» سىستېمىسى ئەسلىدىنلا رەھبەرلەرگە ھەقىقىي ۋە سىرتقا ئاشكارىلانمايدىغان سەزگۈر ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇمۇ بۈگۈنكى كۈندە شى جىنپىڭنىڭ مۇتلەق ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئۆز رولىنى يوقاتقان
. چۈنكى ھازىر بۇ مەخپىي دوكلاتلارنى يازىدىغان ئىلىم-پەن خادىملىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە ئاخباراتچىلارمۇ سىياسىي جازاغا تارتىلىشتىن قورقۇپ، مەزمۇنلارنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي توغرىلىق ئۆلچىمىگە ۋە رەئىسنىڭ شەخسىي مايىللىقىغا ماسلاشتۇرۇپ سۈزۈپ ئاندىن دوكلات قىلىدىغان بولۇپ قالغان. بۇ خىل سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قەستەن خاتا ئۇچۇر يەتكۈزۈشنىڭ دۆلەت ۋە خەلققە قانچىلىك ئېغىر بەدەل ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى 2019-يىلى ۋە 2020-يىلىدىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (COVID-19) كىرىزىسىنىڭ دەسلەپكى پارتلىشى جەريانىدىن يېقىندىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ
. ۋۇخەندىكى يەرلىك ۋە ئۆلكىلىك ئەمەلدارلار ئۆز ئەمىلىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن، سىياسىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىشتىن قورقۇپ، ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەقىقىي ۋە جىددىي دوكلاتلارنى مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن قەستەن يوشۇرغان.
دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىياستىگە ئالاقىدار بولغان يەنە بىر تىپىك، شۇنداقلا تاشقى دۇنيا بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇش كېلىپ چىققان ۋەقە بولسا 2001- يىلى يۈز بەرگەن EP-3 ئامېرىكا ئايروپىلانى سۈركىلىش ۋەقەسىدۇر
. بۇ ۋەقەدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دۆلەت رەھبىرى جياڭ زېمىنغا ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋەقەنىڭ ئەمەلىي جەريانى ھەققىدە پۈتۈنلەي خاتا ۋە بىر تەرەپلىمە مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، ئالىي رەھبەرلىكنى خاتا يەكۈن چىقىرىشقا يېتەكلىگەن. ئارمىيە ۋەكىللىرى ۋە تەكشۈرگۈچى خادىملار جياڭ زېمىنغا ئامېرىكا ئايروپىلانىنىڭ تۇيۇقسىز بۇرۇلۇپ ھاۋا تەۋەلىكىدە خىتاي ئايروپىلانىغا قەستەن سوقۇلغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما كېيىنكى ئەمەلىيەتتە ۋە ئامېرىكا تەرەپ تەمىنلىگەن پاكىتلاردا ئايروپىلاننى تېز سۈرئەتتە ھەيدەپ خاتا ھەرىكەت قىلغۇچىنىڭ خىتاي ئۇچقۇچىسىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان
. خىتاي ئارمىيەسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن قەستەن ساختىپەزلىك قىلغانلىقتىن، پۈتكۈل ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسى پېچەتلەنگەن خاتا مەلۇماتقا تايىنىپ قېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا قاتتىق دىپلوماتىك پاسسىپلىققا چۈشۈپ قالغان ھەمدە ئامېرىكادىن ئورۇنسىز كەچۈرۈم تەلەپ قىلغان.
ئانالىز ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك
ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى تەمىنلىنىپ ئۈستەلگە قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنى قانداق ئانالىز قىلىش، ئۇنىڭدىن قانداق مەنە يەكۈنلەش سىياسىي قارار چىقىرىشتىكى كېيىنكى ھالقىلىق باسقۇچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ
. خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئانالىزى كۆپىنچە ھاللاردا يادرولاشقان ئىككى خىل ئىدىيەۋى ئاساسقا مۇتلەق تايىنىدۇ: بىرى، دۆلەت ئىچىدىكى پارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان ئەندىشە؛ يەنە بىرى، تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرىگە، بولۇپمۇ ئامېرىكاغا قاراتقان دەرىجىدىن تاشقىرى ئىستراتېگىيەلىك گۇمانخورلۇقتۇر.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرۋاقىت ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ ئامانلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بارلىق مەنپەئەتلەرنىڭ ئەڭ ئۈستىگە قويىدۇ ۋە شۇ سەۋەبتىن سىرتقى تەھدىتلەرنىمۇ دائىم ئىچكى بىخەتەرلىككە بولغان تەھدىت بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ
. مەسىلەن، شياڭگاڭدىكى دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان نامايىشلارنى ياكى كورونا ۋىرۇسى كىرىزىسى مەزگىلىدىكى يەرلىك پۇقرالارنىڭ قارشىلىقلىرىنى ئىجتىمائىي مەسىلە دەپ ئانالىز قىلماستىن، بەلكى دەرھال چەتئەل كۈچلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «رەڭلىك ئىنقىلاب» قوزغاش سۇيىقەستى دەپ ئانالىز قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، قارار چىقارغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىدىكى «بىلىش ئېغىشلىرى» (Cognitive Biases) نورمال، ئىلمىي ۋە لوگىكىلىق ئانالىزغا ئېغىر توسالغۇ بولىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىلدۇر
. گەرچە بۇ خىل پىسخىكىلىق ئېغىشلار خىتاي رەھبەرلىرىگىلا خاس بولماستىن، بەلكى بارلىق ئىنسان پىسخىكىسىنىڭ ئومۇمىي ئاجىزلىقى بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكىدەك يەككە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە ئۇنىڭ تۈزىتىلىش مېخانىزمى كەمچىل بولغاچقا، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىدە بەكرەك ۋە خەتەرلىك شەكىلدە گەۋدىلىنىدۇ.
