خىتاينىڭ ئىران كىرىزىسىدىكى مەيدانى: ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە سىياسىي رېئالىزم

2026-يىلى 5-مارت

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

بۇ ماقالىمىزدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى داڭلىق ئاقىللار ئامبىرى ستىمسون مەركىزىنىڭ (Stimson Center) خىتاي پىروگراممىسى مۇدىرى يۈن سۈن (Yun Sun) تەرىپىدىن يېزىلىپ،  2026-يىلى 5-مارت كۈنى «تاشقى ئىشلار» (Foreign Affairs) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «نېمە ئۈچۈن خىتاي ئىرانغا ياردەم قىلمايدۇ: بېيجىڭ تۈزۈمگە ئەمەس، نېفىتكە كۆڭۈل بۆلىدۇ» ناملىق ماقالىنى مۇھاكىمە قىلىپ چىقىمىز. تاشقى ئىشلار ژۇرنىلىنىڭ ئانالىزىمىزغا تېما بولغان ماقالىسى نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى پەۋقۇلئاددە كەسكىنلىشىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئىرانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ كىرىزىس جەريانىدىكى تاشقى سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھېساباتلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

بۇ ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى شۇكى، گەرچە خىتاي بىلەن ئىران يېقىن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەردىن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئىرانغا تۇتقان پوزىتسىيەسى پەقەتلا ئېنېرگىيە مەنپەئەتىگىلا باغلانغان. ئاپتور ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئىراننىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەربىي ياكى سىياسىي ياردەم بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاساسلىق دىققىتىنىڭ پەقەت ئوتتۇرا شەرقتىن كېلىدىغان نېفىت تەمىناتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

ماقالىنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ «خىتاي ئۆزىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىرانغا مۇتلەق ياردەم بېرىدۇ» دېگەن ئەنئەنىۋى قاراشلىرىنى كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن رەت قىلغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ماقالە ئارقىلىق بىز خىتاينىڭ يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەسىدىكى پىراگماتىك (ئەمەلىيەتچىل) يۈزىنى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇرەككەپ گېئوپولىتىكىلىق ئويۇنلاردا ئۆزىنى خەۋپتىن قانداق قوغداپ قېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتەلەيمىز .

خىتاي ۋە ئىران مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى رېئاللىق

نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە ئىرانغا قاراتقان ھەربىي ھۇجۇملىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ جەرياننى ئىنتايىن دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتە. ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى شۇكى، خىتاي ۋە ئىران تارىختىن بۇيان غەربكە قارشى تۇرۇشتەك ئورتاق نىشان ئاستىدا بىرلىشىپ كەلگەن، شۇنداقلا ھەر ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنى غەربكە تەۋە بولمىغان قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ ۋارىسى دەپ قارايدۇ . بۇ ئورتاقلىق ئۇلارنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى دىپلوماتىك ھەمكارلىقىغا ئەزەلدىن كۈچلۈك ئاساس سېلىپ كەلگەن.

گەرچە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بۇنداق ئىدېئولوگىيەلىك ۋە تارىخىي ئورتاقلىق مەۋجۇت بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يادروسى ماھىيەتتە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى بىلەن زىچ باغلانغان. 2025-يىلىدىكى خەلقئارالىق سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئومۇمىي نېفىت ئىمپورتىنىڭ پىرسەنت 55 تىن كۆپرەكى ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىۋاسىتە ئىراندىن كەلگەن نېفىت مىقدارى پىرسەنت 13 نى ئىگىلىگەن .

بۇ زور مىقداردىكى ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىراننىڭ كونتروللۇقىدىكى ھورمۇز بوغۇزى ئارقىلىق توشۇلىدۇ. يېقىنقى كۈچلۈك ھەربىي ھۇجۇملار ئىراننىڭ نېفىت تەمىناتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپلا قالماي، پۈتكۈل پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىغا جىددىي خەۋپ ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە . شۇڭلاشقا، نۇرغۇنلىغان سىياسىي ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئىراندىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەگە قىلغىنىغا ئوخشاش، ئىرانغا بىۋاسىتە ھەربىي ياكى قوش مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ياردەم بېرىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان ئىدى.

