شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاتالىقلىرى ۋە خىتاينىڭ چېكىنىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى

2025-يىلى 17-دېكابىر

(شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى خاتا يولغا باشلىغان  بەش چوڭ خاتا تونۇشى ئۈستىدە تەھلىل)

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار

مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىسى تەيۋەن دۆلەتلىك سىياسىي ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى، خىتاي مەسىلىلىرى ۋە خەلقئارا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى پروفېسسور سۇڭ گوچېڭ تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى خاتا يولغا باشلىغان بەش چوڭ خاتا تونۇشى» دېگەن تېمىدا 2025-يىلى 12-دېكابىردا «ئەينەك گېزىتى» (Mirror Daily) دە ئېلان قىلىنغان. ئاپتور بۇ ماقالىسىدە ھازىرقى زامان خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىدىكى قۇرۇلمىۋى كىرزىسلارنى «شى جىنپىڭنىڭ بەش چوڭ خاتا تونۇشى» رامكىسى ئاستىدا سىستېمىلىق تەھلىل قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي چېكىنىش ۋە سىياسىي يېتىم قالدۇرۇلۇش ھالىتىنىڭ تۈپ يىلتىزىنى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاتالىقلىرىدىن ئىزدىگەن.

بۇ ماقالە، خىتاينىڭ «تەدرىجىي كىچىكلەش» باسقۇچىدىن «تېز سۈرئەتتە خارابلىشىش» باسقۇچىغا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ جەرياننىڭ خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى مۆلچەرلەشتە مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. ئاپتورنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى شۇكى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيەلىك قىيىنچىلىقلىرى تاسادىپىي ھادىسە بولماستىن، بەلكى شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتكە بولغان خاتا ھۆكۈمى ۋە ئىچكى باشقۇرۇشتىكى رادىكال سىياسەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسىدۇر. بۇ تەتقىقات خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان سىياسىيونلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن خىتاينىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى مۆلچەرلەشتە ئىنتايىن مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىرىنچى خاتا تونۇش: غەرب بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك قارشىلىشىش

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك خاتالىقى «قارشىلىشىش» نى تاشقى سىياسەتنىڭ ئوق لىنىيەسى قىلىۋېلىشى بولۇپ، بۇ خاتا ھۆكۈم «خىتاي قەد كۆتۈردى، غەرب زاۋاللىققا يۈزلەندى» دېگەندىن ئىبارەت رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تونۇشقا ئاساسلانغان. شى جىنپىڭنىڭ 21-ئەسىردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى 19-ئەسىردىكى «ئاددىي زوراۋانلىق» لوگىكىسى بىلەن چۈشىنىشى، خىتاينى پۈتكۈل غەرب دېموكراتىك دۇنياسىنىڭ كوللېكتىپ قارشىلىقىغا دۇچار قىلغان. شى جىنپىڭنىڭ  «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى» غەرب بىلەن بولغان قارشىلىشىشتا غەلىبە قىلىشتۇر دەپ چۈشەنگەن بولۇپ، بۇ خىل «كۈرەش پەلسەپىسى» دۆلەتنى تېخىمۇ يېپىق ھالەتكە مەجبۇرلىغان.

ماقالىدە تەكىتلەنگىنىدەك، خەلقئارا سىياسىي قۇرۇلما «نوپۇز تونۇمايدىغان دەۋر»[1] گە قەدەم قويغان بولۇپ، بۇ دەۋردە ھېچقانداق بىر دۆلەت، ھەتتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ يالغۇز ھالدا يەرشارىۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ ياكى رىقابەتچىسىنى يېڭەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، بەش كۆز دۆلەتلىرى(ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقىنى كۆرسىتىدۇ) ۋە ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتمەكتە. بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ھەقىقىي مەنىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىرى يوق، پەقەت شىمالىي كورېيە، ئىران ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش مەسىلىلىك«زىيانلىق دوستلىرى»  بار بولۇپ، بۇ  «زىيانلىق دوستلىرى» خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى يېتىملىكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا.

