لەنەتلەنگەن بايلىق: شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېنېرگىيە پارادوكىسى

2026-يىلى 21-يانۋار


ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

كىرىش: «كۆز قاماشتۇرغۇچى» سانلارنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقەت

-2026يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، خىتاينىڭ رەسمىي ئاگېنتلىقى «تەڭرىتاغ تورى»  مۇنداق بىر خەۋەرنى ئېلان قىلدى: «سانلاردىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر» : ئۇدا ئالتە يىل 100 مىلياردلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى: شىنجاڭنىڭ 2025-يىلى سىرتقا ئەۋەتكەن ئېلېكتىر مىقدارى 1400 مىليارد كىلوۋات-سائەتتىن ئېشىپ كەتتى.

-2025يىلى شىنجاڭنىڭ  سىرتقا ئەۋەتكەن ئېلېكتىر مىقدارى 1412.99 مىليارد كىلوۋات-سائەتكە يېتىپ، بىر يىل ئىلگىرىكىدىن %11.5 ئاشتى. بۇ ئارقىلىق 1400 مىليارد كىلوۋات-سائەتلىك چەكتىن ئېشىپ، ئۇدا ئالتە يىل سىرتقا ئەۋەتىلگەن ئېلېكتىر مىقدارىنىڭ 100 مىلياردتىن ئېشىشى كاپالەتلەندۈرۈلدۈردى. بۇ كۆزنى قاماشتۇرغۇچى سانلارنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە يەتكۈزۈش يوللىرىنى ئەلالاشتۇرۇش  توغرىسىدىكى ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقلىرى  ياتىدۇ. بۇ «سانلار ئارقىلىق يېڭى ئۆزگىرىشلەر» (数字的“新”变化) سىزگە بۇنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى بايقاشقا ياردەم بېرىدۇ. [1]

بۇ خەۋەر، خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىدا «مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسى» سۈپىتىدە تەقدىم قىلىنماقتا. 1,412.99 مىليارد كىلوۋات-سائەتلىك ئېلېكتىر يۆتكەش، ئىقتىسادىي ئېشىش، تېخنىكىلىق تەرەققىيات ۋە مىللىي يۇغۇرۇلۇشنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە داغدۇغا قىلىنماقتا. خەۋەردە ئىشلىتىلگەن «كۆزنى قاماشتۇرغۇچى سانلار»، «ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقلار»  ۋە «ئەلالاشتۇرۇش» دېگەندەك ئىبارىلەر، بۇ تەرەققىياتنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئىجابىي ئىكەنلىكى تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئالتە يىل ئۇدا 100 مىليارد كىلوۋات-سائەتتىن ئارتۇق ئېلېكتىر يۆتكەش، مۇقىملىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كۆرسەتكۈچى سۈپىتىدە تەقدىم قىلىنماقتا.

لېكىن بۇ سانلارنىڭ ئارقىسىدا تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان بىر ھەقىقەت ياتىدۇ. 1,412.99 مىليارد كىلوۋات-سائەت ھەقىقەتەن نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ ھەر خىل مەنبەلەردە ئوخشىمىغان سانلار بولسىمۇ، تەخمىنەن 26 مىليون نوپۇسلۇق بىر رايوننىڭ ئىشلەپچىقارغان ئېلېكتىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ (%80 تىن كۆپرەكى) رايون سىرتىغا يۆتكىلىشى يەرلىك خەلق ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ «ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش» دېگەن سۆز كىمنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىنى كۆرسىتىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭمۇ، ياكى خىتاينىڭ باي شەرق ئۆلكىلىرىنىڭمۇ؟ ئەڭ مۇھىمى، بۇ «ئەلالاشتۇرۇلغان يەتكۈزۈش يوللىرى» كىملەر ئۈچۈن ئەلالاشتۇرۇلغان؟

