تېخنىكا-مۇستەملىكىچىلىك ۋە ماكان باشقۇرۇش: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى «يېڭىلىق يارىتىش» نامىدىكى سىياسەتلىرى

2025-يىلى 24-نويابىر


ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

قىسقىچە مەزمۇنى

بۇ ماقالىدە، 2025-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى خىتاي  پارتىيە مەركىزى كومىتىتى <شىنجاڭ> پارتكومى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى» نىڭ سۆز ئىبارىلىرى ۋە سىياسەت نەتىجىلىرى ئانالىز قىلىنىدۇ.  رەسمىي خەۋەر تېكىستىدە تىلغا ئېلىنغان «تېخنىكىلىق بۆسۈش»، «تالانت ئىگىلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش» ۋە «بىخەتەرلىك» ئۇقۇملىرى، كۆچمەن مۇستەملىكىچىلىكى (settler colonialism)، رەقەملىك مۇستەبىتلىك ۋە مەركەز-چەت (center-periphery) نەزەرىيەلىرى دائىرىسىدە قايتىدىن ئىزاھلىنىدۇ. ئانالىزدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تېخنىكا سېلىنمىلىرىنىڭ پەقەتلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەرىكىتى ئەمەسلىكى؛ ئەكسىچە، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ مەركەزگە يۆتكىلىشىنى تېزلىتىدىغان، نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى قانۇنلاشتۇرىدىغان بىر «تېخنىكا-مۇستەملىكىچى» باشقۇرۇش قورالى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

كىرىش سۆز: زامانىۋىلىشىش تەشۋىقاتى ۋە مۇستەملىكىچىلىك

خىتاي كومپارتىيەسى (خ ك پ) «شىنجاڭ» پارتكوم سېكرېتارى چېن شياۋجىياڭ  رىياسەتچىلىكىدە 2025-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى»، شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە بىر پارادىگما (ئەندىزە) ئۆزگىرىشىدىن بەكرەك، كلاسسىك مۇستەملىكىچىلىك ئەمەلىيەتلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كۈچەيتىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىدۇر. يىغىندا سۈرەتلەپ بېرىلگەن «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش» تەسەۋۋۇرى، سىياسەتشۇناسلىق ۋە پوست-مۇستەملىكىچىلىك ساھەسىدە«تەرەققىياتچىلىق» (Developmentalism) ئىدېئولوگىيەسى دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن ھادىسە بىلەن ماس كېلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پەقەت ئىقتىسادىي نىشان بولۇشتىن ھالقىپ، مايكېل خېچتېر (Michael Hechter) نىڭ «ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك» (Internal Colonialism) نەزەرىيەسىدە كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، مەركەز (بېيجىڭ) نىڭ چەت (شەرقىي تۈركىستان) ئۈستىدىكى مەدەنىيەت ۋە مەمۇرىي ھۆكۈمرانلىقىنى ئەقلىيلەشتۈرىدىغان بىر قانۇنلاشتۇرۇش قورالىغا ئايلانماقتا (مايكېل، 1996:6).

تارىختا غەرب مۇستەملىكىچى كۈچلىرى قوللانغان «مەدەنىيلەشتۈرۈش نىشانى» (mission civilisatrice) تەشۋىقاتى، خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى بايانلىرىدا «ئىلمىي تەرەققىيات» ۋە «ساپالىق ئەمگەك كۈچى» ئۇقۇملىرى ئارقىلىق قايتا بەرپا قىلىنماقتا. جامېس ك. سكوت (James C. Scott) نىڭ «يۇقىرى زامانىۋىلىق»  (High Modernism) ئۇقۇمى، بۇ جەرياننى چۈشىنىش ئۈچۈن ھالقىلىق بىر رامكا بىلەن تەمىنلەيدۇ. سكوتنىڭ قارىشىچە، مۇستەبىت دۆلەتلەر يەرلىك بىلىم ۋە ئەمەلىيەتلەرنى (metis) يوق دەپ قاراپ، جەمئىيەت ۋە ماكاننى «دۆلەت تەرىپىدىن ئوقۇغىلى بولىدىغان»  (legible) ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پەن- تېخنىكىنى بىر «ئۆلچەملەشتۈرۈش قورالى» سۈپىتىدە قوللىنىدۇ (1998: 15). چېن شياۋجىياڭ تەكىتلىگەن «پارتىيە رەھبەرلىكى» ۋە «دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرى»، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى، دۆلەتنىڭ تېخنو-بىيوروراتىك پىلانلىرى پايدىسىغا يوقىتىشنى كۆزلىگەن  «ئېپىستېمىك (بىلىش) زوراۋانلىقى» (Epistemic Violence) نىڭ بىر مىسالىدۇر. گاياترى سپىۋاك (Gayatri Spivak) ئۇقۇملاشتۇرغان بۇ ھادىسە، ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ يەنى مۇستەقىللىق ھوقۇقىنىڭ پەقەت جىسمانىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى زېھنىي ۋە ئىلمىي خىزمەت جەريانلىرىدىمۇ تارتىۋېلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

