ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار
21-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىنى ئارقىمىزدا قالدۇرۇۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، خەلقئارالىق بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى تۈپتىن ئۆزگىرىش ياساۋاتىدۇ. ئەنئەنىۋى ئۇرۇش نەزەرىيەلىرى ئۆز ئورنىنى ئارىلاشما تەھدىتلەر، ئىقتىسادىي ئېمبارگولار ۋە ئەڭ مۇھىمى «تەمىنات زەنجىرى ئۇرۇشى»غا بوشاتماقتا. سانا خان تەرىپىدىن 2025-يىلى 28-نويابىردا يېزىلغان «ئۇچقۇلار، سىيرەك مېتاللار ۋە خەتەر: خىتاي يەرشارىۋى ھەربىي كۈچىنى قانداق شەكىللەندۈرىدۇ» ناملىق ماقالە، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ مەركىزىدىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە، يەنى غەرب دۇنياسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە بولغان سېستىمىلىق ۋە چوڭقۇر تايىنىشچانلىقىنى تەھلىل قىلىدۇ. بۇ ماقالىمىزدە، سانا خاننىڭ مەزكۇر ماقالىسىنى ئاساس قىلىپ، خىتاينىڭ تېخنىكىلىق ئىشلەپچىقىرىش مونوپوللۇقىنىڭ يەرشارىۋى ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى قانداق قىلىپ سىممېتىرىك بولمىغان شەكىلدە قايتىدىن شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئانالىز قىلىش مەقسەت قىلىندى.
بۇ ماقالىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى : ھازىرقى زاماندا ھەربىي كۈچ پەقەت سەپتىكى ئوق-دورا كۈچى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بۇ ھەربىي كۈچنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان سانائەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ «مىلليلىقى» ۋە «ئىشەنچلىكلىكى» بىلەن ئۆلچىنىدۇ. غەرب ئىتتىپاقى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دەۋردە «ئۆزئارا بېقىندىلىق»نىڭ تىنچلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ئاسىياغا يۆتكىگەن، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ بېقىندىلىقنىڭ بىر قورالغا ئايلانغانلىقى (weaponized interdependence) رېئاللىقى بىلەن يۈزلىشىشكە مەجبۇر بولماقتا. خىتاينىڭ ئۇچقۇ تېخنىكىسى، سىيرەك مېتاللار ۋە مىكرو ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ھۆكۈمرانلىقى، پەقەت بىر سودا مۇۋەپپەقىيىتىلا ئەمەس، بەلكى گېئو-سىياسىي قورشاۋ ئىستراتېگىيەسى دەپ چۈشىنىلىشى كېرەك.
ئىستراتېگىيەلىك بېقىندىلىقنىڭ ئاناتومىيەسى: يەرشارى ئىشلەپچىقىرىش مونوپوللۇقىنىڭ گېئو-سىياسىيسى
سانا خاننىڭ ئانالىزىدا ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان مەلۇمات شۇكى، 2024-يىلغا كەلگەندە، خىتاي يەرشارى ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ، سىيرەك مېتاللارنىڭ ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئۈچۈن ھاياتىي مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلغار مىكرو ئۆزەكلەرنىڭ %80 دىن %90 گىچە بولغان قىسمىنى مونوپول قىلغان. بۇ ئىستاتىستىكا، ئەركىن بازار شارائىتىدىكى ئاددىي بىر رىقابەت ئەۋزەللىكى دەپ قارالمايدۇ. ئەكسىچە، بىر دۆلەتنىڭ، يوشۇرۇن رەقىبلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىمپورتىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھەممىسىنى كونترول قىلىشى، كلاۋسېۋىتزنىڭ «ئۇرۇشنىڭ باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن داۋاملىشىشى» نەزەرىيەسىنىڭ سانائەتتىكى ئىپادىسىدۇر. غەرب ھەربىي سانائىتىنىڭ تەننەرخ ئۈنۈمى، كۆلەم ئىقتىسادى ۋە ئېرىشىشچانلىق مەقسىتىدە خىتايدا ئىشلەنگەن زاپچاسلارغا يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بېقىندىلىقى، بۈگۈنكى كۈندە ئىستراتېگىيەلىك بىر مېنامىيوتقا ئايلىنىپ قالدى.
