ئەرەب دۇنياسىدا نوپۇز ئېغىشى: ئامېرىكانىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ كۈچىيىۋاتقان رولى

2026-يىلى 9-ئاپرېل

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇسۇسەن 2024-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە بولغان جەرياندا، ئەرەب دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونى خەلقئارا سىياسىي تەرتىپتىكى تارىخىي ۋە تۈپ خاراكتېرلىك گېئوپولىتىكىلىق بۇرۇلۇشلارنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. بۇ بۇرۇلۇشنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى ئامېرىكانىڭ رايوندىكى سىياسىي، ھەربىي ۋە ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكىنىڭ(Hegemony)  مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئاجىزلىشىشى ھەمدە شۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق يېڭى يەرشارىۋى كۈچلەرنىڭ ئۆز تەسىر دائىرىسىنى سىستېمىلىق كېڭەيتىشىدۇر. بۇ ماقالە، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىنىڭ يىمىرىلىپ، كۆپ قۇتۇپلۇق سىستېمىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان «ئىستراتېگىيەلىك تاقابىل تۇرۇش» (Strategic Hedging) سىياسىتىنى جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەلىرى ئاساسىدا تەھلىل قىلىدۇ[1].

بۇ تەھلىل جەريانىدا بىز نۆۋەتتىكى كىرىزىسلارنىڭ تۈپ يىلتىزىنى ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي قۇتۇپلىشىشى، تاشقى سىياسەتتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى «سودىلىشىش» (Transactionalism) خاھىشى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەردىكى ئىزچىللىقنىڭ يوقىلىشى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىمىز. ئامېرىكانىڭ ئاممىۋى مەنپەئەت ۋە خەلقئارالىق بىخەتەرلىكنى يارىتىش بۇرچىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئەكسىچە ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇقىمسىزلىق يارىتىدىغان كۈچكە ئايلىنىپ قېلىشى، ئەرەب خەلقى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېڭى ھامىي ئىزدەش ئىستىكىنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەززە ۋە ئىران ئۇرۇشلىرى جەريانىدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇننى تەتبىقلاشتىكى روشەن قوش ئۆلچەملىرى، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي ۋە دىپلوماتىك يۈز-ئابرۇيىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، «يەرشارى جەنۇبى» (Global South) نىڭ غەرب مەركەزچىلىكىدىكى سىستېمىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئۈزۈل-كېسىل سۇندۇردى [2].

مەزكۇر مۇھاكىمىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى شۇكى، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەگە يۈزلىنىشىنى پەقەتلا ھەربىي ياكى ئىقتىسادىي ھادىسە دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇ، يەرشارىۋى سىياسىي كۈچلەرنىڭ قايتا تەقسىملىنىشىدىكى تىپىك بىر تارىخىي ۋەقە بولۇپ، بىر مەنىدە ئەرەب رەھبەرلىرىنىڭ تاشقى كۈچلەرنىڭ قولچومىقى بولۇشنى رەت قىلغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر (گەرچە باشقا بىرىنىڭ قولچومىقى بولۇشنىڭ يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقان بولسىمۇ). خىتاينىڭ 2025-يىلى ئېلان قىلغان دۆلەت بىخەتەرلىكى ئاق تاشلىق كىتابىدىكى سىياسەتلەر، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇرەسسەچىلىك رولى ۋە «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىن تارتىپ ئەرەب يېرىم ئارىلىغىچە بولغان تۇتاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، رايون دۆلەتلىرى ئۈچۈن يېڭى بىر تاللاش سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمما، بۇ يېڭى ھامىيلارنىڭ ئەرەبلەرنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كېپىللىك قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقى تېخىچە ئوچۇق سوئال بولۇپ قالماقتا [3].

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ماقالە تۆت ئاساسىي تېمىنى مەركەز قىلىپ قانات يايدۇرۇلىدۇ: ئامېرىكانىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى نوپۇزىنىڭ ئاجىزلاش جەريانى ۋە سەۋەبلىرى؛ خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ رايونغا سىڭىپ كىرىشىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي لوگىكا؛ ئەرەب دۇنياسىنىڭ خەلقئارا قانۇن سىستېمىسىغا بولغان قارىشىدىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بۇرۇلۇشلار ۋە قوش ئۆلچەم كىرىزىسى؛ شۇنداقلا خىتاينىڭ ئەرەبلەرنىڭ ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىك ھامىيسىغا ئايلىنالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى رېئاللىققا ئۇيغۇن مۇھاكىمىلەردىن ئىبارەت.

ئامېرىكانىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى نوپۇزىنىڭ ئاجىزلىشىشى: سەۋەبلەر ۋە سىياسىي لوگىكا

ئامېرىكانىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنىڭ ئورنىغا، قىسقا مۇددەتلىك تاكتىكىلىق ۋە «سودىلىشىش» (Transactionalism) خاھىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. بۇ خىل يېڭىچە يۈزلىنىش رايون دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئېغىر دەرىجىدىكى مۇقىمسىزلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلدى [4].

