مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ 2026-يىللىق خىتاي مۆلچەرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى قۇرۇلما خاراكتىرلىك  ئۆزگىرىشلەر

2025-يىلى 28-نويابىر

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار

يەر شارىدىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى قايتىدىن شەكىللىنىۋاتقان، بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىدىن كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە مۇرەككەپ بىر قۇرۇلمىغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان 21-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى پەسلىدە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تۇتقان يول خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەتقىقات ساھەلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ياۋروپانىڭ خىتاي مەسىلىسى تەتقىقات ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئاقىللار ئامبىرىنىڭ بىرى بولغان مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى    (MERICS) ئۆزلىرى ئېلان قىلغان يىللىق مۆلچەر دوكلاتلىرى (China Forecast)  ۋە «ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي تۈگۈنى» (EU-China Hub) ئارقىلىق تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، بىريۇسسېل-بېيجىڭ لىنىيەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك داۋالغۇشلارنى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرىنى ئىلمىي نۇقتىدىن كۆزىتىدىغان ئورگاندۇر. بۇ ماقالىدە مەزكۇر مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ 2026-يىللىق پىلانىنى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى، سىياسىي جەھەتتىن مۇستەھكەملىنىشىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى «خەۋپتىن خالىيلاشتۇرۇش» (de-risking)  ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى تەھلىل قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

مېتودولوگىيەلىك رامكا ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۆلچەرلەرنىڭ ئەھمىيىتى

مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «خىتاي مۆلچەرى» (China Forecast) راي سىناشلىرى، ئادەتتىكى بىر جامائەت پىكىرىنى ئانالىز قىلىشلا بولۇپ قالماي، ئىلىم-پەن، سودا دۇنياسى ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئانالىزچىلىرى ۋە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەردىن تەشكىل تاپقان تاللانغان مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ دوكلاتلارنىڭ مېتودولوگىيەلىك كۈچى، سانلىق مەلۇماتلار (راي سىناش نەتىجىلىرى) بىلەن سۈپەت ئانالىزلىرىنىڭ (مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى ۋە دېلو ئانالىزلىرى) مۇكەممەل بىرلەشتۈرەلىگەنلىكىدىن كەلمەكتە . 2026-يىلىغا قارىتا مۆلچەرلەر تەكشۈرۈلگەندە، مېتودولوگىيەنىڭ ئاساسىدا «ئېنىقسىزلىقنى كونترول قىلىش» ۋە «سېنارىيە پىلانلاش» نىڭ ياتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. قۇرۇق پەرەزلەر ئەمەس ،بەلكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى ، مەۋجۇت قۇرۇلمىۋىي يۈزلىنىشلەرنىڭ (نوپۇس كىرىزىسى، قەرز يۈكى، تېخنىكىلىق رىقابەت)  ئېھتىماللىققا يېقىن بولغان كەلگۈسى بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ مۆلچەرلەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، ياۋروپانىڭ خىتاينى تونۇش شەكلىدىكى ئېپىستېمولوگىيەلىك (بىلىش نەزەرىيەسىگە ئائىت) تەتقىقاتتىن تۈپ  ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقىدىدۇر . ئون يىل بۇرۇنغىچە «پۇرسەتلەر دۆلىتى» دەپ تەرىپلەنگەن خىتاي، بۈگۈنكى كۈندە مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ئانالىزلىرىدا مېتودولوگىيەلىك جەھەتتىن «سىستېماتىك رەقىب» (systemic rival) كاتېگورىيەسىگە مۇقىملاشتۇرۇلدى. راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ تەركىبى پەقەت خىتاينى سىرتتىن كۆزىتىدىغانلارنىلا ئەمەس، بەلكى بىۋاسىتە خىتاي بىلەن سودا قىلىدىغان ياكى دىپلوماتىك سۆھبەتلەردە بولىدىغان ئاكتىيورلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغاچقا، ئوتتۇرىغا چىققان سانلىق مەلۇماتلار توپلىمىنىڭ «نەق مەيداندىكى رىئاللىق» نى (reality on the ground) ئەكس ئەتتۈرۈش جەھەتتە ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى يۇقىرى.

