ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
2026-يىلى 11-مايدا ئاۋسترالىيەنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگىنى «لوۋى ئىنستىتۇتى» (Lowy Institute) بىلەن ئامېرىكانىڭ داڭلىق تەتقىقات ئورگىنى «راند شىركىتى» (RAND Corporation) تەرىپىدىن بىرلىكتە ئېلان قىلىنغان، رىچارد ماكگرېگور (Richard McGregor) بىلەن جۇد بلانچېت (Jude Blanchette) قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر تەييارلىغان «خىتاي تەيۋەننى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن قانداق باشقۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ؟» (After annexation: How China plans to run Taiwan) ناملىق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىندى. مەزكۇر تەتقىقات ماقالىسى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەنگە قارشى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن بولغان ھەربىي قورشاۋ ياكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مېخانىزملىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى بويسۇندۇرۇش بىلەن باشقۇرۇش جەريانلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆپ قاتلاملىق ئانالىز قىلغان.
تېمىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، دۇنياۋى تەتقىقاتلار كۆپىنچە ئەھۋالدا پەقەت جەڭ مەيدانىدىكى غەلىبە ياكى مەغلۇبىيەتكىلا دىققەت قارىتىدۇ، مەزكۇر ماقالىدە بولسا ئاپتورلار، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دېموكراتىك بىر جەمئىيەتنى كۈچ بىلەن ئىگىلىگەندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان مەمۇرىي، سىياسىي ۋە پىسخولوگىيەلىك قىيىنچىلىقلىرىنى نۇقتىدىن يورۇتۇپ بېرىدۇ. خىتاي ئاكادېمىكلىرىنىڭ ئىچكى مەنبەلىرىگە ئاساسلانغان بۇ ماقالە بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە قوللانغان بويسۇندۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ تەيۋەنگە قانداق تەتبىقلىنىدىغانلىقىنى شۇنداقلا مەزكۇر جەرياندا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىچكى زىددىيەتلەرنى سىستېمىلىق تەھلىل قىلىدۇ.
خىتاينىڭ تەيۋەن سىياسىتىدىكى تۈپ بۇرۇلۇش
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بېيجىڭنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك قاراشلىرىدا تۈپ بۇرۇلۇش يۈز بەردى. ئىلگىرىكى «تىنچ بىرلىشىش» ۋە «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» دىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئۇقۇملار تەدرىجىي ئارقا سەھنىگە سۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «ۋەتەننىڭ مۇكەممەل بىرلىشىشى» دېگەن ئىبارە ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتتى. مەزكۇر سىياسىي ئۆزگىرىش خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەيۋەننى پەقەت ئۆزىگە قوشۇۋېلىشقا تېگىشلىك بىر تېررىتورىيە سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ مۇستەبىت سىستېمىسىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان مۇستەقىل بىر سىياسىي كۈچ دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
خىتاي ئاكادېمىكلىرى بىلەن سىياسەت تەتقىقاتچىلىرى تەيۋەننى «يۇقىرى خەتەرلىك باشقۇرۇش رايونى» دەپ ئاتاشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تەيۋەن جەمئىيىتىنىڭ پىشقان دېموكراتىيەگە، رىقابەت كۈچىگە ئىگە سايلام سىستېمىسىغا، ئەركىن مەتبۇئاتقا ۋە پۇقراۋى جەمئىيەتكە ئىگە بولۇشىدىدۇر. مەزكۇر ئالاھىدىلىكلەر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ لېنىنىزملىق ھۆكۈمرانلىق ئۇسلۇبى بىلەن ھەرگىزمۇ ماسلىشالمايدىغان بولۇپ، بېيجىڭ بۇ خىل پەرقلىق سىستېمىنى يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلماقتا.
