ترامپنىڭ ئىككىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشى
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىللىنويىز ئىشتاتى ۋەكىلى،دېموكراتلار پارتىيەسى ئەزاسى ھەمدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەزاسى (Ranking Member) راجا كىرىشنامورتى تەرىپىدىن يېزىلغان «ترامپنىڭ خىتاي مەسىلىسىدىكى خاتالىقلىرى» (What Trump Gets Wrong About China) ناملىق ماقالە، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان «Foreign Affairs» ژۇرنىلىدا 2025-يىلى 28-نويابىر ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە، دونالد ترامپنىڭ 2025-يىلى يانۋاردا قايتىدىن پىرېزىدېنتلىق تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى ئون بىر ئايلىق جەرياندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، بولۇپمۇ شۇ يىلى ئۆكتەبىردە جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) يىغىنى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ۋە بۇ ئۇچرىشىشنىڭ كونكرېت نەتىجىلىرى تەھلىل قىلىنغان. كىرىشنامورتىنىڭ بۇ ئەسىرىدە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئالدى بىلەن ئامېرىكا» تەلىماتى ئاستىدا 2025-يىلى داۋامىدا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنىڭ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) يەرشارىۋى ھۆكۈمرانلىقىنى قانداق مۇستەھكەملىگەنلىكىنى، ۋاشىنگتوننىڭ ئون ئاي ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا قانداقلارچە تېخىمۇ ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا لىبېرال خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۇچرىغان ئېغىر زىيانلىرىنى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە كونكرېت سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق تەھلىل قىلغان، بولۇپ، ئەسەر ئاكادېمىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى دوكلات ۋە خىتابنامە خاراكتېرىگە ئىگە [1].
يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى دىپلوماتىيەسى خام خىيالى ۋە مەيداندىكى كونكرېت يوقىتىشلار
2025-يىلى ئۆكتەبىردە جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ترامپ-شى ئۇچرىشىشى، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە رەھبەر مەركەزلىك دىپلوماتىيەنىڭ ئورگان خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەنى قانداق چەتكە قايرىپ قويغانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن مىسالى سۈپىتىدە تارىخقا يېزىلدى. پىرېزىدېنت ترامپ، ئون ئايلىق ئېغىر سۈكۈتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تۇنجى يۈزمۈيۈز ئۇچرىشىشنى جامائەتچىلىككە «10 نومۇردىن 12 نومۇرلۇق سۇئالدىن 12 نومۇر ئالغاندەك» بىر مۇۋەپپەقىيەت دەپ تونۇشتۇرۇپ، بۇنى «بۈيۈك بىر غەلىبە» دەپ تەرىپلىدى. بىراق، كىرىشنامورتى مەيداندىكى رېئاللىقنىڭ بۇ نۇتۇقتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنىباشقىچە ئىكەنلىگىنى، بۇ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك بىر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى كونكرېت سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويماقتا. شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكاغا فېنتانىل ئېقىمىنىتەمىناتىنى توختىتىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىگەبەرگەن ۋەدىسىگە ئوخشاش، ئۆتكەن يىللاردىمۇ نەچچە قېتىم بېرىلگەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە نەتىجىسى كۆرۈلمىگەن ۋەدىلەر بەدىلىگە، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ئېكسپورتنى كونترول قىلىش، سودا نورمىسى ۋە كېمىسازلىق قاتارلىق ھاياتىي مۇھىم ساھەلەردە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يول قويدى [2].
بۇ دىپلوماتىك ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى ۋەزىيەت، 2025-يىلىنىڭ بېشىدىكى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكانىڭ زىيىنىغا بولغانلىقىنى زور دەرىجىدىكى چېكىنىش ۋەزىيىتىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، سۆھبەت ئۈستىلىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى بىلەن ئامېرىكا بازىرىدىكى ئورنىنى قوغداپ قالغان بولسا، خىتاي بازارلىرى ئامېرىكالىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۈچۈن ئون ئاي ئىلگىرىكىگە، يەنى 2025-يىلى 20-يانۋارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تاقاق ۋە كىرىش تەس ھالەتكە كەلدى. ئاپتور بۇ ئەھۋالنى تەھلىل قىلىش جەريانىدا، ترامپنىڭ شەخسىي مۇناسىۋەتكە تايىنىدىغان دىپلوماتىيە چۈشەنچىسىنىڭ، خىتاينىڭ ئورگان خاراكتېرلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك «ئۇپرىتىش ئۇرۇشى» ئىستراتېگىيەسى ئالدىدا قانداق يىمىرىلگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئامېرىكا «كېلىشىم تۈزۈش» (deal-making) ھەۋىسى بىلەن ئۈستەلگە ئولتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئورنىدىن تۇرغاندا قولىدىكى ئىستراتېگىيەلىك كوزىرلىرىنى ھېچقانداق كونكرېت نەتىجىگە ئېرىشەلمەي تۇرۇپ تۈگىتىپ قويدى.
كىرىشنامورتىنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ دىپلوماتىك مۇۋەپپەقىيەتنى پەقەتلا رەھبەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى قىزغىن ئۇچۇرلارغا باغلاپ قويۇشى بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر . ئۆكتەبىردىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، خىتاي ئامېرىكانىڭ كېمىسازلىق سانائىتىنى جانلاندۇرۇش تىرىشچانلىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان دەرىجىدە پورت ھەقلىرىدە كەچۈرۈمگە ئېرىشتى ۋە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ تارماق شىركەتلىرى ئارقىلىق سودا قىلىشغا يول قويۇلۇشنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئەھۋال، ئامېرىكانىڭ ئۆز سانائەت سىياسىتىنى ئۆز قولى بىلەن يوققا چىقارغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاپتور، بۇ جەريانلاردىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ خىتاي ئالدىدىكى رىقابەت كۈچىنىڭ يىل بېشىغا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاجىزلىغانلىقىنى ۋە بۇ ئاجىزلىقنىڭ پەقەت ئىقتىسادىيلا ئەمەس، بەلكى ھەربىي ۋە تېخنولوگىيەلىك تەرەپلىرىمۇ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ غەرىزىنى چۈشىنەلمەسلىك
پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) مەۋجۇتلۇق قۇرۇلمىسىنى ۋە ئاخىرقى نىشانلىرىنى چۈشىنىشتىكى تۈپكى يېتەرسىزلىكى راجا كىرىشنامورتىنىڭ تەھلىلىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدۇر. ترامپنىڭ شى جىنپىڭنى ئۈزلۈكسىز ماختاشلىرى، «دوست» دەپ ئاتىشى ۋە شەخسىي دىپلوماتىيەنىڭ ھەر قانداق مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچى، پىرېزىدېنتنىڭ خىتاي رەھبىرىنىڭ غەرىزىنى پەقەتلا «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بىر سودا كېلىشىمى تۈزۈش»كە ۋە «مۇقىم مۇناسىۋەت ئورنىتىش»قا ئۇرۇنۇش دەپ خاتا چۈشەنگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ھالبۇكى ئاپتور ، خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە دۆلەت ئورنىدىن چۈشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مۇستەبىت سىستېمىسىنى ۋاشىنگتوننىڭ ئوچۇق ئىقتىسادىي مودېلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە [3].
بۇ ئىستراتېگىيەلىك كورلۇق، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش (رېۋىزىيىزم) خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى يىتەرلىك ئىنكاس قايتۇرالماسلىقىغا سەۋەب بولدى. خ ك پ 2025-يىلى داۋامىدا ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنى سىياسىي تەسىر كۈچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قوللاندى، خەلقئارا ئاپپاراتلارنى ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك نورملىرىغا ئاساسەن قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشتى ۋە ھەربىي ئىقتىدارىنى بۇ نىشانلارغا ماس ھالدا كۈچەيتتى. كىرىشنامورتى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئاددىي بىر سودا تەڭپۇڭسىزلىقى دەپ قاراش خاتالىقىغا يول قويغانلىقىنى، ھالبۇكى مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇق رىقابىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاينىڭ ئارزۇسى، پەقەت تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات سېتىشلا ئەمەس، بەلكى ۋاشىنگتوننىڭ ئوچۇق ئىقتىسادىي مودېلىنى يوقىتىشتۇر.