سىستېمىلىق نۇقتىئىنەزەر بىلەن قارىغاندا، 2026-يىللىق مۆلچەرلەرنىڭ ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان تەرىپى، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۈمىدسىزلىك ئارىسىدىكى پەرقنىڭ ئۈمىدسىزلىك (ياكى تېخىمۇ توغرا ئىپادە بىلەن ئېيتقاندا «ئىستراتېگىيەلىك رىئالىزم») تەرەپكە قاراپ كېڭىيىشىدۇر. بۇ ئەھۋال ئانالىزچىلارنىڭ ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ دىموكراتىيەلىشىش ئېھتىماللىقىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا مۇستەبىتلەشكەن، يېپىق ۋە بىخەتەرلىكنى مەركەز قىلغان بىر خىتاي رىئاللىقى بىلەن قانداق تاقابىل تۇرۇشقا دىققەت مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. شۇڭا بۇ خىل دوكلاتلار  ۋەزىيەت ئېنىقلاش ۋاسىتىسى بولۇشتىن ھالقىپ ، ياۋروپا ئۈچۈن بىر «ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمى» رولىنى ئوينىماقتا.

خىتاي ئىچكى سىياسىتىدە بىخەتەرلىكلىشىش ۋە شى جىنپىڭ دوكتىرىناسى

مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى دوكلاتلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارگۇمېنتلىرىدىن بىرى، خىتاي ئىچكى سىياسىتىدە ئىقتىساد تەرەققىياتنىڭ  ئەڭ  ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىملىق   ئورنىنى «دۆلەت بىخەتەرلىكى» پارادىگمىسىغا (ئەندىزىسىگە) بوشىتىپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى باھادۇر. 2026-يىللىق مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (XKP) ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ۋە رېجىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئۈستۈن تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار ئۈچۈن مۆلچەرلەشچانلىقنىڭ تۆۋەنلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. «بىخەتەرلىكلىشىش» (securitization) ئۇقۇمى ئەمدىلىكتە پەقەت ھەربىي مەسىلىلەردىلا ئەمەس، سانلىق مەلۇماتتىن مەدەنىيەتكىچە، ئاشلىقتىن تېخنىكىغىچە بولغان ھەر ساھەدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلماقتا.

پارتىيە بىلەن دۆلەت بىرلىشىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، تېخنو-بىيۇروكرات باشقۇرۇشنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ساداقەتنىڭ لاياقەتنىڭ (ئىقتىدارنىڭ) ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا. ئانالىزلار قارار قىلىش مېخانىزملىرىنىڭ بارغانسېرى مەركەزگە مەركەزلەشكەن ھالەتكە كەلگەنلىكىنى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىق دائىرىسىنىڭ تارىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ئەھۋال كىرىزىس پەيتلىرىدە (مەسىلەن، يۇقۇم ياكى ئىقتىسادىي زەربىلەردە) سىستېمىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى يوقىتىشىنى ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىنى ئېلىپ كەلمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر 2026-يىلىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقاندا، بۇ مەركەزگە مەركەزلەشكەن قۇرۇلمىنىڭ خىتاينىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى بېسىم ئاستىغا ئالىدىغان بىر ئامىل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