مەزكۇر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانى كۆپ باسقۇچلۇق بولۇپ، دەسلەپتە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئارقىلىق سىياسىي قارشىلاشقۇچىلارنى يوقىتىش، ئاندىن خوڭكوڭدىكىدىنمۇ چوڭقۇر بولغان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك قۇرۇلما ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئاخىرىدا ئون يىللارغا سوزۇلىدىغان روھىي جەھەتتىن قايتا قۇرۇش پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جەرياندا مىليونلىغان تەيۋەنلىكلەرنىڭ سىياسىي ھاياتتىن چېكىندۈرۈلۈشى ھەمدە ئون مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلىنىشى مۇقەررەر بىر ئەھۋال سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
دېموكراتىك جەمئىيەت بىلەن مۇستەبىت تۈزۈلمىنىڭ توقۇنۇشى
تەيۋەن 1940-يىللاردىن بۇيان مۇستەقىل باشقۇرۇلۇپ، 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ چېكىگە يەتكەن دېموكراتىيەگە ئېرىشكەن بىر جەمئىيەت بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىتاينىڭ مىللىي بىرلىشىش ئىدىيەسىگە پۈتۈنلەي قارشىدۇر. تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئىجتىمائىي راي سىناشلاردا ئاران %2.5 ياشانغانلار ۋە ياشلارنىڭ ئۆزىنى خىتايلىق دەپ قارايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ئەھۋال كىملىك پەرقىنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق ئەمەس، بەلكى قۇرۇلمىلىق ھەم تۈپ پەرق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيەسى تەيۋەن خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە خەلق ئىرادىسى قاتارلىق قىممەت قاراشلىرى بىلەن قاتتىق توقۇنۇشىدۇ. بولۇپمۇ دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى (DPP) نى ۋە ئۇنى قوللايدىغان مىليونلىغان تەيۋەنلىك پۇقرالارنى بېيجىڭ ئۆزى ئۈچۈن سىياسىي تەھدىت دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا تەتقىقاتچىلار بېيجىڭنىڭ بۇ جەمئىيەتنى تىنچ يول بىلەن سىڭدۈرۈشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، پەقەت كۈچ ۋە زوراۋانلىق ئارقىلىقلا كونترول قىلالايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
بۇ جەرياندا خىتاي شەرقىي تۈركىستان بىلەن خوڭكوڭدا قوللانغان قاتتىق قول سىياسەتلەرنى تەيۋەندە تېخىمۇ كۈچەيتىپ تەتبىقلاشنى پىلانلاۋاتىدۇ. مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا 2017-يىلىدىن باشلاپ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەن مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە خاراكتېرلىك لاگېرلار سىستېمىسى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن قانداق قاراڭغۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن دەلىلىدۇر. تەيۋەندىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سىياسىي تازىلاشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.
خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن نارازىلىقلار ۋە كېيىنكى مەزگىلدە بېيجىڭ تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان قاتتىق بېسىم تەدبىرلىرى خىتاي ئاكادېمىكلىرى ئۈچۈن مۇھىم بىر ساۋاق بولدى. ئۇلار تەيۋەندە ھېچقانداق ئارتۇقچە ئاپتونومىيەگە ياكى سىياسىي بوشلۇققا يول قويماسلىقنى ۋە دەسلەپتىلا تولۇق كونترول ئورنىتىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەيۋەن خەلقىنىڭ بارلىق دېموكراتىك ھوقۇقلىرى قەدەممۇقەدەم ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
تارىخىي مودېللار ۋە قانۇنىي ئاساسلار ئارقىلىق بويسۇندۇرۇش
خىتاينىڭ ئاكادېمىك تەتقىقاتلىرىدا تەيۋەننى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن كۆپ خىل تارىخىي ئۆرنەكلەر ۋە ئۇسۇللار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە چاڭچۈن قورشاۋى مودېلى، تىبەتنى بويسۇندۇرۇش ئۇسۇلى، بېيجىڭنى تىنچ يول بىلەن ئىگىلەش ۋە رۇسىيەنىڭ 2014-يىلدىكى قىرىمنى قوشۇۋېلىش تەجرىبىلىرى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ. مەزكۇر ئۆرنەكلەر ئارقىلىق خىتاي ئىستراتېگىيەچىلىرى سىياسىي سەرخىللارنى پارچىلاش، ئىقتىسادىي قورشاۋغا ئېلىش ۋە كۈچلۈك مەجبۇرلاش ئارقىلىق تەسلىم قىلىش يوللىرىنى تەتقىق قىلماقتا.
رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قايتۇرۇۋېلىش جەريانىدىكى ئورتاق تارىخىي ئەسلىمىلەرنى ئەسكەرتىش ۋە مۇزېيلار ئارقىلىق كىملىكنى ئۆزگەرتىش سىياسەتلىرى خىتاي مىللەتچى تەپەككۇرىدا ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش (رېفېرېندۇم) ئۇسۇلىنى خەلق ئىرادىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بېيجىڭنىڭ ئالدىن بەلگىلىگەن قارارلىرىنى قانۇنىيلاشتۇرىدىغان بىر تىياتىر سۈپىتىدە ئىشلىتىش پىلانلانماقتا.
قانۇنىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى، 2005-يىلى ماقۇللانغان «دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە مىللىي بىخەتەرلىك قانۇنلىرى بېيجىڭنىڭ تەيۋەندىكى ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن مۇستەھكەم قانۇنىي سۇپا ھازىرلاپ بېرىدۇ. خىتاي قانۇنشۇناسلىرىنىڭ قارىشىچە، قانۇن پەقەت ھوقۇقنى چەكلەيدىغان قورال ئەمەس، بەلكى سىياسىي تەرتىپنى مەجبۇرىي تۇرغۇزۇش، شۇنداقلا ئالاھىدە تەدبىرلەرنى نورماللاشتۇرۇش قورالىدۇر. شۇڭلاشقا تەيۋەنگە نىسبەتەن خەلقئارا قانۇنلارنىڭ ئەمەس، بەلكى خىتاي دۆلەت ئىچى قانۇنلىرىنىڭلا بىر تەرەپلىمە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقى ئېنىق.
بېيجىڭدا «تەيۋەن ئاساسىي قانۇنى» ياكى مەركەزگە بىۋاسىتە بويسۇنىدىغان ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تۈزۈمى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر ئاپتونومىيەنىڭ ھەرگىزمۇ مەركەزنىڭ ئالىي ھوقۇقىنى چەكلىيەلمەيدۇ. خىتاي ئاكادېمىكلىرى ئاپتونومىيەنى «دائىملىق ھوقۇق» سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى مەركەز تەرىپىدىن ۋاقىتلىق بېرىلگەن ۋە خالىغان ۋاقىتتا قايتۇرۇۋالغىلى بولىدىغان شەرتلىك ھوقۇق دەپ قارايدۇ. مەركەز مىللىي بىخەتەرلىك باھانىسى بىلەن بۇ ھوقۇقلارنى ھەر ۋاقىت بىكار قىلالايدۇ.
بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش ۋە سىياسىي ساداقەتنى تەلەپ قىلىش
خىتاينىڭ پىلانلىرىغا ئاساسلانغاندا، تەيۋەندىكى سىياسىي بىرلىشىش بىر نۇقتىدا تاماملىنىدىغان جەريان ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش دەۋرىنىڭ باشلىنىشىدۇر. «تۇراقسىز بىرلىشىش» تىن «مۇكەممەل بىرلىشىش» كە ئۆتۈش ئۈچۈن، بېيجىڭ بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش تۈزۈمىنى دائىملىق ۋە ئورگانلاشتۇرۇلغان بىر سىستېمىغا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلايدۇ. مەزكۇر تۈزۈم خوڭكوڭدىكى مىللىي بىخەتەرلىك تۈزۈمى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىستېمىلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئاكادېمىكلاردىن شۆ يۇڭخۇي بىلەن ياۋ زېخاۋنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەيۋەن جەمئىيىتىدىكى بۆلۈنۈش خاھىشلىرىنى تۇنجۇقتۇرۈش ئۈچۈن ئاممىۋى ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىنىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن قاتتىق ساداقەت قەسىمى ۋە سىياسىي تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىلىشى كېرەك. خوڭكوڭدىكى «ۋەتەنپەرۋەرلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان خوڭكوڭ» پىرىنسىپى تەيۋەنگىمۇ ئوخشاش شەكىلدە تەتبىقلىنىپ، پەقەت خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە مۇتلەق ساداقەت بىلدۈرگەن كىشىلەرلا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلالايدۇ.
