يەرشارىۋى كۈچ تالىشىش مەركىزىدىكى تەيۋەن بوغۇزى: ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابىتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆرسەتكۈسى تەسىرى

2026-يىلى 24-مارت

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت                                                  

يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردىكى يەرشارىۋى گېئوپولىتىكىلىق مۇھىت مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە بولۇپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى خەلقئارا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچ تالىشىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەھنىسىگە ئايلاندى. بۇ كەڭ دائىرىلىك رىقابەت مەيدانىنىڭ دەل مەركىزىدە بولسا تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسى تۇرماقتا. تەيۋەننىڭ سىياسىي ۋە خەلقئارالىق ئورنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى كېڭەيتىش غەرىزى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يېتەكچىلىكىدىكى ئەركىن ۋە ئوچۇق خەلقئارالىق تۈزۈلمىنى قوغداش ئىرادىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ كەسكىن توقۇنۇش نۇقتىسىدۇر [1]. مەزكۇر ماقالە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاقىللار ئامبارلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا، بۇ مۇرەككەپ كىرىزىسنى كۆپ قاتلاملىق ۋە سىستېمىلىق ئانالىز قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

تەيۋەن مەسىلىسى پەقەتلا خىتاي بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك سىياسىي ئىختىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل يەرشارىنىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىقى، بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق ئامىلدۇر. ئەگەر تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربىي توقۇنۇش پارتلىسا، بۇنىڭ تەسىرى يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ۋەيران قىلىپلا قالماي، بەلكى خەلقئارا تەرتىپنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن [2]. بۇنداق بىر تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ۋە نىشانلىرىنى توغرا چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ئاكادېمىك قاتلامدىن قارىغاندا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەيۋەنگە قىلىۋاتقان بېسىمى تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ھادىسە ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك، پىلانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. خىتاينىڭ بۇ خىل كېڭەيمىچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە سىياسىتى ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە دۆلەت تېررورى سىياسەتلىرى بىلەن زىچ باغلانغان. خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي ۋە دىپلوماتىك تەھدىتلىرى ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتچىلىك كەيپىياتىنى قوزغاش ۋە ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنىيلىقىنى مۇستەھكەملەش رولىنى ئوينايدۇ [3].

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەيۋەن بوغۇزىدىكى كىرىزىسنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئېغىر زۇلۇم تارتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. تەيۋەندىكى دېموكراتىيەنىڭ تەقدىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە خىتاي ئېلىپ كېلىدىغان ئۇرۇش خەۋپى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق بوشلۇقىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتىنى قايتىدىن قېلىپلاشتۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ گېئوپولىتىكىلىق مۇساپىنى تەھلىل قىلىش مىللىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن زور ئاكادېمىك ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەزكۇر ماقالە تېمىنى تۆت ئاساسلىق نۇقتىدىن يېشىپ بېرىدۇ: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەيۋەن ئىستراتېگىيەسى، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى تۈپكى مەيدانى ۋە مەقسىتى، خىتاينىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى ۋە ئۇرۇشنىڭ تەسىرى، شۇنداقلا بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت دۇچ كېلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خىرىسلار تەپسىلىي، ئىلمىي لوگىكا بىلەن شەرھلىنىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەيۋەن ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى بىر كېچىدىلا شەكىللەنگەن ئەمەس، بەلكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىن باشلاپ تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە تەرەققىي قىلىپ كەلگەن مۇرەككەپ ۋە كۆپ قىرلىق دىپلوماتىك قۇرۇلمىدۇر. 1949-يىلى گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ تەيۋەنگە چېكىنىشى ۋە ئارقىدىنلا پارتلىغان كورېيە ئۇرۇشى ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى كوممۇنىزم كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئالدىنقى سەپ بازىسىغا ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان [4]. ئەينى ۋاقىتتا تەيۋەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاسىيادىكى بىخەتەرلىك مۇھىتىنى قوغداشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئىستراتېگىيەلىك نۇقتا دەپ قارالغان.

