يەر شارىۋى جىھادىي ھەرىكەتلەر ئىستراتېگىيەلىك بۇرۇلۇش ياساپ، خىتاينى يېڭى زەربە ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتتىمۇ؟

2026-يىلى 18-فېۋرال

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

مەزكۇر ماقالە ئامېرىكىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە تاشقى سىياسەت تەتقىقات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق سەھنە بولغان «War on the Rocks» مۇنبىرىدە 2026-يىلى فېۋرالدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئەمدى ئەلقائىدىنىڭ زەربە نىشانىغا ئايلاندى» ناملىق ئىلمىي ئەسەر ئاساسىدا پۈتۈلدى. يەر شارى خەۋپسىزلىكى ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار تەتقىقاتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەربابلار — لۇكاس ۋېببېر بىلەن كولىن پ. كلاركنىڭ قەلىمىدىن چىققان بۇ ئەسەر، خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەرىتىسىدە يۈز بېرىۋاتقان تارىخىي بۇرۇلۇشنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئاپتورلار ماقالىدە، خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، «ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە» قاتارلىق مىللەت ھالقىغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك زەربە نىشانىغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقىنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلغان. بولۇپمۇ تەشكىلات ئەمىرى شەيخ سەئەد بىن ئاتىف ئەلئەۋلاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان كەسكىن باياناتلىرى بىلەن بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە باغلىنىشىنى سىستېمىلىق ئانالىز قىلىپ، كەلگۈسىدىكى خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىققان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە خىتاينىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، يەر شارىۋى جىھادىي تەشكىلاتلارنىڭ خىتايغا بولغان دىققىتىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقان. بولۇپمۇ «ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە» تەشكىلاتىنىڭ ئەمىرى شەيخ سەئەد بىن ئاتىف ئەلئەۋلاقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتى بۇ ئىستراتېگىيەلىك بۇرۇلۇشنىڭ روشەن بەلگىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئاپتورلارنىڭ تەھلىلىچە، ئەۋلاقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىۋاسىتە تەھدىت ئاستىغا ئېلىپ، ئۇنى «بۇتپەرەس، دىنسىز» دۈشمەن دەپ ئاتىغان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ھۇجۇملارنى ئاقلايدىغان ئاساس ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ خىل بايانلار مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتايغا قارشى تەشۋىقاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، تارىخىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، جىھادىي تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى دائىم مۇبالىغە قىلىپ كۆرسىتىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۇلار مېدىيا ۋە تەشۋىقات سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ھەم «يېقىن دۈشمەن» (يەرلىك ھۆكۈمەتلەر) ھەم «يىراق دۈشمەن» (غەرب ئەللىرى) گە قارشى كەڭ كۆلەملىك تەھدىتلەرنى تارقىتىپ كەلگەن. بىراق، ماقالىدە تەكىتلەنگىنىدەك، ئەمەلىيەتتە خىتاي نىشانلىرىغا قىلىنغان جىھادىي ھۇجۇملار ئاساسەن تارقاق ۋە پۇرسەتپەرەسلىك خاراكتېرىنى ئېلىپ كەلگەن. بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغان ئاپتورلار، خىتاينىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭكىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نوپۇس ئۈستىدىن ئىنتايىن قاتتىق نازارەت ۋە كونتروللۇق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى، بۇ خىل سىستېمىنىڭ خىتاي زېمىنىدا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنتايىن تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەتتا ۋەقە يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات كونتروللۇقى سەۋەبىدىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ چەكلىك تارقىلىدىغانلىقى ماقالىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

شۇنداقتىمۇ، ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەرچە «ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە» تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت ئىقتىدارى ئۆزگەرمىگەن ۋە تەسىر دائىرىسى چەكلىك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇچۇر تارقىتىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. تارىختا بۇ تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقاتى ئاساسلىقى يەمەن ھۆكۈمىتى ۋە باشقا رايونلۇق دۈشمەنلەرگە ئوخشاش يەرلىك رەقىبلەرگە قارىتىلغان ئىدى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە بولسا، ئاپتورلارنىڭ پىكرىچە، خىتايغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش مەزكۇر جىھادىي گۇرۇپپا ئۈچۈن يېڭى ئەزالارنى جەلپ قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى نامايان قىلىشنىڭ بىر يولى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى چوڭ دۆلەتلەرگە قارشى تۇرۇش بايانىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ بوشلۇقتا پاكىستاندىكى «بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» ۋە ئافغانىستاندىكى «ئىسلام دۆلىتى خۇراسان ئۆلكىسى» قاتارلىق باشقا دۆلەتسىز ئاكتىيورلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى جەنۇبىي ئاسىيادىكى خىتاي مەنپەئەت نۇقتىلىرىنى كۆپ قېتىم نىشانغا ئالغان.