بۇ پىسخىكىلىق ئامىللاردىن «ئەينەك ئېففېكتى» (Mirror-imaging) ۋە «غەرەزلىك نىيەت قىياسى» (Intentionality bias) قاتارلىقلار خىتاي سىياسەتچىلىرىنى ئۆز رەقىبلىرىنىڭ غەرىزىنى پۈتۈنلەي خاتا ئوقۇشقا يېتەكلەيدۇ
. خىتاي ئانالىزچىلىرى ئۆز دۆلىتىدىكى قاتتىق كونتروللۇق مۇھىتىنى ئۆلچەم قىلىۋېلىپ، ئامېرىكانىڭ بەزى ئادەتتىكى، ھەتتا تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئارمىيە ياكى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنىمۇ خىتايغا قارىتىلغان قەستەن، پىلانلىق ۋە مەركەزدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىغۋاگەرچىلىك دەپ خاتا ھۆكۈم قىلىدۇ.
-2020يىلى ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدا يۈز بەرگەن «ئۆكتەبىر سىلكىنىشى» كىرىزىسى دەل مۇشۇ خىل بىلىش ئېغىشلىرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ۋە يېقىنقى مىساللىرىدىن بىرىدۇر
. شۇ يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيە مەخپىي ئورگانلىرى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى ئىچكى سىياسىي كىرىزىسنى يېنىكلىتىش ۋە سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن، جەنۇبىي دېڭىزدا خىتايغا قارشى قەستەن ۋە تۇيۇقسىز بىر ئۇرۇش قوزغايدۇ، دەپ قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن ھەمدە پۈتۈن ئارمىيەنى جەڭ ھالىتىگە كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ ئەھۋالدا، خىتاي سىياسەتچىلىرى ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنى خۇددى خىتاي تۈزۈمىدەك بىر يەردىن، پەقەت رەئىسلا باشقۇرىدىغان ھاكىممۇتلەق سىستېما دەپ قىياس قىلىپ «ئەينەك ئېففېكتى» تۈپەيلىدىن سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن
. ئۇلار ھەتتا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بىر قىسىم ئەترىتى ئۆز كىيىمىدە ئىشلەتكەن ئۈستىگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بېسىلغان كىچىككىنە كىيىم بەلگىسىنى (Patch) ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ خىتايغا قارشى پىلانلىغان مەخپىي ئۇرۇش پىلانىنىڭ ئاشكارا ئىسپاتى دەپ تەھلىل قىلىش دەرىجىسىگە يېتىپ بارغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ كىرىزىس جەريانىدا، «نوپۇز ئېغىشى»مۇ (Authority bias) خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تەھلىلىنى قايمۇقتۇرغان
. خىتايلار ئامېرىكادىكى تاراتقۇلارنى ۋە ئەركىن پىكىر قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى خۇددى خىتايدىكىدەك ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازى دەپ بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكالىق بىر قىسىم داڭلىق سىياسىيون ۋە تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ (مەسىلەن، ھېنرىي كېسىنگېر قاتارلىقلارنىڭ) ئاخباراتلاردا ئېلان قىلغان جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەسەۋۋۇرىنى ۋە ماقالىلىرىنى كۆرۈپ، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ھەققىدىكى رەسمىي مەخپىيەتلىكى سىرتقا ئېقىپ كەتتى دەپ ئىشىنىپ قالىدۇ.
«جەزملەشتۈرۈش ئېغىشى » (Confirmation bias) خىتاينى تېخىمۇ چوڭ تېڭىرقاشقا ئېلىپ بارغان، چۈنكى خىتاي سىياسىيونلىرى ۋە ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى باشتىنلا ئامېرىكا خىتاينى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى دېگەن قاراشنى ئۆز كاللىسىغا مىخلاپ بېكىتىۋالغانىدى
. شۇڭا ئۇلار كۈندىلىك دىپلوماتىك باياناتلارنى، ئاخباراتتىكى بەزى ئەھمىيەتسىز ماقالىلەرنى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى نورمال ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىپ ۋە ئۆزلىرىنىڭ قورقۇنچىغا يېمەك قىلىپ تەھلىل قىلغان.
تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، يەنە بىر ۋەقە بولغان 1999-يىلى بېلگرادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى تەرىپىدىن بومبىلىنىشى جەريانىدىمۇ دەل مۇشۇنداق «غەرەزلىك نىيەت قىياسى» روشەن نامايان بولغان ئىدى
. ئامېرىكا ۋە خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچىلەر بۇنىڭ بىر پاجىئەلىك گېئوگرافىيەلىك ۋە ئىستىخبارات خاتالىقى ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقىرى دەرىجىدە كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ، خىتاي رەھبىرى جياڭ زېمىن ئامېرىكادەك تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەت بۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ، جەزمەن بۇنى خىتاينى سىناش ۋە تەھدىت سېلىش ئۈچۈن قەستەن قىلغان، دەپ تۇرۇۋالغان. يېقىنقى مەزگىلدىكى يەنە بىر دىپلوماتىك تىركىشىش ۋەقەسى 2022-يىلى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەننى دۆلەت ئىشلىرى سۈپىتىدە زىيارەت قىلىشى بىلەن بىللە كۆرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئانالىزدىكى ئېغىشچانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتتۈرگەن
. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقىللار ئامبىرى ئامېرىكانىڭ «ئۈچ ھوقۇق ئايرىلغان» دۆلەت تۈزۈلمىسىنى توغرا چۈشەنمىگەن، ھەمدە پىرېزىدېنت جو بايدىن پەقەتلا بۇيرۇق قىلىش ئارقىلىق ئۆز پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا باشلىقى پېلوسىنىڭ زىيارىتىنى توسۇپ قالالايدۇ دەپ خاتا يەكۈن چىقىرىپ، بۇ زىيارەتنى پۈتكۈل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئورتاق سۇيىقەستى دەپ قارايدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.