رايوندىكى تېخنىكا ئۇل-ئەسلىھە سېلىنمىلىرىنى، داۋىد خارۋېي (David Harvey) نىڭ «ماكان ھەل قىلىش لايىھەسى»  (Spatial Fix) نەزەرىيەسى بىلەنمۇ ئىزاھلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدا توپلانغان ئارتۇقچە مەبلەغ ۋە تېخنىكا، «ئارقىدا قالغان رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» نامى ئاستىدا غەربكە يۆتكەلمەكتە؛ بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئېشىشى ئۈچۈن بىر خام ئەشيا ۋە سانلىق مەلۇمات كېنى (data mine) سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. شۇڭلاشقا، يىغىندا كۆككە كۆتۈرۈلگەن «يېڭىلىق يارىتىش» ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بىر ئىلمىي ئىلگىرىلەش ئەمەس؛ مىشېل فۇكو (Michel Foucault) نىڭ «بىلىم-ھوقۇق» (Power/Knowledge) مۇناسىۋىتىدە ئىشارەت قىلغىنىدەك، ھاكىمىيەتنىڭ رايوننىڭ قىل قان تومۇرلىرىغىچە كېڭىيىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان بىر تىزگىنلەش تېخنىكىسىدۇر. بۇ نۇقتىدىن، خىتايچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش شۇئارى، رايوندىكى ئېتنىك-سىياسىي توقۇنۇشنىڭ ئۈستىنى يېپىپ تۇرىدىغان سىياسىيلىقتىن خالىي بىر نىقاب رولىنى ئوينىماقتا ۋە بېيجىڭ مەركەزلىك زومىگەرلىكىنىڭ «مۇقەررەر ئىلگىرىلەش» نىقاۋى ئاستىدا سۇنۇلۇشىغا مەيدان ھازىرلىماقتا.

2. بايلىق قېزىش تۈزۈمى ۋە مەركەز-چەت مۇناسىۋىتى

خەۋەر تېكىستىدە ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ئېنېرگىيە-خىمىيە تەجرىبىخانىسى» (新疆能源化工实验室)، «يىپەك يولى سۇ تەجرىبىخانىسى» (丝路水实验室) ۋە «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى غەربتە ھېسابلاش»  (东数西算) قۇرۇلۇشلىرى، كلاسسىك مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى بولغان «بايلىق قېزىش» (Extractivist) قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقتا. خەۋەردە جاكارلانغان «دۆلەت دەرىجىلىك تەجرىبىخانىلار» ۋە «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى غەربتە ھېسابلاش» قۇرۇلۇشى، ئىممانۇئېل ۋاللېرستېيننىڭ «دۇنيا سىستېمىسى ئانالىزى» نۇقتىسىدىن، چەت رايون ( Periphery) شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ سانائەتلەشكەن شەرقىي رايونلىرى (Core) ئۈچۈن بىر خام ئەشيا ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان «تەڭسىز ئالماشتۇرۇش»  (Unequal Exchange) مېخانىزمىنى كۈچەيتمەكتە. بۇ جەرياننى داۋىد خارۋېينىڭ كاپىتال جۇغلانمىسىنىڭ ماكان جەھەتتىكى كېڭىيىشىنى تەسۋىرلەيدىغان «مۈلۈكسىزلەشتۈرۈش ئارقىلىق توپلاش»  (Accumulation by Dispossession) ئۇقۇمى بىلەن چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ؛ چۈنكى رايوننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقلىرى ئۇيغۇر خەلقنىڭ رازىلىقى ۋە مەنپەئەتى نەزەرگە ئېلىنماستىن، بېيجىڭنىڭ «مېتابولىك» ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن سىستېمىغا كىرگۈزۈلمەكتە. قۇرۇلغان بۇ تەجرىبىخانىلار بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىلمىي تەرەققىياتتىن بەكرەك، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ مەركەزگە يۆتكىلىشىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزىدىغان «بايلىق قېزىش تۈزۈمى» نىڭ تېخنو- بىيوروراتىك ئەقلىيلەشتۈرۈش قوراللىرىدۇر. بىراق، بۇ سۈمۈرۈشنىڭ كۆلىمى ماددىي بايلىقلاردىن ھالقىپ، رەقەملىك ساھەگىچە كېڭەيدى. نىك كولدرى ۋە ئۇلىسېس مېخىياس نەزەرىيەۋىيلەشتۈرگەن «سانلىق مەلۇمات مۇستەملىكىچىلىكى» نەزەرىيىسى نۇقتىسىدىن، رايوندىكى ھېسابلاش تورلىرى  ۋە سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى، بىيولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى «يېڭى نېفىت» دەپ قارايدىغان چۈشەنچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. دەل تارىخىي مۇستەملىكىچىلىكنىڭ زېمىنلارنى «ئىگىسىز تۇپراق»  (terra nullius) دەپ قارىغىنىغا ئوخشاش، خىتاي دۆلىتىمۇ ئۇيغۇر نوپۇسىدىن ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنى «ئىگىسىز خام ئەشيا» دەپ قارىماقتا؛ بۇ مەلۇماتلارنى شەرقتىكى تېخنىكا مەركەزلىرىدە (ئەلى بابا، تېڭشۈن، دۆلەت مۇلازىمېتىرلىرىدا) پىششىقلاپ ئىشلەپ، قوشۇلما قىممەتكە ۋە نازارەت قىلىش ئالگورىزىملىرىغا ئايلاندۇرماقتا. بۇ ئەھۋال، رايوننى پەقەت خام ئەشيا ئامبىرى قېلىۋېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە بىر «رەقەملىك قورشاۋ»  (Digital Enclosure) دائىرىسىگە قاماپ قويماقتا.