تەشۋىقاتتىكى نۇقتىلىق ئۆزگىرىش ھەققىدە توختالغاندا، ماقالىدە «ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە» نىڭ تەشۋىقاتىدا يەھۇدىيلار ۋە ئامېرىكىلىقلار يەنىلا «ئەھلىسەلىب-سىيونىست ئىتتىپاقى» ۋە «قوش يامانلىق» دەپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئەمدىلىكتە پەقەت بىر سىرتقى ياكى قوشۇمچە ئاكتىيور سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنمايۋاتقانلىقى تەكىتلىنىدۇ. ئەكسىچە، بېيجىڭ ھازىر «ھەربىر ھەرىكىتى» كۆزىتىلىۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاز سانلىقلىرىغا قاراتقان خورلاشلىرى ئۈچۈن «جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان» بىر ھاكىمىيەت سۈپىتىدە ئايرىم كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. ئاپتورلارنىڭ ئانالىزىغا كۆرە، بۇ ئۆزگىرىش تېخىمۇ كەڭ بىر يۈزلىنىشنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىغا ئىما قىلىدۇ. يەنى، ئەلقائىدە شۆبىلىرى خىتاينىڭ ئىچكى باستۇرۇشلىرىنى ۋە يەر شارىۋى پائالىيەت ئىزلىرىنى، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلاردىكى مەۋجۇتلۇقىنى، جىھادىي زوراۋانلىقلارنى قوزغاشنىڭ قانۇنىي ئاساسى سۈپىتىدە رامكىغا ئېلىۋاتىدۇ.

ماقالىدە ئەمىر ئەۋلاقىنىڭ ئەڭ يېڭى باياناتىنىڭ مەزمۇنى تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەھۇدىيلار ۋە ئامېرىكىلىقلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان «قەھرىمانلارچە ھەرىكەتلەر» نى مەدھىيەلەش بىلەن باشلىنىپ، ئاندىن خىتايغا بۇرۇلۇپ، بېيجىڭنى بىۋاسىتە ئەلقائىدىنىڭ بايانىغا سىڭدۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئاپتورلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەۋلاقى خىتاينى «بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز» غا زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، خىتاينى پەقەت يىراقتىكى بىر غەيرىي مۇسۇلمان كۈچى ئەمەس، بەلكى قىلمىشلىرى چوقۇم جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان، مۇسۇلمانلارنى ئاكتىپ ئېزىۋاتقان بىر كۈچ سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. ماقالىدە يەنە، ئەگەر خىتاي ئۆزىنىڭ «قىلمىشى ۋە ئەمەلىيىتى» نى ئۆزگەرتمىسە، «ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە» نىڭ «قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىكى مەنپەئەتلەرنى نىشانلاش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى» توغرىسىدىكى ۋەدىسىنىڭ قەستەن كەڭ مەزمۇنلۇق قىلىپ تۈزۈلگەنلىكى، بۇنىڭ دىپلوماتىك ئورۇنلار، سودا پاراخوتلىرى، چەتئەلدىكى ئىشچىلار ياكى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى تۈرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئاپتورلارنىڭ سېلىشتۇرۇشىچە، بۇ خىل رېتورىكىنىڭ كەسكىنلىشىشى ئەلقائىدىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئۇچۇرلىرىنىڭ تارىخىي ئىزىنى ئەسلىتىدۇ؛ گۇرۇپپىنىڭ ئۇزۇن يىللىق رەھبىرى ئۇسامە بىن لادېن 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى باياناتلىرىدا، يەنى 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇرۇنقى مەزگىلدە، دىققىتىنى دەل مۇشۇنداق شەكىلدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا مەركەزلەشتۈرگەن ئىدى.

ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ تەھلىلىچە، يوشۇرۇن ھۇجۇملارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە بولغان جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش شەكلىدە رامكىغا ئېلىش ئارقىلىق، بۇ بايانات خىتاينى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئارقا كۆرۈنۈش ئاكتىيورىدىن مۇسۇلمانلارنى يەر شارىۋى قوغداش بايانىدىكى مەركىزىي دۈشمەنگە ئايلاندۇرىدۇ. ماقالىدە بۇ نۇقتا بىن لادېن ئۆز نۇتۇقلىرىدا پات-پات تەكرارلايدىغان بايانغا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن. ئاپتورلار يەنە باياناتنىڭ ئاخىرىدىكى «كۈتكەنلەر ئۈچۈن ئەتە يېقىندۇر. شۇڭا كۈتۈڭلار، بىزمۇ كۈتۈۋاتىمىز» دېگەن سۆزلەرگە دىققەت قىلىپ، بۇنىڭ خىتايغا قارشى ئۆچ ئېلىشنىڭ پەقەت بىر پەرەز ئەمەس، بەلكى يېقىندا يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى، گەرچە ئۇنىڭ ئېنىق ۋاقتى ۋە ئورنى كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، بۇ مەشغۇلات جەھەتتىكى مۈجمەللىكنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، خىتاي مەنپەئەتلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە «ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە» نىڭ ئېلان قىلىنغان نىشانلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنلىكىدەك بىر چۈشەنچىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، جىھادىي باياناتلار بەزىدە مۇبالىغىلىك بولسىمۇ، بۇ گۇرۇپپىلار ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋاقىت دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئۇچۇرلىرىدا قاتتىق تەنقىد قىلغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھازىرلايدۇ.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ تونۇشتۇرۇلۇش ۋە تەسۋىرلىنىش ئۇسۇلى ئىلگىرىكى جىھادىي تەشۋىقاتلارنىڭ ئاھاڭىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش «ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە» نىڭ بېيجىڭنى ئەلقائىدىنىڭ دۈشمەن دەرىجىسىدە قەستەن يۇقىرى كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاپتورلارنىڭ سېلىشتۇرۇشىچە، ئىلگىرىكى جىھادىي ماتېرىياللاردا، خىتاي مۇسۇلمانلارنى ئېزىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا پەقەت پەقەت بۇلۇڭ – پۇشقاقلاردا تىلغا ئېلىناتتى، ئەمما تەپسىلىي دىققەت ياكى ئېنىق مەشغۇلات نىيىتى ئىپادىلەنمەيتتى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئەڭ يېڭى باياناتتا، خىتاي ئۈچۈن مەخسۇس ب بىر بۆلەك ئاجرىتىلغان، «بۇتپەرەس» ۋە «دىنسىز» دەپ بەلگە قويۇلغان ۋە ئېنىق ب بىر نارازىلىق مەنبەسىگە، يەنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان مۇئامىلىسىگە باغلانغان. ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، بېيجىڭ ئەمدىلىكتە غەيرىي مۇسۇلمان كۈچلىرىنىڭ ئابستراكت كاتېگورىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئەمەس، بەلكى ئېنىق بېكىتىلگەن بىر دۈشمەن بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كونكرېت سىياسەتلىرى، خىتايغا قارشى زوراۋانلىق قوللىنىشنى ئاقلاشقا يېتەرلىك دەپ قارالغان.