بۇ جەرياندا گېرمانىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى «ناتىستسىزلاشتۇرۇش» ئۇسۇللىرىغا ئوخشاش بىر خىل سىياسىي تازىلاش ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىرىدىن جۇ يېجۇڭ قاتارلىقلار مۇستەقىللىقنى قوللىغان كىشىلەرنى مەڭگۈلۈك سىياسىي ھاياتتىن مەھرۇم قىلىشنى، شۇنداقلا مېدىيا، مائارىپ ۋە پۇقراۋى تەشكىلاتلارنى قاتتىق ئىدېئولوگىيەلىك كونترول ئاستىغا ئېلىشنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ.
تەيۋەننىڭ ئىلغار رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن ئەركىن تور مۇھىتى بېيجىڭ ئۈچۈن ئاساسلىق خىرىسلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بىرلىشىش باشلانغاندىن كېيىن تەيۋەننىڭ تور مۇھىتى دەرھال خىتاينىڭ تور تەرتىپلىرىگە ئۇلىنىپ، سۆز ئەركىنلىكى بوغۇلۇپ، ئالاقە ئەپلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاتالمىش «ئالگورىزملىق سۈزۈش» بىلەن ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. بۇ ئارقىلىق خىتاي تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۇچۇر ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىشنى نىشان قىلىدۇ.
مەزكۇر خىل دائىملىق ۋە يۇقىرى زىچلىقتىكى بىخەتەرلىك باشقۇرۇشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر قاتار ئىچكى زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. دائىملىق نازارەت ۋە سىياسىي تەكشۈرۈش ئېلىپ نۇرغۇن مەمۇرىي كۈچ ۋە مالىيە بايلىقى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەردە «باشقۇرۇش ھارغىنلىقى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا بۇ خىل دائىملىق گۇمان بىلەن باشقۇرۇش سىستېمىسى تەيۋەن ياشلىرىنىڭ بېيجىڭغا بولغان غەزىپىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.
كىملىك قۇرۇلۇشى ۋە پىسخولوگىيەلىك بىرلىشىش جەريانى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدا تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئەڭ قىيىن ۋە ھەل قىلغۇچ نۇقتىسىنىڭ كىملىك مەسىلىسى ئىكەنلىكى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. ھەربىي كۈچ ياكى قانۇنىي تەدبىرلەر پەقەت تېررىتورىيەنىلا كونترول قىلالايدۇ، ئەمما تەيۋەن خەلقىنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن سىياسىي كىملىكىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا مەكتەپلەر، ئۇنىۋېرسىتېتلار، مەدەنىيەت ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر «روھىي جەھەتتىن قايتا قۇرۇش ۋە كىملىك قۇرۇلۇشى» ئېلىپ بېرىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
خىتاينىڭ ئاۋستىرالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شياۋ چيەن بىلەن فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شايې قاتارلىقلار تەيۋەن خەلقىگە نىسبەتەن «قايتا تەربىيەلەش» (Re-education) ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېيتقانىدى. مائارىپ سىستېمىسىدا تەيۋەن مەركەزلىك تارىخ قارىشى يوقىتىلىپ، ئورتاق جۇڭخۇا مىللىتى ۋە تارىخ قارىشى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈلىدۇ. ياشلارنىڭ كىملىك ئېڭىنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن دەرسلىك كىتابلار پۈتۈنلەي قايتىدىن تەييارلىنىدۇ.