بىراق خىتاينىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بۇ خىل ئەنئەنىۋى پەرەزلەرنى پۈتۈنلەي رەت قىلماقتا. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئىران ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ توقۇنۇشقا بىۋاسىتە قوراللىق ئارىلىشىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن . بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگىنى، 2025-يىلى 6-ئايدا ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى قوزغىغان 12 كۈنلۈك ئۇرۇش مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەتلا دىپلوماتىك جەھەتتىن قېلىپلاشقان قۇرۇق باياناتلارنىلا ئېلان قىلىپ، ئىران ھۆكۈمىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللىمىغانلىقىدۇر .

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىدىمۇ بۇ ئەھۋال ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەندى. ئۇلار پەقەت ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىنىلا ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئومۇمىي ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق سۆزلەر بىلەن باھالاشتىن ۋە ئەيىبلەشتىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرغان . يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىشى» ھەققىدىكى ئومۇمىي چاقىرىقى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئىراننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئەھۋال، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ھەر قانداق بىر تەرەپكە يان بېسىشتىن قېچىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن، شۇنداقلا ھېسابلانغان بىر سىياسىي ئىپادىسىدۇر.

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئىرانغا قاراتقان بۇ خىل ئارىلاشماسلىق سىياسىتى دەرھاللا شەكىللىنىپ قالغان ئەمەس. خىتاي پارس قولتۇقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تېررىتورىيەلىك پۈتۈنلۈكى» نى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش ئارقىلىق، پەقەت ئىران بىلەنلا ئەمەس، بەلكى قولتۇقتىكى بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەنمۇ ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا .

خىتاينىڭ ئىراندىن ئۈمىدسىزلىنىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھېساباتلار

-2023يىلى 7-ئۆكتەبىردە خاماس ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلغاندىن بۇيان، بېيجىڭ دائىرىلىرى تېھراننىڭ رايون خاراكتېرلىك كۈچ سۈپىتىدىكى ئەمەلىي ئىقتىدارى ۋە خەلقئارالىق ئىشەنچلىكلىكىدىن كۈندىن-كۈنگە قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن . بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشىدىكى تۈپ سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

خىتاي ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نەزىرىدە، ئىران غەربنىڭ تەلەپلىرىگە ئىزچىل ۋە قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا، ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە مۇرەسسە قىلىشقا، ھەتتا تەسلىم بولۇشقا مايىل دۆلەت سۈپىتىدە گەۋدىلەنگەن. بولۇپمۇ، ئىراننىڭ ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەلپۈنۈپ تۇرۇشى خىتاي رەھبەرلىكىنىڭ ئىران ھۆكۈمىتىگە بولغان سىياسىي ئىشەنچىسىنى يوقاتقان يادرولۇق ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .

ئاپتور يەنە، ماقالىدە تەكىتلەنگەن يەنە بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي ئۈچۈن ئىراندىكى ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇلۇشى ئەڭ ناچار ياكى قوبۇل قىلغۇسىز نەتىجە ھېسابلانمايدۇ. خىتاينىڭ رېئالىزملىق تاشقى سىياسىتى بويىچە، پەقەتلا يېڭى ھۆكۈمەت ئېنېرگىيە تەمىناتىنى قوغدىسا ۋە ئورتاق ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرگە كاپالەتلىك قىلسىلا، بېيجىڭ كىرىزىستىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ھەر قانداق يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىشقا تەييار تۇرىدۇ . ئەسلىدە، خىتاينىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىران ئىستراتېگىيەسى ئىراننى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىم ۋە مۇستەھكەم تايانچ نۇقتىسى قىلىش ئىدى. مۇشۇ مەقسەتتە ئىككى دۆلەت 2021-يىلى 25 يىللىق، 400 مىليارد دوللارلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ كېلىشىم ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك رىشتىسىنى تارىخىي يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى نىشان قىلغان ئىدى .