بۇ سوئاللار بىزنى بايلىقى مول رايونلارنىڭ باشتىن كەچۈرىدىغان ئەڭ چوڭ پارادوكىسلىرىنىڭ بىرىگە يېتەكلەيدۇ: نېمىشقا بەزى رايونلار غايەت زور تەبىئىي بايلىققا ئىگە بولسىمۇ، يەنىلا نامرات، بېقىندى ۋە چەتكە قېقىلغان ھالەتتە قالىدۇ؟ نېمىشقا ئېنېرگىيە بايلىقى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىغا ئىجتىمائىي زىددىيەت، ئىقتىسادىي كۆپ خىللىق ئورنىغا مونوپول ئىقتىساد ۋە يەرلىك ئاپتونومىيە ئورنىغا مەركىزىي كونتروللۇق ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇ پارادوكىسنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئىلمىي ئەدەبىياتتىكى (بۇ يەردىكى ئەدەبىيات بىز چۈشىنىدىغان ئەدەبىيات – سەنئەت مەنىسىدىكى ئەدەبىيات ئەمەس، بەلكى مەلۇم ئىلىم ساھەسىدە يېزىلغان تەتقىقات ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىپادىلىگەن بىر كەلىمە، تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچىدىمۇ ئەدەبىيات كەلىمىسى مۇشۇنداق مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ- تەھرىردىن) «بايلىق  لەنىتى» ياكى «موللۇق پارادوكىسى» دەپ ئاتالغان نەزەرىيەۋى رامكىغا نەزەر سېلىشىمىز كېرەك.

بۇ ماقالىدە، شەرقىي تۈركىستاندىن يۆتكەلگەن 1,412.99 مىليارد كىلوۋات-سائەت ئېلېكتىر بايلىق لەنىتى نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن تەنقىدىي تەھلىل قىلىنىدۇ. مەقسەت، رەسمىي سۆزلەملەر ۋە سىياسەتلەرنىڭ «مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسى» سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان بۇ سانلارنىڭ ئەسلىدە سىياسىي كونتروللۇق، ئىقتىسادىي ئېكىسپىلاتاتسىيە، ئىجتىمائىي پارچىلىنىش ۋە قۇرۇلمىلىق يىمىرىلىشنىڭ سانلىق كۆرسەتكۈچلىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. بىزنىڭ ئانالىزىمىز ئۈچ ئاساسلىق سوئالغا جاۋاب ئىزدەيدۇ:

بىرىنچىدىن، بۇ سانلار سىياسىي جەھەتتىن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۆتكەشنى كونترول قىلىش، مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ئاپتونومىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق شەكىللەندۈرىدۇ؟

ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن نېمىلەرنى ئىپادىلەيدۇ؟ ئېنېرگىيە ساھەسىگە بۇ دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي كۆپ خىللىشىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

ئۈچىنچىدىن، ئىجتىمائىي نەتىجىلىرى نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز زېمىنىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىدىن مەھرۇم قېلىشى، ئىجتىمائىي ماسلىشىش، باراۋەرلىك ۋە مۇھىت ئادالىتى جەھەتتىن قانداق نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، پەقەت شەرقىي تۈركىستانغا خاس بىر ئەھۋال ئانالىزى قىلىپلا قالمايمىز. ئەكسىچە، بايلىق لەنىتى نەزەرىيەسىنىڭ ئومۇمىي مېخانىزملىرىنى ئىشلىتىپ، بۇ ئەھۋالنى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىكى ئوخشاش مىساللار (نورۋېگىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بايلىق  باشقۇرۇشىدىن نىگېرىيەنىڭ نىگېر دەرياسى دېلتىسىدىكى مەغلۇبىيىتىگە قەدەر) بىلەن سېلىشتۇرما نۇقتىدىن تەقدىم قىلىمىز. شۇنداق قىلىپ، 1,412.99 مىليارد كىلوۋات-سائەتنىڭ پەقەت تېخنىكىلىق ستاتىستىكا بولۇپلا قالماي، بەلكى سىياسىي ئىقتىساد، ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە قۇرۇلمىلىق سۈپەتنىڭ بىر كۆرسەتكۈچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.

خىتاينىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرى بۇ سانلارنى «كۆزنى قاماشتۇرغۇچى» دەپ قارىشى مۇمكىن، لېكىن بايلىق لەنىتى نەزەرىيەسى بىزگە بۇلارنىڭ ئەسلىدە «لەنەتلەنگەن بايلىق» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

نەزەرىيەۋى رامكا: بايلىق لەنىتى نەزەرىيەسى

بۇ ئانالىزدا «بايلىق لەنىتى» ياكى «موللۇق پارادوكىسى» نەزەرىيەسى تەتبىقلىنىدۇ. رىچارد ئاۋتى 1993-يىلى ئېلان قىلغان «كان ئىقتىسادلىرىدا تەرەققىياتنى ساقلاپ قېلىش: بايلىق لەنىتى قىياسى» ناملىق ئەسىرىدە تۇنجى قېتىم «بايلىق  لەنىتى» ئۇقۇمىنى سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. نەزەرىيەدە، تەبىئىي بايلىقى مول رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ، تولىمۇ زىددىيەتلىك بىر تەرزدە، تېخىمۇ ئاستا ئىقتىسادىي ئېشىش، تېخىمۇ ئاجىز دېموكراتىك قۇرۇلمىلار ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي توقۇنۇشلارنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