ماقالىدە ئانالىز قىلىنىشىچە، باياناتتىكى خىتايغا خاس تىل ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇداپىئە خاراكتېرىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي مەنپەئەتلىرىگە قىلىنغان ھەر قانداق ھۇجۇمنى بېيجىڭنىڭ ئۆز ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاقىۋىتى دەپ كۆرسىتىش مەقسەت قىلىنغان. ئاپتورلارنىڭ كۆزىتىشىچە، ئەۋلاقى پەقەت ئىدېئولوگىيەلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنلا خىتايغا ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە سۆزلىمەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ تەھدىتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «قىلمىشى ۋە ئەمەلىيىتى» ئۈچۈن «جاۋابكارلىققا تارتىش» ۋەدىسىگە باغلايدۇ. بۇ قىلمىشلار شەرقىي تۈركىستاندىكى چېكىدىن ئاشقان نازارەت، دىنىي زىيانكەشلىك ۋە ھەتتا ئۇيغۇرلارنى ئىدىيە ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ «ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە» رەھبەرلىرىنىڭ تېررورلۇق زوراۋانلىقىنى سەۋەبسىز تاجاۋۇزچىلىق ئەمەس، بەلكى ئۆچ ئېلىش، يەنى ئادالەتسىزلىككە بولغان ئىنكاس سۈپىتىدە رامكىغا ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا، ئاپتورلار خىتاينىڭ «قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىكى مەنپەئەتلىرى» نى نىشانلاش توغرىسىدىكى بايانلارنىڭ، ھەرىكەت دائىرىسى مۇھىم دېڭىز يوللىرى بىلەن چېگرىلىنىدىغان يەمەننى ئاساس قىلغان بىر گۇرۇپپا ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ قىزىل دېڭىز ۋە ئادېن قولتۇقىدىكى سودا پاراخوتلىرى ياكى پورتلارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنىي نىشان قىلىنىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ پىكرىچە، خىتايغا خاس مەزمۇنلار پەقەت بېيجىڭغىلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كەڭ جىھادىي ۋە ھېسداشلىق قىلغۇچى ئاممىغىمۇ قارىتىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا ۋەدە بېرىش ئارقىلىق، «ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە» ئۆزىنى چوڭ دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن دەپ قارالغان مۇسۇلمانلارنىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئىستراتېگىيە «ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە» نىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز تەشۋىقاتىنىڭ مەركىزىگە قويغان باشقا جىھادىي ئاكتىيورلار بىلەن ماسلىشىشىغا ۋە ئۇلار بىلەن رىقابەتلىشىشىگە ئىمكانىيەت بېرىدۇ. شۇنداقلا، خىتاينىڭ مەۋجۇتلۇقى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان پاكىستان، شەرقىي ئافرىقا ياكى باشقا رايوندىكى قوللىغۇچىلىرىنى خىتاي تۈرلىرى ۋە خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ چاقىرىقىغا ئۇيغۇن دەپ قاراشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ماقالىدە بۇنىڭدىن چىقىرىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك يەكۈن شۇكى، ئەلقائىدىگە ئوخشاش گۇرۇپپىلار تەشكىلىي ۋە مەشغۇلات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندا، چەتئەلدىكى خىتاي خادىملىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرى جىھادىي گۇرۇپپىلار ئۈچۈن تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق نىشانغا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭغا ماس ھالدا، خىتاي يەر شارىۋى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشكە ۋە بەلكىم تېخىمۇ كۈچلۈك ھەربىي ھالەت قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن. بىراق ماقالىدە بۇ بىر «ئۆزىنى ئىسپاتلايدىغان بېشارەت» بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان. يەنى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى تېخىمۇ گەۋدىلىك ۋە كۈچلۈك خىتاي مەۋجۇتلۇقى تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇملارنى قوزغىشى مۇمكىن. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لىۋان، سەئۇدى ئەرەبىستان، كېنىيە، تانزانىيە، يەمەن ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئامېرىكا خادىملىرى ۋە مەنپەئەتلىرىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ، ئونلىغان يىللار داۋامىدا بۇ دىنامىكا بىلەن ئېلىشىپ كەلگەنلىكى ماقالىدە مىسال قىلىنغان.

ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ تارىخىي ئانالىزىغا قارىغاندا، ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، ئەلقائىدىنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسى نىسبەتەن بىپەرۋالىق ۋە ئاندا-ساندا تاكتىكىلىق ماسلىشىشتىن، بارغانسېرى دۈشمەنلىك تۈسىنى ئالغان رېتورىكىغا، ئاشكارا تەھدىتلەرگە ۋە خىتاي پۇقرالىرى بىلەن مەنپەئەتلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملارنى قوللاشقا قاراپ ئۆزگەرگەن. 1990-يىللاردا، بۇ تەشكىلات ئاساسلىقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئۇنىڭ غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە يەرلىكتىكى «مۇرتەد» ھاكىمىيەتلەرگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، خىتاينى تاشقى سىياسەت جەھەتتە مۇسۇلمان زېمىنلىرىغا بىۋاسىتە ئارىلاشمىغاندەك كۆرۈنىدىغان ئىككىنچى دەرىجىلىك ئاكتىيور دەپ قارايتتى. ماقالىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، بىن لادېن ھەتتا ۋاشىنگتونغا قارشى بېيجىڭ بىلەن يوشۇرۇن ئىتتىپاق تۈزۈش ئېھتىماللىقىغا بېشارەت بەرگەن ۋە خىتاينى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ نىيىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشكارا ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئاز بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شۇنداقتىمۇ، ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، تېخىمۇ كەڭ جىھادىي مۇھىت ئىچىدە، بەزى شەخسلەر ئەلقائىدىنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىكىدىن بۇرۇنلا خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم سالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. مەسىلەن، ئەبۇ مۇساب ئەلسۇرى 1999-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدە يازغان ئەسىرىدە، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىنغان مۇسۇلمان زېمىنى دەپ تەسۋىرلىگەن ۋە بۇ رايوننىڭ ئىسلام دۈشمەنلىرى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئاجىز نۇقتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جالالىدىن ھەققانىنىڭ ئافغانىستاندىكى لاگېرلاردا ئۇيغۇر جەڭچىلەرنى كۈتۈۋالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ داۋاسىنى قوللىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بىراق ئاپتورلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇلار ئاز سانلىق پىكىرلەر بولۇپ قالغان بولۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى «يەككە قۇتۇپلۇق دەۋر» دە، ئەلقائىدە رەھبەرلىكى ئەمدىلەتىن يۈكسىلىشكە باشلىغان، ئەمما تېخى ئۇنچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن خىتاي بىلەن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى بىلەن تىركىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 2000-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، خىتاينىڭ يەر شارىۋى ئوبرازىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئەلقائىدىنىڭ رېتورىكىسى قاتتىقلىشىشقا باشلىغان. 2006-يىلى، بىن لادېن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى «ئالەمشۇمۇل كۇپۇرلۇقنىڭ زومىگەر تەشكىلاتى» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى «خەلقئارا ئەھلىسەلىب ۋە بۇتپەرەس بۇددىستلار» كونترول قىلىۋالغان دەپ تەسۋىرلەپ، خىتايغا «دۇنيادىكى بۇددىست ۋە بۇتپەرەسلەر» گە ۋەكىللىك قىلىش رولىنى تەقسىم قىلغان. ئاپتورلار يەنە ئەيمەن زاۋاھىرىنىڭ ئۆز ئۇچۇرلىرىدا «شەرقىي تۈركىستان» نى تىلغا ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى، جىھادىي زىيالىي ئەكرەم ھىجازىنىڭ بولسا خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ يېڭى «يىلان بېشى» بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. ماقالىدە 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى باستۇرۇشلارنىڭ ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (TIP) نىڭ ئەلقائىدە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر جىھادىي گۇرۇپپىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، «شەرقىي تۈركىستان» نى يادرولۇق جىھادىي فرونت سۈپىتىدە رامكىغا ئالغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

