ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
قىسقىچە مەزمۇنى
بۇ ماقالىدە خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىدا («شىنجاڭ گېزىتى» دە) 2026-يىلى 3-ئايدا ئېلان قىلىنغان رەسمىي بىر سىياسەت تېكىستى ئاساسىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېكولوگىيەلىك قوغداش ۋە يېشىل تەرەققىيات توغرىسىدىكى بايانلىرى سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە پويىز-مۇستەملىكىچىلىك نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن تەنقىدىي يوسۇندا ئانالىز قىلىنىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «گۈزەل شىنجاڭ» تەسەۋۋۇرى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كاربون نېيتراللىقى قاتارلىق دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان «يېشىل» ئۇقۇملار بىلەن ئورىلىپ سۇنۇلماقتا. ئەمما، بۇ ماقالىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي ۋە ئۇقۇملۇق تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا «بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى باشقۇرۇش»، «سۇغا تايىنىپ يېشىللاشتۇرۇش» ۋە «ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندا بىر «يېشىل مۇستەملىكىچىلىك » ۋە «مۇستەبىت مۇھىتچىلىق »(authoritarian environmentalism) مېخانىزمى سۈپىتىدە رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. تەھلىل نەتىجىسىدە، رايوندىكى غايەت زور يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە مەبلەغلىرى ۋە ئېكولوگىيەلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يەرلىك خەلقنى يەرسىزلەندۈرۈش يەنى ماكانسىزلاشتۇرۇش، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ پايدىسىغا ئۆزگەرتىش، سۇ مەنبەلىرىنى دۆلەت مونوپوللۇقىغا ئېلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك (forced labor) قىلمىشلىرىنى يېشىل سانائەتلەر ئارقىلىق قانۇنىيلاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى. خىتاينىڭ مۇھىت سىياسەتلىرى، تەبىئەتنى قوغداشتىن بەكرەك، تەبىئەتكە ۋە يەرلىكلەرگە مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى نىشان قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مۈلۈكسىزلەندۈرۈش قورالىدۇر.
- كىرىش سۆز
2026- يىلى 10-مارت، خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي يىغىنلىرى بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنى تەڭ ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىرىنچى بېتىدە ئېلان قىلىنغان «ئېكولوگىيەلىك قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقايلى» ماۋزۇلۇق رەسمىي خەۋەردە،[1] شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ئېكولوگىيەلىك قوغداش ۋە يېشىل تەرەققىيات سىياسەتلىرىنى ئەتراپلىق بايان قىلىنىدۇ. «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى رەيىدە تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ تېكىست پەقەتلا بىر خەۋەر بولۇپ قالماستىن، بەلكى مەزكۇر مەزگىلدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان رەسمىي سىياسەت ھۆججىتى خاراكتېرىگىمۇ ئىگە.
تېكىستتە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «گۈزەل شىنجاڭ» تەسەۋۋۇرى دائىرىسىدە رايوندا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىت ئىلگىرىلەشلىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ 2030-يىلى كاربون قويۇپ بېرىش يۇقىرى پەللىسىگە يېتىش ۋە 2060-يىلى كاربون نېيتراللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەدىسىگە قاراپ بېسىلغان كونكرېت قەدەملىرى بايان قىلىنغان. تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدىكى كۆچەت تىكىش سىياسىتىدىن يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگىچە، ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشتىن ئېكولوگىيەلىك قىممەتنى ئىقتىسادىي كىرىمگە ئايلاندۇرۇشقىچە بولغان كەڭ سىياسەت دائىرىسى، بىر پۈتۈن بىر بايان ئىچىدە سۇنۇلىدۇ.
بۇ ماقالىدە مەزكۇر خىتايچە مەنبە تېكىستنىڭ ئەتراپلىق خۇلاسىسى سۇنۇلىدۇ، ئارقىدىن خىتاينىڭ رەسمىي ئېكولوگىيەلىك تەشۋىقاتىدا گەۋدىلەنگەن ئاساسلىق ئۇقۇملار — بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى باشقۇرۇش، سۇغا تايىنىپ يېشىللاشتۇرۇش، يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيەگە ئۆتۈش ۋە ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىقلار — ئىلمىي ئېكولوگىيە، مۇھىت ئىقتىسادى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق (sustainability) ئىلمىي نۇقتىسىدىن تەنقىدىي شەكىلدە كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ. ئانالىز خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ئىلمىي ئەسەرلەرگە ئاساسلانغان بولۇپ، رەسمىي تەشۋىقاتلارنىڭ ئىلمىي جەھەتتىكى ئىناۋىتىنىڭ بارلىقى ئوبيېكتىپ نۇقتىئىنەزەردىن باھالىنىدۇ.