بايلىق لەنىتى نەزەرىيەسىنىڭ تۆت ئاساسلىق مېخانىزمى بار: بىرىنچىسى، «پايدىلا قوغلىشىدىغان دۆلەت كۈچى»: بايلىق  كىرىملىرى دۆلەتنى خەلققە ھېساب بېرىشتىن يىراقلاشتۇرىدۇ ۋە ھاكىممۇتلەق  قۇرۇلمىلارنى باقىدۇ (روس، 2001؛ بېبلاۋىي ۋە لۇسىيانى، 1987). ئىككىنچىسى، «گوللاندىيە سىندىرومى» : بايلىق ساھەسى باشقا ئىقتىسادىي ساھەلەرنى «سىقىپ چىقىرىش» ئارقىلىق ئىقتىسادىي كۆپ خىللىقنى ئۆلتۈرىدۇ (كوردېن ۋە نېرىي، 1982). ئۈچىنچىسى، ئىجتىمائىي مېخانىزم: بايلىق  كونترول قىلىش رىقابىتى گۇرۇپپىلار ئارا توقۇنۇشنى قوزغاپ، «بايلىق  مىللەتچىلىكى» نى پەيدا قىلىدۇ (كوللىئېر ۋە خوفلېر، 2004). تۆتىنچىسى، قۇرۇلمىلىق مېخانىزم: ئاجىز قۇرۇلمىلار  بايلىقنى لەنەتكە ئايلاندۇرىدۇ، چىرىكلىك ئاشىدۇ ۋە «نوقۇل پايدا قوغلىشىش » كەڭ يېيىلىدۇ (مېھلۇم، موئېن ۋە تورۋىك، 2006). گېرەلما ۋە كوتانى (2016) بىلەن كاسېللى ۋە مايكېلس (2013) بۇ لەنەتنىڭ «يەرلىك» دەرىجىدىمۇ ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن: بايلىقى مول رايونلار دۆلەت ئىقتىسادىغا قوشۇلۇپ كېتىش جەريانىدا زىددىيەتلىك ھالدا يەرلىك تەرەققىياتتا ئارقىدا قالىدۇ، مەركىزىي ھۆكۈمەت بايلىق  كىرىملىرىنى كونترول قىلىدۇ ۋە يەرلىك ئاپتونومىيە ئاجىزلايدۇ.

بۇ سانلارنىڭ مەنىسى

شەرقىي تۈركىستاندىن 2025-يىلى خىتايغا يۆتكەلگەن 1,412.99 مىليارد كىلوۋات-سائەت ئېلېكتىر مىقدارى، تەخمىنەن 140 مىليون نوپۇسلۇق بىر دۆلەتنىڭ يىللىق ئېلېكتىر ئىستېمالىغا باراۋەر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆز نوپۇسى تەخمىنەن 26 مىليون بولسىمۇ (ئەلۋەتتە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سانى، ھەقىقىي ساننىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى شۈبھىلىك – تەھرىردىن)، ئىشلەپچىقىرىلغان ئېنېرگىيەنىڭ ناھايىتى چوڭ قىسمى رايون سىرتىغا ئەۋەتىلمەكتە. يىللىق %11.5 ئېشىش، يۆتكەشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتسە، ئۇدا ئالتە يىل 1000 مىليارد كىلوۋات-سائەتتىن ئارتۇق يۆتكەش، مۇستەملىكىگە تايانغان قۇرۇلمىلىق سىستېمىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى نايامەن قىلىپ بېرىدۇ.

سىياسىي جەھەتتە: ھاكىممۇتلەق  كۈچنىڭ مۇستەھكەملىنىشى

روسنىڭ (2012) «نېفىت لەنىتى» ئۇقۇمىغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېنېرگىيە بايلىقلىرى بېيجىڭ ئۈچۈن غايەت زور «كۈچ سەرپ قىلىپ تاپمىغان كىرىم»نى پەيدا قىلماقتا. بۇ كىرىم ئۈچ ئاساسلىق سىياسىي نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىرىنچىدىن،خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىن ئېنېرگىيە ئارقىلىق كىرىم تاپىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئاپتونومىيە ئېھتىياجىنى تامامەن يوقىتىدۇ: يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆز كىرىمىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرالمىغاچقا مەركەزگە بېقىندى بولۇپ قالىدۇ. ئۈچىنچىدىن، خىتايغا ھېساب بېرىشتىن قېچىش پۇرسىتىنى يارىتىدۇ: ئېنېرگىيە كىرىملىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى، يەرلىك ئېھتىياجلارغا جاۋاب بېرىش ئورنىغا كونترول قىلىش مېخانىزملىرىنى قۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.

