يەرشارىۋى ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ خىتاي مەنبەلىك يېڭى دولقۇنى

2026-يىلى 19-ئاۋغۇست

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنيا ئىقتىساد ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق سىياسىي ئانالىزچى، ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە سابىق ئامېرىكا سودا ۋەكىلى مايكىل فرومان (Michael B. G. Froman) تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە «تاشقى ئىشلار» (Foreign Affairs) ژۇرنىلىنىڭ 2026-يىللىق سېنتەبىر/ئۆكتەبىر سانىدا ئېلان قىلىنغان «نۆۋەتتىكى يەرشارىۋى ئىقتىسادىي كىرىزىس خىتايدا مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن: مەھسۇلات ئېشىپ كېتىش قانداق ئاخىرلىشىدۇ» ناملىق ماقالە، نۆۋەتتىكى خەلقئارا سودا سىستېمىسىنىڭ ئەڭ سەزگۈر ۋە خەتەرلىك تەرەققىيات يۆنىلىشلىرىنى ئىلمىي ئاساستا تەھلىل قىلىپ بېرىدۇ. ئاپتورنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيا بازارلىرىنى قاپلاپ كەتكەن خىتاي سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى ئەمدىلىكتە سۈپەت جەھەتتىن يېڭى ۋە تېخىمۇ خەتەرلىك بىر باسقۇچقا قەدەم قويغان بولۇپ، يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ بۇ ئارتۇقچە مەھسۇلاتلارنى سىڭدۈرۈش سىغىمى تۈگىشىش گىردابىغا يېقىنلاشماقتا. دۆلەتلەر كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش تەننەرخى جەھەتتىن ئىنتايىن ئاجىز تۇرۇۋاتقان بىر شارائىتتا، بۇ خىل سىستېمىلىق قۇرۇلمىنىڭ بۇزۇلۇشى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يەرشارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.

ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاينىڭ ئېكسپورتنى ئاشۇرۇش ۋە ھەر قانداق باھادا سودا ئاكتىپ بالانسىنى ساقلاپ قېلىش ئىرادىسى تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئافرىقا، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ سانائەت يۈكسىلىش غايىسىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بوغۇپ تاشلىغان. خەلقئارادا بۇ تەھدىتنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بىر ئورتاق تونۇش شەكىللەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەھۋال بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سانائەت سىياسىتىگە تېگىشلىك تەسىر كۆرسىتەلمىدى. يېقىنقى يىگىرمە يىل ئىچىدە، خىتاي دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ئاكتىپ بالانسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇ كۆرسەتكۈچ 2025-يىلىغا كەلگەندە 1.2 تىرىليون دوللارغا يېقىنلاشتى. بۇ كۆرسەتكۈچ يەرشارى تاۋار سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئۈچ ھەسسە تېز بولۇپ، خىتاي رېجىمى ئۈچۈن قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەت ياراتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا سىياسىي ۋە قۇرۇلمىلىق جەھەتتىن سىجىل بولماسلىقى بىلەن يەرشارىۋى سىستېمىغا ئېغىر تەھدىت تۇغدۇرماقتا.

خىتاينىڭ يېقىنقى بىر قانچە ئون يىللىق تەرەققىياتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىنات زەنجىرى ۋە ئەرزان باھالىق ماللارغا تايىنىپ، خىتاينىڭ تۆۋەن تەننەرخلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىدى. ماقالىدە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە بۇ بېقىنىشچان خەلقئارالىق مۇھىت پۈتۈنلەي زەھەرلىنىپ، خىتايدىن كەلكۈندەك بېسىپ كىرىدىغان مەھسۇلاتلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سانائەتسىزلىشىش ۋە ھالقىلىق بېقىنىشچانلىققا چىداش سىغىمى دەرىجىدىن تاشقىرى بىر شەكىلدە كىچىكلىمەكتە. بۇ خىل يۈزلىنىش دۇنيادا قورۇمىچى باج سىياسەتلىرىنىڭ يۈكسىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خىتاي ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ بازارغا ئېرىشىش پۇرسىتىنى تۇيۇقسىز بوغۇپ تاشلىشى مۇمكىن. نەتىجىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ ئۆزىنى قامداش ۋە خەلقئارا سودا ئالاقىسىنى تەڭ ئېلىپ بېرىشنى نىشان قىلغان «قوش دەۋرىيلىك» (双循环) ئىستراتېگىيەسى ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ.