خىتاي ئالىملىرى خوڭكوڭنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى «كېچىكىپ قېلىش» تەك خاتالىقنىڭ تەيۋەندە تەكرارلانماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىمى شۈ چۈەننىڭ كۆرسىتىشىچە، خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن مىللىي مائارىپنىڭ دەل ۋاقتىدا ۋە ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلمىغانلىقى سەۋەبلىك ياشلارنىڭ كىملىك ئېڭى بېيجىڭدىن يىراقلاشقان. تەيۋەندە بولسا بۇ خىل كېچىكىشلەرگە يول قويۇلماي، دەسلەپكى قەدەمدىلا مائارىپ بىلەن مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئەركىنلىك ئاساسلىرى پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا تىل سىياسىتى، بايراملار، ئاممىۋى مۇراسىملار ۋە خاتىرىلەش كۈنلىرىمۇ مەركەزنىڭ سىياسىي كالېندارى بويىچە ئۆزگەرتىلىدۇ. تەيۋەنلىكلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئورنىغا «دۆلەتنىڭ مۇتلەق بىرلىشىشى ۋە مىللىي كوللېكتىپ مەنپەئەت» ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلىدۇ. بۇ بىر جەھەتتىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك سىڭىپ كىرىش ۋە تولۇق كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي ئاكادېمىكلىرى يەنە تەيۋەننىڭ ئەركىن مېدىيا مۇھىتىنى پۈتۈنلەي چەكلەشنى، ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى كۈچەيتىشنى ۋە تەيۋەن خەلقىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئوبرازىغا كۆندۈرۈش ئۈچۈن مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەيۋەن جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي ئېڭى بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى پۈتۈنلەي قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ.
نۇرغۇن خىتاي تەتقىقاتچىلىرى كىملىك قۇرۇلۇشىنىڭ بىر كۈندىلا ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئون يىللىق ھەتتا بىر نەچچە ئەۋلادقا سوزۇلىدىغان مۇرەككەپ ۋە قىيىن جەريان ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ، ياشلارنىڭ بېيجىڭغا بولغان گۇمانى ۋە غەزىپىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى جازالاش بىلەن بىرگە ياشلارنى كۆپلەپ چوڭ قۇرۇقلۇققا تەكلىپ قىلىش، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى خىتاينىڭ كەلگۈسىگە باغلاش سىياسەتلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئىقتىسادىي بىرلىشىشنىڭ سىياسىي ئۇل ئەسلىھە سۈپىتىدىكى رولى
خىتاينىڭ تەيۋەننى كونترول قىلىش پىلانلىرىدا ئىقتىسادىي بىرلىشىش پەقەت بىر بازار ئىقتىسادىي ھەرىكىتى سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك بىر سىياسىي ئۇل ئەسلىھە ۋە تايانچ سۈپىتىدە قارىلىدۇ. بېيجىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە ئىقتىسادىي ئالاقىلەر ئارقىلىق تەيۋەن خەلقىنىڭ سىياسىي پىكرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن خوڭكوڭ تەجرىبىلىرىدىن كېيىن بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى چۈشەندى. شۇڭلاشقا ئىقتىسادىي بىرلىشىش ھازىر قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان ۋە ئاسسىمىلياتسىيەلىك تۈزۈملەرگە باغلىنىدىغان بىر بويسۇندۇرۇش قورالىغا ئايلاندۇرۇلدى.
2023-يىلى سېنتەبىردە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن دۆلەت كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «فۇجيەن ئۆلكىسىنى تەيۋەن بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئۆرنەك رايون قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» بۇنىڭ ئەڭ روشەن مىسالىدۇر. مەزكۇر ھۆججەتتە «ئالاقە ئارقىلىق بىرلىشىش، ماددىي مەنپەئەت ئارقىلىق يېقىنلىشىش ۋە ھېسسىيات باغلاش ئارقىلىق كىملىكنى تۇرغۇزۇش» تىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچلۇق پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دەسلەپتە ئۇل ئەسلىھە ۋە قاتناش باغلىنىدۇ، ئاندىن ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر ئارقىلىق تەيۋەنلىكلەر بېيجىڭنىڭ سىستېمىسىغا باغلىنىدۇ.
