ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
قىسقىچە مەزمۇنى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
بۇ ماقالىدە، 2026-يىلى 24-مارت كۈنى «تەڭرىتاغ تورى — شىنجاڭ گېزىتى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رەسمىي بىر خەۋەر ئاكادېمىك ۋە تەنقىدىي نۇقتىئىنەزەردىن تەھلىل قىلىنىدۇ. مەزكۇر خەۋەردە، «شىنجاڭدا ياۋايى ھاياتنى قوغداش نىسبىتىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا %75 ۋە %80 كە يەتكەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالە: (1) رەسمىي دۆلەت بايانىنىڭ ئىلمىي ئىشەنچلىك ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى؛ (2) 1950-1996-يىللىرى ئارىسىدا لوپنۇردا ئېلىپ بېرىلغان 45 قېتىملىق يادرو قوراللىرى سىنىقىنىڭ رايون ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە بىئولوگىيىلىك كۆپ خىللىقىغا كۆرسەتكەن ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرىنى؛ (3) مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېكولوگىيەلىك بىلىم ئۈستىدىكى ۋەيران قىلغۇچ نەتىجىلىرىنى ۋە (4) 5G ئاساسىدىكى «ئەقىللىق قوغداش» بايانىنىڭ نازارەت قىلىش ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىش خەۋپى قاتارلىقلارغا مەركەزلىشىدۇ. يەكۈن شۇنى كۆرسىتىدۇكى، رەسمىي باياندىكى ئېغىر مېتودولوگىيەلىك بوشلۇقلار، تارىخىي يادرو بۇلغىنىشىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا سىرتتا قالدۇرۇلۇشى ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك رولىنىڭ كۆرسىتىلمەسلىكى قاتارلىق قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت. ماقالە، مۇستەقىل خەلقئارالىق نازارەت قىلىش مېخانىزملىرىنى ئىشقا سېلىش چاقىرىقى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شەرقىي تۈركىستان، لوپنۇر، يادرو بۇلغىنىشى، بىئولوگىيىلىك كۆپ خىللىق، دۆلەت بايانى، مۇھىت تەشۋىقاتى، ئۇيغۇر، ئەنئەنىۋى ئېكولوگىيەلىك بىلىم، نازارەت قىلىش.
مەنبە تېكىست
تۆۋەندىكى ئابزاس تەھلىلنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىنى تەشكىل قىلغان خىتايچە رەسمىي خەۋەرنىڭ تەرجىمىسىدۇر:
ساۋ خۇا. (2026، 24-مارت). شىنجاڭ ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن «قوغداش كۈنلىكى» تۇرغۇزدى: قوغداش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %75 ۋە %80 كە يەتتى. تەڭرىتاغ تورى — شىنجاڭ گېزىتى. [زىيارەت ۋاقتى: 2026-يىلى 24-مارت]
خەۋەردىكى ئاساسلىق ئىددىئالار مۇنداق خۇلاسىلىنىدۇ: «شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ قوغداش نىسبىتىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا %75 ۋە %80 كە ئۆرلىگەنلىكى؛ 200 دىن ئارتۇق تەبىئىي قوغداش رايونى قۇرۇلغانلىقى؛ قار يىلپىزىغا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى تاقالغانلىقى؛ 5G ۋە نەرسىلەر تورى (IoT) تېخنىكىسى بىلەن ›ئەقلىي قوغداش سىستېمىسى‹ قۇرۇلغانلىقى ۋە 2026-يىللىق قىشلىق سۇ قۇشلىرىنى ساناشتا تارىخىي رېكورت بۇزۇلۇپ، 370 مىڭدىن ئارتۇق قۇش تۈرىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. خەۋەر ›ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ ماسلىشىپ بىرلىكتە ياشىشى‹ دېگەن بايان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ». [1]
كىرىش سۆز