ئاپتور، ئامېرىكانىڭ خ ك پ بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىنىڭ، ترامپنىڭ 2025-يىلى داۋامىدا سىنىغىنىدەك سودا قىزىل رەقىمىنى تۈگىتىشكە مەركەزلىشىش ئارقىلىق مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھەقىقىي غەلىبە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەس، بەلكى ۋاشىنگتون ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ شۇنداق گۈللەنگەن ۋە كۈچلۈك ھالەتكە كېلىشىدۇركى، نەتىجىدە خ ك پ نىڭ ھەربىي تەھدىتلىرى، ئىقتىسادىي بېسىملىرى ۋە يامان غەرەزلىك پائالىيەتلىرى تەسىرسىز قالىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ شى جىنپىڭنىڭ شەخسىيىتىگە مەركەزلىشىپ، ئورگان خاراكتېرلىك تەھدىتكە سەل قارىشى، ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە ئېغىر بىر ئاجىزلىق پەيدا قىلدى.
خىتاينىڭ «رەھىمسىز ئىرادىسى» (ruthless determination) نى تۆۋەن مۆلچەرلىگەن ترامپ ھۆكۈمىتى، بېيجىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىقىنى خاتا چۈشەندى. خىتاي، ئامېرىكانىڭ ئىچكى سىياسەتتە بۆلۈنۈشلىرىنى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە بولغان ئېھتىياجىنى بىر پىشاڭ سۈپىتىدە قوللاندى. كىرىشنامورتى، بۇ پسىخولوگىيەلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك خاتا چۈشىنىشنىڭ، ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتلىرىنىڭ، شى جىنپىڭنىڭ «بۈيۈك خىتاي ئارزۇسى» پىلانىغا قۇربانلەى بولۇشىغا سەۋەپ بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىقتىسادىي ئۇرۇشنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە «بىكارغا كەتكەن سەرمايە»
ماقالىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتنى مۇزاكىرە قىلغان ۋە «پۇل ھېچنىمىگە يارىمىدى» (Money for Nothing) دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۆلەكلىرى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 2025-يىلىنىڭ بېشىدا باشلىغان سودا ئۇرۇشىنىڭ قانداقلارچە پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەتكە ئايلانغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ترامپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا بېيجىڭنىڭ بازار قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئىقتىسادىدا قۇرۇلمىۋى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بېرىشنى ۋە خىتاينى ئېكسپورتنى مەركەز قىلغان ئېشىش مودېلىدىن ئىچكى ئىستېمالنى مەركەز قىلغان مودېلغا ئۆتۈشكە مەجبۇرلاشنى ۋەدە قىلغانىدى. بۇ مەقسەت ئۈچۈن ترامپ، تاموژنا بېجىنى %145 قىلىپ ئادەمنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگەنىدى. ئەمما، تەييارلىقسىز ۋە ئىستراتېگىيەسىز بۇ ھەرىكەت، خىتاينىڭ تېز ئاسسىممېترىك ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىگە سەۋەب بولدى. بېيجىڭ، سىيرەك توپا مىتاللارنىڭ تەمىناتىنى بوغۇپ ۋە ئامېرىكا دىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئەڭ جان نۇقتىسىدىن زەربە بەردى [4].
ئاق ساراي، بۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي خىتايدىن «تىنچلىق تىلىدى» ۋە ئۆكتەبىردىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى غەلىبە تەبىرىنى زور دەرىجىدە كىچىكلەتتى. دەسلەپتە خىتاي ئىقتىسادىنى قايتا قۇرۇلمىلاشنى نىشان قىلغان ئامېرىكا،ئىش بۇ نۇقتىغا كەلگەندە پەقەت ئۆزئارا ئىقتىسادىي جازالاشلارنى توختىتىشنىلا بىر غەلىبە دەپ قوبۇل قىلىدىغان ھالەتكە كەلدى. كىرىشنامورتى، بۇ ئەھۋالغا ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىزچىللىقى ۋە چىدامچانلىقىنىڭ كەمچىللىكىنىڭ بىر نامايەندىسى دەپ باھا بېرىدۇ. سەرپ قىلىنغان شۇنچە كۆپ سىياسىي سەرمايە ۋە ئىقتىسادىي خوراش نەتىجىسىدىمۇ، خىتايدا ھېچقانداق قۇرۇلمىۋى ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلمىدى.
يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدىن كېيىن قولغا كەلگەن «ئىقتىسادىي ئۇرۇش توختىتىش» نەتىجسىدە ئامېرىكالىق پۇرچاق ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىر ئاز ئەسلىگە كېلىۋالالىغان بولسىمۇ، ئوتتۇرىغا چىققان مەنزىرە يەنىلا كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ. خىتاي،ئامېرىكادىن پۇرچاق سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ۋەدە قىلىنغان مىقدارلار 2024-يىلىدىكىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ. يەنى ئامېرىكا، يېزا ئىگىلىك ئېكسپورتىدا بىر بازارنى مەڭگۈلۈك يوقاتتى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، شى جىنپىڭ خىتاي كېمىلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئامېرىكا پورت ھەقلىرىنىڭ توختىتىلىشى ۋە ئامېرىكا تېخنولوگىيەسىگە قويۇلغان ئېمبارگونىڭ بوشىتىلىشىدىن ئىبارەت خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن ھاياتىي مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىككى چوڭ غەلىبىنى ئىمزالاپ ئۈستەلدىن تۇردى.
بۇ جەرياندا ترامپ ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا كېمىسازلىق سانائىتىنى جانلاندۇرۇشنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى ۋە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تارماق شىركەتلىرى ئارقىلىق مۇرەككەپ تېخنولوگىيەلەرگە ئېرىشىشىگە يول قويدى. ئاپتور، بۇ ئەھۋالنى «خىتاينىڭ ئادەتتىكىچە يول قويۇشلىرى بەدىلىگە بېرىۋېتىلگەن غايەت زور مۇكاپاتلار» دەپ تەرىپلىمەكتە. خىتاي، ئامېرىكانىڭ تاموژنا تېمىدىن ھالقىپ ئۆتۈشنىڭ يوللىرىنى تاپقان بولسا، ئامېرىكا ئۆز ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنى قوغداش ئىقتىدارىنى يوقاتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىقتىسادىي چېكىنىش، يەرشارى بازارلىرىغا ئامېرىكانىڭ ئىرادىسى توغرىسىدا سەلبىي سىگناللارنى تارقاتقان بولدى. خىتاينىڭ سىيرەك مىتاللار (rare earth minerals) ئۈستىدىكى مونوپوللۇقىنى بىر قورال سۈپىتىدە قوللىنىشى ئالدىدا ۋاشىنگتوننىڭ چېكىنىشى، بېيجىڭنىڭ كەلگۈسىدە بۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي تەھدىتلىرىنى خالىغانچە كۆپەيتىشىگە (economic coercion) جاسارەت بەرگەنلىك ئىدى.
. ترامپنىڭ يېتەرلىك تەييارلىق قىلماي تۇرۇپلا سودا ئۇرۇشى باشلىشى ۋە تۇنجى قارشىلىقتا چېكىنىشى، ئامېرىكانىڭ توسۇش كۈچىنىڭ ئوبرازىنى بىتچىت قىلدى.
تېخنولوگىيە يۆتكەش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىكى ئاجىزلىقلار
ئاپتورنىڭ 2025-يىلىدىكى سىياسەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئەندىشىلىك دەپ قارىغان مەسىلە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك سودا پايدىسى كۆزلەپ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالىدىغان تېخنولوگىيە يۆتكەشلەرگە يول قويغانلىقىدۇر. بولۇپمۇ يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئامېرىكا ئۆزەكلىرىنىڭ خىتايغا سېتىلىشىنى تەستىقلىغان قارار، بېيجىڭنىڭ سۈنئىي ئىدراك (AI) ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا ۋە ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى تېزلىتىشىگە بىۋاسىتە خىزمەت قىلدى. كىرىشنامورتى، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ نىۋىدىيانىڭ ئىنتايىن ئىلغار Blackwell ھېسابلاش ئۆزەكلىرى ئۈستىدىكى ئېكسپورت ئېمبارگوسىنىمۇ بىكار قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئېنىق « تۈگەشتى» دېگەن خەتنى چاپلىغانلىق بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە [5].
بۇ تېخنولوگىيە يۆتكەشلەر، خىتاينىڭ «ھەربىي-پۇقراۋىي بىرلىشىش» (civil-military fusion) ئىستراتېگىيەسى نەزەرگە ئېلىنغاندا تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. خىتاي ئارمىيەسى بىلەن پۇقراۋىي تېخنولوگىيە شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرالار ئېنىق بولمىغان بىر شارائىتتا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ پايدا مەقسىتىدە ساتقان ئۆزەكلىرى، ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تور ئۇرۇشى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى كۈچەيتمەكتە. ئاپتور، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ سودا مەنپەئەتىنى خەۋپسىزلىكنىڭ ئالدىغا قويۇشىنى، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىن باشقە نەرسە ئەمەس دەپ باھالىماقتا.