1970-يىللارغا كەلگەندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئىستراتېگىيەسىنى قوللاندى. 1972-يىلىدىكى «شاڭخەي قوشما باياناتى» ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇرەسسەنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بۇ جەرياندا ئامېرىكا خىتاينىڭ تەيۋەننى ئۆز تېررىتورىيەسى دەپ قارايدىغانلىقىنى پەقەتلا «ئېتىراپ قىلدى» (Acknowledge)، ئەمما ئۇنى قانۇنىي جەھەتتىن «تونۇمىدى» (Recognize) [5].بۇ ئىنچىكە دىپلوماتىك سۆز ئويۇنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆز مەيدانىنى ساقلاپ قېلىشىدىكى ئاساسىي ئامىل بولۇپ قالدى.

1979-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندا، ئامېرىكا پارلامېنتى جۇمھۇرىيەتچى خىتاي (تەيۋەن) نىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن «تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى» (Taiwan Relations Act) نى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە مۇداپىئە خاراكتېرلىك قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشىنى قانۇنلۇق ئاساس بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى شەرتلىكىنى، ھەرقانداق قورال كۈچى ياكى مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتىگە ئېغىر تەھدىت دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق بەلگىلىدى[6]. بۇ قانۇن ئامېرىكانىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان غەيرىي رەسمىي مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئۇل تېشىدۇر.

بۇ سىياسىي رامكىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەركىبىي قىسمى 1982-يىلى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى رونالد رېگان تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئالتە تۈرلۈك كاپالەت» (Six Assurances) تۇر. بۇ كاپالەتتە ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ۋاقتىنى توختىتىشقا قەرەل بەلگىلىمەيدىغانلىقى، تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچى بولمايدىغانلىقى ۋە تەيۋەننى خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇرلىمايدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى خىتاينىڭ بېسىمىدىن قوغدىشىدىكى تۈپ پىرىنسىپلارنىڭ بىرىدۇر [7].

مۇشۇ ئۈچ قوشما بايانات، تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى ۋە ئالتە تۈرلۈك كاپالەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى» (One China Policy) نى تەشكىل قىلىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئامېرىكانىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى» خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەشەببۇس قىلىۋاتقان «بىر خىتاي پىرىنسىپى» (One China Principle) دىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئاخىرقى سىياسىي ئورنى ئۈستىدە كەسكىن مەيدان ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ پەقەتلا تىنچ يول بىلەن ۋە تەيۋەن خەلقىنىڭ قوشۇلۇشى ئاستىدا ھەل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ [8].

بۇ رامكا ئامېرىكانىڭ 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «ئىستراتېگىيەلىك مۈجمەللىك» (Strategic Ambiguity) سىياسىتىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسىنى ياراتتى. ئىستراتېگىيەلىك مۈجمەللىك سىياسىتى قوش يۆنىلىشلىك توسۇش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەيۋەننىڭ رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلاپ، توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنى چەكلەيدۇ [9]. بۇ مۈجمەللىك ئىككى تەرەپنىڭ ئامېرىكانىڭ ئاخىرقى ھەرىكىتىنى مۆلچەرلىيەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇرۇش پارتلاش خەۋپىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگەن.

بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زامانىۋىلىشىشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە شەكىللەنگەن تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلىدى. دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە باشلانغان ۋە جو بايدىن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە داۋاملاشقان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت نەتىجىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەيۋەن بىلەن بولغان غەيرىي رەسمىي مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى [10]. جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قانچە قېتىم «ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقى» ھەققىدىكى سۆزلىرى، گەرچە كېيىن ئاقساراي تەرىپىدىن ئوڭشالغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.

نۆۋەتتە ۋاشىنگتون سىياسىي ساھەسىدە بۇ «ئىستراتېگىيەلىك مۈجمەللىك» نى تاشلاپ «ئىستراتېگىيەلىك ئېنىقلىق» (Strategic Clarity) قا ئۆتۈش مۇنازىرىسى قىزىماقتا. ئاكادېمىكلار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھازىرقى تاجاۋۇزچىلىق قىياپىتى ئالدىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېنىق سىگنال بەرمەسلىكى بېيجىڭنى خاتا ھۆكۈم چىقىرىشقا، يەنى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا [11]. بۇ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ پەقەت زېمىن ماجىرالىسىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق سىياسىي تەرتىپنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئامېرىكانىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانى ۋە مۇددىئالىرى

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تەيۋەن مەسىلىسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىلا ئەمەس، بەلكى پارتىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيلىقىنىڭ تۈپ ئاساسىغا ئايلانغان. خىتاينىڭ نەزەرىيەسىدە، تەيۋەننى قوشۇۋېلىش خىتاينىڭ 19-ئەسىردىكى «يۈز يىللىق خورلۇق» نى يۇيۇپ تاشلىشىنىڭ ۋە شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىدۇر [12]. خىتاينىڭ دۆلەت تەشۋىقاتى بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كەينىگە سۈرۈشكە بولمايدىغان تارىخىي ۋەزىپە قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ.