تەيۋەننىڭ يۇقىرى تېخنىكا سانائىتى، بولۇپمۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت بولغان تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش شىركىتى (TSMC) ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سانائەت توپى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك ئىستراتېگىيەلىك بايلىق ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ئالىملىرى بۇ شىركەتلەرنى بىۋاسىتە دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋالماستىن، بەلكى ئېكسپورت كونتروللۇقى، خام ئەشيا مەنبەلىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى ئارقىلىق ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىشنى پىلانلايدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياپونىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكا ۋە ماتېرىيال ياردەملىرىدىن مەھرۇم قالغان تەقدىردە «TSMC» نىڭمۇ مۇستەقىل تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلگەن بېيجىڭ، مەزكۇر يۇقىرى تېخنىكا كەسپىنى ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كۈرىشىدە مۇھىم قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى نىشان قىلىدۇ.
گەرچە خىتاي ئالىملىرى ئىقتىسادىي بىرلىشىشنىڭ پايدىلىرىنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭلا سىياسىي ساداقەتكە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. خوڭكوڭدىكى يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ سىياسىي قارشىلىقنى توختىتالمىغانلىقى ئۇلار ئۈچۈن چوڭ بىر ساۋاق بولغان. شۇڭلاشقا ئىقتىسادىي بىرلىشىش، پەقەت سىياسىي كونترول ۋە بىخەتەرلىك مېخانىزملىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغاندىلا، ئاندىن بېيجىڭ ئۈچۈن ئۈنۈم بېرىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
مەزكۇر جەرياندا يەنە، خىتاي ئاكادېمىكلىرى تەيۋەن كارخانىلىرى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىقتىسادىي ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سىياسىتى ئارقىلىق، تەيۋەن سودا-سانائەتچىلىرىنى مەركەزگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن باغلاپ قويۇشنى كۆزلەيدۇ. ئەمما بۇ خىل مەجبۇرىي بىرلىشىش بەزى ساھەلەردە ئادالەتسىز رىقابەتنى، يەرلىك كارخانىلارنىڭ قىسىلىپ قېلىشىنى ۋە ئىجتىمائىي نارازىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپىگىمۇ ئىگە بولۇپ، خىتاي ئانالىزچىلىرى بۇ جەھەتتىن ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىرىدۇ.
ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەيۋەننى بېيجىڭغا باغلاش جەريانىدا يەنە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆچۈشى، كەسپىي سالاھىيەت ئۆلچەملىرىنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى تۇرالغۇ مۇلازىمەت سىستېمىلىرى بويىچە ئالدىنقى سەپتىكى يەرلىك خىزمەتچىلەرنى پىلانلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنداقلا ئاممىۋى ئىقتىسادنى كونترول قىلىش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئىمكانىيەتلىرىنى يوقىتىش، ئاساسلىق ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىي بىرلىشىش جەريانىدا كېلىپ چىقىدىغان مالىيە يۈكى، مەمۇرىي چىقىملار ۋە سىياسىي مۇقىمسىزلىقلار خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي بايلىقلىرىغىمۇ ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. تەيۋەندەك دۇنياۋى بازارغا چوڭقۇر باغلانغان ئىلغار ئىقتىسادنى خىتاينىڭ مەركەزلەشكەن پىلانلىق ئىقتىسادىغا ماسلاشتۇرۇش جەريانىدا يۈز بېرىدىغان كىرىزىسلارنى ئالدىن مۆلچەرلەش مۇھىم بىر تېما بولۇپ قالماقتا. شۇڭلاشقا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىرلىشىش پىلانلىرى گەرچە بېيجىڭ ئۈچۈن پايدىلىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتكە نەزەر تاشلىغاندا، بۇلار كۆپ تەرەپلىك، مۇرەككەپ خەۋپ-خەتەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۆلەت ھالقىغان چوڭ دۆلەت رامكىسى ۋە ئىچكى زىددىيەتلەر
خىتاي سىياسىي نەزەرىيەسىدە تەيۋەن مەسىلىسى ئاتالمىش «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت» (super-large state) باشقۇرۇش رامكىسى ئىچىگە قويۇلۇپ تەھلىل قىلىنىدۇ. خىتاينىڭ زور كۆلىمى، نوپۇسى ۋە رايونلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ پەرقلىق بولۇشى غەربچە فېدېراتسىيە تۈزۈملىرىنىڭ خىتايدا قوللىنىلىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويمايدۇ. فېدېراتسىيە سىستېمىسى مەركەزنىڭ ئالىي ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان بولغاچقا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇ خىل تۈزۈمنى «ئاساسىي قانۇنچىلىق» دەپ ئاتاپ قاتتىق رەت قىلىدۇ. ئەگەر تەيۋەنگە فېدېراتىپ ئۆزگىچە ھوقۇق بېرىلسە، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق رايونلارمۇ ئوخشاش سالاھىيەت تەلەپ قىلىپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ مەركەزلەشكەن پارتىيەۋى ھۆكۈمرانلىقىنى ۋەيران قىلىدۇ.