2010-يىللارنىڭ بېشىغا كەلگەندە، ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، «ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە» نىڭ Inspire، «ھىندىستان يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە» نىڭ Resurgence ۋە Hitteen، شۇنداقلا پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ Azan قاتارلىق مېدىيالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى قەرەللىك يورۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ياردەم بەرگەن. ئاپتورلارنىڭ تەھلىلىچە، 2016-يىلى، ئۇنىڭ ئەمىرى ئابدۇلھەق ئەلتۈركىستانى ئاشكارا ھالدا ئەلقائىدىگە بولغان بەيئىتىنى قايتا جەزملەشتۈرگەن. زاۋاھىرى شەرقىي تۈركىستان جەڭچىلىرىنى جىھادىي قەھرىمانلارنىڭ بىر قىسمى دەپ مەدھىيەلىگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى «دىنسىز ئىشغالچىلار» ۋە «خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى» دەپ ئاتاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشنى خەلقئارالىق ئىسلامغا قارشى تۈزۈمگە قارشى كۈرەش بىلەن ئېنىق باغلىغان. ماقالىدە يەنە جەنۇبىي ئاسىيا جىھادىي مېدىيالىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنىڭ تارىخىي بايانلىرى، لاگېرلار ۋە نازارەت قىلىش تەسۋىرلىرى بىلەن بۇ تېمىلارنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان يەنە بىر نۇقتا ئافرىقىدىكى ئىنكاسلار بولۇپ، ئەلقائىدىنىڭ شەرقىي ئافرىقا شۆبىسى بولغان «ئەلشەباب» خىتايغا قارشى ئۇچۇرلارنى زوراۋانلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە ئەڭ كەسكىن تارماقلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ Shahada خەۋەر ئاگېنتلىقى ئافرىقىدىكى «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى بۇلاڭچىلىق دەپ ئەيىبلىگەن، خىتاينىڭ سومالىدا ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە خىتاينىڭ سومالى قىسىملىرىغا بەرگەن ھەربىي ياردىمىنى تەنقىد قىلغان. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، مەشغۇلات جەھەتتە، ئەلشەباب 2015-يىلدىكى موگادىشۇ «جازىرا» مېھمانخانىسىنىڭ پارتلىتىلىشىغا مەسئۇل بولغان ۋە خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنى نىشانلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان. 2025-يىلى ئىيۇندا، Shahada سومالىدىكى خىتاينىڭ «يوشۇرۇن» تەسىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، بېيجىڭنى «قەرز تۇزىقى دىپلوماتىيەسى» بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە يەنە بىر قېتىم خىتاي مەنپەئەتلىرىنى قانۇنىي نىشان دەپ قاراشنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشلىرىنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن.