خىتاي رەھبەرلىكىنىڭ يەنە بىر چوڭ خاتالىقى خەلقئارا تەسىر كۈچىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەسلىكتۇر. خەلقئارا تەسىر كۈچى پەقەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ سانى بىلەن ئەمەس، بەلكى پۇل-مۇئامىلە تۈزۈمى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىش ۋە قىممەت قاراش جەلپ قىلىش كۈچى قاتارلىق يۇمشاق كۈچلەر بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ «ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» دېگەن تەشەببۇسى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن جەلپ قىلىش كۈچى ئەمەس، بەلكى بۇزغۇنچىلىق كۈچى دەپ قارالماقتا.

بۇندىن باشقا، تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئالغاندا، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، يۇمشاق دېتال ۋە يادرولۇق ماتېرىياللار ساھەسىدىكى غەربكە بولغان تېخنىكا بېقىندىلىقى ئىنتايىن ئېغىر. بۇنداق ئەھۋالدا غەرب بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك قارشىلىشىش خىتاينى تېخىمۇ يېپىقلىشىشقا مەجبۇرلايدۇ، يېپىقلىشىش بولسا ئىچكى بايلىققا تايىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نەتىجىدە خىتاي يەرشارى كۈچ مەركىزىدىن يىراقلىشىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئاجىزلاشتۇرىدىغان تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ.

ئىككىنچى خاتا تونۇش: تۈزۈلمە خاراكتېرلىك ئىچكى سەرپىيات

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككىنچى چوڭ خاتا تونۇش «ئىچكى سەرپىيات» بولۇپ، بۇ شى جىنپىڭنىڭ دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىكى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا  ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش ئەندىزىسىنى دەسسىتىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. شى جىنپىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىك ۋە يەرلىك ھوقۇقنىڭ كېڭىيىشىنى پارتىيەنىڭ كونتروللۇقىغا تەھدىت دەپ قاراپ، بارلىق بايلىق ۋە تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىنى شەخسىي قولىغا مەركەزلەشتۈرگەن.

بۇ خىل «مەنلا ھەممىدىن ئەلا» دەيدىغان ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈلمىسىدە، سىياسىي سادىقلىق كەسپىي ئۈنۈمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بولۇپ، ئىچكى كۈرەش سىياسىي ئەقىلنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. نەتىجىدە سىياسىي قۇرۇلۇشلار ئەمەلىي ئىسلاھاتنىڭ ئورنىنى بېسىپ، دۆلەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى خورىتىۋاتىدۇ. ئەگەر «شى يادرولىقىدىكى ھاكىمىيەت» غۇلاپ چۈشسە، خىتاينىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسى كونتروللۇقتىن چىقىپ، قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە.

بولۇپمۇ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ غايەت زور مەبلەغ سېلىنمىسى، خىتاي ئىقتىسادىنى ئېغىر دەرىجىدە خورىتىپ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنگە سۆرەپ تۇرىدىغان «چۆكۈپ كەتكەن تەننەرخ»[2] كە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ قۇرۇلۇشتىكى مەبلەغلەر كۆپىنچە سىياسىتى  مۇقىمسىز، قايتۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەن دۆلەتلەرگە سېلىنغان بولۇپ، كەلگۈسىدە زىياننى قايتۇرۇۋېلىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن.

ئەڭ خەتەرلىك يېرى شۇكى، چەت ئەلدىكى بۇ «لەنۋېي قۇرۇلۇش» (تاماملانمىغان ياكى مەغلۇپ بولغان قۇرۇلۇش) لارنىڭ زىيىنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى، مائارىپ ۋە ساغلاملىق ساھەلىرىگە ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغنى قىسقارتىشقا مەجبۇر بولماقتا. بۇ خىل ئىچكى سەرپىيات دۆلەتنىڭ ماددىي ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي كىرزىسنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇپ، كەلگۈسىدە تۈزىتىش قىيىن بولغان مالىيە «قارا ئۆڭكۈرى» نى شەكىللەندۈرمەكتە.

ئۈچىنچى خاتا تونۇش: يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى

ئۈچىنچى خاتا تونۇش شى جىنپىڭنىڭ «يۇقىرى بېسىم – مۇقىملىق دېمەكتۇر» دېگەن لوگىكىسىدا ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر (شىنجاڭ)، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق رايونلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بارلىق قارشىلىق ئاۋازلىرىنى بوغۇشقا ئۇرۇنماقتا، ئەمما كۈچ بىلەن بويسۇندۇرۇش سادىقلىق يارىتالمايدۇ.