كلىفنىڭ (2009) دەلىللىگىنىدەك، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش» بىڭتۈەنىگە ئوخشاش ئورۇنلار بايلىق  كىرىمى بىلەن بېقىلىدىغان ھەربىي تەشكىلاتلاردۇر. لې بىللوننىڭ (2001) «ئۇرۇشنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسى» ناملىق ئەسىرىدە تەكىتلەنگىنىدەك، ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ئىستراتېگىيىلىك كونترول قىلىش ۋاسىتىسى رولىنى ئوينايدۇ. ئېلېكتىر يەتكۈزۈش لىنىيەلىرى (يۇقىرى توك بېسىملىق تۈز ئېقىم لىنىيەلىرى) بېيجىڭنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدا بولۇپ، يەرلىكلەرنىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىدە قارار چىقىرىش ھوقۇقى يوق. بۇ 1,412.99 مىليارد كىلوۋات-سائەتنىڭ قەيەرگە، قايسى باھادا كېتىدىغانلىقىنى دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى بەلگىلەيدۇ. سىياسىي نەتىجە ئېنىق: ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق خىتاي كونتروللۇقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە يەرلىك سىياسىي ئاپتونومىيەنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئىبارەت.

ئىقتىسادىي جەھەتتە: «گوللاندىيە سىندىرومى» ۋە يەككە ئىقتىساد

ئاۋتىنىڭ (1990) «بايلىقنى ئاساس قىلغان سانائەتلىشىش» مودېلىغا ئاساسلانغاندا، تەبىئىي بايلىققىلا مەركەزلەشكەن ئىقتىسادلار سانائەتلىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا بۇ ئەھۋال ئېنىق كۆرۈلمەكتە. زېننىڭ (2020) شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرى مۇنداق كۆرسەتمەكتە: ئېنېرگىيە ساھەسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك مەبلىغىنىڭ %40 تىن كۆپرەكىنى جەلپ قىلماقتا، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، ئاساسلىقى خام ئەشيا پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماقتا، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرماقتا ھەمدە يېزا ئىگىلىك ساھەسى بارغانسېرى چەتكە قېقىلماقتا.

«گوللاندىيە سىندىرومى» كۆرسەتكۈچلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق كۆرۈنمەكتە: ئېنېرگىيە ساھەسى يۇقىرى ئەمگەك كۈچى ۋە مەبلەغنى سۈمۈرمەكتە، باشقا ساھەلەر «سىقىپ چىقىرىلماقتا»، تېخنىكا يۆتكەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلگە ئاشمايۋاتىدۇ، چۈنكى ئېنېرگىيە ساھەسى قېزىپ چىقىرىش ۋە توشۇشقىلا مەركەزلەشكەن ھالدا ئىشلىمەكتە. ساچس ۋە ۋارنېرنىڭ (2001) ئەمەلىي تەتقىقاتى، بايلىق  ئېكىسپورتىغا بېقىندى ئىقتىسادلارنىڭ 1970-يىلدىن 1990-يىلغىچە يىلىغا %1 تېخىمۇ ئاستا ئۆسكەنلىكىنى بايقىغان.

كارلنىڭ (1997) «موللۇق پارادوكىسى: نېفىت بىلەن گۈللىنىش، نېفىت ۋە دۆلەتلەر» ناملىق ئەسىرىدە كۆرسىتىلگىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان ئىقتىسادى يەككە بىر «مەھسۇلاتقا» بېقىندى ھالغا كېلىۋاتىدۇ. ئېلېكتىر باھاسى دۆلەتلىك ئېلېكتىر بازىرىدا بەلگىلىنىدۇ، يەرلىك ئىقتىساد «تۇيۇقسىز» بولغان ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشلىرى ۋە دۆلەتلىك ئېھتىياجنىڭ تەۋرىنىشلىرىگە ئىنتايىن ئاجىز ھالغا كېلىۋاتىدۇ ھەمدە ئالمىشىشچان ئىقتىسادىي ساھەلەر تەرەققىي قىلمىغاچقا ئىش ئورنى كۆپ خىل ئەمەس. ئىقتىسادىي نەتىجە ئېنىق:  ئۇ بولسىمۇ مول بايلىقلارغا قارىماي نامرات، كۆپ خىللاشمايدىغان ۋە ئاجىز ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى.