سىياسىي كەيپىياتتىكى بۇ قاتماللىق، ئىجتىمائىي ئۆكتىچىلەرنىڭ باستۇرۇلۇشى ۋە رەقەملىك نازارەت مېخانىزملىرىنىڭ (ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى، سۈنئىي ئەقىلنى ئاساس قىلغان كۆزىتىش) ئومۇملىشىشى بىلەن پاراللېل ئىلگىرىلىمەكتە. مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ئانالىزلىرى خىتاي ئوتتۇرا قاتلىمىنىڭ جىمغىنە بىر نارازىلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئەمما دۆلەتنىڭ بېسىم ماشىنىسىنىڭ كۈچى سەۋەبىدىن بۇ نارازىلىقنىڭ تەشكىللىك بىر ھەرىكەتكە ئايلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە. شۇڭلاشقا، «مۇقىم» كۆرۈنگەن يۈزەكى كۆرۈنۈشنىڭ ئاستىدا، باشقۇرۇش بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي-سىياسىي پارتلاش نۇقتىلىرى توپلانماقتا.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ «ئورتاق باياشاتلىق» (Common Prosperity) شوئارىنىڭ كىرىم تەقسىماتىدىكى ئادالەتسىزلىكنى ھەل قىلىشتىن كۆرە، خۇسۇسىي ساھە ئۈستىدىكى دۆلەت كونتروللۇقىنى قانۇنلۇق كۆرسىتىدىغان بىر قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى باھا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تېخنىكا ماگناتلىرىغا، مائارىپ ساھەسىگە ۋە ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىگە قارىتىلغان تەڭشەشلەر، بۇ سىياسىي دوكتىرىنانىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئىپادىلىرىدۇر. بۇ دائىرىدە، سىياسىي ئانالىزلار خىتاينىڭ ئەمدىلىكتە «بازار ئىسلاھاتچىسى» ئەمەس، بەلكى «بازارغا مۇداخىلە قىلىپ تەڭشىگۈچى ۋە چەكلىگۈچى» بىر ئاكتىيور سۈپىتىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى دەلىللىمەكتە.

ئىقتىسادىي ۋەزىيەت: قۇرۇلما خاراكتىرلىق ئاستىلاش ۋە «ياپونلىشىش» خەۋپى

مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ 2026-يىللىق مۆلچەرىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق تېمىلىرىدىن بىرى، خىتاي ئىقتىسادى دۇچ كېلىۋاتقان قۇرۇلما مەنبەلىك كىرىزىسلاردۇر. دوكلاتلار خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى ۋەيران بولۇشى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز كىرىزىسى ۋە نوپۇسنىڭ قىسقىرىشى (قېرىلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىشى) قاتارلىقلارنىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس، بەلكى مەڭگۈلۈك مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدىكى، خىتاينىڭ 1990-يىللاردىكى ياپونىيەگە ئوخشاش بىر «يوقىتىلغان ئون يىل» (lost decade) ىنىڭ بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ ئورنىنى بۇ جەرياننىڭ ئاللىبۇرۇن باشلانغانلىقىغا بولغان ئېنىق تونۇشقا بوشىتىپ بەرمەكتە.

ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئېكسپورت ۋە ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىلىرىدىن بەك ئىچكى ئىستېمالغا تايانغان بىر ئەندىزىگە ئۆزگەرتىلىشىدىكى مەغلۇبىيەت ئانالىزنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئائىلە ئىستېمالىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى نىسبىتىنىڭ تۆۋەن تۇرۇشى، خىتاينىڭ يەر شارى ئىستىمالىغا بولغان بېقىنىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىشغا سەۋەب بولماقتا. غەرب بىلەن يۈز بېرىۋاتقان گېئو-سىياسىي جىددىيچىلىكلەر نەزەردە تۇتۇلغاندا، بۇ ئەھۋال خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن ئېغىر بىر ئاجىزلىقتۇر. مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى سانلىق مەلۇماتلىرى، ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىدىكى پايدا نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ۋە سودا مۇھىتىنىڭ بارغانسېرى سىياسىيلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

«يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى» (New Productive Forces) شوئارى بىلەن شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تېخنىكىغا ۋە يۇقىرى قوشۇلما قىممەت يارىتىدىغان ئىشلەپچىقىرىشقا (توكلۇق ئاپتوموبىللار، باتارېيەلەر، يېشىل ئېنېرگىيە) دىققەت مەركەزلەشتۈرۈشى، گەرچە بىر چىقىش يولى سۈپىتىدە سۇنۇلغان بولسىمۇ، بۇ ئەھۋال دۇنيا بازارلىرىدا « ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ ئىھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشى » (overcapacity) مەسىلىسىگە سەۋەب بولماقتا. دوكلاتلاردا تەكىتلەنگىنىدەك، خىتاينىڭ ئىچكى ئېھتىياجى ھەزىم قىلالمىغان بۇ ئىشلەپچىقىرىش ئېشىنچىسى، تۆۋەن باھالار بىلەن دۇنيا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلىنماقتا، بۇ بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ (FDI) خىتايغا ئېقىشىدىكى ئازىيىش، ئىشەنچنىڭ يوقالغانلىقىنىڭ كونكرېت بىر كۆرسەتكۈچىدۇر. ئانالىزچىلار، كۆپ دۆلەتلىك شىركەتلەرنىڭ «خىتاي+1» ئىستراتېگىيەلىرىنى (ئىشلەپچىقىرىشنى خىتايدىن باشقا مۇھىم دۆلەتلەرگە يۆتكەش) تېزلەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. 2026-يىللىق مۆلچەر دائىرىسىدە، خىتاينىڭ تېخنىكا جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى يېتىدىغان بولۇش (self-reliance) تىرىشچانلىقلىرىنىڭ، غەربنىڭ تېخنىكا ئېمبارگولىرى (بولۇپمۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەر / ئۆزەك ساھەسىدە) سەۋەبىدىن توسالغۇغا ئۇچرايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنى تېخىمۇ بېسىم ئاستىغا ئالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

يەنە، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى پەقەت ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يوشۇرۇن بىر ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق مەنبەسى سۈپىتىدە باھالانماقتا. تەربىيە كۆرگەن ياش نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشالماسلىقى، خىتاينىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئىسراپ قىلىنىشىغا ۋە «بېيىماستىن قېرىش» خەۋپىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا سەۋەب بولماقتا. بۇ كۆپ قاتلاملىق ئىقتىسادىي ئانالىز، خىتاينىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ موتورى بولۇش سۈپىتىنى يوقىتىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋىتى: ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكتىن سىستېماتىك دۈشمەنلىككە

مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي تۈگۈنىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى يۆنىلىش ئۆزگىرىشىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى تەرىپلەشتە قوللانغان «شېرىك، رەقىب ۋە سىستېماتىك دۈشمەن» دىن ئىبارەت ئۈچ پۇتلۇق تەڭلىمىدە، ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ ئېنىق ھالدا «سىستېماتىك دۈشمەن» (Systemic Rival) ۋە «ئىقتىسادىي رەقىب» (Economic Competitor)  تەرەپكە سىيرىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە. 2026-يىللىق مۆلچەردە، بۇ رىقابەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقى ۋە سودىنىڭ سىرتىغا ھالقىپ بىخەتەرلىك ۋە تېخنىكا ساھەلىرىدە بىر «بىلەك كۈچى سىنىشىش»قا ئايلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

«خەۋپتىن خالىيلاشتۇرۇش» (De-risking) ئۇقۇمى، ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى شوئارىغا ئايلاندى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەشەببۇس قىلغان «ئالاقىنى ئۈزۈش» (de-coupling) ئىستراتېگىيەسىدىن پەرقلىق ھالدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈشنى ئەمەس، ھالقىلىق ساھەلەردىكى (دورا،  سىيرەك مەدەنلەر، ئۆزەك تېخنىكىسى) بېقىنىشچانلىقنى ئازايتىشنى نىشان قىلماقتا. ئەمما مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ئانالىزلىرى، بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا تولۇق بىر ماسلىشىش يوقلۇقىنى، گېرمانىيەگە ئوخشاش خىتاي بازىرىغا بېقىنىپ قالغان دۆلەتلەر بىلەن شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ياكى فىرانسىيەگە ئوخشاش تېخىمۇ كەسكىن پوزىتسىيە تۇتقانلار ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپلىرى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