گەرچە يەرلىكتىكى ئاشكارا قارشىلىقلار ۋاقتىنچە بېسىقتۇرۇلغان بولسىمۇ، بۇ خىل باستۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە« كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ئەيىبلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي خەلقئارالىق «ئوبراز جازاسى» غا ئۇچراپ، تەمىنات زەنجىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ توختاپ قېلىشى (مەسىلەن، كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ تاقىلىشى) قاتارلىق رېئال زىيانلارغا دۇچار بولغان.

بۇندىن باشقا، يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇشنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆلەۋاتقان «مۇقىملىقنى ساقلاش تەننەرخى» (Weiwen Cost) غايەت زور بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. ئاپتورنىڭ كۆزىتىشىچە، مىڭ مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بۇ خىراجەت نازارەت سىستېمىسى، ساقچى ۋە قوراللىق قىسىم،  مېڭە يۇيۇش ۋە تەشۋىقات ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئۆز خەلقىنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىش دېگەنلىكتۇر.

تۆتىنچى خاتا تونۇش: رېئاللىقتىن يىراقلاشقان تەشۋىقات

تۆتىنچى خاتا تونۇش بولسا «تەشۋىقات» ۋە «شوئار بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش» ئەندىزىسى بولۇپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى قۇرۇق شوئارلارنى ئەمەلىي كۈچ، ھېكايە توقۇشنى سىياسەت دەپ قارايدىغان خاتا يولغا كىرىپ قالغان. ھۆكۈمەت «جۇڭگو ئارزۇسى»، «ئورتاق بېيىش» ۋە «يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى» دېگەندەك چىرايلىق شوئارلار ئارقىلىق خەلقنىڭ ماددىي قىيىنچىلىقلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان بىلەن، تەشۋىقات رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

ماقالىدە بۇ خىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى «ئىنسانىيلىققا قارشى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش» ۋە «روھىي بۇلاڭچىلىق» دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت خەلقنى ھەمكارلاشقۇچى ئەمەس، بەلكى خالىغانچە پايدىلىنىدىغان ۋە قۇربان قىلىدىغان «كۈدە» (خىتايچە «جىيۇ سەي» دەپ ئاتىلىدىغان، قايتا-قايتا ئورىۋېلىشقا بولىدىغان كۆكتاتقا ئوخشىتىش) دەپ قارايدۇ. بۇ خىل ئىدىيە خەلقنى سۇبيېكت ئەمەس، بەلكى پەقەتلا بايلىق ئېلىش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.

ئاپتورنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىشىچە، خىتايدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئىلمىي پاكىت بولماستىن، بەلكى سىياسىي ئېھتىياج ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان «قورال» غا ئايلىنىپ قالغان. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى كۆپتۈرۈپ مەلۇم قىلىشى، ئىشسىزلىق نىسبىتى ۋە يۇقۇم ئەھۋالىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنىڭ سىياسىيلىشىشى، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇ خىل «يالغانچىلىق مەدەنىيىتى» بارلىق مەسىلىلەرنىڭ يىغىلىپ چوڭ پارتلاشقا ئايلىنىشىغا سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن.

بەشىنچى خاتا تونۇش: تەيۋەن مەسىلىسىدە مىناغا دەسسەش

بەشىنچى ۋە ئەڭ خەتەرلىك خاتا تونۇش شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك قارىغۇلۇقىدۇر. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ تەيۋەننى بېسىۋېلىشنى تارىخىي ۋەزىپە دەپ قارىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تەيۋەن دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك «پارتلاتقۇچ دورا ئىسكىلاتى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارزۇسى، ئەمەلىيەتتە «يىلاننىڭ ئۇۋىسىغا قول تىققانلىقى» بولۇپ، بۇ خىتاينى پۈتكۈل دېموكراتىك دۇنيانىڭ قورشاۋىغا ئېلىپ كىرىدۇ.