ئىجتىمائىي جەھەتتە: تەڭسىزلىك ۋە ياتلىشىش

كوللىئېر ۋە خوفلېر (2004) بىلەن ھامفرېيسنىڭ (2005) «تەبىئىي بايلىقلار، توقۇنۇش ۋە توقۇنۇشنى ھەل قىلىش» ناملىق تەتقىقاتلىرى، بايلىقى مول رايونلاردا يەرلىك خەلقنىڭ «بۇ بىزنىڭ زېمىنىمىزنىڭ بايلىقى، لېكىن پايدىسى بىزگە كەلمەيدۇ» دېگەن تونۇشىنىڭ كۈچلۈك ئىجتىمائىي بىئاراملىققا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مۇھىتىدا بۇ ئەھۋال مۇنداق نامايان بولماقتا: ئۇيغۇر نوپۇسى ئۆز زېمىنىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى كۆرمەكتە، لېكىن بۇ بايلىقتىن ئۈلۈش ئالالمايۋاتىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆپىنچە خىتاي كۆچمەنلەرگە كېتىۋاتىدۇ ۋە كىرىم تەڭسىزلىكى كۈنسايىن ئېشىۋاتىدۇ.

مونېيھون (2004) شەرقىي تۈركىستاندىكى بايلىق  ساھەلىرىدە خىتاي-ئۇيغۇر ئىشقا ئورۇنلىشىش پەرقىنى ھۆججەتلەشتۈرگەن: يۇقىرى مائاشلىق تېخنىكىلىق خىزمەتلەردە %85 تىن ئارتۇق خىتاي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭ ئەكسىچە، تۆۋەن تېخنىكىلىق خىزمەتلەردە كۆپىنچە ئۇيغۇر ئىشچىلار ئىشلەيدۇ. ۋاتسنىڭ (2004) «بايلىق  لەنىتى؟ نىگېر دەرياسى دېلتىسىدىكى ھۆكۈمرانلىق، نېفىت ۋە كۈچ» ناملىق تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بايلىق  قېزىش يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز تۇپرىقىغا ياتلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ. يەر ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن دۆلەت مۈلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىۋاتىدۇ، ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر (مال باقمىچىلىق، دېھقانچىلىق) ئۈزۈلۈپ قالماقتا ھەمدە يەرلىك خەلق «بايلىق  مېھمىنى» غا ئايلىنىۋاتىدۇ. قۇمۇل ۋە تۇرپاندا شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەلىك دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ئۈچۈن مىڭلىغان گېكتار يەر ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، لېكىن يەرلىك دېھقانلار بۇ يەردىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ.

مارتىنېز ئالىئېرنىڭ (2002) «نامراتلارنىڭ مۇھىتچىلىقى» ناملىق ئەسىرىدە تەكىتلەنگەن مۇھىت ئادالىتى مەسىلىسى شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق كۆرۈلمەكتە. مۇھىت تەننەرخىنى يەرلىكلەر كۆتۈرسە، ئىقتىسادىي پايدىلار سىرتقى كۈچلەرگە ئاقىدۇ: شەرقىي تۈركىستاندا كۆمۈر قېزىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھاۋا بۇلغىنىشى ۋە سۇ بايلىقلىرىنىڭ تۈگىشى يۈز بېرىۋاتقاندا، گۇاڭدۇڭ، شاڭخەيگە ئوخشاش خىتاي شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستاندىن يۆتكەلگەن ئېلېكتىر ئىستېمال قىلىنىۋاتىدۇ. «مۇھىت يۈكىنى ئېكسپورت قىلىش» تەتۈر ئىشلىمەكتە: نامرات رايون بۇلغىنىشنى ئۈستىگە ئالماقتا، خىتاي شەھەرلىرى ئېنېرگىيە ئىستېمال قىلماقتا. ياۋ ۋە چاڭ (2015) شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى كۆپ رايونلاردا دۆلەت ئوتتۇرىچىسىدىن %40 تۆۋەن ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلغان. مول بايلىق پارچىلىنىش، ياتلىشىش ۋە بىئاراملىقتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلماقتا.