بۇ ئۇل-ئەسلىھە جەھەتتىكى بىر گەۋدىلىشىش، ئاندرې گۇندېر فرانك «بېقىندىلىق نەزەرىيىسى» دە (Dependency Theory) كۆرسەتكەن «مېتروپول-ھەمراھ»قۇرۇلمىسىنىڭ تۈزۈملەشتۈرۈلگەن ھلىدۇر. رايوننىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورىغا (State Grid) ۋە مەركىزىي سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش تورلىرىغا «ئەقلىي ئىقتىدارلىق» ئۇلىنىشى، مايكېل ماننىڭ «ئۇل-ئەسلىھەلىك ئىقتىسادىي كۈچ»  (Infrastructural Power) تەبىرىگە ئۇيغۇن ھالدا، يەرلىك ئىقتىسادنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. يەرلىك ئىقتىساد، ئۆزىنىڭ ئىچكى ھەرىكەت كۈچى بىلەن گۈللىنىدىغان ئورگانىك قۇرۇلما بولۇشتىن يىراقلىشىپ، مەركەزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ شەكىللىنىدىغان ۋە مەركەزگە چەمبەرچاس باغلانغان بىر «ئانكلاۋ ئىقتىسادى» [1](Enclave Economy) خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ قالماقتا. شۇنىڭ بىلەن تېخنىكا، رايوننى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان قورال بولۇشتىن چىقىپ، قۇرۇلمىلىق بېقىندىلىقنى ۋە قاتلاملىق ئىش تەقسىماتىنى كۈچەيتىدىغان «تېخنو-سىياسىي» بىر كىشەنگە ئايلانماقتا.

3. رەقەملىك مۇستەبىتلىك ۋە «پانوپتىكون»نىڭ قۇرۇلۇشى

چېن شياۋجياڭنىڭ نۇتۇقلىرىدا پات-پات تەكىتلىنىدىغان «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» (社会大局稳定)، «چېگرا ئەمىنلىكى» (边境安宁) ۋە «سۈنئىي ئەقىل+» (人工智能+) ھەرىكىتى قاتارلىق ئۇقۇملار، شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلغان باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ كلاسسىك مۇستەبىتلىكتىن «رەقەملىك مۇستەبىتلىك»كە (Digital Authoritarianism) ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەردۇر. بۇ جەريان پەقەت بىخەتەرلىك بيۇروكراتىيەسىنىڭ كېڭىيىشىلا ئەمەس، بەلكى تېخنىكىنىڭ «تېخنو-سىياسىي» بىر كونترول قورالى سۈپىتىدە قايتا ئئېنىقلىمىغا ئى قىلىنىشىدۇر .«سۈنئىي ئەقىل+» ھەرىكىتى ۋە «كۇنلۇن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر تەجرىبىخانىسى»، فۇكونىڭ«  پانوپتىكون» (Panopticon) ئۇقۇمىنىڭ رەقەملەشكەن بىر نۇسخىسىنى  كۆرسىتىپ بېرىدۇ. فۇكونىڭ پانوپتىكون ئۇقۇمى، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان «بىرلەشمە ھەرىكەت سۇپىسى»  (IJOP – Integrated Joint Operations Platform) ئارقىلىق كونكرېت بىر رېئاللىققا ئايلاندى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ (HRW) -2019يىللىق «خىتاينىڭ باستۇرۇش ئالگورىزىملىرى» ناملىق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، IJOP    رايوندىكى «سۈنئىي ئەقىل+» ھەرىكىتىنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدۇر. بۇ سىستېما؛ كۆزىتىش كامېرالىرى (CCTV)، Wi-Fi ئىز قوغلىغۇچىلىرى (sniffers)، تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە مەجبۇرىي ئورنىتىلغان جاسۇسلۇق دېتاللىرىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى توپلايدۇ. ئالدىن مۆلچەرلەش ئالگورىزىملىرى شەخسلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئانالىز قىلىپ، «غەيرىي» ئەھۋاللارنى (مەسىلەن: ئارقا ئىشىكنى ئىشلىتىش، مەسچىتكە بېرىش، تېلېفونىنى ئېتىۋېلىش ياكى نورمالدىن ئارتۇق توك ئىشلىتىش دېگەندەك) بايقايدۇ. «قاراقاش تىزىملىكى» دەپ بىلىنگەن ۋە سىرتقا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر، ئىنسانلارنىڭ ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمەستىن، پەقەت مۇشۇ ئالگورىزىملار ئىشلەپچىقارغان «مىكرو يىپ ئۇچلىرى» سەۋەبىدىنلا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى (زېنز، 2020).[2]