ئەمما، تېھران دائىرىلىرى خىتاينىڭ كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنىڭ ئىراننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دۆلەت مۇستەقىللىقىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن داۋاملىق ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىمدىكى كۆپ قىسىم مۇھىم تۈرلەر ئەمەلىيلەشمەي قەغەز يۈزىدە قېلىپ قالدى. ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ تېھراننىڭ خەلقئارالىق سىياسەتتىكى ئىزچىلسىزلىقى ۋە ئىشەنچسىزلىكىدىن قاتتىق بىزار بولغان بولۇپ، بۇ خىل گۇمان ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي ئىشەنچ كىرىزىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتتى . بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ يېڭى قارىشىچە ئىراننىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ئىنقىلابىي سالاھىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە ۋە ئاخباراتلاردا بەكلا كۆپتۈرۈۋېتىلگەن. مىسالەن، گەرچە ئىراننىڭ نوپۇسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئون ھەسسىسىگە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىسرائىلىيەنىڭ پىرسەنت 9 پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بولسا پەقەت پىرسەنت 25 نىلا ئىگىلەيدۇ .

دېمەك، خىتاي تەرەپتىن رېئال كۆز بىلەن قارىغاندا، ئىران ئۆزىنىڭ كۈچلۈك دۈشمەنلىرىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن رايوندىكى ۋاكالەتچى كۈچلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان توقۇنۇشلارغا ۋە سىممېترىك بولمىغان ھەربىي تاكتىكىلارغا تايىنىپ كەلگەن. بۇ ئەھۋال سىرتقى دۇنياغا ئىراننىڭ كۈچىنى ۋە قۇدرىتىنى زورايتىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ماھىيەتتە بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي سىستېمىسىدىكى ئىچكى ئاجىزلىقلىرىنى يوشۇرۇش رولىنىلا ئوينىغان .

ئىدېئولوگىيەلىك توسالغۇلار ۋە ئىراننىڭ ئىچكى-تاشقى كىرىزىسى

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ئىراننىڭ ئىسلام ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىش يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك نىشانى بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان دۆلەت قۇدرىتى ۋە ئوبيېكتىپ شارائىتلار ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن ئېغىر زىددىيەت مەۋجۇت . بۇ غايە بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق، ئىراننىڭ خەلقئارالىق سىياسەتلەردە توغرا ۋە سىجىل قەدەم ئېلىشىغا داۋاملىق توسالغۇ بولۇپ كەلمەكتە.

نىڭشيا ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي-ئەرەب تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى نيۇ شىنچۈننىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ دىنىي ئىدېئولوگىيەسى ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە يادرو مەسىلىلىرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سەمىمىي مۇرەسسە قىلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ. بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەربنىڭ ئېغىر ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئىراننىڭ پالەچ ھالەتتىكى ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش، دۆلەت كۈچىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئىچكى ئىسلاھاتلاردىكى تاشقى بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ بىردىنبىر ئاساسىي شەرتىگە ئايلىنىپ قالغان . نەتىجىدە، ئىران ئۆزىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئىدېئولوگىيەلىك مۇقەددەس قارشىلىقى بىلەن ۋاشىنگتون بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت رېئال ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالغان. يەنى تېھران ئۆزىنىڭ تېئولوگىيەلىك مۇتەئەسسىپ يىلتىزى بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيىتى ئارىسىدا چىقىش يولى تاپالماي تىركىشىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان .

نۇرغۇنلىغان خىتاي سىياسىي ئانالىزچىلىرىنىڭ كۆز قارىشىچە، بۇ خىل سىياسىي قىسىلىش ئىراننىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسلىق دۈشمەنلىرىگە بىۋاسىتە تاقابىل تۇرۇشتا يېتەرلىك قەتئىيلىك ۋە جاسارەت كۆرسىتەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسىلەن، 2020-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي گېنېرالى قاسىم سۇلايمانىنى سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرگەندە، شۇنداقلا 2024-يىلى ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئىراننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراقتىكى بازىلىرىغا ۋە ئىسرائىلىيەگە قىلغان قايتۇرما ھۇجۇملىرى ئىنتايىن ئاجىز دەپ باھالانغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېقىنقى 12 كۈنلۈك ئۇرۇشتا ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشتىن بۇرۇن قاتار ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئالدىن سىگنال بېرىشى ئۇلارنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن.