بۇ كىرىزىس پەقەت سىياسىي ئۆچمەنلىك ياكى قارشىلىقلا ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن بىر ماتېماتىكىلىق مەسىلىسىدۇر. خىتاي ئىقتىسادى كىچىك ۋاقتىدا، ئومۇمىي يەرشارى ئېشىش سۈرئىتىدىن ئىككى-ئۈچ ھەسسە تېز بولغان ئېكسپورت ئەندىزىسىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن ئىدى، چۈنكى ئۇ چاغدا بۇ تاۋارلارنى سىڭدۈرىدىغان سىرتقى بازار يېتەرلىك ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خىتاي غايەت زور بىر ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادا ئۇنىڭ ئارتۇق مەھسۇلاتلىرىنى سىڭدۈرىدىغان خېرىدار يېتەرلىك ئەمەس. قىسقىچە قىلغاندا، بېيجىڭ ئۆزىنىڭ كونا ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنىڭ سىغىم چېكىدىن ئېشىپ كەتتى.

خىتاينىڭ يەرشارى بازارلىرىدىكى ئېكسپورت ماشىنىسى توختاپ قالغاندا، بۇ سىستېمىلىق ئاقىۋەتنىڭ زەربىسى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىنتايىن ئاچچىق بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۇيۇقسىز ۋە ئېغىر سۈرئەتتە ئاستىلىشى پۈتكۈل دۇنياغا، جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى سودا شېرىكلىرىگە ۋە ئىقتىسادى خىتايغا زىچ باغلانغان باشقا رايونلارغا يەر تەۋرەشتەك تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ بۇ زەربىدىن خالىي قالالمايدۇ، ئەمما ئۇ كىرىزىس يۈز بەرگەندە يەرشارى ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرالايدىغان بىردىنبىر ئورگان ۋە ئىقتىسادىي كۈچ سۈپىتىدە قالىدۇ.

ئاپتورنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، بۇ زەنجىرسىمان كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ كاپالەتلىك ۋە تەبىئىي يولى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئالدىن پىلانلانغان ۋە قەدەممۇقەدەم تەڭشىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمال بازىرى بىلەن سانائەت بازىرىنىڭ قايتا تەڭپۇڭلىشىشىدۇر. بۇ ئەنئەنىۋى سودا كىرىزىسلىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ئەقلىي يولى بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ بىر تاللاش ئەمەس، بەلكى جىددىي مەجبۇرىيەتتۇر.

خىتاي سانائىتىدىكى «ئىچكى بۇرغىلىنىش»  ۋە قۇرۇلمىلىق كىرىزىس

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2024-يىللىق سانلىق مەلۇمات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي بۈگۈنكى كۈندە يەرشارى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەخمىنەن %30 ىنى ئىگىلەيدۇ، 2030-يىلىغا بارغاندا بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ %45 كە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئامېرىكا ئىقتىسادىدىن باشقا، دۇنيانىڭ سانائەت كۈچىنىڭ بىر دۆلەتكە بۇ دەرىجىدە مەركەزلىشىپ كېتىشىنىڭ تارىختا ھېچقانداق ئوخشاش بىر مىسالى يوق. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش سودا ئاكتىپ بالانسى، 1980-يىللاردىكى گېرمانىيە ۋە ياپونىيەنىڭ سودا ئاكتىپ بالانسىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ كۆپتۇر.

بۇ خىل سانائەت ئوشۇقچىلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىستېمىلىق سىياسىي تاللىشىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسىدۇر. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ (OECD) مۆلچەرىچە، خىتاينىڭ يەرشارى سانائەت بازىرىدىكى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %60 تىن كۆپرەكى دۆلەتنىڭ غايەت زور تولۇقلىمىلىرى تەرىپىدىن قوزغىتىلغان. بۇ تولۇقلىمىلارنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى بولسا، سانائەت شىركەتلىرىنىڭ پارتىيە باشقۇرۇشىدىكى مالىيە سىستېمىسىدىن چەكسىز ۋە قولايلىق قەرز ئالالىشى بولۇپ، بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەرشارى رىقابەتچىلىرىگە ئوخشاش پايدا ئېلىش ياكى ئىقتىسادىي تەننەرخنى قايتۇرۇش بېسىمىغا ئۇچرىمىغان ھالدا ئىشلەپچىقىرىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى. نەتىجىدە دۆلەت ئىچىدە شىركەتلەر تەننەرختىن تۆۋەن باھادا مال سېتىپ، بازار ئۈلۈشى تالىشىدىغان ۋەيران قىلغۇچ بىر رىقابەت پاتقىقىغا پاتتى.

ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتايدىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەخمىنەن %30 تىن كۆپرەكى زىيان تارتىپ تىجارەت قىلماقتا، بۇ كۆرسەتكۈچ تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدىن بۇرۇن %20 ئىدى. شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «خىتايدا ياسالغان 2025» پىلانىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەردە بولسا، زىيان تارتىپ ئىشلەۋاتقان كارخانىلارنىڭ نىسبىتى %34 كە يېتىدۇ. خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋەيران بولغان شىركەتلەرنىڭ بازاردىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇشنىڭ ئورنىغا، ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باج كىرىمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى مەجبۇرىي يۆلەپ تۇرماقتا، دۆلەت بانكىلىرى بولسا قەرز بېرىشنى توختاتماي كەلمەكتە. بۇ سىستېما ۋە سۈنئىي ھالدا قىممىتى چۈشۈرۈلگەن خىتاي خەلق پۇلى ئېكسپورتنى ئىنتايىن ئەرزان قىلىپ، خىتاي ماللىرىنىڭ دۇنيادىكى باشقا رىقابەتچىلىرىدىن %30 ئەتراپىدا ئەرزان بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.

خىتايدىكى بۇ پاجىئەلىك ۋە چەكتىن ئاشقان رىقابەت جەمئىيەتتە «نېيجۈەن» (内卷 – ئىچكى بۇرغىلىنىش) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ چۈشەنچە شىركەتلەرنىڭ تولىمۇ ئاز پايدا ياكى زىيان تارتىش بەدىلىگە بىر-بىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان رەھىمسىز رىقابىتىگە قارىتىلغان. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر باج ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچى ئۈچۈن شىركەتلەرنى مالىيە جەھەتتىن قوللايدۇ، كارخانىلار بولسا يەنە كۆپ ئىشلەپچىقىرىپ، يەنە كۆپ ئېكسپورت قىلىش زەنجىرىگە پاتىدۇ. بۇ زەنجىر قۇيرۇقىنى چىشلىۋالغان يىلانغا ئوخشاش بولۇپ، سانائەت ماشىنىسى توختاپ قالالمايدۇ، ئەمما يەرشارى بازارلىرىنىڭ سىغىم چېكى تۈپەيلىدىن بۇ تەرەققىياتنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

بېيجىڭ رەھبەرلىكى بۇ مەسىلىنى قىسمەن تونۇپ يەتكەندەك قىلىپ، 2025-يىلى «ئىچكى بۇرغىلىنىشقا قارشى تۇرۇش» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە 2026-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە بولغان 15-بەش يىللىق پىلانىدا دۆلەت ئىچى، بولۇپمۇ يېزا رايونلىرىدىكى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا، ئائىلىلەرنىڭ پۇل يىغىشنىڭ ئورنىغا ئىستېمال قىلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستېمىسىنى مەلۇم دەرىجىدە كۈچەيتىش قەدەملىرىنى باسقان بولدى. لېكىن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەتنىڭ ئېشىش سىستېمىسىنى نېگىزلىك ئۆزگەرتىپ، ئىستېمالنى ئاساس قىلغان سىجىل ئەندىزىگە ئۆتۈشكە تامامەن قوشۇلماي كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالنى بېسىپ تۇرۇپ، پۈتكۈل كۈچىنى ئىستراتېگىيەلىك سانائەت تەرەققىياتىغا يۆتكەشنى تاللىدى. يالې (Yale) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى ياشېڭ خۇاڭ (Yasheng Huang) بۇ ئەھۋالنى خىتاينىڭ «مۇتلەق ئەۋزەللىك» (Absolute Advantage) ئىقتىسادى دەپ ئاتىغان بولۇپ، خىتاي بىر تەرەپتىن سۈنئىي ئەقىل، توكلۇق ئاپتوموبىللار ۋە يۇقىرى تېخنىكىدا ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلەشسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئافرىقىدىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەر بىلەن توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ۋە ئاددىي ئائىلە بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشتا تەڭ رىقابەتلىشىدۇ. بۇ تارىختىكى ھېچقانداق ئىقتىسادىي پىرىنسىپقا ۋە ئەنئەنىۋى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك نەزەرىيەسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. تارىختا سودىگەرچىلىك (مېركانتىلىزم) سىياسىتى يۈرگۈزگەن كورېيە ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ دۆلەت ئىچىدىكى مائاشنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئەرزان باھالىق سانائەت ساھەلىرىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى.