COVID-19 يۇقۇمى مەزگىلىدىكى بايانلارمۇ ماقالىدە تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، يۇقۇم جىھادىيلارغا خىتايغا قارشى بايانلارنى چوڭقۇرلاشتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى بىر رامكا تەمىنلىگەن. ۋىرۇس ۋۇخەندىن تارقالغاندا، بىر قانچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ يۇقۇمنى بېيجىڭنىڭ مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە بېرما دىكى مۇسۇلمانلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكى ئۈچۈن كەلگەن ئىلاھىي جازا دەپ تەسۋىرلىگەن. 2020-يىلى فېۋرالدا، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ «ئىسلام ئاۋازى» قانىلى «مۇجاھىدلارنىڭ خىتايدىكى تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا بولغان قارىشى» ناملىق بىر سىن تارقاتقانلىقى، ئۇنىڭدا ۋىرۇسنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ «ئۆچى» دەپ تەسۋىرلىگەنلىكى ماقالىدە مىسال قىلىنغان.

2021-يىلى ئاۋغۇستتا تالىباننىڭ ئافغانىستاننى ئىگىلىشى ئەلقائىدە ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك قىيىن تاللاش پەيدا قىلغانلىقى ماقالىدە ئالاھىدە تەھلىل قىلىنغان. ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشى ۋە كېڭىيىۋاتقان رايونلۇق مەۋجۇتلۇقى ئۇنى مەركىزىي تەشۋىقات نىشانى قىلىپ تۇتۇپ تۇرغان، ئەمما تالىبان تېزلىكتە خىتاينىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى ۋە مەبلىغىنى ئىزدىگەن. شۇڭا، ئەلقائىدە رەھبەرلىكى بۇنىڭغا تالىبان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشتىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ساقلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاي سىياسىتىگە بولغان ھۇجۇملارنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرغان. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە يۇقىرىدىكى مىساللار بىر-بىرىگە ماسلاشمىغاندەك ياكى پەقەت نۆۋەتتىكى ۋەقەلەرگە قارىتا ئىنكاس خاراكتېرلىك كۆرۈنسىمۇ، بۇ تەھدىتلەرنىڭ چاستوتىسى ۋە كەسكىنلىك دەرىجىسىنىڭ ئاشقانلىقى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئەگەر بەزى جىھادىي گۇرۇپپىلارنىڭ يوشۇرۇن مەشغۇلات ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، خىتاي مەنپەئەتلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملار تېخىمۇ يۇقىرى مەشغۇلات سۈرئىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.

ئاخىرىدا، ماقالە ئاپتورلىرى بۇ بۇرۇلۇشنىڭ خەلقئارا تېررورىزم ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى يەكۈنلەپ، بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇھىت ئىچىدە، «ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە» نىڭ بارغانسېرى گەۋدىلىك رول ئېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ماقالىدە باشقا جايلاردا، «ئىسلام دۆلىتى» (ISIS) شۆبىلىرى، بولۇپمۇ «ئىسلام دۆلىتى خۇراسان ئۆلكىسى» نىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيانكەشلىكلەر ۋە بېيجىڭنىڭ تالىبان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئوچۇق چاقىرىق قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يېقىندا، ئۇلارنىڭ كابۇلدىكى بىر خىتاي رېستورانىغا قىلىنغان پارتلىتىش ھۇجۇمىغا مەسئۇل بولغانلىقى ماقالىدە پاكىت سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. ئاپتورلار يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن، «ئەلشەباب» بىلەن خۇسىيلار، شۇنداقلا «ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە» بىلەن خۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ۋەزىيەت داۋاملىق كەسكىنلەشسە، بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئافرىقا مۈڭگۈزى، ئادېن قولتۇقى ياكى بابۇلمەندەب بوغۇزىغا يېقىن جايلاردىكى خىتاي دېڭىز تىرانسپورتى مەنپەئەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۆزلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ. ماقالىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئەگەر «ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەلقائىدە» گە ئوخشاش گۇرۇپپىلار قايتا جانلىنىپ، مەشغۇلات ئىقتىدارىنى قايتا قۇرۇپ چىقسا، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرا شەرقتە خىتاي نىشانلىرىغا قىلىنىدىغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىش مۇمكىنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان.


ئاساسلىق پايدىلانغان مەنبەلەر:

Webber, L., & Clarke, C. P. (2026, February). China Now Finds Itself in al-Qaeda’s Crosshairs. War on the Rocks.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*