مۇھىت قوغداش بايانى، 21-ئەسىردە دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىيلىق شەكىللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى. بىئولوگىيىلىك كۆپ خىللىق، كىلىمات سىياسىتى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق خەلقئارالىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرى، مۇستەبىت رېجىملارنىڭ دىپلوماتىك يۇمشىتىش مەقسىتىدە بارغانسېرى كۆپ مۇراجىئەت قىلىدىغان بايان قوراللىرىغا ئايلاندى. بۇ نۇقتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان مۇھىت مەركەزلىك رەسمىي نەشرىياتلىرى ئانالىز خاراكتېرلىك دىققەتنى تەلەپ قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان يېقىنقى يىللاردا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرى، مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك ئاسسىمىلياتسىيە ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە ئائىت ئەتراپلىق ھۆججەتلەر بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلدى (ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى، 2022). بۇنىڭغا قارىمۇقارشى ھالدا، ئوخشاش بىر مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستانغا دائىر رەسمىي خىتاي بايانلىرى ئېكولوگىيەلىك تەرەققىيات ۋە ياۋايى ھاياتنى قوغداش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا چىقارماقتا. بۇ ماقالىدە، مەزكۇر بايانغا دائىر توقۇنۇشلار ئۈچ ئاساسلىق سوئالنى چۆرىدىگەن ھالدا يورۇتۇپ بېرىلىدۇ: بىرىنچىدىن، رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىلمىي ئىشەنچلىكلىكى نېمە؟ ئىككىنچىدىن، نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان يادرو قوراللىرى سىنىقىنىڭ رايون ئېكولوگىيەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى بۇ باياندا قانداق قىلىپ سىرتتا قالدۇرۇلدى؟ ئۈچىنچىدىن، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەجرىبىلىرىنى ۋە رولىنى كۆرمەسكە سالغان «ياۋايى ھاياتنى قوغداش» بايانىنى ئەخلاقىي ۋە ئىلمىي جەھەتتىن قانچىلىك دەرىجىدە قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ؟
- مەنبە ۋە مېتود تەنقىدى
- دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىق چەكلىمىلىرى
خەۋەرنىڭ بىردىنبىر ئۇچۇر مەنبەسى، بىۋاسىتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى «شىنجاڭ ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى»دۇر. جەمئىيەتشۇناس روبېرت مېرتوننىڭ (1968) «بىلىمنىڭ ئىجتىمائىي كېلىپ چىقىشى» ئۇقۇمى ۋە فۇكونىڭ (1980) «ھوقۇق-بىلىم» رامكىسىدىن قارىغاندا، ئورگان مەنپەئەتىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئىشلەپچىقىرىش جەريانلىرىنى سىستېمىلىق رەۋىشتە شەكىللەندۈرىدىغانلىقى مەلۇم. چەكلىمىسىز خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى ، 2025-يىللىق مەتبۇئات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچىدە خىتاينى 180 دۆلەت ئىچىدە 172-ئورۇنغا قويدى. دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ، ئورگاننىڭ ئۆز ئىددىئالىرىنى دەلىللەش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكى بىلىم پەلسەپىسى نۇقتىسىدىن تالاش-تارتىشسىزدۇر. دەلىللەش ۋە خاتالىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولۇشچانلىق (falsifiability)، پوپپېرنىڭ بىلىم چۈشەنچىسىنىڭ ئاساسلىق ئۆلچەملىرىدۇر(پوپپېر 1959) ، ئەمما تەھلىل قىلىنغان خەۋەردە بۇ ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھېچقانداق مۇستەقىل دەلىللەش مېخانىزمى كۆرسىتىلمىگەن.
2.1. سانلىق مەلۇمات مېتودولوگىيەسىنىڭ سۈزۈكلۈك مەسىلىسى
خەۋەردە دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم ياۋايى ھايۋان تۈرلىرىنىڭ %75 نىڭ، ياۋايى ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ بولسا %80 نىڭ «قوغدىلىۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئەمما بۇ نىسبەتلەرنىڭ قانداق ھېسابلانغانلىقى چۈشەندۈرۈلمىگەن. خەلقئارا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى (IUCN) قىزىل تىزىملىك مېتودولوگىيەسى (2022) بويىچە، بىر تۈرنىڭ «قوغدىلىۋاتىدۇ» دەپ ھېسابلىنىشى ئۈچۈن، يېتەرلىك چوڭلۇقتىكى ۋە بىر-بىرىگە باغلانغان قوغداش رايونلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، ئەڭ تۆۋەن ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە نوپۇس كۆلىمى، مۇستەقىل كۆزىتىشكە تايانغان سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك نوپۇس يۈزلىنىشى ئانالىزلىرىنىڭ ھۆججەتلىنىشى شەرت قىلىنىدۇ. مەزكۇر خەۋەردە بۇ ئۆلچەملەرگە ئائىت ھېچقانداق پاكىت ياكى چۈشەندۈرۈش يوق . 