توكلۇق ئاپتوموبىل (EV) تەتقىقاتى، بۇ يېڭى دەۋرنىڭ سىمۋوللۇق بىر مىسالىدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، خىتاينىڭ دئكلەت مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىلگەن توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا قارشى باشلىغان  باھانى تۆۋەنلىتىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش راي سىناشلىرى  ۋەئۆستۈرۈشى ئېھتىماللىقى بولغان قوشۇمچە تاموژنا بېجى، سودىنىڭ ئەمدىلىكتە «بازار ئۆزى ئۆزىنى تەڭشەيدۇ» قائىدىلىرى بىلەن ئەمەس، «گېئو-سىياسىي مۇداخىلىلەر» ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. دوكلاتلاردا، خىتاينىڭ بۇ ئىنكاسلارغا قارىتا ئۆچ ئېلىش (retaliation) ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى (مەسىلەن، ياۋروپانىڭ قىممەت باھالىق ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى ياكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىغا چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق)، شۇ سەۋەبتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىل بولۇش (strategic autonomy) ئىزدىنىشىنىڭ بەدەللىك بولىدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

ياۋروپانىڭ خىتايغا بولغان قارىشىدىكى يەنە بىر ھالقىلىق ئامىل، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان «چەكسىز دوستلۇقى» دۇر. ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ رۇسىيەگە قارىتا ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك قوللىشى، ياۋروپا پايتەختلىرىدە خىتاينىڭ ئەمدىلىكتە بىر بىخەتەرلىك تەھدىتى دەپ قارىلىشىغا سەۋەب بولدى. مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسلىرى، خىتاينىڭ رۇسىيە سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش قىلمىغان تەقدىردە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتلرىنىڭ نورماللىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە «بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى» نىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق زەھەرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىچىدىكى «پارچىلاپ باشقۇرۇش» (divide and rule) تاكتىكىلىرىمۇ ئانالىزلاردا ئورۇن ئالماقتا. ۋېنگىرىيەگە ئوخشاش بەزى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى بىر ئاۋاز بولۇش تىرىشچانلىقلىرىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا. ھالبۇكى، ئومۇمىي يۈزلىنىش، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئاشۇرۇپ، سودا قوغدىنىش قوراللىرىنى تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشلىتىدىغانلىقى يۆنىلىشىدىدۇر.

بۇ بۆلۈمدە ئاخىرىدا، تېخنىكىلىق ھەمكارلىقنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتۈش كېرەك. Horizon Europe  (ياۋروپا ئۇپۇقلىرى) غا ئوخشاش تەتقىقات پىروگراممىلىرىدىن خىتاي ئورگانلىرىنىڭ چىقىرىۋېتىلىشى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارا ھەمكارلىقلارنىڭ «ئەقلى مۈلۈك ئوغرىلىقى» ئەندىشىسى بىلەن چەكلىنىشى، 2026-يىلىغا كەلگەندە ئىلمىي دىپلوماتىيەنىڭمۇ سوۋۇيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

گېئو-سىياسىي پارتلاش لىنىيەلىرى: تەيۋەن ۋە يەر شارى جەنۇبى

مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى راي سىناشلىرى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ، كەلگۈسى يىللاردا دۇنياۋى مۇقىملىققا تەھدىت سالىدىغان ئەڭ چوڭ خەتەرلەردىن بىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى يېقىن كەلگۈسىدە (2026-يىلىغىچە) كەڭ كۆلەملىك بىر ئىشغالىيەت كۈتمىسىمۇ، خىتاينىڭ «كۈلرەڭ رايون» تاكتىكىلىرىنى (تور ھۇجۇملىرى، ساختا ئۇچۇر تارقىتىش، ھەربىي پاراكەندىچىلىك) كۆپەيتىپ، تەيۋەن ئۈستىدىكى بېسىمنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. بۇ ئەھۋال، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىن بىر ھەربىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك سەپتە تۇرۇشقا مەجبۇرلىماقتا.