ھەتتا، خىتاي ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىمۇ ئىراننىڭ بۇ خىل ئاجىز ئىنكاسلىرىنى مەسخىرە قىلىپ، ئۇنى ئارتىسلارچە ئورۇندالغان «سەھنىلەشتۈرۈلگەن قايتۇرما ھۇجۇم» دەپ ئاتىغان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان باھالىرىدا ئىراننىڭ تەقدىرىگە نىسبەتەن ئۈمىدسىزلىك ۋە ئىشەنچسىزلىك كەيپىياتى سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، خۇ شىجىنغا ئوخشاش خىتاينىڭ مەشھۇر سىياسىي ئوبزورچىلىرى نۆۋەتتىكى كىرىزىستا ئىران خەلقىنىڭ پاتقاققا پېتىپ قالغانلىقىغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قانلىق رېئاللىققا ئەسلىدە تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا تەنقىد قىلماقتا .

ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قوراللىق گۇرۇپپىلىرىغا، يەنى ئۆز ۋاكالەتچىلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ خىتاينىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن ئەجەللىك زەربە بولدى. 2023-يىلىدىن باشلاپ، بۇ ۋاكالەتچى گۇرۇپپىلار كەينى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ پۈتۈنلەي يوقىتىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى .مەسىلەن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى خاماس ۋە ھىزبۇللاھ قاتارلىق ئىتتىپاقداش تەشكىلاتلارنى ۋەيران قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىران ئۇلارغا تىلغا ئالغىدەك بىر ھەربىي ياردەم بېرەلمىدى ياكى ئۈنۈملۈك قايتۇرما ھۇجۇم قىلالماي جىمجىت قاراپ تۇرۇشنى تاللىدى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، 2024-يىلى 12-ئايدا ئىران مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مۇھەممەد زەرىفنىڭ ئىراننىڭ رايوندىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ئوقى دەپ ئاتالغان ۋاكالەتچى گۇرۇپپىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى رەسمىي ئىنكار قىلىپ، ئىراننىڭ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى خىتاينى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى .شۇنىڭغا ئۇلاپلا، 2025-يىلى 4-ئايدا ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بومباردىمان ھەرىكىتى مەزگىلىدە يەمەندىكى ھەربىي خادىملىرىنى جىددىي چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتتى. بۇ ھەرىكەت ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان سۈركىلىشنى كۈچەيتىۋەتمەسلىك ۋە سۆھبەت ئۈمىدىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا، ئۆزىنىڭ يەمەندىكى ئەڭ سادىق ئىتتىپاقدىشى بولغان خۇسىيلارنى پاجىئەلىك ھالدا تاشلاپ بەرگەنلىك بولۇپ، خىتاي سىياسەتچىلىرى بۇنى ئىراننىڭ قەتئىيسىزلىكىنىڭ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ .

خىتاينى ئەڭ كۆپ ئۈمىدسىزلەندۈرگەن يەنە بىر مۇھىم نۇقتا ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى مەمۇرىي ۋە سىياسىي باشقۇرۇشتىكى مەغلۇبىيىتىدۇر. گەرچە خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى ئىران تۈزۈمىنى ئاشكارا تەنقىدلەشتىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل سىياسىي ۋە ئىستىخبارات ساھەسىدىكىلەر تېھراندىكى ناچار قارار چىقىرىش مېخانىزمىنى، ئېغىر چىرىكلىكىنى ۋە ئىقتىدارسىز باشقۇرۇش مەسىلىلىرىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ يەتمەكتە .

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات ئاپپاراتلىرىغا شۇنچە ئاسان سىڭىپ كىرىپ، 12 كۈنلۈك ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىراننىڭ ئالىي ھەربىي رەھبەرلىرى ۋە يادرو ئالىملىرىنى دەل جايىدا نۇقتىلىق نىشانلىيالىشى، ئىراننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆز تۈزۈمىگە ئىشەنمەيدىغان ۋە مەخپىيەتلىكلەرنى سېتىش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىگە ئاسىيلىق قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، خىتاي رەھبەرلىرى ئۆز ئەمەلدارلىرىمۇ سادىق بولمىغان، دۆلەت مەنپەئەتىگە خىيانەت قىلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدە مۇستەھكەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارىغا بولغان گۇمانىنى كۈچەيتكەن .