بۇ بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، گېئو-سىياسىي كىرىزىس مەزگىللىرىدە ئازىيىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن،ھەتتا تېخىمۇ روشەنلەشتى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تەيۋەن بوغۇزىدا كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىك جەريانىدا ،غەربنىڭ تەمىنات زەنجىرىدىكى ئاجىزلىقلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. تەيۋەن، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلار بىلەن قۇرۇلغان ھەمكارلىقلار ئارقىلىق تەمىنات زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش (diversification) تىرىشچانلىقلىرى، خاننىڭ تەكىتلىگىنىدەك، ئەپسۇسكى، بىيۇروكراتىك ئۈنۈمسىزلىكلەر ۋە ئىقتىسادىي رېئاللىقلار تۈپەيلىدىن ئاستا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ ۋە پەقەت قىسمەن ئۈنۈم بېرەلەۋاتىدۇ. غەرب ئىستراتېگىيەلىك ئويغىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، سانائەت رېفلېكسلىرى ھېلىھەم ئاستا.
خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى ھۆكۈمرانلىقى، پەقەت ئەڭ يېڭى تىپتىكى مەھسۇلاتلارنى (end-product) بازارغا سېلىش ئاساسىدىلا ئەمەس، بەلكى «ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇقىرى باسقۇچى (upstream)» دەپ ئاتالغان، يەنى خام ئەشيا ۋە يېرىم تەييار مەھسۇلاتلار سەۋىيەسىدە ئەمەلگە ئاشماقتا. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، بۇ كۈچىنى غەربنىڭ قايتا قوراللىنىش سۈرئىتى (rearmament pace) خىتاينىڭ قولىدا بەلگىلىنىشى ئۈچۈن بىر «كىلاپان» سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. غەرب ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى قانچىلىك ئاشۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنىڭ سۈرئىتى خىتاي تەمىنلىگەن سىيرەك مېتاللار ياكى توك يولى تاختىلىرىنى ئىشلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماقتا. بۇ ئەھۋال، ناتوغا ئوخشاش غايەت زور بىر ھەربىي قۇرۇلمىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقىنى ، يوشۇرۇن رەقىبى بولغان خىتاينىڭ تەشەببۇسىغا تاشلاپ بېرىشى دېگەنلىكتۇر.
بولۇپمۇ سىيرەك مېتاللار مەسىلىسىدىكى ئېكسپورت چەكلىمىلىرى، خىتاينىڭ بۇ كۈچىنى بىر تاشقى سىياسەت قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى، ھەتتا بۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر ئىستراتېگىيەگە ئايلاندۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەنبە ماقالىدە كۆرسىتىلگەندەك، بېيجىڭنىڭ سىياسەت ئۆزگىرىشلىرى – ۋاقىتلىق ياكى تاكتىكىلىق بولسىمۇ – غەربنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە سانائەت ھەرىكەتلىرىنى بىر قاتار توسالغۇلارغا ئۇچرىتالايدۇ. بۇ ئەھۋال،دەل ھازىرقى زامان « ئۇپرىتىپ ئاجىزلىتىش ئۇرۇشى» (war of attrition) تەلىماتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرىپىدىن ئىبارەت؛ بىر پاي ئوق ئاتماي تۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پالەچ ھالغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسى، يەرشارى تەمىنات زەنجىرىدە «ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۇش» (Panoptikon) ئۈنۈمىنى ياراتماقتا. غەرب شىركەتلىرى خىتاينىڭ تەمىنات تورىغا قانچىلىك يۇغۇرۇلسا، بېيجىڭنىڭ غەربنىڭ تېخنىكىلىق ئىلگىرلەش يول خەرىتىسى ۋە ھەربىي ئىقتىدارىغا دائىر ئىستىخبارات توپلاش ئىقتىدارىمۇ شۇنچە ئاشىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ %90 لىك بازار ئۈلۈشى پەقەت بىر كىرىم مەنبەسىلا ئەمەس، شۇنداقلا غايەت زور بىر ئۇچۇر ئېقىمى ۋە ئىستراتېگىيەلىك كونترول مېخانىزمىدۇر. غەربنىڭ بۇ گىردابتىن چىقىشى، پەقەت يېڭى زاۋۇتلارنى قۇرۇشنىلا ئەمەس، بەلكى يەرشارى سودىسىنىڭ مۇقىملاشقان قائىدىلىرىنىمۇ ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئۇچقۇ ئىنقىلابى ۋە كۆرۈنمەس خىتاي ئىمزاسى
ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى (ئۇھا) ۋە ئاپتوماتىك كۆزىتىش سىستېمىلىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇرۇشىنىڭ خاراكتېرىنى قانداق قىلىپ ئارقىغا يانمايدىغان شەكىلدە ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر تەجرىبىخانا رولىنى ئوينىدى. خاننىڭ ماقالىسى، ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ – ھەم تاجاۋۇزچى رۇسىيەنىڭ ھەم قوغدىنىۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ – خىتايدا ياسالغان زاپچاسلارغا سېستىماتىك ھالدا بېقىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. خىتاي، بۇ ئۇرۇشتا رەسمىي سۆزلەمدە بىتەرەپ تۇرۇپ رۇسىيە ياكى ئۇكرائىناغا بىۋاسىتە «خىتايدا ياساپ پۈتتۈرۈلگەن چوڭ قورال سىستېمىلىرى» نى تەمىنلىمىگەن بولسىمۇ، زاپچاسلىرىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى كەڭ تارقىلىشى، ئۇرۇشنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ خىتاي تېخنىكىسى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۇ ئەھۋال، پۇقرالار ۋە ھەربىي تېخنىكىلار ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا پۈتۈنلەي يوقىغان«قوش ئىشلىتىشچان» (dual-use) تېخنىكا دەۋرىگە قەدەم بېسىلغانلىقىنىڭ ئەڭ كونكرېت مىسالىدۇر. سودا بازارلىرىدا سېتىلىدىغان ئاددىي بىر خىتاي ياسىمىسى ئۇچقۇنىڭ ياكى ئۇنىڭ موتور، پىرقىرىغۇچ، ئوپتىك سېنزور قاتارلىق قوشۇمچە زاپچاسلىرىنىڭ مەيداندىكى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ، ئەجەللىك بىر قورالغا ئايلاندۇرۇلالىشى، خىتاينىڭ يەرشارى بازىرىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ۋاسىتىلىك ئەمما ئۈنۈملۈك بىر ھەربىي كۈچكە ئايلاندۇرماقتا. خىتاي، بۇ ئارقىلىق ۋاكالەت ئۇرۇشىدا (proxy wars) تەرەپ تۇتماي تۇرۇپمۇ نەتىجە بەلگىلىگۈچى ماقامىغا كۆتۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكا-خىتاي ياكى ناتو-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بىۋاسىتە توقۇنۇشتا، بۇ بېقىندىلىق ھايات-ماماتلىق تەھدىتىگە ئايلىنالايدۇ. مەنبە ماقالىدە تەكىتلەنگىنىدەك، خىتاينىڭ تەمىنات لىنىيەلىرىنى تارايتىشى، تاموژنىلارنى تاقىشى ياكى ئىستراتېگىيەلىك زاپچاسلارنىڭ ئېكسپورتىنى پۈتۈنلەي مەنئى قىلىشى، غەرب ئارمىيەلىرى ئۈچۈن ئەشيا تەمىناتى تۈپتىن پالەچلىنىدىغان قورقۇنچلۇق ھالەت بولىدۇ. ئەشيا تەمىناتى، ھەربىي ئىستراتېگىيەنىڭ ئومۇرتقىسىدۇر؛ خىتاي بولسا بۇ ئومۇرتقىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق بۆلۈكى ۋە نېرۋا ئۇچلىرىنى قولىدا تۇتماقتا. غەربنىڭ مىليارد دوللارلىق ئىشلەپچىقىرىش سۇپىلىرى، خىتايدا ئىشلەنگەن بىر نەچچە دوللارلىق توك بېسىمى تەڭشىگۈچنىڭ يوقلۇقىدىلا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يوقىتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.
خىتاينىڭ بۇ «كۆرۈنمەس قولى»، كىرىزىس پەيتلىرىدە غەربنىڭ قارار چىقىرىش جەريانلىرىنىمۇ بېسىم ئاستىدا قالدۇرالايدۇ. ئەگەر ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان دورىنىڭ خام ئەشياسى ياكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپچاسلىرىدىكى ئۆزەكلەر خىتايدىن كەلگەچكە، غەرب رەھبەرلىرى بېيجىڭغا قارشى قارار چىقىرىش ئالدىدا «ئامباردىكى مال ئەھۋالى» نى ئويلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئەھۋال، ھۈركۈتۈش كۈچىنىڭ ھەيۋىسىنى زەئىپلەشتۈرمەكتە ۋە خىتاينى كىرىزىسنى كەسكىنلەشتۈرۈش (escalation) باسقۇچلىرىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماقتا. ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، بۇ چوڭ سېنارىيەنىڭ پەقەت كىچىك بىر بۆلىكىدۇر.