- خىتايچە مەنبە تېكىستنىڭ ئەتراپلىق خۇلاسىسى
- ئېكولوگىيەلىك توساق: قۇم چېكىنىش، يېشىل ئىلگىرىلەش
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋەكلىرىنى بويلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئۈچ شىمال» (Sanbei) ئورمان قۇرۇلۇشىنىڭ ئالتىنچى باسقۇچى، رايوندىكى تارىخىي ئۆزگىرىشنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە سۇنۇلىدۇ. بىر ۋاقىتلاردا قۇم بورانلىرى ئاھالىلەر رايونلىرىغا تەھدىت سالغان خوتەن ۋىلايىتىدە 2025-يىلى 379.12 گېكتار يەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، سۈنئىي ئورمان يېتىشتۈرۈش 47 مىڭ 70 گېكتارلىق يېڭى رايونلارغا كېڭەيگەن. قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە پەيدا بولغان «زۇمرەت كۆللەر» بولسا ئېكولوگىيەلىك ئەسلىگە كېلىشنىڭ سىمۋوللۇق ئىسپاتى سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.
رايوندا قوللىنىلغان «كېرىيە (يۈتيەن) ئۇسۇلى» دەپ ئاتالغان مودېل، چۆللىشىشكە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كەنتلەر، ئائىلىلەر ۋە شەخسلەرگىچە چۈشۈرگەن. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق تەخمىنەن 70 مىڭ ئادەمنىڭ قەرەللىك كىرىمگە ئېرىشكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەكىت ناھىيەسىدىكى «توقاي كۆكسىتى (ساكساۋۇل) + چۆل سۈمبۈلى (توڭگۇزگۈلى)» قوش تېرىقچىلىق مودېلى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى «قۇياش ئېنېرگىيەسى + بوز يەر ئېچىش + دېھقانچىلىق / چارۋىچىلىق» گەۋدىلەشكەن سىستېمىسى ۋە شايار ناھىيەسىدىكى «سۇغا قاراپ يېشىللاشتۇرۇش» ئىدىيەسى بىلەن قۇرۇلغان شامال توسۇش ئورمانلىرى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ كونكرېت مىساللىرى قاتارىدا كۆرسىتىلىدۇ.
«ئىلگىرى قۇم ئادەمنى قوغلايتتى، ھازىر يېشىل دولقۇن قۇمغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.» — چەرچەن ناھىيەلىك پېشقەدەم ئەسكەرلەر يېشىللاشتۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تيەن يې
- يېشىل ئىقتىسادقا ئۆتۈش: تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇدىن يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيەگە
خەۋەردە ئەنئەنىۋى جەھەتتىن كۆمۈر ۋە نېفىتكە تايىنىدىغان سانائىتى بىلەن تونۇلغان قۇمۇل شەھىرى، بۇ بۇرۇلۇشنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك مىسالى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قۇمۇلنىڭ تور سىغىمى 50 گىگاۋاتتىن ئاشقان. بۇ سىغىمنىڭ 73.8 پىرسەنتى شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى مەنبەلىك يېڭىلىنىدىغان قۇرۇلمىلاردىن تەشكىل تاپقان. شەھەر دەرىجىلىك تۈزۈلگەن «يايلاق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش» قانۇن-نىزامى بولسا، خىتايدا بۇ ساھەدە چىقىرىلغان تۇنجى يەرلىك نىزام بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. قاراماي شەھىرى بولسا نېفىت-خىمىيە سانائىتىنى «يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش» ئوقىدا قايتا قۇرۇپ چىقماقتا. بۇلاردىن باشقا، سانجى، شىخەنزە، ئاقسۇ ۋە تۇرپان قاتارلىق شەھەر-بازارلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت ۋە يېشىل سانائەت رايونى گۇۋاھنامىلىرىنى ئېلىشقا باشلىغان. چىيا (Qiya) شىنجاڭ گۇرۇھى، «قوش كاربون» نىشانىغا ئاساسەن نۆۋەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن 7 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئېلېكترولىز ئىس-تۈتەكنى تازىلاش تېخنىكىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن. شىركەت مەسئۇللىرىدىن ئېلىنغان «يېشىل تەرەققىيات بىر يۈك ئەمەس، بەلكى رىقابەت ئەۋزەللىكىدۇر» دېگەن سۆز، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ بىر مەجبۇرىيەت ئەمەس، بەلكى بىر ئىستراتېگىيە سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.