بۇ مۇددىئانى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي 2022-يىلى ئېلان قىلغان «يېڭى دەۋردىكى تەيۋەن مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ بىرلىككە كېلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» لايىھەسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەيۋەنگە قارىتا قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ۋە بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئوچۇق جاكارلىدى [13]. بۇ، بېيجىڭنىڭ تىنچلىق بىلەن بىرلىككە كېلىش غايىسىدىن مەلۇم دەرىجىدە ئۈمىدسىزلىنىپ، مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىگە كۆپرەك تايىنىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

دىپلوماتىيە ۋە قانۇن ساھەسىدە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى «قانۇن ئۇرۇشى» (Lawfare) تاكتىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە قوللانماقتا. ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىنى ئۆز مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرۇپ بۇرمىلاپ، مەزكۇر قارار تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلغان دېگەن يالغان ئۇچۇرنى خەلقئاراغا سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا [14]. ئەمەلىيەتتە، بۇ قارار پەقەت خىتاي ۋەكىللىك ھوقۇقىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، تەيۋەننىڭ سىياسىي ئورنى ھەققىدە ھېچقانداق ھۆكۈم چىقارمىغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق بوشلۇقىنى پۈتۈنلەي بوغۇپ تاشلاش ۋە چەتئەللەرنىڭ تەيۋەنگە ياردەم بېرىشىنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلىپ كۆرسىتىش غەرىزىنى يوشۇرغان.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەيۋەنگە كۆرسىتىۋاتقان بېسىمى پەقەت ھەربىي تەھدىت بىلەنلا چەكلەنمەي، «كۈلرەڭ رايون» (Gray Zone) تاكتىكىلىرى ۋە ئىقتىسادىي جازالاشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا (ADIZ) ۋە بوغۇز ئوتتۇرا سىزىقىغا سىڭىپ كىرىشى كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن بىللە، تەيۋەننىڭ يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ۋە قۇم ئېكسپورتىنى توختىتىش ئارقىلىق تەيۋەن ئىقتىسادىغا بېسىم قىلىپ، دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى (DPP) گە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنى قوللاشقا تىرىشماقتا [15].

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكانىڭ يەرشارىۋى رەھبەرلىك ئورنى ۋە گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. بىرىنچىدىن، ئىستراتېگىيەلىك جۇغراپىيە جەھەتتە، تەيۋەن «بىرىنچى ئاراللار زەنجىرى» (First Island Chain) نىڭ ھالقىلىق تۈگۈنى بولۇپ، ياپونىيەدىن فىلىپپىنغىچە بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك توسۇقىدۇر. ئەگەر خىتاي تەيۋەننى ئىگىلىۋالسا، خىتاينىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرى تىنچ ئوكيانغا توسالغۇسىز كىرىپ چىقالايدۇ ۋە ئامېرىكانىڭ گۇئامدىكى ھەربىي بازىلىرىغا، شۇنداقلا ئىتتىپاقداشلىرىغا بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ [16].بۇ ئامېرىكانىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنىڭ يىمىرىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيەلىك مەنپەئەت نۇقتىسىدىن، تەيۋەن دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ (Semiconductor) ۋە ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىدۇر. تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش شىركىتى (TSMC) دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئۆزەكلەرنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىشى ياكى ئۇنىڭ ئۆزەك زاۋۇتلىرىنى ۋەيران قىلىشى دۇنيا ئىقتىسادىغا ھالقىلىق زەربە بېرىپلا قالماي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنولوگىيە ۋە مۇداپىئە سانائىتى ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان خەتەر يارىتىدۇ [17]. شۇڭا تەيۋەن ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