قۇرۇلمىلىق جەھەتتە: سۈزۈكلۈك ۋە ھېساب بېرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ يوقلىقى

روبىنسون، تورۋىك ۋە ۋېردىيېرنىڭ (2006) «بايلىق  لەنىتىنىڭ سىياسىي ئاساسلىرى» ناملىق تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بايلىق  كىرىملىرى قۇرۇلمىلىق سۈپەتنى تۆۋەنلىتىدۇ، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بايلىقتىن كېلىدىغان كىرىمنى ئۆزلىرى ئىشلىتىدۇ بولۇپمۇ كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىرى ئوچۇق-ئاشكارا قىلماستىن  يەڭ ئىچىدىلا بىر تەرەپ قىلىدۇ، بۇ چىرىكلىككە سەۋەب بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا بۇ ئەھۋال ئېنىق كۆرۈلمەكتە: ئېنېرگىيە كىرىملىرىنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوچۇق سانلىق مەلۇمات يوق، يۆتكەش باھاسىنىڭ قانداق بېكىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارىلىق يوق ۋە ئۇيغۇرلار قارار چىقىرىش جەريانلىرىدا يوق.

مېھلۇم ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ (2006) «قۇرۇلمىلار ۋە بايلىق  لەنىتى» ناملىق تەتقىقاتىدىكى بايقاشلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئاجىز قۇرۇلمىلاردا مول بايلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى تۆۋەنلەتسە، كۈچلۈك قۇرۇلمىلاردا مول  بايلىق پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلمىلىق سۈزۈكلۈك ۋە ئاپتونومىيە يوق بولغاچقا، بايلىق لەنىتى تولۇق نامايەن بولماقتا.

سېلىشتۇرما

مۇۋەپپەقىيەتلىك بايلىق  باشقۇرۇش مىساللىرى شەرقىي تۈركىستان بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرىدۇ. لارسېننىڭ (2006) «بايلىق لەنىتى ۋە گوللاندىيە سىندىرومىدىن قېچىش» ناملىق تەتقىقاتىدا ئانالىز قىلغان نورۋېگىيە مودېلىدا، نېفىت كىرىملىرىدىن «دۆلەت نېفىت فوندى» قۇرۇلغان بولۇپ، ئوچۇق-ئاشكارا باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىش ئىشقا ئاشقان، يەرلىكلەرنىڭ سۆز ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ئىقتىسادىي كۆپ خىللىققا مەبلەغ سېلىنغان. گولدسمىت (2002) ئوتتۇرىغا قويغان «ئالياسكا دائىملىق فوندى» مودېلىدا نېفىت كىرىمى بىۋاسىتە پۇقرالارغا تارقىتىلىدۇ، «ھېساب بېرىش مېخانىزملىرى» كۈچلۈك ھەمدە يەرلىكلەر قارار چىقىرىش جەريانلىرىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

شەرقىي تۈركىستان بىلەن بۇ مىساللار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ: كىرىم تارقىتىشتا ئوچۇق-ئاشكارىلىق يوق، ئۇيغۇرلار قارار چىقىرىش جەريانلىرىنىڭ سىرتىدا تۇتۇلىدۇ ھەمدە فوندلار مەركىزىي خامچوتقا كېتىۋاتقاندا يەرلىك مەبلەغ سېلىش ئېنىقسىز قالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، مەغلۇپ بولغان بايلىق  باشقۇرۇش مىسالى بولغان نىگېرىيەنىڭ نىگېر دېلتىسى، ۋاتس (2004) ۋە ئوكونتا بىلەن دوگلاسنىڭ (2001) «كېزەكلەر زىياپەت قىلىدىغان يەر: نىگېر دېلتىسىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە نېفىت» ناملىق ئەسەرلىرىدە ھۆججەتلەشتۈرگىنىدەك، شەرقىي تۈركىستانغا ھەيران قالارلىق ئوخشاشلىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: غايەت زور نېفىت زاپىسى بولسىمۇ، يەرلىك خەلق نامرات، مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى كۈچلۈك، بايلىق  كىرىملىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى كونترول قىلىدۇ، ئۇيغۇرلار قارار چىقىرىش جەريانلىرىنىڭ سىرتىدا،  بۇنىڭدىن پەيد بولغان نەتىجە دەل «سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي بىئاراملىق» بىلەن زىددىيەتتۇر.

ئۈچ پارادوكىس: سانلارنىڭ ھەقىقىي مەنىسى

بىرىنچى پارادوكىس «بايلىقى بولغىنى بىلەن نامرات» تۇر. 1,412.99 مىليارد كىلوۋات-سائەت نەزەرىيە جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستاننى باي قىلىشى كېرەك، لېكىن بايلىق لەنىتى نەزەرىيەسى مۇنداق كۆرسەتمەكتە: بايلىق  قېزىش بايلىق ئەمەس، بەلكى بايلىقنى كونترول قىلىش بايلىقتۇر. شەرقىي تۈركىستان ئىشلەپچىقىرىشتا باي، لېكىن كونترول قىلىشتا نامرات. گىلفاسوننىڭ (2001) «تەبىئىي بايلىقلار، مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات» ناملىق تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، بايلىقى مول ئىقتىسادلار مائارىپقا ئاز مەبلەغ سالىدۇ، چۈنكى «ئاسان پۇل» مائارىپ ئېھتىياجىنى ئازايتىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ.