سودىلىشىش خاراكتېرلىك دىپلوماتىيەنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدە پەيدا قىلغان ئەڭ چوڭ تەسىرى شۇ بولدىكى، رايون رەھبەرلىرى ئامېرىكانىڭ ئىزچىل ۋە ئىشەنچلىك ئىتتىپاقداش بولۇشتىن قېپقالغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ۋاشىنگتوننىڭ سىياسىتى بىر كېچىدىلا شەخسىي خاھىش ياكى ئىچكى سىياسىي بېسىملارغا ئاساسەن ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ھالەتكە يەتتى. بۇ ئەھۋال، ھۆكۈمرانلىقنىڭ مۇقىملىقى نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچنىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىغا بېرەلەيدىغان ئەڭ مۇھىم سوۋغىتى بولغان «خەۋپسىزلىك كاپالىتى» نىڭ يوقىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي قۇتۇپلىشىشىمۇ ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقىغا ئېغىر زەربە بەردى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك دىققىتىنى ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىندۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەشكە باشلىدى. بۇ خىل «ئىستراتېگىيەلىك چېكىنىش» (Strategic Contraction) تەبىئىي ھالدا ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئامېرىكا ياراتقان بوشلۇقنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن تولدۇرۇش ئېھتىياجىنى تۇغدۇردى [5].

خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بولغان «ئەرەب بارومېتىرى» (Arab Barometer) نىڭ 2025- يىلى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرى بۇ تېزىسنى كۈچلۈك قوللايدۇ. مىسىر، ئىيوردانىيە ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامېرىكانى پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئىسرائىلىيە تەرەپتە تۇردى، دەپ قارايدۇ. مىسىردا كىشىلەرنىڭ پەقەت 13 پىرسەنتىلا ئامېرىكا سىياسەتلىرىنى ياخشى دەپ باھالىغان بولسا، خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوللايدىغانلار 58 پىرسەنتكە يەتكەن [6]. بۇ پەرق ئامېرىكانىڭ يۇمشاق كۈچىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

غەززە كىرىزىسى جەريانىدا، ئامېرىكانىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىغا ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى كۆرمەسكە سېلىشى، ئەرەب خەلقلىرىنىڭ ۋاشىنگتونغا بولغان نەپرىتىنى ئويغاتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى رەت قىلىش ھوقۇقىنى (Veto)  ئارقا-ئارقىدىن قوللىنىپ، پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىق تەشەببۇسلىرىنى ئىنكار قىلىشى، ئامېرىكانىڭ ئەخلاقىي رەھبەرلىك سۈپىتىنى پۈتۈنلەي چۈشۈرۈپ تاشلىدى. ئەرەب دۇنياسىدىكى رەھبەرلەر گەرچە مۇستەبىت تۈزۈلمىلەرگە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزسىمۇ، لېكىن ئۆز خەلقىنىڭ كۈچلۈك سىياسىي كەيپىياتىدىن ۋە غەزەپ-نەپرىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئامېرىكا بىلەن ئاشكارا ھەمكارلىشىش ئەرەب رەھبەرلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك سىياسىي قىمارغا ئايلىنىپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەر ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى سىرتقا ئاشكارىلىماسلىققا ۋە ئۆز خەلقىدىن يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

2025-يىلى ۋە 2026-يىلى باھار ئايلىرىدا يۈز بەرگەن ئامېرىكا-ئىران ھەربىي توقۇنۇشىدا ئامېرىكانىڭ قوللانغان چەكلىك دەرىجىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى، ئىراننىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي قۇرۇلمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ۋەيران قىلالمىدى. ئەكسىچە، بۇ ۋەزىيەت ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئارىلىشىشىنىڭ رايونغا تىنچلىق ئەمەس، بەلكى پەقەت يېڭى ۋەيرانچىلىق، سىياسىي بېسىم ۋە ئىراننىڭ قىساس ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى [7].

بىر تەرەپتىن ئامېرىكانىڭ كۆچمەنلەر ۋە ۋىزا سىياسىتىدىكى ئوتتۇرا شەرقلىقلەرگە قاراتقان چەكلىمىلىرى، ئىسلام دۇنياسىغا خاس بىر قىسىم دۆلەتلەرنى تېررورىزم تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش قاتارلىق ئىجتىمائىي-سىياسىي قىلمىشلار ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندىكى يۇمشاق كۈچىنىڭ تېخىمۇ سۇسلىشىشىنى تېزلەتتى. ئامېرىكانىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئەرەب ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ سۇسلىشىشى، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئەۋلادلار ئارا باغلىنىشنىڭ ئۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا خەلقئارالىق سودا ۋە تاموژنا بېجى سىياسىتىدە ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىغىمۇ قاتتىق قوللۇق قىلىپ، ئىقتىسادىي مىللەتچىلىكنى (Economic Nationalism) ئەۋج ئالدۇردى. بۇ خىل ئۆزىنى يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتى ئەرەب كاپىتالىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنى سۇندۇردى. ئەرەب كاپىتالىستلىرى ۋە ھۆكۈمەت مەبلەغ فوندلىرى ئۆز بايلىقلىرىنى تېخىمۇ بىخەتەر ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشمايدىغان ئاسىيا بازارلىرىغا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولدى.