خىتاينىڭ «يەر شارى جەنۇبى» (Global South) دۆلەتلىرى ئۈستىدىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقى، غەرب مەركەزلىك دۇنيا تەرتىپىگە بىر خىرىس سۈپىتىدە باھالانماقتا. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئاستىلىشىغا قارىماي، خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن قۇرغان سىياسىي ئىتتىپاقلىرى (BRICS  نىڭ كېڭىيىشىگە ئوخشاش)، خەلقئارالىق سۇپىلاردا (ب د ت غا ئوخشاش) غەربنىڭ تەسىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى دوكلاتلىرى، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ تېخنىكا ئۆلچەملىرىگە ۋە باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە تارتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭمۇ دۇنيانى «گۇرۇھلىشىش» قا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئانالىز قىلماقتا.

جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى زىمىن دەۋا  قىلىش پوزىتسىيەسى ۋە قوشنا دۆلەتلەر (فىلىپپىن، ۋىيېتنام) بىلەن يۈز بەرگەن جىددىيچىلىكلەرمۇ گېئو-سىياسىي خەتەر خەرىتىسىدە مۇھىم بىر ئورۇن تۇتماقتا. خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلىشىشى ۋە يادرو ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى، رايوندا قوراللىنىش مۇسابىقىسى قوزغىماقتا. ياۋروپالىق ئىستراتېگىيەچىلەر ئۈچۈن بۇ ئەھۋال، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىق ھەقىقىتىنى مۇستەھكەملىمەكتە.

خۇلاسە

تەكشۈرۈلگەن مەنبەلەر ۋە مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ چوڭقۇر ئانالىزلىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋىتى،  2026-يىلىغا كەلگەنسېرى «قۇرۇلما مەنبەلىك ئىشەنچسىزلىك» ۋە «باشقۇرۇلىدىغان رىقابەت» ئۇقۇملىرى ئەتراپىدا شەكىللەنمەكتە. خىتاي ئىچكى قىسىمدا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە بىخەتەرلىكنى، تاشقى قىسىمدا بولسا رېۋىزىيونىست (دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتكۈچى) بىر كۈچ سۈپىتىدە نامايان بولۇشنى داۋاملاشتۇرسا؛ ياۋروپا ئىتتىپاقى، ساددىلىقتىن يىراقلىشىپ تېخىمۇ مۇداپىئە  خاراكتېرلىك، قوغدىنىشچان ۋە گېئو-سىياسىي بىر ئاكتىيورغا ئايلانماقتا.

ئىقتىسادىي بىرلىشىشنىڭ ئورنىنى ئىستراتېگىيەلىك ئايرىلىش ئالغان بۇ يېڭى دەۋردە، «ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش» (win-win) سۆزلىرى كۈچىنى يوقاتتى. ھەم خىتاينىڭ قۇرۇلمىۋىي ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەۋپتىن خالىيلاشتۇرۇش قارارى، مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۆلىمىدىن كۆرە ماھىيىتىنى ئۆزگەرتمەكتە. ئىلمىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن قارىغاندا، ئالدىمىزدىكى جەريان، كىرىزىس باشقۇرۇش ماھارەتلىرى سىنىلىدىغان، كۈلرەڭ رايونلار ئازىيىدىغان ۋە تەرەپلەر ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىل بولۇش سالاھىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىدىغان بىر مەزگىل بولىدۇ. مېركاتور خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى دوكلاتلىرى، بۇ بورانلىق دېڭىزدا بىر كومپاس رولىنى ئويناپ، قارارلارنىڭ سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغان ۋە ئەقلىي ئاساستا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويماقتا.

مەنبەلەر:

MERICS China Forecast 2026 Survey Results, Nov 26, 2025. 

MERICS EU-China Hub, Nov 26, 2025.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*