ئىككىنچى پارادوكىس «ئېشىش جەريانىدىكى بېقىندىلىق» تۇر. يىللىق %11.5 ئېشىش «مۇۋەپپەقىيەت»تەك كۆرۈنسىمۇ، ئاۋتى (2001) «بايلىق  باشقۇرۇلىدىغان ئېشىشنىڭ سىياسىي ئىقتىسادى» ناملىق ئەسىرىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ: بايلىق  ساھەسىنىڭ ئېشىشى باشقا ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى باستۇرۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتقا تەھدىت سالىدۇ. شەرقىي تۈركىستان «يەككە ئىقتىساد» قا قاراپ ماڭماقتا. پاپىراكېس ۋە گېرلاگنىڭ (2004) «بايلىق لەنىتى قىياسى ۋە ئۇنىڭ يەتكۈزۈش قاناللىرى» ناملىق تەتقىقاتىدا، بايلىق  موللۇقىنىڭ «ئىنسان كاپىتالى»، مەبلەغ سېلىش ۋە «سودا سۈزۈكلىكى»قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئېشىشقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۈچىنچى پارادوكىس «بىرلىشىشتىكى ئايرىلىش» تۇر. ئېلېكتىر لىنىيەلىرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايغا «قوشۇۋاتقاندەك » كۆرۈنسىمۇ، بايلىق لەنىتى نەزەرىيەسى «جىسمانىي بىرلىشىش» نىڭ «ئىقتىسادىي بىرلىشىش» ياكى «ئىجتىمائىي بىرلىشىش» ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلتې، دامانىيا ۋە دېكون (2005) «بايلىق  سىجىللىقى، قۇرۇلمىلار ۋە تەرەققىيات» ناملىق تەتقىقاتىدا بايلىق  ئېكىسپورتىنىڭ ئىقتىسادىي بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، لېكىن «قۇرۇلمىلىق سۈپەت» نى تۆۋەنلىتىپ، ئۇزۇن مۇددەتتە چەتكە قېقىلىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خۇلاسە: لەنەتلەنگەن بايلىق

«بايلىق  لەنىتى» نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن، 1,412.99 مىليارد كىلوۋات-سائەت ئېلېكتىر يۆتكەشنىڭ مەنىسى كۆپ تەرەپلىمىلىكتۇر. سىياسىي جەھەتتىن، بۇ سان «مەركىزىي كونترول مېخانىزمى» بولۇپ، يەرلىك ئاپتونومىيەنى بۇزۇپ، ھاكىممۇتلەق  قۇرۇلمىلارنى غايەت زور بايلىقلار بىلەن باقىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن، «گوللاندىيە سىندىرومى» نى قوزغاپ، «ئىقتىسادىي كۆپ خىللىشىش» نى يوقىتىدۇ ھەمدە ئاجىزلىق بىلەن بېقىندىلىقنى پەيدا قىلىدۇ. ئىجتىمائىي جەھەتتىن، «بايلىق  مىللەتچىلىكى» نى قوزغاپ، «ئىجتىمائىي ياتلىشىش» پەيدا قىلىدۇ، «مۇھىت ئادالەتسىزلىكى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە تەڭسىزلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

مايكېل روسنىڭ (2015) «بايلىق لەنىتى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟» ناملىق ئانالىزىدا يەكۈنلىگەن نەتىجە ئىنتايىن مۇھىم: بايلىق لەنىتى ھەقىقەتەن مەۋجۇتتۇر، لېكىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. «سۈزۈكلۈك»، «ھېساب بېرىش مەجبۇرىيىتى»، «يەرلىك قاتنىشىش» ۋە «قۇرۇلمىلىق سۈپەت» لەنەتنى بۇزالايدۇ. لېكىن شەرقىي تۈركىستاندا بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يوق. شۇڭلاشقا 1,412.99 مىليارد كىلوۋات-سائەت بايلىق ئەمەس، بەلكى «لەنەتلەنگەن بايلىق» تۇر. بۇ سانلار، سىرتقى كۆرۈنۈشتە ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەت سۈپىتىدە تەقدىم قىلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سىياسىي كونتروللۇق، ئىقتىسادىي ئېكىسپىلاتاتسىيە، ئىجتىمائىي پارچىلىنىش ۋە قۇرۇلمىلىق يىمىرىلىشنىڭ سانلىق كۆرسەتكۈچلىرىدۇر.