ئامېرىكانىڭ مەمۇرىي ۋە دىپلوماتىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى قىسقارتىلىشى تارىختىكى ئېغىر چەككە يەتتى. ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا كەسپىي مۇئامىلە قىلىدىغان دىپلوماتلارنىڭ ئورنىنى پەقەتلا ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەگە سىياسىي سادىقلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان، رايوننىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىدىن خەۋەرسىز مەسلىھەتچىلەرنىڭ ئىگىلىشى دىپلوماتىيەدىكى كەمتۈكلۈكنى ۋە خاتالىقلارنى ئاشۇردى. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئەرەب دۆلەتلىرى ئامېرىكا ئاپپاراتى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاقە قىلىشتا ئىزچىللىق تاپالمىدى.

مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، ئامېرىكا ئەرەب دۆلەتلىرىگە قورال سېتىپ بېرىشتە دائىم دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى شەرت قىلىپ قوشتى (گەرچە بۇ شەرتلەر پەقەتلا سىياسىي قورال سۈپىتىدە قوللىنىلغان بولسىمۇ). بىراق، بۇ ئەھۋال ئەرەب دۆلەتلىرىنى بىزار قىلدى. خىتاي ۋە رۇسىيە بولسا ھېچقانداق سىياسىي شەرت قوشماستىن ئەڭ ئىلغار قوراللارنى، جۈملىدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

ئامېرىكانىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى ئوبرازى شۇ قەدەر ناچارلاشتىكى، رايوندىكى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق بىخەتەرلىك كۈنلۈكىنىڭ ھەر ۋاقىت يىغىۋېتىلىش ئېھتىماللىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. بۇ «ئىشەنچلىكلىك بوشلۇقى» (Reliability Gap) چوڭىيىپ كەتكەچكە، ئەرەب ئەللىرى باشقا قۇتۇپلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشتىن باشقا تاللاش يولى قالمىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئامېرىكاغا تايىنىپ قېلىشنىڭ كېلەچەكتە دۆلەت مۇنقەرىزلىقىگە ئېلىپ بېرىش خەۋپىنى تەسەۋۋۇر قىلدى.

بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچنىڭ رايوننى تاشلاپ كېتىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ رايوندا قالدۇرۇپ كەتكەن ھاكىمىيەت بوشلۇقى دەرھال تولدۇرۇلىدۇ، بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئۆزگەرمەس پەلسەپە. ئەرەب دۆلەتلىرى مانا مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ۋە ئۆز مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆپ قۇتۇپلۇق تەڭپۇڭلۇق سىياسىتىگە مۇراجىئەت قىلىشقا باشلىدى.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئامېرىكانىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى نوپۇزىنىڭ يىمىرىلىشى تاسادىپىي ھادىسە بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ شەخسىيەتچى، تەرەپسىزلىكنى يوقاتقان، ئىستراتېگىيەلىك توغرا باھالاشلاردىن يىراقلاشقان ۋە ئىزچىل قوش ئۆلچەملىك سىياسەت يۈرگۈزۈشىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلىدۇر [8].بۇ تارىخىي رېئاللىق ئامېرىكانىڭ نوقۇل ھەربىي كۈچى بىلەنلا دۇنيا تەرتىپىنى تۇتۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ رايوندىكى نوپۇزىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئۇنىڭ گېئوپولىتىكىلىق ئىزاھاتى

ئامېرىكانىڭ چېكىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك بوشلۇقى خىتاي ۋە رۇسىيە ئۈچۈن ئەسىردە بىر كېلىدىغان تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۇ ئىككى كۈچ ئۆزلىرىنىڭ رايوندىكى تەسىر دائىرىسىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا شەرقتە يېڭىچە گېئوپولىتىكىلىق تەڭپۇڭلۇق پەيدا قىلدى. خىتاينىڭ 2025-يىللىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئاق تاشلىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، غەربنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقانچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خىتاي ئۆزىنى «تىنچلىق بەرپا قىلغۇچى» ۋە «مۇقىملىق ئېلىپ كەلگۈچى» سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشتى [9].

خىتاينىڭ رايونغا سىڭىپ كىرىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي لوگىكا ئاساسلىقى ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە، يەنى «مۇقىملىق ۋە ئىشەنچلىكلىك» بىلەن تەمىنلەش ئۈستىگە قۇرۇلغان. خىتاينىڭ سىڭىپ كىرىش ئىستراتېگىيەسى بىۋاسىتە ھەربىي كۈچ بىلەن ئارىلىشىشنى رەت قىلىپ، ئىقتىساد، سودا ۋە تېخنىكا سېلىنمىلىرىغا مەركەزلەشتى. بۇ خىل «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق» سىياسىتى، غەربنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا باھانە قىلىپ سىياسىي بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلىدىن بىزار بولغان ئەرەب مۇستەبىت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى [10].

«بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرققە يۈزلىنىشىدىكى تايانچ نۇقتىسىدۇر. بۇ غايەت زور يەرشارىۋى قۇرۇلۇش ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى بىرىنچى كۆۋرۈك قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ئەرەب دۇنياسىغا تۇتۇشىدۇ. پورتلار، خەۋەرلىشىش تورلىرى، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىلىرى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقلار ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىغا تولۇق ئۇيغۇن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار غەربكە تايىنىشنى ئازايتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى سۈپىتىدە بۇ قۇرۇلۇشقا ئاكتىپ قاتناشتى.

سىياسىي جەھەتتە، خىتاي ئوتتۇرا شەرقتە تەدرىجىي ھالدا مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئويناشقا باشلىدى. مەسىلەن، 2023-يىلىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننى ياراشتۇرۇش ئارقىلىق، خىتاي ئۆزىنىڭ پەقەتلا ئىقتىسادىي ھەمراھ بولۇپ قالماستىن، بەلكى سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىمۇ ئىشەنچلىك بىر كۈچ ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىدى. بۇ ھەرىكەت ئامېرىكانى رايوندىكى دىپلوماتىيە سەھنىسىدە قاتتىق تەمتىرىتىپ قويدى. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، 2025-يىلى ۋە 2026-يىلى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەۋجىگە چىققاندا، خىتاي پاكىستان بىلەن بىرلىشىپ بەش نۇقتىلىق تىنچلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق خىتاي، غەربنىڭ ئۇرۇش خاھىشىغا قارشى، ئۆزىنى تىنچلىق ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى تەرغىب قىلىدىغان بىر قۇتۇپ سۈپىتىدە ئەرەب دۇنياسىغا سىڭدۈردى [11].ھورمۇز بوغۇزىدىكى نېفىت تىرانسپورتىنىڭ بىخەتەرلىكى خىتاي ئۈچۈن ھايات-ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ئۇنىڭ رايوندىكى تىنچلىققا كۆڭۈل بۆلۈشى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى قوغداش رېئاللىقىدىن كېلىپ چىققان.

رۇسىيەگە كەلسەك، گەرچە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبلىك غەربنىڭ ئېغىر ئېمبارگوسىغا ئۇچراپ، ھەربىي بېسىم ئاستىدا قالغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاتقىنى يوق، ئەكسىچە كېڭەيتتى. رۇسىيەنىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيەسى «تۆۋەن تەننەرخلىق تەسىر كۆرسىتىش» ۋە غەرب ئىتتىپاقىدىكى سىياسىي بۆلۈنۈشلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش ئاساسىغا قۇرۇلدى [12].

رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ مۇھىم قورالى ئېنېرگىيە دىپلوماتىيەسىدۇر. نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى (OPEC+) رامكىسى ئىچىدە رۇسىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قويۇق ماسلىشىپ، يەرشارىۋى نېفىت باھاسىنى كونترول قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. مەسىلەن، 2026-يىلى ماي ئېيىدا رۇسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىرلىكتە نېفىت مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشقا قوشۇلۇپ، ئامېرىكانىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىگە مۇستەقىل ھالدا تەسىر كۆرسەتتى [13].بۇ خىل ماسلىشىش رۇسىيەگە غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازالىرىنى ئۈنۈملۈك يوققا چىقىرىش ئىمكانىيىتى بەردى. رۇسىيە پەقەت ئېنېرگىيەدىلا ئەمەس، بەلكى سۈرىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك بوغۇزلارغا بولغان تەسىر كۈچىنى كۈچەيتتى. گەرچە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ھەربىي كۈچى چېچىلىپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما لىۋىيەدە خەلىفە ھافتەر قىسىملىرىغا بەرگەن ياردىمى رۇسىيەنىڭ قىتئەلەر ئارا ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشچانلىقىنىڭ (Mobility) يەنىلا ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئەرەب دۆلەتلىرى، خۇسۇسەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ رايونغا سىڭىپ كىرىشىنى ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، «ئىستراتېگىيەلىك تاقابىل تۇرۇش» سىياسىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. بىر دۆلەتكە يۈزدە-يۈز تايىنىپ قېلىشنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كەلتۈرىدىغان خەۋپىنى تونۇپ يەتكەن ئەرەب دۆلەتلىرى ھىندىستان، خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەر قايسىسى ئايرىم-ئايرىم ھەمكارلىقلارنى قۇرۇپ چىقتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە ۋە خىتايمۇ ئەرەب دۇنياسىنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىنى ياخشى چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل تەرەققىيات يولىنى تاللىشىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈردى. بۇ ئىككى قۇتۇپنىڭ مەقسىتى ئامېرىكانى رايوندىن بىراقلا سىقىپ چىقىرىش ئەمەس، بەلكى غەربنىڭ دۇنياۋى نوپۇزىنى ئاجىزلىتىپ، كۆپ قۇتۇپلۇق سىستېمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشكەن.