شى جىنپىڭنىڭ «ھەربىي مانېۋىرنى ھەربىي كۈچ دەپ سانىشى»، «بىر قانچە سائەتتىلا تەيۋەننى ئالغىلى بولىدۇ» دەپ ئويلىشى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنى توسۇپ قالالايمەن دەپ خىيال قىلىشى، خام خىيال (Cognitive Bubble) ۋە ئىستراتېگىيەلىك خاتا ھۆكۈم ھېسابلىنىدۇ. سۈنئىي ئەقىل، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىلىرىغا ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كېتىش، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنى قوغداش ئىرادىسىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

نەتىجىدە، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنسا، بۇ پەقەت ئۇرۇش مەسىلىسىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆزىنى ئۆزى پارتلىتىش ھەرىكىتى بولۇپ قالىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىل خاتا تونۇشى ئاخىرقى ھېسابتا پارتىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان «مىنا» غا دەسسەش ھەرىكىتىدۇر.

خۇلاسە

يىغىپ ئېيتقاندا، سۇڭ گوچېڭنىڭ بۇ ماقالىسى شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كېسەللىكلىرىگە قويۇلغان چوڭقۇر دىئاگنوز بولۇپ، ئاپتور يۇقىرىدىكى بەش نۇقتا ئارقىلىق خىتاينىڭ  «تېزلىشىۋاتقان خارابلىشىش» يولىغا كىرىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلمىي دەلىللىگەن. ماقالىنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ مۇرەككەپ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى «بەش خاتا تونۇش» تىن ئىبارەت ئېنىق رامكىغا سېلىپ تەھلىل قىلغان، بولۇپمۇ «چۆكۈپ كەتكەن تەننەرخ» ۋە «يۇمشاق  كۈچ» قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ كۈچىيىشىنىڭ يۈزەكى، چېكىنىشىنىڭ بولسا سېستىماتىك ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە شەرھلەپ بەرگەن. شۇنداقلا، ئاپتور خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتى بىلەن تاشقى دىپلوماتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى ئېنىق يورۇتۇپ بەرگەن.

بىراق، ماقالە ئاپتورى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چىدامچانلىقى ۋە كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇشتا قوللىنىۋاتقان ۋاقىتلىق تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى سەل تۆۋەن مۆلچەرلىگەن بولۇشى مۇمكىن. گەرچە خىتاي نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي كۆلىمى ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇق تورى يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە ھاكىمىيەتنى ساقلاپ تۇرۇش كۈچىگە ئىگە. ئۇندىن باشقا، ماقالىنىڭ خۇلاسىسى بىر قەدەر دېتېرمىنىزملىق (مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىش) تۈسىنى ئالغان بولۇپ، كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىشچان ئامىللارغا يېتەرلىك ئورۇن قالدۇرمىغاندەك تەسىرات بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ ماقالە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشتە يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

ئىزاھاتلار:

[1] نوپۇز تونۇمايدىغان دەۋر (Post-hegemonic era): خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىدىكى بىر ئۇقۇم بولۇپ، ھېچقانداق بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت يەرشارى سىياسىتىنى يەككە ھالدا بەلگىلەش ياكى كونترول قىلىش كۈچىگە ئىگە بولالمايدىغان، كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق ۋە كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئاساس قىلىنىدىغان يېڭى تارىخىي دەۋرنى كۆرسىتىدۇ.

[2] چۆكۈپ كەتكەن تەننەرخ (Sunk cost): ئىقتىسادشۇناسلىق ئاتالغۇسى بولۇپ، ئاللىبۇرۇن سەرپ قىلىنغان ۋە ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن قايتۇرۇۋېلىشقا ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان چىقىمنى كۆرسىتىدۇ. سىياسىي جەھەتتە، بىر تۈر مەغلۇپ بولسىمۇ، ئالدىنقى مەبلەغنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ داۋاملىق خاتا مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت يامان سۈپەتلىك دەۋرىيلىكنى  تەسۋىرلەشتە ئىشلىتىلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە:

宋國誠. (2025). 習近平誤國的五個迷思──我對未來世局的看法(10之5)2025/12/12. Mirror Media Article Link Media.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*