رېئالىزملىق تاشقى سىياسەت ۋە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى

خىتاينىڭ ئىران رەھبەرلىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىشى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بېيجىڭ ئىراندىكى يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇلۇشىغا تۈپتىن قارشى تۇرمايدۇ. خىتاي ئۈچۈن ئىراننىڭ قايسى شەكىلدىكى تۈزۈم بىلەن ئىدارە قىلىنىشىدىن كۆرە، ئۇنىڭ دۇنياۋى ۋە خىتاي بازىرىدىكى ئىشەنچلىك ئىقتىسادىي شېرىك سۈپىتىدە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كۆپ مۇھىمدۇر. ئەگەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ سىستېمىلىق ھۇجۇملىرى ئىراننىڭ ئاشقۇن ھەربىي غەرەزلىرىنى توسۇپ قېلىپ، ئۇنى ئوتتۇرا شەرقتىكى ساپ ئىقتىسادىي كۈچ سۈپىتىدە قايتا قۇرۇپ چىقسا، بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي يوشۇرۇن ئارزۇ قىلىدىغان كەلگۈسى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن . يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ ئىران ھاكىمىيىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ قالماسلىقىنىڭ ئارقىسىدا، يەرشارىۋى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى، خۇسۇسەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قوغداش غەرىزى يوشۇرۇنغان. 2026-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۇچرىشىشى پىلانلانغان بولۇپ، بۇ خىتاي ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق دىپلوماتىك پۇرسەتتۇر .

بۇ ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى سەككىز يىللىق جىددىي ۋە مۇرەككەپ رىقابەتتىن كېيىن، خىتاي بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك جىددىيلىكنى پەسەيتىدىغان چوڭ بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر مەيدان توقۇنۇش سەۋەبلىك دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش تىرىشچانلىقلىرىنى ۋەيران قىلىپ قويۇشنى ھەرگىز خالىمايدۇ، شۇنداقلا ئىران ئۈچۈن بۇنداق يۇقىرى بەدەل تۆلەشنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارايدۇ .

ئېنېرگىيە ئۆتكىلى: ھورمۇز بوغۇزى ۋە خىتاينىڭ قىزىل سىزىقى

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئىرانغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى بەلگىلەيدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك ۋە تەۋرەنمەس ئامىل دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىدۇر. گەرچە 2025-يىلىغا كەلگەندە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەلەر (قۇياش، شامال، يادرو قاتارلىق) نېفىتتىن ئېشىپ كېتىپ خىتاينىڭ كۆمۈردىن قالسا ئىككىنچى چوڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق ئاۋىئ‍اتسىيە، دېڭىز تىرانسپورتى ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردە نېفىت يەنىلا خىتاي ئىقتىسادىدا ئورنىنى باسقۇسىز رول ئوينايدۇ .

خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسى تەخمىنەن 1 مىليارد 300 مىليوندىن 1 مىليارد 400 مىليون تۇڭغىچە دەپ مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ مىقدار خىتاينىڭ 2025-يىلىدىكى ئىمپورت مىقدارىنىڭ 30 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ غايەت زور زاپاس، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن كېلىدىغان تەمىناتنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا كۆكرەك كېرىپ بەرداشلىق بېرەلىشىگە كاپالەتلىك قىلسىمۇ، ئەمما مۆلچەرلىگۈسىز ئۇزۇن مۇددەتلىك كىرىزىسقا تاقابىل تۇرالمايدۇ . شۇڭلاشقا، خىتاينى ھەقىقىي ئەندىشىگە سالىدىغان ۋە بېيجىڭنى بۇ كىرىزىسقا پاسسىپ قاراپ تۇرۇش مەيدانىدىن ۋاز كېچىپ، قارشى تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇرلايدىغان بىردىنبىر قىزىل سىزىق ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىدۇر. چۈنكى بۇ بوغۇزنىڭ تاقىلىشى خىتاينىڭ يېرىمدىن كۆپرەك نېفىت ئىمپورتىنى بىۋاسىتە ئۈزۈپ تاشلايدۇ. گەرچە شۇنداق خەۋپ مەۋجۇت بولسىمۇ، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلارنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى ئۇزۇن مۇددەت تاقاپ قويۇش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلىپ كەلگەن ھەمدە ئەگەر شۇنداق پەۋقۇلئاددە ئەھۋال يۈز بەرسە، بۇ يەرشارىۋى ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېزلا ئورتاق ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنى خاتىرجەم قىلىپ كەلگەن .