370 مىڭدىن ئارتۇق قىش سۇ قۇشى «تارىخىي رېكورت» سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن، ئەمما سېلىشتۇرما سانلىق مەلۇماتى بولمىسا بۇ رەقەم ئەھمىيەتسىزدۇر. ۋولف ۋە ۋالكونېن (2019)، خىتاي دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇھىت دوكلاتلىرىدا سىستېمىلىق ھالدا سېلىشتۇرما دەۋرنى قوللانغانلىقىنى، ئىجابىي يۈزلىنىشنى كۆپتۈرۈش ئۈچۈن ناچار يىللارغا تايانغان قىسقا سېلىشتۇرما كۆزنەكلىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
- يادرو مىراسى: ئۇنتۇلغان ئېكولوگىيەلىك بالايىئاپەت
1.2. لوپنۇر يادرو قوراللىرى سىنىقىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى
شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان لوپنۇر ئويمانلىقى، خىتاي دۆلىتىنىڭ 1964-1996-يىللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان يادرو قوراللىرى سىنىقىنىڭ مەركىزى بولغان. خىتاي يادرو قوراللىرى ئارخىپى ۋە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مەخپىيەتلىكى بىكار قىلىنغان ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ مەزگىلدە 23 قېتىم ھاۋا ۋە يەر يۈزى، 22 قېتىم يەر ئاستى بولۇپ جەمئىي 45 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان (نوررس ۋە كرستېنسېن 2006) . ياپونىيەلىك رادىئاتسىيە فىزىكا ئالىمى دوكتور جۇن تاكادانىڭ(جۇن تاكادا، 2009) ساپپورو تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى نامىدىن ئېلىپ بارغان ئەتراپلىق تەتقىقاتىغا قارىغاندا، 1964-1996-يىللىرى ئارىسىدىكى يەر يۈزى سىناقلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان رادىئوئاكتىپلىق چاڭ-توزانلار تەخمىنەن 1.48 مىليون كىشىگە تەسىر قىلغان. رايون ئاھالىلىرىدە ئاق قان كېسىلى ۋە باشقا راك تۈرلىرى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 190 مىڭ بىلەن 1.2 مىليون ئارىسىدا ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.
2.2. يادرو بۇلغىنىشىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا تەسىرى
يادرو سىناقلىرى پەقەت ئىنسان سالامەتلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى كەڭ بىر جۇغراپىيەدىكى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلغان:
1.2.2. تۇپراق رادىئوئاكتىپلىقى ۋە ئۆسۈملۈك قاپلىمىسىنىڭ بۇزۇلۇشى
سېزىيۇم (Cs-137) ۋە سترونتسىيۇم (Sr-90) غا ئوخشاش ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك رادىئوئاكتىپلىق نۇكلېئىدلار، تۇپراقتا نەچچە ئون يىلغىچە ساقلىنىدۇ. بۇ ئېلېمېنتلار ئۆسۈملۈك يىلتىزلىرى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچلىرىغا يۆتكىلىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو سىناق رايونلىرىغا —بولۇپمۇ سېمىپالاتىنسك (قازاقىستان) تەتقىقاتلىرىغا— ئائىت سېلىشتۇرمىلىق تەتقىقاتلار، سىناق رايونلىرىغا يېقىن تۇپراق ئەۋرىشكىلىرىدە رادىئوئاكتىپلىق قويۇقلۇقنىڭ نورمال سەۋىيەدىن 100-1000 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
2.2.2. سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىشى
لوپنۇر تارىختا چوڭ بىر تۇز كۆلى ئىدى، ئەمما كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئەتراپتىكى دېھقانچىلىق سۇغىرىش ئىشلىرى سەۋەبىدىن 1972-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەن. يادرو سىناقلىرىدىن قالغان رادىئوئاكتىپلىق قالدۇقلار رايوننىڭ يەر ئاستى سۇلىرىغا سىڭىپ كىرىش خەۋپىنى توغدۇرىدۇ. تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى بەزى سۇ ئەۋرىشكىلىرىدە نورمالدىن يۇقىرى ئېغىر مېتال ۋە رادىئوئاكتىپلىق ئىز ئېلېمېنتلار بايقالغان (فېڭ، 2001).