ئانالىزدىكى بۇ خىل سىستېمىلىق خاتا يەكۈنلەرگە پەقەتلا بىلىش چەكلىمىسى سەۋەب بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىچكى تەشكىلىي قۇرۇلما تەسىرلىرىمۇ (Organizational Influences) ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر
. خىتاينىڭ بۇ خىل مۇتلەق پارتىيە ھوقۇقىغا تايانغان لېنىنىزمچە پارتىيە-دۆلەت سىستېمىسىدا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەت مەمۇرىيىتىگىلا ئەمەس، بەلكى دۆلەتتىكى بارلىق قوراللىق كۈچلەر ۋە ئارمىيەگە ئۆزىنىڭ مۇتلەق باشلامچىلىقىنى كۈچلۈك تېڭىپ يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مىللىي ئارمىيەسى بولماستىن، بەلكى ماھىيەت جەھەتتە پارتىيەنىڭ شەخسىي قوراللىق كۈچى بولغانلىقى ئۈچۈن، پارتىيەگە ۋە رەھبەرگە مۇتلەق سادىق بولۇش ئۇنىڭ ھەربىي قارارلىرىدىكى «كەسىپچانلىق»تىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرىنچى ئۆلچەم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ
. سىياسىي كومىسسارلار تۈزۈمى ئارقىلىق پارتىيە ئاپپاراتى بارلىق ھەربىي ئىشلارغا ۋە جەڭ پىلانلىرىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىدۇ، بۇ ھال تەبىئىي رەۋىشتە، رېئاللىققا يۈزلەنگەن ھەربىي كەسىپ ئەھلىلىرى بىلەن سىياسىي كادىرلار («قىزىل بىلەن كەسىپ مۇتەخەسسىسى») ئارىسىدا كېلىشكىلى بولمايدىغان ئىچكى توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شى جىنپىڭ دەۋرىدە سىياسىي ئىدېئولوگىيەنىڭ دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەھلىلىدىكى ئورنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى
. ماركسىزملىق، ماتېرىيالىزملىق ۋە تارىخىي بەلگىلىمىچىلىك قارىشىغا ئاساسلىنىپ، خىتاي رەھبەرلىرى «غەرب تۈزۈمى ۋە كاپىتالىزم زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتىدۇ، دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىش قىسمىتى مۇقەررەر ھالدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە مەنسۇپ» دەپ ئىشىنىدۇ ۋە شۇ بويىچە سىياسەت يۈرگۈزىدۇ.
شى جىنپىڭنىڭ ئېغىزىدىن چۈشمەيدىغان «ئەسىردە بىر كۆرۈلىدىغان زور ئۆزگىرىش ۋە پۇرسەت» دېگەن ئىستراتېگىيەلىك جۈملە ۋە دۆلەت تەسەۋۋۇرى دەل مۇشۇ خىل ئۆكتەم ۋە جەڭگىۋار ئىدېئولوگىيەلىك تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلىدۇر
. بۇنداق سىياسىي بېكىتمىچىلىك بىلەن سۇغۇرۇلغان كەسكىن تاشقى سىياسەت كۆز قارىشى خىتاي ئانالىزچىلىرىنى دۇنيا ۋەزىيىتىنى باھالىغاندا رېئاللىقتىن يىراقلاشتۇرۇپ، ماركسىزمچە نەزەرىيە تەمىنلىگەن خام خىياللارغا ۋە تەلۋىلەرچە مۆلچەرلەرگە ئەگەشتۈرۈپ قويىدۇ. تەشكىلىي ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلەر يەنە دۆلەت پۇقراۋى ھۆكۈمىتى بىلەن ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەقسەتتە بىرلىشەلمەسلىك زىددىيەتلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ
. خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي بىيۇرو ئەزالىرى ۋە پارتىيە كادىرلىرىنىڭ زامانىۋى ھەربىي تېخنىكا ۋە ئۇرۇش تەجرىبىسى كەمچىل بولۇشى، ھەربىيلەرنىڭ بولسا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، دىپلوماتىيە ۋە تاشقى سىياسىتىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرگە پىسەنت قىلماستىن قاراملىق بىلەن قورال سىناق قىلىشنىلا كۆزلىشى سىستېما ئىچىدە زور ماسلاشماسلىقلارنى تۇغدۇرىدۇ.
-2007يىلى خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۆزلىرىنىڭ كاردىن چىققان ھاۋارايى سۈنئىي ھەمراھىنى سۈنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوراللىرى بىلەن پاچاقلاپ سىناق قىلىشى مۇشۇ خىل ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت ماسلىشالماسلىقىنىڭ، يەنى تەشكىلىي ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنىڭ نەتىجىسى بولغان
. ھەربىي قورال ئىنژېنېرلىرى قورالنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچىنى سىناشنىلا ئويلىغان ھەمدە ئالەم بوشلۇقىدا پەيدا بولىدىغان مىڭلىغان سۈنئىي ھەمراھ قالدۇقلىرىنىڭ خەلقئارالىق جىددىيلىك، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىق سىياسىي ئاقىۋەتلىرىنى دۆلەت رەھبەرلىرىگە يېتەرلىك چۈشەندۈرۈپ بەرمىگەن.
ئۈچىنچىدىن ۋە يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ھېسسىيات ئامىللىرى (Emotional Influences) خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش ۋە قارار چىقىرىش جەريانىنى غايەت زور دەرىجىدە شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ
. قورقۇنچ، غەزەپ ۋە يوقاپ كەتكەن خەلقئارالىق دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت ئورنى بىلەن مىللىي غۇرۇرىنى قايتىدىن تىكلەش پىسخىكىسى خىتاينىڭ تاشقى سىياسەتتە ۋە ھەربىي توقۇنۇشلاردا تېخىمۇ قاتتىق قول ۋە مۇرەسسەسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم يوشۇرۇن سەۋەبتۇر.