3.2 ئاممىۋى ساغلاملىق ۋە مۇھىت سۈپىتى
خەۋەر تېكىستىدە، مۇھىتنى ئاسراش نەتىجىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بىۋاسىتە ئىنكاسىمۇ بايان قىلىنىدۇ. 2025-يىلى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىدىكى شەھەر كارىدورىدا ھاۋا سۈپىتى ياخشى ياكى ئەلا دەرىجىدە ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ نىسبىتى يۈزدە 91 گە يەتكەن ۋە ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 1 پىرسەنت ئاشقان. ئۈرۈمچى شەھىرى كۆكتاغ (مىدۇڭ) رايونىدىكى بىر ئاھالە، قىشتا ئەمدى ئاق كۆڭلەك كىيەلەيدىغانلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەر كۈنى كۆك ئاسمان سۈرىتىنى ھەمبەھىرلەشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ قىسقا ھېكايە، سىياسەتنىڭ خەلق ئارىسىدىكى كونكرېت ئىپادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشى جەھەتتىن ئەھمىيەتلىكتۇر.
باغراش كۆلى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى ۋە تۈرلۈك سازلىقلاردىكى تەبىئىي ھاياتلىق كۆپ خىللىقىمۇ ئىجابىي كۆرسەتكۈچلەرنى نامايان قىلغان يەنە بىر ساھەدۇر. دېھقانچىلىق يەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇلغىنىشسىز ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەنلىكى كۆرسىتىلىش بىلەن بىللە، يېزا رايونلىرىدا پاسكىنا سۇنى باشقۇرۇش نىسبىتىنىڭ 42.21 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان.
4.2. قانۇنىي رامكا ۋە ئىجتىمائىي قاتنىشىش
ئون تۆتىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۆتىنچى يىغىنى كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇنى لايىھەسى»، ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان بىر كۈنتەرتىپ ماددىسى بولدى. تېكىست، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى «سىياسەت يېتەكچىلىكىدىكى» ئۇسۇلدىن «قانۇن يېتەكچىلىكىدىكى» بىر ئاساسقا كۆتۈرىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. سىياسىي كېڭەش ئەزاسى يۈكسەل سىغايىت ئېكولوگىيەلىك قوغداش ئېڭىنىڭ مەدەنىيەت ئىپادىلەش شەكىللىرىگە، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ۋە سەنئەت ئىجادىيەت جەريانلىرىغا سىڭدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
- تېكىستتىكى ئاساسلىق تەشۋىقاتلارنىڭ تەنقىدىي ۋە ئىلمىي ئانالىزى
بۇ خەۋەر تېكىستى، خىتاينىڭ رەسمىي ئېكولوگىيەلىك سۆزلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئالاھىدە تەشۋىقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بۇ تەشۋىقاتلار، پەقەتلا بىر مۇھىت سىياسىتىدىن ئىبارەت بولماستىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس ئىنژېنېرلىقى، بايلىق بۇلاڭچىلىقى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىدىغان «مۇستەبىت مۇھىتچىلىق » (authoritarian environmentalism) قوراللىرىدۇر. بۇ ئۇقۇملارنىڭ ئىلمىي ئېكولوگىيە، مۇھىت ئىقتىسادى ۋە تەنقىدىي سىياسىي ئېكولوگىيە جەھەتتىن باھالىنىشى تۆۋەندىكىچە:
1.3.«تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇم ۋە مۇزلۇقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش»
بۇ ئىبارە، زامانىۋى ئېكولوگىيەدىكى «بىر گەۋدە ئېكولوگىيەسى» (Landscape Ecology) ۋە «بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى باشقۇرۇش» ئۇقۇملىرىنىڭ سىياسىي ئىپادىسىدۇر. ئېكولوگىيە سىستېمىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە باغلانغان بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە باشقۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش قۇرغاق رايونلاردا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇسۇل قەغەز يۈزىدە ئىلمىي كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ «سۇ قىسچىلىقى» ۋە بۇ سۇنىڭ كىم ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىدۇر. رايوندىكى مۇزلۇقلارنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئېرىشى قاتارلىقلار، سۇ كىرىزىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ «بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش» سۆزى ئەمەلىيەتتە سۇ ۋە يەر بايلىقلىرىنىڭ دۆلەت مونوپوللۇقىغا ئېلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ. خىتاينىڭ مۇستەملىكىچى ئىدىيەسى، شەرقىي تۈركىستاندىكى سۇ مەنبەلىرىنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ياكى قازاق كۆچمەن چارۋىچىلىرىدىن تارتىپ ئېلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوللايدىغان يېرىم ھەربىي تەشكىلات بولغان بىڭتۇەن (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى) دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ۋە كانچىلىق سانائىتىگە بۇرىماقتا. شۇڭلاشقا بۇ ئىبارە، يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز زېمىنى ئۈستىدىكى ئەنئەنىۋى ئېكولوگىيەلىك بىلىمى ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنى تارتىپ ئالىدىغان بىر مەركەزگە باغلاش (مەركەزلەشتۈرۈش) قورالىدۇر.