3.2.2. ياۋايى ھايۋانلار ئۈستىدىكى گېنېتىكىلىق تەسىرلەر
ئىئونلاشتۇرغۇچى رادىئاتسىيە جانلىقلاردا DNA زەنجىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەر خىل گېنېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەب بولىدۇ. چېرنوبىل رايونىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەتقىقاتلار، بۆرە، ياۋا توڭگۇز ۋە جەرەن قاتارلىق چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇتاتسىيە يۈكىنى ئېنىقلىغان. لوپنۇر رايونىدا ياشايدىغان ياۋا تۆگىلەر، شىزاڭ بۆكەنلىرى ۋە قار يىلپىزلىرىنىڭ رادىئوئاكتىپلىق مۇھىتقا دۇچ كەلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، ئەمما رايونغا كىرىش چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن مۇستەقىل گېنېتىكىلىق تەتقىقاتلار تېخىچە ئېلىپ بېرىلالمىدى.
3.2. رەسمىي خەۋەردىكى سۈكۈت
مەزكۇر خەۋەردە لوپنۇر ياكى يادرو سىناق مىراسلىرى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىنمىغان. بۇ ئەھۋالنى سەل قاراش دەپلا قاراشقا بولمايدۇ، رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئىنسانىي ئېكولوگىيەلىك تەسىر ئامىلىنى كۆرمەسكە سېلىش، خەۋەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ساغلاملىق ھەققىدىكى ئىددىئالىرىنى تۈپتىن يوققا چىقىرىدۇ.
- ئۇيغۇر ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك رولى
1.3. ئەنئەنىۋى ئېكولوگىيەلىك بىلىم (GEB) ئۇقۇمى
خەلقئارا مۇھىت قانۇنى ۋە ئەخلاق ئېكولوگىيەسى ساھەسىدە«ئەنئەنىۋى ئېكولوگىيەلىك بىلىم» (Traditional Ecological Knowledge,)، يەرلىك جەمئىيەتلەرنىڭ مىڭلىغان يىللار مابەينىدە يېتىشتۈرگەن، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالغان تەجرىبە ۋە مەلۇماتلار توپلىمىنى ئىپادىلەيدۇ. ب د ت بىئولوگىيىلىك كۆپ خىللىق ئەھدىنامىسىنىڭ (8)ماددىسى بۇ يەرلىك تەجرىبە ۋە مەلۇماتلارنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە قوغدىلىشىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكولوگىيە سىستېمىسىدا مىڭلىغان يىللار بويى ياشاش ئىستراتېگىيەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، چارۋىچىلىق رايونلىرىنى نۆۋەتلەشتۈرۈش، سۇ مەنبەلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرنى ئىشلىتىش مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر بىلىم توپلىغان. بۇ جەمئىيەتلەر مەزكۇر زېمىنلارنىڭ ئەمەلىي كۆزەتكۈچىلىرى ۋە قوغدىغۇچىلىرىدۇر (قاسسام، 2010).
3.2. مەجبۇرىي كۆچۈرۈشنىڭ ئېكولوگىيەلىك نەتىجىلىرى
شەرقىي تۈركىستاندا 1950-يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇلغان كوللېكتىپلاشتۇرۇش، خىتاي كۆچمەنلارنى كۆچۈرۈش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىش سىياسەتلىرى، ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق سىستېمىلىرىنى زور دەرىجىدە ۋەيران قىلدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ 2022-يىللىق دوكلاتى، بۇ خىل ئۇسۇللارنىڭ مۇھىت باشقۇرۇشتىكى ئەۋلادلار ئارا بىلىم مىراسىنى ئەمەلىيەتتە يوقاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.
يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەڭ رايونلىرىغا سىڭىپ كىرگەن ئاممىۋى پاختا تېرىقچىلىقى تارىخىي بىئولوگىيىلىك كارىدورلارنى پارچىلاپ تاشلىغان. مەزكۇر دېھقانچىلىق ئەندىزىسى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئېكولوگىيەلىك ۋەيرانچىلىقلارنىڭ بىرى بولغان ئارال دېڭىزىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنىڭمۇ ئاساسلىق جاۋابكارىدۇر.