تەيۋەن مەسىلىسى ۋە ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنىڭ گۇمران بولۇشى
ماقالىدىكى گېئوپولىتىكىلىق تەھلىللەرنىڭ ئەڭ ھالقىلىق بۆلەكلىرىنىڭ بىرى، 2025-يىلى داۋامىدا ئامېرىكانىڭ تەيۋەن سىياسىتىدە مەۋقە ئۆزگەرتىشىدۇر. ترامپ ھۆكۈمىتى، تەيۋەننى تېخى رەسمىي تاشلىۋەتمىگەن بولسىمۇ، پىرېزىدېنتنىڭ يىل ئىچىدە قىلغان باياناتلىرى ۋە چىقارغان قارارلىرى، ئامېرىكانىڭ بۇ ئارال دېموكراتىيەسىگە بولغان ۋەدىسىنى ئىشەنچسىزلەشتۈردى. ترامپنىڭ ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىنى، تەيبېينىڭ قوغدىلىشى بەدىلىگە ۋاشىنگتونغا پۇل تۆلەيدىغان سودا خاراكتېرلىك بىر «سۇغۇرتا پىلانى»غا ئوخشىتىشى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئارالنى قوغداش ئىقتىدارى ھەققىدە جامائەت ئالدىدا گۇمان پەيدا قىلىدىغان ئىپادىلەرنى ئىشلىتىشى، تەيۋەن خەلقىنىڭ ئامېرىكاغا بولغان ئىشەنچىسىنى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈردى [6].
بۇ ئىشەنچ كىرىزىسى، كونكرېت ھەربىي قارارلار بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ترامپ ھۆكۈمىتى، 2025-يىلى يازدا بېيجىڭ بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سەزگۈر سودا سۆھبەتلىرىنى خەتەرگە ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن، تەيۋەنگە نىسبەتەن ھاياتىي مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە زور مىقداردا قورال-ياراغ يوللاشنى كېچىكتۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، تەيۋەن دۆلەت باشلىقى لەي چىڭتېنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا ئارقىلىق ئۆتۈشى چەكلەندى. بۇ قارارلار، بېيجىڭنىڭ بېسىملىرىغا بويۇن ئېگىلگەنلىكىنىڭ ۋە تەيۋەننىڭ خەۋپسىزلىكىنىڭ سودا ئۈستىلىدە بىر سودىلىشىشنىڭ كوزىرىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنىڭ ئەڭ ئېنىق ئىسپاتلىرىدۇر.
ترامپنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى، خىتاي بىلەن « سودا ئۇرۇشىنى توختىتىش »نى داۋاملاشتۇرۇلاش ئۈچۈن كەلگۈسى ئايلاردا تەيۋەنگە بېرىلىدىغان ياردەمنىڭ تېخىمۇ ئازايتىلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتتى. ئاپتور، بۇ سىياسەتنىڭ پەقەت تەيۋەن بوغۇزىدىكى توسۇش كۈچىنى يوقىتىپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقداشلىق قۇرۇلمىسىنىمۇ تەۋرىتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەگە ئوخشاش ئىتتىپاقداشلار، ئامېرىكانىڭ ئەڭ ھالقىلىق خەۋپسىزلىك ھەمراھىنىمۇ سودا مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلالايدىغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۆزلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك تەلىماتلىرىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا باشلىدى.
بۇ ئەھۋال، تارىخچى ستېفېن كوتكىن « دەرىجىدىن تاشقىرى ئىتتىپاقداش كۈچ» دەپ تەرىپلىگەن ئامېرىكانىڭ ئۈستۈنلۈكىنى يوققا چىقارماقتا. ۋاشىنگتون، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاقداشلىق تورىنى كۈچەيتىشنىڭ ئورنىغا، ئىتتىپاقداشلىرىنى ئىقتىسادىي رەقىبلەر دەپ قاراپ، ئۇلارنى خىتاي بىلەن يالغۇز تاشلاپ قويدى. بولۇپمۇ ھىندىستانغا ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ئېشىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىتا يىل بويى داۋاملاشقان تاجاۋۇزچىلىق نۇتۇقلىرى، خىتايغا قارشى قۇرۇلۇشى كېرەك بولغان «تۆت تەرەپ» (Quad) كە ئوخشاش قۇرۇلمىلارنى ئىقتىدارسىز ھالغا كەلتۈردى.
ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىدىكى بۇ يىمىرىلىش، خىتاينىڭ رايون خاراكتېرلىك ھۆكۈمرانلىقىنى جاكارلىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق بىر بوشلۇق ياراتتى. تەيۋەنگە قورال-ياراغ يوللاشنىڭ كېچىكىشى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ (PLA) ئارالنى ئىشغال قىلىش پىلانلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش خەۋپىنى تۇغدۇرغان بولسا، رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ خىتايدىن ئىبارەت «كۈچلۈككە ئەگىشىش« (bandwagoning) ئىستراتېگىيەسىگە يۈزلىنىشىگە سەۋەب بولدى. كىرىشنامورتى، بۇ گېئوپولىتىكىلىق يىمىرىلىشنىڭ جاۋابكارىنىڭ دەل ئاق سارايدىكى ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
قىسقىسى، 2025-يىلى، ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسلىرى تەۋرىگەن ۋە خىتاي ھېچقانداق ھەربىي بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ گېئوپولىتىكىلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بىر يىل بولدى. ترامپنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى ئىتتىپاقداشلىق ئەمەس، بىر سودا مۇناسىۋېتى دەپ قارىشى، 70 يىللىق ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنى ئىنكار قىلغانلىق بىلەن باراۋەردۇر.
ئىدېئولوگىيەلىك يىمىرىلىش، ئورگانلارنىڭ گۇمران بولۇشى ۋە قۇتۇلۇش ئىستراتېگىيەسى
كىرىشنامورتى، ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە، ترامپ ھۆكۈمىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىقنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەرەپلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئىدېئولوگىيەلىك ۋە ئورگان خاراكتېرلىك تەرەپلىرىمۇ بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە. پىرېزىدېنتنىڭ شى جىنپىڭغا بولغان ئوچۇق-ئاشكارا ھېسداشلىقى ۋە ئۇنى «1.4 مىليارد ئىنساننى تۆمۈر مۇشت بىلەن باشقۇرىدىغان ئاجايىپ بىر ئادەم» دەپ ماختىشى، ئامېرىكانىڭ قىممەت قاراش سىستېمىسىدا چوڭقۇر بىر جاراھەت ئاچتى. بۇ نۇتۇق، ترامپنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىر قىسمىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنى رەھىمسىز بىر مۇستەبىت قۇرۇلمىدىن كۆرە، «كۈچلۈك بىر رەھبەرلىك مودېلى» دەپ قارىشىغا سەۋەب بولدى.
بۇ ئىدېئولوگىيەلىك ئېغىش ئورگان قۇرۇلمىسىنىمۇ ۋەيران قىلدى. ترامپ ھۆكۈمىتى، 2025-يىلى داۋامىدا بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى پاش قىلىدىغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىدارىسى قاتارلىق ئاپپاراتلىرنىڭ خامچوتىنى قىسقارتتى ۋە ئۇلارنى ئىشتىن بوشاتتى[7]. بۇ ئاپپاراتلارنىڭ تەسىرسىز ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئورگانلىرىنىڭ خ ك پ نى تەنقىد قىلىشىنى قىيىنلاشتۇردى ۋە خىتاينىڭ يەرشارىۋى تەشۋىقات ماشىنىسى ئالدىدا ئامېرىكانى سۈكۈتكە مەھكۇم قىلدى.
ئەمما ئاپتور، بۇ قاراڭغۇ مەنزىرىگە قارىماي بىر قۇتۇلۇش يولىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. يەنى، «غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئويناش» (Play to Win) ئىستراتېگىيەسى . بۇ ئىستىراتىگىيە ترامپنىڭ كەلگۈسى ئاپرېلدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا تۈپتىن پوزىتسىيە ئۆزگەرتىشىنى شەرت قىلىدۇ. ئامېرىكا، ئەمدى يول قويۇشنى توختىتىشى ۋە بېيجىڭ سانائەت ماللىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشنى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاشنى، تەيۋەنگە قارشى تەھدىتلەرنى ۋە رۇسىيەگە ياردەم بېرىشنى توختاتمىغۇچە ھېچقانداق قەدەم باسمايدىغانلىقىنى جاكارلىشى كېرەك. بۇ، «قىزىل سىزىق» دىپلوماتىيەسىدۇر.
ئىستراتېگىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈۋرۈكى، ئامېرىكانىڭ ئۆزىگە مەبلەغ سېلىشىدۇر. ئاپتور، خىتاينىڭ مونوپوللۇقىدىكى سىيرەك مىتاللار مەسىلىسىدە جىددىي ھالدا يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە بولغاندا بېيجىڭنىڭ بۇ كوزىرنى قايتا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. تاموژنا بېجىدىن ئېلىنغان كىرىملەر ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىنىدىغان فوندلار ئارقىلىق، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ۋە پاكىز ئېنېرگىيە ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنسانىي كاپىتالغا مەبلەغ سېلىش ھاياتىي مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خىتاينىڭ بۇ يىل ئامېرىكانىڭ ئىككى ھەسسىسىگە يېقىن دېگۈدەك ساندىكى STEM (پەن-تېخنىكا، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا) بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقى[8]، ۋاشىنگتوننىڭ ئىلىم-پەن ۋە مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماي تۇرۇپ بۇ مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ STEM مائارىپىغا مەبلەغ ئاجرىتىشى ۋە كۆچمەنلىك سىستېمىسىنى تالانتلىقلارنى جەلپ قىلىدىغان شەكىلدە تەڭشىشى، «كېيىنكى تېخنولوگىيەلىك بۆسۈشنىڭ شېنجېندا ئەمەس، سان فىرانسىسكودا يۈز بېرىشى» ئۈچۈن زۆرۈردۇر.
ئاخىرىدا ئاپتور ،ئامېرىكاچە قىممەت قاراشلارنى قوغداش كېرەكلىكى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (Uyghur Forced Labor Prevention Act) قىلچە يول قويماي ئىجرا قىلىنىشى، تىكتوكنىڭ بەيت دانس (ByteDance) بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى كۆزدە تۇتقان قانۇن – ترامپنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي – يولغا قويۇلۇشى ۋە ۋول كوچىسىدىكى ئامېرىكالىقلارنىڭ پېنسىيە فوندلىرىنى خىتاي ھەربىي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشى توسۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كىرىشنامورتى، ئامېرىكانىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ دېموكراتىك، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكىنى قايتىدىن تىكلىگەندىلا خىتايغا قارشى مەڭگۈلۈك بىر غەلىبىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن ماقالىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
پايدىلانمىلار:
- Krishnamoorthi, R. (2025, Kasım 28). What Trump Gets Wrong About China: Only a Long-Term Strategy Can Counter the Threat From Beijing. Foreign Affairs. https://www.foreignaffairs.com/united-states/what-trump-gets-wrong-about-china
ئىزاھاتلار:
[1] ماقالە، 2025-يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدا يېزىلغان بولۇپ، ترامپنىڭ ئىككىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىنىڭ تۇنجى يىلىدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقەلەر ۋە سىياسەت نەتىجىلىرى تەھلىل قىلىنىدۇ. [2] «10 نومۇردىن 12 نومۇر» ئىپادىسى، ترامپنىڭ 2025-يىلى ئۆكتەبىردىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدىن كېيىن دىپلوماتىك مەغلۇبىيىتىنى يېپىش ئۈچۈن قوللانغان مۇبالىغىلىك بىر ئىپادىدۇر. [3] خ ك پ نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش (رېۋىزىيىزم) خاراكتېرلىك غەرەزلىرى، 2025-يىلى داۋامىدا باسقان قەدەملىرى (ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش، خەلقئارا ئاپپاراتلارغا بېسىم ئىشلىتىش) جەريانىدا ئېنىق كۆرۈلدى.%145 [4]لىك تاموژنا بېجى، خىتاينىڭ سىيرەك مەدەنلەرنى چەكلەش قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئامېرىكا سانائىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇردى.
[5] نىۋىدىيا Blackwell ئۆزەكلىرى، 2025-يىلى يازدا چىقىرىلغان قارار بىلەن خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ ، بۇ ئېكىسپورت خىتاي ئارمىيەسىنىڭ سۈنئىي ئىدراك ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. [6] ترامپنىڭ تەيۋەننى «سۇغۇرتا پىلانى» دەپ تەرىپلىشى، 2025-يىلى تەيۋەن جامائەتچىلىكىنىڭ ئامېرىكاغا بولغان ئىشەنچىنىڭ گۇمران بولۇشىغا سەۋەب بولغان ھالقىلىق ۋەقەدۇر. [7] ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ خامچوتىنى ئۈزۈۋېتىش، 2025-يىللىق خامچوت سۆھبەتلىرىدە ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.2025 [8]-يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ھەسسىلەپ كۆپ STEM دوكتۇرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ،ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقىنى زورايتتى.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