مەنبەلەر

  • Auty, R. M. (1990). Resource-Based Industrialization: Sowing the Oil in Eight Developing Countries. Oxford University Press.
  • Auty, R. M. (1993). Sustaining Development in Mineral Economies: The Resource Curse Thesis. Routledge.
  • Auty, R. M. (2001). The Political Economy of Resource-Driven Growth. European Economic Review, 46(4-5), 839-846.
  • Beblawi, H., & Luciani, G. (1987). The Rentier State. Croom Helm.
  • Bulte, E. H., Damania, R., & Deacon, R. T. (2005). Resource Intensity, Institutions, and Development. World Development, 33(7), 1029-1044.
  • Caselli, F., & Michaels, G. (2013). Do Oil Windfalls Improve Living Standards? Evidence from Brazil. American Economic Journal: Applied Economics, 5(1), 208-238.
  • Cliff, T. (2009). Neo Oasis: The Xinjiang Bingtuan in the Twenty-first Century. Asian Studies Review, 33(1), 83-106.
  • Collier, P., & Hoeffler, A. (2004). Greed and Grievance in Civil War. Oxford Economic Papers, 56(4), 563-595.
  • Corden, W. M., & Neary, J. P. (1982). Booming Sector and De-Industrialisation in a Small Open Economy. The Economic Journal, 92(368), 825-848.
  • Gerelmaa, L., & Kotani, K. (2016). Further Investigation of Natural Resources and Economic Growth: Do Natural Resources Depress Economic Growth? Resources Policy, 50, 312-321.
  • Goldsmith, S. (2002). The Alaska Permanent Fund Dividend: An Experiment in Wealth Distribution. ISER Working Paper.
  • Gylfason, T. (2001). Natural Resources, Education, and Economic Development. European Economic Review, 45(4-6), 847-859.
  • Humphreys, M. (2005). Natural Resources, Conflict, and Conflict Resolution. Journal of Conflict Resolution, 49(4), 508-537.
  • Karl, T. L. (1997). The Paradox of Plenty: Oil Booms and Petro-States. University of California Press.
  • Larsen, E. R. (2006). Escaping the Resource Curse and the Dutch Disease? When and Why Norway Caught up with and Forged ahead of its Neighbors. American Journal of Economics and Sociology, 65(3), 605-640.
  • Le Billon, P. (2001). The Political Ecology of War: Natural Resources and Armed Conflicts. Political Geography, 20(5), 561-584.
  • Martinez-Alier, J. (2002). The Environmentalism of the Poor. Edward Elgar Publishing.
  • Mehlum, H., Moene, K., & Torvik, R. (2006). Institutions and the Resource Curse. The Economic Journal, 116(508), 1-20.
  • Moneyhon, M. D. (2004). Controlling Xinjiang: Autonomy on China’s «New Frontier». Asia-Pacific Law & Policy Journal, 5(1), 120-162.
  • Okonta, I., & Douglas, O. (2001). Where Vultures Feast: Shell, Human Rights, and Oil in the Niger Delta. Sierra Club Books.
  • Papyrakis, E., & Gerlagh, R. (2004). The Resource Curse Hypothesis and its Transmission Channels. Journal of Comparative Economics, 32(1), 181-193.
  • Robinson, J. A., Torvik, R., & Verdier, T. (2006). Political Foundations of the Resource Curse. Journal of Development Economics, 79(2), 447-468.
  • Ross, M. L. (2001). Does Oil Hinder Democracy? World Politics, 53(3), 325-361.
  • Ross, M. L. (2012). The Oil Curse: How Petroleum Wealth Shapes the Development of Nations. Princeton University Press.
  • Ross, M. L. (2015). What Have We Learned about the Resource Curse? Annual Review of Political Science, 18, 239-259.
  • Sachs, J. D., & Warner, A. M. (2001). The Curse of Natural Resources. European Economic Review, 45(4-6), 827-838.
  • Watts, M. (2004). Resource Curse? Governmentality, Oil and Power in the Niger Delta, Nigeria. Geopolitics, 9(1), 50-80.
  • Yao, L., & Chang, Y. (2015). Energy Security in China: A Quantitative Analysis and Policy Implications. Energy Policy, 67, 595-604.
  • Zeng, D. Z. (2020). China’s Special Economic Zones and Industrial Clusters. World Bank Publications.

[1] 数说“新”变化丨连续六年破千亿 新疆2025年外送电量超1400亿千瓦时, https://www.ts.cn/xwzx/jjxw/202601/t20260116_32586659.shtmlئ

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*