بېيجىڭنىڭ بۇ سىستېمىنى ئۆزگەرتىشنى خالىماسلىقىنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا غايەت زور سىياسىي تۈر ئىكەنلىكىدىدۇر. شى جىنپىڭ 2020-يىلى قىلغان نۇتقىدا رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن بىرلىكتە، ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە سانائەتنىڭ دۆلەتنىڭ نېگىزلىك ئاساسى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ھەرگىز ۋاز كېچىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. پارتىيە نەزىرىدە، دۆلەت كىرىمىنى شەخسىي ئىستېمالغا ئايرىش پارتىيەنىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىك بايلىقى بولغان سانائەت قۇدرىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغان بىر سىياسىي چەتنەش دەپ قارىلىدۇ.

سودا قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش يولىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق سىياسىي خەتەر بولسا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى مالىيە سىستېمىسىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇش ئېھتىماللىقىدۇر. خىتايدىكى ئۆلكە ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ئېشىش كۆرسەتكۈچىگە باغلانغان بولغاچقا، ئۇلار سىجىللىققا قارىماي يەرلەرنى سېتىپ، ئۇنىڭدىن كەلگەن كىرىمنى يېڭى سانائەت رايونلىرىنى قۇرۇشقا ۋە يېڭى زاۋۇتلارنى يۆلەشكە ئىشلىتىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر كۈنسېرى ئېغىر مالىيە قىزىل رەقىمىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بۇ زىيانلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى مەڭگۈلۈك داۋاملاشتۇرۇشتىن باشقا مالىيە كىرىم يولى قالمىغان.

يەرشارىۋى بازارلارنىڭ سىغىمچانلىق چېكى ۋە قورۇقچىلىق چەكلىمىلىرى

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە زۆرۈر بولغان ئىسلاھاتلارنى كەينىگە سۈرۈپ تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ سودا شېرىكلىرى ئۆزلىرىنىڭ سانائەت بازارلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سىستېمىلىق قوغداش سىياسەتلىرىنى يولغا قويماقتا. ئىلگىرى غەرب ئەللىرى تۆۋەن تېخنىكىلىق ساھەلەردىكى زىيانلارغا كۆز يۇمۇپ كەلگەن بولسا، خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىلدە توكلۇق ئاپتوموبىل، باتارېيە ۋە قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەرگە بېسىپ كىرىشى دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى تاشقى سودا توسۇقلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولدى.

ماقالىدە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ۋەيرانچىللىقنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مىسالى گېرمانىيە ئىقتىسادىدا كۆرۈلمەكتە. ئۇزۇن يىللار بويى خىتاي بىلەن بولغان سودىنىڭ ئەڭ چوڭ ياقلىغۇچىسى بولۇپ كەلگەن گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قاراتقان تاۋار ئېكسپورتى 2025-يىلىغا كەلگەندە ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ كەتتى. لېكىن گېرمانىيەنىڭ خىتايدىن كىرگۈزگەن خىمىيەۋى ماددىلار ۋە ماشىنىسازلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى %10 تىن ئارتۇق ئاشتى. بولۇپمۇ ئاپتوموبىل سانائىتىدە گېرمانىيە شىركەتلىرى خىتاي بازىرىدىكى ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن سىرت، خىتاينىڭ ئەرزان توكلۇق ماشىنىلىرىنىڭ ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرالماي قالدى.