فۇكونىڭ «كۆرۈنمەي تۇرۇپ كۆرۈش» پىرىنسىپى، بۇ يەردە چىراي تونۇش تېخنىكىلىرى (Facial Recognition) ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقتى.  Hikvision ۋە Dahua قاتارلىق شىركەتلەر تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان ۋە دۆلەت ھۆججەتلىرىدە «ئۇيغۇر سىگنالى» (Uyghur Alarm) دەپ ئاتالغان ئالگورىزىملار، كىشىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈپ ساقچىلارغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىدۇ (IPVM دوكلاتى، 2020) . «تېىنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش» نامى ئاستىدا قانۇنلاشتۇرۇلغان بۇ جەريان، ئەمەلىيەتتە ئىنسان بەدىنىنىڭ بىر سىزىقچىلىق كودقا (barcode) ئايلاندۇرۇلۇشىدۇر. 2016-2017 يىللىرى باشلانغان «خەلق ئۈچۈن سالامەتلىك تەكشۈرۈش» (Physicals for All) پروگراممىسى دائىرىسىدە، 12 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان مىليونلىغان رايون ئاھالىسىدىن مەجبۇرىي ھالدا DNA ئەۋرىشكىسى، كۆز رەڭدار پەردىسى (ئىرىس) سىكاننېرى، بارماق ئىزى ۋە قان تىپى سانلىق مەلۇماتلىرى توپلانغان ( HRW 2017 ). [3]

« iFlytek » غا ئوخشاش خىتاي تېخنىكا گىگانتلىرىنىڭ، رايوندىكى تېلېفون سۆزلىشىشلىرىنى ئانالىز قىلىش ۋە شەخسلەرنى «ئاۋاز ئىمزاسى»دىن تونۇش ئۈچۈن دۆلەت بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى دوكلات قىلىندى. بۇ ، شەخسىي مەخپىيەتلىكنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىدىغان، بىيومېتىرىك سانلىق مەلۇماتلار «جىنايەت گۇمانى» شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر قۇرۇلمىدۇر (MIT Technology Review، 2020).  «Nature»ژۇرنىلىدا ۋە ئاكادېمىك ساھەلەردە ئانالىز قىلىنغان ئەخلاقىي دەپسەندىچىلىكلەرگە قارىغاندا، توپلانغان DNA سانلىق مەلۇماتلىرى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ گېن خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىش ۋە يۈز شەكلىنى DNA دىن پەرەز قىلىدىغان (DNA phenotyping) تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن (مورىيۇ، 2019: 2-10. )[4]

تېخنىكا، چېن شياۋجياڭ تىلغا ئالغان «چېگرا ئەمىنلىكى»نى (保障国家安全、边境安宁) قوغداشتىن بەكرەك، رايوننى بىر «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە»گە ئايلاندۇردى. شەھەر كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىدا، بازار ۋە ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدا قۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى، پۇقرالارنىڭ كىملىكلىرى ۋە يۈزىنى سىكاننېرلاپ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى چەكلىمەكتە. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI)، بۇ تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنى سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرلىرى ئارقىلىق خەرىتىگە چۈشۈرۈپ، رايوندىكى ھەرىكەتنىڭ رەقەملىك بىر قامالغا ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.[5] سىرتقا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» (Xinjiang Police Files)،[6] ساقچى خادىملىرىنىڭ كوچىدىكى پۇقرالارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلىرىنى «Master Torch» قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەكشۈرۈپ، چەكلەنگەن ئەپلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى، دىنىي تېكىستلە نى ئىزدىگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ بىۋاسىتە قولغا ئېلىش سەۋەبى ھېسابلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە[7].

چېن شياۋجياڭنىڭ نۇتۇقىدىكى سۆز ئىبارىلەر، ئانتروپولوگ داررېن بايلېرنىڭ (Darren Byler) «تېررور كاپىتالىزمى» (Terror Capitalism) ياكى ئادرىيان زېنزنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ «تېخنو-مىمارلىقى» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن سىستېمىنىڭ بيۇروكراتىك نىقابىدۇر. «تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىش» بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بىر پۈتۈن مىللىي گۇرۇپپىنىڭ يوشۇرۇن تەھدىت («pre-criminal») دەپ كودلىنىپ رەقەملىك مۇھىتتا ئايرىپ مۇئامىلە قىلىنىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە.

4. نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ھەربىيلەشكەن مۇستەملىكىچىلىك: «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك»نى ماسلاشتۇرۇش

خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك» ماسلاشتۇرۇلۇشى (加强兵地协同) ۋە «يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش»  (促进人才链) ئىبارىلىرى، سىياسىي ئىلمىي ۋە تارىخىي جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە«يەرلەشكۈچى مۇستەملىكىچىلىكى»  (Settler Colonialism) دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن قۇرۇلمىنىڭ تىپىك بەلگىلىرىدۇر. پاترىك ۋولفنىڭ «يوقىتىش لوگىكىسى» (logic of elimination) نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، يەرلەشكۈچى مۇستەملىكىچىلىك يەرلىك خەلقنى يوقىتىشنى ياكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى نىشان قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مېتروپول دۆلەتنىڭ (مەركىزىي دۆلەتنىڭ) نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

رەسمىي بايانلاردا «تېخنىكىلىق تەرەققىيات» ۋە «ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش» سۈپىتىدە سۇنۇلغان سىياسەتلەر، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن (Mainland China) خىتاي نوپۇسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر نوپۇسى زىچ بولغان جەنۇبىي رايونلارغا قارىتىلغان ئىستراتېگىيەلىك كۆچۈشىنى ئىپادىلەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان «نوقتىلىق ياردەم بېرىش»  (Pairing Assistance / Duikou Yuanjiang) پىروگراممىسى دائىرىسىدە، 19 باي خىتاي ئۆلكىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى بەلگىلىك شەھەرلەر بىلەن دوستلاشتۇرۇلغان. بۇ پىروگرامما پەقەت مالىيە ياردىمىلا ئەمەس، بەلكى «كادىر» ۋە «مۇتەخەسسىس» يۆتكەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاكادېمىك تەتقىقاتلار، بۇ «ئىختىساسلىقلار»غا يۇقىرى مائاش، ھەقسىز تۇرالغۇ، يەر تەقسىملەش ۋە پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مائارىپ ھوقۇقى (نوپۇس ئىمتىيازلىرى) تەمىنلەنگەنلىكىنى ھۆججەتلەشتۈرمەكتە[8].

سىرتقا ئاشكارىلانغان نوپۇس پىلانلاش ھۆججەتلىرىنى ئانالىز قىلغان دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ بايقاشلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىش تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىش سىياسەتلىرى تەڭ ئېلىپ بېرىلماقتا. 2015-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلۇش نىسبىتى %60 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن بولسا (مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە تۇغۇت چەكلەش ئارقىلىق)، خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ رايونغا ئېقىپ كىرىشى رىغبەتلەندۈرۈلگەن. بۇنىڭغا «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش» دەپ نام بېرىلمەكتە[9].   بولۇپمۇ خوتەن ۋە قەشقەرگە ئوخشاش ئۇيغۇر نوپۇسى زىچ بولغان رايونلاردا، نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن «ماھارەتلىك ئىشچى» نامىدا يېرىم ھەربىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى دوكلات قىلىنغان.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى (XPCC – Bingtuan)، دۇنيادا ئوخشىشى يوق يېرىم ھەربىي، شىركەت ۋە مەمۇرىي ئارىلاشما قۇرۇلمىدۇر. خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك» ماسلاشتۇرۇلۇشى، بۇ ھەربىي قۇرۇلمىنىڭ خەلق ئىشلىرى ساھەسىدىكى ھاكىمىيىتىنى قانۇنلاشتۇرماقتا. بىڭتۇەن ھەم بىر شىركەت (XPCC Holdings)، ھەم بىر ئارمىيە  ھەم يەرلىك ھۆكۈمەتتەك ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس سوت مەھكىمىسى، ساقچىسى، تۈرمىلىرى ۋە باج سىستېمىسى بار. رايوندىكى تۇپراقلارنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىنى ۋە سۇ بايلىقىنىڭ زور قىسمىنى كونترول قىلىدۇ. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر (يەرلىك) بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاكادېمىك توم كلىف (Tom Cliff) «ماي ۋە سۇ » (Oil and Water, 2016) ناملىق ئەسىرىدە، بىڭتۇەننىڭ خىتاي شوۋىنىزمى ۋە دۆلەت كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، بۇ قۇرۇلمىنىڭ يەرلىك باشقۇرۇش ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىشىنىڭ ئۇيغۇر (قەغەز يۈزىدىكى) ئاپتونومىيىسىنى ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.[10]

تېخنىكىلىق تەرەققىيات توغرىسىدىكى بايانلار، رايون بايلىقلىرىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشىنى يوشۇرىدىغان بىر پەردىدۇر. شېفىلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (لاۋرا مۇرفى قاتارلىقلار) دوكلاتلىرى، بىڭتۇەننىڭ قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرى (كۆپ كىرىستاللىق كرېمنىي تاختا) ۋە پاختا ئىشلەپچىقىرىشتا يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىنى مونۇپۇل قىلغانلىقىنى، لېكىن بۇ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ زور دەرىجىدە «ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش» پىروگراممىلىرى دائىرىسىدە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش سىستېمىسىغا تايىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى .  بىڭتۇەننىڭ بۇ مۇستەملىكىچى ۋە باستۇرغۇچى رولى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى 2020-يىلى XPCC   نى ماگنىتسكى قانۇنى[11] دائىرىسىدە جازالاش (ئىمبارگو) تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. بۇ قارار بىڭتۈەننىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىكى مەركىزىي رولىنىڭ خەلقئارا سەۋىيەدە ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر. «ئىختىساسلىقلارنى يۆتكەش» ۋە «سۈنئىي ئەقىلنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» بايانلىرى، رايوندىكى ئېتنو-نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش (خىتايلاشتۇرۇش) ۋە  ھەربىيلەشتۈرۈشنى يوشۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك بايانلاردۇر. بىڭتۇەن زامانىۋى تەرەققىيات ئورگىنى ئەمەس، بەلكى كلاسسىك مۇستەملىكىچىلىكنىڭ رەقەملىك دەۋردىكى قوراللىق ئاۋانگارتىدۇر.