خۇلاسىلىگەندە، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قەد كۆتۈرۈشى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يېڭىچە يەرشارىۋى تەرتىپكە كۆنۈش ۋە ئۆز مەنپەئەتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداش ئىستراتېگىيەسىگە تامامەن ماس كەلگەنلىكى ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئامېرىكانىڭ سىياسىي-ئىدىيەۋى شەرتلىرىدىن قۇتۇلۇش ئىستىكىدە بولغان ئەرەبلەر ئۈچۈن، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ پىراگماتىك ھەمكارلىق ئۇسۇلى ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ قالدى.

ئەرەبلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن سىستېمىسىغا بولغان قارىشىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە قوش ئۆلچەم كىرىزىسى

خەلقئارا قانۇن ئاساسىغا قۇرۇلغان دۇنيا تەرتىپى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەخلاقىي ۋە سىياسىي بايرىقى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەزىيەتلەر ئەرەب دۇنياسىنىڭ بۇ خەلقئارا قانۇن سىستېمىسىغا بولغان قارىشىدا تۈپتىن، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. غەرب دۆلەتلىرى تەرغىب قىلىپ كەلگەن بۇ «قائىدىگە ئاساسلانغان خەلقئارا تەرتىپ» نىڭ ئەمەلىيەتتە كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى كونترول قىلىدىغان ۋە غەربنىڭ مەنپەئەتىگىلا خىزمەت قىلىدىغان سىياسىي قورال ئىكەنلىكى تولۇق ئاشكارىلاندى.

بۇ ئەخلاقىي بۇرۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ مۇھىم ئامىل، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن غەززە توقۇنۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى غايەت زور پەرقلەر، يەنى دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان «قوش ئۆلچەم» (Double Standards  / ازدواجية المعايير) سىياسىتىدۇر[14]. ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە غەرب دۆلەتلىرى بىردەك بىرلىشىپ خەلقئارا قانۇننى قوغداش ۋە ئىگىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش شوئارى بىلەن رۇسىيەگە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىقتىسادىي جازالارنى، تەنھەرىكەت ۋە سەنئەت چەكلىمىلىرىنى يولغا قويدى.

بىراق، غەززە مەسىلىسىگە كەلگەندە، ئون مىڭلىغان بىگۇناھ پۇقرالار، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار قىرغىن قىلىنىۋاتسىمۇ، غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا خەلقئارا قانۇننى پۈتۈنلەي بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، تاجاۋۇزچى تەرەپنى قورال بىلەن تەمىنلەشنى ۋە سىياسىي جەھەتتىن شەرتسىز قوغداشنى داۋاملاشتۇردى [15]. بۇ پەۋقۇلئاددە تەڭسىز ھادىسە ئەرەبلەر نەزىرىدە خەلقئارا قانۇننىڭ پەقەت ئاق تەنلىك غەربلىكلەر ئۈچۈنلا ئىشلەيدىغانلىقىنى، مۇسۇلمان ۋە ئەرەب خەلقلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ خەلقئارا سىستېمىدا قىممىتى يوقلۇقىنى ئىسپاتلىدى.

خەلقئارا قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىكى بۇ خىل روشەن ئادالەتسىزلىك سەۋەبلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكانىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى «يۇمشاق كۈچى» (Soft Power) ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران بولدى [16]. ئەرەب زىيالىيلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتلەر غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەققىدىكى نۇتۇقلىرىنىڭ پەقەتلا سىياسىي نىقاب ئىكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىشقا باشلىدى.

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى (ICJ) مەسىلىسىدىمۇ بۇ تەڭسىزلىك كۆرۈلۈپ تۇردى. گەرچە 2024-يىلىدىكى باھالاشتا مەھكىمە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب كۈچلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى توسقۇنلۇقلىرى سەۋەبىدىن بۇ خەلقئارالىق قارارلار قەغەز يۈزىدە قېلىۋەردى [17]. بۇ ئەھۋال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئادالەتنى ياقلاش ئىقتىدارىغا بولغان دۇنياۋى ئىشەنچنى يوققا چىقاردى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (ICC) نىڭ ھەرىكىتىمۇ «ئادالەتنىڭ تاللاپ تەتبىقلىنىشى» نىڭ (Selective Application of Justice) ئەڭ يارقىن مىسالى سۈپىتىدە تارىخقا كىردى [18]. ئۇكراىنا مەسىلىسىدە ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەكشۈرۈش باشلاپ رۇسىيە رەھبىرىگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان مەھكىمە، پەلەستىن مەسىلىسىگە كەلگەندە يىللاپ ئايلىنىپ يۈردى، غەرب كۈچلىرىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا، ھەتتا ئاشكارا تەھدىتلىرىگە ئۇچرىدى.

جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئوبيېكتىپ قانۇن ئانالىزىدا، بۇ ئەھۋاللار قانۇننىڭ پەقەت سىياسىي ھوقۇقنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. خەلقئارا قانۇن سىستېمىسىدىكى مەۋجۇت تەرتىپلەر كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىن مونوپول قىلىنغان بولۇپ، ئەرەبلەر ياكى باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا بۇ سىستېمىغا ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. خەلقئارا قانۇننى تەتبىقلاشتىكى قوش ئۆلچەم سىياسىتى بىر قاتار ئەرەب سىياسىيونلىرىنىڭ ۋە قانۇنشۇناسلىرىنىڭ يېڭى خەلقئارالىق ئورگانلارنى تەلەپ قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئەرەب مۇتەپەككۇرلىرى ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار خەلقئارا سىستېمىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بەش چوڭ دۆلەتنىڭ مونوپوللۇقىنى بىكار قىلىپ، دۇنياۋى تەكشىلىكنى، شۇنداقلا «يەرشارى جەنۇبى» نىڭ ئاۋازىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان تەرتىپلەرنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى سىستېمىلىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى [19].

خەلقئارا قانۇننىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى بۇ ئېغىر كىرىزىسى ئۇلارنى يېڭى ئىتتىپاقداشلار بىلەن ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان رېئالىزمغا (Realism) يۈزلەندۈردى. نەتىجىدە، ئەرەبلەرنىڭ خەلقئارا سىستېمىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە گۇمانخورلۇق كۈچىيىپ، غەربنىڭ قانۇنىي ۋەدىلىرىگە قەتئىي ئىشەنمەيدىغانلىقى، ئۆز بىخەتەرلىكىنى ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغدىيالايدىغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقلار بىلەنلا ساقلاپ قالالايدىغانلىقىدەك چۈشەنچە ئومۇملاشتى [20].

بۇ بۇرۇلۇش، دۇنيا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تارىخىدا بىر ئېپىستېمولوگىيەلىك (Epistemological)  يېرىلىش بولۇپ، ئۇ قىممەت قاراش، قانۇن، ئادالەت ئېڭىدا غەربنىڭ ئەخلاقىي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر. كېلەچەكتىكى يەرشارىۋى سىستېمىنىڭ قايتا تۈزۈلۈشىدە غەربكە قارشى بىر مۇھىم نەزەرىيەۋى ۋە سىياسىي ئاساس دەل مۇشۇ قوش ئۆلچەمگە بولغان نارازىلىقتىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ [21].

خىتاي ئەرەبلەرنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالامدۇ؟ ئىشەنچلىك ھامىيغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟

ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ غەربتىن يۈز ئۆرۈپ شەرقتىكى يېڭى كۈچلەرگە، خۇسۇسەن خىتايغا ئۈمىد بىلەن قاراۋاتقان بىر پەيتتە، تارىخىي ۋە سىياسىي نۇقتىدىن ئىنتايىن سەزگۈر بىر سوئال كېلىپ چىقىدۇ: خىتاي ھەقىقەتەنمۇ ئەرەبلەر ئۈمىد قىلغاندەك مۇتلەق ئىشەنچلىك ھامىي ۋە ئامېرىكانىڭ ئورنىنى باسالايدىغان بىخەتەرلىك كاپالەتچىسىگە ئايلىنالامدۇ؟

ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي شۈبھىسىزكى ئەرەب دۇنياسى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھقا ئايلىنىپ بولدى. خىتاي ئۆزىنىڭ دۇنياۋى يۇقىرى تېخنىكا قۇرۇلمىسى، جۈملىدىن سۈنئىي ئەقىل (AI)، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تېلېگراف ۋە يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردە ئەرەب دۆلەتلىرىگە مىسلى كۆرۈلمىگەن مەبلەغ سېلىپ شارائىتلارنى يارىتىپ بەردى. پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى (GCC) گە ئەزا دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ «مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت» (Investor State)  تىپىغا كۆچۈش ئىستراتېگىيەسىدە، خىتاينىڭ كاپىتال ۋە قۇرۇلۇش كۈچىگە تايىنىپ، غەربنىڭ مونوپوللۇقىنى ئۈنۈملۈك شەكىلدە بۇزۇپ تاشلىدى [22].

