خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: دۇنيا زوراۋانلىق ئاساسىدىكى يېڭى بىر تەرتىپنىڭ گىرۋىكىدە تۇرماقتا

2026-يىلى 22-ئاپرېل

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، دۇنيا بۈگۈنكى كۈندە قۇدرەتلىك دۆلەتلەر، يەر شارى خاراكتېرلىك كارخانىلار ۋە ھوقۇققا قارشى كۈچلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك تۈزۈمگە، خەلقئارا قانۇنغا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قىلغان سىستېمىلىق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن خەتەرلىك يېڭى بىر دەۋرنىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ قالدى. تەشكىلاتنىڭ «2025/26-يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى دوكلاتى»دا ئېلان قىلىنغان بۇ ئاچچىق ھەقىقەت، دۇنيادىكى 144 دۆلەتنىڭ ئەھۋالىنى باھالاش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا دۆلەتلەر، خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى «مۇرەسسەچىلىك سىياسىتى»نى رەت قىلىشى، زوراۋانلىق ئاساسىدىكى بۇ يېڭى تەرتىپنىڭ ئورنىتىلىشىغا كوللېكتىپ قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد (Agnès Callamard) نىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئىنسانىيەت زامانىمىزدىكى ئەڭ مۇرەككەپ ۋە قىيىن دەۋرگە يۈزلەنمەكتە، قانۇنسىز ئۇرۇشلار ۋە ئاشكارا ئىقتىسادىي پاراكەندىچىلىكلەر ئارقىلىق ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان زوراۋان ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھۇجۇمى نىشانىغا ئايلانماقتا.

نۆۋەتتىكى كىرىزىس پەقەت سىستېمىدىكى كىچىك تىپتىكى چېكىنىش ئەمەس، بەلكى قۇدرەتلىك كۈچلەر تەرىپىدىن مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە جازاسىز قېلىش مەقسىتىدە خەلقئارالىق قائىدىلەرگە قىلىنغان بىۋاسىتە ھۇجۇمدۇر. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كۆپ يىللاردىن بۇيان دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاستا-ئاستا پارچىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، ھۆكۈمەتلەر ۋە كارخانىلارنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ «قوش ئۆلچەم» ۋە خەلقئارا قانۇنغا تاللاپ رىئايە قىلىش قىلمىشلىرى جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى پالەچ قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۇنياۋى ئۇللىرىنى ۋەيران قىلماقتا.

ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلار دەل مۇشۇ قانۇنسىزلىققا يۈزلىنىشنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت نىزامنامىسىدا خىلاپ ھالدىكى ھۇجۇملىرى ۋە ئىراننىڭ قايتۇرغان زەربىلىرى رايوندىكى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈردى. بۇ توقۇنۇشلار پۇقرالارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارشى ئوچۇق ئۇرۇشقا ئايلىنىپ، مىليونلىغان كىشىنىڭ تىرىكچىلىكىگە تەھدىت سالماقتا. بۇ، ئىنسانىيەتنى قوغداش ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە قۇرۇلغان ئاپپاراتلار ۋە قانۇنلۇق رامكىلارنىڭ زومىگەرلىك مەقسىتىدە ۋەيران قىلىنىشىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر.

دۇنيا مىقياسىدا خەلقئارا جىنايەتلەر سىستېمىلىق ھالدا كېڭەيمەكتە. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كارىب دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياندىكى كېمىلەرنى بومباردىمان قىلىپ، 150 تىن ئارتۇق سوتسىز ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى ھەمدە 2026-يىلى 1-ئايدا ۋېنېزۇئېلاغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرىگە بولغان ھاۋا ھۇجۇمىنى كۈچەيتكەن بولسا، بىرما (ميانمار) ھەربىي دائىرىلىرى كەنتلەرگە پارتلاتقۇچ تاشلاپ پۇقرالارنى قىرغىن قىلدى. بۇ ۋەقەلەر خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ كەڭ كۆلەمدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

قوراللىق توقۇنۇشلارغا سىرتتىن ئارىلىشىش ۋە «ۋاكالەتچى كۈچلەر»نى قوللاش قىلمىشلىرى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسلىرىنى تېخىمۇ ئۇلغايتماقتا. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى سۇداندىكى توقۇنۇشقا ئارىلىشىپ، «تېز ياردەم بېرىش قىسىملىرى»غا ئىلغار خىتاي قوراللىرىنى تەمىنلىدى، نەتىجىدە ئەل فاشېر شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ۋە جىنسىي زوراۋانلىق جىنايەتلىرى سادىر قىلىندى. كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە بولسا رۇۋاندانىڭ قوللىشىدىكى M23 قوراللىق گۇرۇپپىسى شەھەرلەرنى بېسىۋېلىپ، پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قىيىن-قىستاققا ئالدى.

ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىدە، ئىسرائىلىيە 2025-يىلى 10-ئايدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە پىسەنت قىلماي، غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق (Apartheid) سىستېمىسىنى داۋاملاشتۇردى. غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستا قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلارنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋېلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يەھۇدىي ئولتۇراقلاشقۇچىلارنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە تېررورلۇق قىلىشىغا يول قويۇپ بەردى. ھەتتا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار پەلەستىنلىكلەرنى ئاساسسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىش قىلمىشلىرىنى ماختىدى.