5. قانۇنلۇق سالاھىيەت كرىزىسى: ئېتنىك قاتلام ۋە ئېپىستېمىك زوراۋانلىقنىڭ تۈزۈملىشىشى

يىغىننىڭ باشقۇرۇش تەرتىپى (پروتوكول)، مايكېل خېچتېر (Michael Hechter) نىڭ «ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك» (Internal Colonialism) نەزەرىيىسىدىكى «قاتلاملىك ئىتنىك ئىش تەقسىماتى» ۋە مەمۇرىي قاتلامنى ئېنىق نامايان قىلىپ بەرمەكتە.[12] بۇ قۇرۇلما، رايوندىكى سالاھىيەت كرىزىسىنىڭ (legitimacy crisis) ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. يىغىندىكى رول تەقسىماتى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رايوندىكى قوش ئۆلچەملىك باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئاشكارىلىماقتا. سىياسەتشۇناس چېڭ لىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ مەمۇرىي قۇرۇلمىسىدا «پارتىيە شۇجىسى»  (Party Secretary) ھەر ۋاقىت «ھۆكۈمەت رەئىسى / ۋالىي»دىن (Governor/Chairman) ئۈستۈن تۇرىدۇ ۋە مۇتلەق قارار چىقارغۇچى ھېسابلىنىدۇ.[13]

-1949يىلدىن بۈگۈنگە قەدەر «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە شۇجىلىق ئورنى» (1-نومۇرلۇق ئورۇندۇق) ئىستىسناسىز ھالدا ھەر ۋاقىت خىتايلار (ۋاڭ لېچۈەن، جاڭ چۈنشيەن، چېن چۈەنگو، ما شىڭرۈي) تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ كەلدى. بۇنىڭغا قارىتا رايون رەئىسى (2-نومۇرلۇق ئورۇندۇق) ھەر ۋاقىت بىر ئۇيغۇر بولۇپ كەلدى (ئەركىن تۇنىيازغا ئوخشاش). ئەركىن تۇنىيازنىڭ رىياسەتچىلىك (مودېراتور) رولى، مۇستەملىكە باشقۇرۇشلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان «ۋاسىتىلىك باشقۇرۇش» (indirect rule) ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئاكادېمىك تىموتىي گروسنىڭ (Timothy Grose) تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا،[14] بۇ يەرلىك سەرخىللار «كۆرگەزمە قورچىقى» رولىنى ئويناپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قارارلىرىغا «يەرلىكنىڭ رازىلىقى» تۈسىنى بەرمەكتە. ھالبۇكى، ھەربىي قىسىملارنىڭ كونتروللۇقى، كادىرلارنى تەيىنلەش ۋە خامچوتنى تەستىقلاش ھوقۇقى پۈتۈنلەي خىتاي مىللىتىدىن بولغان پارتىيە شۇجىسىنىڭ مونوپۇللىقىدۇر.

چېن شياۋجياڭ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ  بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە، مىللىي سىياسەتلەرنى «ئاپتونومىيە»دىن «ئاسسىمىلياتسىيە» ۋە مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىگە  بۇرىغان شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ «ھۆكۈمران» سۈپىتىدە سىياسەت بەلگىلىشى، 1984-يىلدىكى «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نىڭ ئەمەلىيەتتە تەكچىگە ئېلىپ قويۇلغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئىلمىي مۇكاپاتلاش مۇراسىمى نىقابى ئاستىدا يۈز بەرگەن بۇ جەريان، گاياترى سپىۋاكنىڭ «ئېپىستېمىك زوراۋانلىق»  (Epistemic Violence) ئۇقۇمى بىلەن، يەنى بىر خەلقنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىش ۋە بىلىم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يوقىتىلىشى ئۇقۇمى بىلەن ماس كەلمەكتە.رايوندا ئىلىم-پەننىڭ بىر مېڭە يۇيۇش قورالىغا ئايلىنىشى، لۇئىس ئالتۇسسېرنىڭ (Louis Althusser) «دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك ئاپپاراتلىرى» (مەكتەپ، ئاكادېمىيە) تەبىرىنىڭ رىئاللىقتىكى ئىپادىسىدۇر. [15]«تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش» شوئارى، رايوندىكى ھەقىقىي ئالىملارنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقىدەك جىنايەتنى يوشۇرماقتا. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2017-يىلدىن بۇيان ئارىسىدا مەكتەپ مۇدىرلىرى، پىروفېسسورلار ۋە دوكتورلار بولغان 400 دىن ئارتۇق يۇقىرى قاتلاملىق ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇتقۇن قىلىنغان.[16]