ئۈچىنچىدىن، ئىشەنچلىكلىك ۋە ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنىڭ ئىناۋەت مەسىلىسى بار. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەيۋەننى قوغدىيالماسلىقى ئۇنىڭ ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە فىلىپپىن قاتارلىق شەرتنامىلىك ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەلبىي سىگنال بېرىدۇ. بۇ ئىتتىپاقداشلار ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىدىن گۇمانلىنىپ، يا خىتايغا ئېگىلىشكە ياكى ئۆز ئالدىغا يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈزلىنىشى مۇمكىن [18]. بۇ ئەھۋال يەرشارىۋى يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۆتىنچىدىن، ئىدېئولوگىيەلىك ۋە ئەخلاقىي نۇقتىدىن، تەيۋەن خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ مۇكەممەل بىرىكەلەيدىغانلىقىنىڭ تىپىك نامايەندىسىدۇر. تەيۋەن دېموكراتىيەسىنىڭ گۈللىنىشى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دىكتاتورلۇق تۈزۈمىنىڭ رېئال ئالتېرناتىۋى بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ بۇ دېموكراتىيەنى سىقىپ ئۆلتۈرۈشى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەركىنلىك سىستېمىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارىلىدۇ. ئامېرىكا بۇ ئىدېئولوگىيەلىك سىستېمىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز بار دەپ ھېس قىلىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەقسەت-مۇددىئالىرى تۈپ جەھەتتىن توقۇنۇشىدۇ. خىتاي تەيۋەننى ئۆز تېررىتورىيەسىنىڭ ئاجرالماس بىر قىسمى دەپ بىلىپ، ئۇنى يۇتۇۋېلىش ئارقىلىق رايونلۇق خوجايىنلىققا ئېرىشىشنى كۆزلىسە، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەش ۋە دۇنياۋى رەھبەرلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ قارشىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەركىزىي تۈگۈنى بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى، ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسى ۋە يەرشارىۋى تەسىرى

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەيۋەنگە قارىتا قوراللىق ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقى ھازىرقى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىكى ئەڭ قىزىق ۋە كەسكىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. گەرچە بېيجىڭ دائىرىلىرى تىنچلىق بىلەن بىرلىككە كېلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىي قۇرۇلۇش سۈرئىتى، يادرو قوراللىرى ئامبىرىنىڭ كېڭىيىشى ۋە تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدىكى تاكتىكىلىق مانېۋىرلىرى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلاۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈچ خىل سېنارىيەدە يۈز بېرىشى مۇمكىن [19].

بىرىنچى سېنارىيە، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراشلىق چەتكە جايلاشقان كىچىك ئاراللارنى، مەسىلەن دۇڭشا تاقىم (Pratas) ئاراللىرىنى ئىشغال قىلىشى بولۇشى مۇمكىن. بۇ سېنارىيەدە خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ۋە تەيۋەننىڭ ئىرادىسىنى سىناشنى، ئاندىن تەدرىجىي يۈرۈش قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىككىنچى سېنارىيە، تەيۋەننى ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىش (Quarantine) ياكى بېكىنمە ھالەتكە كەلتۈرۈش بولۇپ، خىتاي بۇ ئارقىلىق تەيۋەننىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئىقتىسادىي پارالىچ ھالەت يارىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى تەسلىم قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئۈچىنچى ۋە ئەڭ خەتەرلىك سېنارىيە بولسا، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەنگە كەڭ كۆلەمدە دېڭىزدىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلىشى ۋە تېز سۈرئەتتە ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش مەقسىتىدىكى قوراللىق تاجاۋۇزچىلىقىدۇر.

ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلسا، بۇ ئەھۋالدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى قانداق بولىدۇ؟ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچىدە كۈچلۈك ئىككى خىل كۆز قاراش مەۋجۇت. بىرىنچىسى، ئامېرىكا تەيۋەننى بىۋاسىتە ھەربىي كۈچ بىلەن قوغدىشى كېرەك دېگەن قاراش. بۇ قاراشتىكىلەر تەيۋەننىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى رەھبەرلىك ئورنىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دېموكراتىك ئىتتىپاقداشلارنىڭ غۇلىشى مەنىسىگە كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ [20]. جو بايدىن ھۆكۈمىتى گەرچە «ئىستراتېگىيەلىك مۈجمەللىك» سىياسىتىنى پۈتۈنلەي تاشلىمىغان بولسىمۇ، ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم قاتتىق سىگنال بەردى.