خىتاي دۆلىتى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە پۈتكۈل مائارىپ سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈلگەن «ئەسىرلىك خورلۇق» تارىخى بايانى ئۇلارنىڭ زامانىۋى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردىكى ۋە قوراللىق ھەرىكەتلىرىدىكى مىللەتچىلىك روھىي كاتالىزاتورى سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ
. خىتاي ھۆكۈمىتى سىرتقى كىرىزىسلارنى، مەسىلەن ئەلچىخانا بومبىلىنىشى ياكى ئايروپىلان سۈركىلىشى قاتارلىقلارنى، پەقەتلا ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك نورمال دىپلوماتىك مەسىلە دەپ قارىماستىن، بەلكى بىۋاسىتە دۆلەت ئىززىتىگە تەگكەن ھاقارەت ۋە خىتاي مىللىتىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىگە قەستەن قىلىنغان خىرىس دەپ قارايدۇ. بۇ خىل ھېسسىيات قىممىتىنى ئاساس قىلىشنىڭ ئىككى چوڭ مىسالى خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى تېخنىكا پىروگراممىسى ۋە جەنۇبىي دېڭىز شۇنداقلا تەيۋەنگە بولغان زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىرالىرىدۇر
. مەسىلەن، خىتاي ئالەم بوشلۇقىغا ئادەم چىقىرىش ياكى ئايغا ئۈسكۈنە قوندۇرۇش ئۇتۇقلىرىنى ئاددىي ئىلىم-پەن نەتىجىسى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆز سىياسىي پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن باغلانغان بىر خىل مىللىي گۈللىنىش پىلانى («خىتاي ئارزۇسى») دەپ چۈشەندۈرىدۇ، بۇ دۆلەت رەھبەرلىرى ئۈچۈن ئىپتىخار ۋە مەۋجۇتلۇق قىممىتىگىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا چېگرا ۋە زېمىن تالاش-تارتىشلىرىدا، مەيلى تەيۋەن مەسىلىسى ياكى سېنكاكۇ ئاراللىرى توقۇنۇشى بولسۇن، خىتاي مەسىلىنى پەقەتلا بىر پارچە تېررىتورىيەلىك زېمىن ۋە ئىقتىسادىي بايلىق تالىشىش دەپ ئاددىي ئانالىز قىلمايدۇ
. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇنداق مۇنازىرىلەر پارتىيەنىڭ ئابرۇيى، خىتاي مىللىتىنىڭ يۈزى ۋە تارىخىي ئۆچ ئېلىش غۇرۇرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولغاچقا، گەرچە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن زىيان تارتسىمۇ، ئامېرىكاغا ۋە باشقا ئەللەرگە قەتئىي مۇرەسسە قىلمايدىغان، يىقىلغاندىمۇ سىياسىي تەشۋىقات ئارقىلىق ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرسىتىدىغان تاكتىكا قوللىنىدۇ.
ئومۇمەن ئالغاندا، خىتاينىڭ يۇقىرىدىكى ئالاھىدە پىسخىكىلىق، ئىدېئولوگىيەلىك ۋە ھېسسىياتچان ئانالىز خاھىشلىرى ئامېرىكا ئۈچۈن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان قوراللىق توقۇنۇش ۋە كىرىزىسنى سۆھبەت ئارقىلىق كونترول قىلىشنى تېخىمۇ مۈشكۈللەشتۈرىدۇ
. خىتاينىڭ ئۆز پارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە تارىخىي غۇرۇرىنى چەتئەل تەھدىتى بىلەن بۇنچىلىك زىچ باغلاپ چۈشىنىشى كەلگۈسىدىكى سۆھبەتلەردە، توقۇنۇشنى پەسەيتىش تىرىشچانلىقلىرىدا غايەت زور توسالغۇ بولۇپ قېلىۋېرىدۇ ھەمدە ئاددىي ۋەقەلەرنىڭ زورىيىپ كېتىشىگە يول ئاچىدۇ.
ھوقۇق قۇرۇلمىسىدىكى رەسمىي، غەيرىي رەسمىي قاتلاملار ۋە ئىتائەتسىزلىك
سىياسىي قارار چىقىرىش سىستېمىسىدا ئۇچۇرنى ئىگىلەپ، ئۇنى ئۆز تەسەۋۋۇرى ۋە مەنپەئەتىگە كۆرە ئانالىز قىلىپ بولغاندىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ ھالقىلىق قەدەم كىمنىڭ قارار چىقىرىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتۇر
. نۆۋەتتىكى خىتاي سىياسىي سەھنىسىدە شى جىنپىڭ «ھەممە ئىشنىڭ رەئىسى» (Chairman of Everything) دەپ ئاتالغان ۋە ئومۇمىي ھوقۇقنى ئۆز ئالىقىنىغا ئالغان بولسىمۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئائىت ھەربىر ئۇششاق-چۈششەك ۋە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىدىغان كىرىزىسلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇنىڭ شەخسەن قارار چىقىرىپ يېتىشىشى ئەمەلىيەتكە تامامەن ئۇيغۇن ئەمەس.
