ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
بۇ تەھلىلىي ماقالە ياپونىيەلىك يازغۇچى كاۋاكامى تاكېفۇمى (河浪武史)نىڭ 2026-يىلى 12-يانۋاردا دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئىقتىساد-سىياسەت گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتى» (Nihon Keizai Shimbun) دە ئېلان قىلىنغان «ترامپ ھەربىي كۈچكە تايىنىپ دۆلەتنى <تۇغ ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇش>نى نىشان قىلماقتا» ناملىق ئانالىزنى مەنبە قىلىدۇ. ئاپتور ماقالىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تاشقى سىياسەت قارارلىرى بىلەن ئىچكى سىياسىي مەنپەئەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى، خۇسۇسەن پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى قوللاش نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يورۇتۇپ بەرگەن.
ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 2026-يىلى 3-يانۋاردا ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ھەربىي زەربە بېرىش ھەرىكىتى، ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ئورنىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك بىر قەدىمىدۇر. سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھۇجۇمدىن كېيىن ترامپنىڭ سىياسىي قوللاش نىسبىتى %42 كە ئۆرلەپ، ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا 3 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. كاۋاكامى تاكېفۇمىنىڭ تەھلىلىگە كۆرە، ترامپ بۇ ھەرىكىتىنى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە باھالاش ئارقىلىق، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى سايلىغۇچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى نىشان قىلغان. بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ %70 كە يېقىنىنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكەتنى قوللىشى، سىرتقى توقۇنۇشلارنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى سىياسىي پەرقلەرنى ۋاقىتلىق پەسەيتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
يازغۇچىنىڭ بايان قىلىشىچە، ترامپنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيەسى پەقەت ۋېنېزۇئېلا بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى قوشنا دۆلەت مېكسىكىغا قارىتىلغان قوراللىق زەربە بېرىش پىلانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ترامپ 2026-يىلى 8-يانۋاردا مېكسىكىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرى گۇرۇپپىلىرىغا قاراتقان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئامېرىكا جەمئىيىتىگە كىرىۋاتقان «فېنتانىل» قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ زىيىنىنى تۈگىتىش باھانە قىلىنغان. لېكىن ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئۇرۇشخۇمار پوزىتسىيەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خەلقنىڭ دىققىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان مال باھاسى ۋە «ئېپستېين دېلوسى»غا ئائىت سەزگۈر مەسىلىلەردىن باشقا تەرەپكە بۇراشتۇر. بۇ سىياسىي تاكتىكا ماقالىدە «دىققەت بۇراش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ بىر ئەۋرىشكىسى سۈپىتىدە تەرىپلەنگەن.
كاۋاكامى تاكېفۇمىنىڭ تەبىرىچە، ئامېرىكا سىياسىي تارىخىدا سىرتقى تەھدىت ئالدىدا ئىچكى ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، يەنى «تۇغ ئاستىدا ئۇيۇشۇش» (Rally ’round the flag) ئۈنۈمى ئىزچىل كۆرۈلۈپ كەلگەن. بۇ جەريان ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ تاشقى تەھدىت ئالدىدا دۆلەت مەنپەئەتىنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان پىسخولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە تايىنىدۇ. يازغۇچى سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىپ، 1991-يىلىدىكى دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى مەزگىلىدە پىرېزىدېنت بۇشنىڭ قوللاش نىسبىتىنىڭ %58 تىن %83 كە، 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن كىچىك بۇشنىڭ قوللاش نىسبىتىنىڭ %51 تىن %90 كە ئۆرلىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. بۇ نۇقتىدا ئاپتور پىرېزىدېنتنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقىدىن ئالىي قوماندانغا ئۆزگىرىشى بىلەن ئۇنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنىڭ مىسلىسىز كۈچىيىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، بۇ خىل سىياسىي ئۈنۈمنىڭ نازۇكلىقى ۋە قىسقا مۇددەتلىكلىكىدۇر. كاۋاكامى تاكېفۇمىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ھەربىي ھەرىكەت پاتقاققا پېتىپ قالسا ياكى زور تالاپەتلەر كۆرۈلسە، خەلقنىڭ قوللىشى تېز سۈرئەتتە نارازىلىققا ئايلىنىدۇ. يازغۇچى 2003-يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشىنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئۇرۇشنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ قوللاش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەنلىكىنى ۋە نەتىجىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ 2006-يىلدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ ئەھۋال ھەربىي ھەرىكەتنىڭ سىياسىي ئۈنۈمىنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى ئەمەلىي نەتىجە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئاپتور يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ سىياسىي قوللاش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشتىكى رولىنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماقالىدىكى مەلۇماتلارغا كۆرە، ترامپنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدىكى سۇلايمانىنى يوقىتىش ھەرىكىتى ۋە باراك ئوباما دەۋرىدىكى بىن لادېننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى قوللاش نىسبىتىنى ئاران %5 ئەتراپىدا ئۆستۈرەلىگەن. يازغۇچىنىڭ تەھلىلىچە، زامانىۋى ئامېرىكا جەمئىيىتى سىرتتىكى ھەربىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتور ھەربىي ھەرىكەتلەرنى سىياسىي سەتچىلىكلەرنى يوشۇرۇش قورالى سۈپىتىدە قوللىنىشنىڭ ئارمىيەنىڭ ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن شەخسىي مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرا مەسىلىسىنى جىددىي كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خۇلاسە قىلغاندا، كاۋاكامى تاكېفۇمى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېنېزۇئېلا ۋە مېكسىكا مەسىلىسىدىكى جەڭگىۋار قەدەملىرىنى «سىرتقى ئۇرۇش ئارقىلىق ئىچكى مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ داۋامى دەپ قارايدۇ. لېكىن يازغۇچى نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت، ئامېرىكا تەسىر كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىچكى ئىقتىسادىي ئېنىقسىزلىقلارنىڭ بۇ خىل سىياسىي تاكتىكىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ھەربىي ھەرىكەتلەرنى پەقەت سىياسىي قوللاش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىش، ئۇزۇن مۇددەتتە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
مەنبە:
河浪武史. (2026/01/12). トランプ氏、武力で「旗印の下の団結」狙う. 日本経済新聞 (Nikkei). https://www.nikkei.com/article/DGXZQOGN09CRP0Z00C26A1000000/
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