يەنە بىر قاراشتىكىلەر، جۈملىدىن ئامېرىكادىكى بەزى ئىستراتېگىيەچىلەر (مەسىلەن راند تەتقىقات مەركىزىدىكى كۆزەتكۈچىلەر) ئامېرىكانىڭ تەيۋەن ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقا، ھەتتا يادرو ئۇرۇشىغا كىرىشىنىڭ ئامېرىكانىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تەيۋەن ئامېرىكانىڭ «ئىنتايىن مۇھىم مەنپەئەتى» ئەمەس، بەلكى «مۇھىم، ئەمما ھايات-ماماتلىق بولمىغان مەنپەئەتى» دۇر. شۇڭا ئۇلار ئامېرىكانىڭ قورال بىلەن ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئېمبارگو ۋە رايونلۇق چەكلەش ئارقىلىق خىتاينى جازالىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ [21]. بىراق مەيلى قايسى خىل تاللاش بولسۇن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقى ئېنىق.

تەيۋەنگە ئۇرۇش ئېچىشنىڭ خىتايغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولىدۇ. سىياسىي جەھەتتە، خىتاي پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن يېتىم قالدۇرۇلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە غەرب دۆلەتلىرى خىتايغا قارشى رۇسىيەگە قىلىنغاندىنمۇ ئېغىر جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. بۇ خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ۋە رايونلۇق خوجايىنلىق چۈشىنى بىتچىت قىلىدۇ.

ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇرۇشنىڭ خىتاي ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىدىغان ۋەيرانچىلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. بلۇمبېرگنىڭ يېقىنقى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تەيۋەن ئۇرۇشى دۇنيا ئىقتىسادىغا 10 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق (دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %10 ى) زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي دۇچ كېلىدىغان زىيان ئەڭ ئېغىر بولۇپ، خىتاينىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) بىراقلا %17 تۆۋەنلەيدۇ، تاشقى سودىسى ئاساسەن توختايدۇ، ۋە خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ [22].

بۇنىڭدىن سىرت، ھەربىي جەھەتتە، تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئۇرۇش خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۈچۈن قۇربان بېرىشى ئەڭ ئېغىر، مۆلچەرلەش ئەڭ تەس بولغان ئۇرۇشتۇر. تەيۋەن ئارىلىنىڭ جۇغراپىيەلىك تۈزۈلۈشى، تاغلىق رايونلىرى ۋە شەھەر ئۇرۇشى مۇھىتى خىتاينىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش قىسىملىرىغا نىسبەتەن تەسۋىرلىگۈسىز قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلارنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ، كۆزىتىش سىستېمىسى ۋە ھەربىي ئارقا سەپ جەھەتتە ياردەم بېرىشى خىتاينىڭ ئۇرۇشتا قىسقا ۋاقىتتا غەلىبە قىلىش پىلانىنى بىتچىت قىلىدۇ.

دېمەك، گەرچە خىتاي ھەربىي كۈچ جەھەتتە تەيۋەندىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ كۆلىمى ۋە ئاقىۋىتى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى خەۋپكە ئىتتىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر خىتاي بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالمىسا ياكى ئۇرۇش بىر قانچە يىلغا سوزۇلۇپ كەتسە، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە خەلقنىڭ نارازىلىقى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يۇقىرى خەتەرلىك قىمارنى ئويناش ياكى ئوينىماسلىقى ئۇلارنىڭ ئىچكى سىياسىي ھېساباتلىرى بىلەن تىزگىنلەنگەن.

گېئوپولىتىكىلىق تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەسى يەنىلا «قورال ئىشلەتمەي تۇرۇپ غەلىبە قىلىش» يەنى پسىخولوگىيەلىك ۋە سىياسىي جەھەتتىن تەيۋەننى تەسلىم قىلىش. ئەمما تەيۋەن خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئېڭى ۋە خىتايغا قارشى پوزىتسىيەسىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشى بۇ نىشاننى خام خىيالغا ئايلاندۇرماقتا. شۇ سەۋەبتىن، كەلگۈسى 5-10 يىل ئىچىدە تەيۋەن بوغۇزىدا ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىماللىقى ئىزچىل ئۆرلەش يۈزلىنىشىدە تۇرىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى: مۈجمەللىك ۋە ئېنىقلىق مۇنازىرىسى

نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سىياسەتچىلىرى ئارىسىدا «ئىستراتېگىيەلىك مۈجمەللىك» (Strategic Ambiguity) بىلەن «ئىستراتېگىيەلىك ئېنىقلىق» (Strategic Clarity) سىياسىتى ھەققىدە كەسكىن تالاش-تارتىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا. ئالدىنقىسى ئامېرىكانىڭ ئەنئەنىۋى سىياسىتى بولۇپ، تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىنغاندا ئامېرىكانىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش-ئارىلاشماسلىقىنى سىر تۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۈجمەللىك خىتاينى تەۋەككۈل قىلىشتىن قورقۇتۇش بىلەن بىرگە، تەيۋەننى مەقسەتلىك ھالدا ئۇرۇش قوزغاشتىن توسۇپ قالىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