نۆۋەتتە يەرشارى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرىنىڭ بۇ رايوننىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ئېغىر سىناققا دۇچ كەلمەكتە. بۇ سەۋەبتىن بېيجىڭ يېپىق ھالەتتە تېھرانغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ ھورمۇز بوغۇزىنى ئوچۇق تۇتۇشقا ۋە يەرشارى ئېنېرگىيە تەمىناتىغا دەخلى قىلىدىغان ھەر قانداق بىپەرۋا تەدبىرلەردىن ئۆزىنى تارتىشقا ئۈندىمەكتە. ئەگەر تەمىنات بىخەتەرلىكى ھەقىقەتەن تەھدىتكە ئۇچرىسا، خىتاي دەرھال باشقا تەمىنلىگۈچىلەرگە، جۈملىدىن نۆۋەتتە نېفىت ئىمپورتىنىڭ 17 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان رۇسىيەگە يۈزلىنىشى مۇمكىن، ئەمما مەلۇم بىر دۆلەتكە (بولۇپمۇ رۇسىيەگە) ھەددىدىن زىيادە بېقىنىپ قېلىشمۇ خىتاي ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان زور ئىستراتېگىيەلىك خەۋپتۇر .

ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش كىرىزىسى ۋە خىتاينىڭ تەڭقىسلىقى

خىتاي دۇچ كېلىدىغان تېخىمۇ چوڭ بىر ئىستراتېگىيەلىك سىناق، بۇ ئۇرۇشنىڭ كۈتۈلمىگەن دەرىجىدە ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئىران ھاكىمىيىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا چىدامچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرىپ، قايتۇرما زەربە بېرىشتە ھەقىقىي كۈچ كۆرسىتەلىسە، بۇ بېيجىڭ ئۈچۈن قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى تاللاشتا ئىنتايىن قىيىن بىر تەڭقىسلىق پەيدا قىلىدۇ . يەنى، ئەگەر ئىران ئۆزىنىڭ غەربكە يالۋۇرۇش ۋە تەسلىم بولۇش ئادىتىنى تامامەن تاشلاپ، ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىسا، ئۇنداقتا خىتاينىڭ چەتتە قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشى ۋە داۋاملىق تۈردە ياردەمنى رەت قىلىشى قىيىنغا توختايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، خىتاينىڭ تېھرانغا قىلىدىغان ياردىمى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەگە قىلغان ياردىمى ئەندىزىسىگە ئوخشاپ كېتىشى مۇمكىن، يەنى قوش مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار تېخنىكا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاپچاسلىرى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا ئىراننىڭ يەرلىك مۇداپىئە سانائىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىغا تېخنىكىلىق ۋە ئىقتىسادىي مەدەت بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

بىراق خىتاي شۇنىڭ بىلەن تەڭ تېخىمۇ ئېغىر بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ: ئىران تۈزۈمى قانچە ئۇزۇن قارشىلىق كۆرسەتكەنسېرى خىتاينىڭ بۇ پاتقاققا ئارىلىشىپ ياردەم بېرىش بېسىمى شۇنچە يۇقىرىلايدۇ، بۇ بولسا ئۆز نۆۋىتىدە ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشىنى ۋە ۋەيرانچىلىقنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر تېھران ھاكىمىيىتى سۈرىيەدىكى باشار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئوخشاش تېزلا ئۆرۈلۈپ چۈشسە، ياكى بولمىسا ۋېنېزۇئېلادىكى نىكولاس مادۇرو ھاكىمىيىتى غۇلىغاندىن كېيىنكىدەك ۋەزىيەت تېزلا مۇقىملاشسا، خىتاينىڭ بۇ نەتىجىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىكى ۋە داۋاملىق ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىشى ئېنىقتۇر. چۈنكى ماقالىدە تەكىتلەنگىنىدەك، خىتاي ئاللىبۇرۇن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىكىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى كېيىنكى ھاكىمىيەت تۇتقۇچىلار بىلەن سىياسىي ھەمكارلىق ئورنىتىپ، نېفىتنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن خىتايغا ئىزچىل ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشلا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