2.3. «سۇغا قاراپ يېشىللاشتۇرۇش» ۋە «يېشىللىق ئىلگىرىلەش، قۇم چېكىنىش»
تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدىكى كۆچەت تىكىش ۋە دېھقانچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ھەددىدىن زىيادە سۇ سەرپىياتى خاتالىقلىرىدىن قايتقانلىقىنى ئىما قىلىدىغان «سۇنى ئۆلچەم قىلىش» ئۇقۇمى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. خىتاي، ئىلگىرى قۇرغاق رايونلاردا خاتا دەرەخ تۈرلىرىنى تىكىپ يەر ئاستى سۇ سەۋىيەسىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تېكىستتە تىلغا ئېلىنغان چۆل سۈمبۈلى تېرىشقا ئوخشاش تەتبىقلاشلار بىئولوگىيەلىك جەھەتتىن چۆل ئىقلىمىغا ماس كەلگىنى بىلەن، قۇياش ئېنېرگىيەلىك پومپىلار ئارقىلىق يەر ئاستى سۈيىنىڭ تارتىپ چىقىرىلىشى «ئىككىنچى دەرىجىلىك شورلىشىش» ۋە يەر ئاستى سۇ قاتلاملىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىش خەۋپىنى ئېلىپ كېلىدۇ . تېخىمۇ يامىنى، بۇ «يېشىللاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشلىرى ئېكولوگىيەلىك ئىمپېرىيالىزم ۋە يېشىل يۇيۇش (greenwashing) مەقسىتىگە ئىگە. قۇملۇقنىڭ تېرىقچىلىققا ئېچىلىشى، دۆلەت قوللىغان خىتاي شىركەتلىرىگە پايدا ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، بۇ ئېتىزلاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەرزان ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى (forced labor) سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى خەلقئارالىق دوكلاتلاردا ئاشكارىلانغان. رايوننىڭ تەبىئىي كۆچمەن چارۋىچىلىقنى مەركەز قىلغان ئېكولوگىيە سىستېمىسى، خىتاينىڭ ئولتۇراقلاشقان، زىچ دېھقانچىلىققا تايانغان مۇستەملىكە تىپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مودېلىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋەيران قىلىنماقتا.
3.3. كاربون يۇقىرى پەللىسى ۋە كاربون نېيتراللىقى: يېشىل بۇرۇلۇش
خىتاينىڭ 2030-يىلى كاربون قويۇپ بېرىشتە يۇقىرى پەللىگە يېتىش ۋە 2060-يىلى كاربون نېيترال بولۇش نىشانلىرىدۇر. تېكىستتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىگە ئۆتۈشى توغرىسىدا توختالغان. شەرقىي تۈركىستان، قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيەسى يوشۇرۇن كۈچى جەھەتتىن ئىنتايىن باي (لۇ 2009). لېكىن بۇ «يېشىل بۇرۇلۇش»، كىلاسسىك بىر مەركەز-چەت (Core-Periphery) مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان غايەت زور بىر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان پاكىز ئېنېرگىيە مىڭلىغان كىلومېتىر شەرققە (خىتاينىڭ سانائەت مەركەزلىرىگە) يۆتكىلىۋاتقان بولسا، ئېكولوگىيەلىك ۋەيرانچىلىق ۋە سانائەت تاشلاندۇقلىرى بۇ رايوندا قالدۇرۇلماقتا. شۇنداقلا، تېكىستتە پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئېلىنغان قۇياش ئېنېرگىيەسى (يورۇقلۇق ئېلېكتىرى) سەكرىشىنىڭ ئۇل تېشى بولغان پولىكرېمنىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جازا لاگېرلىرى ۋە دۆلەت قوللىغان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەنلىكى دۇنيا مىقياسىدا ئىسپاتلاندى. قانلىق بىر تەمىنلەش زەنجىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ سىستېمىغا «يېشىل بۇرۇلۇش» دېيىش، ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى «مۇھىت ئاسراش» نىقابى بىلەن يېپىشتۇر.