ئەمما كۆپلىگەن سىياسىي ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن بىللە، بۇ مۈجمەللىك سىياسىتىنىڭ ئۆز كۈچىنى يوقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. چۈنكى مۈجمەللىك خىتاي رەھبەرلىرىگە ئامېرىكا بەلكىم ئارىلاشماسلىقى مۇمكىن دېگەن خاتا سىگنالنى بېرىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇشى، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش خەۋپىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە [23]. شۇڭا، ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەيۋەننى چوقۇم قوغدايدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا، قەتئىي جاكارلاشقا يەنى «ئىستراتېگىيەلىك ئېنىقلىق» قا ئۆتۈشكە چاقىرماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، بەزى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتچىلار (مەسىلەن، برۇكىڭس ئىنستىتۇتىدىكى بەزى كۆزەتكۈچىلەر) بۇ سىياسىي بۇرۇلۇشنىڭ بەك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئانالىزىچە، ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەنگە رەسمىي بىخەتەرلىك كاپالىتى بەرسە، بۇ خىتاي تەرىپىدىن ئامېرىكانىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى» دىن ۋاز كەچكەنلىكى ۋە تەيۋەننىڭ ئايرىلىپ چىقىشىنى رەسمىي قوللىغانلىقى دەپ چۈشىنىلىدۇ، بۇ ئەھۋال بىۋاسىتە ھالدا خىتاينى تەيۋەنگە دەرھال ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويۇشى مۇمكىن [24].

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتتىكى تاللىشى ئاددىي بىر «ئۇرۇش ياكى تىنچلىق» سېنارىيەسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرقى ھۆكۈمەت تەيۋەننى بىر «چىپار چاشقان» (Porcupine) غا ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويماقتا. يەنى ئامېرىكا تەيۋەنگە قىسقا مەنزىللىك، يۆتكىلىشچان كۈچلۈك سىستېمىلارنى، توسدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە كۆپ كۆلەمدىكى قوراللارنى سېتىپ بېرىپ، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرغۇدەك ئەجەللىك زەربە بېرىش كۈچىگە ئىگە قىلىش ئارقىلىق، تاجاۋۇزچىلىق نىيىتىنى توسۇشنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ [25].

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە ساھەسىدە تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى، خۇسۇسەن ياپونىيە، فىلىپپىن ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ئىتتىپاقىنى مۇستەھكەملەپ، خىتايغا قارشى كۆپ تەرەپلىك بېسىم تورىنى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ. خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەرىكىتىنىڭ ھەرگىزمۇ ئىچكى ئىش ئەمەسلىكىنى، بەلكى يەرشارىۋى سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تەكىتلەش ئارقىلىق، ئامېرىكا خىتاينى دىپلوماتىك جەھەتتىنمۇ يەكلەشنى كۆزلەۋاتىدۇ.

بۇ سىياسىي مۇساپىدە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت دۇچ كېلىدىغان پۇرسەت ۋە خىرىسلار

تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت قاتارلىق رايونلار ئۈچۈنمۇ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك تەسىرلەرگە ئىگە. گېئوپولىتىكىلىق نۇقتىدىن ئالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىلىرىنى ئۆزىنىڭ «يادرولۇق مەنپەئەتى» (Core Interests) نىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى دەپ بېكىتكەن. بۇ ئۈچ گەۋدىنىڭ بىرىدىكى تەۋرىنىش چوقۇم باشقا ئىككىسىگە بېسىم ياكى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ تەيۋەننى تەھدىت قىلىشى، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق دۆلەت تېررورىزمى بىلەن بىر ماھىيەتكە ئىگە. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى ۋە تىبەتتە دىنىي بېسىم ئېلىپ بېرىشى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاللىقاچان تونۇلدى [26]. خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم» ۋەدىسىنى بۇزۇپ تاشلىشى، خەلقئارانىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇستەقىللىق ياكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەرقانداق سىياسىي ۋەدىسىگە ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىگە ئاساس ياراتتى. تەيۋەن كىرىزىسى خەلقئارادىكى بۇ ئېڭىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىشقا تەۋەككۈل قىلسا، بۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت ئۈچۈن ئېغىر بىر خىرىس پەيدا قىلىدۇ. ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى، دۆلەت ئىچىدە مۇتلەق ھەربىي ھالەت (Martial Law) ئېلان قىلىپ، چېگرا ۋە ئىچكى رايونلاردىكى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى سىياسىي كونتروللۇقنى ئەڭ يۇقىرى چەككە كۆتۈرىدۇ. قارشىلىق كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بار دەپ گۇمان قىلىنغان ھەرقانداق مىللەت ۋە ئاھالىگە قارىتا قانلىق باستۇرۇش كۈچىيىپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى تېخىمۇ تارىيىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى ئىنسانىي كىرىزىسلارغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ سىياسىي مۇساپە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن تارىخىي بىر پۇرسەتنمۇ يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە قارشى ئۇرۇش باشلىسا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك جازالىنىپ، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىسا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىس پارتلايدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى غايەت زور تەننەرخكە ئىگە مۇقىملىقنى ساقلاش (维稳) سىستېمىسىنى ساقلاپ قېلىشىغا ئىمكان بەرمەسلىكى، نەتىجىدە سىياسىي كونتروللۇقنىڭ پەسىيىپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ يېڭىدىن باش كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.

بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە باشقا مىللىي مەسىلىلەرنى خىتاينى پارچىلاش ياكى ئاجىزلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە خەلقئارالىق سىياسىي سەھنىگە تېخىمۇ كۈچلۈك كۆتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. دىپلوماتىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن قارىغاندا، تەيۋەن مەسىلىسىدىكى توقۇنۇش ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك لاگېر بىلەن خىتاي دىكتاتۇرىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قوللىشىغا ئېرىشىشتەك كەم بولسا بولمايدىغان گېئوپولىتىكىلىق تىرەككە ئېرىشىشى مۇمكىن.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، تەيۋەن مەسىلىسى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت قاتارلىق مۇستەملىكە مىللەتلەرگە نىسبەتەن پەقەت يىراقتىكى بىر خەلقئارالىق ماجىرا بولۇپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقى بىلەن زىچ باغلانغان سىياسىي شامال يۆنىلىشىدۇر. شۇڭا، بۇ رايونلاردىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۆز مەنپەئەتىنى زىچ ماسلاشتۇرۇپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان يەرشارىۋى سىياسىي يەر تەۋرەشكە ئالدىن تەييارلىق قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم.

خۇلاسە

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، تەيۋەن بوغۇزىدىكى سىياسىي ۋە ھەربىي كىرىزىس نۆۋەتتە دۇنيا يۈزلىنىۋاتقان دېموكراتىيە بىلەن دىكتاتۇرا ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مىكرو تەسۋىرىدۇر. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەيۋەننى بېسىۋېلىش ئۇرۇنۇشى پەقەتلا تارىخىي كېڭەيمىچىلىك ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچكى سىياسىي كىرىزىسىنى ياپىدىغان ۋە دۇنياۋى خوجايىنلىقنى تىكلەيدىغان ئەڭ مۇھىم قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ بۇ غەرىزى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يېتەكچى ئورنى ۋە ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنىڭ ئاساسى بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك مۈجمەللىك» سىياسىتى بۇرۇنقى 40 يىلدا خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن تېز سۈرئەتتە كۈچىيىشى ۋە سىياسىي تاجاۋۇزچىلىقى بۇ تەڭپۇڭلۇقنى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان رىقابەت ۋە سىناققا دۇچار قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەگەر تەيۋەننى قوغداشتا ئېنىق سىگنال بەرمىسە ياكى كۈچلۈك ھەربىي توسالغۇ ياراتمىسا، بۇ خىتايغا ئۇرۇش ئېچىش ئۈچۈن يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەكسىچە، تاقابىل تۇرۇش كۈچى ۋە دىپلوماتىك ئىتتىپاقداشلىقنى چېكىگە يەتكۈزۈش ئارقىلىقلا، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

خىتاينىڭ ھۇجۇمى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا تەرتىپكە ھالاكەتلىك زەربە ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ جەريان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە باشقا ئېزىلگەن مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر بىر باسقۇچ بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇرۇشقا ئاتلىنىشى مۇشۇ مىللەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قىرغىن قىلىش يۇقىرى پەللىسىگە ئېلىپ بېرىشى ياكى خىتاينىڭ مەغلۇبىيىتى ئارقىلىق ئۇلارغا ئازادلىق يولى ئېچىپ بېرىشى بىلەن نەتىجىلىنىشى مۇمكىن.