شۇ سەۋەبتىن، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ قارار چىقىرىش سالاھىيىتى ۋە سەۋىيەسى رەسمىي ھوقۇق، غەيرىي رەسمىي ھوقۇق ۋە ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىغان خۇسۇسىي ھەرىكەتلەر («ئۆزبېشىمچىلىق») دەپ ئۈچ ئايرىم تۈرگە ئايرىلىپ تەھلىل قىلىنغان
. بۇ دەرىجىلەرگە ئايرىش ئارقىلىق، قارارلارنىڭ بەزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى بويىچە يېتەكلەنسە، يەنە بەزىدە ئورگان سىرتىدىكى شەخسىي مۇناسىۋەتلەر، ھەتتا ئاشقۇن يەرلىك كادىرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەتلىنىشى ئارقىلىق بەلگىلىنىدىغانلىقى شەرھلەنگەن. خىتاينىڭ بۇ ئەنئەنىۋى ھوقۇق يۈرگۈزۈش شەكلى ئەمەلىيەتتە «قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش»تىن كۆرە بەكرەك «شەخسنىڭ ئىدارە قىلىشى»غا تايىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
خىتاينىڭ قەغەز يۈزىدىكى رەسمىي ھوقۇق قۇرۇلمىسىغا نەزەر سالساق، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي بىيۇروسى ۋە ئۇنىڭ يەتتە كىشىلىك دائىمىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسىگە، تاشقى مۇناسىۋىتىگە يۆنىلىش بەلگىلەپ بېرىدىغان ئەڭ ئالىي ئورگان ھېسابلىنىدۇ
. دۆلەت كېڭىشى گەرچە ھۆكۈمەت مەھكىمىسى ھېسابلانسىمۇ، ئۇ پەقەتلا پارتىيە بەلگىلىگەن مەمۇرىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلارنى ئىجرا قىلىشقىلا مەسئۇل بولسا، شى جىنپىڭ رەئىسلىك قىلىدىغان مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى (CMC) دۆلەتنىڭ بارلىق ھەربىي يۈرۈشلىرىنى ۋە مۇداپىئە قارارلىرىنى بىۋاسىتە ۋە ئالىي دەرىجىدە باشقۇرىدۇ.
بۇ خىل ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھوقۇقدارلىق سىستېمىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىنكى دەۋردە تېخىمۇ يۇقىرى ۋە مۇتلەق چەككە يەتتى
. شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۆپلىگەن «كىچىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى» (Leading Small Groups) نى قۇرۇپ، نورمال ھۆكۈمەت مىنىستىرلىقلىرىنىڭ قارار چىقىرىش ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈۋالدى ۋە تەدبىر بەلگىلەشتىكى كوللېكتىپ رەھبەرلىك ئەندىزىسىنى ئاجىزلاشتۇردى. شۇ قاتاردا، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىمۇ يېڭىدىن ئورنىتىلغان مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئارقىلىق، ئىلگىرىكى تارقاق ھوقۇقنى بىكار قىلىپ، بىۋاسىتە ۋە مۇتلەق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ شەخسىي كونتروللۇقىدا تۇرىدۇ
. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئارمىيە يۆتكەش ياكى ھەربىي ئىشلاردا ھېچقانداق ئەمەلىي قوماندانلىق ھوقۇقى يوق، ئۇ پەقەتلا كۆرۈنۈشتە دىپلوماتىك ھەربىي مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل بىر قۇرۇق مەمۇرىي ئاپپاراتتىن ئىبارەتتۇر. دۆلەت ئىچى بەش چوڭ ھەربىي رايونغا بۆلۈنۈپ، بىۋاسىتە مەركەزگە قارايدۇ
.
گەرچە دۆلەت قۇرۇلمىسى شۇنچە ئېنىق، مەركەزلەشكەن ۋە ئىجرا كۈچىگە ئىگە قىلىپ لايىھەلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن «غەيرىي رەسمىي ھوقۇق» خىتاي سىياسىي سەھنىسىدە ۋە مۇھىم سىياسىي قارارلاردا پات-پات ئۆز كۈچىنى ۋە بېسىمىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ
. يەنى دۆلەتنىڭ بەزى ھالقىلىق مۇھىم قارارلىرى قەغەز يۈزىدىكى رەسمىي تەشكىلىي قۇرۇلمىلارنىڭ پىلانىغا كۆرە ئەمەس، بەلكى ئالىي رەھبەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئىشەنچلىك قول ئاستىدىكىلىرى، كونا سەپداشلىرى ئارىسىدىكى تىمتاس ۋە مۇرەككەپ شەخسىي مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بۇ غەيرىي رەسمىي شەخسىي ھوقۇققا بېرىلگەن تارىخىي ۋە ئەڭ يارقىن مىسال سۈپىتىدە، 1979-يىلى دېڭ شياۋپىڭنىڭ قوشنا دۆلەت ۋىيېتنامغا قاراتقان جازالاش خاراكتېرلىك تاجاۋۇز ئۇرۇشى كۆرسىتىلىدۇ
. شۇ ۋاقىتتا پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيەنىڭ قانۇنلۇق ۋە ئەڭ ئالىي رەھبىرى نامدا خۇا گوفېڭ بولسىمۇ، دېڭ شياۋپىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي ئىنقىلابىي ئابرۇيى، گېنېراللار ئارىسىدىكى تەسىر كۈچى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى غەيرىي رەسمىي شەخسىي نوپۇزىغا تايىنىپ دۆلەتنىڭ رەسمىي قۇرۇلمىلىرىنى چەتكە قېقىپ مەزكۇر ئۇرۇشنى قوزغىغان ھەمدە كېيىن ئەمەلىي ھوقۇقنى تارتىۋالغان.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇددى دېڭ شياۋپىڭغا ئوخشاش، شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ يېقىن ئادەملىرىنى ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق دەل مۇشۇنداق غەيرىي رەسمىي ھوقۇق يۈرگۈزۈش تاكتىكىسىنى تولۇق ۋە ئۇستىلىق بىلەن قوللىنىۋاتىدۇ