مەزكۇر تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتورلار بېيجىڭنىڭ تەيۋەننى باشقۇرۇش پىلانلىرىدىكى بىر قاتار ئۆز-ئۆزىنى چەكلەيدىغان ئىچكى زىددىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بىرىنچىدىن، ئاپتونومىيە بېرىش كېرەكلىكى ئېتىراپ قىلىنسىمۇ، بۇ ئاپتونومىيەنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ۋە سىياسىي كاپالىتى يوق، مەركەز خالىغان ۋاقىتتا ئۇنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ياكى بىكار قىلالايدۇ.
ئىككىنچىدىن، زورلۇق ۋە مەجبۇرلاش ئارقىلىق تىنچلىق بىلەن مۇقىملىققا ئېرىشكىلى بولسىمۇ، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ قانۇنىيلىقنى ياكى خەلقنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقى ئېنىق.
ئۈچىنچىدىن، تەيۋەندىكى يۇقىرى ئىختىساسلىق خادىملار، ئالىملار، ئىنژېنېرلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ سىياسىي بېسىملار سەۋەبلىك چەت ئەلگە كۆچۈپ كېتىشى ياكى مەبلەغلەرنىڭ قېچىشى بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادىي پىلانلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىدۇ.
تۆتىنچىدىن، بۇنداق يۇقىرى زىچلىقتىكى، ئۈزلۈكسىز نازارەت ۋە سىياسىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان سىستېمىنى ئۇزۇن يىللارغىچە داۋاملاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي بىلەن مالىيە كۈچىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ باشقۇرۇش ھارغىنلىقىغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەشىنچىدىن، دائىملىق گۇمان ۋە بېسىم ئاستىدا باشقۇرۇلىدىغان بىر جەمئىيەتتە پۇقرالارنىڭ سىياسىي ئاكتىپلىقى يوقىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىن قارشى تۇرۇش ئېڭى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
ئالتىنچىدىن، بېيجىڭنىڭ تەيۋەندىكى سىياسىي ھۆكۈمرانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتتە تېخىمۇ قاتتىق دىپلوماتىك تەنقىدلەرگە ۋە ئىقتىسادىي جازالارغا ئۇچرىشى مۇقەررەر. يەنى خىتاي تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق دۇنياۋى ئابرۇيىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.
يەتتىنچىدىن، خىتاي ئاكادېمىكلىرىنىڭ يازمىلىرىدا تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە يېڭى بىر كىرىزىس دەۋرىنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.
سەككىزىنچىدىن، ئاپتونومىيەنىڭ قۇرۇق گەپ بولۇشى تەيۋەنلىك سىياسەتچىلەر بىلەن پۇقرالارنىڭ ئىشەنچىسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ.
توققۇزىنچىدىن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسى دۇنياۋى ئۆلچەملەرگە ۋە زامانىۋى جەمئىيەت قىممەت قاراشلىرىغا پۈتۈنلەي قارشى كەلگەنلىكى ئۈچۈن، تەيۋەننى ئۇزۇن مۇددەت بويسۇندۇرۇپ تۇرۇش تارىختىكى ئەڭ قىيىن ۋەزىپىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.
مەنبە:
McGregor, Richard, and Jude Blanchette. «After annexation: How China plans to run Taiwan.» Lowy Institute and RAND Corporation, 11 May 2026.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