تېز سۈرئەتتە قايتا قوراللىنىشنىڭ ئالدىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ۋە سانائەت خاراكتېرلىك توسالغۇلىرى
غەرب دۇنياسىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، خىتاي تېخنىكىسىغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىش (decoupling) تىرىشچانلىقلىرى، سىياسىي نىشانلاردىن كېلىپ چىققان چارىسىزلىكنى ھالقىپ كېتىشكە يەتمەيۋاتماقتا. مەنبە ماقالىدا تەكىتلەنگەندەك، بۇ تىرىشچانلىقلار چوڭقۇر قۇرۇلمىۋى ۋە سانائەت توسالغۇلىرىغا دۇچ كەلمەكتە. ئامېرىكا مەركەزلىك «نېروس» (Neros) قاتارلىق يېڭىلىق ياراتقۇچى كارخانىلار (startups)، خىتاي مال ماركىسى بولمىغان ئۇچقۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى كۆلەملەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ كارخانىلار خىتايلىق رەقىبلىرى)مەسىلەن DJI ( بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھەم تەننەرخ جەھەتتىن رىقابەتلىشەلمەيدۇ، ھەم ئىشلەپچىقىرىش سانى جەھەتتىن يېتەرسىز بولماقتا.
غەرب دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ زىددىيەت، «سۈپەتكە قارشى سان» ئىككىلىنىشىدۇر. غەرب، تارىختا سانى ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن ئۈستۈن تېخنىكىلىق،سۈپىتى يۇقىرى قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەركەزلەشكەن. ئەمما ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئوخشاش كەسكىن توقۇنۇشلار، «ساننىڭمۇ بىر رولى بارلىقى»نى ئىسپاتلىدى. خىتاي، دۆلەت مالىيەسى قوللىغان غايەت زور ئىشلەپچىقىرىش ھاۋزىلىرى سايىسىدا «يېتەرلىك دەرىجىدە ياخشى» تېخنىكىنى «ئىنتايىن ئەرزان ۋە ئىنتايىن تېز» ئىشلەپچىقىرالايدۇ. غەربنىڭ بازارنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادلىرى، پايدا نىسبىتى تۆۋەن بولغان بۇ دۆلەت مالىيە ياردىمى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مودېلىغا (mass production) قايتىشتا قىينالماقتا.
تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، غەربنىڭ تېخنىكىدا مۇستەقىللىق نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تايىنىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ خىتايغا بېقىنىدىغانلىقىدۇر. مەنبە ماقالە، ئىلغار سانائەت قوراللىرىنىڭ – مەسىلەن 3D پىرىنتېرلار ۋە CNC دېتاللىرىنىڭ –يوشۇرۇن بېقىندىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىغا دىققەتنى ئاغدۇرىدۇ. بىر غەرب شىركىتى، يەرلىك ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن قۇرغان زاۋۇتىدىكى ماشىنىلارنىڭ ئاسراش-رېمونت ئىشلىرىنى قىلىش ياكى زاپاس زاپچاسلىرىنى تېپىش ئۈچۈن يەنىلا خىتاي تەمىناتىغا موھتاج بولۇپ قالماقتا. بۇ ئەھۋال، «قەۋەتمۇ قەۋەت بىقىندىلىق » (nested dependency) دەپ تەرىپلىنىشى مۇمكىن ۋە پەقەت ئاخىرقى مەھسۇلاتنى يەرلىكلەشتۈرۈشنىڭ ھەل قىلىش چارىسى بولالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۇ دۆلەت قۇرۇلمىسى مەنبەلىك مەسىلىلەر، غەرب ئىستراتېگىيەچىلىرىنى ۋە تەمىنات پىلانلىغۇچىلىرىنى ئىمكانسىز بىر تاللاشقا مەجبۇر قىلىپ قويماقتا: قىسقا مۇددەتلىك ھەرىكەت ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن «ئىشەنچسىز» خىتاي مەنبەلىرىنى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش مۇ؟ ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەمىنات مۇستەقىللىقىگە ئۇلىشىش ئۈچۈن قىسقا مۇددەتتە ئىقتىداردىكى بوشلۇقلارغا (capability gaps) كۆز يۇمۇش مۇ؟ كۆپىنچە ھاللاردا «جىددىي ئېھتىياجلار» ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەۋاتىدۇ ۋە بېقىندىلىق ھالقىسىنى بۇزۇش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. غەربنىڭ دۆلەت مۇداپىئە بىيۇروكراتىيەسى، تىنچلىق مەزگىلىدىكى قائىدىلەرنى قوللىنىپ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئېلىپ بېرىش مۈشكۈلاتىنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا، لاياقەتلىك ئىشچى كۈچى ۋە خام ئەشيا پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىدىكى چېكىنىشمۇ بۇ جەريانغا كاشىلا قىلماقتا. غەرب، ئاخىرقى ئوتتۇز يىلدا مۇھىت ئاسراش بەلگىلىمىلىرى ۋە تەننەرخ بېسىملىرى تۈپەيلىدىن سىيرەك مېتاللارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ھازىر بۇ ئەسلىھەلەرنى قايتا قۇرۇش، پەقەت سەرمايىلا ئەمەس، يەنە يوقالغان «تېخنىكىلىق بىلىم توپلىمى» (know-how) نى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. خاننىڭ ئانالىزى، بۇ قايتىش جەريانىنىڭ، گېئو-سىياسىي ۋاقىت جەدۋىلى بىلەن ماس كەلمەيدىغان دەرىجىدە ئاستا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قىسقا مۇددەتتە قايتىدىغان پايدىنى كۆزلىشى بىلەن دۆلەتلەرنىڭ يىراقنى كۆرەر بىخەتەرلىك ئېھتىياجلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلاشماسلىقمۇ يەنە بىر توسالغۇ. خىتايدا دۆلەت ۋە بارلىق خۇسۇسىي ساھە، كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سىياسىي نىشانلىرىغا بىردەكلىك ساقلاپ، ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلسا؛ غەربتە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى پايچىكلىرىغا ھېساب بېرىشكە مەجبۇر. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ «باشقۇرۇش مودېلى سىممېتىرىك بولماسلىق»ى، غەربنىڭ تەمىنات زەنجىرى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماھىيەتلىك قەدەملەرنى ئېلىشىنى كېچىكتۈرمەكتە.
گېئو-سىياسىي ۋاقىت، خەتەرنى باھالاش ۋە 2027-يىل سىندرومى
تەمىنات زەنجىرى كىرىزىسىنى پەقەت تېخنىكىلىق چىكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر مەسىلە بولۇشتىن ھالقىتىپ، جىددىي بىر بىخەتەرلىك تەھدىتىگە ئايلاندۇرغان ئامىل، «ۋاقىت» ئامىلىدۇر. مەنبە ماقالىدە ئىشارەت قىلىنغان ئامېرىكىلىق ئىستىخبارات ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئانالىزچىلىرىنىڭ مۆلچەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 2027-يىلىغىچە تەيۋەنگە قارىتا بىر ھەربىي ھەرىكەت ياكى تاجاۋۇز قوزغاش ئۈچۈن تەييار بولۇش نىشانى بار. بۇ ۋاقىت، غەربنىڭ تەمىنات زەنجىرلىرىنى پۈتۈنلەي كۆپ خىللاشتۇرۇشى ۋە خىتايدىن مۇستەقىل ھالغا كېلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 10-15 يىللىق سانائەت مۆلچەرىدىن كۆپ قىسقا.
ياۋروپانىڭ شەرقىي قانىتى رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ھوشيار تۇرۇۋاتقان ۋە زاپاسلىرىنى ئۇكرائىنا ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئاسىيا-تىنچ ئوكياندا تەشكىللىنىۋاتقان يۇقىرى زىچلىقتىكى يېڭى بىر سەپ ، غەرب ئىتتىپاقى ئۈچۈن «قورقۇنچلۇق چۈش» تۇر. خىتاي، غەربنىڭ ھازىرقى سانائەت ئىقتىدارىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى چوڭ ئۇرۇشنى (two-theater war) قوللىيالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ ئەھۋال، بېيجىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھېسابلىرىدا ۋەزىيەتنى ئۆز پايدىسىغا بۇرايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. غەرب، «ۋاقىت بىلەن بەسلىشىۋاتىدۇ» ئەمما بۇ بەسلىشىشتە ئارقىدا قالماقتا.