4.3 «سۈزۈك سۇ ۋە يېشىل تاغلار تېپىلغۇسىز خەزىنىدۇر» ئىدىيەسى ۋە ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
تەبىئىي كاپىتالنىڭ (Natural Capital) ئىقتىسادىي بىر قىممەتكە ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان رەسمىي دۆلەت نەزەرىيەسىدۇر.
تەبىئەتنىڭ پۇل-مۇئامىلە قىممىتىگە، «پۇلغا» ئايلاندۇرۇلۇش نىشانى، كاپىتالىستىك ئېكولوگىيەلىك ئېكسپىلاتاتسىيە بىلەن دۆلەت مۇستەبىتلىكىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستان نۇقتىسىدىن بۇ ئۇقۇم، داۋىد خارۋېينىڭ (David Harvey) «مۈلۈكسىزلەندۈرۈش ئارقىلىق توپلاش» نەزەرىيەسىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. خىتاي دۆلىتى «مىللىي باغچە» ياكى «ئېكولوگىيەلىك قوغداش رايونى» قۇرۇش باھانىسى بىلەن يەرلىك خەلقنى ئاتا-مىراس زېمىنلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرمەكتە، ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقنى چەكلىمەكتە، ئاندىن بۇ جايلارنى ساياھەتچىلىك ۋە يېشىل ئېنېرگىيە مونوپوللىرىنىڭ خىزمىتىگە سۇنماقتا. ئېكولوگىيەلىك قىممەتنىڭ «پۇلغا ئايلاندۇرۇلۇشى»، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنى بېيىتمايۋاتىدۇ، ئەكسىچە رايوننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان خىتاي مەركەزلىك كاپىتال گۇرۇھلىرىنىڭ خەزىنىسىنى تولدۇرماقتا.
خۇلاسە
خىتاي دۆلەت ئەقلىنىڭ رەسمىي تاراتقۇ ئورگانلىرى ئارقىلىق تارقاتقان «ئېكولوگىيەلىك قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقايلى» ماۋزۇلۇق تېكىستى؛ قارىماققا ئېكولوگىيەلىك سەزگۈرلۈكنى كۆزدە تۇتىدىغان، كىلىمات كىرىزىسىگە قارشى تۇرىدىغان ۋە سىجىل تەرەققىياتنى نىشان قىلغان زامانىۋى بىر دۆلەت ئوبرازىنى سىزماقتا. لېكىن، بۇ تەشۋىقاتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمەلىي ئىپادىسىگە، خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ۋە تەنقىدىي سىياسىي ئېكولوگىيە يۆنىلىشلىرىن نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، «مۇھىت ئاسراشچىلىق» نىقابى ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سىستېمىلىق بىر مۇستەملىكىچىلىك قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە قارشىمىزغا چىقماقتا.
بۇ نۇقتىدىن ئېرىشىلگەن تۇنجى ئاساسلىق يەكۈن شۇكى، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى مۇھىت سىياسەتلىرى «مۇستەبىت مۇھىتچىلىق » (Authoritarian Environmentalism) نەمۇنىسىنىڭ ئەڭ چېكىدىن ئاشقان مىساللىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. دۆلەت كىلىمات ئۆزگىرىشى، چۆللىشىش ۋە كاربون قويۇپ بېرىش قاتارلىق يەرشارىۋى تەھدىتلەرنى بىر باھانە سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غايەت زور زېمىنىغا، يەر ئاستى سۇ قاتلاملىرىغا ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىغا مۇتلەق شەكىلدە ئىگە بولۇۋالماقتا. «بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش» ۋە «مىللىي باغچە ئېلان قىلىش» قاتارلىق بۇرۇكراتىك مېخانىزملار، ئەمەلىيەتتە ئەسىرلەردىن بۇيان رايوننىڭ جاپالىق ئىقلىمى بىلەن ماسلىشىپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ۋە قازاق چارۋىچىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېكولوگىيەلىك ئادەتلىرىنى يوق قىلماقتا. يەرلىك خەلق ئاتا زېمىنلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ يەرسىزلەشتۈرۈلگەندە (پىرولېتارىياتلىشىش)، بوشىتىلغان رايونلار يېرىم ھەربىي تەشكىلاتلارغا (بىڭتۇەن) ۋە خەنزۇ خىتاي كۆچمەنلەرگە ئايرىپ بېرىلمەكتە. بۇ ئەھۋال، داۋىد خارۋېينىڭ «مۈلۈكسىزلەندۈرۈش ئارقىلىق توپلاش» ئۇقۇمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا دۆلەت قوللىغان بىر نوپۇس ئىنژېنېرلىقى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ھالىتىدۇر.