بۇ ئەھۋال گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت ساھەسى بولغان مېتال ۋە ئېلېكتىرون شىركەتلىرىدە ئايدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنىنىڭ قىسقىرىشىنى، ۋولكسۋاگېن (Volkswagen) شىركىتىنىڭ ئۆز تارىخىدا تۇنجى قېتىم گېرمانىيەدىكى زاۋۇتلىرىنى تاقاپ، 100 مىڭغا يېقىن ئىشچىنى بوشىتىشنى پىلانلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. گېرمانىيە ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا كىچىكلەشكە يۈز تۇتۇشى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى ئىلگىرى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان تاللاشلارنى ئويلىشىشقا، جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يۈرگۈزگەن «301-ماددا جازا بېجى» غا ئوخشاش قاتتىق باج سىياسەتلىرىنى قوللىشىغا ۋە خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى مەجبۇرىي ئاشۇرۇش بېسىمىنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىدى.

ئىلگىرى خەلقئارالىق سودا سىستېمىسىدا ئەركىن سودىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەمدىلىكتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىزىدىن بېرىپ، ئۆزىنى قوغداش قەدەملىرىنى باسماقتا. ياۋروپا كومىتېتى 2024-يىلى ئۆكتەبىردە خىتاي توكلۇق ماشىنىلىرىغا قارشى %35.3 لىك تولۇقلىما باج يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى ھەمدە 2026-يىلى باھاردا «ياۋروپادا ياسالغان» دەيدىغان يەرلىك مەھسۇلات كۆرسەتكۈچى ۋە تېخنىكا يۆتكەش مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «سانائەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قانۇنى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا، ھالقىلىق سانائەت تاۋارلىرى بويىچە خىتايدىن باشقا ئاز دېگەندە ئۈچ ئوخشىمىغان تەمىنلىگۈچى دۆلەتنى تېپىش قانۇنىي لايىھەسى ئۈستىدە ئىشلىمەكتە.

خىتاينىڭ سانائەت ۋە گېئوپولىتىكىلىق تەھدىتلىرى پەقەت غەرب دۆلەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەرشارىۋى مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىنى پەيدا قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2025-يىلى ئۆزىنىڭ يەرشارىدىكى ھالقىلىق مىنېراللارنى قايتا ئىشلەش ۋە ماگنىت قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۈستۈنلۈكىنى قورال سۈپىتىدە ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدا «خىتايدىن خالىي» يېڭى مىنېرال تەمىنات زەنجىرىنى قۇرۇشنى نىشان قىلغان خەلقئارالىق بىرلەشمە قۇرۇلمىلار بارلىققا كەلدى. تېلېگراف، توكلۇق ئاپتوموبىللار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ساھەلىرىدە خىتاينىڭ خۇاۋېي (Huawei) ۋە جۇڭشىڭ (ZTE) قاتارلىق شىركەتلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەر بۇ يېڭى سودا ئۇرۇشىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىرىدۇر.

جۇغراپىيەلىك سىياسىي قۇتۇپلىشىش ۋە خەلقئارالىق سودا ئىتتىپاقلىرى

فرومان ماقالىسىدە يەكۈنلىگەنگە ئوخشاش، خەلقئارا ئىقتىسادتىكى ئومۇمىي مەنپەئەت قۇرۇلمىلىرى بېيجىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خەتەرلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېگىشلىك جازا مېخانىزملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۆتمەكتە. چۈنكى 2026-يىلىنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدىلا خىتاينىڭ سودا ئاكتىپ بالانسى %20 ئاشقان بولسا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ (IMF) يىللىق يەرشارى ئېشىش مۆلچەرى ئاران %3.1 بولدى. بۇ رېئاللىق يەرشارىدىكى ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ خىتاي ئېكسپورتىنى سىڭدۈرەلمەيدىغانلىقىنى، نەتىجىدە خىتايدىكى سانائەت مەبلەغ سېلىش ئەندىزىسىنىڭ خۇددى ئۆي – مۈلۈك ساھەسىگە ئوخشاش تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

سۈنئىي تەڭپۇڭسىزلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك دەپ بەلگىلىگەن ساھەلەردە ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بولماقتا. مەسىلەن، خىتاي زاۋۇتلىرى يىللىق 1200 گىگاۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قۇرۇپ چىقتى، بۇ پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئۆتكەن يىللىق ئومۇمىي ئېھتىياجىدىن ئىككى ھەسسە كۆپتۇر. توكلۇق ئاپتوموبىللار ساھەسىدە، خىتاي يىلىغا 25 مىليون توكلۇق ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى ئومۇمىي يىللىق ئېھتىياج ئاران 12 مىليون ئەتراپىدا توختاپ قالدى. دۇنيادا يىللىق ئومۇمىي توكلۇق ماشىنا ئېھتىياجى ئاران 23 مىليون بولۇپ، خىتاينىڭ چەكتىن ئاشقان ئىشلەپچىقىرىش قۇۋۋىتى پۈتۈن دۇنيا بازىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ۋەيران قىلىش يوشۇرۇن تەھدىتىنى ياراتتى.