مەيلى ۋەزىيەت قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلسۇن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەيۋەننى مەركەز قىلغان ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى دۇنيا سىياسىي سەھنىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بېكىتكۈچىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ كىرىزىسنى توغرا باشقۇرۇش پەقەت تەيۋەننىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىن، تىنچ ۋە دېموكراتىك كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم تارىخىي بۇرچتۇر. كەلگۈسىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر كۈچلۈك رېئالىزم ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك خەلقئارالىق بېسىم بىلەن ماسلىشىشى كېرەك.

مەنبەلەر:

  1. Hass, R., & Blanchette, J. (Brookings Institution). Adapting US Taiwan policy for a new strategic reality. (January 22, 2026).
  2. Turpin, M. (Brookings Institution). The case for greater clarity and less ambiguity in the Taiwan Strait. (January 22, 2026).
  3. The Taiwan Affairs Office & SCIO (PRC). The Taiwan Question and China’s Reunification in the New Era. (August 10, 2022).
  4. Templeman, K. (Brookings Institution). Thinking through America’s baseline priorities on Taiwan. (January 22, 2026).
  5. Council on Foreign Relations (CFR). U.S.-Taiwan Relations in a New Era: Responding to a More Assertive China. (June 20, 2023).
  6. Glaser, B. S. (Brookings Institution). The role of diplomacy in US management of cross-Strait relations. (January 22, 2026).
  7. Rigger, S. (Brookings Institution). «The Six Assurances to Taiwan Act»: Status quo, or something new?. (July 15, 2025).
  8. PRC White Paper. The One-China Principle and the Taiwan Issue. (February 21, 2000 / Republished 2022).
  9. Wang, T.Y. (Journal of Asian Security and International Affairs). Strategic Ambiguity or Strategic Clarity: China’s Rise and US Policy Towards the Taiwan Issue. (April 12, 2025).
  10. Kavanagh, J. (Brookings Institution). A strategy for staying out: Recalibrating US support to Taiwan. (January 22, 2026).
  11. Hass, R. (Brookings Institution). America’s narrative on Taiwan needs an update. (January 22, 2026).
  12. The Taiwan Affairs Office & SCIO (PRC). The Taiwan Question and China’s Reunification in the New Era. (August 10, 2022).
  13. PRC White Paper. The One-China Principle and the Taiwan Issue. (February 21, 2000).
  14. Wikipedia. United Nations General Assembly Resolution 2758 (XXVI). (October 25, 1971 / Accessed March 23, 2026).
  15. ASPI (Australian Strategic Policy Institute). Pressure points: Taiwan and the Taiwan Strait. (May 22, 2025).
  16. Templeman, K. (Brookings Institution). Thinking through America’s baseline priorities on Taiwan. (January 22, 2026).
  17. Council on Foreign Relations (CFR). U.S.-Taiwan Relations in a New Era: Responding to a More Assertive China. (June 20, 2023).
  18. Kavanagh, J. (Brookings Institution). A strategy for staying out: Recalibrating US support to Taiwan. (January 22, 2026).
  19. Council on Foreign Relations (CFR). U.S.-Taiwan Relations in a New Era: Responding to a More Assertive China. (June 20, 2023).
  20. Turpin, M. (Brookings Institution). The case for greater clarity and less ambiguity in the Taiwan Strait. (January 22, 2026).
  21. Kavanagh, J. (Brookings Institution). A strategy for staying out: Recalibrating US support to Taiwan. (January 22, 2026).
  22. Council on Foreign Relations (CFR). U.S.-Taiwan Relations in a New Era: Responding to a More Assertive China. (June 20, 2023).
  23. Turpin, M. (Brookings Institution). The case for greater clarity and less ambiguity in the Taiwan Strait. (January 22, 2026).
  24. Hass, R. (Brookings Institution). America’s narrative on Taiwan needs an update. (January 22, 2026).
  25. ASPI (Australian Strategic Policy Institute). Pressure points: Taiwan and the Taiwan Strait. (May 22, 2025).
  26. Hass, R., & Sacks, D. (Foreign Affairs). American Support for Taiwan Must Be Unambiguous. (September 02, 2020).

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*