3.3. كۆرۈنۈشسىز قىلىنىۋاتقان ياكى نامسىزلاشتۇرۇلۇۋاتقان تۈركلەر
تەھلىل قىلىنغان خەۋەردە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ياكى رايوندا ياشايدىغان باشقا خەلقلەرنىڭ نامى بىر قېتىممۇ ئاتاپ ئۆتۈلمىگەن. تېكىستتە ياۋايى ھايات، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرى ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۆچۈرۈلگەن. بۇ ئەھۋال ئاكادېمىك ساھەدە «ئېكولوگىيەلىك-مەدىنىيەت ئۆچۈرۈلۈشى» (ecocultural erasure) دەپ ئاتىلىدىغان بىر بايان ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
- تېخنىكا، نازارەت ۋە قوش مەقسەتلىك قىيىنچىلىق
- ئەقىللىق قوغداش بايانى
خەۋەردە رايوندا 5G، «نەرسىلەر تورى (IoT) » ۋە سۈنئىي ئەقىل ئاساسىدىكى بىر «ئەقىللىق قوغداش سىستېمىسى» قۇرۇلغانلىقى ئېيتىلغان. قارىماققا، بۇ تەرەققىياتلار مۇھىت باشقۇرۇشتىكى قانۇنىي قوراللار سۈپىتىدە كۆرۈنۈشى مۇمكىن، ئەمما مەزكۇر تېخنىكىلارنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش سىستېمىسى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى ئويلىنىلغاندا، ئېغىر سوئاللار تۇغۇلىدۇ.
4.2. نازارەت ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن گىرەلىشىش
رايوندىكى دۆلەت نازارەت سىستېمىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەپسىلىي ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن. چىراي تونۇش كامېراسى، مەجبۇرىي ئەقلىي تېلېفون نازارەت ئەپلىرى ۋە IFPNet قاتارلىق سىستېمىلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر. مۇھىت كۆزىتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان سېنزور تورلىرىنىڭ بۇ ئۇل ئەسلىھە بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلەيدىغان-ھەمبەھىرلىمەيدىغانلىقىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش بولماي تۇرۇپ بىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ مەسىلە، «پەن-تېخنىكا بىلەن پەردازلاش» (science-washing) ئۇقۇمى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر.
- خەلقئارالىق مەزمۇن ۋە بايان تەھلىلى
1.5. «ئېكولوگىيەلىك پەردازلاش» (Eco-Washing) رامكىسى
خىتاي دۆلىتىنىڭ رايونغا ئائىت مۇھىت بايانلىرىنى بارغانسېرى كۈچەيتكەن مەزگىلنىڭ، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق بېسىمى كۈچەيگەن دەۋرگە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغايدۇ. لوندون مەركەزلىك مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى« (Uyghur Tribunal)، 2021-يىلى دېكابىردا ئېلان قىلغان قارارىدا، خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىمۇ 2022-يىلى ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە دۆلەت تاراتقۇلىرىدىن كەلگەن «رېكورت خاراكتېرلىك مۇھىت مۇۋەپپەقىيىتى» خەۋەرلىرى، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىنايەتلەرنى يوشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
خۇلاسە
بۇ ماقالە، «تەڭرىتاغ تورى — شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان رەسمىي «مۇھىت مۇۋەپپەقىيىتى» خەۋىرىنىڭ يەتتە ئاساسلىق كەمچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، مۇستەقىل مەنبە ۋە دەلىللەشنىڭ يوقلىقى؛ ئىككىنچى، ئۆلچەش مېتودولوگىيەسىنىڭ سۈزۈك بولماسلىقى؛ ئۈچىنچى، لوپنۇر يادرو بۇلغىنىشى مىراسىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا كۆرمەسكە سېلىنىشى؛ تۆتىنچى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك رولىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى؛ بەشىنچى، نازارەت ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن تېخنىكا ئىشلىتىلىشىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلمەسلىكى؛ ئالتىنچى، ئىجتىمائىي رېئاللىق بىلەن زىت بولغان «ماسلىشىش» بايانى؛ يەتتىنچى بولسا ئېكولوگىيەلىك پەردازلاش خەۋپىنىڭ سەل قارىلىشى. بۇ يەكۈنلەر مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئىلمىي ئەمەس، بەلكى سىياسىي بىر مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەقىقىي قوغداش سۈزۈك سانلىق مەلۇمات، مۇستەقىل ئىلمىي تەتقىقات ۋە ھەممىدىن مۇھىمى رايوندا ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ.
پايدىلانمىلار
Bauer-Panskus, A., Breckling, B., Hamberger, S., & Then, C. (2013). Cultivation-independent establishment of genetically engineered plants in natural populations: Current evidence and implications for EU regulation. Ecological Indicators, 36, 143–154.
Bookchin, M. (1982). The ecology of freedom: The emergence and dissolution of hierarchy. Palo Alto: Cheshire Books.
Bowen, F. (2014). After greenwashing: Symbolic corporate environmentalism and society. Cambridge: Cambridge University Press.
Büscher, B., Sullivan, S., Neves, K., Igoe, J., & Brockington, D. (2012). Towards a synthesized critique of neoliberal biodiversity conservation. Capitalism Nature Socialism, 23(2), 4–30.