توقۇنۇش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى تېخىمۇ كۆپ بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا. 2026-يىلىنىڭ بېشىدا، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ئىراننىڭ قايتۇرما زەربە بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە لىۋانغا بولغان ھۇجۇمىنى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچەيتتى. ئامېرىكىنىڭ ئىراندا بىر مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمىدا 100 دىن ئارتۇق كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ۋەيران قىلغۇچ ھۇجۇملار مىليونلىغان كىشىنىڭ يېمەكلىك، سۇ ۋە سەھىيە ھوقۇقىنى خەتەرگە ئىتتىرىپ قويدى.

دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ زۇلمى كۈچەيمەكتە. ئافغانىستاندا تالىبانلار ئاياللارنىڭ مائارىپ، خىزمەت ۋە ئەركىن يۈرۈش ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي بوغۇپ تاشلىدى. ئىران بولسا 2026-يىلى 1-ئايدا نامايىشچىلارنى قىرغىن قىلىپ، يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قانلىق باستۇرۇشنى ئېلىپ باردى.

گەرچە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر يىللىق دوكلاتىدا ئاساسلىق تېما سۈپىتىدە تەپسىلىي توختالمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىمۇ دەل يۇقىرىقى نۇقتىئىنەزەر بىلەن كۆزىتىشكە بولىدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قامىشى، زامانىۋى تېخنىكىلار بىلەن پۈتۈن بىر مىللەتنى رەقەملىك تۈرمىگە بەند قىلىشى ۋە سىستېمىلىق تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى خەلقئارا قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىدۇر. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈكۈتىدىن ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك جاۋابكارلىق سىستېمىسىدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سالىدىغان جىنايەتلىرىنى جازاسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

خەلقئارا ئەدلىيە سىستېمىسى، خۇسۇسەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (ICC) ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىدى. ترامپ ھۆكۈمىتى ICC خىزمەتچىلىرىگە جازا يۈرگۈزدى، رۇسىيە بولسا سوت ئەمەلدارلىرىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ «رىم نىزامنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقىشى خەلقئارالىق مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.

مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، مۇرەسسەچىلىك پوزىتسىيەسىدە بولدى. ئىتالىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە پولشاغا ئوخشاش دۆلەتلەر ICC نىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقەرىلدىغان شەخسلەرنى قولغا ئېلىشنى رەت قىلدى. ئاگنېس كاللامارد دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ بۇنداق سۈكۈت قىلىشىنى «ئەخلاقىي جەھەتتىن ۋەيران بولغانلىق» دەپ تەنقىد قىلدى.

2025-يىلى پۇقرالار جەمئىيىتىگە قىلىنغان ھۇجۇملار شىددەت بىلەن كۆپەيدى. جۇڭگو، ھىندىستان، ئامېرىكا ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر نامايىشلارنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇردى. ئەنگلىيەدە ئىسرائىلىيە قورال ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا قارشى تۇرىدىغان «پەلەستىن ھەرىكىتى» چەكلىنىپ، 2700 دىن ئارتۇق ئادەم تۇتقۇن قىلىندى. تۈركىيەدە ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، يۈزلىگەن تىنچ نامايىشچى سىياسىي غەرەز بىلەن تۇتۇلدى. ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلارغا قارىتا قوپال كۈچ ئىشلىتىپ، غايىب قىلىۋېتىش ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر جاسۇسلۇق دېتاللىرىدىن پايدىلىنىپ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغدى. مەسىلەن، ئامېرىكا سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق پەلەستىننى قوللىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىپ چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەرب دۆلەتلىرى خەلقئارا ياردەم خامچوتىنى قىسقارتىپ، ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتتى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى كىلىمات ئۆزگىرىشىنى «ئالدامچىلىق» دەپ ئاتىغان ۋەزىيەتتە، كىلىمات كىرىزىسلىرى مىليونلىغان ئادەمنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئىتتىرمەكتە. گەرچە ۋەزىيەت مۇشۇنداق خەتەرلىك بولسىمۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىليونلىغان كىشىلەر ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇشتىن قەتئىي يانمىدى. 2025-يىلى Z ئەۋلاد (Gen Z) ياشلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشلىرى نۇرغۇن دۆلەتلەردە پارتلىدى. ياۋروپادىكى پورت ئىشچىلىرى ئىسرائىلىيەگە قورال توشۇشنى توسۇپ قالدى. بۇ ھەرىكەتلەر پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

بەزى دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقىنى تونۇپ يېتىپ «گاگا گۇرۇپپىسى» (Hague Group) غا قوشۇلدى ۋە خەلقئارا سوتنى قوللىدى. فىلىپپىن سابىق پىرېزىدېنت دۇتېرتېنى ICC غا تاپشۇرۇپ بەردى. ئاگنېس كاللامارد تەكىتلىگەندەك، 2026-يىلى ئىنسانىيەت ئۈچۈن تارىخ يارىتىدىغان يىل بولۇشى كېرەك. بىز چوقۇم دادىل ئىتتىپاقلىق ئورنىتىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئاساس قىلغان دۇنيا تەرتىپىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*