ئىككىنچىدىن، ئانالىزدا تەكىتلەنگەن «يېشىل ئىقتىسادقا ئۆتۈش» ۋە «كاربون نېيتراللىقى» نىشانلىرى، كىلاسسىك بىر مەركەز-چەت (Core-Periphery) مۇستەملىكە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ياراتتى. شەرقىي تۈركىستان، مول شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى يوشۇرۇن كۈچى بىلەن، شەرقتىكى چوڭ خىتاي شەھەرلىرىنىڭ سانائەت چاقلىرىنى ئايلاندۇرىدىغان غايەت زور بىر ئېنېرگىيە مۇستەملىكىسىگە (resource frontier) ئايلاندۇرۇلدى. خىتاي ئاخباراتلىرىدا ماختىلىۋاتقان يورۇقلۇق ئېلېكتىرى (قۇياش تاختىسى) ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنىڭ ۋە غايەت زور تېرىقچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان مەجبۇرىي ئەمگەك (forced labor) لاگېرلىرىنىڭ بولۇشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، قانلىق تەمىنلەش زەنجىرلىرى ۋە ئېكولوگىيەلىك ۋەيرانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ يېڭى ئىقتىسادىي مودېلغا «يېشىل بۇرۇلۇش» دېيىش، ئىلمىي ئەسەرلەردىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك «يېشىل يۇيۇش»(Greenwashing) ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. خىتاي دۇنيا سەھنىسىدە «كىلىمات رەھبىرى» رولىنى ئويناۋاتقاندا، بۇ رولنىڭ بەدىلىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تۆلەتكۈزمەكتە.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئېكولوگىيەلىك كىرىزىسلارنى ھەل قىلىش ۋە تەبىئەتنى قوغداش، مۇھىت ئادالىتىدىن (environmental justice) ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن ئايرىپ قارىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شەرقىي تۈركىستانغا خاس ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان قۇرۇلۇشلار يەرلىك خەلقنىڭ ماقۇللۇقى، قاتنىشىشى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان، ئەكسىچە تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغان ئېكولوگىيەلىك ئىمپېرىيالىزمنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ھەقىقىي بىر ئېكولوگىيەلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەقەت قۇمنىڭ چېكىنىپ يېشىللىقنىڭ ئىلگىرىلىشى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرى، غۇرۇرى ۋە ئۆز تەبىئىتى ئۈستىدىكى سۆز ھوقۇقلىرىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، قۇرۇلغان بۇ «گۈزەل شىنجاڭ»، يەرلىك خەلق ئۈچۈن پەقەتلا يېشىلغا بويالغان بىر ئوچۇق ئاسمان ئاستىدىكى تۈرمىدىن ئىبارەت بولۇپ قېلىشقا مەھكۇمدۇر.
پايدىلانمىلار
Cao, S. (2008). «Why large-scale afforestation efforts in China have failed to solve the desertification problem.» Earth-Science Reviews, 88(3-4), 182-201.
Chen, Y., et al. (2016). «Impacts of climate change on water resources in the Tarim River basin, Northwest China.» Journal of Arid Environments, 135, 131-140.
Costanza, R., et al. (1997). «The value of the world’s ecosystem services and natural capital.» Nature, 387(6630), 253-260.
Lu, X., et al. (2009). «Potential for wind-generated electricity in China.» Science, 325(5946), 1378-1380.
Wang, L., et al. (2010). «Water resources development and its ecological impacts in the Tarim Basin, Xinjiang.» Environmental Management, 46(6), 844-854.
[1] Xinjiang Gazetesi (新疆日报), 10 Mart 2026, A01 Sayfa — Birinci Haber. Erişim bağlantısı: https://xjrb.ts.cn/xjrb/20260310/255029.html
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