ئەگەر خىتاينىڭ يەرشارى بازارلىرىدىكى بۇ كۈچى تۇيۇقسىز بوغۇپ تاشلانسا، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنى تىرەپ تۇرىدىغان باشقا بىرەر ساھەنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس. خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك ساھەسى كىرىزىسقا پاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئوڭشىلىشى ئۈچۈن بىر ئەۋلاد ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ غايەت زور قەرزلىرى سەۋەبىدىن يېڭى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يوللارنى قۇرۇش كۈچىدىن قالدى. مۇلازىمەت ساھەسى بولسا، دۆلەت ئىچىدىكى ئومۇمىي ئىستېمالنىڭ بېسىپ تۇرۇلۇشى تۈپەيلىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلالمىدى.

خىتاي سىستېمىسىدا يۈز بېرىدىغان بىرەر ئىقتىسادىي پارتلاش دۆلەت ئىچىدىكى يەرلىك مالىيە سۇپىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قەرزنى قەرز بىلەن يېپىپ كەلگەن دۆلەت بانكىلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زايوملىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاجىزلاپ، جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىز بويىدىكى سانائەت ئۆلكىلىرىدە ئىشسىزلار توپىنىڭ يۈكسىلىشىنى، بۇ ئۆلكىلەرنىڭ بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قارشى سىياسىي ئۆكتىچىلىككە ئۆتۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بېيجىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مالىيە يۆلەش سىياسىتىنى يولغا قويماقچى بولسىمۇ، لېكىن 2008-يىلىدىكىگە ئوخشاش نوپۇس گىرافىكىنىڭ يۈزلىنىشى بۈگۈنكى كۈندە يوق، چۈنكى خىتايدىكى ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس 2015-يىلى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ بولغان بولسا، ئومۇمىي نوپۇس 2022-يىلىدىن باشلاپ تېز سۈرئەتتە ئازىيىشقا يۈز تۇتتى.

يېڭى «خىتاي زەربىسى» نىڭ يەرشارىۋى تەسىرلىرى ۋە كۆلەملىك خىرىسلىرى

خىتاينىڭ تۇيۇقسىز ئىقتىسادىي چېكىنىشى يەرشارىۋى خام ئەشيا بازىرىدا ئېغىر بوشلۇق پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئاۋسترالىيە، بىرازىلىيە، چىلى، موڭغۇلىيە ۋە ئانگولا قاتارلىق ئۆز ئېكسپورتىنىڭ %25 تىن %90 كەچە بولغان قىسمىنى خىتاينىڭ سېتىۋېلىش كۈچىگە تايىنىپ قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىقتىسادى تۇيۇقسىز پاتقاققا پاتىدۇ. چۈنكى 2012-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە خىتاينىڭ سانائەت قۇرۇلۇشى ئاستىلىغان چاغدىمۇ، دۇنيادا مىس باھاسى %40، نېفىت باھاسى %60، تۆمۈر رۇدىسىنىڭ باھاسى %70 تىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاستىلاتقان ئىدى.

ماقالىدە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى تۈپەيلىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قەرز بەرگۈچى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر خىتاي دۆلەت ئىچىدە كىرىزىس يۈز بېرىپ، سىرتقا بەرگەن قەرزلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولسا، بۇ پاكىستان، ئېكۋاتور، زامبىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە سىستېمىلىق دۆلەت ۋەيرانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي قەرز نىسبىتى دۆلەت ئىچى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %110 گە يېقىنلاشتى (بۇ كۆرسەتكۈچ 2008-يىلى %70 ئىدى)، شۇڭا غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېڭى بىر كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش مالىيە كۈچى ئىنتايىن چەكلىكتۇر.

ئاپتورنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، ئەگەر بۇ خەتەرلىك يۈزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمىسا، دۇنيادا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆزئارا پۇل ئالماشتۇرۇش لىنىيەلىرى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ جىددىي ياردەم سىستېمىلىرى يەنە بىر قېتىم ئىشقا سېلىنىشى مۇمكىن. ئەمما بۈگۈنكى خەلقئارالىق سىياسىي مۇھىتتا، بېيجىڭ يۈز بېرىدىغان يەرشارىۋى كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش قابىلىيىتىگە ياكى ئىرادىسىگە ئىگە ئەمەس، دۇنيانى ۋەيرانچىلىقتىن ساقلاپ قېلىش مەجبۇرىيىتى يەنىلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىق خەلقئارالىق ئورگانلىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.

ئاپتور ئۆزىنىڭ 2008-يىلىدىكى يەرشارىۋى مالىيە كىرىزىسى مەزگىلىدە ئاقسارايدا خەلقئارا ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ تەھلىل قىلىشىچە، ئۇ چاغدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلارنىڭ، شۇنداقلا خەلقئارادىكى باشلامچى دۆلەتلەرنىڭ يېقىن ھەمكارلىقى دۇنيانى بۈيۈك ۋەيرانچىلىقتىن ساقلاپ قالغان ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەتلەر ئارا ئىشەنچ ئىنتايىن تەكشى ئەمەس بولۇپ، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىنىڭ كىرىزىس پەيتىدىكى يېتەكچىلىك رولىدىن گۇمانلانماقتا.

كىرىزىستىن چىقىش يولى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبال

بۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاي دۆلىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باشقا چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۆز ئىقتىسادىنى تەڭشەش كېلىشىمىگە كىرىشى زۆرۈردۇر. بۇ خىل ماسلىشىش روھى 1985-يىلى تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئىمزالانغان «پىلازا كېلىشىمى» (Plaza Accord) نىڭ يېڭى بىر نۇسخىسى بولۇشى پۈتۈنلەي مۇمكىن. يېڭى سىستېمىدا خىتاي ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش، سانائەت تولۇقلىمىلىرىنى چەكلەش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇس تىزىملاش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ كۆپ يۈزلىنىشى كېرەك.

لېكىن، ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرىنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ بىلەن سىستېمىلىق ئىسلاھات ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ كەلدى، چۈنكى خىتاينىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى نېگىزلىك ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا، غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ بۇ تۈزۈلمىسىگە قارشى بىرلەشمە قوغداش سىياسەتلىرىنى ماس قەدەمدە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، بېيجىڭنى ئۆز ئىقتىسادىنى باشقىلارنىڭ بېكىتكەن ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە تەڭشەشكە مەجبۇرلىشى لازىم. بۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە مۇھىم پۇرسىتى 2026-يىلى دېكابىردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ساھىبخانلىق قىلىدىغان مىئامىدىكى يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى (G-20) باشلىقلار يىغىنىدۇر. ئامېرىكا مالىيە ۋەزىرى سىكوت بېسسېنت (Scott Bessent) كۆرسەتكەندەك، دۇنيا خىتاينىڭ يىللىق بىر تىرىليون دوللارلىق سودا ئاكتىپ بالانسى بىلەن ياشىيالمايدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى چوقۇم بۇ كىرىزىسنى يىغىننىڭ ئەڭ يادرولۇق كۈنتەرتىپىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ مەھسۇلات ئېشىپ كېتىش كىرىزىسى يەرشارى ئىقتىسادىنى 2008-يىلىدىكى مالىيە ۋەيرانچىلىقىدىنمۇ ئېغىر بىر سىناققا دۇچ كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەگەر كىرىزىس يۈز بەرسە، خىتاي ئۆزى يېقىنقى ئون يىللاردا تىرىشىپ قۇرۇپ چىققان خەلقئارالىق تەسىر دائىرىسى ۋە ئىناۋىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويىدۇ، ئەمما بۇنىڭ بەدىلى پۈتكۈل دۇنيا تاۋار ۋە مالىيە سىستېمىسى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئالدىن پىلانلانغان كۆپ تەرەپلىمىلىك قوراللارنى ئىشقا سېلىش يېڭى بىر «خىتاي زەربىسى» دىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.

مەنبە ماقالە:

Froman, Michael B. G. «The Next Global Economic Crisis Could Be Made in China: How Overcapacity Ends«. Foreign Affairs, September/October 2026. https://www.foreignaffairs.com/china/next-global-economic-crisis-made-china-michael-froman

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*