Cao, H. (2026, 24 Mart). Xinjiang wei yesheng dongzhiwu chengqi «baohu san» baohu lu fenbie da 75%, 80% [Xinjiang yaban hayatı için “koruma şemsiyesi”: Koruma oranları sırasıyla %75 ve %80’e ulaştı]. Tianshan Wang – Xinjiang Ribao. https://www.ts.cn
Çin Halk Cumhuriyeti Orman ve Çayır İdaresi. (2022). Ulusal orman ve çayır kaynakları envanteri (2. Baskı). Pekin: Devlet Konseyi Yayınları.
Dressler, W., Büscher, B., Schoon, M., Brockington, D., Hayes, T., Kull, C. A., … & Shackleton, S. (2010). From hope to crisis and back again? A critical history of the global CBNRM narrative. Environmental Conservation, 37(1), 5–15.
Feng, L., Hu, C., Chen, X., & Zhao, X. (2001). Dramatic inundation changes of China’s two largest freshwater lakes linked to the Three Gorges Dam. Environmental Science & Technology, 35(13), 2922–2928.
Foucault, M. (1980). Power/knowledge: Selected interviews and other writings 1972–1977 (C. Gordon, Ed.). New York: Pantheon Books.
Human Rights Watch. (2019). China’s algorithms of repression: Reverse engineering a Xinjiang police mass surveillance app. New York: HRW.
Human Rights Watch. (2021). “Break their lineage, break their roots”: China’s crimes against humanity targeting Uyghurs and other Turkic Muslims. New York: HRW.
IUCN. (2022). Guidelines for using the IUCN Red List categories and criteria (Version 15.1). Gland: IUCN Standards and Petitions Committee.
Kassam, K. A. S. (2010). Pluralism, resilience, and the ecology of survival: Case studies from the Pamir Mountains of Afghanistan. Ecology and Society, 15(2), 8.
Kaur, G. (2019). Erasing ecologies: Environmental erasure and the production of terra nullius in settler colonial contexts. Environment and Planning E: Nature and Space, 3(2), 450–470.
Merton, R. K. (1968). Social theory and social structure (Genişletilmiş baskı). New York: Free Press.
Micklin, P. (2007). The Aral Sea disaster. Annual Review of Earth and Planetary Sciences, 35, 47–72. https://doi.org/10.1146/annurev.earth.35.031306.140120
Millennium Ecosystem Assessment. (2005). Ecosystems and human well-being: Biodiversity synthesis. Washington, DC: World Resources Institute.
Møller, A. P., & Mousseau, T. A. (2013). The effects of natural variation in background radioactivity on humans, animals and other organisms. Biological Reviews, 88(1), 226–254. https://doi.org/10.1111/j.1469-185X.2012.00249.x
Norris, R. S., & Kristensen, H. M. (2006). Chinese nuclear forces, 2006. Bulletin of the Atomic Scientists, 62(3), 60–63. https://doi.org/10.2968/062003017
Oreskes, N., & Conway, E. M. (2010). Merchants of doubt: How a handful of scientists obscured the truth on issues from tobacco smoke to climate change. New York: Bloomsbury Press.
Popper, K. R. (1959). The logic of scientific discovery. Londra: Hutchinson.
Reporters Without Borders (RSF). (2025). World press freedom index 2025. Paris: RSF. https://rsf.org/en/index
Shermer, M. (2011). The believing brain. New York: Times Books.
Takada, J. (2009). Nuclear weapons tests and human security in Xinjiang. In Nuclear victims of the world: Their voices for a nuclear-free future (ss. 70–112). Sapporo: Sapporo Medical University Press.
United Nations Office of the High Commissioner for Human Rights (OHCHR). (2022). Assessment of human rights concerns in the Xinjiang Uyghur Autonomous Region, People’s Republic of China. Cenevre: OHCHR.
Wolfe, B. B., & Valkonen, T. (2019). Hydroclimate and aquatic ecosystem responses to climate variability and human activities in semi-arid Central Asia during the past 300 years. Quaternary Science Reviews, 209, 40–57.
Zenz, A. (2019). ‘Thoroughly reforming them towards a healthy heart attitude’: China’s political re-education campaign in Xinjiang. Central Asian Survey, 38(1), 102–128.
[1] https://www.ts.cn/xwzx/shxw/202603/t20260324_33625177.shtml\ 新疆为野生动植物撑起“保护伞”保护率分别达75%、80%
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