لېكىن گېئوپولىتىكىلىق ۋە قاتتىق ھەربىي بىخەتەرلىك (Hard Security) نۇقتىسىدىن مۇلاھىزە قىلىنغاندا، خىتاينىڭ رايوندا ئامېرىكادەك ھامىيغا ئايلىنىش ئىقتىدارىنىڭ ۋە سىياسىي ئىرادىسىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. خىتاي تارىختىن بۇيان چەت ئەللەردە ھەربىي توقۇنۇشلارغا، بولۇپمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئۇرۇشلىرىغا بىۋاسىتە قوراللىق قاتنىشىشتىن قەتئىي ئېھتىيات قىلىپ كەلگەن. خىتاينىڭ دىپلوماتىك پەلسەپەسى ھەر قانداق دۆلەت بىلەن باشقىلارغا قارشى «ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق» (Military Alliance) ئورنىتىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىتاينىڭ سىياسىتى ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا شەرقتە «بىخەتەرلىككە ھەقسىز ئېرىشىش» ياكى باشقىچە ئېيتقاندا، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىلا ئامېرىكانىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويۇپ، ئۆزى پەقەت ئىقتىسادىي مېۋىلەرنى يىغىشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن، خىتاي 2026-يىلى باھاردىكى ئۇرۇش كىرىزىسىدە دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەرەب دۆلەتلىرىنى تاشقى ۋە ئىچكى ھەربىي تەھدىتلەردىن بىۋاسىتە قوغداش ۋەدىسىنى ھېچقاچان بەرگىنى يوق [23].

ئەرەب رەھبەرلىرىگە بۇ نۇقتا ئىنتايىن ئايان. ئۇلار خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ گەرچە پايدىلىق بولسىمۇ ئىقتىسادىي مەركەزلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. رايوندىكى دۆلەتلەر ئەڭ ئىلغار ھاۋا مۇداپىئە قورال سىستېمىلىرى ۋە رادىكال دەرىجىدىكى تاشقى ھەربىي تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ھېلىھەم ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر بولماقتا. ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى خىتاينىڭ تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقى، خىتاينىڭ مۇتلەق ھامىي بولۇش يولىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇسىدۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكانىڭ ئورنىغا باشقا بىر مۇتلەق ھۆكۈمران كۈچنىڭ كېلىپ بېشىغا چىقىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ. ئەرەبلەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى خىتاينى ئامېرىكانىڭ بېسىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشتۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقىنى تولۇق ساقلاپ قېلىشنى، بېيجىڭنىڭ سىياسىي بۇيرۇقلىرىغا ياكى قەرز تۇزاقلىرىغا بويسۇنۇپ قالماسلىقنى خالايدۇ.

بۇ خىل سىياسىي تاللاش شارائىتىدا، خىتاي ئەرەبلەر ئۈچۈن ئىشەنچلىك «تىجارەت ۋە مەبلەغ ھەمراھى» بولالىسىمۇ، تۇلۇق مەنىدىكى «قوغدىغۇچى ھامىي» بولالمايدۇ. خىتاينىڭ رايوندا سىياسىي توقۇنۇشلارغا كىرمەستىن، ئىران، ئىسرائىلىيە، سەئۇدى قاتارلىق بارلىق تەرەپلەر بىلەن ياخشى ئۆتۈش تاكتىكىسىنى قوللىنىشى، پەۋقۇلئاددە كىرىزىس مەزگىلىدە خىتاينىڭ ئەرەبلەر تەرەپتە بىر تەرەپلىمە قەتئىي مەيداندا تۇرمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، خىتاينىڭ رايوندا قەد كۆتۈرۈشى بىر تەرەپتىن ئەرەبلەر ئۈچۈن گېئوپولىتىكىلىق مانېۋىر بوشلۇقى ياراتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ يېڭى، مۇرەككەپ بىخەتەرلىك ھالىتىگە كۆنۈشى ئۈچۈن كۆپ قۇتۇپلۇق مۇناسىۋەتلەرنى ماھىرلىق بىلەن باشقۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دېمەك، ئەرەبلەرنىڭ كېلەچەكتىكى ئىستراتېگىيەسى خىتايغىلا باغلىنىپ قېلىش بىلەنلا چەكلەنمەي، رۇسىيە، ياۋروپا، ھىندىستان قاتارلىق تەرەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تورسىمان (Networked) ھەمكارلىق ۋە تەڭپۇڭلۇق لايىھەسىنى روياپقا چىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ.

يەكۈن: يېڭى دۇنياۋى تەرتىپنىڭ شەكىللىنىشى

ئوتتۇرا شەرق ۋە ئەرەب دۇنياسىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە باشتىن كەچۈرگەن گېئوپولىتىكىلىق ئۆزگىرىش، تارىختا كەم ئۇچرايدىغان بىر «بۈيۈك تەكرار شەكىللىنىش» (Great Realignment) دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئامېرىكانىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى نوپۇزىنىڭ سۇسلىشىشى، پەقەتلا مەلۇم بىر ئامېرىكا مەمۇرىيىتىنىڭ خاتالىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مەزگىللىك سىستېمىلىق قوش ئۆلچەم، سودىلىشىش خاراكتېرلىك تاشقى سىياسەت ۋە خەلقئارا قانۇننى ئۆز مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكەندە بىر چەتكە قايرىپ قويۇش ئادىتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر.