ئىچكى سىياسىي ھەرىكەتلىنىشلەرمۇ بۇ ئىستراتېگىيەلىك تەڭلىمىنى مۇرەككەپلەشتۈرمەكتە. ئامېرىكىدىكى يوشۇرۇن يەكلەش (دۆلەت ئىچىگە يۈزلىنىش) سىياسەت ئۆزگەرتىشلىرى، «ئالدى بىلەن ئامېرىكا» سۆزلەمىنىڭ كۈچىيىشى ۋە دوست دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە گۇمانسىراپ قاراشلىرى، تەمىنات زەنجىرى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خەلقئارالىق ھەمكارلىققا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. تەيۋەندىكى سايلام دەۋرىيلىكلىرى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي قۇتۇپلىشىشلار، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا بېسىم ئىستراتېگىيەسىنى قاتتىقلاشتۇرۇشىغا پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن. خاننىڭ ئانالىزى، بۇ سىياسىي ئېنىقسىزلىقلارنىڭ، تەمىنات مۇستەقىللىقى ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئىپادىلەيدۇ.
غەرب قارار چىقارغۇچىلىرىنىڭ ئالدىدىكى خەتەر تىزىملىكى شۇكى: ئەگەر خىتاي، 2027-يىلىدىن بۇرۇن ھەرىكەتكە ئۆتسە، غەرب ئارمىيەلىرى تېخى تولۇق تەييار بولمىغان بىر ئارقا سەپ تەمىنات ئۇرۇشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قېلىپ قالىدۇ. «تەخمىنەن تەييار» بولۇش، ئۇرۇشتا «تەييار بولماسلىق» بىلەن باراۋەردۇر. شۇڭلاشقا، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى، ھازىر سۈرئەت (speed)، تەننەرخ (cost) ۋە ئىشەنچلىكلىك (reliability) ئارىسىدا ئازابلىق مۇرەسسەلەر (trade-offs) قىلىشقا مەجبۇر.
بۇ جەرياندىكى خىتاينىڭ «ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىقى» مۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بېيجىڭ، غەربنىڭ «تەمىناتتا مۇستەقىللىق » (decoupling) سۆزلەملىرىنى كۆزىتىۋاتىدۇ، ئەمما غەربنىڭ بۇ سۆزلەملەرنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئىقتىدارنى يارىتالمىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىدۇ. خىتاي، غەربنىڭ ئىقتىسادىي بېقىندىلىقىنى بىر «كوزىر» كەبى ئىشلىتىپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بىر ئۇرۇشنى ئۆز شەرتلىرىگە توغۇرلاپ تۇرۇپ ۋە ئۆز ۋاقتىدا باشلاش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. غەربنىڭ 2027-يىل مۆلچەرىگە مەركەزلىشىشى توغرا بولسىمۇ، تەييارلىقلارنىڭ يېتەرسىزلىكى ئەڭ چوڭ خەتەر ئامىلىدۇر.
غەرب بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك خۇلاسىلەر ۋە دومىنو ئېففىكتى
خىتايغا بولغان بېقىندىلىق مەسىلىسى، ماقالىدىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنغىنىدەك پەقەت ئۇچقۇلار ياكى ئالاھىدە ھەربىي ئۈسكۈنىلەر بىلەنلا چەكلىنىدىغان بىر مەسىلە ئەمەس. بۇ بېقىندىلىق تورى؛ مىكرو ئېلېكتىرونىكا، خىمىيەلىك ماددىلار، دورىگەرلىك سانائىتى، سىيرەك مېتاللار ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە تېخنىكىلىرىغا ئوخشاش ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن ھالقىلىق بولغان بارلىق ساھەلەرگە سىڭىپ كەتكەن. بىر ئۇرۇش زامانىدا پەقەت باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭلا ئەمەس، ئانتىبېيوتىكلار ياكى ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىدىغان تىرانسفورماتورلارنىڭ، باتارىيەلەرنىڭ تەمىناتى خەۋپكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇ، «ئۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئاجىزلىشىشى» (total war) دېگەنلىكتۇر.