خۇلاسە

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، يۈن سۈن قەلەمگە ئالغان مەزكۇر تەتقىقات ماقالىسى، خىتاينىڭ ئىرانغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى چوڭقۇر رېئالىزملىق سىياسەت نەزەرىيەسى ئاساسىدا تەھلىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىرتقى يالتىراق كۆرۈنۈشى ئاستىغا يوشۇرۇنغان قاتتىق ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە مەنپەئەتلىرىنى رېئال يورۇتۇپ بەرگەن. ماقالىدە تەپسىلىي كۆرسىتىلگەندەك، گەرچە غەربكە قارشى تۇرۇش ئىدېئولوگىيەسى ئىككى دۆلەتنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتتە يېقىنلاشتۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ئېھتىياج، بولۇپمۇ نېفىت بىخەتەرلىكى تەرىپىدىن قاتتىق تىزگىنلەنمەكتە. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئاپتورنىڭ «خىتاي ئىراننىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى قوغداش ئۈچۈن قوراللىق توقۇنۇشلارغا ئارىلىشىشنى خالىمايدۇ» دەپ يەكۈن چىقىرىشى كۈچلۈك مەنتىقىگە ۋە پاكىتقا ئىگە.

ماقالىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ خىتاينىڭ يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى ئانالىز قىلىشتا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئەنئەنىۋى «ئىدېئولوگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق» قارىشىنى تەنقىدىي شەكىلدە چەتكە قېقىپ، گېئوپولىتىكىلىق رېئالىزمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. خۇسۇسەن، خىتاينىڭ ئىران رەھبەرلىكىدىن ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي-ھەربىي قارارلىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىش سەۋەبلىرىنى ناھايىتى سىستېمىلىق شەرھلەپ بەرگەن. مەسىلەن، ئىراننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدىكى ئاجىزلىق، ئىچكى سىياسىي چىرىكلىك، شۇنداقلا خىتاي ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىدىكى نازۇك تەڭپۇڭلۇق قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق ئامىللارنىڭ خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئېنىق، ئوبيېكتىپ ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بۇ ئەسەرنىڭ ئىلمىي ۋە ئەمەلىي قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ماقالىدە مەلۇم دەرىجىدىكى يېتەرسىزلىكلەرمۇ يوق ئەمەس. ئاپتور ئىراندىكى نۆۋەتتىكى تۈزۈمنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە تاشقى ھۇجۇملارغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا بەكلا تۆۋەن باھا بېرىۋەتكەن. ئىران ئوتتۇرا شەرقتىكى يىلتىزى چوڭقۇر ۋە سىستېمىلىق قۇرۇلمىغا ئىگە كۈچ سۈپىتىدە پەقەت نېفىتكىلا تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك يۆنىلىشى كۆزەتكۈچىلەر ئويلىغاندىن كۆپ مۇرەككەپتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتور خىتاينىڭ «تۈزۈمگە كۆڭۈل بۆلمەي، پەقەت نېفىتكە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتتە خىتاينىڭ ئىراننى پۈتۈنلەي تاشلاپ بەرمەي، ئۇنى بىر گېئوپولىتىكىلىق كوزىر سۈپىتىدە داۋاملىق ئوينىتىش ۋە پايدىلىنىش ئېھتىماللىقىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىگەن دەپ باھالاشقا بولىدۇ.

مەنبە ماقالە:

Sun, Yun. Why China Won’t Help Iran: Beijing Cares About the Oil, Not the Regime. Foreign Affairs, March 5, 2026.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*