بۇ جەرياندا خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت تەمىنلىگۈچىلەر سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك غەرب ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىندى بولۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى. ئەرەب دۆلەتلىرى، خۇسۇسەن قولتۇق رايونىدىكى كۈچلەر، ئەمدى باشقا بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچكە يۈزدە-يۈز تايىنىپ قېلىشنى رەت قىلىپ، ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە سىياسىي جەھەتتە كۆپ قۇتۇپلۇق مۇناسىۋەت تورىنى بەرپا قىلىشنى تاللىدى. ئۇلار شەرقتىكى يېڭى كۈچلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە يۈزلەندى.

بۇ ئەھۋاللار بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، 2026-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دۇنيا مەنزىرىسى، ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆپ مەنبەلىك كۈچلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇققا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان كۆپ قۇتۇپلۇق دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئەرەب دۇنياسى بۇ يېڭى تەرتىپنىڭ پاسسىپ كۆزەتكۈچىسى بولۇشتىن قۇتۇلۇپ، يەرشارىۋى سىياسىي كۈچلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسىي ئاكتىيورلاردىن بىرىگە ئايلاندى. دېمەك، خەلقئارا قانۇن ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەملەر ئۆزگەرمەس غەرب قېلىپىدىن چىقىپ، تېخىمۇ كەڭ مەنبەلىك، باراۋەرلىككە ئىنتىلىدىغان يېڭىچە سىستېما تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ تارىخىي بۇرۇلۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىش يولىدىكى مۇقەررەر، شۇنداقلا رەھىمسىز رېئاللىق دەۋرىدۇر.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1        Brian Katulis, «US Policy in the Middle East in the First Year of Trump 2.0: A Report Card», February 6, 2026, Middle East Institute.

2        Amaney A. Jamal and Michael Robbins, «America Has Lost the Arab World», April 7, 2026, Foreign Affairs.

3        Ziya Guo, «What China’s 2025 White Paper Says About Its Maritime Strategy», August 19, 2025, CSIS.

4        Paul Salem, Brian Katulis, Jason H. Campbell, et al., «الأعمال غير المنجزة ستحدد أجندة الشرق الأوسط في عام 2026», December 16, 2025, Middle East Institute.

5        «环球深壹度| 战略收缩进退失据——美国在中东地区影响力的变化», 2021-09-06 11:06:57, 新华网.

6        曹元龙, «全球南方成为推动世界发展的核心支撑——现代院年度战略报告展望2026年全球十大趋势», 2026-01-07 02:15, 光明网.

7        Sergey Vakulenko, «What the Russian Energy Sector Stands to Gain From War in the Middle East», March 24, 2026, Carnegie Endowment for International Peace.

8        د. عمرو درّاج, «تراجع الدور الأمريكي وسيناريوهات مستقبل المنطقة العربية», 9 نوفمبر 2021, المعهد المصري للدراسات.

9        «2025 China’s National Security in the New Era», May 2025, Air University.

10      «中东政治演进的特点», 中国现代国际关系研究院.

11      Abid Hussain, «Will China join Pakistan-led efforts to mediate US-Iran peace?», March 31, 2026, Al Jazeera.

12      Nikolay Kozhanov, «Russia is weakened, but its influence in the Middle East should not be underestimated», December 11, 2025, Chatham House.

13      Muflih Hidayat, «Saudi Arabia Russia Oil Production Rises May 2026», April 6, 2026, Discovery Alert.

14      Andreas Motzfeldt Kravik, «We must avoid double standards in foreign policy», April 18, 2024, Al Jazeera.

15      Imad Asmar, «Gaza: Between global silence and the double standards of justice», September 19, 2025, PMC Dialogues Health.

16      James Lynch, «When soft power is spent: Gaza, Ukraine, and Europeans‹ standing in the Arab world», March 4, 2024, European Council on Foreign Relations.

17      Dr. Eran Shamir-Borer, Adv. Mirit Lavi, «Advisory Opinion of the International Court of Justice on the Legal Consequences of Israel’s Policies and Practices in the Occupied Palestinian Territory», August 01, 2024, The Israel Democracy Institute.

18      Hasibur Rahaman, Ahamad Ali, Foisal Ahmed, Sadia Afrin, Sanjida Afroze, «The Selective Application of Justice: Comparing ICC Investigations in Ukraine and Palestine», January 2026, Open Journal of Political Science.

19      مؤلف جماعي (إشراف وتنسيق البزاز محمد وشكراني الحسين), «استكتاب مؤلف جماعي: القانون الدولي وسُؤال الفعالية»,  April 20, 2024, ARJIL –   الكتاب العربي للقانون الدولي.

20     د. عبد المجيد مراري, «ازدواجية المعايير في القانون الدولي», YouTube / NATV.

21      Tor Krever, «Palestine and the limits of international law», October 14, 2025, Revista Crítica de Ciências Sociais.

22     «تحليل المتغيرات الدولية في 2025 وآفاق العام الجديد», Jan 20, 2026, ICSS.

23     Dan Steinbock, «The Unwarranted War against Iran: The U.S.-China Stakes», April 04, 2026, CHINA US Focus.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*