ناتو ئىتتىپاقى ئۈچۈن بۇ ئەھۋال، «ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق» ئۇقۇمىنىڭ ماھىيىتىدىن يىراقلىشىپ قېلىش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ. ئىتتىپاق ئەزالىرى قەغەز يۈزىدە كۈچلۈك ئارمىيەلەرگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئارمىيەلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى خىتاينىڭ تەمىنات زەنجىرلىرىگە باغلىق بولسا، ناتونىڭ توسۇش كۈچى گۇمانلىق ھالغا كېلىدۇ. ۋاشىنگتون ياكى بىريۇسسېلدىكى قارار چىقارغۇچىلار، ھەربىي ھەرىكەت بۇيرۇقىنى بېرىۋاتقاندا، بېيجىڭنىڭ ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە قايسى سانائەتىكىسپورتىنى كېسىپ تاشلايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ ،شۇنىڭغا كۆرە بۇيرۇق بېرىشكە مەجبۇر بولسا، بۇ پۇت-قولى باغلىنىپ قېلىش دېگەنلىكتۇر.
كەلگۈسىدىكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بىر ئۇرۇشتا، مەيلى ياۋروپا مەيدانىدا بولسۇن ياكى ھىندى-تىنچ ئوكياندا بولسۇن، بۇ ئەشيا تەمىناتىدىكى ئاجىزلىقلار ھەم ئۇرۇش مەيدانىدىكى ھەرىكەت نەتىجىلىرىنى ھەم ئۈستەلدىكى دىپلوماتىك سودىلىشىش كۈچىنى بەلگىلەيدۇ. دىپلوماتىيەدە تاللىيالىغانلىرىڭىز قانچىلىك بولسا،قولىڭىزنىڭ كۈچىمۇ شۇنچىلىك بولىدىغان گەپ. خىتاي، غەربنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى بىلىدىغانلا بولسا، دىپلوماتىك بېسىملارغا بويۇن ئەگمەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ كۈنتەرتىپىنى تېڭىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
بۇ دائىرىدە، غەربنىڭ ئېنېرگىيە ئۆزگەرتىش (يېشىل ئېنېرگىيە) نىشانلىرىمۇ زىددىيەتلىك بىر خەۋپنى ياراتماقتا. غەرب، قېزىلما يېقىلغۇغا بولغان بېقىندىلىقىدىن قۇتۇلۇپ،يېشىل ئېنىرگىيەگە يۈزلىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىلىرى ۋە باتارېيە تېخنىكىلىرىدا خىتايغا تېخىمۇ بېقىنىدىغان ھالغا كەلمەكتە. بۇ، يېشىل ئېنىرگىيە نىشانى بىلەن مىللىي بىخەتەرلىك ئارىسىدا يېڭى بىر جىددىيچىلىك شەكىللەندۈرمەكتە. خاننىڭ ئانالىزى، مەسىلىنىڭ پەقەت ھەربىي كۈچ بىلەنلا ئەمەس، سانائەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئىستراتېگىيەلىك قارىغۇلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە كەلگۈسى تەسەۋۋۇرى
سانا خاننىڭ ماقالىسىنى تۇتقۇ قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان بۇ چوڭقۇر ئانالىز، غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي ئالدىدا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان «ئىستراتېگىيەلىك قارىغۇلۇق»ىدىن ئاستا-ئاستا ئويغىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما داۋالاش ئىمكانلىرىنىڭ كېسەللىكنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىگە كۆرە يىتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. غەربنىڭ تەمىنات لىنىيەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش ۋە «دوست دۆلەتلەردىن تەمىنلەش» (friend-shoring) ئىستراتېگىيەلىرى توغرا قەدەملەر بولسىمۇ، قىسقا مۇددەتتە تولۇق مۇستەقىللىقنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن يىراق.
گەرچە سەرمايىلەر، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قايتا ئىشلەش تۈرلىرى ھاياتىي مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، خىتاينىڭ ھالقىلىق دۆلەت مۇداپىئە ۋە سانائەت تېخنىكىلىرى ئۈستىدىكى «قۇلۇپلاش ھوقۇقى» (stranglehold) كەلگۈسى ئون يىل بويىچە داۋاملىشىدىغان بىر رېئاللىقتۇر. بېيجىڭ، بۇ قۇرۇلمىۋى سىممېتىرىك بولمىغان ئەۋزەللىكىنى گېئو-سىياسىي كىرىزىسلەردە ئىستراتېگىيەلىك جانلىقلىققا ئېرىشىش ۋە رەقىبلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. غەرب ئۈچۈن «ئاجىز نۇقتا»، دەل ئەڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىۋاتقان تېخنىكا ساھەسىدۇر.
ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش؛ پەقەت ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشلا ئەمەس، خىتاي زاپچاسلىرىغا ئېرىشىش ئۈزۈلۈپ قالغاندا يۈز بېرىدىغان قىيامەتكە (worst-case scenarios) قارىتا جىددىي ھالەت پىلانلىرىنى يولغا قويۇشتۇر. بۇ، پۇقرالارنىڭ ئىستېمال ئادەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن تارتىپ، ئۇرۇش ئىقتىسادى مودېللىرىنىڭ تىنچلىق مەزگىلىدە سىناق قىلىنىشىغىچە بولغان ماھىيەتلىك بىر ئىدىيە ئۆزگىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
خۇلاسىلىگەندە، خاننىڭ ئەسىرى ئاكادېمىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەدەبىياتقا مۇھىم بىر تۆھپە قوشماقتا. ماقالە، 21-ئەسىردە ئىگىلىك ھوقۇق چېگرالىرىنىڭ تەمىنات لىنىيەسى سىزما جەدۋەللىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. خىتاينىڭ بۇ سىزما جەدۋەللەر ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىق كۈرىشى، كەلگۈسى دەۋرنىڭ ھايات-ماماتلىق گېئو-سىياسىي كۈرىشى بولىدۇ.
ئىزاھاتلار ۋە مەنبەلەر:
خىتاينىڭ بازاردىكى ھۆكۈمرانلىقى ۋە مونوپول كۈچى: مەنبە ماقالىدە ۋە خەلقئارالىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلگەندەك، 2024-يىلغا كەلگەندە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى، يەرشارى سودا ۋە ھەربىي ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ، بۇ ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان سىيرەك مېتاللارنىڭ ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە مىكرو ئۆزەكلەرنىڭ خام ئەشيالىرىنىڭ %80 دىن %90 گىچە بولغان قىسمىنى كونترول قىلماقتا. بۇ نىسبەت، يەرشارى تەمىنات زەنجىرىدە «يەككە مەغلۇبىيەت نۇقتىسى» (single point of failure) نى شەكىللەندۈرمەكتە.
ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە قوش ئىشلىتىلىشچان تېخنىكا: مەزكۇر ئانالىز، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆزىتىش، نىشانلاش ۋە كامىكازې ھۇجۇملىرى ئۈچۈن خىتايدا ئىشلەنگەن بولۇپمۇ DJI ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ھۆددىگەرلىرى ئىشلىگەن زاپچاسلارغا تايىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ئەھۋال، خىتاينىڭ توقۇنۇش تەرەپلىرىگە بىۋاسىتە قورال ساتمىسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى ئۈستىدە بەلگىلىگۈچى بىر تەسىرى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
نېروس مىسالى ۋە كۆلەم مەسىلىسى: ئامېرىكا مەركەزلىك «نېروس» قاتارلىق دۆلەت مۇداپىئە ئىگىلىكلىرى، خىتايدىن باشقا تاللام سۈپىتىدە كۆرسىتىلدى. ئەمما مەزكۇر ئانالىز، بۇ ئىگىلىكلەرنىڭ خىتاي تەمىنلىگەن تەننەرخ ئەۋزەللىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سانى (scale) بىلەن رىقابەتلىشىشتە قىينىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭمۇ غەربنىڭ تېز سۈرئەتتە قوراللىنىشى ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
2027-يىل تەيۋەن مۆلچەرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئىستىخبارات ئانالىزچىلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا ئاساسەن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە 2027-يىلىغىچە تەيۋەننى ئىشغال قىلالايدىغان ئىقتىدارغا يېتىش توغرۇلۇق يوليورۇق بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇ ۋاقىت، غەربنىڭ تەمىنات زەنجىرى مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن كېرەكلىك ۋاقىتتىن بالدۇر بولۇپ، خەتەر ئانالىزنىڭ مەركىزىدە ئورۇن ئالماقتا.
ساھەلەر ئارا بېقىندىلىق: بېقىندىلىقنىڭ پەقەت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي؛ مىكرو ئېلېكتىرونىكا، خىمىيەلىك زاپچاسلار، دورا ئاكتىپ ماددىلىرى ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە تېخنىكىلىرىغىچە كېڭەيگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بۇ ئەھۋال، ھەربىي ئاجىزلىقنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي بىر ئاجىزلىقنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
مەنبە ماقالە:
Khan, S. (2025, November 28). Drones, Rare Earths, and Risk: How China Shapes Global Military Power. Modern Diplomacy.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