. مەسىلەن، شى جىنپىڭ ئەسلىدە تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە باشقا نازۇك خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ بېشىغا ئۆزى بىلەن يىللار بويى فۇجيەن ئۆلكىسىدە بىللە ئىشلىگەن ئەڭ سادىق خادىملارنى قويۇپ ئۇلارنى سىياسىي بيۇروغا كىرگۈزگەن. بۇ خىل شەخسىي ۋە ئىشەنچكە تايانغان سىياسىي مۇناسىۋەتلەر ئورگانلار ئارا ھوقۇق ۋە بايلىق تەقسىماتىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان شەكىلدە ئۆزگەرتىپ، رەسمىي سىستېمىنى ئىشلىمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا، ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىغان، رۇخسەتسىز ۋە مەخپىي ھەرىكەتلەر («ئۆزبېشىمچىلىق مەشغۇلاتى») ئالىي رەھبەرلەرنىڭ خەۋىرىسىز، رۇخسىتىسىز ياكى مەقسىتىگە پۈتۈنلەي قارشى يۈز بېرىدىغان تاسادىپىي كىرىزىس يارىتىش ۋەقەلىرىنى كۆرسىتىدۇ
. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىككە ياكى ھەربىي قىسىملارغا تەمىنلىگەن ئومۇمىي، چوڭ يۆنىلىشلىك ئەمما تەپسىلاتى مۈجمەل يوليورۇقلىرى، ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتىكى قاتتىق بېسىم تۆۋەن قاتلامدىكى خادىملارنىڭ ئەھۋالغا قاراپ ئۆز ئالدىغا ئاشقۇن ياكى خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا مەيدان ھازىرلاپ بېرىدۇ. مەسىلەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 2001-يىلىدىكى جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكا رازۋېدكا ئايروپىلانى بىلەن سۈركىلىپ كېتىشى، دەل يەرلىك ھەربىي ئۇچقۇچىلارنىڭ مەركەزنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆز مەيلىچە پەيدا قىلغان خەتەرلىك توسۇش ھەرىكەتلىرى سۈپىتىدە باھالىنىشى مۇمكىن
. بەزىدە ئارمىيە «دۈشمەندىن پايدىلىنىپ مەشىق قىلىش ۋە ماھارەتنى ئاشۇرۇش» باھانىسىدا ھوقۇقتىن ھالقىپ ئىنتايىن يېقىن ئارىلىقتىن توسۇش ھەرىكەتلىرىنى قىلىدۇ، بۇ خىل رۇخسەتسىز ھەرىكەتلەر سەۋەبلىك ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاش گىردابىغا كېلىپ قالىدىغان تاسادىپىي كىرىزىسلار كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ خىل ئۆز بېشىمچىلىق سىياسەت مەيدانىدىمۇ كۆرۈلىدۇ، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا دۆلەت مىقياسىدىكى كوۋىد ۋىرۇسى كارانتىن (نۆل-يۇقۇم) سىياسىتىنىڭ تۇيۇقسىز ۋە قالايمىقانچىلىق ئىچىدە بىكار قىلىنىشىمۇ مۇشۇ خىل تىپتىكى ئۆز بېشىمچىلىقنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىپادىسىدۇر
. مەركەزنىڭ نۆل-يۇقۇم سىياسىتىدە تەۋرەنمەسلىك ھەققىدىكى قاتتىق بۇيرۇقىغا قارشى، ئىقتىسادىي ۋەيران بولۇشتىن ۋە پۇقرالارنىڭ كەڭ-كۆلەملىك ئىسيان قىلىشىدىن قورقۇپ كەتكەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مەركەزنى كۈتمەيلا ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن چەكلىمىلەرنى بوشىتىپ رېئاللىققا بويسۇنغان، بۇ ئامىل مەركەزنى مەزكۇر سىياسەتتىن مەجبۇرىي ۋاز كېچىشكە قىستىغان. گەرچە خىتاينىڭ سىياسىي مۇھىتى خۇددى تۆمۈر تاختىدەك مەھكەم ۋە قاتتىق كونتروللۇقتەك كۆرۈنگەن بىلەن، يەرلىك ئىجرا ۋە مەشغۇلاتلاردا دائىم ئىتائەتسىزلىك ۋە رۇخسەتسىز ئىجرا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سىياسەت تۈزگۈچىلىرى ئۈچۈن قارايدىغانلا بولساق، بۇ خىل ھوقۇقنىڭ چىگىشلىكى ۋە قارار چىقىرىشتىكى رۇخسەتسىز ئۆز بېشىمچىلىقلار خەلقئارا تىركىشىشتە غايەت زور باش ئاغرىقى ۋە مۆلچەرلىگۈسىز خەتەر پەيدا قىلىدۇ
. چۈنكى جەنۇبىي دېڭىز ياكى تەيۋەن بوغۇزىدا بىرەر قوراللىق توقۇنۇش كېلىپ چىققان ھامان، ئامېرىكا رەھبەرلىرى بۇنىڭ خىتاي ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ سىستېمىلىق ئۇرۇش قوزغاش قارارى ئىكەنلىكىنى، ياكى ئالدىنقى سەپتىكى بىرنەچچە ئوفىتسېرنىڭ ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن قىلغان يەككە ئىتائەتسىزلىكى ئىكەنلىكىنى دەرھال ۋە ئېنىق پەرق ئېتەلمەي قالىدۇ. بۇ ھال ئامېرىكانىڭ ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلىشىگە، شۇ ئارقىلىق ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن خاتا قايتۇرما زەربە بېرىپ رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇش چىقىرىشىغا سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن.
تەدرىجىي تەرەققىيات ۋە كىرىزىس باشقۇرۇشتىكى رىقابەتلەر
خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار قارار چىقىرىش مېخانىزمى مۇزلاپ توختاپ قالغان جانسىز گەۋدە ئەمەس، بەلكى دەۋر ۋە ۋەزىيەت بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆتمۈشتىكى مەغلۇبىيەت ۋە كىرىزىسلاردىن سىستېمىلىق ساۋاق ئېلىپ ئۆزىنى ئوڭشايدىغان ئىنتايىن جانلىق ھاكىمىيەت سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ
. مەسىلەن، 1990- يىللىرى ۋە 2001-يىلىدىكى ئايروپىلان سۈركىلىش ۋەقەسىدە كۆرۈلگەن ئارمىيە، ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىخبارات باشقۇرۇشتىكى تارقاقلىق ۋە مەغلۇبىيەتلەر خىتاي رەھبەرلىرىگە ئامېرىكانىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان «مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى» (CNSC) نى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇرغان.
ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن مەخسۇس ئىلھاملىنىپ، 2013-يىلى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ يېڭى ئالىي ئورگان، دەل شۇ بۇرۇنقى تارقاق خىتاي پارتىيەسى، دۆلىتى ۋە ئارمىيەسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ھەمدە كىرىزىس باشقۇرۇش كۈچلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، سىلىندىرلىشىش خاھىشىنى يوقىتىش مەقسىتىدە مەيدانغا كەلگەن
. گەرچە مەزكۇر يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ ھازىرغىچە پەقەت تۆت قېتىملا يىغىن ئاچقانلىقى مەلۇم بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە تەسىر كۈچى تاشقى دۇنيا ئۈچۈن قاراڭغۇ بىر سىر بولۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇ رېئاللىق خىتاي ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە قارارى ۋە ئۇچۇر تەقسىماتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تۈزىتىشكە جىددىي تىرىشىۋاتقانلىقىدىن ئېنىق دېرەك بېرىدۇ.
كەلگۈسىدە مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن شى جىنپىڭ ھوقۇقتىن چۈشكەندىن كېيىنمۇ خىتاي سىستېمىسىنىڭ قارار چىقىرىش مېخانىزمى ۋە يۆنىلىشىدە زور تەشكىلىي ئۆزگىرىشلەر بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن
. يېڭىدىن تەختكە چىققان خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ شەخسىي تەسىرى بىلەن يارىتىلغان بۇ خىل قاتتىق مەركەزلەشكەن ھوقۇق ئەندىزىسىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئوخشاشلا داۋاملاشتۇرۇشىمۇ، ياكى بولمىسا ئۆزىنىڭ سىياسىي ئابرۇيى، گۇرۇھ مەنپەئەتى ۋە شەخسىي مايىللىقىغا ئاساسەن دۆلەت بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى يېڭىباشتىن، پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان شەكىلدە ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ چىقىشىمۇ تامامەن مۇمكىندۇر.
ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى ۋە سىياسەت تۈزگۈچىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتايغا قارشى تۇرۇشتىكى بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ سىناق ۋە تەھدىت ئۆز رەقىبى ھەققىدە ئەڭ زور ئېنىقسىزلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر
. خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئىزچىل قارا قۇتىدەك يېپىق بولۇشى، ئەمەلدارلارنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىدىن پەۋقۇلئاددە قورقۇشى سەۋەبلىك، ھەتتا ئامېرىكا توپلىغان ئەڭ مۇكەممەل تاشقى ئىستىخباراتمۇ مەلۇم بىر خىتاي ھەربىي ھەرىكىتى ياكى قارار چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ ئارقىسىدىكى راست مۇددىئانى، ھەقىقىي جەرياننى يۈز پىرسەنت توغرا، ئەينەن يېشىپ بېرەلمەيدۇ.
ئەگەر ئامېرىكا خىتايغا قارشى سىياسەتتە ئۆزىنىڭ مەلۇم كىرىزىستىكى سىگناللىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلسا، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ «ياڭراتقۇ ئېففېكتى» (ئېكو كامېراسى) ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئويلىشىشى كېرەك
. ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ خىتاي رەئىسىگە ئەۋەتكەن قەتئىي ئاگاھلاندۇرۇش ياكى دىپلوماتىك سىگناللىرى تۆۋەن قاتلامدىكى ياكى ئوتتۇرا قاتلامدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن قورقۇنچ سەۋەبلىك رەھبەرگە ۋاقتىدا ياكى ئەينەن يەتكۈزۈلمەسلىكى، بۇرمىلاپ يەتكۈزۈلۈشى تەبىئىي بىر ھادىسە. ئۇچۇرنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى ئۇنىڭ توغرا چۈشەنگەنلىكىنى ھەرگىزمۇ بىلدۈرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا سىياسىيونلىرى خىتاينىڭ بارلىق سىرتقى كىرىزىسلارنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە قارىتىلغان قەستەن سۇيىقەست دەپ ئانالىز قىلىدىغان «ئەڭ يامان ئەھۋالدا قىياس قىلىش» خاھىشىنى توغرا ئىگىلىشى كېرەك
. ئامېرىكا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە قىلغان ئاددىي بىر باياناتمۇ، خىتاينىڭ نەزىرىدە 1989-يىلىدىكى تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ئوخشاش تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتى سۈپىتىدە ئەستايىدىل ۋە سەزگۈر قوبۇل قىلىنىدۇ. ھېسسىيات ۋە غۇرۇر تەلەپلىرى ئۇلارنىڭ قارارىنى پەرەز قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكۈزىدۇ.
دوكلات يەنە غەربلىكلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان، «خىتاي سىياسىي سىستېمىسى يۇقىرىدىن تارتىپ تۆۋەنگىچە مۇكەممەل مەركەزلەشكەن ۋە شى جىنپىڭ تەرىپىدىن تولۇق كونترول قىلىنغان ماشىنا» دېگەن خاتا قاراشنى تۈزىتىدۇ
. سىياسەت بېكىتكۈچىلەر، خىتاي قۇرۇلمىسىدىكى مەۋجۇت ھوقۇق تەقسىماتى ئارىلىقىدىكى ئالاقىسىزلىكنى، ھوقۇقسىز يەرلىك كادىرلارنىڭ ئۆزبېشىمچىلىقى ۋە ئىتائەتسىزلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك. خىتاي سىستېمىسى سىرتقا سۈرلۈك ۋە بىرلىككە كەلگەندەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنى باشقۇرۇش مەشغۇلاتىدا نۇرغۇن مۇرەككەپ ۋە تارقاق ئامىللار رول ئوينايدۇ. ئەگەر كەلگۈسىدە تەيۋەن بوغۇزىدا ياكى جەنۇبىي دېڭىزدا ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش ياكى زور سىياسىي كىرىزىس يۈز بەرسە، ئامېرىكانىڭ جازالاش ۋە بەدەل تۆلەتكۈزۈش (Cost imposition) ئىستراتېگىيەسىگە تايىنىشى زور خەتەر ۋە مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ
. چۈنكى ئامېرىكا بەرگەن سىگنال ياكى قىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئىچكى قارا قۇتىسىدىن ئۆتكەندە بۇرمىلىنىپ، خىتاينى پىلانلىق چېكىنىش ئەمەس، بەلكى ئۆلۈم-يېتىمدىن قورقماي پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە مەجبۇر قىلىدىغان روھىي ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.
خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ مۇۋاپىق بولغان بىر «ئالتۇن ئارىلىق زونىسى»نى (Goldilocks zone) تېپىشى، يەنى بىر-بىرىگە يېتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىرگە، ئومۇميۈزلۈك ۋەزىيەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىزىقىنى بېكىتىشى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن قىيىن ۋە خەتەرلىكتۇر
. مانا مۇشۇ ئەھۋالدا، ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرىنىڭ نۇقسانسىزلىقىغا ۋە خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى ئالدىن پەرەز قىلالايدىغانلىقىغا بولغان مۇتلەق ۋە كورلارچە ئىشەنچى ئەجەللىك سىياسىي خاتالىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
خۇلاسە ۋە باھا
راند شىركىتى مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزكۇر مۇھىم، ئوبيېكتىپ ۋە ئەتراپلىق تەتقىقات دوكلاتى، خىتاينىڭ تاشقى سىياسەت ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى مەخپىي بولغان قارار چىقىرىش مېخانىزمىنى ناھايىتى سىستېمىلىق شەرھلەپ بېرىدۇ
. ئۇچۇر يەتكۈزۈش قۇرۇلمىسىدىكى نۇقسانلار بىلەن سىياسىيلىشىش، پىسخىكىلىق بىلىش بۇرۇلۇشلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتا ھۆكۈملەر، شۇنداقلا رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى قالايمىقانلىق قاتارلىق ئۈچ يادرولۇق تېما ئارقىلىق، دوكلات ئامېرىكا سىياسەت تۈزگۈچىلىرىگە چەكسىز قىممەتكە ئىگە سىستېمىلىق كۆزىتىش كۆزئەينىكى تەمىنلەيدۇ.
بۇ ماقالىدە تەكىتلەنگەن ۋە خۇلاسىلەنگەن ئەڭ ئاساسىي لوگىكا شۇكى، گەرچە خىتاينىڭ قارار چىقىرىش سىستېمىسىدا يۇقىرىدا ساناپ ئۆتۈلگەن كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، بۇ ئۇلارنىڭ تاشقى سىياسەت ھەرىكەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئەقىلسىز، مەقسەتسىز ۋە قالايمىقان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ
. ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ ھاللاردا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە ئىچكى-تاشقى مەنپەئەتلىرىگە ئائىت ھېسابلاشلار ئارقىلىق، ئۆز سەۋىيەسىگە نىسبەتەن ئەستايىدىل سىياسىي قارار چىقىرىدىغان بولۇپ، خىتاي سىستېمىسىدا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان خاتالىقلار ۋە تېڭىرقاشلار ھەر دۆلەتتە كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بىيۇروكراتىك سىستېما كېسەللىكلىرىنىڭ خىتايغا خاس كونكرېت بىر ئىپادىسىدۇر، خالاس.
ئاكادېمىك باھالاش نۇقتىسىدىن ۋە ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىدىن ئېيتقاندا، بۇ دوكلاتنىڭ ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ خىتاي مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈشتە ئومۇميۈزلۈك ماس كېلىدىغان «ئۇچۇر، ئانالىز، ھوقۇق»تىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال قۇرۇلما رامكىسىغا تايانغان بولۇپ، خىتاينىڭ خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنى ئالدىن ھۆكۈملەر بىلەن چۈشەندۈرۈش ئادىتىدىن يىراقلاشقان. بۇ خىل ئوبيېكتىپ تەپەككۇر ئۇسۇلى، خىتاينى چەكتىن ئاشقان سىرلىق ماھىيەتكە ئىگە قىلىۋېتىش ياكى رېئاللىقتىن ئايرىلغان، يەڭىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى سىستېما تەرىقىسىدە مۇبالىغىلەشتۈرۈش خاھىشىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، خەلقئارالىق كىرىزىسلارغا سىستېمىلىق، ئىلمىي ۋە سوغۇققانلىق بىلەن يېقىنلىشىشقا كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن.
شۇنداق بولسىمۇ، ئاكادېمىك قاتلامدىن قارىغاندا دوكلاتنىڭ مۇئەييەن كەمچىلىكلىرى ۋە چەكلىمىلىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، مەسىلەن، تەتقىقاتتا تايانغان 1999- يىلىدىكى ئەلچىخانا بومبىلىنىش ۋەقەسى ياكى 2001- يىلىدىكى ئايروپىلان سۈركىلىش ۋەقەسىگە ئوخشاش تارىخىي كىرىزىسلار، بۈگۈنكى شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى سۈنئىي ئەقىل، ئىستىخبارات تورى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق رەقەملىك كۆزىتىش تۈزۈلمىسى ئاستىدىكى ھوقۇق مېخانىزمىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. لېكىن ئومۇمىي سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن ئالغاندا، بۇ ماقالە ئامېرىكا سىياسەت تۈزگۈچىلىرىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە قارشى تەرەپنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىدىكى سىياسىي چەكلىمىلەرنى چۈشىنىشى ۋە يېڭى توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان كۈچلۈك ئىلمىي بىلىم ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مەنبە:
Burdette, Z., Mei, S., Bujwid, E., McCaslin, I. B., Weaver, L., Beauchamp-Mustafaga, N., & Gunness, K. (2026, February 25). Understanding China’s national security decisionmaking: A primer for U.S. policymakers. RAND Corporation. https://www.rand.org/pubs/perspectives/PEA3715-1.html
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