كونكرېت مىسال 1: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋە دۇنياغا داڭلىق جۇغراپىيەشۇناس تاشپولات تېيىپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» (بۆلگۈنچىلىك) بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان (جازاسى كېيىنچە كېچىكتۈرۈلگەن). جىنايىتى بولسا «دەرسلىكلەردە مەدەنىيەت كىملىكىنى تەكىتلىگەنلىكى» دەپ كۆرسىتىلگەن.
كونكرېت مىسال 2: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فولكلور ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى پىروفېسسور راھىلە داۋۇت، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتلىرى سەۋەبىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان (دۈيخۇا فوندى، 2023). «پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ مۇتلەق شەرتى»، ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ۋە تۈرلەرنىڭ پارتىيە ئىدېئولوگىيىسى (شى جىنپىڭ ئىدىيىسى) بىلەن بىردەك بولۇشىنى مەجبۇرىي قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال، ئىجتىمائىي پەنلەردە تارىخنى بۇرمىلاپ يېزىش (رېۋىزيونىزم)، تەبىئىي پەنلەردە بولسا ئەخلاققا خىلاپ سانلىق مەلۇمات توپلاش (مەجبۇرىي DNA يىغىش) مەجبۇرلۇقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

بۇ يىغىندىكى باشقۇرۇش تەرتىپى، ئاددىي بىر بيۇروكراتىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەس. بۇ، خېچتېرنىڭ «قاتلاملىق ئېتنىك ئىش تەقسىماتى»نىڭ جانلىق بىر سەھنىلىشىشىدۇر. ئەركىن تۇنىيازنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا بار بولۇشى ، سىستېمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ سىستېمىغا سىڭدۈرۈلۈپ پاسسىپلاشتۇرۇلغانلىقىنى (co-optation) كۆرسىتىدۇ. ئىلىم-پەن بولسا، ھەقىقەتنى ئىزدەيدىغان بىر پائالىيەت بولۇشتىن چىقىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە مەنتىقە ۋە نەزەرىيەۋى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر «ئىدېئولوگىيىلىك ئاپپارات»قا ئايلانماقتا.

خۇلاسە

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى سېكرېتارى چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى» ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنىڭ تەھلىلى، شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ ئەنئەنىۋى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىدىن «تېخنو-مۇستەملىكىچى» (Techno-Colonial) بىر باسقۇچقا ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان پاكىتلار، رايوندىكى «زامانىۋىلىشىش» ۋە «تەرەققىيات» شوئارلىرىنىڭ، ئەمەلىيەتتە مايكېل خېچتېرنىڭ «ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك» ۋە پاترىك ۋولفنىڭ «يەرلەشكۈچى مۇستەملىكىچىلىكى» نەزەرىيىلىرى بىلەن ئېنىقلىما بېرىلگەن قۇرۇلمىلىق زوراۋانلىق مېخانىزمىنى يوشۇرىدىغان بىرەر ئىدېئولوگىيىلىك  ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

شەرقىي تۈركىستان، ۋاللېرستېيننىڭ «مەركەز-چەت» ئەندىزىسىگە ئۇيغۇن ھالدا، خىتاينىڭ شەرقىي قىسمى (مەركەز) ئۈچۈن ئەرزان ئېنېرگىيە، خام ئەشيا ۋە «بىيومېتىرىك سانلىق مەلۇمات» تەمىنلەيدىغان بىر مۇستەملىكە ساھەسىگە (چەت رايون) ئايلاندۇرۇلدى. داۋىد خارۋېينىڭ «مۈلۈكسىزلەشتۈرۈش ئارقىلىق توپلاش» ئۇقۇمى، پەقەت تەبىئىي بايلىقلارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ رەقەملىك سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ «سانلىق مەلۇمات مۇستەملىكىچىلىكى» دائىرىسىدە تاۋارلاشتۇرۇلۇشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيدى. فۇكونىڭ نەزەرىيەلەشتۈرگەن «پانوپتىكون» ئۇقۇمى، «سۈنئىي ئەقىل+» ۋە IJOP سىستېمىلىرى ئارقىلىق رەقەملىك بىر رېئاللىققا ئايلاندى. ئىنسان بەدىنى DNA، چىراي، ئاۋاز، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئالگورىزىملىرى تەرىپىدىن ئوقۇشقا بولىدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ؛ ئالدىن مۆلچەرلىگۈچى ساقچى پروگراممىلىرى بىلەن «جىنايەت»، ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن بۇرۇن «نىيەت» باسقۇچىدىلا جازالىنىدىغان بىر كاتېگورىيەگە ئايلاندۇرۇلدى. بۇ ئەھۋال، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئورنىنى «ئالگورىزىملىق ئېنىقلىق» ئىگىلىگەن بىر ھاكىممۇتلەق تۈزۈم قۇرۇلۇشىدۇر.

«بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك»نى ماسلاشتۇرۇش ۋە «ئىختىساسلىقلارنى يۆتكەش» سىياسەتلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى خىتاي مىللىتىنىڭ پايدىسىغا ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان يەرلەشكۈچى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئورگانلاشقان قوراللىرىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زىيالىيلارنىڭ تازىلىنىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىم ئەنئەنىسىنىڭ كەمسىتىلىشى (ئېپىستېمىك زوراۋانلىق)، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەقەت جىسمانىي مەۋجۇتلۇقىنىلا ئەمەس، بەلكى كوللېكتىپ تارىخ خاتىرىسىنى ۋە كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى  يوقىتىشنى نىشان قىلغان بىر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى مېخانىزمى سۈپىتىدە رول ئوينىماقتا.

چېن شياۋجياڭ بىلەن ئەركىن تۇنىياز ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭسىز مۇناسىۋەت، ئاپتونومىيە پىرىنسىپىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئېتنىك قاتلامغا ئاساسلانغان بىر مۇستەملىكە مەمۇرىيىتىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەرلىك ئەمەلدارلار سىمۋوللۇق بىر «كۆرگەزمە قورچىقى» سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان بولسا، ھەقىقىي ھاكىمىيەت؛ ھەربىي، تېخنىكىلىق ۋە ئىقتىسادىي كۈچنى مونوپول قىلىۋالغان پارتىيە ئورگانلىرىدا مەركەزلەشكەن.

خۇلاسىلىگەندە؛ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش»، ئىنسان ھاياتىنى ياخشىلاشنى نىشان قىلغان بىر تەرەققىيات غايىسى ئەمەس. ئەكسىچە، تېخنىكا؛ بىر خەلقنى نازارەت قىلىش، بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈش، مەدەنىيىتىنى ئۆچۈرۈش ۋە نوپۇس جەھەتتىن ئاز سانلىققا چۈشۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان «باستۇرۇش تېخنىكىلىرى» (technologies of repression)نىڭ يىغىندىسىدۇر. بۇ كۆرۈنۈش، رايوننىڭ «خىتاي خەلقىگە سىڭدۈرۈلۈۋاتقان قالاق بىر رايون» ئەمەس، بەلكى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن قوراللانغان بىر «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» ۋە بىر «مۇستەملىكە تەجرىبىخانىسى» سۈپىتىدە رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن دەلىللىمەكتە.

تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار


. [1]تەرەققىيات ئىقتىسادشۇناسلىقى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بىر رايون ياكى دۆلەتنىڭ ئىچىدە بولۇشىغا قارىماي، ئۇ رايوننىڭ يەرلىك ئىقتىسادى بىلەن ئورگانىك بىر باغلىنىشى بولمىغان، پۈتۈنلەي تاشقى بازارلارغا ياكى مەركىزىي بىر كۈچكە (مېتروپول دۆلەتكە) بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىپادىلەيدۇ

[2] Adrian Zenz (2020): «The Karakax List: Dissecting the Anatomy of Beijing’s Internment Drive in Xinjiang». Journal of Political Risk

[3] Rapor: «China’s Algorithms of Repression: Reverse Engineering a Xinjiang Police Mass Surveillance App» (2019).

[4] Yves Moreau (2019): «Crack down on genomic surveillance». Nature.

[5] Avustralya Stratejik Politika Enstitüsü (ASPI): Mapping China’s Tech Giants: Supply Chains and the Global Data Collection Ecosystem» (2019).

[6] Xinjiang Police Files (2022).  https://www.xinjiangpolicefiles.org/

[7] Adrian Zenz (2021): «Sterilizations, IUDs, and Mandatory Birth Control: The CCP’s Campaign to Suppress Uyghur Birthrates in Xinjiang». Jamestown Foundation.

[8]

[9] Adrian Zenz (2021): «Sterilizations, IUDs, and Mandatory Birth Control: The CCP’s Campaign to Suppress Uyghur Birthrates in Xinjiang». Jamestown Foundation.

[10] Tom Cliff (2016): Oil and Water: Being Han in Xinjiang. University of Chicago Press

[11] Global Magnitsky Sanctions, US Department of the Treasury (2020): «Sanctions on Xinjiang Production and Construction Corps (XPCC). https://ofac.treasury.gov/faqs/topic/5441

[12] Michael Hechter (1975): Internal Colonialism: The Celtic Fringe in British National Development

[13] Cheng Li (2016): Chinese Politics in the Xi Jinping Era. Brookings Institution Press.

[14] Timothy Grose (2019): Negotiating Inseparability in China: The Xinjiang Class and the Dynamics of Uyghur Identity

[15] Bovingdon, Gardner (2010): The Uyghurs: Strangers in Their Own Land. Columbia University Press.

[16] Uyghur Human Rights Project (2019): The Persecution of the Intellectuals in the Uyghur Region: Disappeared Forever?

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*